مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 29410|ئىنكاس: 42

مۇھەممەدجان راشىدىن ئاكا زادى نېمە دەيدۇ؟ يېڭى زىيارەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىس

326

تېما

492

يازما

818

جۇغلانما

بېكەت باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1
يازما سانى:
492
نادىر تېما :
42
مۇنبەر پۇلى :
17798
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
7967 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-5-16
ئاخىرقى:
2016-4-1
ئاتاقلىق شائىر مۇھەممەدجان راشىدىن ئاكا بىلەن سۆھبەت
( I5 [8 U% S, b% X; l3 q# g

4 y+ H3 W; @9 M) ?; J* K* b! z) ^

& b& L) w+ b( ?# b# {* z/ l 01.jpg
$ p2 N7 \4 V( z! z" X: g

2 {+ q& Q  I/ N) I3 T
% S' i5 C8 r5 n  t" c    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار، ئالدىنقى يىلى غۇلجىغا بېرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاتاقلىق شائىر  مۇھەممەدجان راشىدىن ئاكا بىلەن سۆھبەتتە بولغان. شۇنداقلا ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن سۈرەتلىك فىلىم قىلىپ ئىشلىگەن. توي ئىشلىرى. مىسرانىم شىركىتىنىڭ بىرقىسىم ئىشلىرى بىلەن زىيارەت ۋاقتىدا تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشەلمىگەن ئىدى. مانا ئەمدى مىسرانىم تورى ۋە سالونىدا بىرلا ۋاقىتتا تارقىتىلدى..    تورداشلارنىڭ ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان مۇنبەر ،سالونلىرىدا كەڭ تەشۋىق قىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.9 F$ h; h* K) L
+ N7 _( |. @- \
03.jpg
1 O6 N" B/ h4 g6 k7 m2 ~- Uمۇھەممەدجان راشىدىن زادى نېمە دەيدۇ؟  قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار زىيارەت تەپسىلاتىدا بولسۇن.9 u- T# l# ~! s! p2 x

& Z6 z, i+ y! x: X3 K1 R: C1 X% U# ?! z: M
http://v.qq.com/page/m/q/f/m0183qn9sqf.html
* W% Q  @+ C, E0 \ 02.jpg
3 [+ c% H& H* N" H& a" _
/ C, s4 {& @4 }( ~% T8 |6 z
07.jpg
- \6 m, T- u( {8 m1 [/ M; L- v
# O# D0 S! h- H' K% h6 a, ]( ~* ~ 05.jpg 5 G5 q0 a7 z, e
) S  b# M* G8 c8 \" ?& r* g
08.jpg & E5 V$ H* U! `" ]& l% i

& l% Q8 [' |$ Y 06.jpg 7 Z9 B3 G" I. M8 K2 z

( p+ k- o8 m  W4 O4 q- t 04.jpg
  E& {/ U2 i' l5 w* F5 q5 N4 b7 k" \% a0 P5 v
09.jpg : ^1 N+ b9 S2 k' M2 E6 D" w
مۇھەممەدجان راشىدىن ئاكا ئۇنمىغىنىمىزغا قارىماي تالاغىچە ئۇزاتتى ھەم تورداشلارغا سالامىنى ئېيتتى.
! F# O6 P  ]9 S- `7 H
% O6 ?8 q, F+ `) u
; [* j8 }7 j' k9 l& M: D- X' Q
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى
2 Z, w% L" d$ ?' u+ m8 ~0 b! {

$ v5 ?0 n+ W: K$ _: y- P
2016- يىلى 2- ئاينىڭ 2- كۈنى
) v' v% O6 X; D! ]* }  H# t
% i8 G" J6 S: r6 o. b4 U7 w! G$ a7 f8 m

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
nuriman30 + 50 ماختاشقا تېگىشلىك

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

Www.Arkzat.Com

137

تېما

1100

يازما

1237

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 30135
يازما سانى:
1100
نادىر تېما :
10
مۇنبەر پۇلى :
47999
تۆھپە :
2387
باھا :
1620
توردا:
6823 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-2-12
ئاخىرقى:
2016-3-29
ۋاقتى: 2016-2-2 20:18:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    داۋان ئاتلاپ غۇلجىغا بارغانغا يارىشا، مۆھتىرەم ئۇستازنى زىيارەت قىلىپ  ئوغۇل بالىدەك ئىش قىلىپسىز.2 h# y, n9 D' L) }0 `6 ~& o
  مۇھەممەدجان ئاكىنىڭ تېنى سالامەت، ئائىلىسى خاتىرجەم، ئىجادىيىتى  سەمەرىلىك بولغاي.

8

تېما

664

يازما

672

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 74080
يازما سانى:
664
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
6459
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
1135 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-1-27
ئاخىرقى:
2016-2-12
ۋاقتى: 2016-2-3 10:15:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەل سۆيگەن شائىرىمىز مۇھەممەدجان راشىدىن ئاكىمىزدىن قۇسۇر ئىزىمەكچى بولغانلارنىڭ ۋە ئارقىسىدىن گەپ تاپقانلارنىڭ ھۇزۇرىغا تۆۋەندىكى تېمىلارنى سۇندۇم.
: c8 X. P3 _' ~) e/ C& f  w
2 u8 ^0 v3 C, K- r0 A              گەپ تاپتۇق
6 D4 s) C+ ?" q, q  E9 S$ `: l+ ^8 A' V1 v, U' P4 f/ h, }

5 ?9 B2 s" c$ D+ i. E$ K& d          داۋۇتجان يۈسۈپ 5 L$ N% s' U+ ~# l
1 s( L3 W5 p8 q3 k

1 p$ c2 m- A. Eكىمنىڭ ئىشى قولايلىق،ئۇنىڭغىمۇ گەپ تاپتۇق،$ R+ W3 [5 z' {" c7 O% d1 a
كىملەردە بار پۇل بايلىق،ئۇنىڭغىمۇ گەپ تاپتۇق.* G) ^7 e) M! f2 s: f' ^  _
يارالغانمۇ بۇ ئالەم سەتلەر بىلەن يوقسۇلغا، ! Z/ v. S9 z) x/ s; g( C
كىمنىڭ قىزى چىرايلىق،ئۇنىڭغىمۇ گەپ تاپتۇق.
: T0 X1 L. H0 |) X7 b8 s
6 X$ _6 t9 Y" f0 l8 e0 }3 tزارلىنىمىز ئالەمدىن بىرنى ئىككى ئېتەلمەي،
$ z5 q7 q, @# g; z4 K4 eبولدى كىملەر ئۆي-جايلىق،ئۇنىڭغىمۇ گەپ تاپتۇق.
+ L) _$ j4 t4 [8 nتەمتىرەيمىز تۇرمۇشنىڭ ئاچىلىدا ھەر سەھەر،
( L- h! i' j# q1 ^; m6 kكىمگە نېسىپ ئاسانلىق،ئۇنىڭغىمۇ گەپ تاپتۇق.     
4 s- r1 i! s$ }2 C0 y+ W% D" F- k5 j1 f: r% J0 I! m
پېتىشمايمىز قوشنىلار نىزا تېرىپ ئۆز-ئارا،
: k5 X& q! _7 Q0 f/ pكىملەرگە يار ئامانلىق،ئۇنىڭغىمۇ گەپ تاپتۇق.
7 f8 }1 X& Q! m5 I7 V: w0 P   ئاز سۆزلىگەن مۆرىمەس،چىقىشقاقلار تەخسىكەش،3 n& m4 v0 s  }
قىلسا بىرى مەدداھلىق،ئۇنىڭغىمۇ گەپ تاپتۇق.9 q' Q  j6 o' y4 m' n5 Q

. I2 l& k# Y4 q$ u3 o5 C7 L) fپاكىزلىرى ياسانچۇق،مەينەتلىرى قارانچۇق،: N) H2 x6 h7 M& L8 g% V& Z# _
كىمنىڭ چېچى مايلاقلىق، ئۇنىڭغىمۇ گەپ تاپتۇق.
6 r/ O& P' v0 p: t( ~يەرگە باققان يەر باقتى، كۆككە باققان ھاڭۋاقتى،2 q& ?" d6 v$ w5 K6 b: P- q
كىملەرگە يار سالماقلىق،  ئۇنىڭغىمۇ گەپ تاپتۇق.& Z& _' e" I; Q, A: R
4 ~- q" J) Q5 Q5 z/ p& P
گۇناھمۇ تۇل، بويتاقلىق، ئۇنىڭغىمۇ گەپ تاپتۇق،! V: K$ C3 d3 h  d
يوقتۇر قىلماس گېپىمىز،چالمايدىغان دېپىمىز.9 T1 \) o' X: m6 M
كىملەردە بار ئورتاقلىق، ئۇنىڭغىمۇ گەپ تاپتۇق، ; U& J1 p+ Y# g& B# f# c: u3 v! m
گەپ تاپمايلى گەپ تاپتۇق، گەپتىن قانچە نەپ تاپتۇق.
* |/ `8 q7 [9 ^0 E# h: `; b; g% X3 ^. m; V; n
مەنبە: https://uyghur-archive.com/misranim/forum.ph ... E%D8%AA%DB%87%D9%82: a. a& |0 d! ]1 I1 C2 X8 P

