مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3797|ئىنكاس: 9

بىلىمخۇمار: كائىناتقا ئائىت يېڭى خەۋەرلەر (4)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

217

تېما

731

يازما

948

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 82221
يازما سانى:
731
نادىر تېما :
12
مۇنبەر پۇلى :
41853
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
2629 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-6-28
ئاخىرقى:
2016-4-1
كائىناتقا ئائىت يېڭى خەۋەرلەر (4)

بىلىمخۇمار
2016-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى


مەن مەزكۇر يازمىدا ئالدىنقى بىر ھەپتە ئىچىدىكى ناسا ۋە كائىناتقا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەرنى قىسقىچە خۇلاسىلاپ ئۆتىمەن.


1.    يېڭىدىن 883 گالاكسى (يۇلتۇزلار توپى) بايقالدى

بىزنىڭ قۇياش سامان يولى گالاكسىنىڭ ئىچىدە بولۇپ، بۇ گالاكسىنىڭ كەڭلىكى 100000 نۇر يىلى، قېلىنلىقى 3000 نۇر يىلى كېلىدۇ.

سامان يولى گالاكسىنىڭ مەركىزى رايونىغا توغرا كېلىدىغان يەردە كائىنات چاڭ-تۆزاڭلىرى ۋە گازدىن تۈزۈلگەن بىر رايون بار بولۇپ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئالىملار ئۇ يەردە نېمە بارلىقىنى بىلەلمەي كەلگەن ئىدى.  ئۇ رايون بىزدىن 150 – 250 مىليون نۇر يىلى يىراقلىقتا بولۇپ، ئۇنىڭ ماسسىسى سامان يولى گالاكسىنىڭ نەچچە ئون-مىڭ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.  ئۇنىڭ تارتىش كۈچى ناھايىتىمۇ كۈچلۈك بولغاچقا، كىشىلەر ئۇ رايونغا «غايەت زور تارتقۇچى» (Great Attractor) دەپ نام بەرگەن ئىدى.  ئۇ رايون 1970-يىلى بايقالغان [1].

يېقىندا ئاۋۇسترالىيىلىك ئالىملارنىڭ باشلامچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا خەلقئارا تەتقىقات گۇرۇپپىسى يۇقىرىدىكى رايوننىڭ سىرىنى ئاچتى: ئۇلار يۇقىرىدىكى رايوندا 883 دانە گالاكسىنى تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 30 پىرسەنتتىدىن كۆپرەكى يېڭىدىن بايقالغان گالاكسىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  ئادەتتە ھەر بىر گالاكسىدە 100 مىلياردتىن ئارتۇق يۇلتۇز بار بولىدۇ.  ئاشۇ گالاكسىلەرنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرى بىلەن ھازىر سامان يولى گالاكسى ئاشۇ رايونغا قاراپ ھەر سائەتىگە 2 مىليون كىلومەتىر تېزلىكتە مېڭىۋاتىدۇ.

يۇقىرىدىكى بايقاش ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ئاسترونومىيە ژۇرنىلى» (Astronomical Journal) نىڭ يېقىنقى سانىدا ئېلان قىلىندى.

nb1_attractor.jpg
1-رەسىم: يېڭىدىن بايقالغان گالاكسىلەرنىڭ سىزىلغان رەسىمى [1].  


2.    تارتىش كۈچى دولقۇنى بايقالدى

بۈگۈن (11-فېبرال) ئەتىگەن مەن ئىشلەيدىغان ئىدارە ج پ ل (JPL) دىكى بارلىق خادىملەرگە كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى توماس روسېنبائۇم (Thomas F. Rosenbaum) دىن بىر پارچە ئېلخەت كەلدى.  ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، بۈگۈن ئەتىگەن كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى، MIT، ۋە ئامېرىكا مەملىكەتلىك ئىلىم-پەن فوندى ئىدارىسى (NSF) بىرلىكتە ئىنگلىزچە «Laser Interferometer Gravitational-wawe Observatory » (LIGO) دەپ ئاتىلىتىغان تەجرىبىخانا يەر شارىغا يېتىپ كەلگەن تارتىش كۈچى دولقۇنىنى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆلچىگەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلىغان.  بۇ دولقۇن بىر قانچە گالاكسىلەر بىرلىشىپ، بىر يېڭى گالاكسىنى شەكىللەندۈرگەندە پەيدا بولىدىغان بولۇپ، مۇشۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېينىشتېيىن بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئومۇمىي نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان.  

