مىسرانىمدا بىر كۈن
مىسرانىم ئېلىدە بولغان شۇنداق كۈن،
(قايسى كۈن ئېسىمدە قالماپتۇ ئېنىق)
پەقەتلا ئېسىمدا Idrisjan شۇ كۈن،
ساتقىنى ئېسىمدە سۈت، قايماق، قېتىق.
Padixah سەلتەنەت كىيىملەر بىلەن
ھەيۋىدە تەختكە كېلىپ ئولتۇرۇپ.
كۆزىدىن ئۆتكۈزۈپ ئوردا ئەھلىنى،
گېپىنى باشلىدى يۆتىلىپ قويۇپ.
«ئاڭلىسام Alimjan كاۋا تېرىپتۇ،
"ئوخشاپتۇ" كاۋىسى tarim سۈيىدە.
قېنى كىم ئۇنىڭدىن سۇ پۇلى ئالدى؟
ياردەمنى كىم قىلدى koklam پەسلىدە؟
شۇھامان جانابى yilan ئەپەندىم،
گېپىنى باشلىدى پۇشۇلداپ تۇرۇپ.
«-كاۋىنى تىرىشتا ياردەمدە بولدۇم،
چاشقاننى يوقاتتىم مەيدەمگە ئۇرۇپ»
نىسەۋەپ بولدىكىن ھىچكىم بىلمەيدۇ،
hapilik گەپ بۆلدى تەرىنى تۈرۈپ.
«مەنمۇ ھەم بۇ ئىشقا ھەمدەمدە بولدۇم،
ئىشىمنى xahsanam تۇرۇپتۇ كۈرۈپ...»
بەزىلەر ھېچ ئىشتىن خەۋەرسىز تۇرۇپ،
تالىشىپ قېلىشتى ياردەم قىلغاننى.
چۈشۈنۈپ يەتكەچكە پايدا يېتىشنى
بولۇپمۇ كاۋىنىڭ «داڭدار» بولغاننى
ئوردىنىڭ ئىچىنى تىترىتىپ ئۆتتى،
ياردەمنى كۆپ قىلدۇق دىيىشكەن چوقان.
خەۋەرنى يەتكۈزگەن ئوردا alqi سى،
بىر ياقتا تۇراتتى كۈلۈپ خىرامان.
پاتپاراق ئاۋازنى ئاڭلىغان jallat
kiliqni نى تۇتقانچە ئوردىغا كىردى.
kaqmixim شۇ ھامان jallat نى توسۇپ،
umid كە كاۋىنى ئەكىرىڭ دېدى.
ۋەزىرلەر، نۆۋكەرلەر كاۋىنى كۆرۈپ،
كۆزلىرى چەكچەيدى پۇتتا جان قالماي.
كۆرگىنى ئوخشىغان كاۋا بولماستىن،
تۇخۇمدەك چوڭۇپتۇ، ئۇسسۇلۇق قانماي.
tomuquk ئەھۋالنى كۆرۈپ شۇ ھامان،
ئۇلارنى بۇ ھالدىن قۇتقۇزماق بولۇپ.
كۈلكىلىك نەزمىدىن بىرنى ئوقۇدى،
بۇ ھالدىن ئاجايىپ ئىلھامغا تولۇپ.
muslina بوش كەلمەي داۋام ئەيلىدى،
نەزمىنى تولۇقلاپ، سازنىمۇ چالدى.
Kapsiz kiz، larzan نى ئۇسۇلغا تارتىپ،
ئۇسۇلغا چۈشۈشتى، ئوردا جانلاندى.
ئەزىز تورداشلار: مۇنبەردە 10 مىڭدىن كۆپ ئەزا بار. ئېنىقكى ھەر بىرلىرىگە چاخچاق قىلىش توغرا كەلسە، پېقىرنىڭ ئۆمرۈم يېتىشمەي قالىدۇ. شۇنداقلا چاخچاقمۇ تۈگەپ قالمايدۇ، مەن يەنە يازاي دىسەم يەنە يېزىلىدۇ، لېكىن، باشقىلارنىڭمۇ داۋام قىلىپ بېقىشى ئۈچۈن ئورۇن قالدۇردۇم.
بۇ تېما پەقەت چاخچاق بولۇپ، پۈتۈنلەي خىيالى ھالدا يېزىلدى. مۇنبەردىكى ئىسمىڭلار سۆز جۈملىگە توغرا كېلىپ قالغان ئورنىغا ئېلىپ ئىىشلەتتىم. سىلەرنىڭ بۇ تېمىنى چاخچاق دەپ چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ ئەسەرنى يېزىشىمغا توردىشىمىز ئالىمجاننىڭ بۈگۈن يوللىغان لاپلىرى تەسىر كۆرسەتتى.
باشقىلار، داۋام قىلسا چوقۇم ئىتتىپاقلىقنى ئاساس قىلىپ، ئىلمىي بولغان چاخچاق ۋە يۇمۇرىستىك سۆزلەرنى ئىشلىتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەيلى كىم كىمگە قارىتا يوللىسۇن، چوقۇم باشقىلارنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان سۆز ئىبارىلەرنى ئىشلەتمىگەيسىلەر.
مىسرانىم بىزنىڭ ئىللىق ئائىلمىز، كۆڭۈل ئېچىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش سورىنىمىز. مىسرانىمنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى، ساغلام تارەقىي قىلىشىنى قوغداش ھەر بىر ئەزانىڭ مەجبۇرىيىتى.
مەنبە : ئىجادىيىتىم