بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نۇراخۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-7 01:30 PM
ئوت كۆيگەندەك گوياكى تۆمۈر مەشتە،
شېئىرىيەتكە قىزىق ئوت بار مەندە .
يالقۇنجاپ ئەۋجىگە چىقىدۇ گاھى،
شائىرلارنىڭ شېئىرىنى كۆرگەندە.
شېئىرىيەت يولىدا ماڭاي دەپ كۈندە.
ياتىمەن گاھىدا يەتتە خۇپتەندە.
مەنزىلگاھىم تېخى يىراقتۇر، ئەمما
ماڭىمەن جان ئامان بولسىلا تەندە.
مەقسەتنى شېئىرىي ئىپادىلەشكە،
تىرىشىمەن خەت يازغاندا ئادەتتە.
يارىسا دوستلارغا بىر كۇپلېت شېئىر،
خۇشلۇقتىن ئۇچىمەن پەرۋاز قىپ كۆكتە.
شېئىر-قوشاق يازالمايتتىم دەسلەپتە،
ئوت يۇقتى دوستلاردىن مۇشۇ مۇنبەردە.
ئۇلاردىن ئىلھام ئېپ خېلى تىرىشتىم،
كەچ يېتىپ، ئويغىنىپ يەنە سەھەردە.
روھلىنىپ كېتىمەن گاھى بۆلەكچە،
سىز كەبى تورداشلار ئىلھام بەرگەندە.
ھەقىقىي شائىردەك يازالمىساممۇ،
لېكىن مەن شېئىرغا ھەۋەسكار بەندە.