بۇ يازمىنى ئاخىرىدا oghuz8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-14 01:37 PM 4 a7 s3 F4 B6 \; \0 W/ V
) V& g( B9 ` w. N8 \) h* K' a1 e! V
20.باب:تۇمان پەسلى
( ]: b! b6 x0 L, j6 Z& Q4 J
-ئوغلۇم مۇختەر، مېنى قۇتۇلدۇرىۋالغىن ،ئىشىكنى ئېچىپ مېنى چىقىرىۋەتكىن،سىلەرنى بەك سېغىندىم بالام، مەن سىلەرگە تاماق ئېتىپ بېرىمەن -يالغۇز ئۆيگە قامالغىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشقان ئايتولۇن 18 ياشنىڭ قارىسىنى ئېلىپ، يارمۇھەممەتكە ئوخشاپ قالغان ،ئىككىنچى ئوغلى مۇختەرنىڭ ھەر كۈنى دەرىزىدىن ئۆزىگە قاراپ تۇرغان ۋاقتىدا ئۇنىڭغا ئاشۇنداق يالۋۇراتتى .
7 d! h) `) S2 p9 O% f1 L
-بولدى قىل ئانا، سېنىڭ مۇشۇ يەردىن چىقمىغىنىڭ ياخشىراق ،سەن چىقساڭ، بىزنىڭ ئەمدىلا تىنچىۋاتقان تۇرمىشىمىزنى ،يەنە ۋەيرانچىلىققا سالىسەن ،ھېلىمۇ ئاكامنىڭ ھاياتىنى تۈگەشتۈرگىنىڭ يېتەر ،دادامنىڭ يېڭى خوتۇنىمۇ تاماقنى خېلى ئوخشىتىپ ئېتىدىكەن ،بىز ھازىرچە شۇنى يەپ تۇرساق بولار -مۇختەر ئانىسىنىڭ مۇشۇ ئۆيگە سولانغاندىن كېيىن ئاقىرىپ كەتكەن چاچلىرىغا قاراپ ئىچى سېرىلىغان بولسىمۇ بىراق ،ئۇمۇ يارمۇھەممەتكە ئوخشاشلا دادىسىغا بەك ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن ،ئايتولۇنغا ياردەم قىلىشنى خالىمايتتى .ئۇنىڭ ،دادامنىڭ يېڭى خوتۇنى دېگىنى ،سەمەت تاتۇقنىڭ ئايتولۇن ئۇنى يېنىغا يېقىن كەلتۈرمىگەنلىكتىن ،ئۆيگە خىزمەتچى سالاھىيتىدە ئەكىرۋالغان يېڭى خوتۇنى ئېدى.
7 B4 F$ l9 |- T% K* a
-جېنىم بالام، تېخى چۈشۈنۈپ يەتمىدىڭمۇ ؟ئاكاڭنى مەن ئەمەس داداڭ ئۆلتۈردى بالام، ئۇ داداڭغا ئىشەنگەچكە ئۇنىڭ ئارقىدىن ماڭغانلىقى ئۈچۈن ،ئۆز ھاياتىنى خاراب قىلدى ،بىلەمسەن ئوغلۇم، ئۇ ھەتتا ئۆلۈش ئالدىدىمۇ ،داداڭنىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئېدى، بىراق داداڭ ئۇنى قۇتۇلدۇرمىدى ،ئۇنىڭ ھاياتى بەدىلىگە ئۆزىنىڭ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدى، داداڭغا ئىشەنمە ئوغلۇم، بۇ دۇنيادا جاۋابسىز قالىدىغان يامانلىق يوق، داداڭنىڭ قىلىۋاتقان ئىشى ھاياتلىقنى قۇرىتىدىغان نىجىس ئىش، سەندىن خۇش بولاي ،ئۇنىڭدىن ۋاقتىدا ئۆزۈڭنى تارت.
