بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulnur0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-14 12:02 PM % u1 `9 J1 ?* x
$ ]' |+ x) E$ P1 G* A; b
ئەسسالام تېما ئىگىسى:
( ?; E* t/ O3 t: D0 }* G5 mيازمىڭىزدىكى كارخانىلار مەسىلىسى ھازىر دىيارىمىزدا ئەڭ ئېغىر بولۇۋاتقان،مەن نەچچە يىل بۇرۇنلا دىققەت قىلىشنى باشلىغان مەسىلە.دىيارىمىز كارخانىلاردا ئۈزئارا قوللاش ھەم ماركا ئىشەنچىلىكى ئىناۋەتلىكى بەك كەممۇ نېمە،ئەلۋەتتە رىقابەت بولغىنىمۇ ياخىشى.ئەمما سودا ساھەسىدە كارخانىچىلار بەك سەل قاراۋاتقان بىر مەسىلە.(بىر كارخانىنىڭ ئوخشاش ئىككى خىل مەھسۇلاتى رىقابەت بۇلۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار باركەن.)بۇنىڭغا بەزى بىر كىيىم كېچەك شىركەتلىرى دەلىل بولالايدۇ،مەن بۇيەردە ئۇ شىركەتلەرنىڭ ئىسمىنى دەپ ئولتۇرمايمەن.
3 B' L4 @5 h- _ ئىشقىلىپ قانداقلا بىر يېڭى بازار بايقالسۇن،شۇنىڭ ئۇزاققا قالماي ئەگەشكۈچىلىرى چىقىدۇ.ئەينى چاغدا ئىخلاس دوسخېنىم خانىم قىزلار قۇۋۋەت تالقىنى سالدى،ئارمان كەينىدىنلا ئارمان ئۇز خېنىمنى سالدى.كېيىن ئارمان قەدىردان چوڭلار قۇۋۋەت تالقىنىنى سالغان ئىدى،ئىخلاس ئىخلاسمەننى سالدى.كېيىن يەنە ئىخلاس فېرىمانى سېلىۋېئىدى،قاناس فېرىمامۇ بازارغا سېلىندى.......
, H' L/ [* |" h1 E% z3 Y6 @2 ` كىيىم سەركىلىرىدىن سادا كىيىملىرى چىقىۋېئىدى،ئەرلەر كىيىملىرىنىڭ ماركىسى بەس بەستە چىقتى،ئاياللارنىڭ كىيىملىرىدىن نۇرئابىدە چىقىۋېدى كەينىدىن سېھراننىڭ بازارنى بېسىپ بولدى.ھازىر ھەم مىراس بىلەن سېھران كىيىملەرنىڭ سەركىسى بولۇپ قالدى..........
% `' y% f! o4 V# n: N) Y
گىرىم بۇيۇملىرىدىن چىن نۇرى چىقىۋېئىدى،كەينىدىن يەنە ئىفرانە،سەفىيەنىڭ چىقتى،بۇنىڭ بىلەن چىن نۇرىنىڭ ھەرخىل ئالتۇن توي،غۇنچە دېگەن ماركىدىكى يېڭى يۈرۈشلۈكلىرى چىقتى.ھازىر ئەمدى بۇ ئېلاندا دېيىلگەن گىرىم بۇيۇملىرى ،ھەم ئۈنمىنىڭ قالتىسىلىقىدىن قايسىسىنى تاللاشىنى بىلەلمەي ئاخىرىدا يەنىلا سۇلتاننى ئىشلتىشكە قايتتى(سۇلتان زاۋۇتى چىن نۇرى ،ئەمما مەن ئېسىمنى بىلىپ ئەقلىمگە توشقاندا چىن نۇرى چىققىلى باشلاپتىكەن.شۇڭا يەنىلا ھازىرقى سەركە ماركا ئورنىدا چىن نۇرىغا ھۈرمىتىم بار.)
2 g0 [4 L8 C0 s$ o0 t/ J* C ئىستىقبال سەھنىسىنىڭ بىر سانىدا بىر ماھىر مۇنداق دېگەن :بازار تۈت خىل ئېچىلغاندا ياخشى بۇلىدۇ،يەنى قەلەمنى بىر بازار دېسەك،ئۈچۈرگۈچ ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغان بازار،قەغەز ئۇنىڭغا ماسلاشقان بازار،ماي قەلەم ئۇنى كۈچلەندۈرىدىغان بازار دەيدۇ.
6 o; o/ r, u! y* A v3 A2 m
بەزىدە مۇشۇ بىر كوچىنىڭ ئۇ بېشىدىن بۇ بېشىغىچە ئېچىلىپ كەتكەن ئوخشاش ئاشخانىلارنى كۈرۈپ سىقىلىپ قالىمەن.پولۇ شاھى دېسە ينىدىلا يەنە پو.لۇ شاھى،دۇكان ئاتلاپ يەنە پولۇ شاھى.بىرىنچى دۇكان رەخت دۇكىنى بولسا قاتارى رەخت دۇكىنى .مەن دەيمەن رەخت دۇكىنى ئېچىڭ ،يېنىغا سەيفېڭغانا ئېچىلسۇن،ئۇنىڭ يېنىغا سەيفېڭ دۇكىنى ئېئىشلىتىدىغان نەرسىلەر سېلىنىدىغان دۇكان قىلىڭ دەپ.(ئەلۋەتتە دۇكان ئىگىسىنىڭ ،قانداق تىجارەت قىلغۇسى كەلسە مەن ئۇنىڭغا ئارلىشالمايمەن.تورداشلارنىڭ ھاياجانلىنىپ مېنىى تىللاپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.)كىيىم كېچەك دۇكىنى ھازىر سودا ساراي شەكىلىدە بۇئوپ قالدى .بىر دۇكان مەخسۇس كىيم ساتسا،ينىدىكىسى شارپا ياغلىق ساتاسا پايدىسى يۇقىرى دەپ ئويلايمەن.ھازىر خەلقئارا چوڭ بازاردىكى تىجارەتچى سودىگەرلەرنىڭ كۈنسايىن سودا ئېڭى يۇقىرىلاپ ،تىجارەتنىڭ تاكتىكىلىرىنى ياخشى ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ .سۈيۈندۈم.مۇشۇنداق قوللاشلار بولىدىكەن ،سودىگەر تىجارەتچىلەرنىڭ ئوقىتى ياخشى بولىدۇ.
/ K. m9 D1 G. t; h/ h$ B/ {0 i ~
مۇشۇ كىتاپ ئوقۇساممۇ تاكىتىكا سودا ماھارىتىگە ئائىت كىتاپلارنى ،كىنو كۈرسەممۇ تىجارەتكە ئائىئىت كارخانىچىلارغا ئائىت كىنولارنى كۈرۈشكە بەك ئامراق.ئىشقىلىپ بىزنىڭ ئاقسۇدا سودىنىڭ يولىنى تېپىۋالسا بەك پۇل تاپقىلى بولىدۇ.مەنمۇ بازار كۈزىتىپ مەبلەغ سالسام بولىدىكەن دەپ ئويلاپ قويغان بىر نەچچە تۈر بار،يىل ئوتتۇرىسىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بولىمەن.ھەم بىزنىڭ شىركەتمۇ ئىچكىرىدىكى،شىياڭگاڭ تەيۋەندىكى خەنزۇلار پاي قوشقان پاي ھەسسىدارلىقىدىكى شىركەت بولغاچقا ،تېخنىكا ئۇلاردىن ،كۈچ ۋە يەر بايلىقى بىزدىن بولغاچ،ۋەيران بولۇش خەۋپىمۇ يوق دېيەرلىك .ئاقسۇدىكى بىردىبىر يەرلىك پاختا مەھسۇلاتلىرىدىن ئېچىپ پايدىلىنىدىغان بولغاچ ،يەر،ئادەم كۈچى ، بازار شارائىتلىرى شۇنداق ياخشى،خالىغان شىركەتلەر بازارنى ياكى سودىنى تارتىۋالالمايدۇ......
, `1 p1 F% W; G+ H ئەگەر سودا يولىدا دۈت قوي بولمايمەن دەيدىكەن،مەھسۇلاتلارنىڭ خاسلىقىغا بەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.بىزنىڭ مىللى كارخانىلار مۇشۇ نۇقتىغا بەكرەك ئەھمىيەت بەرسە دېگەن ئۈمىدتە مەن.
6 N* s6 ~- j+ _: O كەچۈرۈڭلار تورداشلار،سەل جىق سۈزلەپ قويدۇم.ئەمما يازغانلىرىمنىڭ سودا قىلىۋاتقانلارغا پايدىسى بولسا مەن مەمنىئۇن.ھە راس.مۇشۇ توربەتتىمۇ(غەم قىلىشقا نەدە ۋاقىت)دەيدىغان بىر پوۋىست بار ئىدى.مەخسۇس سودا تىجارەتكە ئائىت تاكتىكا سۈزلىنىدىغان ئەسەر ئىدى.كۈرۈپ بېقىڭلار.