- A2 M' M- V4 P, v0 T           گەپ تاپتۇق (ساتىرا)# a* S4 K5 V% \; x) i  B' ?, H: i
     ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
3 |# M$ v& q/ ?8 B" P: x6 D4 }6 w' u9 ?# o- ^1 x; |% a5 H
توۋا دەيمەن يوتىغا بىرنى ئۇرۇپ گەپ تاپتۇق،$ q# F, {/ H" a: E' y
ئەيىپ ئارتىپ بىراۋغا ئۆيدە تۇرۇپ گەپ تاپتۇق،
9 F9 `2 n0 M1 P# }" X* \قايسى بىرسى شان قۇچسا ئېغىز پۈرۈپ گەپ تاپتۇق،
- E& H1 c& V% b, I6 C- qئاپەت كەلسە ياخشىغا بەزمە قۇرۇپ گەپ تاپتۇق،( i2 v. N2 ?2 K/ W/ ^! H: a) b$ w
قاملاشتۇرۇپ يالغاندىن پىتنە توقۇپ گەپ تاپتۇق.( |5 u7 A; N# |5 b9 x9 V

1 ?8 S9 \- f, Vئۆيدە پاتمان ئىش تۇرسا ئۆزگىلەرنى پايلايمىز،
( \) ]" `; ?  R# p' e; T* A1 i/ c! bنىمىش قىلدى قوشنىمىز پاسىل تامدىن بويلايمىز،
# e2 t2 c/ j9 t7 vئوڭ ماڭسىمۇ<<تەتۈر>>دەپ چوڭغا چېقىپ جايلايمىز،
  q4 `& B8 b: n; G9 oھەر جەھەتتە مىنىڭدىن ئاشمىسۇن دەپ ئويلايمىز،
; a! m* x' e, J+ h% Cتۆھمەت چاپلاپ ئىش تېرىپ ساقنى بۇزۇپ گەپ تاپتۇق.( \2 [; B4 x  j

0 v5 Q4 H( v1 N5 A+ o" t& Jئارىمىزدىن بېرەرسى قەد كۆتۈرسە قوللىماي،
- Q1 P) F5 z- {5 h$ L6 @# jشۇ ھامانلا ئۇنىڭغا تىل سالىمىز پايلىماي،" E$ D1 v8 R; r0 d1 a) o; b
ياتنى دىدۇق<<داموللا>> ياندا تۇرسا تونىماي،4 N7 N4 u0 j* i6 q4 G1 ?
شوڭا نەپنى خەق ئالۇر تەقدىر بىزگە بۇيرىماي،/ n$ t# [- L' v* j2 s% G
تىلىمىزدا گۇياكى ئات چاپتۇرۇپ گەپ تاپتۇق.& ?$ b  g# v8 D5 x9 `" x$ X

( y: M' A( ]+ W3 hئوڭ كۆز يەيدۇ چەپ كۆزنى ئەگەر قاڭشا بولمىسا،8 p2 x+ B& N; X& ?) r$ ]
دوستىمىزنى دوست ساتتى بىركىم نەپتە گوللىسا،/ H& ?1 q* L2 M' Y
ئۆچ كۆرىمىز ھەتتاكى كىمكى ھەقنى قوللىسا،) S6 F: j2 H8 p5 P' e' t6 _
ئەمدى كىمدىن كۆرەتتۇق تالەي قولغا قونمىسا،
0 s% q) K( Q+ Q" e& `0 {كۆزىمىزدىن ئۆزىمىز ياش ئاققۇزۇپ گەپ تاپتۇق.: _# k. H$ {0 z7 {, L6 Q0 P2 z0 P

! z7 Q- m) H: S, ], e3 lكارخانىچى ئىش قىلسا دىدۇق:<<ئىنسان ساختىسى،>>& E6 d# b0 P: }9 M5 p/ P  `7 T
زىيالىنى تىللىدۇق،دىدۇق:<<كىتاپ خالتىسى،>>! q: ]) D( w( z# j7 K* ~4 f, t
دەپ دېھقاننى كەمسىتتۇق:<<دادۈيجاڭنىڭ غالچىسى،>>
, `* r& E8 S- `% f6 I  j+ A0 k* E' Bئارتىسلارنى دىدۇق بىز:<<ئوردا ئۇسۇل-سازچىسى،>>+ C9 Q8 ]6 f1 `. g) G# d
چىڭنى غاجاپ يۇمشاققا چىش پاتۇرۇپ گەپ تاپتۇق.
' [" D0 p- C( F; X
, v# O/ R( h4 i2 k  _0 fبىر بىرىنى چېقىشماس نەشتىرى بار چايانمۇ،
# X; _5 ?: @9 H) ?- ]$ g/ x  d& |  Iزىچ ئورماننى سۇندۇرۇپ قايرىيالماس شامالمۇ،* y4 U! F1 i' t1 ?8 S
ئۇيۇشقاقلىق-دوستلۇقنى تەلەپ قىلدى زامانمۇ،/ S1 @/ w5 u% b# S0 B) {
پېتىمسىزغا سۇئالىم:ئوم ياشىساق يامانمۇ؟
( |/ P; b9 e' N: eنىچۈن تۈنلەپ ئۇخلىماي باش قاتۇرۇپ گەپ تاپتۇق.
" M) M3 b2 D' h: x% P) l# q
. p4 d) P  M/ g2 j; [" fئەي ئوغلانلار ئەمەس بىز قارا تاغدىن-ئاق تاغدىن،
( d/ _8 ]9 \/ B4 Pئاگاھ بولماق ۋاجىپتۇر يامان غەرەز مەككاردىن،% ]8 ~. {' k( ~8 }: k% }- Z- f
ئارىمىزغا نىزانى كىملەر سالدى ئويلانغىن،
$ k" c2 g1 M+ P) w& \! Nھەزەر دوستلار مىڭ ھەزەر!پۇرسەتپەرەس شەيتاندىن،% [2 l' T/ O% T$ F3 o# O
ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز دەرت تاتقۇزۇپ گەپ تاپتۇق. 6 z! j" \9 @9 Q6 V  l! Q  X' p
  `# o3 a- I" P/ ~  y1 `
مەنبە: https://uyghur-archive.com/misranim/forum.ph ... E%D8%AA%DB%87%D9%82& n2 m. w0 p) i8 [/ E/ P% {, M  I
, y; b' Z; Q* R3 Q! D
                    مەن كۆرەي 3 Y# [1 g0 n+ H. E" O
6 Y1 e, E, u7 T  Z) n' M( U0 g& H
          ئەيساجان سەيدى (دەرۋىش)( @7 _% ?% K8 @; P  a" ~& l( [3 l; k

- n7 _6 s/ {. s  t  x$ h( B* \2 E8 G  ^
يۈگرەلمەيدۇ دەپ مىنى ، ئۇچۇپ ماڭغىن مەن كۆرەي . ; T% H4 m$ m  H. m# D
ئات مىنەلمەس دەيسەن ھەم، سەن چاپتۇرغىن مەن كۆرەي،
& a$ a' a: P' H0 d4 A
8 z! a; g$ A! `4 |8 b" Qمىنى لەقۋا گومۇش دەپ ، جاسارەتسىز ھەم ھۇرۇن  ،
/ Z7 q1 i8 j) @- Q  }7 Q" F, pقىنى سەندە پاراسەت ، شاشلىقىڭنى مەن كۆرەي . 5 l. N- L8 d) M4 N& H" a7 p
/ w- @' X! A; y! n# m+ S
ئىش قىلغاننى يېرىم يوللۇق ئاخىرىغا چىقماس دەپ ،
7 G/ B7 ]# Q+ Z: A# {: S2 n0 @مەنزىلىڭگە سەن بۇرۇن يىتىپ بارغىن مەن كۆرەي .
7 T9 P) b# `6 W) }. _
+ A, [& w; c$ c( k! Aسۆزلىگەننى پوچى دەپ ، ھەممىلەردە پو ئاتار ، - w$ y  R$ e+ o# @. s' G
قىنى سەندە سالماقلىق تەمكىنلىكىن مەن كۆرەي . ( U) V3 o6 q7 z! w" R5 i

; y0 T+ P" z$ v( d# @% iكۆچەت تىكسە ئەجىرسىز، بىر مىۋىسىز شاخ بىلىپ ،
6 y  H. S: s- z- \سەن بېغىڭدىن تېتىملىق مېغىز بەرگىن مەن كۆرەي .   A& M2 f7 X/ `

+ j+ P# A8 s% X' H" Tئوخشىتىسەن ئۆزەڭنى گويا تەڭرى تېغىغا
; W  |% T" z; _. u# S4 _ئەل قەلبىدە شۇ تاغدەك ئۇرۇن ئالغىن مەن كۆرەي .
. t. ]) U  C+ c1 n' C8 Z# m' f9 |+ q. K& Z
ھەسەت بىلەن سېخىنى كۆز-كۆز قىلار مېلىنى
) }$ S( K3 L$ r8 Iدەيسەن ، سەنمۇ بارچىگە  مىھىر بەرگىن مەن كۆرەي . & q: \$ b% M" n! A; v  ?: l0 q% {
9 u% R1 z9 `9 E* G
تىكەنلىك بوپ ئۆزگىلەر ئارتۇق ئۆسكەن شۇم بۇيا ،
% _" a* R# \/ x+ }, G& M3 K3 o, Dئەتىر چاچار گۈل قىياق بۇلۇپ ئۆسكىن مەن كۆرەي .
) i; J$ h* l# B9 f7 r, w  q" J: I+ D: t1 V( ^2 f
كەينىمىزدىن سۆزلەيسەن ئۆزگە ئىش يوق كۆڭلۈڭدە ،
) y) n+ X+ n! Eئىزىڭغا باق ھەم ئالغا ، بېسىپ باققىن مەن كۆرەي .8 C7 T* ?) @6 }. a' ~

& Y* i3 a+ _! Uمەنبە: https://uyghur-archive.com/misranim/forum.ph ... 6%D8%B1%DB%95%D9%8A

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
sirikbuya + 10 گەپ تاپارمەنلەرگە قار.