بۇ يېڭىلىقنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىدە كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (KTI) ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.  يەنى، مۇشۇ بايقاشتا قوللىنىلغان تەتقىقات ئۇسۇلىنى KTI دىكى تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرىغا قويغان. LIGO نى KTI بىلەن MIT بىللە باشقۇرىدۇ.

بۈگۈن ئېلان قىلىنغان بايقاشنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن بىزنىڭ ئىدارە بىلەن KTI مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى بىرلىكتە بىر قۇتلۇقلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى.

بۇ ئىش بۈگۈن ئامېرىكىدىكى چوڭ مېدىئا تاراتقۇلىرىنىڭ ھەممىسىدە خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن ۋەتەندىكى قىزىقىدىغان قېرىنداشلارمۇ خەۋەر تاپتى، دەپ ئويلايمەن.  مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، تارتىش كۈچى دولقۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ئۇقۇملارنى تولۇق چۈشىنىش ئالىي دەرىجىلىك فىزىكا ۋە ئاسترونومىيە بىلىملىرىنى تەلەپ قىلىدۇ.  شۇڭلاشقا فىزىكىدىن ئانچە خەۋىرى يوق قېرىنداشلار بۇ ئىشنى ئانچە ياخشى چۈشىنىپ كېتەلمىگەن بولساڭلار، ئۇنىڭغا كۆڭلىڭلەرنى يېرىم قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ.

بۈگۈن بىزنىڭ ئىدارىدىكىلەر يۇقىرىدىكى بايقاش ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالە، ھەمدە تارتىش كۈچى دولقۇنىغا ئائىت پەننىي كىتاپلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى يىغىپ، ئۇنى بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق تارقىتىپ بەردى.  مەزكۇر پەنگە قىزىقىدىغان قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەن ئاشۇ ئۇچۇرلارنى مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاستىغا قىستۇرۇپ قويدۇم.

nb2_gravitation.png
2-رەسىم: ئىنگلىزچە LIGO دەپ ئاتىلىتىغان تەجرىبىخانىدىن ئىككىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىلىقى 3000 كىلومېتىر كېلىدۇ.  مەزكۇر رەسىمدىكىسى شۇلارنىڭ بىرسى.  https://www.ligo.caltech.edu/page/facilities

ئەسكەرتىش: كائىناتقا ئائىت يېڭى خەۋەرلەر يەنە بار ئىدى. ئەمما مەن بۇ ھەپتە بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، قالغانلىرىنى يېزىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالدىم.  كەچۈرۈڭلار.


پايدىلىنىش ماتېرىيالى:

[1] Hundreds of newly found galaxies may unravel gravitational space mystery
http://www.cnet.com/news/hundred ... ry/#ftag=YHF65cbda0


تارتىش كۈچى دولقۇنىغا ئائىت ئىلمىي ماقالە ۋە كىتابلارنىڭ ئۇچۇرى:

The big news for science today is that scientists from LIGO at Caltech, MIT and other places have observed gravitation waves! There are plenty articles from general news media such as Washington Post, New York Times, and NPR. Here is the link to the original research paper, published in Physics Review Letters:
·    Observation of Gravitational Waves from a Binary Black Hole Merger <http://journals.aps.org/prl/abst ... Lett.116.061102>
B. P. Abbott et al. (LIGO Scientific Collaboration and Virgo Collaboration)
Phys. Rev. Lett. 116, 061102 - Published 11 February 2016

To have a better understanding of the significance on the observation of gravitational waves, here are a few electronic books on astrophysics and gravity:
·    Bounds on the Effective Theory of Gravity in Models of Particle Physics and Cosmology <http://link.springer.com/book/10.1007%2F978-3-319-06367-6>, 2014
·    Gravity, Strings and Particles: A Journey into the Unknown <http://link.springer.com/book/10.1007%2F978-3-319-00599-7>, 2014
·    Space-Time Foliation in Quantum Gravity <http://link.springer.com/book/10.1007%2F978-4-431-54947-5>, 2014
·    Quantum Gravity and Quantum Cosmology <http://link.springer.com/book/10.1007%2F978-3-642-33036-0>, 2013
·    Theory of Gravitational Interactions <http://link.springer.com/book/10.1007%2F978-88-470-2691-9>, 2013
·    Grappling with Gravity: How Will Life Adapt to Living in Space <http://link.springer.com/book/10.1007%2F978-1-4419-6899-9>, 2012
·    ’Newtons Gravity: An Introductory Guide to the Mechanics of the Universe, <http://link.springer.com/book/10.1007%2F978-1-4614-5444-1> 2012
·    Quantum Gravitation: The Feynman Path Integral Approach, <http://link.springer.com/book/10.1007%2F978-3-540-85293-3> 2009
·    Lasers, Clocks and Drag-Free Control: Exploration of Relativistic Gravity in Space <http://link.springer.com/book/10.1007%2F978-3-540-34377-6>, 2008



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

24

يازما

24

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 109265
يازما سانى:
24
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
208
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
60 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-8-18
ئاخىرقى:
2016-2-13
ۋاقتى: 2016-2-13 12:25:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم   ئەركىن ئاكا    تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ بايقىلىشىنىڭ  كونكىرىت قانداق پايدىسى بار ،   يەنە بىر سى قارا ئۆڭكۈر توغرىسىدا خىلى كۆپ ماتىرياللارنى ئوقۇدۇم بىراق تىل سەۋىيەمنىڭ يىتەرسىزلىكىدىن بەزى مەزمۇنلارنى تازا ئىنىق چۈشنەلمەي قالدىم ، شۇڭا ئەگەر ۋاقتىڭىز يەتسە مۇشۇ مەزمۇندا بىر تەپسىلى چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز ،   ئاخىردا تىنىڭىزگە سالامەتلىك خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

2

تېما

1794

يازما

1814

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 98903
يازما سانى:
1794
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
4016
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
638 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-10-22
ئاخىرقى:
2016-3-10
ۋاقتى: 2016-2-12 18:21:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداقتا بىزنىڭ يەر شارىمۇ شۇ گالاكسى ئىچىگە كىرىپ كىتەمۇ.

0

تېما

6

يازما

6

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 111444
يازما سانى:
6
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
65
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
19 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-12-4
ئاخىرقى:
2016-3-3
ۋاقتى: 2016-2-12 18:48:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەركىنكامغا چىن كۆڭلۈمدىن رەخمەت ئيتىمە رەخمەت سىزگە ئەركىنكا مەن ئاسترونومىيە تەتقىقات ئىشلىرىنى چۇشنىپ كىتەلمىسەممۇ ئەركىنكامنىڭ مىنۇتلاپ ھىساپلايدىغان ۋاقتىنى چىقىرىپ بىز ئۇيغۇر خەلقىگە دۇنيادا بولۋاتقان يىڭلىقلاربىلەن خەۋەرلەندۇرۇپ شۇنداقلا بىزنى مول مەزمۇنلۇق پەننى بىلىم ۋە دىننى بىلىملە بىلەن روھىتىنىزنى سۇغرۇپ تۇردى
ئاخىردا ئەركىنكامنىڭ تىنگە سالامەتلىك خىزمىتىگە ئۇتۇق  زىھنىنىڭ داۋاملىق مۇشۇنداق ئوچۇق بولشنى  بىزگە مۇشۇنداق  تىمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرشىنى بولسا ياسىر قازى ئويغانلارنىڭ لەكسىيەۋە تەلىماتلىرى بىلەن كوپرەك خەۋەرلەندۇرۇپ تۇشىنى ئۆمۈت قىلمەن

