بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-12 03:15 AM * g% y [. x/ b. ^+ s+ J3 a( Y
9 |& W- b# e M8 U0 mئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى . باغداش مۇنبىرىدە 2016-يىللىق ھۆكۈمەت تۈر ياردەم مەبلىغى بىلەن تەمىنلەيدىغان كەسىپلەر ۋە ياردەم مەبلىغىنىڭ پۇل سوممىسى (
http://bbs.bagdax.cn/thread-44711-1-1.html ) ناملىق يازمىنى كۆرگەندىن كىېيىن ئۆزۈم بېسىپ كۆرگەن بەزى قەدەم باسقۇچلارنى تەمىن ئېتىشنى قارار تاپتىم . رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈر مەبلىغى يوللاش قائىدە باسقۇچلىرى ئۆز ئارا پەرقلىق بولىشى مۇمكىن ، ئەمما ئومۇمى جەھەتتىن ئېيىتقاندا كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ بىلگىنىچە ماڭغان يولۇمنى جۆيلۈپ باقاي ، قالغان كام قىسمى بولسا بىلىدىغانلارنىڭ ئايىماي مەزكۇر تېمىنى مۇكەممەلەشتۈرىسىنى ، تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دۆلەت سىياسىتىدىن ياردىمىدىن ياخشى پايدىلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
3 H, |; ~5 o; r" y
4 b0 @7 b) c, O+ |) m5 r
تۈر مەبلىغى دۆلەتنىڭ خەلق تۇرمۇشى بىلەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك مۇناسىۋەتلىك بولغان تۈرلەرگە ئىقتىسادى جەھەتتىن بېرىلىدىغان ياردىمى بولۇپ ، بۇ مەبلەغنى ئادەتتە ھۆكۈمەت ئاپاراتلىرى ( ئىدارە ئورگان ، مەكتەپ ، يەسلى قاتارلىقلار ) ، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار ، شەخس ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار ۋە كەسىپلەر كوپراتىپلىرى قاتارلىق ئورگانلار ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ . دىمەك تۈر مەبلىغى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن چوقۇم قانۇنلۇق بىر كوللىكتىپ ئورگان بولۇش كېرەك ، شەخسى ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ . تۈر مەبلىغىنىڭ ئاساسلىق مەخسىدى دۆلەتنىڭ ئاساسى ئۇل ئەسلىھە قۇرلۇشىنى ياخشىلاش ، شەخسى ئاپاراتلارنى ئىقتىسادى جەھەتتىن يۆلەپ تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشى بىلەن بىۋاستە مەنپەئەتلىك تۈرلەرنى ۋە قۇرلۇشلارنى ئېلىپ بېرىش بولۇپ ، مەبلەغ مەركەزدىن تەستىقلىنىپ كېلىدۇ . ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەرگە بولغان قوللاش سىياسىتىگە ئەگىشىپ تۈر مەبلىغى يوللايدىغان تۈرلەرمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولۇپ ، ھەر يىلى يېڭى يېڭى تۈرلەر چىقىپ تۇرىدۇ ، بەزى تۈرلەرنى دۆلەت ئەمەلدىن قالدۇرۇپ تۇرىدۇ ( بۇ يىلقى تۈرلەر ئالدىنقى يازمىدا تەپسىلى بايان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن تەپسىلى مىسالغا ئېلىپ ئولتۇرمىدىم ) . ھەر يىلى يىل بېشىدا دۆلەت ئورگان تورى ئارقىلىق يېڭى تۈرلەرنى ئېلان قىلىدۇ ، بىز ھەرقايسى جايلاردىكى ئىقتىسادى ئۇچۇر كومېتىتىنىڭ ( 经济与信息化委员会) ئورگان تورى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتە قىلىپ تۇرىمىز ، تورغا چىقىش شارائىتى يار بەرمەيدىغانلار بىۋاستە ئىقتىسادى ئۇچۇر كومېتىتىغا بېرىپ مۇناسىۋەتلىك ئىشخانىدىن سۈرۈشتە قىلسا بولىدۇ .
2 p) g. a: `7 j$ ?9 r6 v) D8 y' `: g I: \
ئىلتىماس قىلىش قەدەم باسقۇچلىرى : ! }, G' N+ Y: o5 s* I
! p. b. X7 q' V% E
1 . ئالدى بىلەن بىز نىمە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىمىزنى ئېنىق بىلىشىمىز كېرەك ، چۈنكى تۈر مەبلىغىنى ئىلتىماس قىلىش ، تەكشۈرۈش قەدەملىرى بىر قەدەر قاتتىق . ئىلتىماس قىلسىلا پۇل كىلىپ قالىدىكەن دەپ قارىغۇلارچە مەشغۇلات ئېلىپ بارساق بىھۇدە ئاۋارە بولىمىز . كەسپىمىز ئېنىق بولغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت شۇ يىلى يولغا قويغان مەبلەغ ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە چۈشەمدۇ چۈشمەمدۇ ئېنىق بىكىتىمىز .
$ X& s. C8 B# w4 `5 Q
' j: `6 l7 W% K9 W) P# M
2 . تۈر مەبلىغى ئىلتىماس قىلىشتىكى مەخسەت مۇددىئايىڭىز ئېنىق بولىشى كېرەك . سىز زادى قانچىلىك ئىش قىلماقچى ، قانچىلىك مەبلەغ ئىلتىماس قىلىپ قانچىلىك پايدا ياراتماقچى ، قانچىلىك ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرماقچى ، سىزنىڭ بۇ تۈرىڭىزنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا قانچىلىك بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك پايدىسى بار دىگەنلەر ئېنىق بولىشى كېرەك ، ھەم بىز كېيىنكى قەدەمدە تەييارلايدىغان ماتېريالغا ئېنىق چۈشىشى كېرەك . 3 . ئىلتىماس قىلىدىغان تۈرىڭىزنىڭ مەبلەغ ۋە مەھسۇلات دائىرسىنى بىكىتىسىز . مەسىلەن : 《يىلىغا 100 مىڭ قۇر كېيىم ئىشلەپچىقىرىش قۇرلۇش تۈرى 》, (年产10万套服装建设项目》 دىگەندەك . سىز ھازىرقى شىركىتىڭىزدە يىلىغا 10 مىڭ قۇر كىيىم ئىشلەپچىقىرالىدىڭىز ، ئەمدى سىز شىركىتىڭىزنى يىلىغا 100 مىڭ قۇر كېيىم ئىشلەپچىقىرالىغۇدەك كېڭەيىتمەكچى بولسىڭىز ، يۇقارقىدەك نامدا يوللىماقچى بولغان مەبلىغىڭىزگە < ئىسىم قويىسىز > . دىمەك سىز يىلىغا 100 مىڭ قۇر كېيىم ئىشلەپچىقارغۇدەك زاۋۇت قۇرۇشقا قانچىلىك قۇرلۇش قىلىسىز ، قانچىلىك ئادەم ئىشلىتىسىز ، قانچىلىك ئۈسكۈنە ئەسىلىھە سېتىۋالىسىز دىگەنلەرنى ھېسابلاپ ئۆزىڭىزدە بار مەبلەغ قانچىلىك بىر دەڭسەيسىز ، بانكىدىن قانچىلىك قەرز ئالالايسىز ئۇنى بىر دەڭسەيسىز ، ئاندىن قالغان كاملىغان پۇلنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ .
6 C# u8 v8 h K' U4 . ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ناھىيە شەھەردىكى ئىقتىسادى ئۇچۇر كومېتىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىشخانىسىغا بېرىپ ئۆزىڭىزنىڭ مەخسىدىنى دەيسىز ، ئۇلار تۈر مەبلىغى يوللايدىغان شەرتكە چۈشسە سىزگە كېتەرلىك ماتېريال ، جەدىۋەللەرنى بېرىدۇ . بۇنىڭغا ئالدى بىلەن 《 项目建议书》 دەيدىغان بىر ماتىريال تەييارلايسىز . بۇ ماتىريال بىر قەدەر چوڭراق ھەجىمدە بولىدۇ ، چۈنكى بۇ ماتېريال سىزنىڭ شېركىتىڭىزنىڭ بارلىق تۇنۇشتۇرۇش ، تەرجىمىھال ، ئالاھىدىلىكى ، قىلالايدىغان ئىشىڭىز ، ئىقتىدارىڭىز ، جۇغراپىيلىك ئالاھىدىلىكىڭىز ، رىقابەت ئەۋزەللىكىڭىز ، قۇرلۇش كۆلىمىڭىز ...... قاتارلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ ( بەيدۇلاپ باقسىڭىز ناھايىتى تەپسىلى چىقىدۇ ، باشقا شىركەتلەردىن ئۆرنەك ئېلىپ ئىشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ ) . باشقا جەدىۋەللەرنى سىزنىڭ قولىڭىزغا بىۋاستە بېرىدۇ ، تەلەپ بويىچە تولدۇرسىڭىز بولىدۇ . ئاندىن بۇ تۈرگە باش بولۇپ ماڭىدىغان ، ئىجرا قىلىدىغان ئادەمنىڭ تەپسىلى چۈشەندۈرلۈش تەرجىمىھالىنى تەييار قىلىسىز . ھەممە ماتېرياللار بەك تەپسىلى ، چۈشىنىشلىك رەتلىك چىقىشى كېرەك . بارلىق ماتېرياللار بىردەك خەنزۇچە تەييارلىنىدۇ .