1 S* U! ^5 b& D# A
-ھې،ھې،ئانا سەن راس ساراڭ بوپسە، بۇ دۇنيادا ياخشى ئىش قىلىپ باي بولغىنى بولسۇنمۇ ،خاتىرجەم بول، دادام ئىككىمىز ئاۋۇ ئىككى ئوغلۇڭنى سەن ئويلىغاندەك ،ياۋاش ،مۇلايىم قىلىپ تەربىيلىمەكچى بولىۋاتىمىز ،ئۇلارنىڭ ئوقۇشى پۈتسە، بىزنىڭ ھالال يولدىكى تېجارەتلىرىمىزنى قىلىدۇ، بىلسەڭ، دادام ئىككىمىزنىڭ بۇ ھارام ئىشلارنى قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبىمۇ،ئۇلارنىڭ ،ھەم كەلگۈسىدىكى بالىلىرىمىزنىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ ياشىشى ئۈچۈن ،ئەمدىغۇ دادامنىڭ نېيىتىنى چۈشەنگەنسەن .
8 f2 N6 ?+ _8 h" x% d4 pمۇختەر شۇنداق دەپلا ھەركۈنگىگە ئوخشاش كېتىپ قالدى .
' ]' V7 M, f. |! W1 w/ e: \+ {/ a9 H1 K
-توختا بالام ،ئۇكىللىرىڭنى بەك سېغىنىپ كەتتىم، ئۇلارنى يېنىمغا باشلاپ كىرگىن بىر كۆرىۋالاي .
" G! j2 ?! m3 x0 E
-بولدى، تولا خام-خېيال قىلماي ،تامىقىڭنى يە-ئايتولۇننىڭ سۆزى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا ،سەمەت تاتۇقنىڭ ،ئايتولۇنغا قاراش نامى بېلەن ئالغان يېڭى خوتۇنى ،بىر قاچا تاماقنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى -بالىلىرىڭنى ئارزۇيۇڭ بوينچە ياتاقلىق مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردۇق، ،نېمە قىلىسەن دەيمەن ،ئۆزۈڭنى ئۇپىرىتۇپ، ئېرىڭنى تېپىپ بەرگىنى خەجلەپ خاندەك ياشىساڭ بولمامدۇ، ۋاي ئېسىت ،قارا ،ئۈستى بېشىڭنىڭ بوپ كەتكىنىگە ...
/ C# ~% y: u8 \- S" C-سەن جىق گەپ قىلماي يوقال ،سەندەك مەينەت خوتۇننى كۆرەگە كۆزۈم يوق، ئۈچ بالىسى بار ئەرگە ئاشنا بولغۇچە ئۆلۈۋالساڭ بولمامدۇ -ئايتولۇننىڭ سۆزى تېخى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا يۈزىگە تەككەن بىر تەستەكنىڭ زەربىسىدىن مەڭزى ئانارنىڭ دانىسىدەك قىزىرىپ كەتتى .
& u" G( L6 ~1 E-مېنى ئۇرغۇدەك بولدۇڭما؟-ئايتولۇنمۇ بوش كەلمەي ،ئايالنىڭ چېچىدىن كاپ قىلىپ تۇتۇۋالدى .
" x E$ | V7 {; @
-نېمە قىلىشىۋاتىسەن -ھويلىدا تۇرۇپ جىدەللەرنى ئاڭلاپ تۇرغان مۇختەر ئۆيگە دەرھال، كىرىپ ،ئىككىسىنى ئاجرىتىپ،يېڭى خوتۇننىڭ مەيدىسىدىن ئىتتىردى -سەن ئانامغا قول كۆتۈرگىدەك بولدڭما، كىمتىڭ سەن مېنىڭ ئانامنى ئۇرغۇدەك ،دادامنىڭ يۈزىنى قىلمىغان بولسام، ھازىرلا ئۆلتۈرىۋېتەتتىم،سېنى ،يوقال ..