180

تېما

5465

يازما

5645

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 73321
يازما سانى:
5465
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
20138
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
7578 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-1-16
ئاخىرقى:
2016-4-2
ۋاقتى: 2016-2-12 21:08:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


قوياش رادىئاتسىيىسىمۇ توغرا دولقۇن بولۇپ ،ئۇنىڭ بىسىم-ئىتتىرىش كۈچى بار.تارتىش كۈچى دولقۇنىمۇ توغرا دولقۇن ئىكەن.ئۇنىڭ تارتىش كۈچى بارمۇ؟.بۇ مۇلاھېزە قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنىڭ بىرى.

توغرا دولقۇن ۋە بوي دولقۇن
横波纵波

217

تېما

731

يازما

948

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 82221
يازما سانى:
731
نادىر تېما :
12
مۇنبەر پۇلى :
41853
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
2629 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-6-28
ئاخىرقى:
2016-4-1
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-13 13:31:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پادىچى001 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-13 12:25 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم   ئەركىن ئاكا    تارتىش كۈچى دولقۇنى ...

ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام ئۇكام!

ئېينىشتېيىن ئۆزىنىڭ ئومۇمىي نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدە بوشلۇق-ۋاقىت (ماكان-زامان) ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، تارتىش كۈچى دولقۇنى ئاشۇ ماكان-زاماندىكى بىر خىل بۇزۇلۇشقا ۋەكىللىك قىلىدىكەن.  بۇ دولقۇننىڭ خۇسۇسىيىتى ھەققىدە ھازىرچە دېيىلگىنى پەقەتلا ئۇنىڭ چاستوتىسى (تەكرارلىقى) ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقى (بۇنى ئىنگلىزچە chirping دەيدۇ)، ھەمدە ئاشۇ chirp نىڭ ئۇزۇنلۇقى 0.2 سېكۇنت ئىكەنلىكى ئىكەن.  مېنىڭ پەرىزىمچە بۇنداق دولقۇننى زەررىچە فىزىكىسى بويىچە چۈشىنشكە توغرا كېلىدۇ.


ئېينىشتېيىن ئوتتۇرىغا قويغان نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدىن ھازىرغىچە بىرەر مەسىلە بايقالمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئۇ نەزەرىيىلەرنى سىناقتىن ئۆتكۈزۈشكە بىرەر ئامال تېپىلمىغان ئىكەن.  تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ بايقىلىشى ئېينىشتېيىننىڭ ئومۇمىي نەزەرىيىسىنى سىناقتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىر يېڭى يول ئېچىپ بېرىدىكەن.  بۇ قېتىمقى بايقاشنىڭ ئەڭ چوڭ ئەھمىيىتىنىڭ بىرى ئەنە شۇ ئىكەن.

قارا ئۆڭكۈر ھەققىدە مەن يېقىندا بىر يازما تەييارلىغان.  شۇنى ئوقۇپ بېقىڭ:
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-146224-1-1.html

6

تېما

184

يازما

194

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95384
يازما سانى:
184
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
400
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
170 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-5-26
ئاخىرقى:
2016-2-16
ۋاقتى: 2016-2-14 20:24:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سامان يولىنىڭ كەڭلىكى 100000نۇر يىلى كەلسە،سامانيۇلىنىڭ مەركىزىگە 150-250مىليون كېلىدىكەن،سانلىق مەلۇماتتا خاتالىق بارمۇ ياكى مەن چۈشەنمىدىممۇ؟

180

تېما

5465

يازما

5645

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 73321
يازما سانى:
5465
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
20138
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
7578 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-1-16
ئاخىرقى:
2016-4-2
ۋاقتى: 2016-2-14 20:27:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2016-2-13 01:31 PM
ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام ئۇكام!

ئېينىشتېيىن ئۆزىنىڭ ئومۇم ...