1 F9 o3 ~8 m, w# d \& Z
5. مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىگە بېرىپ ئۆزىڭىزنىڭ تۈرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر جەدۋىلى بار ، شۇنى تولدۇرۇپ بەرسىڭىز سىزنىڭ يوللىماقچى بولغان تۈرىڭىزنىڭ مۇھىتقا نىسبەتەن قانداق تەسىرى بار ، مۇھىت بۇلغامدۇ ياكى تەسىرى بولمامدۇ دىگەندەكلەرنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن سىزگە قىزىل باشلىق ھۆججەتتىن بىرنى چىقىرىپ بېرىدۇ ( ئىسمى تازا ئىسىمدە قالماپتۇ ) . ئاندىن سىز يوللىماقچى بولغان تۈر باشقا قايسى ئىدارىگە مۇناسىۋەتلىك بولسا شۇ ئىدارىنىڭ مۇناسىپ تامغا چۈشىدىغان ئورنى بولسا تامغا ئۇرغۇزۇپ كېلىسىز .
" K* D/ K* v% G. A! ]
6 . ماتېرياللارنى ئۆلچەملىك تولدۇرۇپ يېزىپ تەييار قىلغاندىن كېيىن ئۆلچەملىك قەغەزگە بېسىپ چىقىرىپ يەتتە نۇسخا تەييار قىلىسىز ، ھەم كىتاپچە قىلىپ تۈپلەيسىز . بۇ دەرىجە بويىچە ناھىيە ۋىلايەت ئاپتۇنۇم رايون ھەتتا مەركەزگىچە بىر نۇسخىدىن كىتىدۇ . ماتېرياللارنى رەتلىگەندە چوقۇم ئۆلچەملىك تەھرىرلەڭ ، خەت نۇسخىسى ، چوڭ كىچىكلىكى ئۆلچەملىك ، بىر خىل چىقسۇن ، سەت نەرسە بىلەن ھەممىمىزنىڭ خۇشى يوققۇ دەيمەن . جەدىۋەللەر توغرىلىق تەپسىلى توختالمىدىم ، چۈنكى ھەر قايسى ساھە كەسىپنىڭ تولدۇرىدىغان جەدۋىلى پەرىقلىق ، تەييارلايدىغان ماتېرياللىرى پەرقلىق بولىدۇ، شۇڭا ئۇنى ئىدارىنىڭ تەلىپى بويىچە تەپسىلى سوراپ تولدۇرۇڭ .
% Q2 Z5 u) A& l5 g2 P6 Q
7 . شىركىتىڭىزنىڭ كىتەرلىك ماتېرياللىرى : تىجارەت كىنىشكىسى ، باج كېنىشكىلىرى ، تەشكىلى ئاپارات تەرتىپ نومۇر كېنىشكىسى < 组织机构代码证> ، بانكا ھېساب ئېچىش ئىجازەتنامىسى ، تامغا ، ئالاھىدە كەسىپلەرنىڭ شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازەتنامىسى ، قانۇنى ۋەكىلىنىڭ كىملىكى قاتارلىقلار .
% v W; j, r. v3 P1 u5 h
8 . بىز ئىزدەيدىغان ئىدارە ئورگانلار : ئىقتىسادى ئۇچۇر كومىتىتى 经信委 ( كۆپ ئۇرۇنلاردا ناھىيلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىچىدە بولىدۇ ) ، ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتىتى 发改委 ، ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپ بولسا ئاياللار بىرلەشمىسى ، نامراتلارغا مۇناسىۋەتلىك بولسا نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى ، خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ، كادىرلار ئىدارىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار .
) K1 D) M2 \4 l" j8 U: F
; |& G+ T& ?) @
ئادەتتە بىزنىڭ دىيارىمىزدا بۇ خىلدىكى مەبلەغ ئىلتىماس قىلىشقا بولىدىغان تۈرلەر ئاساسلىق ( بىزدەك شەخسى شىركەت ئورۇنلىرى ئۈچۈن ) يېزا ئېگىلىك پەن تېخنىكىسى ۋە ئېچىش ، پىششىقلاپ ئىشلەش ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مەھسۇلاتلارنى قېزىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ، باقمىچىلىققا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر ، يۇمشاق دېتال ، يەرلىك مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كېيىم كىچەك ، قول ھۆنەر بويۇملىرى ، گېلەم قاتارلىقلار بولۇپ بۇ مەبلەغدىن پايدىلىنىدىغانلار بەك ئاز ساندا . بەزى پايدىلىنىدىغانلار باراڭ ياساپ مەبلەغنى ئېلىپلا چىقىمنى چوڭ كۆرسىتىپ ئىگىلىكنى تەرەققى قىلدۇرماي يانچۇق توملىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ . شۇڭا تورداشلارنىڭ مۇشۇ تۈردىكى سىياسەتلەرگە ئىتىبار بىرىپ ، ھۆكۈمەت ياردىمىدىن ياخشى پايدىلىنىشىنى ، ئېگىلىكنى ھەقىقى خەلىققە نەپ بەرگۈدەك ئىگىلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . كىلەر قېتىملىق يازمام بۇ قېتىملىق ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى ۋە مەبلەغلىرى ، بۇ تۈردە يۇشۇرۇنغا سودا پۇرسەتلىرى بولۇشى مۇمكىن ، ئىمكان بولسا شۇ توغرىسىدا بىر تېما يېزىپ كۆپچىلىك بىلەن مۇنازىرە قىلىشىمىز .
+ m4 N" A+ H8 }) \
مەن بۇ يولنى شەخسەن ئۆزۈم مېڭىپ باققان ، ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگىنىم بويىچە يازدىم ، ماتېريال كۆرۈپ ئىزدەنگۈدەك ۋاقىت بولمىدى . بەزى باسقۇچلارنى ئۇنتۇپ قالغان بولۇشۇم مۇمكىن ۋە ياكى بەزى باسقۇچلار بۇ يىل ئۆزگەرگەن بولىشى مۇمكىن . توغرا چۈشەنگەيسىلە . f( l! l" b7 S0 C
ۋاقىت قىس ، سەۋىيە چەكلىك بولغاچقا مۇشۇنچىلىك يازدىم ، باشقا تەپسىلاتلار بولسا بىلىدىغانلار تولۇقلاپ قويساڭلار دىگەن ئۈمۈدتە مەن ، ياكى بەيدۇ تورىدا تەپسىلاتى بار .
$ i" u7 W2 S) D/ r# p. e1 r( \
تۇلۇقلىما : ھەر يىلى ئىلتىماس قىلىنىدىغان تۈرلەر 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن ۋىلايەت ، ئوبلاستلىق ۋە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئىقتىسادى ئۇچۇر كومىتىتىغا يوللىنىپ بولىدۇ ، ئەگەر ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولۇپ تۈر تەستىقلىنىپ قالسا بىر يىل ئەتراپىدا قولىڭىزغا تىگىدۇ . ئاڭغىچە ئىقتىسادى ئۇچۇر كومىتىتى سىزدىن ئانچە مۇنچە ئەھۋال ئىگەللەپ تۇرىدۇ ، تىجارەت ئەھۋالىڭىزنى تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ . ھازىر تۈر مەبلىغى ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ، ئىلتىمس قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلار بايرامدىن كىيىنلار مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارنى ئىزدەپ ئىشنى باشلاڭلار ، بولمىسا ئۈلگۈرەلمەيدىغان ئىش چىقىدۇ
0 [0 }; V: Q$ K& q; s
Y* L. u T( v$ w9 `8 B4 N4 a) D3 {( X5 [# v
9 L/ r# n2 A J) {2 O1 O* o% ^. W