بۇ يازمىنى ئاخىرىدا magrurjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-13 05:31 PM
' m8 C$ V4 |% y2 X6 ?4 O0 f8 O: }" `
4 Z+ {( S3 h' h
: d0 i8 H4 b( X- h; ~6 h* ?: } R+ O/ H5 S
6 {' u: J& r9 I( ^- ^
" c# V9 d8 { ?& T3 n
8 [ w, ?$ j- ]: x- P( Z, _' h6 t R7 o0 F- \& o$ T
سەۋىرلىك يۈرەكلەرگە تامچىغان سۆيگۈ
! c, H) O( M3 `3 J: k* ?مەغرۇر
3 [# ?* l6 v E# T4 C3 G
* l: a) W, N4 c8 A$ W1 h" d3 t تاڭ سەھەر سۈبھىسىدە پارلاپ چىققان يېڭى قۇياش بىلەن تەڭ ئۆز يۇرتۇمدىن تولىمۇ يىراق بولغان بۇ غېرىپ شەھەرنىڭ يەنە بىر رەڭدار ئەمما مەن ئۈچۈن تولىمۇ ئېنىقسىز بولغان ئۆزگىچە باشلىنىشىنى كۈلكىلىرىم بىلەن كۈتۈۋالدىم. دەرۋەقە كۈلۈشكە ھەقلىق ئىدىم،رەببىمنىڭ ھاياتىمدا بەرگەن ھىممەت بەرىكەتلىرىنى ھەمىشە مۇشۇنداق كۈلكەم بىلەن قوبۇل قىلىپ شۈكۈر ھەمدۇسانالاردا بولۇش ماڭا ئۇزۇن يىلاردىن بىرى ئۇدۇن قالدى. دىمىسىمۇ قەدىمىم تىگىپ ناھايىتى تىزلا بىر نەچچە يىللىق مىھرىم سىڭگەن مانا بۇ تىلسىم جايدا ماڭا ھەقىقى مىھرىنى بىرەلەيدىغانلار ناھايىتىمۇ ئاز، شۇڭا مەن ھەر كۈنلىكى ئاللاھىم ماڭا رىسىق بەرگەن بولسىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ تۇنجى رەت ھۇجرامدىكى ۈئەينەكتىن ئۆز ئەكسىمگە قاراپ كۈلۈمسىرىۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر كۈنلۈك تۇرمۇشۇمنى باشلايمەن! چۈنكى ئەقىل چىرىغىم ماڭا شۇنى ھەرۋاقىت ئىسىمگە سالىدۇكى،«بۆگۈنكى تاڭ قۇياشىغا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئىنتىزار ئىدى ، بىراق ئۇلار ئىزىنى بۆگۈن دۇنياغا ئەمەس بەلكى قارا يەر تېىگىگە ئويۇپ قويۇپ ئۆكۈنۈش ئىچىدە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇ قايناملىرىغا غەرىق بولۇشتى» شۇنداق ئەمەسمۇ ؟
مەن كۈلەلىگەن ئىزغىرىن شاماللار ياشلىق باھارىمنى ئويغۇتالىغان بۇ تاڭنىڭ ۋەسلىگە يىتىپ مۇشۇ باشلىنىش ئالدىدىكى بىر كۈنلۈك يېپيېڭى رىسقى ئىنئامدىن بەھىرلىنىشنى ئويلاپ تۇرۇپ ۋادىرىخ ناخشىلىرىنى ئەجەل كەلگەنلىكتىن دەرت بىلەن ئېيتىپ بۇ دۇنيادىن كىرپىكى جۈپلەشمەي تۇرۇپ ئارمان بىلەن ۋىدالىشىشقا مەجبۇر بولۇشقان بەندىلەرنى ئويلاپ يەتمەك-ئەقىل ئىدراكنىڭ مەھسۇلى بولۇپ يارىتىلغان بىز ئىنسانلار ئۈچۈن ئانچە تەس ئەمەس ئەلۋەتتە!
شۈكرى رەببىم ماڭا ئۆز رىسقىم بىلەن قوشۇپ بەخىش ئەتكەن ئۇشبۇ قىممەتلىك ئاتەش تاڭلىرىڭغا مەرھەمەتلەر بولسۇن....