باھا خاتىرىسى

ئابلىمىت ئوسمان(مەرىپەت ئوغلى)

130

تېما

1833

يازما

1963

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 90636
يازما سانى:
1833
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
12932
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
912 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-1-26
ئاخىرقى:
2016-3-20
ۋاقتى: 2016-2-2 20:03:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-4 02:01 AM  
+ Z' i# ]# M* v  j3 k. x0 y. i1 i! q
- p' t  {1 j$ u) }# c. k
% e% k7 x3 J' S
+ N; Q& V, j2 F. W2 k4 b

. H, |- o. s; T6 G
بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىكى ئۇيغۇر شېئىرىيەت شەيدالىرىنىڭ سۇلتانى بولغۇچى ئۇستاز شائىر مۇھاممەتجان راشىدىن ئاتىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك ،قەلىمىگە جاسارەت تىلەيمەن .
9 j1 z4 r) M. ?
تۆۋەندىكى زىيارەت فېلىمىنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ . ئۇستاز شائىر،ئاتاقلىق جامائەت ئەربابى مۇھەممەتجان راشىدىن ھەققىدە تىخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولالايسىز.
( H( r2 U* X' C+ R
- ]6 B% U  A1 n/ n7 v  k; n
* \7 D" o& c) }& d$ R
: w2 a+ t( S* l% L$ S( r+ @- R
مۇھاممەتجان راشىدىن شېئىرلىرى
% K, e& ^  Z/ |8 W

3 Z' k2 b0 O9 l( e  C
& G0 f& p/ x7 t, A1 c! F
ياشاڭ مۇھەممەتجان راشىدىن
ئارزۇگۈل ئ‍وسمان (غۇلجىلىق)
; x/ x4 t* M- z6 h5 |- F9 M& x; D
قەلەم تۇتۇپ بىر ئ‍ۆمۈر راھەتلەرگە باقمىغان،
! ^5 M- A  a2 t2 Lيازغانلىرى بەكمۇ كۆپ دەپتەرلەرگە پاتمىغان، 2 q) R8 Y+ d( u6 D7 _; t' r& u; c
ھەقنى يازدى ،يالغاننى بىر مىسراغا قاتمىغان،
" Y; w5 p+ }5 Wئ‍ەل قەلبىدە كۆكلىگەن مۇھەممەتجان راشىدىن .
* M' t8 q, Q3 U4 i* @
گاھى يازدى دېھقاننى،گاھى يازدى ئ‍ىشچاننى، # h3 H1 X( J- M: `; _! v$ D. g! @/ `
قالدۇرمىدى ھەتتاكى ئ‍ېتىزدىكى بىر داننى،
5 u6 j: W+ I; k3 {& I2 u0 dنەدىن تاپار بىلمىدىم بۇنداق سۈزۈك ئ‍ىلھامنى،
) G1 Q" b, w! ~4 b5 [3 l( [قەلەملىرى ھارمىغان مۇھەممەتجان راشىدىن .

9 C% a; @5 v7 L6 J! C! J8 H: K2 V3 I
يەتتە ياشتىن يەتمىشكە بارچە خەلق تونىغان،
$ o* F% o$ l4 o/ U* G. @شېئىرىنى ئ‍وقىسا قەلپ شۇنچە يورىغان،
+ v4 [( I9 W( ^+ }, ^يات مىللەتمۇ قىزىقىپ بۇ كىم دەپ كۆپ سورىغان ،
- i5 G& Q/ N: D% [' u0 @( Mشائىرلارنىڭ سەردارى مۇھەممەتجان راشىدىن .

+ S- B5 A, `! \0 s" e& s3 eئ‍ۇچرىسىمۇ ناھەققە ھېچ ئ‍ارقىغا يانمىدى، : l0 \  @6 b, N: r( ]) X
مەرتلىك بىلەن ياشىدى ،ھەقتىن پەقەت تانمىدى، 2 w) r  Z# U3 l! K3 l. Z
ئ‍ۇلاشسىمۇ سەكسەنگە شېئىرغا ھېچ قانمىدى،
! ]# N8 X3 M' g5 F& lشېئىرىيەتنىڭ شەيداسى مۇھەممەتجان راشىدىن .

! ]2 [0 q6 q6 f1 @/ Z
شېئىرلىرى ناخشا بوپ يۈرەكلەرگە ئ‍ىز سالدى،! J+ N; R- l" Z
ئۇ يازغان شۇ <سەن يوق>(1)لار ئەل كۆزىدىن ياش ئ‍الدى، 4 j$ g1 o  O( \
ناخشىچىلار ئ‍ېيتقاندا بارچە ئ‍ەللەر تاڭ قالدى،
  m( o+ c$ x: B3 |# \/ \تالاي ناخشا ياراتقان مۇھەممەتجان راشىدىن .
$ r3 i- ~$ m2 B+ `! s0 P; b$ v
<ياشىسۇن>(2) دەپ ياخشىنى ،ئ‍ۆزى شۇنداق ياشىغاي،
% H5 x$ Q4 {8 B: x1 z% c5 Mئ‍ەل قەلبىگە قەلەمدە سۈزۈك سۇلار باشلىغاي،
4 G$ R2 h% \( Z, ?3 C( h0 ?. y# uئۇزۇن بولسۇن ئۆمرى ھەم يۈزگە قەدەم تاشلىغاي،
0 n, @" U" e- Fياخشىلارنىڭ ياخشىسى مۇھەممەتجان راشىدىن .
  |1 r6 P% c% E- K& M( \
ئىزاھات : (1)،(2).ئۇستاز شائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ نادىر شېئىرلىرىنىڭ تېمىسىنى كۆرسىتىدۇ.. `: o" A7 y2 J- W  O# p
http://maripatoghli.yanbilog.com/index.php?mid=370&m=view&id=12499
ئۆزۈم ساقلاپ كىلىۋاتقان ، مەزمۇنى بىر قەدەر مۈكەممەل دەپ قارىغان ئىككى خىل نۇسقىدىكى مۇھاممەتجان راشىدىن تەرجىمھالىنى يوللاپ قويدۇم ، كۆرۈپ بېقىڭلار .) G4 v% b6 |! ~: e8 `1 k, ?, h' d

4 \" ?, V, \8 O. a: u6 e! m2 n
مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ تەرجىمھالى
; e$ I$ B6 s6 a0 B7 {$ V

& E. a/ H9 J6 o$ wخەلقپەرۋەر، ئوت يۈرەك شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن1940- يىلى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئونياريۈزى يېزىسى يۇقۇرى ئونيار كەنتىدە دۇنياغا كەلدى. 1954- يىلىغىچە شۇ يېزىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئوقۇدى. 1955- يىلىدىن 1958- يىلىغىچە ئۈرۈمچىدىكى سابىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېھنىكومىدا ئوقۇدى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، 1965 - يىلى 10- ئايغىچە چاپچال ناھىيەلىك ئۇرۇكچىلىق پۇنكىتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىق ئورۇنلاردا كەسپىي ۋە مەمۇرىي خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. 1968- يىلى 8- ئايغىچە غۇلجا ناھىيە ئونياريۈزى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدى. شۇ يىلدىن تارتىپ تاكى 1983- يىلنىڭ بېشىغا قەدەر مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىراپ تۈرمە ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈردى. 1983- يىلى ئاقلىنىپ چىقىپ، 1989- يىلى 11- ئايغىچە غۇلجا ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ۋە ڭلمىي مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئىشلىدى. 1990- يىلدىن تارتىپ ھازىرغىچىلىك كەسپىي يېزىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە .
- h- x6 h) T7 D1 Jشائىرنىڭ قولىغا قەلەم ئېلىپ ئىجادىيەت سېپىغا كىرىپ كېلىشىگە يۇرتى _ ئونياريۈزى يېزىسى، ئۇيغۇر ئەلنەغمە سەنئىتىنىڭ قايناپ تۇرغان بۇلڭقڭ، ئەنئەنىۋىي مەشرەپ، توي-تۆكۈنلەرنىڭ قايناق سورۇنى ۋە سەنئەت ھېدى پۇراپ تۇرغان ئائىلە موھىيتى سەۋەپ بولدڭ. ئۇ ئۆسكەن مەھەللىلەردە سەھەر ئاخشاملىرى تەسىرلىك كوچا ناخشىلىرى ئۈزۈلمەي ياڭراپ تۇراتتى. ئىزگۈلۈك سورۇنلاردا كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان خەلق قوشاقلىرى ئوقۇلۇپ تۇراتتى. ئۇلاردىكى چوڭقۇر ئىجدىمائىي مەزمۇنلار، گۈزەل قاپىيەلەر ئۇنىڭ ھاياجانلىق قەلبىگە شائىرلىقنىڭ چوغىنى سېلىپ، ئوتىنى ياقتى. ئۇ تېخى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا خەلق قوشاقلىرى شەكلىدە شېئىر يېزىشنى سىناپ باقتى، بىر تەرەپتىن ئۈگۈنىشنى چىڭ تۇتۇپ، زۇنۇن قادىرى، لوتپۇللا مۇتەللىپ، تېيېپجان ئېلىيۇپ، پوشكىن، ھادى تاختاش، ئابدۇللا توقاي.... قاتارلىق شائىر - يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتى. ئۈرۈمچىدە ئوقۇش شائىر ئۈچۈن بىر ياخشى كۈتۈپخانە زىمىنىنى ھازىرلاپ بەردى. ئۇ يەردە چەتئەل شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى بىلەنمۇ تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت يولىنى شەكىللەندۈرۈپ، قېتىرقىنىپ مەشىق قىلىشقا باشلىدى. نەتىجىدە ئىجادىيەتتە ھېچقانداق سېستىمىلىق بىلىم ئالالمىغان بىر ھەۋەسكار يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ يىرىك نامايەندىلىرىدىن بولۇپ قالدى .
7 s- [( o) F( k4 V0 Tشائىرنىڭ ئىلى دەرياسى ناملىق شېئىرى 1958- يىلى 10- ئايدا ئىلى گېزىتى دە ئېلان قىلىندى. شۇندىن تارتىپ 1963- يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا ئىلى گېزىتى ، شىنجاڭ گېزىتى نىڭ ئەدەبىي بەتلىرىدە ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئۈزۈلدۈرمەي ئېلان قىلىنىپ تۇردى. 1966- يىلى شائىرنىڭ ھارماس قەلىمى سول لۇشىئەننىڭ زىيانكەشلىكى تۈپەيلىدىن توپتغرا 17 يىل يېزىشتىن توختاپ قالدى. ناھەقچىلىك، ئۇۋالچىلىق باشقا شائىرلار قاتارىدا ئۇنىمۇ ئۆزى سۆيگەن ئىجادىيەت سېپىدىن چەتكە قاقتى. 1982 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىلا ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ غۇلجا ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى قىلىپ بەلگىلەندى. ئۇ گويا ئۆز شېئىرىدا يازغاندەك قەپەزدىن ئازات قىلىنغان كەكلىك، ئانىسى ئالدىغا يۈگۈرەپ ماڭغان قوزىچاقتەك.... پاك مۇھەببەت، يالقۇنلۇق سۆيگۈ بىلەن ئىجادىيەت سېپىغا سالام دوستلار ، كاككۇك گۈلى ، چال ناغراڭنى شەھەرلەر ، ئېچىۋەتتۇق ئىشىكنى ئۇلۇغ ، مەشرەپ ھەققىدە مۇخەممەس ، كېلىڭ قاتارلىق شېئىرلىرى بىلەن كىرىپ كەلدى .
+ o, w0 m6 g* \* w# \  o+ K2 Y$ Zئۇ شېئىرلىرىنى خەلق ئاممىسىدىن ئېلىپ، خەلقنىڭ قايغۇسىنى، شادلىقىنى، يىغىسىنى، كۈلكىسىنى خەلققە يېقىشلىق، ئاددىي، ئاممىباب تىل بىلەن ئىزھار قىلدى. ئۇ ھەقىيقى خەلق شائىرى بولۇشنىڭ يولىنى ئۇلارنىڭ رىيال ھاياتىنى ھەقىيقى ۋە چىن ھېيات بىلەن كۈيلەشتىن تاپتى. نەتىجىدە ئۇنىڭ ساپ ۋە تەبىئىيلىككە تويۇنغان شېئىرلىرىنى ئىشچىمۇ، دىھقانمۇ، زىيالىمۇ، تۆۋەن قاتلامدىكى ئاددىي ئەمگەكچىلەرمۇ زور قىزىقىش، سۆيۈنىش ئىچىدە ئوقۇيدىغان جانلىق كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇنىڭ رىيال ھاياتقا سادىق قەلىمى تۇرمۇشنى چوڭقۇر، ئەتىراپلىق كۈزۈتىش بەدىلىگە خەلقنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرىدىغان كەۋسەردەك جۇشقۇن مىسرالار ئارقىلىق شېئىريەتنىڭ جىسمىنى يېڭى قان بىلەن تەمىن ئەتتى . # w7 }# M. }; L% f- O  M( l6 u
شائىر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان 40 يىل داۋامىدا1000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، 2 داستان، 20 نەچچە پارچە ھېكايە، 10 نەچچە پارچە ئوبزۇر، 50 پارچىغا يىقىن ناخشا تېكىستى يازدى. پارتىيىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش سىياسىتى شائىرغا گۈللىنىش باھارى ئېلىپ كەلدى. ئۇنىڭ چېچىكى چىرايلىق، مېۋىسى شېرىن ۋە مول ئىجادىيەتلىرى خەلقنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى تويۇندۇردى. نەتىجىدە غۇلجا ناھىيەلىك پارتىكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، 1989- يىلى ئۇنى كەسپىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈردى.بۇ شائىرنىڭ غەيرىتىگە غەيرەت قوشۇپ تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىشىگە تۈرۈتكە بولدى .
- G) g2 U. I/ ]شائىرنىڭ ئىلى دەرياسى جورنىلىغا بېسىلغان ساتىرىلار ناملىق شېئىرلىرى 1990- يىلى 11- ئايدا خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى غا ئېرىشتى. بىز كېلىمىز دۇنياغا دىگەن شېئىرى 1991- يىلى شىنجاڭ گېزىتى تەرىپىدىن 2- دەرىجىلىك مۇكھپاتقا، ئانا تاغلار ناملىق شېئىرى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا سوۋغا تەغدىم قىلىش بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا، شوتا ناملىق ھېكايىسى 1992- يىلى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئەئېزىت ئەدەبىيات سەھىپىللىرىدىكى ئەسەرلەر ئارا 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، تارىم جورنىلىدا ئېلان قىلىنغان جىمى جايدا جاراڭلار يېڭى يىللىق قەدەھ- جام ناملىق شېئىرى 1996- يىللىق خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى غا ئېرىشتى . % {' C0 {! ]3 R: V
شائىر يەنە 1991- يىلى ئىلى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشتە ئالاھىدە تۆھپىكار دىگەن شەرەپ گۇۋانامىسىغا، 1992- يىلى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئۇيغۇر كىتاپخانلىرىنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتىدە كىتابخانلار ياقتۇرىدىغان ئۈچ نەپەر شائىرنىڭ ئالدىنقىسى بولۇپ باھالىنىپ شەرەپ گۇۋانامىسىغا، 1997- يىلى ئىلى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى 2- قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ئوبلاستىمىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشتە ئالاھىدە تۆھپىكار باھالىنىپ شەرەپ گۇۋانامىسىغا، شۇ يىلى 11- ئايدا ئىلى دەرياسى جورنىلى تەرىپىدىن 1987- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە بولغان 10 يىل ئىچىدىكى 10 نەپەر ئىجادىيەت تۆھپىكارىنىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىپ مۇكھپات سوممىسى ۋە شەرەپ گۇۋانامىسىغا، ۋە شىنجاڭ گېزىتى نىڭ 1984- يىلدىن 1996- يىلغىچە بولغان 12يىل داۋامىدىكى مۇنەۋۋەر ئاپتۇر باھاسىغا ئېرىشتى .
) m# _* i/ R+ e. S. Tشائىرنىڭ ھازىرغىچە كاككۇك گۈلى ، يىللار ئىزى ، كۈنلەر ئەلبومى ، ئانا يەر قەسىدىسى ناملىق تۆت شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىندى. ئۆمۈر ئىلھاملىرى ناملىق 5 - شېئىرلار توپلىمى نەشىرگە بېرىلدى. 30 پارچىدىن ئارتۇق ناخشا تېكىستى مۇزىكىلاشتۇرۇلۇپ خەلق ئىچىگە تارقالدى. نۆۋەتتە ئۇ يىرىك ئەسەرلەر ئۈستىدە جاپالىق ئىشلىمەكتە. شائىر ھازىر مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، ئىلى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى .
& l* z% w% D& `

