بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-20 09:22 AM
مېنىڭ 3-كىتابىم چىقتى
بىلىمخۇمار
2016-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەرنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، مەن 2007-، 2008- ۋە 2009-يىللىرى يېزىلغان ماقالىلەرنى توپلاپ، بىر كىتاب قىلىپ، 2015-يىلى 10-ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇلدا نەشر قىلدۇرغان، ھەمدە 2010-يىلىدىن 2015-يىلى ئىيۇلغىچە يېزىلغان «كىشىلىك تەرەققىيات» قا ئائىت ماقالىلەرنى توپلاپ، 2015-يىلى 20-نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدا نەشىر قىلدۇرغان ئىدىم. مېنىڭ 3-كىتابىم 2016-يىلى 18-فېۋرالدا ئىستانبۇلدا نەشىردىن چىقتى. بۇ كىتابقا مېنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىم، ئۆزۈم بىلەن مۇناسىۋەتلىك 3 پارچە ماقالە، ھەمدە ماڭا 2005- ۋە 2006-يىللىرى كەلگەن ئېلخەت ۋە ئىنكاسلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى مېنىڭ تەرجىمىھالىمغا ئائىت مەزمۇن 14 بۆلۈمدىن تەشكىل تاپقان. كىتاب جەمئىي 355 بەت. كىتابقا «ئەركىن سىدىق يازمىلىرى: كىشىلىك تەرەققىيات ھەققىدىكى يازمىلار (3-قىسىم)» دېگەن ماۋزۇ قويۇلدى. تۆۋەندىكى ئىككى پارچە رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى 3-كىتابتىن ئېلىنغان بىر قانچە پارچە كۆرۈنۈش.
1-رەسىم: كىتابنىڭ ئالدى ۋە ئارقا تاشلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى. كىتاب تېشىدا ئىشلىتىلگىنى ۋەتەندىكى بىر ئۇكىمىز 2009-يىلى تومۇزدىن بۇرۇن سىزغان بىر پارچە رەسىم بولۇپ، ئۇنى توردىن چۈشۈرۈۋالغان ئىدىم. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەن ئاشۇ ئۇكىمىزغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
2-رەسىم: كىتابنىڭ مۇندەرىجىسى
مەن مەزكۇر كىتابنى پەقەت ۋەتەن-ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى يوق قېرىنداشلارنىڭ، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈنلا تەييارلىغان بولۇپ، بۇ قېتىممۇ 1000 پارچە كىتابنى ئۆزۈمنىڭ پۇلى بىلەن نەشر قىلدۇردۇم. بەسىلغان كىتاب ناھايىتى ئەرزان باھادا سېتىلىدىغان بولۇپ، سەتىلغان كىتابتىن كىرىدىغان ھەممە كىرىمنى خۇددى 1- ۋە 2-كىتاب بىلەن ئوخشاشلا ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن خالىسانە ئىش قىلىپ، ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر قىسىم قېرىنداشلارغا ئىئانە قىلدىم. شۇڭلاشقا ئەگەر سىز بېسىلغان كىتابنى سېتىۋالسىڭىز، ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئازراق پۇل ئىئانە قىلغان بولىسىز. بۇ قېتىمقى كىتابنىڭ ئېلكىتاب (PDF) نۇسخىسىنىمۇ بۇرۇنقىدەكلا ھەقسىز تارقىتىمەن. چەت ئەلدىكى قېرىنداشلاردىن 3-كىتابنىڭ PDF نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى
www.meripet.com تور بېتى ئۇلىنىشىدىن چۈشۈرۈۋېلىشنى سورايمەن:
http://www.meripet.com/2016/20160219_3_kitab.pdf
ئەگەر سىز چەت ئەلدە ئەمەس بولۇپ، سىزگە 3-كىتابنىڭ ئېلكىتاب نۇسخىسى لازىم بولسا، ماڭا «
bilim.humar@yahoo.com » ئارقىلىق ئېلخەت يازسىڭىز، مەن ئۇنى سىزگە ئەۋەتىپ بېرىمەن. بۇرۇن مەندىن 1- ۋە 2-كىتابنىڭ پدف نۇسخىسىنى تەلەپ قىلىپ ماڭا ئېلخەت يازغان قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسىگە 3-كىتابنىڭ پدف نۇسخىسىنى ئېلخەت ئارقىلىق ماڭدۇرۇپ بولدۇم. شۇڭلاشقا ئۇ قېرىنداشلار ماڭا قايتا ئېلخەت يازمىسىمۇ بولىدۇ.
كىتابنىڭ باسما نۇسخىسىنى سېتىۋالماقچى بولغان قېرىنداشلار تۆۋەندىكى 3-رەسىمدىكى ئۇچۇر ئارقىلىق ئىنىمىز ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق بىلەن ئالاقىلەشسە، ياكى ئۇنى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋەتەنداشلار ئاچقان كىتابخانا، رېستوران، مېھمانخانا ۋە دۇكانلاردىن سېتىۋالسا بولىدۇ. ئىستانبۇلدىكى ئابدۇلئەزىز ئۇكىمىزنىڭ باشقا ئالاقە ئۇچۇرى مۇنداق:
alnoor024@yahoo.com , 190089187@qq.com
ئالدىمىزدىكى يەكشەنبە (يەنى 2016-يىلى 21-فېۋرال) كۈنى بۇ يىلقى «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئويۇشتۇرىشىدا ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە ئۇيغۇر ماگېستىر – دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۆزىلىدۇ. ئەگەر سىز ئاشۇ پائالىيەتكە كەلسىڭىز، مېنىڭ 3 كىتابىمنى شۇ يەردىمۇ سېتىپ ئالالايسىز. مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئۇقتۇرىشى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا:
http://www.akademiye.org/ug/?p=5601
3-رەسىم: ئىنىمىز ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى. ئېلخەت ئادرېسى:
« tedbirltd@gmail.com , alnoor024@yahoo.com, 190089187@qq.com »
مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھازىرغىچە مېنىڭ ئالدىنقى كىتابلىرىمنى سېتىۋالغان قېرىنداشلارغا، ھەمدە ئۇلارنى سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتى بولماي ئۇلارنىڭ PDF نۇسخىسىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇپ كېلىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
مېنىڭ كىتابىمنىڭ مۇقاۋىسىنى ھازىرغىچە ئىنىمىز كامال يولداش بىر خالىسانە خىزمەت تەرىقىسىدە لاھىيىلەپ كەلدى. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغىمۇ چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئەگەر سىز كېيىنكى كىتابنىڭ مۇقاۋىسىنى لاھىيىلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، مەن بىلەن «
bilim.humar@yahoo.com » ئارقىلىق ئالاقىلاشسىڭىز، سىزگە زۆرۈر ئۇچۇر ۋە رەسىملەرنى ئەۋەتىپ بېرىمەن. ھەمدە سىزدىن چەكسىز مىننەتدار بولىمەن.
ئاخىرىدا مەن ئىمكانىيىتى بار بارلىق قېرىنداشلاردىن مېنىڭ كىتابلىرىمنى تارقىتىش ئىشىدا بىزگە ياردەمدە بولۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
تۆۋەندىكىسى 3-كىتابنىڭ «كىرىش سۆز» قىسمى.
مېنىڭ ھازىر ئامېرىكىدىكى ئالەم قاتناش ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغىنىمنى بىلىدىغانلار خېلى كۆپ. ئەمما، مېنىڭ قاچان ۋە نەدە تۇغۇلۇپ، قەيەرلەردە ئوقۇپ، بۇرۇن قەيەرلەردە ئىشلەپ باققانلىقىمنى، ئاشۇ جەرياندا قانداق ئەگرى-توقاي يوللارنى بېسىشىمغا، قانداق جاپالارنى يېڭىشىمگە، ۋە قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشىمگە توغرا كەلگەنلىكىنى بىلمەيدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس.
مەن 2005- 2006-يىللىرى «Biliwal.com» تور بېتى بىلەن ئىككى قېتىملىق يازما سۆھبەتنى ئۆتكۈزۈپ تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، ئاشۇ سۆھبەتلەرنى تەھرىرلەش، ئۇلارنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY) دىن ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئۆزگەرتىش، ۋە ئۇلارنى تورلارغا چىقىرىش ئىشلىرىنى قىلىپ بەرگەن ئىككى نەپەر ئىنىمىز ماڭا ۋەتەندىكى ياشلارنىڭ مېنىڭ ھاياتىي سەرگۈزەشتلىرىمنى بىلىپ بېقىشنى ئىستەۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، مەندىن ئۆزۈمنىڭ بىر پارچە قىسقا تەرجىمىھالىنى تەييارلاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى. مەن ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ، 2006-يىلى 12-ئايدىن 2007-يىلى 4-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزۈمنىڭ ماتېرىياللىرىنى يىغىپ يېزىپ چىقىپ، ئۇنى ھېلىقى ئىككى ئىنىمىزغا ئەۋەتىپ بەردىم. ئۇلار مېنىڭ يازغىنىمنى تەھرىرلەپ، ۋە ئۇنى ULY دىن ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئۆزگەرتىپ، مەزكۇر كىتابقا كىرگۈزۈلگەن «ئەركىن سىدىقنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى» دېگەن ھۆججەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. مەن ئۇلارنى داۋاملىق ئەسلەيمەن، ئۇلارنى سېغىنىمەن. ھەر قېتىم ئۇلارنى ئېسىمگە ئالغاندا مەن ئۆز ھالىتىمىزگە ئېچىنىمەن، ئازابلىنىمەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ مېھنىتىگە تولۇق جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن يەنىمۇ تىرىشىش ئۈچۈن قايتىدىن بەل باغلايمەن. ئەگەر ئاشۇ ئىككى ئىنىمىز تۈرتكە بولمىغان بولسا، ھەمدە Biliwal.com تور بېتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىنىمىز قۇربانجان روزى ھېلىقى ئىككى قېتىملىق يازما سۆھبەتنى ئۆزى ئويلاپ چىقىپ تەشكىللىمىگەن بولسا، مەزكۇر كىتابتىكى مېنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىم ۋۇجۇدقا كەلمىگەن بولاتتى. مەن بۇ 3 نەپەر ئىنىمىزغا قانچىلىك رەھمەت ئېيتساممۇ ئازلىق قىلىدۇ.
مېنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىم biliwal.com تور بېتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قېتىملىق يازما سۆھبەتتىن كېيىن تەييارلانغان. مەن ئۆزۈم توغرىسىدىكى بىر قىسىم ئەھۋاللارنى ئاشۇ سۆھبەتلەردە بايان قىلىپ بولغانلىقىم، ھەمدە تەرجىمىھالىمنى بىر «قىسقا تەرجىمىھال» قىلىپ تەييارلىماقچى بولغانلىقىم ئۈچۈن، «تەرجىمىھال» غا پەقەت ئۆزۈم ھەققىدىكى چوڭ-چوڭ ۋەقەلەر، باسقۇچلار، ۋە ئۇلارنىڭ ۋاقىتلىرىنىلا كىرگۈزگەن بولۇپ، ئۆزۈم ھەققىدىكى يەنە نۇرغۇن ئەھۋاللارنى ئۇنىڭغا كىرگۈزمىگەن ئىدىم. شۇنداق بولسىمۇ بۇ قېتىم «تەرجىمىھال» غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئۇنى تولۇقلاشنى ئۆزۈم خالىمىدىم. سەۋەبى، ھېلىقى ئىككى قېتىملىق يازما سۆھبەت ۋە تەرجىمىھالنى تەييارلاش ۋە ئۇلارنى تورلاردا ئېلان قىلىش جەريانلىرى مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ قىممەتلىك ئەسلىمىلەرنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، مەن ئۇلارنى ئەينەن ساقلاپ قېلىشنى، بولۇپمۇ باشقىلار كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن ۋە ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىگەن نەرسىلەرنى ئەينەن ساقلاپ قېلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. مەن كېلەر قېتىم ئىككى قېتىملىق يازما سۆھبەت خاتىرىسىنىمۇ ھېچ قانداق ئۆزگەرتمىگەن ھالدا بىر ئايرىم كىتاب قىلىپ چىقىرىمەن.
مەن ئۆزۈم تەييارلىغان ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىش ياكى تولۇقلاش ئۈچۈن، ئۆزۈم ھەققىدىكى بىر قىسىم تەپسىلىي ۋە كىچىك ئەھۋاللارنى ماقالىلەرگە ئازراقتىن قىستۇرۇپ ماڭغان ئىدىم. بۇ قېتىم ئۆزۈم توغرىسىدىكى ئەھۋاللار كۆپرەك يېزىلغان ماقالىدىن 3 پارچىنى تاللاپ، مەزكۇر كىتابقا كىرگۈزدۈم. ئاشۇنداق قىلىش ئارقىلىق مەزكۇر كىتابتىكى ئۆزۈم ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى بىر ئاز تولۇقلىدىم.
يۇقىرىدىكى مەزمۇنلارنى قوشقاندىمۇ كىتابنىڭ بەت سانى 300 گە بارمايدىكەن. مەن كېلەر قېتىم چىقىرىدىغان كىتابقا يالغۇز ئىككى قېتىملىق يازما سۆھبەت خاتىرىسىنىلا كىرگۈزگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ بەت سانى 330 بەت ئەتراپىدا بولىدىكەن. شۇڭلاشقا مەن مەزكۇر كىتابنىڭ ئاخىرىغا 2005- ۋە 2006-يىللىرى تورلاردىكى ئىككى قېتىملىق سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ ئاستىغا چۈشكەن بىر قىسىم ئىنكاسلارنى، ۋە مەن شۇ يىللىرى تاپشۇرۇپ ئالغان بىر قىسىم ئېلخەتلەرنى قوشۇپ قويدۇم. ئۇ ئىنكاسلار ۋە ئېلخەتلەر يالغۇز ماڭا بېرىلگەن باھا ۋە مەدھىيەلەرلا ئەمەس. ئەگەر يالغۇز باھا ۋە مەدھىيەلەرلا بولغان بولسا، ئۇلارنى مەن بۇ كىتابقا كىرگۈزمەيتتىم. ئۇ ئىنكاس ۋە ئېلخەتلەردە دىيارىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدىكى تەھلىللەر، ۋەتەندىكى ياشلارغا بېرىلگەن تەكلىپ-تەۋسىيەلەر، ۋە پۈتۈن خەلققە قارىتىلغان بىر قىسىم تەشەببۇسلارمۇ بار. شۇڭلاشقا ئۇ مەزمۇنلار ھەم مەن ئۈچۈن ھەم باشقا ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن بىر ناھايىتى ياخشى ئوقۇش ماتېرىيالى بولالايدىغان بولۇپ، مەن ئۇ مەزمۇنلارنى مۇشۇ كىتاب ئارقىلىق ساقلاپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاشۇنىڭغا ئوخشاش سەمىمىي سۆزلىرى ماڭا ئىزچىل تۈردە زور مەدەت، زور مەنىۋى ئوزۇق، ۋە ئۆزۈم ئۆزۈمنى توغرا چۈشىنىپ تۇرۇشتىكى قىممەتلىك «ئەينەك» بولۇپ كەلدى. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مېنى قوللاپ ۋە ماڭا مەدەت بېرىپ كەلگەن بارلىق قېرىنداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئەسلىدە مەن ئۇ ئىنكاس ۋە ئېلخەتلەرنى ئىككى قېتىملىق يازما سۆھبەتنى مەزمۇن قىلغان كىتابقا كىرگۈزگەن بولسام تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. ئەمما، مەن يۇقىرىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكىنىمدەك، ئۇنداق قىلسام ئۇ كىتاب بەك قېلىن بولۇپ كېتىدىكەن، ھەمدە مەزكۇر كىتاب بەك نېپىز بولۇپ قالىدىكەن.
مەن تورلاردا ئېلان قىلغان ماقالىلەرنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ۋە بۇ كىتابنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن ئۆزۈمدىن باشقا يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەجرى سىڭگەن بولۇپ، مەن بىر قىسىم قېرىنداشلارنىڭ تۆھپىسىنى ئۆزۈمنىڭ بىرىنچى كىتابىنىڭ «كىرىش سۆز» قىسمىدا قىسقىچە تىلغا ئالدىم. مەن ئۇ «كىرىش سۆز» نى تېخى ئوقۇپ باقمىغان ئوقۇرمەنلەردىن ئۇنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى سورايمەن. مېنىڭ ماقالە تەييارلىشىم ۋە كىتاب چىقىرىشىمغا ھازىرمۇ چەت ئەلدىكى خېلى كۆپ قېرىنداشلار روھىي ۋە ئەمەلىي ياردەملەرنى قىلىۋاتىدۇ. مەن بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسمىنى بىر-بىرلەپ تىلغا ئېلىپ بولالمايمەن. ئەمما ئىسمىنى چوقۇم تىلغا ئالمىسام بولمايدىغان ئىككى ئۇكىمىز بار. ئۇلارنىڭ بىرى مېنىڭ كۆپىنچە ماقالىلىرىمنى تورغا چىقىرىشتىن بۇرۇن تەھرىرلەپ بەرگەن، ۋە ئۇلارنى قايتا بىر قېتىم يۇقىرى تەلەپ بىلەن تەھرىرلەپ، كىتاب ئۈچۈن تەييار قىلغان، ۋە كىتابنىڭ ھۆججىتىنى بىر قوللۇق تەييارلاپ چىققان قەدىرلىك ئىنىم «پىداكار» دىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ يەنە بىرى بولسا مېنىڭ كىتابلىرىمنى باستۇرۇش ۋە تارقىتىش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر قوللۇق قىلىپ بېرىۋاتقان قەدىرلىك ئىنىم ئابدۇلئەزىز بەشتوغراقتىن ئىبارەت. مەن بۇ ئىككى ئۇكىمىزغا قانچىلىك رەھمەت ئېيتساممۇ ئازلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ كىتابتىكى «ئەركىن سىدىققا 2005- ۋە 2006-يىللىرى يېزىلغان ئىنكاس ۋە ئېلخەتلەردىن تاللانمىلار» دېگەن مەزمۇننىڭ بىر قىسمىنى تۇرسۇن ئەرتۇنا ئۇكىمىز تەھرىرلەپ بەردى. مەن بۇ يەردە تۇرسۇن ئىنىمىزغىمۇ چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
ئاخىرىدا مەن بۇ كىتابنىمۇ مىللەتنىڭ غېمىنى ئۆز مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ياخشىلاش يولىدا پاك يۈرەك بىلەن توختاۋسىز، ئۈن-تىنسىز ۋە ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا بېغىشلايمەن.
ئەركىن سىدىق
ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتى لوس ئانژېلىس شەھىرى
2016-يىلى 2-يانۋار