2 F g! P% ?3 L4 b L
-ئۇنداق دېمە بالام، ئۆلتۈرىمەن دېگەن گەپنى ئەمدى قىلغۇچى بولما -ئايتولۇن مۇختەرگە ئېسىلىپ يىغلىدى -مەن قورقىمەن، بەكلا قورقىمەن، بۇرۇن ئاكاڭمۇ شۇنداق دەيتتى ،سېنىڭ ئاكاڭغا ئوخشاپ قېلىشىڭدىن قۇرقىمەن .ئەمدى يەنە بىر ئوغلۇمدىن ئايرىلىپ قېلىشنى ھەرگىز خالىمايمەن
, {7 j: ], n2 ^$ V-ئانا-مۇختەرنىڭ كۆزىگە ياش كەلدى .-ئوغلۇم-ئايتولۇن شۇنداق دېگەندىن كېيىن،كېكەچلەپ ،مەيدىسىنى تۇتقىنىچە ئاستا-ئاستا ھوشىنى يوقاتتى .
$ Z y4 C" c4 l) r+ w* * * *
' W7 K9 b* j2 d& D8 E+ ~ e-ئايگۈل ،سەن نېمىشقا مېنىڭ تەلىپىمنى رەت قىلىۋېتىسەن ؟-ئۇقمايمەن ؟-ئايگۈل سىنىپ باشلىقىنىڭ سوئالىغا چۈشنىكسىزلا جاۋاب بېرىپ، ئۇنى يېنىدىن كەتمەكچى بولدى .
: y: G6 h. p) z; I( P7 {+ A, O+ L-توختا ،مەن سېنىڭ ماڭا قارىغاندىكى كۆزلىرىڭدىن مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى بىلىپ بولدۇم، شۇنداق تۇرۇقلۇق سەن يەنە نېمىشقا مېنىڭ تەلىپىمنى قوبۇل قىلمايسەن ،بىز-بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈپ، كۆينۈشۈپ، ئۆتسەك ياخشى ئەمەسمۇ؟
) c: d3 m2 Q+ P. _* H$ o' V
-بولدى قىل مەردان ،سەن مېنى ياخشى كۆرەلمەيسەن، مەن سېنىڭ ياخشى كۆرۈشۈڭگە لايىق ئەمەس، ئۆز خىلىڭنى ئىزدەپ تاپقىن -ئايگۈل كەسكىن تەلەپپۇز بېلەن سۆزلىدى .-بۇ نېمە دېگىنىڭ ،نېمىشقا بۇنداق دەيسەن -مەردان ئايگۈلنىڭ قولىغا ئېسىلدى .
/ N2 ~7 x1 I# |5 O
-مېنىڭ ئانام يوق، داداممۇ يوق ،بىر يېتىم بالىمەن، بۇ دۇنيادا ،ماڭا كۆيۈنىدىغان ئاكامدىن باشقا ھېچنەرسەم يوق، يەنە مەن ....
/ O! _& x4 ]1 u' M' k2 a2 A-بولدى ئايگۈل بولدى ،قىل ،ئەسلىدە سەۋەبىڭ مۇشۇمىدى ،كېرەك يوق، مەن ھەممىنى بىلىمەن، لېكىن سېنى يەنىلا ياخشى كۆرىمەن، نېمە ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سېنى ياخشى كۆرىمەن.
& L6 D" }* R5 o% f/ ^! y8 O9 f
-راستىمۇ ؟
. l3 D( X* a K
-راست، ھەممىسى راست.
' ~7 {5 U ?+ S ^. A
-بىراق ؟
7 F8 b0 R( p8 L4 z! \: u8 R @
-نېمە بىراق بولدى قىلە، قوشۇلدۇڭغۇ؟ ئايگۈل بېشىنى لىڭشىتتى، مەردان ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى .
5 s- u2 t# u& b" t' K3 A1 \ئايگۈل بۈگۈن ئېنتايىن خۇشال ئېدى، چۈنكى ئۇ ئاخىرى ئۆزىنى ھەم ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە ئېگە بولغان ئېدى ،بىراق ئۇ ،بۇ خۇشاللىقىنى نېجات بېلەن ئورتاقلىشىشنى خالىمىدى ،چۈنكى ئۇ، نېجاتنىڭ ئۆزىگە يەنە ئاچچىقلاپ كېتىشىدىن قورقاتتى ،شۇ كۈندىن كېيىن، ئايگۈل سىرلىقلىشىپ، نېجاتتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدىغان،ئۇنىڭ بېلەن مۇڭداشمايدىغان ،بولۇپ قالدى، نېجاتنىڭ كۆڭلى بىر ئەندىشىنى سېزىۋاتقان بولسىمۇ، ئايگۈلنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرىۋالدى .
; p8 f6 T: c- T. T2 C! G1 W7 c- N- bنېجات ھەركۈنى دېگۈدەك ئۆلەۈدەك ئىشلەپ، ھېرىپ-جۇلىقى چىقىپ كەتكەندە ئۆيگە قايتىپ كلەتتى ،بۇ چاغدا ئۇ ئايگۈلنى ئاللاقاچان يېتىپ ئۇخلاپ قالغان قىياپەتتە كۆرەتتى ھەم ئۇنى ئويغۇتىۋەتمەسلىككە تىرىشاتتى .
+ T# }- _3 t' ]8 L% Z6 {& E: J1 @4 p-ئۇخلاپ قاپسىزدە سىڭلىم -نېجات بۈگۈنمۇ ،قايتىپ كېلىپلا ئايگۈلنىڭ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ھالىتىگە قاراپ ،شۇنداق دەپ ،قويغاندىن كېيىن ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ كەتتى .
5 B4 X' o* K8 Z7 Y( n r. ]نېمىشقىكىن تاڭ، نېجات پۈتۈن بىر كۈن ئىشلەپ ،قاتتىق ھېرىپ،چارچىغان بولسىمۇ، ئايگۈلنىڭ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ھالىتىنى بىر كۆرسىلا ،پۈتۈنلەي ھاردۇقى چىقىپ قالغاندەك يەڭگىللەپ قالاتتى ،ئۇ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ،ئايگۈل ئۆزىگە تەييارلاپ، قويغان ئىسسىق تاماقتىن بىر قوشۇق ئىچكەندىن كېيىن ،ئايگۈلنىڭ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان قىياپىتىنى يەنە بىر قېتىم ،كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ چىقىپ،ئۇنىڭ ھۇجىرىسىنىڭ ئىشىكىنى ئاستا ئاچتى .ئەمما ئىشىكنى ئېچىپلا ،ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن ئايگۈلنىڭ يوتقىنىنىڭ ئىچىدە بوشقىنە شىۋىرلاپ بىرسى بېلەن ،تېلىفوندا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپلا ،دەرھال ئىشىكنى يېپىۋېتىپ، توك سوقۇۋەتكەندەكلا كەينىگە داجىدى .
3 {: }5 c$ @) @% ?; Gنېجات شۇ كۈنى كېچىچە بېئارام بولۇپ، زادىلا ئۇخلىيالمىدى ،ئۇ كۆزىنى يۇمسىلا، ئايگۈلنىڭ باشقا بىرسى بېلەن تېلىفوندا سۆزلىشىۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىغا كېلىۋالاتتى، ئارقىدىنلا ئايگۈل ئىككىسى ئىچكىرىدىن بىللە قېچىپ چىققان ،بىر-بىرىگە يار -يۆلەك بولغان ،جاپا-مۇشەققەتلەرنى تەڭ تارتقان كۈنلەر، كۆز ئالدىغا كېلىپ، يۈرىكى پىچاق بېلەن تىلغاندەك ئېچىشىپ كېتەتتى .
- v- Y' B7 L7 g( M$ w. F0 ]
ئايگۈل ،نېمىشقا بۇنداق قىلىدۇ، مېنى نېمىشقا ئالدايدۇ ،نېمىشقا يانفون ئالغانلىقىنى مەندىن يوشۇرۇدۇ،ياق ئۇنىڭ يانفون سېتىۋالغۇدەك ئارتۇق پۇلى يوق، بۇ يانفوننى ئۇنىڭغا زادى كىم ئېلىپ بەرگەندۇ؟ياق ئۇ ماڭا بۇنداق قىلسا بولمايدۇ ،ماڭا ھەممىنى چۈشەندۈرىشى كېرەك، ئۇ نېمىشقا مېنىڭ ئۆزىنى ،جېنىمدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرۇپ، باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ ،زادى نېمىشقا ؟
, c. |7 z. C. W: }" lنېجات ئۆز-ئۆزىگە توختىماي سۆزلەيتتى ،شۇ سۆزلەرنى دەپ ،پىچىرلاۋاتقان چاغلىرىدا كۆزلىرىدىن ئۈنسىز ياشلار سىرغىپ چۈشەتتى .