سەۋىرگە تولغان ئىشەنچ ئىچىدە يېڭى بىر كۈنلۈك ھايات سەپىرىمنى مانا مۇشۇنداق باشلىدىم، خاتالاشمىسام بۇ كەڭرى كەتكەن ئۆيدە بۆگۈن يەنىلا شۇ تۈگىمەس چاي،پەتىلەرنىڭ دەستىدىن ئاپاملارنى ئاللىقاياقلارغىدۇر ئۇزىتىپ ، ئۆزۈم يالغۇز ئۆيدە قېلىشقا مەجبۇر ئىدىم ، نە ئامالىم ؟چوڭ بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈنمۇ ئۇلارغا «نىمانچە تۈگىمەيدىغان چاي ئۇ؟»دىيىشتىن كېلىپ چىققان ھەرخىل كۆڭۈل ئاغرىقلىرىدىن ئۆزۈمنى ئېلىپ قېچىپ سۈكۈت ئىچىدە ھۇجرامدا خىيال كەپتىرىمنى يىراقلارغا قويۇپ بىرىپ ئولتۇرۇشنى توغرا تاپىمەن ، ئەمما مەن ماھىيەتتە يالغۇزلۇقتىن خېلى يىراق، يۈرىكىم سەۋىرگە تولغان بىلەن كۆزلىرىمدە ئۈمىد چاقنايدىغان نەۋقىرانمەن! ئەختىناسى بەزىدە ھاياتىمدىكى كۆرۈنمەس دەتلىرىمنى بىراۋلار ئالدىدا ئىچىمگە يۈتەلىگەن جاسارىتىمگە ئاپىرىنلار ئىيتقۇم كىلىدۇ.
كۆزلىرىم تۇيۇقسىز ئىشىك بىشىغا ئېسىقلىق تۇرغان كالىندار بەتلىرىگە چۈشۈپ ھەيرانلىقىمنى باسالماي كۆزلىرىمگە ئىختىيارسىز ياشلار ئالدىم. چۈنكى يەنە ئاز كۈندىن كىيىنلا قەلب قەسىرىمنى ئېچىپ يالغۇزلۇق كۈيلىرىمگە مېھىرلىك ئىزنالىرىنى سالغۇچى يىگانە پارەمنىڭ ھاياتىم بەتلىرىدە يۇلۇقتۇرغىنىغا توپتوغرا 365 كۈن توشىدىكەن ئەمەسمۇ؟
شۇ تاپ سېنى سېغىنىۋاتىمەن جېنىم پارەم ، چۈنكى سەن مېنىڭ قەلبىمنى ئەڭ تولۇقى بىلەن چۈشەنگۈچى ئىنسانسەن ، بىلەمسەن يالغۇز شەھەرنىڭ جىمجىت كىچىسى ئىسمىڭنى توۋلاپ قوللىرىمنى ئېگىز كۆتۈرۈپ بەختىمىز ئۈچۈن سەۋىر بىلەن ئۇزۇندىن –ئۇزۇن رەببىمگە دۇئا قىلىمەن!
سەن ھەر قېتىم ماڭا« نىمە ئۈچۈن مېنى بۇنچە سۆيىسەن ؟»دەيسەن ئەمەلىيەتتە مېنىڭ سۆيىدىغىنىم سەن ئەمەس گۈلۈم ، مېنى كۆيدۈرگىنى پەقەت ۋە پەقەت سېنىڭ غۇبارسىز، سەۋىرلەرگە تولۇپ تۇرسىمۇ قىسمەت ئالدىدا باش ئەگمەي كۈلۈمسىرىيەلەيدىغان سۇنماس روھىڭدۇر... مەن سېنىڭ قەلبىدىن ئۆزۈمنى كۆرىمەن ، بەلكىم سەنمۇ بەزىدە شۇنداق تۇيغۇلارغا كېلىپ قىلىپ قانماي كۈلۈمسىرەيدىغانسەن ! بىل ئاشىقىم ،مەن دەل ھاياتىمنىڭ مەناسى سەن بولغانلىقىڭ ئۈچۈن كۈلۈمسىرەيمەن ،سەۋىرلىك يۈرەكلەرنىڭ ئالاھنىڭ قىممەتلىك رىسىق ھىممەتلىرى ئارا يۈرىكىمىزگە تامدۇرغان زەمزەم كەبى سۆيگۈ تامچىسىنىڭ ئاقىۋەت ساداقەت بابىدا ۋىسال تاپىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ ئۈمىدلىك بولالىغىنىم ئۈچۈن ھەتتا مۇشۇنداق تىكەن كەبىي يالغۇز قالغىنىمدىمۇ روھىمغا مەدەت بىرىپ ياراتقۇچۇمنى ئەسلەپ كۈلەلەيمەن !
جېنىم ، تىلىكىم شۇكى ئويۇن ۋە ھىسياتتىن يىراق بولۇپ مۇستەھكەم نىكاھنى ئۆزىگە پاك نىشان ۋە نىيەت قىلغان سەۋىرلىك يۈرەكلەردىن تامغان چىن مۇھەببەت تامچىسى ئەبەدكە كۆكلىسۇن ! ئىشىنىمەنكى يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە يورىغان سۈبھى تاڭ بەختىمىزگە قاراپ كۈلگۈسى!
ئىھ! رەببىم،ئاخىردا ...پاك نىيەتتە بەخت ئىزدەپ ماڭغان بىزدەك ئاجىزەلىرىڭنىڭ بەخت ئۈچۈن باسقان ھەر بىر قەدىمىنى نۇرسىز قويماسلىقىڭنى تىلىگەن ھەم مەڭگۈ تىلەيمەن .
ئاپتۇر: مىرادىل (مەغرۇر)
8 D5 u/ |( h" Y' \' ?
4 j$ t! g( ]' j7 U8 x2015-يىل1-ئاي12-كۈن