بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شورلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-12 09:50 PM
تۇرغۇن پەيزۇللا
ھەقىقەتنىڭ قاچىسىدا نان يەيمەن
ئېگىزلىكى دەرەخلەرنىڭ ھەر ۋاقىت،
سايە بولار يىلتىزىغا بۇ ھېكمەت.
كېچىلەرنىڭ گۈللىرىدۇر يۇلتۇزلار،
بىر بېشىمدا نى سەۋدا ، مىڭ قىسمەت.
يوللار تۈپ-تۈز مايماق-سۇيماق قەدەملەر،
دۈشمەن نېمە ، دوستلاردىنمۇ دەرد يەتتى.
چۆللەر كېزىپ داۋان ئاتلاپ ياشايمەن،
ھاردىق يەتتى، ئەسنەك تۇتتى، كۈن كەتتى...
يوللار ئۇسساپ ، باغرىم سۇندى قاراسلاپ،
قۇملار تولغان قۇلاقلارغا ، كۆزلەرگە.
كۆڭلۈم يېرىم ، ئاسمانلىرىم قاراڭغۇ،
غېرىبلىقىم چېچەكلىدى غۇچچىدە.
قىيام بولغان چىڭقىچۈشنىڭ باغرىدا ،
داردىن چىققان بىر يۈرەكنىڭ چاقچىقى.
پەرۋازىدا كۆكتە ئۇچقان بىر قۇشنىڭ،
مىڭ يۈرەكنىڭ ئاھۇ-زارى، شادلىقى.
ھەقىقەتنىڭ قاچىسىدا نان يەيمەن،
توڭلىغاننىڭ يۈرىكىگە ئوت قالاپ.
ئۆچۈرمەيمەن ئەجداتلارنىڭ ئىزىنى،
ئەقىدىسى ئۈنسىز بۇيرۇق ھەم خىتاپ.