; e, Z' ]: G( C- r+ q3 ?
شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن1940يىل غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئۇنيار يۈزى يېزىسىدا دىققان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجىدا ئوقۇپ تاماملاپ،1956-يىلدىن 1959-يىلغىچە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىدا ئوقىغان،1960- يىلدىن 1968- يىلغىچە مەمۇرى خادىم،تېخنىك،كاتىپ، ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ؛1968 يىلى مەدىنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ناھەق جازالانغان،1982- يىلى ئاقلىنىپ غۇلجا ناھىيەلىك بىرىنجى ئورتا مەكتەپكە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان،1989-يىلدىن بېرى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ كەسپى يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ كېلۋاتىدۇ .
4 O% X- ?( @4 J3 n/ U6 h; H* {مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1958- يىلى <شىنجاڭ گېزىتى>دەئېلان قىلىنغان<ئىلى دەرياسى> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ شۇنىڭدىن تارتىپ شېئىرى ئىجادىيىتىگە كىرىشكەن،بولۇپمۇ 80- يىللاردىن كېيىن بۇ ساھەدە تېز ئېلگىرلەپ خەلقىمىزنىڭ بۈگۈندىكى داڭلىق شائىرلىرىدىن بىرگە ئايلانغان، مۇھەممەتجان راشىدىن ھازىرغىچە <كۆكلەم كۈيلىرى> <سۆي> <كاككۇكۇم><كاككۇل گۈلى> <مەشرەپ ھەققىدە مۇخەممەس> <كۈت> <بۇدۇنيا> <بىھۇدە ئۆتمىگەي يىللار>،<يىللار ئىزى >،<سەن يوق>،قاتارلىق نەچچە يۈز پارچە شېئىرنى ئىجات قىلىپ كىتاپخانلارنىڭ يوققۇرى باھاسىغا ئېرىشكەن، شائىر مۇھەمەتجان راشىدىن شېئىرلىرىدا ھايات ھەققىدىكى پەلسەپەۋى چوڭقۇر پەلسەپەۋى پىكىرلەر ، ھېكمەت دالالەتلەر ئىپادىلەنگەن. مۇھەمەتجان راشىدىن شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن بىر ۋاقىتتا پروزا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇنلىنىپ، بىر قىسىم ھىكايىلەرنىمۇ يېزىپ ئېلان قىلغان. ئۇ يەنە ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەنمۇ شوغۇنلىنىپ<220- مەھبۇس>، <چەتئەل ئەدىب سەنئەتكارلىرى ھەققىدە تىلغا ئېلىنغان ئىشلار> قاتارلىق كىتاپلارنى تەرجىمە قىلدى. - F) w( W# P& a& c  C; d9 @

" x% g3 c. A$ y# i( j+ f' G; bمۇھەمەتجان راشىدىننىڭ ھازىرغىچە نەشىر قىلغان ئەسەرلىرىدىن 3 v; Q7 I3 e( [3 g
< كاككۇل گۈلى > (1986-يىلى، شىنجاڭ ياشلار _ ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى)، <يىللار ئىزى >(1989-يىلى قەشقەرئۇيغۇر نەشىرىياتى ) قاتارلىق شېئىرلار توپلالىرى بار، بىر قىزىم توپلاملىرى كوللىكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۇلگەن ۋە مۇكاپاتلانغان.
) P( D' |& e# y% E/ H0 ], Jمۇھەمەتجان راشىدىن ھازىر ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، جوڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئېلمىي جەمىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچى جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى. 0 J& G- }! o0 p
ئۇنىڭ شېئىرلىرى نوقۇل شېئىر سۈپىتىدىلا ئەمەس ، بەلكى ئۆمەرجان ئالىم ، سەنەۋەر تۇرسۇن قاتارلىق ئەل سۆيگەن ناخشىچىلىرىمىزنىڭ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن بىرىكىپ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب-شىمالىغا تارىغاچقا ، كىشىلەر ئۇنىڭغا قىزىقىدۇ ، ئۇنى چۈشىنىشكە ، بىلىشكە ئىنتىلىدۇ . شۇڭا 1992- يىلدىكى كىتابخانلارنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتىدە ئۇ ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىپ « كىتابخانلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان شائىر » بولۇپ باھالاپ چىقىلدى ، ئۇ بولسىمۇ شېئىرلىرى ئەل قەلبىدىن چۇڭقۇر ئورۇن ئالغان خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر شائىرى مۇھەممەتجان راشىدىندۇر .
8 r& w6 b$ _! o9 n: iگەرچە ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ئەدەبىياتقا ھەۋەس قىلىپ ، شېئىر يېزىشقا قىزىقىپ يۈرگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى . 1950- يىلدىن 1958- يىلغىچە شىنجاڭ يېزائېگىلىك تېخنىكومىدا ئوقۇپ يۈرگەن مەزگىللىرىدە بىر تەرەپتىن يېزا ئېگىلىك بىلىملىرىنى ئۆگەنسە يەنە بىر تەرەپتىن شېئىر يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىپ ، 1958- يىلى ئۆزىنىڭ تۇنجى شېئىرى « ئىلى دەرياسى » نى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلدۇردى . ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچى بولۇپ ، بىر تەرەپتىن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندى ، ئەمما بۇنداق ھايات ئۇزاق داۋاملاشمىدى ، ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەر سەۋەبىدىن تاكى 1980- يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندىلا ئاندىن ئۇنىڭ خىزمىتى ئەسلىگە كېلىپ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىنىڭ يېڭى دەۋرى باشلاندى ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتى 1980- يىللاردىن كېيىن گۈللىنىش باسقۇچىغا كىردى ، بۇ مەزگىللەردە ئۇ بىھۇدە ئۆتكەن يىللارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ، قەلبىگە سىغمىغان ، ئەلەملىك ھېسسىياتىنى كىتابخانلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە ئاجايىپ ئىجتىھات بىلەن قايتىدىن ئىجادىيەتكە كىرىشىپ « مەن كېلىمەن ئىككى كۆزۈم ياش » ، « كاككۇك گۈلى » ، « مەشرەپ ھەققىدە مۇخەممەس » ، « ۋەتەن تاغلىرى » ، « يىللار ئىزى » ، « سەن يوق»، « ئۇمۇ بىر ئانا » ، « كۈتۈشكە يارالغانمەن سۆيگۈمنى » ، « باھار ناخشىلىرى » قاتارلىق كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان كۆپلىگەن لىرىكىلارنى يازدى . ئۇنىڭ شېئىرلىرى ۋەتەنگە ، خەلققە ، تەبىئەتكە، ئانىغا ، ھاياتقا ، ياخشىلىققا بېغىشلانغان بولۇپ ، بۇنداق مۇھىم ئەنئەنىۋى ، مەڭگۈلۈك تېمىلاردا يېزىش ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە ئىزچىللىق ۋە بىر خىل ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈردى . شائىر ئاشۇ ئالاھىدىلىكلەرنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ ، شېئىرلىرىدىكى پىكىر ، مەزمۇنىنىڭ يېڭى ، چۇڭقۇر ، ئوبرازلىق ، جەلپكار بولۇشىغا ۋە بۇ مەزمۇنلارنى ئاممىباپ ، يېقىشلىق ، يەڭگىل قىلىپ ئىپادىلەشكە كۆڭۈل بۆلدى ، شۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى ناخشا تېكىستى قىلىپ تاللىنىپ ، جەمئىيەتتە زور تەسىر قوزغاپ ، گويا خەلق ناخشىلىرىغا ئوخشاشلا خەلق ئارىسىغا سىڭىپ كەتتى . ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئۆمەرجان ئالىم ، سەنەۋەر تۇرسۇندەك ناخشىچىلارنىڭ داڭق چىقىرىشىغا ، پەرھات ئابىت چوغلاندەك مۇزىكانتلارنىڭ ئىلھام پىلتىسىغا ئوت ياققانلىقىنىڭ ئۆزىنىلا ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ .
+ t9 q6 a2 P$ }# Q- G5 h! Jمۇھەممەتجان راشىدىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەسەر مەزمۇنىغا قىزىقىشتەك كىتابخانلىق ئادىتىگە تازا ماس كەلتۈرۈپ شېئىر يازىدىغان ، شۇنداقلا ئۆزگىچە كۆزىتىش ، پىكىر قىلىشقا ماھىر ، ھايات ھەققىدىكى ئويلىنىشلىرىنى شېئىر قىلىپ يېزىشقا ماھىر شائىر بولغاچقا ئۇنىڭ شېئىرلىرى يېڭىدىن يېڭى پىكىر مەزمۇنلارغا ئىگە بولۇپ كەلدى ، ئۇنىڭ شېئىرلىرى دىداكتىكىغا ، ھايات ھەقىقەتلىرىگە ، تۇرمۇش تەجرىبىلىرىگە ئىنتايىن يېقىن بولۇپ ، مەزمۇنى مول ، رەڭگارەڭ ، ھەر بىر شېئىردىن بىر ھېكمەت ئۇرغۇپ تۇرىدۇ .مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىنى ئۇنىڭ ئىجادىيەت دەۋرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ۋە دەۋر ئېقىمى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا شېئىرلىرىنىڭ مەزمۇنىنى بىر نەچچە قاتلام بويىچە تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ .2 d. N9 O6 @* x4 e! T$ U
1980- يىللاردا ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولۇپ « سولچىللىق » نىڭ قالدۇرغان جاراھەتلىرى ئاستا-ئاستا ساقىپ ۋە ساقىشقا يۈزلىنىپ ، دەۋر تەرەققىي قىلىپ ، ئەركىن ، گۈزەل، بەختىيار ھايات بارلىققا كەلدى . دەۋرنىڭ ئېقىمىغا ئەگىشىپ، دەۋرنىڭ ئەۋزەللىكىنى مەدھىيلەيدىغان ، دەۋرگە يانداش ئىلغار پىكىردىكى نۇرغۇن ئېسىل ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى ، بۇ خىل ئەسەرلەرنى تەتقىقاتچىلار « ئىجتىمائىيەت » ئەسەرلىرى دەپ قاراپ باھا بەردى . چۈنكى بۇ خىل ئەسەرلەر جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ ، بۇ خىل ئەسەرلەردىن كۈچلۈك دەۋر پۇرىقى كېلىپ تۇرىدۇ .
' t3 M( F5 S. X! g: N( |بۇ خىل ئەسەرلەردە جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ، ھەل قىلىنغان ياكى ئاپتورنىڭ شۇنىڭغا قارىتا باھاسى بېرىلگەن بولىدۇ . مۇھەممەتجان راشىدىن « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » مەزگىلىدە ئېغىر ئازابلارنى تارتقان ، ئۆلۈم گىردابىدىن قايتىپ كەلگەن شائىر ، بۇنداق سەرگۈزەشتىگە ئىگە شائىرنىڭ يېڭى دەۋردىن ، يېڭى دەۋر ئاتا قىلغان ئەركىن بەختىيار ھاياتتىن شادلانماسلىقى ، قەلبىنىڭ لەرزىگە كەلمەسلىكى مۇكىن ئەمەس . شۇڭا ئۇنىڭ شېئىرلىرىغىمۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئۆزگىرىشلەر ئۆز تامغىسىنى باسماي تۇرالمىدى . مۇشۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى دەۋر روھىنى نامايان قىلىدىغان ئىجتىمائىيەت تېمىسىدىكى شېئىرلار ئىگىلىدى . ئۇنىڭ 1980- يىللارنىڭ بېشىدا يازغان « مەن كېلىمەن ئىككى كۆزۈم ياش » ، « سا- لام دوستلار » ، « كاككۇك گۈلى » قاتارلىق شېئىرلىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالى .

0 h) H( y3 H% D+ a- S0 a
ئايرىلغاننى قايتا قوشقان دەۋر كەلدى ،
' C" _: i% l) k# x% Rسالام دوستلار يەنە كەلدىم ئاراڭلارغا .
+ m2 A, m' f' z9 W" }مەرىكەڭلەرنىڭ بىر چېتىدە ئۈن قاتىمەن ،
1 W) |8 i$ `; p& b3 C, B; X1 g/ Rسىلەردىكى يېڭى سۆھبەت پاراڭلارغا .
/ D+ @  }  C. N: J: U
« مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » نى باشتىن كەچۈرگەن شائىر 1980- يىللارنىڭ باشلىرىدىكى ئىجادىيىتىنى ئاساسلىقى ئاپەتلىك يىللار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشتىن باشلاپ ، ئاپەتلىك يىللارنىڭ جاراھەتلىرىنى ئېچىپ بەرگەندىن باشقا يەنە ئۆزىنىڭ ھاياتقا بولغان قىزغىن ئىتىلىشىنى ، ئۈمىدىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولغاچقا ، ئۇنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ ، خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان ، كىشىلەر قەلبىدە ھاياجان پەيدا قىلالايدىغان ئىجتىمائىي تېمىدىكى شېئىرلارنى كۆپلەپ يازدى . ئۇنىڭ ئەل ئارىسىدا كەڭرى تارقالغان «بۇ دۇنيا» ، «بىھۇدە ئۆتمىگەن يىللار» ، «بۇ تۇرمۇش» ، «ھايات دېگەن مانا شۇ» ، «خۇراپات» ، «يوقاتتىم» ، «دوستلارغا» قاتارلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ دولقۇنلۇق قايناملىرىغا بېغىشلانغان ، ھايات ھەقىقەتلىرى مۇجەسسەملەنگەن لىرىك شېئىرلىرى خەلق كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرنى دەل جايىدا ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى بىلەن قىممەتلىك ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىجتىمائىيەت تېمىسىدىكى شېئىرلىرى پەلسەپىۋىلىككە تويۇنغانلىقى بىلەن گويا ماقال-تەمسىللەردەكلا خەلق ئارىسىغا سىڭىپ كىرىپ ، كىشىلەرگە ھايات يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ھەم شۇ سەۋەبلىك ناخشا قىلىپ ئوقۇلغان .
: C1 o( t' g! T6 S8 N# ~
سۆيەلمەيدۇ ھاياتنى ئۆز ئۆيىنى سۆيمىگەن ،
3 E7 d; y6 C3 z+ d* vسۆيەلمەيدۇ ۋەتەننى ئائىلىگە كۆيمىگەن . & U, g3 G" D. g  S' J
شۇ سۆيگۈدىن مەھرۇملار نەدە ياشاپ گۈللىگەن ،
; H  I/ ]) j& X* T  P5 T% iگۈللىمىگەن ھويلىدا نەدە كەپتەر ئۈنلىگەن ؟ 5 E( |8 W+ B3 n
مەيلى سۇلسۇن ، كۆكلىسۇن ئۆز نامىڭدۇر ئائىلەڭ .

& b$ M4 d5 x8 r1 f4 a7 iئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بۇ شېئىرىدا شائىر ئائىلە ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ناھايىتى قايىل قىلارلىق مىسرالار «مۇھەببەت ئۇلۇغ بىر مەكتەپ» ناملىق كىتاب ئارقىلىق ئىپادىلەپ ، سوتسىيالىستىك يېڭى دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ ئائىلە قاراشلىرىنى نامايان قىلدى . ئۇنىڭ ئىجتىمائىيەت تېمىسىدىكى شېئىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تېما جەھەتتىن كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان پۇل ، يىللار ، ھايات ، كىشىلىك مۇناسىۋەت ، ئائىلە ، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق- تۇغقاندارچىلىق قاتارلىقلارغا بېغىشلانغان بولۇپ ، شائىر بۇ خىل مەزمۇندىكى شېئىرلىرى ئارقىلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى كىشىلەر ئۇششاق ھېسابلايدىغان ، ئەمما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە ھاياجانلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ ، ئۇ مەسىلىلەرگە ھېسسىيات ئارقىلىق ئەمەس ، بەلكى ئەقىل ئارقىلىق جاۋاپ بېرىپ ، شېئىردىكى ھېسسىيات بىلەن ئەقىلنى ناھايىتى ياخشى گىرەلەشتۈرگەن .

- T" h% Z; v% K0 L/ W2 V
يامان بولساڭ ياقاڭ بىر كۈنى ،
) d& |7 ]7 v/ ^3 Z  o; i+ y( @0 E( y+ \يىرتىلىدۇ كىشى قولىدا . $ ]. ?# ], z$ i' h: P
ياخشى بولساڭ بېرەركەن سالام ،
; j! o5 C: w3 q* H& x4 O* gئۇچۇرغانلار بازار يولىدا .
& _9 [* G. o0 y: D* Y, q' d7 T+ k/ E& `" {" Z1 M% c
شۇ تەرىزدە بارىدۇ ھايات ، . z5 Y# E2 Q1 i0 d& f  l
ياخشى بىلەن يامان ئارىلاش .
% y, H! f& L* [2 Xئۇغۇ مەيلى ئۇنتۇلغاي قانداق ،
* M- A' b& ^8 Q$ |ياخشىلارنى ياۋ دەپ قارىلاش .
5 v  ?4 p/ v, h4 d9 [
شائىر بۇ شېئىردا ھاياتلىق سەپىرىدە بىزگە ھەمىشە ئۇچراپ تۇرىدىغان ، ياخشى بىلەن ياماننى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇپ ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ توغرا يولى ھەققىدە ئەقلىي يەكۈن چىقارغان .
  x& n0 x$ Q4 ]; {* a& D; Fشائىر يەنە ئۆز شېئىرلىرىدا مائارىپ ھەققىدىمۇ توختىلىپ خەلقىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان مائارىپنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد ، ئىشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە مائا- رىپتا ساقلىنىۋاتقان ئىللەتلەرنى كۆرسىتىپ بېرىپ ، مائارىپنىڭ ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى ، ئەگەر ئىللەت تۈزەلمىسە مىللەت تۈزەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن .
, q  ]2 f, o4 q. u- k% H' aشائىرنىڭ 1980- يىللاردىن باشلاپ نەشىردىن چىققان «كاككۇك گۈلى» ، «يىللار ئىزى» ، «كۈنلەر ئالبومى» ، «ئانا يەر قەسىدىسى»، «ئۆمۈر ئىلھاملىرى» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ، شائىر شېئىرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىجتىمائىيەت تېمىسىدىكى شېئىرلار ئىكەنلىكىنى بايقايمىز . شائىرنىڭ بۇ خىلدىكى شېئىرلىرىنىڭ تېمىسى يېڭى ، خىلمۇ خىل ۋە خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر يېزىلغان .
2 c1 P& e6 B& s' W, R3 M7 _
(1) شائىرنىڭ ئەخلاق تېمىسىغا بېغىشلانغان شېئىرلىرى :
# F6 l2 u2 C8 ?; M9 E2 V) m7 A5 b# f
ئەخلاق تېمىسى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇھەببەت تېمىسىغا ئوخشاشلا مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى ، گەرچە ئەخلاق تېمىسىدىكى شېئىرلار مۇھەببەت لىرىكىلىرى ۋە ساتىرالارنىڭ مەزمۇنى بىلەن تۇتۇشۇپ كەتسىمۇ ، ئەمما شائىرنىڭ ئەسەرلىرى ئەخلاققا بېغىشلانغان تېمىلارنىڭ روشەنلىكى بىلەن گەۋدىلىك . بۇ يەردە بىز دەۋاتقان ئەخلاق شائىرنىڭ ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەش ، دېھقانلارنى ھۆرمەتلەش ، دوستلۇقنى قەدىرلەش ، ياشلىقنى قەدىرلەش تېمىسىدىكى شېئىرلار بولۇپ بۇخىل شېئىرلارمۇ شائىرنىڭ ئىجادىيىتىدە ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ . بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئانىغا بېغىشلانغان «سەن يوق» ، «قانداق قىلارمەن» ، «مەن يوق» ، «دوستۇم دېمەڭ» ، «يىغلاپ قايتتىم قەبرەڭدىن ئانا» ، «دوستلارغا» ، «ئون سەككىزدە ماختانما يىگىت»، «داداڭدىن ئازمىغىن ، يولدىن ئازساڭمۇ»، «دېھقىنىم» قاتارلىق شېئىرلىرىدا كىشىلەرگە ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇش ، ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەش ، ياشلىقنى قەدىرلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ كىشىلىك قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىجتىمائىيەت مەزمۇنىدىكى شېئىرى ئىچىدە ئانىلارغا بېغىشلانغان شېئىرلار ئەڭ كۆپ بولۇپ :

  D2 Q* `8 b0 v- u$ lئانا دېگەن ئالتۇن تېغىمىز ،
( x, Z+ {5 t6 H& F8 _: T$ F, Eئانا دېگەن راھەت بېغىمىز . 9 Z0 B, D# M! w' {$ ]7 |! _0 `
ئانا كەتتى كۆز يۇمدى ئامەت ،
: F6 |. z+ f5 M; \  S& X- Mبىللە كەتتى پالۋانلىقىمىز .
- y# W8 N" p8 W4 g! N, w) @$ B
دېگەن مىسرالىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئانىلارنى شۇنچىلىك ئۇلۇغلايدىغانلىقىنى ئەمەلىي قەلب ھېسسىياتى ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ .
! y9 }- q) u5 r; w& y3 X
(2) شائىرنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرى :

( y' h. U4 t6 \1 p+ Uمۇھەببەت ئىنسان ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تېما . شۇڭا مۇھەببەت لىرىكىسى يېزىش توسۇۋالغىلى بولمايدىغان تېما . شائىر مۇھەممەتجان راشىدىنمۇ بۇ خىل تېمىلاردىن چەتنەپ كېتەلمىگەن . بولۇپمۇ ئۇنىڭ قىز-ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى گۈزەل ۋە ساپ مۇھەببەتكە بېغىشلانغان لىرىكىلىرى كىشىنى كۈچلۈك ھاياجانغا سالىدۇ شائىرنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرىنىڭ باشقا شائىرلارنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرىدىن ئالاھىدە پەرىقلىنىدىغان تەرىپى شائىر مۇھەببەتنى ۋاپا ، ساداقەت ئۈستىگە قويۇپ تەسۋىرلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزى ياخشى كۆرگەن تەرەپنىڭ قىلىقى ، ھەرىكىتى ، بىرەر گەپ-سۆزى ، ھەتتا ئۇنىڭ يازغان خەتلىرىدىكى گۈزەللىكنى مەدھىيىلەپ ، بۇ ئارقىلىق سۆيگەن يارىنىڭ قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى ، مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلىقىنى بىلدۈرىدۇ . شۇڭا ئۇنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرىمۇ باشقا ھايات توغرىسىدىكى لىرىكىلارغا ئوخشاشلا ئەل ئارىسىدا تېز تارقىلىپ ، ناخشا قىلىپ ئوقۇلۇپ ، خەلق قوشاقلىرىدەكلا قۇلاققا سىڭىشلىك بولۇپ كەتتى . ئۇنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر پىشقەدەملىرى ۋە ياشلىرىغا يادا بولۇپ كەتكەن «ئۆز يارىڭ» ناملىق شېئىرى ئۇنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرىنىڭ جەۋھىرى دېيىشكە بولىدۇ .

0 \3 c2 C! A% o; Z6 O" h% j8 Dيۈگۈرۈپ چىقار ئالدىڭغا قايتىپ كەلسەڭ سەپەردىن ، ( B  N$ V" U  o' q7 D
ئېسىلىدۇ بوينۇڭغا ، ئامان قالساڭ خەتەردىن . 3 q& X4 U+ m4 f' s# X
يامان كۈن يوق ئالەمدە يارسىز يالغۇز ئۆتەردىن ، . G. W6 M: ]2 f  l8 M
تۈنەپ چىقار سەن بىلەن ئەسكى تامدا ئۆز يارىڭ .
9 H: I7 V8 j  V1 r+ ~6 N
jشائىر سەككىز كۇبلىتلىق بۇ شېئىرىدا ھەرگىزمۇ يارنىڭ گۈزەل قامىتى ، كېلىشكەن تەقى تۇرقىنى مەدھىيىلىمەيدۇ . بەلكى سۆيگەن يارىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى ، ئالىيجاناپ خىسلىتى ، كەڭ قورساق ، ئىشچان خۇي-پەيلىنى مەدھىيىلەپ رېئال تۇرمۇشتا ئازغان ، ئېزىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلارغا ناھايىتى ياخسى بىخەتەرلىك سىگنالى بىرىدۇ . / n1 n: E, p4 n. Q, v
جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا شائىرنىڭ بۇ شېئىرى نۇرغۇن پارچىلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئائىلىلەرنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇۋالغان ، نۇرغۇن ئائىلىلەرگە ئىناقلىق-ئىتتىپاقلىق ، بەخت ئېلىپ كەلگەن ، چۈنكى شائىر «باي بولغاندا ياتقۇزۇر ئاۋال سېنى گىلەمگە ، تولغىنىسەن راھەتتە ئويغاتقاندا ئۆز يارىڭ» دەپ يېزىپ ھاياتنىڭ ئەڭ شېرىن لەززىتىنىڭ پەقەت ئۆز يارىنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئەمەسمۇ ؟ بىر قارىماققا بۇ شېئىر ئاياللارنى مەدھىيىلىگەندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما بۇ يەردە شائىر تىلغا ئالغان «ئۆز يارىڭ» نىڭ جىنس چىگرىسى يوق ھەم بۇ شېئىر ئۆز ئىچىگە ئالغان ھايات ھەقىقەتلىرىنىڭ موللىقى بىلەن شائىر تېيىپجان ئېلىيېفنىڭ «تۈگىمەس ناخشا» سىدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە ئېسىل مۇھەببەت لىرىكىسىغا ئايلىنالايدۇ . 5 r* T) ]$ @) A6 s$ K1 W5 _
شائىرنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرى باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئۆز لىرىكىلىرىدا ھەرگىزمۇ بىۋاستە سۆيگۈ دەۋاسى قىلمايدۇ ، بەلكى تۇرمۇشتىكى كىشىلەر دائىم دۇچ كېلىپ قالىدىغان ھىجران ، سېغىنىش ، ئەسلەش ، ھەتتا سۆيگۈ خەتلىرىنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ ھاياتتىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇھەببەتنى كۈيلەيدۇ .
; G! [& T( b0 c$ v+ |/ f" `) o; l/ T
ھەر تاڭنى تاڭ دېمەيمەن دىدارىڭسىز ، 7 H& e3 ~8 {3 x( }5 A8 D
سېنىڭسىز نەدە ئۇپۇق قىزارغان بار . * N. r, p% r# m1 u3 J& a8 I
يۈرمەي مەندە نە يۈرسەم خۇمارىڭسىز ،
; u9 X! H; m& u5 e( B) Aسېنىڭدەك نەدە ماڭا قەدىردان بار .
; M; l5 I5 D3 c5 ^+ T6 k4 m
شائىر مۇھەببەتنى ، سۆيگەن يارىنى ئۇلۇغلاپ «سېنىڭسىز نەدە ئۇپۇق قىزارغان بار» دەپ ئۆزىنىڭ سۆيگىنىگە بولغان قىزغىن مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىپادىلىسە ئاخىرىدا يەنە «سەن بىلەن تەشۋىشىم يوق ئاپەتتىنمۇ» دەپ يېزىپ ئۆزىنىڭ يار بىلەن بىللە بولۇشقا ئىنتىلىشتەك چەكسىز ئىستىكىنى يازىدۇ .
. r1 ^  F  v: H6 t4 Hشائىر ئۆز لىرىكىلىرىدا مۇھەببەتنى ھەرگىزمۇ يىغلاڭغۇلارنىڭ كۆڭۈل ئىزھارىغا ياكى ئاجىزلارنىڭ نىداسىغا ئايلاندۇرۇپ قويمايدۇ ، بەلكى ھەر بىر لىرىكىسىدا ئۆزىنىڭ يارىنى ، ھاياتىنى ، ئۆمۈرنى ، مۇھەببەتنى ئۇلۇغلايدىغانلىقىنى ، ھاياتتا مۇھەببەتكە دادىل يۈزلەنگەندىلا ئاندىن ھەقىقىي ۋىسالغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى يازىدۇ .
, z9 J+ P' V1 h6 n/ }- s3 G% z5 zشائىرنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرىدىكى يەنە بىر ئۆزگىچىلىك شۇكى، ئۇ مۇھەببەتنى ياشلىق بىلەن ، ھايات ، ئۆمۈر بىلەن زىچ باغلايدۇ ، مۇھەببەتنى قەدىرلەشنىڭ ئۆمۈرنى قەدىرلىگەنلىك بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى يېزىپ ، مۇھەببەتنى تۇرمۇش بىلەن چەمبەر چاس باغلاپ ئىنتايىن كۈچلۈك پەلسەپىۋى مەنە چىقىرىدۇ .
  A0 n( @# @' Q
كەلسەڭ ئەگەر بۈگۈن كەل يارىم ،
3 s+ R, \+ |/ D6 L7 X. Tتاڭلا كەلسەڭ بۇ چىرايىم يوق .
' F6 E' E. A' Z1 zئۆمۈر قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ ،
  h0 ^# O. O6 e2 ~2 E2 C! b- pياشلىق دېگەن بىزگە دائىم يوق .