, ], c9 G' S7 R6 p' \& W-سىڭلىم مەكتەپكە ماڭدىڭىزمۇ، مەن ئاپىرىپ قويايمۇ ؟
L$ {: V) m# V0 A! n) J-ياق ئۆزۈم باراي ئاكا، ساۋاقداشلىرىم بېلەن بىللە بارىمەن -
* ?' x1 [ k- R n9 M: ?( S8 C& _نېجاتنىڭ ئۈمۈد ئىچىدا قىلغان سۆزلىرى قاق-سەھەردىلا رەت قىلىندى .
' X5 U- M5 _; G/ j! W- W-بوپتۇ،ئەمىسە يولدا ئېھتىيات قىلارسىز -نېجاتنىڭ، يانفون مەسلىسىنى شۇنچىلىك ئوتتۇرغا چىقارغۇسى بولسىمۇ بىراق، ئايگۈلنىڭمۇ ،ئۆزىنىڭمۇ كۆڭلىنى غەش قىلىپ، ئەتىگەندە ئايگۈل بېلەن ئوتتۇرلۇقىدا كۆڭۈل ئازارى بولۇپ قېلىشنى خالىمايتتى ،ئۇ شۇنداق دەپ ئايگۈلنى يولغا سالغاندىن كېيىن، ئىش ئورنىغا بارماقچى بولۇپ جابدۇندى، بىراق قەدەملىرى ئۇنى قىزىقتۇرۇپ، ئايگۈلنىڭ كەينىدىن ئىز باستۇردى .
: o9 j: O2 }; m3 V- S4 T
-بەك ساقلاپ كەتتىڭىزمۇ؟-ئايگۈل سەكىرەپ-تاقىلاپ مېڭىپ،چوڭ يول بېلەن ماڭماڭ، ئارىلاپ ماڭىدىغان كىىك يولنىڭ دوقىسىدا ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغان مەرداننىڭ يېنىغا كېلىپ،ئۇنىڭغا ئۆزرە ئېيىتتى
4 L3 l6 ~# T, ^" V! c8 `3 q
-نېمانداق كېچىكىپ كېلىسىز دەيمەن ،مەن بۇ يەردە تۇرغىلى ساق يېرىم سائەت بولدى .
5 T) e2 x% h' [; K4 Y# ~-خاپا بولمىڭە جېنىم،شۇ ئاكام دېگەنگە ناشتىلىق تەييارلاپ بېرىمەن دەپ ،كېچىكىپ قالدىم.-ئايگۈل شۇنداق دېگەندىن كېيىن ،مەردان ئىككىسى قولتۇغلاشقىنىچە مەكتەپكە قاراپ ماڭدى .
" M. |: u; m0 Y+ Q$ \/ a4 Z# Wئايگۈلنىڭ ئاكام دېگەنگە دېگەن سۆزلىرى نېجاتنىڭ يۈرىكىگە مىخ بولۇپ قادالدى .مەردان ئىككىسىنىڭ قولتۇغلۇشۇپ ،بىر-بىرىگە ئەكىلىشىپ، ماڭغاندىكى كۈلكە سادالىرى ،ئۇنىڭ كۆز ئالدىنى قاراڭغۇلاشتۇردى .
% K$ E: V- x t$ Z4 C# u( _7 t* * * *
1 x8 y9 X$ q' n3 g0 c6 P/ |$ \-ياخشىمۇسىز رەيھان -بىر تونۇش بىر ناتۇنۇش بىلىنگەن ئاۋازدىن رەيھاننىڭ يۈرىكى تىتىرەپ كەتتى .
- } T" E- V! r: q8 Q-ھە مەن ياخشى سىزچۇ ؟كىم بولىسىزكىن.
