بالىلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن كائىنات فىلىمى
بىلىمخۇمار
2016-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى
بۈگۈن مەن ئىشلەۋاتقان ئىدارە ج پ ل (JPL) نىڭ تور بېتىگە بالىلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن كائىناتقا ئائىت فىلىم ھەققىدە بىر پارچە يېڭى خەۋەر چىقتى. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، ج پ ل نىڭ ياردىمى بىلەن ئامېرىكىدىكى داڭلىق مېدىئا شىركىتى PBS بالىلار ئۈچۈن ئاسترونومىيە ۋە يەر شارى ئىلمىغا ئائىت بىر كۆپ قىسىملىق قورچاق فىلىم ئىشلىگەن. بۇ فىلىمنىڭ ئىسمى ئىنگلىزچە «Ready Jet Go! » بولۇپ، ئۇنىڭدا يەر يۈزىدىكى بىر ئورۇنغا تاشقىي ئالەمدىن يېڭىدىن كەلگەن بىر بالىنىڭ ھېكايىسى كۆرسىتىلىدىكەن. ئۇ بالىنىڭ ئىسمى «Jet Propulsion» بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ ئىدارىنىڭ ئىسمى «Jet Propulsion Laboratory» نىڭ ئالدىنقى قىسمى بىلەن ئوخشاش ئىكەن. بۇ فىلىم ئامېرىكا تېلېۋىزورلىرىنىڭ بالىلار پروگراممىسىدا 15-فېۋرالدىن باشلاپ قويۇلىدىكەن.
ئامېرىكىنىڭ PBS شىركىتى يېڭىدىن تارقاتقان بالىلارغا ئائىت نەرسىلەرنىڭ ئىچىدە يەنە كومپيۇتېر ئويۇنلىرى ۋە كۆپلىگەن بالىلار ھېكايىلىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنى
«pbskids.org»
دېگەن تور بېتىدىن ھەقسىز چۈشۈرىۋالغىلى بولىدىكەن. ئۇلارنى يەنە تۆۋەندىكى ئورۇنلاردىنمۇ ھەقسىز چۈشۈرىۋالغىلى بولىدىكەن:
The PBS KIDS Video App and PBS KIDS Video on Roku, Apple TV, Amazon Fire TV, Android TV, Xbox One and Chromecast
ئۇنىڭدىن باشقا، «
pbskids.org/readyjetgo » دېگەن تور بېتىدە مەخسۇس بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان ھەقسىز ئويۇنلار، پروجېكتلار، ۋە خەلقئارا ئالەم پونكىتى تېلېۋىزور كانىلىمۇ بار ئىكەن.
ھازىر ئىنسانلارنىڭ كائىناتقا بولغان چۈشەنچىسى ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيىسىدىن بەك ئارقىدا قالماسلىقى ئۈچۈن، مۇمكىن بولسا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مائارىپ ئورۇنلىرى يۇقىرىقىدىكى فىلىمنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇنى ئۇيغۇر بالىلىرىغىمۇ قويۇپ بەرگەن بولسا.
1-رەسىم: بۇ قېتىم بالىلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن قورچاق فىلىمىدىن بىر كۆرۈنۈش.