ئېينىشتېيىن ئۆزىنىڭ ئومۇمىي نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدە بوشلۇق-ۋاقىت (ماكان-زامان) ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، تارتىش كۈچى دولقۇنى ئاشۇ ماكان-زاماندىكى بىر خىل بۇزۇلۇشقا ۋەكىللىك قىلىدىكەن.
_______________

ھۆرمەتلىك بىلىمخۇمار ئەپەندىم،زامان-ماكاننىڭ بۇزۇلۇشى دىگەن بۇ ئۇچۇرغا قىزىقىپ قالدىم.مالال كۆرمىسىڭىز بۇنىڭ قانداق بۇزۇلۇش ئىكەنلىگى ھەققىدە كونكىرىتراق بىر نەرسە ئېيتىپ بېرەلەرسىزمۇ؟

180

تېما

5465

يازما

5645

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 73321
يازما سانى:
5465
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
20138
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
7578 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-1-16
ئاخىرقى:
2016-4-2
ۋاقتى: 2016-2-14 23:26:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز ئوقىدا ئايلىنىپ ئوربىتىدا ھەركەت قىلىۋاتقان جىسىملارنىڭ ئوربىتا رادىئوسى ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى بىلەن تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ.يەنى،ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى ۋە سىپىن تېزلىكى   ئوربىتا-تىرايىكتورىيەنىڭ ئەگرىلىك دەرىجىسىنى بەلگىلەيدۇ.بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ،بۇ قېتىم بايقالغان تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ مەنبەسى بولمىش ئىككى قارا ئۆڭكۆرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنى ناھايتى يۇقۇرى،دەپ قاراشقا بولىدۇ.ئۇلاردىكى بۇ ھالەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئوربىتا يۆنىلىشى بىلەن ئۇزىنى ئايلىنىش ئوقىنىڭ ئۈسىتمۇ-ئۈسىت چۈشمەسلىكى 29-تېئورېمىنى قانائەتلەندۇرىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئۆزى تارقاتقان تارتىش كۈچى دولقۇنى،ئۇلارنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنى بەلگىلەيدۇ،دەيدىغان نەزەرىيەمۇ،پاكىتمۇ يوق.دېمەك،بۇ ھالدا،ئۇلارنىڭ ئوربىتا رادىئوسىنىڭ بارغانسىرى قىسقىراپ ئاقىۋەت بىر-بىرىگە سوقۇلىشىنى 29-تېئورېمىچە ئېغىش كەلتۈرۆپ چىقارغان،دىيىش مەنتىققە ۋە بىز ئىشلىگەن ئاددى تەجرىبە نەتىجىلىرىگە ئۇيغۇن.

217

تېما

731

يازما

948

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 82221
يازما سانى:
731
نادىر تېما :
12
مۇنبەر پۇلى :
41853
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
2629 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-6-28
ئاخىرقى:
2016-4-1
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-15 10:59:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Alamdar-X يوللىغان ۋاقتى  2016-2-14 08:24 PM
سامان يولىنىڭ كەڭلىكى 100000نۇر يىلى كەلسە،سامانيۇلىنىڭ  ...

بىز بىلەن سامان يولى گالاكسىنىڭ مەركىزىنىڭ ئارىلىقى 25000 نۇر يىلى كېلىدۇ.  سىز يەر شارىنى ئوربىتلاپ ئايلىنىۋاتقان بىر تېلېسكوپنى ياكى يەر يۈزىدىكى بىر تېلېسكوپنى 25000 نۇر يىلى كېلىدىغان يەرگە توغۇرلىسىڭىز سامان يولى گالاكسىنىڭ مەركىزىنى كۆرىسىز.  سىز ئۇ تېلېسكوپنى سامان يولى گالاكسىنىڭ مەركىزىنىڭ نەرىسىدىكى 150 – 250 مىليون نۇر يىلى كېلىدىغان يەرگە توغۇرلىسىڭىز ھېلىقى گالاكسىلار توپىنى كۆرىسىز.
nc2_milky.jpg


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-2 01:58 AM, Processed in 0.159170 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش