2015- يىلى 4- ئايلاردا داۋام قىلغان مېنىڭ ھېكايەم (مەن قانداق ئۆيلەندىم ) ناملىق ھېكايەم مىسرانىم ۋە ئىزدىنىش تورىدا بېرىلگەندىن كېيىن تورداشلارنىڭ قىزىقىپ ئوقۇشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن ئېدى. ھېكايە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەرنىڭ داۋامىنى يېزىش ھەققىدىكى تەكلىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغان شۇنداقلا ئۆزۈممۇ يېزىش ئىشتىياقىدا بولساممۇ، مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن يازالمايقالغان ئېدىم. يېقىندا بۇ ھەقتە قايتا ئويلىنىپ ھىكاينىڭ ئوقۇرمەنلەرگە ئىجابى تەسىر بەرگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارا قىلدىم ..ھېكايىنىڭ1- بۆلۈمىنى بۇ ئادرىستىن ئوقۇساڭلار بولىدۇ.https://uyghur-archive.com/misranim/thread-138174-1-1.html
, M* `( @% M5 E# U5 z- x$ jداۋامى
: o! V# Q. M' b& {0 d8 W
تويدىن كېيىنكى قېيىن ئاناملارنىڭ ئۆيلىرىنى پەتىلەش، دوسىت بۇرادەرلەرنىڭ تويىمىزنى مۇبارەكلەش پەتىللىرى ئاخىرلىشىپ بولغۇچە بىر نەچچە ھەپتەئۆتۈپ كەتتى. قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئەر-ئايال ئىككىمىز بىر-بىرىمىزنى تېىخمۇ ياخشى چۈشۈنۈشۈپ ئائىلە قېيىنچىلىقلىرىمىزغا تەڭ سەبرى قىلىپ، خۇشاللىقلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ ياشاشقا باشلىدۇق.
\- Q8 N6 I/ B7 T6 b9 iگەرچە ئۈرۈمچىگە چىققان نەچچە ۋاقىتتىن بىرى نۇرغۇنلىغان جاپا مۇشەققەتلەرنى تارتىتقان،ۋە ھاياتىمىزدىكى مۇھىم بولغان توي ئىشلىرىمىز ناھايىتى ئاددى-ساددىلا ئاخىرلاشقان بولسىممۇ، ئىككى ساپ مېھىرلىك قەلىپنىڭ نەپەسلىرىدىن چىقۋاتقان ھارارەتلىك تىنىقلىرى بىلەن ئاددى كەپىمىز ئىسسىپ، نىكاھ بىلەن بەرپا بولغان بەخىتلىك ئائىلىمىزنىڭ قۇچىقىدا مەڭگۈلۈك سائادەت ئۈچۈن بىرلىكتە خۇشال ياشاپ ئۆتمەكتىمىز.
& c, L) f2 x# W. f* ^يېڭى تۇغۇلغان ئەركەم يىغلاپ ئانىسىنى چاقرىۋاتىدۇ.ھېكايىنى يازىمەن دەپ 4 ياشقا كىرگەن قىزىمنىڭ تاماققا چاقىرغىنىنىمۇ ئاڭلىماي قاپتىمەن. ئەمدى بېرىپ باللىرىمنى ئوۋلاشتۇرۇپ ئايالىمنىڭ مېھنەت بىلەن ئەتكەن بەركەتلىك تامىقىنى يەيچۇ. تېخى تاماقتىن كېيىن ھەممىزبىرلىكتە ئائىلە مۇزاكىرىسىنى باشلىشىمىز كېرەك.
4 p0 l% N3 }3 `. fھايات قىسمىتى ھەر قاچان كىشىنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلاپ كەلگۈسىدىكى مۇشەققەتلىك تۇرمۇشلىرى ئۈچۈن مەشىقلەندۇرۋاتقان بىر تېرنىرغا ئوخشاش ئۇنى ھەر تەرەپتىن سىناپ تۇرىدىكەن. توي قىلغىنىمىزدىن باشلاپ تويىمىزنىڭ ئاددى-ساددا، ۋەتۇرالغۇمىزنىڭ كىچىكلىكى تىجارەتلىرىمىزنڭ جېنىمىزنى ئاران بېقىشىقا يېتىشگەقارىماي. ئەر-ئايال ئىكىكىمىز بىر بىرىمىزگە بولغان سەمىمىتىمىز ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىمىز بىلەن يوقنى بار قىلىپ، بارنى بەركەتكە ئايلاندۇرۇپ تۇرمۇشى كەچۈرۈپ 5 يىلنى ئۆتكۈزدۈق .
ئاللاھ بىزگە بىر قىز بىر ئوغۇل پەرزەنىت بەردى. بىز شۈكرانەھاياتتا گۈزەل بىر تۇيغۇدا ھاياتىمىزنى داۋام ئەتتۇق ...مەن بۇرۇنقىغا ئوخشاش رەخىتچىلىك تىجارىتىمنى داۋام قىلدىم. تىجارىتىم ھەر ھالدا بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشىلىنىپ ئىلگىرى دوسىت بۇرادەرلەردىن ئالغان قەرىزلىرىمنى تۆلەپ ئۆز ئالدىمغا دۇككاننى ئايلاندۇرغۇدەك مەبلەغمۇ جۇغلىۋالدىم. تۇرمۇش ۋە ئىقتىسادى ئەھۋالىم ياخشىلىنىپ ئەمدى ئائىلەم ئۈچۈن باللىرىم ئۈچۈن تېخىمۇ بەكرەك كۆيىنىش ھېسيادىمنى ئىپادىلەي دەپ تۇرغىنىمدا، يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇدىگەنگە ئوخشاش، مېنىڭ ھاياتىمنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتكەن ۋە بۇرۇنقىدىنمۇ قاتتىق بىر مۇشەققەتكە قويغان يەنە بىر ئىش يۈ بەردى .
; I" p, y" _6 D/ X6 m, c4 @
ئايالىمنىڭ ئىككىنجى بالىمىزدىن كېيىن ساقلىق ئەھۋالى ياخشى بولماي كېلۋاتاتتى. ئالتە، يەتتە ئايدىن بېرى ھە دىسىلا بۇرنى قاناپ، بېشى قېيىپ بېشى كۆپ ئاغرىيدىغان بولۋالغان ئېدى..بىزمۇ ئاۋال بەك كۆڭۈل بۆلمەي ئەتراپتىكى تېۋىپلار ۋە دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھەر خىل دورىلارنى يەپ تۇرغان ئېدى..كېيىن چوڭ دوختۇرخانىلاردا تەكشۈرۈتكەندە ئاق قان كېلىسى دەپ دىئاگۇنۇز قويدى. بىز بۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلالماي بىر نەچچە دوختۇرخانىدا تەكرار تەكشۈرۈتتۇق ۋە مۇتەخەسسىلەرگە نەتىجىلەرنى كۆرسەتتۇق .ئەمما نەتىجە يەنىلا ئوخشاش ئاق قان كېسىلى دەپ بېكىتىلدى.
% w+ n' m* z9 B6 a, J( ?$ M8 J
ئىنسان قانچىلىك مۇكەممەللىك تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك سالاھىيتى بىلەن سەپەرگە چىققىنىدا يەنىلا قاتناش ھادىسىگە ئۇچراپ قالغىنىغا ئوخشاش ناھايىتى. بۇ كېسەل بىلەن، ئاددى ئەمما مېھىر ۋە سەمىميەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇئائىلىمىزگە بولۇپم ئەمدىلا 8 ئاينىڭ قارىسىنى ئالغان كىچىك بالامغا بىزدىن ھالقىغان بىر قەدەرنىڭ ئىمزاسى بىلەن ناھايىتى ئېغىر بولغان بىر مۇسىبەت كېلۋاتاقانلىقىنى، بىزنىڭ نەقەدەر ئاجىز ئىكەنلىكىمىزنى ھېس قىلدۇرۋاتاتتى.
) [, j$ M/ v; M& _* }ئايالىم ۋاپات تېپىپ بىر ئايدىن بىر ئايغا يېقىن باللىرىمنى ئۆزۈم باقىدىغانلىقىمدا چىڭ تۇرۇپ ئۆز يېنىمدا تۇرغۇزۇپ بىر ئانا ھەم ئاتا سۈپىتىدە باققان بولساممۇ، لېكىن يەنىلا چوڭ ئانىللىرى ۋە چوڭ دادىللىرىنىڭ قېشىدا تۇرۇشىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكنى ھېس قىلىپ ئۇلارنى ئېلىپ يۇرتۇمغا قاراپ يولغا چىقتىم .
X% i3 u7 g) l' B! l( {
يۇرتقا قايتىپ كەلگىنىمدىن كېيىن يۇرت جامائەت ئىچىدە خەتمە-تامام قىلىپ، ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ پەتىلەشلىرى ئاخرلاشقاندىن كېيىن. مەن چوڭ قىزىمنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە قايتى شتوغرىسىدا ئۆيدىكىلەرگە سۆز ئاچتىم. ئۆيدىكىلەر ئايالىمنىڭ ۋاپاتىغا بولغان قايغۇسى ھە باللارنىڭ يېتىم بولۇپ قالغانلىقىغا بولغان ئىچ ئاغرىتىشلىرى بىلەن كۆز يېشى قىلىشقاچ
3 I) E; P8 _' z* l x6 S- بالام، بولسىغۇ بۇ ئىككى نارسىدىنى بىرلىكتە بېقىپ بىرلىكتە قاتارغا قوشقان بولساڭلار ناھايىتى ياخشى بولغان بولاتتى.
* d3 n% D K7 X/ ~7 Z ?
ئەمماقەدەر شۇنداق ئىكەن...ئايالىڭىز باللارنى تاشلاپ كېتىپ قالدى. ئىگىمىز ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي.
- k+ \+ J5 \0 p# `+ ^
ئەمدى باللار بىزنىڭ قىشمىزدا تۇرسۇن دىسەك بىزمۇ ياشىنىپ قالدۇق، باللارغا ياخشى قاراپ بولالمايمىز، سىز ئېلىپ چىقىپ كېتىڭ دىسەك ئۆزىڭىز يالغۇز يات شەھەردە مۇساپىرچىلىق تارتقاننى ئاز دەپ باللارنى پۇچلاپ قويىسىز.
7 L. [4 c" _) v. d شۇڭا قازاغا رىزا دەپ بېشىڭىزنى ئوڭشۋېلىشنى ئويلشمىسىڭىز بولمايدۇ. ئۆزىڭىزنى ئويلىمىغان تەقدىردىمۇ باللىڭىزنى ئويلىمىسىڭىز بولمايدۇ .شۇڭا قىرىقى ئۆتكەندىن كېيىن سىزمۇ ئۇبدانراق ئويلۇشۇپ بېشىڭىزنى ئوڭشاپ باللار ئاق،قارىنى پەرىق قىلغۇدەك بولغۇچە مۇشۇ مېنىڭ ئانامكەن دەپ چوڭ بولغۇدەك كۆڭل يۇمشاقراق بىر قىزنى تېپىپ بېشىڭىزنى ئوڭشىۋالسىڭىز دەيمىز.بالام دېدى ئانام كۆزلىردىكى ياشلىرىنى سۈرۈتكەچ.
( u- [# O) R% v4 m1 f1 ]
مەن تېخى يېقىندىلا ۋاپات تاپقان ئايالىمنىڭ مېھىرلىك كۆزلىرى ۋە باللىرىمغا بولغان پىداكىرانە ئانىلىقىنى ئەسلىگەچ كۆزۈمگە ياش ئالدىم ۋە ئانامنىڭ سۆزىگە ينىك باش لىڭىشتىپ قويۇپ، ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىدىم.
% x' |* q8 u+ H
گەرچە ئايالىمغا بولغان مېھرىم ۋە ئايرىلىش ئازابى بىلەن ھېچقانداق بىر ئىشقا رايىم بولمىسىمۇ، نىمىلا قىلماي بېشىمدا يەنە بىر قېتىملىق خوتۇن ئىزدەش جەريانىم بارلىقى، بار بولغاندىمۇ باللرىمغا ئۆزئانسىنىڭ يوقلىقىنى چاندۇرمايدىغان ۋە ئېغرىنى كۆرتەلەيدىغان بىر مېھرىبانە ئىزدەش جەريانىنىڭ بارلىقى ئېنىق ئېدى . داۋامى ئىنكاس شەكلىدە داۋام قىلىدۇ....
- P0 p' \- o% i0 G" `) @