كائىناتقا ئائىت يېڭى خەۋەرلەر (4)
بىلىمخۇمار
2016-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى
مەن مەزكۇر يازمىدا ئالدىنقى بىر ھەپتە ئىچىدىكى ناسا ۋە كائىناتقا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەرنى قىسقىچە خۇلاسىلاپ ئۆتىمەن.
1. يېڭىدىن 883 گالاكسى (يۇلتۇزلار توپى) بايقالدى
بىزنىڭ قۇياش سامان يولى گالاكسىنىڭ ئىچىدە بولۇپ، بۇ گالاكسىنىڭ كەڭلىكى 100000 نۇر يىلى، قېلىنلىقى 3000 نۇر يىلى كېلىدۇ.
سامان يولى گالاكسىنىڭ مەركىزى رايونىغا توغرا كېلىدىغان يەردە كائىنات چاڭ-تۆزاڭلىرى ۋە گازدىن تۈزۈلگەن بىر رايون بار بولۇپ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئالىملار ئۇ يەردە نېمە بارلىقىنى بىلەلمەي كەلگەن ئىدى. ئۇ رايون بىزدىن 150 – 250 مىليون نۇر يىلى يىراقلىقتا بولۇپ، ئۇنىڭ ماسسىسى سامان يولى گالاكسىنىڭ نەچچە ئون-مىڭ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ تارتىش كۈچى ناھايىتىمۇ كۈچلۈك بولغاچقا، كىشىلەر ئۇ رايونغا «غايەت زور تارتقۇچى» (Great Attractor) دەپ نام بەرگەن ئىدى. ئۇ رايون 1970-يىلى بايقالغان [1].
يېقىندا ئاۋۇسترالىيىلىك ئالىملارنىڭ باشلامچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا خەلقئارا تەتقىقات گۇرۇپپىسى يۇقىرىدىكى رايوننىڭ سىرىنى ئاچتى: ئۇلار يۇقىرىدىكى رايوندا 883 دانە گالاكسىنى تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 30 پىرسەنتتىدىن كۆپرەكى يېڭىدىن بايقالغان گالاكسىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە ھەر بىر گالاكسىدە 100 مىلياردتىن ئارتۇق يۇلتۇز بار بولىدۇ. ئاشۇ گالاكسىلەرنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرى بىلەن ھازىر سامان يولى گالاكسى ئاشۇ رايونغا قاراپ ھەر سائەتىگە 2 مىليون كىلومەتىر تېزلىكتە مېڭىۋاتىدۇ.
يۇقىرىدىكى بايقاش ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ئاسترونومىيە ژۇرنىلى» (Astronomical Journal) نىڭ يېقىنقى سانىدا ئېلان قىلىندى.
1-رەسىم: يېڭىدىن بايقالغان گالاكسىلەرنىڭ سىزىلغان رەسىمى [1].
2. تارتىش كۈچى دولقۇنى بايقالدى
بۈگۈن (11-فېبرال) ئەتىگەن مەن ئىشلەيدىغان ئىدارە ج پ ل (JPL) دىكى بارلىق خادىملەرگە كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى توماس روسېنبائۇم (Thomas F. Rosenbaum) دىن بىر پارچە ئېلخەت كەلدى. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، بۈگۈن ئەتىگەن كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى، MIT، ۋە ئامېرىكا مەملىكەتلىك ئىلىم-پەن فوندى ئىدارىسى (NSF) بىرلىكتە ئىنگلىزچە «Laser Interferometer Gravitational-wawe Observatory » (LIGO) دەپ ئاتىلىتىغان تەجرىبىخانا يەر شارىغا يېتىپ كەلگەن تارتىش كۈچى دولقۇنىنى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆلچىگەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلىغان. بۇ دولقۇن بىر قانچە گالاكسىلەر بىرلىشىپ، بىر يېڭى گالاكسىنى شەكىللەندۈرگەندە پەيدا بولىدىغان بولۇپ، مۇشۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېينىشتېيىن بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئومۇمىي نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ يېڭىلىقنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىدە كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (KTI) ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان. يەنى، مۇشۇ بايقاشتا قوللىنىلغان تەتقىقات ئۇسۇلىنى KTI دىكى تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرىغا قويغان. LIGO نى KTI بىلەن MIT بىللە باشقۇرىدۇ.
بۈگۈن ئېلان قىلىنغان بايقاشنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن بىزنىڭ ئىدارە بىلەن KTI مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى بىرلىكتە بىر قۇتلۇقلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى.
بۇ ئىش بۈگۈن ئامېرىكىدىكى چوڭ مېدىئا تاراتقۇلىرىنىڭ ھەممىسىدە خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن ۋەتەندىكى قىزىقىدىغان قېرىنداشلارمۇ خەۋەر تاپتى، دەپ ئويلايمەن. مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، تارتىش كۈچى دولقۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ئۇقۇملارنى تولۇق چۈشىنىش ئالىي دەرىجىلىك فىزىكا ۋە ئاسترونومىيە بىلىملىرىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭلاشقا فىزىكىدىن ئانچە خەۋىرى يوق قېرىنداشلار بۇ ئىشنى ئانچە ياخشى چۈشىنىپ كېتەلمىگەن بولساڭلار، ئۇنىڭغا كۆڭلىڭلەرنى يېرىم قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ.
بۈگۈن بىزنىڭ ئىدارىدىكىلەر يۇقىرىدىكى بايقاش ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالە، ھەمدە تارتىش كۈچى دولقۇنىغا ئائىت پەننىي كىتاپلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى يىغىپ، ئۇنى بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق تارقىتىپ بەردى. مەزكۇر پەنگە قىزىقىدىغان قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەن ئاشۇ ئۇچۇرلارنى مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاستىغا قىستۇرۇپ قويدۇم.
2-رەسىم: ئىنگلىزچە LIGO دەپ ئاتىلىتىغان تەجرىبىخانىدىن ئىككىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىلىقى 3000 كىلومېتىر كېلىدۇ. مەزكۇر رەسىمدىكىسى شۇلارنىڭ بىرسى.
https://www.ligo.caltech.edu/page/facilities
ئەسكەرتىش: كائىناتقا ئائىت يېڭى خەۋەرلەر يەنە بار ئىدى. ئەمما مەن بۇ ھەپتە بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، قالغانلىرىنى يېزىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالدىم. كەچۈرۈڭلار.
پايدىلىنىش ماتېرىيالى:
[1] Hundreds of newly found galaxies may unravel gravitational space mystery
http://www.cnet.com/news/hundred ... ry/#ftag=YHF65cbda0
تارتىش كۈچى دولقۇنىغا ئائىت ئىلمىي ماقالە ۋە كىتابلارنىڭ ئۇچۇرى:
The big news for science today is that scientists from LIGO at Caltech, MIT and other places have observed gravitation waves! There are plenty articles from general news media such as Washington Post, New York Times, and NPR. Here is the link to the original research paper, published in Physics Review Letters:
· Observation of Gravitational Waves from a Binary Black Hole Merger <
http://journals.aps.org/prl/abst ... Lett.116.061102>
B. P. Abbott et al. (LIGO Scientific Collaboration and Virgo Collaboration)
Phys. Rev. Lett. 116, 061102 - Published 11 February 2016
To have a better understanding of the significance on the observation of gravitational waves, here are a few electronic books on astrophysics and gravity:
· Bounds on the Effective Theory of Gravity in Models of Particle Physics and Cosmology <
http://link.springer.com/book/10.1007%2F978-3-319-06367-6>, 2014
· Gravity, Strings and Particles: A Journey into the Unknown <
http://link.springer.com/book/10.1007%2F978-3-319-00599-7>, 2014
· Space-Time Foliation in Quantum Gravity <
http://link.springer.com/book/10.1007%2F978-4-431-54947-5>, 2014
· Quantum Gravity and Quantum Cosmology <
http://link.springer.com/book/10.1007%2F978-3-642-33036-0>, 2013
· Theory of Gravitational Interactions <
http://link.springer.com/book/10.1007%2F978-88-470-2691-9>, 2013
· Grappling with Gravity: How Will Life Adapt to Living in Space <
http://link.springer.com/book/10.1007%2F978-1-4419-6899-9>, 2012
· ’Newtons Gravity: An Introductory Guide to the Mechanics of the Universe, <
http://link.springer.com/book/10.1007%2F978-1-4614-5444-1> 2012
· Quantum Gravitation: The Feynman Path Integral Approach, <
http://link.springer.com/book/10.1007%2F978-3-540-85293-3> 2009
· Lasers, Clocks and Drag-Free Control: Exploration of Relativistic Gravity in Space <
http://link.springer.com/book/10.1007%2F978-3-540-34377-6>, 2008