! i( U1 O: l1 b/ s+ U* b9 t4 yمانا مۇشۇ بىر كۇپلېت شېئىردىنلا بىز شائىرنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ئېنىق چۈشىنىپ يېتەلەيمىز . بەزىلەرنىڭ نەزەرىدە بۇ شېئىر «ئادەم قېرىغاندا مۇھەببەت بولمايدىكەن » دېگەن تۇيغۇلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ، ئەمما بۇ شېئىرنى قايتا-قايتا ئوقۇساق ئاندىن شائىرنىڭ يالغۇز ئۆمۈرنىلا ئەمەس ، ئۆمۈرنىڭ گۈل تاجىسى بولغان ياشلىقنى قەدىرلەشنىڭ زۆرۈرلىكىنىمۇ قەيت قىلىپ ئۆتكەن .
6 v) P" D& k" v5 rشائىرنىڭ 1960- يىللاردا يازغان شېئىرلىرى بولسۇن ياكى 1980- يىللاردا يازغان شېئىرلىرى بولسۇن قايناق ھېسسىياتنى ئويناق تىل بىلەن ئىپادىلىگەنلىكى بىلەن قەدىرلىك ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ 1990- يىللارغا كەلگەندە يېزىلغان شېئىرلىرى تېخىمۇ پىشقان ، پاساھەتلىك مىسرالىرى بىلەن كىشىنى ئۆزىگە تارتىدۇ .
+ B5 U3 J2 f/ \3 y% Q

2

تېما

31

يازما

33

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 103612
يازما سانى:
31
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
268
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
109 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-2-15
ئاخىرقى:
2016-2-12
ۋاقتى: 2016-2-2 21:33:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئادەم ماتېماتىكىنى چۈشەنمەيدۇ، فىزىكىنى چۈشەنمەيدۇ، ئەمما «مەن چۈشەنمەيمەن، شۇڭا سىلەرمۇ مەن چۈشەنمەيدىغان نەرسىلەر بىلەن شۇغۇللانماڭلار» دېسە بىر بىمەنىلىك بولغاندەك، ئۆزى چۈشەنمەيدىغان ئەركىن شېئىرلار ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرمىسە بولاتتى. يېڭىچە شېئىرلار ئىچىدە ھەقىقىي تالانت ئىگىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بەكلا ياخشى بولۇپ، قاتمۇ ـ قات مەنا قاتلاملىرى بولىدۇ. بۇنداق شېئىرلارنىڭ ئالدىدا قاتلىمى يوق يۈزەكىي شېئىرلار بىر گەپ تىزمىسىدەك چانىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ ئادەمگە سالامەتچىلىك، ئاسايىشلىق تېلەيمەن.

يىراقنى كۆرگۈم ب

60

تېما

981

يازما

1041

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 68
يازما سانى:
981
نادىر تېما :
1
مۇنبەر پۇلى :
21978
تۆھپە :
582
باھا :
521
توردا:
3655 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-5-20
ئاخىرقى:
2016-3-28
ۋاقتى: 2016-2-2 22:54:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىمىزنىڭ ئۆمرىگە ئۇزۇن ئۆمۈر ،تىنىگە سالامەتلىك تىلەيمىز

0

تېما

64

يازما

64

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 131599
يازما سانى:
64
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
146
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
43 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-12-4
ئاخىرقى:
2016-3-2
ۋاقتى: 2016-2-2 23:02:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسرانىم ئەپەندىمنىڭ بۇ زىيارىتىنى  ئەھمىيەتلىك بولغان زىيارەت دەپ  ئويلايمەن .مىسرانىم ئەپەندىمگە كۆپ رەھمەت.
* L3 i7 N" w8 H% `, |مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ناخشا قىلىپ ئوقۇلغان  شېئىرلىرى قايسىدۇر ھېچ قىلىپ ئەسلىيەلمىدىم.

5

تېما

1500

يازما

1505

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 111898
يازما سانى:
1500
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3548
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
1797 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-12-19
ئاخىرقى:
2016-3-31
ۋاقتى: 2016-2-2 23:40:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hadrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-11 07:07 PM  
+ Q# a+ k6 u8 W$ W' k8 ~% R6 G% \+ Q4 k3 \# L4 S; R
م.راشىدىن ئاكىمىزنىڭ تىنىگە سالامەتلىك،ئائىلىسىگە بەخىت،ئىشلىرىغا بەرىكەت ئاسايىشلىق ھەم ئۈزۈن ئۇمۈر تىلەيمەن ھەم تىلەيمىز.
يىللار قەسىدىسى# n( H- D- O5 H9 }4 l; Z; @
( o1 J4 a  p' `! L( Y3 ^% ]# }, P
( @! h! c) [8 p6 g& \/ f9 Z
- ~" T. o, x- h; o

7 D( \% m! Q& p

ياخشىلىق قىل قولۇڭدىن كەلسە !!!

0

تېما

42

يازما

42

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 135145
يازما سانى:
42
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
315
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
186 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-1-15
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-2-2 23:56:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىمىزنىڭ  كىسىلىنىڭ تىزراق ساقىيىپ كىتىشىنى تىلەيمەن.ھەمدە،ئۆمرىگە بەرىكەت ، ئائىلىسىگە شاد-خواراملىق ، پەرزەنتلىرىگە ئامان-ئېسەنلىك  يار بولغاي

37

تېما

2840

يازما

2877

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 112242
يازما سانى:
2840
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
7040
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
1734 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-1-2
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-2-3 08:43:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ شېئىرلىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن …

.

8

تېما

664

يازما

672

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 74080
يازما سانى:
664
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
6459
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
1135 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-1-27
ئاخىرقى:
2016-2-12
ۋاقتى: 2016-2-3 09:16:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Factor يوللىغان ۋاقتى  2016-2-2 09:33 PM8 M3 P& Q+ o6 H( n( Q" a3 i
بۇ ئادەم ماتېماتىكىنى چۈشەنمەيدۇ، فىزىكىنى چۈشەنمەيد ...

& e, U# I6 c! C8 Iماتېماتىكا ۋە فىزىكىنىڭ شېئىر بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ تايىنلىق يەنە ئۇلاپلا «بۇ ئادەم دوختۇرلۇقنى بىلمەيدۇ، ئۇچقۇچىلىقنى بىلمەيدۇ، بوكسچىلىقنى بىلمەيدۇ ....» دېگەندەك گەپلەرنى دەپ دەلىل كەلتۈرمەپسىز؟؟؟!!!1 t7 C  K$ w+ \& ~
خۇدايىم توۋا، يوق يەردىن گەپ تېپىپ شۇنچە ئېسىل شائىرىمىزدىن گەپ تاپىدىغان، قۇسۇر تاپىدىغان ئادەملەرمۇ بولىدىكەن. خۇددى تۆۋەندىكى تېمىدا دېيىلگەندەك.
; ~; f) o8 O8 B  p, S* f1 m
2 U2 B  N3 P; U$ ]( X# rhttps://uyghur-archive.com/misranim/thread-147028-1-1.html

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-1 04:15 PM, Processed in 0.166005 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش