تارتىش كۈچى دولقۇنى بايقانغانلىقىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە
بىلىمخۇمار
2016-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى
مەن ئالدىنقى جۈمە كۈنى تورلارغا چىقارغان «كائىناتتا ئائىت يېڭى خەۋەرلەر (4)» دېگەن يازمىدا تارتىش كۈچى دولقۇنى تۇنجى قېتىم بايقالغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدىم. ئەمما ئۇ چاغدا ئۆزۈم ئالدىراش بولۇپ قالغانلىقىم، ھەمدە بۇ بايقاش ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ كەمچىل بولۇشى تۈپەيلىدىن، مەن ئوقۇرمەنلەرگە يېتەرلىك ئۇچۇر بېرەلمىدىم. بولۇپمۇ ئۇ چاغدا «بۇ بايقاشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟» دېگەن سوئالغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرمىدىم. شۇڭلاشقا مەن مەزكۇر يازما ئارقىلىق قېرىنداشلارنى ئازراق تولۇقلىما ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيمەن.
بۇ قېتىم بايقالغان تارتىش كۈچى دولقۇنى بۇنىڭدىن 1.3 مىليارد يىل بۇرۇن، ماسسىسى قۇياش ماسسىسىنىڭ 30 ھەسسىسىگە يېقىن كېلىدىغان ئىككى قارا-ئۆڭكۈرنىڭ بىر-بىرىگە يېقىنلىشىپ، ئەڭ ئاخىرى ئىككىسى قوشۇلۇپ، بىر يېڭى قارا ئۆڭكۈر ھاسىل قىلغان ۋاقىتتا ۋۇجۇتقا كەلگەن. شۇ چاغدا بۇ 2 سوقۇلغان قارا-ئۆڭكۈرلەر كائىناتقا غايەت زور مىقداردىكى ئېنېرگىيىنى تارقاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ مىقتارى شۇ ۋاقىتتىكى كۆزەتكىلى بولىدىغان كائىناتتىكى ھەممە يۇلتۇزلار تارقاتقان ئېنېرگىيىنىڭ 50 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن.
بىزنىڭ ۋاقتىمىز تۈنۈگۈن، يەنى 2016-يىلى 16-فېۋرالدا بىزنىڭ ئىدارىدە بىر مەيدان ئىلمىي دوكلات بېرىلدى. ئۇنىڭدا يۇقىرىدىكى بايقاشقا قاتناشقان بىر ج پ ل (JPL) لىق تەتقىقاتچى خادىم بۇ قېتىمقى بايقاشنىڭ جەريانىنى ۋە ئىشلىتىلگەن ئۇسۇللارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ قېتىمقى بايقاشتا ج پ ل دىكى تەتقىقاتچىلار ئاساسلىق رول ئويناپتۇ. بۇ دوكلاتنى بەرگەن خادىمنىڭ ئىسمى دوكتور مىشېل ۋالىسنېن (Michelle Vallisnen) بولۇپ، ئۇ دوكتور-ئاشتى تەتقىقات باسقۇچلىرىنىمۇ تاماملاپ، ئاندىن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ مەزكۇر تەتقىقات تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا ھازىر 15 يىلدىن ئېشىپتۇ. مىشېل ئۆز دوكلاتى جەريانىدا تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ ئاۋازىنى قويۇپ بەردى. ھەمدە كومپيۇتېردە چىقارغان ئىككى قارا ئۆڭكۈر بىر-بىرىگە يېقىنلىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر قارا-ئۆڭكۈرگە ئايلىنىپ قېلىش جەريانلىرىنىڭ ۋىدېئو فىلىمىنىمۇ قويۇپ بەردى. مەن بۇ قېتىمقى بايقاش بايان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىنى تېپىپ [1]، ئۇنىمۇ بېسىپ چىقىرىپ ئوقۇپ باقتىم.
1-رەسىم: مەن ئىشلەيدىغان ئىدارە ج پ ل دىكى ئىلمىي دوكلاتنىڭ بىر كۆرۈنۈشى.
2-رەسىم: سوقۇلۇپ بىرلىشىش ئالدىدىكى 2 قارا ئۆڭكۈر (سىزىلغان رەسىم) [2].
تۆۋەندە مەن ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى بايقاشنىڭ ئەھمىيىتىنى قىسقىچە خۇلاسىلاپ ئۆتىمەن. ئاندىن فىزىكا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى ئۇنىڭغا قىزىقىدىغان قېرىنداشلارغا بۇ قېتىم بايقالغان تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ فىزىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.
1.بارلىق ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن
(1)ئىنسانلار ھازىرغىچە كائىناتنى گامما-نۇرى، ئېكس-نۇرى، ئۇلترا بىنەپشە رەڭلىك نۇر، كۆرىنىدىغان نۇر، ئىنفرا قىزىل نۇر ۋە مىكرو-دولقۇنلۇق تېلېسكوپلار بىلەن «كۆرۈش» ئارقىلىق تەكشۈرۈپ كەلگەن ئىدى. تارتىش كۈنى دولقۇنى كائىناتنى تەكشۈرۈشنى بىر خىل يېڭى ۋاستە بىلەن تەمىنلەيدۇ. يەنى، كائىناتتا ناھايىتى كۆپ نۇر ئۆتكۈزمەيدىغان، تېلېسكوپلار بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان جىسىم ۋە رايونلار بار بولۇپ، ئۇلارنى تارتىش كۈچى دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرگىلى بولىدۇ. يەنى، فىزىكىلىق نۇر بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان يەرلەرنى تارتىش كۈچى دولقۇنى ئارقىلىق «كۆرگىلى» بولىدۇ.
بىز ھازىرغىچە كائىناتتىكى ئېلېكترو-ماگنىتلىق دولقۇن تارقىتىدىغان، ياكى ھەر خىل نۇرلارنى چىقىرىدىغان جىسىملارنىلا كۆرۈپ كەلدۇق. ئەمما ئۆز-ئارا سوقۇلغان قارا-ئۆڭكۈرلەرگە ئوخشاش بىر قىسىم كائىنات جىسىملىرى نۇر تارقاتماي، ياكى ئېلېكترو-ماگنىتلىق دولقۇن تارقاتماي، تارتىش كۈچى دولقۇنى تارقىتىدۇ.
شۇڭلاشقا بىز كائىناتتىكى بۇرۇن بىزگە كۆرۈنمىگەن نەرسىلەرنى تارتىش كۈچى دولقۇنى ئارقىلىق كۆرەلەيمىز.
ئۇنىڭدىن باشقا، گاز، ھاۋا، كائىنات چاڭ-توزاڭلىرى ۋە باشقا ھەر خىل جىسىملاردىن ئۆتكەندە، جىسىملارنىڭ شۈمۈرۈۋېلىشى سەۋەبىدىن، نۇرنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ كېتىدۇ، ياكى بولمىسا ئۇنىڭ يۆنىلىشى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بىز بىر قىسىم نەرسىلەرنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى كۆرەلمەي، ئۇنىڭ بۇزۇلغان قىياپىتىنى كۆرىمىز. تارتىش كۈچى دولقۇنىدا ئۇنداق ئەھۋاللار يۈز بەرمەيدۇ [2].
(2) بۇ قېتىمقى بايقاش تەتقىقاتچىلارنى تارتىش كۈچى دولقۇنىنى ئاڭلاش ئارقىلىق كائىناتتىكى بۇرۇن تەكشۈرگىلى بولمىغان نەرسە ۋە رايونلارنى تەكشۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى [3]. يەنى، تارتىش كۈچى دولقۇنىنى ئاڭلىغىلى بولىدىغان بولۇپ، تارتىش كۈچى دولقۇنى كائىنات تەتقىقاتچىلىرىغا بىر يېڭى «ئاڭلاش» تۇيغۇسى ئاتا قىلدى. شۇڭلاشقا تارتىش كۈچى دولقۇنى كائىنات ھەققىدىكى كۆپلىگەن يېڭى بايقاشلارنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىدۇ.
تارتىش كۈچى دولقۇنى پلانېتا، يۇلتۇز ۋە قارا-ئۆڭكۈرگە ئوخشاش كائىنات جىسىملىرىنى قورشاپ تۇرىدىغان بوشلۇق-ۋاقىت (ماكان-زامان) قۇرۇلمىسىدىن ئۆز ھالىتىنى ساقلىغان ھالدا، ياكى بۇزۇلماي تارقىلىپ ئۆتەلەيدۇ.
2. فىزىكا كەسپىدىكىلەر ئۈچۈن
(3) ئېينىشتېيىن ئۆزىنىڭ ئومۇمىي نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدە بوشلۇق-ۋاقىت (ماكان-زامان) ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، تارتىش كۈچى دولقۇنى ئاشۇ ماكان-زاماندىكى بىر خىل بۇزۇلۇشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ دولقۇننىڭ خۇسۇسىيىتىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ چاستوتىسى (تەكرارلىقى) ئىككى قارا-ئۆڭكۈر بىر-بىرىگە يېقىنلاشقان ۋە سوقۇلغان ۋاقىتتا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان (بۇنى ئىنگلىزچە chirping دەيدۇ) بولۇپ، بۇ قېتىمقى تارتىش كۈچى دولقۇنىدىكى chirp نىڭ ئۇزۇنلۇقى 0.2 سېكۇنت كېلىدۇ. بۇ قېتىم ئۆلچەنگەن دولقۇن تۆۋەندىكى رەسىمدە چۈشەندۈرۈلگەن. بۇ رەسىمدە دولقۇننىڭ كۈچلۈكلىكى ئىنگلىزچە «strain» دېگەن بىرلىكتە بېرىلگەن. مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، ھېلىقى 2 قارا-ئۆڭكۈر ئۆز-ئارا سوقۇشقان ۋاقىتتا تارقاتقان ئېنېرگىيىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىنى «بىر» ياكى «1» دېسەك، بۇ قېتىم ئۆلچەنگەن دولقۇننىڭ كۈچلۈكلىكى 10 نىڭ مىنۇس 21-دەرىجىسى كەلگەن [4].
3-رەسىم: بۇ قېتىم ئۆلچەنگەن تارتىش كۈچى دوقلۇنىنىڭ رەسىم بىلەن چۈشەندۈرۈلىشى [5]. بۇ قېتىمقى دولقۇن ئامېرىكىدىكى ئارىلىقى 3000 كىلومېتىر كېلىدىغان «Hanford» (ئەڭ ئۈستىدىكى رەسىم) ۋە «Livingston» (ئوتتۇرىدىكى رەسىم) دېگەن ئىككى يەردە تەڭلا ئۆلچەنگەن بولۇپ، ئەڭ ئاستىدىكىسى ئاشۇ ئىككى ئۆلچەش نەتىجىسىنى بىرلەشتۈرگەن ۋاقىتتىكى نەتىجىنى كۆرسىتىدۇ.
ئېينىشتېيىن ئوتتۇرىغا قويغان نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدىن ھازىرغىچە بىرەر مەسىلە بايقالمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئۇ نەزەرىيىلەرنى سىناقتىن ئۆتكۈزۈشكە بىرەر ئامال تېپىلمىغان. تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ بايقىلىشى ئېينىشتېيىننىڭ ئومۇمىي نەزەرىيىسىنى سىناقتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىر يېڭى يول ئېچىپ بېرىدۇ. بۇ قېتىمقى بايقاشنىڭ ئەڭ چوڭ ئەھمىيىتىنىڭ يەنە بىرى ئەنە شۇ.
3. ئالدىنقى جۈمە كۈنىدىكى مەزمۇن
بۈگۈن (11-فېبرال) ئەتىگەن مەن ئىشلەيدىغان ئىدارە ج پ ل (JPL) دىكى بارلىق خادىملەرگە كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى توماس روسېنبائۇم (Thomas F. Rosenbaum) دىن بىر پارچە ئېلخەت كەلدى. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، بۈگۈن ئەتىگەن كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى، MIT، ۋە ئامېرىكا مەملىكەتلىك ئىلىم-پەن فوندى ئىدارىسى (NSF) بىرلىكتە ئىنگلىزچە «Laser Interferometer Gravitational-wawe Observatory » (LIGO) دەپ ئاتىلىتىغان تەجرىبىخانا يەر شارىغا يېتىپ كەلگەن تارتىش كۈچى دولقۇنىنى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆلچىگەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلىغان. بۇ دولقۇن بىر قانچە گالاكسىلەر بىرلىشىپ، بىر يېڭى گالاكسىنى شەكىللەندۈرگەندە پەيدا بولىدىغان بولۇپ، مۇشۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېينىشتېيىن بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئومۇمىي نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ يېڭىلىقنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىدە كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (KTI) ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان. يەنى، مۇشۇ بايقاشتا قوللىنىلغان تەتقىقات ئۇسۇلىنى KTI دىكى تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرىغا قويغان. LIGO نى KTI بىلەن MIT بىللە باشقۇرىدۇ.
بۈگۈن ئېلان قىلىنغان بايقاشنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن بىزنىڭ ئىدارە بىلەن KTI مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى بىرلىكتە بىر قۇتلۇقلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى.
بۇ ئىش بۈگۈن ئامېرىكىدىكى چوڭ مېدىئا تاراتقۇلىرىنىڭ ھەممىسىدە خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن ۋەتەندىكى قىزىقىدىغان قېرىنداشلارمۇ خەۋەر تاپتى، دەپ ئويلايمەن. مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، تارتىش كۈچى دولقۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ئۇقۇملارنى تولۇق چۈشىنىش ئالىي دەرىجىلىك فىزىكا ۋە ئاسترونومىيە بىلىملىرىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭلاشقا فىزىكىدىن ئانچە خەۋىرى يوق قېرىنداشلار بۇ ئىشنى ئانچە ياخشى چۈشىنىپ كېتەلمىگەن بولساڭلار، ئۇنىڭغا كۆڭلىڭلەرنى يېرىم قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ.
بۈگۈن بىزنىڭ ئىدارىدىكىلەر يۇقىرىدىكى بايقاش ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالە، ھەمدە تارتىش كۈچى دولقۇنىغا ئائىت پەننىي كىتاپلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى يىغىپ، ئۇنى بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق تارقىتىپ بەردى. مەزكۇر پەنگە قىزىقىدىغان قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەن ئاشۇ ئۇچۇرلارنى مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاستىغا قىستۇرۇپ قويدۇم.
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] Observation of Gravitational Waves from a Binary Black Hole Merger <
http://journals.aps.org/prl/abst ... Lett.116.061102>
B. P. Abbott et al. (LIGO Scientific Collaboration and Virgo Collaboration)
Phys. Rev. Lett. 116, 061102 - Published 11 February 2016.
[2] The simplest explanation of why we should care about gravitational waves
<
http://www.vox.com/2016/2/13/109 ... es-significance>
[3] Gravitational waves mark start of new era in space exploration
http://news.yahoo.com/gravitatio ... -era-151042846.html
[4] Gravitational waves detected -- and that's creating waves in science
<
http://www.cnn.com/2016/02/11/us/gravitational-waves-feat/>
[5] Scientists Chirp Excitedly for LIGO, Gravitational Waves and Einstein
<
http://www.nytimes.com/2016/02/1 ... stein.html?_r=0>
بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا، ئۈندىدارغا ۋە ئۇيغۇرچە سالونلارغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.