: O* |# k5 Z3 J; j- m( w-مەن ئېلىيار ،قايسى كۈندىكى بالا مەن شۇ، بۈگۈن دەم ئالغانتىم، شۇڭا....
; H, X. x) X7 K# i' M0 {-ھە بىلدىم، سىز ھازىر نەدە .
# D; q1 ?) @2 N& ^# K
-مەن تۆەىدۆڭ ئەتىراپىدا .
4 G$ O" F1 W) J! x-ھە ئۇنداق بولسا دۆڭكۆۋرۈككىلا كېلىپلا تېلىفون قىلىڭە ،مەن سىزنى شۇ يەردە ساقلاي.
! p1 i6 h, }- ~4 o; i
رەيھان ،ئېلىيار بېلەن كۆرۈشىدىغان ئورۇننى دېيىشىپ قويغانتىن كېيىن تېلىفوننى قويۇۋەتتى .
: W! H: O, H" B# J) l
-سىز ماروزنىغا بەك ئامىراقمۇيا .
* {. z8 _! r$ A, B, n6 R8 Z- i
-قانداق دەيسىز؟
/ n# v/ Z- m9 |7 y: w1 P5 y-چۈنكى سىز تۇنجى قېتىمدىلا مېنى ماروزنا بېلەن مېھمان قىلاي دېدىڭىز، مەنمۇ ئۆزۈم مىننەتدار بولغان مېھمانلىرىمنى ئۆزۈم ئەڭ ئامىراق نەرسە بېلەن مېھمان قىلغۇم كېلىدۇ ،شۇنىڭغا قاراپ دەيمەنغۇ ئەمدى .
9 V1 ^% m& p! q/ ?# i7 @-دېسەم كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ ھە،مېنىڭ ماروزنا ەيدىغان نەرسە بېلەن پەقەتلا خوشۇم يوق، ئازىراق يېسەملا كۆڭلۈم ئېلىشىدۇ .
* ~9 x/ K; ^. J% }
-ئەمىسە ،سىز مېنى ياراتماپسىزدە، كۆڭلۈمگە كېلىپ قالدى جۇمۇڭ،ئۆزىڭىزنىڭ خوشى يوق نەرسە بېلەن مېنى مېھمان قىلىمەن دېگىنىڭىز مېنى زاڭلىق قىلغىنىڭىز ئەمەسمۇ ،سز بەك ئەسكى قىزكەنسىز .
, Z$ _6 y3 Z% R; Y r: B! H0 o5 ?, R-خاپا بولماڭ دېسەم ،خاپا بولىۋاتىسىزغۇ ،گېپىمنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاپ باقمامسىز، راس گەپنى دېسەم، شۇ كۈنى ،تاللا بازىرىدىن قايتىپ چىققان ۋاقتىمدا، يېنىمدا ئارانلا ئىككى ئىستاكان ماروزنىغا لايىقلا پۇل قاپتىكەن ،شۇڭا شۇنىڭىن باشقا نەرسىنى خېيال قىلالمىدىم .
: `" L& q& v. O; b9 S; x) hرەيھان بېلەن ئېلىيار تەڭلا قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىشتى، ئېلىيارنىڭ كۈلۈشلىرى رەيھانغا ئېمىراننى ئەسلەتتىيۇ، لېكىن،ئۇنىڭ كۈلگەندىكى ئاۋازىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن ،ئىككىسىنى يەنە باشقا ئادەمدەك ھېس قىلىشقا مەجبۇر بولدى .
' T9 Z$ I" x. v* K7 W) z-پۇلنى مەن بېرەي،
; E6 Q4 ?* y4 T" y1 i7 H* h' |, @. T
ياق مەن بېرەي .
3 h r; O' B1 i8 s7 B2 E-ئانام ماڭا ،ئوغۇل بالا دېگەن قىز بالىغا تايانسا بولمايدۇ ،دەپ ئۆگەتكەن، شۇڭا سىز جىم تۇرۇڭ.
2 n; L R9 _& }
ئېلىيارنىڭ سۆزلىرى ،رەيھانغا يەنە بىر قېتىم ئېمىراننى ئەسلەتتى ،ئەجەبا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى بۇ يىگىت راستىنلا ئېمىران ئەمەسمىدۇ ؟
( y1 P X/ W( o Q& N4 w6 Qتۇنجى قېتىملىق كۆرۈشۈش ،ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولدى، رەيھان ئۆزىنى بۇنچىلىك خۇشال ھېس قىلىپ باقمىغىنىغا ،خېلى ئۇزاق بولغان ئېدى .
% c2 u" x0 n2 }4 W( P2 K-سەن نەلەردە لاغايلاپ يۈرىسەن ھە.بۈگۈن دەم ئالغاندىكىن ئۆيدىن چىقماي جىم ئولتۇرساڭ بولمامدۇ، بىر قېتىم ئەردىن چىققاندىن كېيىن ،ئۈستۈڭدىن بولۇنغان گەپ-سۆزلەر ئازمۇ سېنىڭ ،يا بىرەر ئەرنىڭ پېشىنى تۇتۇپ تېگىۋالاي دېمىدىڭ، كىرگەن ئەلچىلەرنىڭمۇ ھەممىسىنى دېگۈدەك رەت قىلىۋەتتىڭ، بىرىنى بالىسى باركەن دېسەڭ، بىرىنى قېرىكەن دەپ، يەنە بىرىگە كۆڭلۈم يوق ،دەپ، يا ئۆزۈڭ بىرەرنى تاپمىدىڭ،قاچانغىچە مۇشۇنداق يۈرىسەن ،جېنىم قزىىم، مېنى بۇ دۇنيادا ياشىغىنى قوي، مەنمۇ ،خوشنا-خۇلۇملارنىڭ ئارىسىدا بىر يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ ياشاپ باقاي.
, Y& J0 E/ _7 h B3 rرەيھان ئۆيگە قايتىپ كىرىشىگىلا ئانىسنىڭ ،كونا كوتۇلداشلىرى يەنە قايتىىدن باشلىنىپ،ئۇنىڭ بايىقى خۇشاللىقلىرى قاياقلارغىدۇر غايىپ بولدى .
% b7 V! ^3 f# R! A% u3 a! t0 u
-ئانا، سەن نېمىشقا مېنىڭ كۆزۈمگە كىرىۋالىسەن ،يالغۇز ياشىغىنىمنىڭ نەرى يامان ،سەنمۇ ئوننەچچە يىلنىڭياقى يالغۇز ياشاۋاتىسەنغۇ مانا .
4 W6 g3 h1 ?, P
-سەن ماڭا ئوخشامتىڭ،مەن سېنى ئۆگەي دادىنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالمىسۇن، ،قىز بالا ئاجىز، ئۆگەيلىنىپ ،ئازاب تارتىپ قالمىسۇن دەپ، شۇنداق قىلدىم، مېنىڭ قىلغىنىم خاتامۇ،مەن سەن ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلدىمغۇ، يالغۇز ياشاشنىڭ قانچىلىك جاپالىق ئىكەنلىكىنى مانا مەن بىلىمەن ،شۇڭا سېنى يالغۇز قالمىسۇن دەپ مۇشۇنداق دەۋاتىمەنغۇ، مېنىڭ سۆزۈمەە كىرسەڭ نېمە بولىدۇ، ھېلىمۇ ،بىر بالامدىن ئايرىلغاننىڭ دەردىنى ھازىرغىچە تارتىپ كېلىۋاتىمەن، ئېنىڭنىڭ، قايسى دوقمۇشلاردا تىنەپ سەرگەردان بولۇپ يۈرىۋاتقانلىقىنى ئويلىساملا، يۈرىكىم پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئېچىشىپ كېتىدۇ، ئەمدى سەنمۇ ئانام كۆتۈرۈشلۈك دەپ قاخشىتىشنى باشلىدىڭ، سەن مېنىڭ تۇرقۇمغا قاراپ قالما، بىر كۈزۈمدە ياش بولسا، بىر كۆزۈمدە قان مېنىڭ .
& |4 N. w! ~! S0 P4 }; W- D-جېنىم ئانا خاپا بولمىغىنە، سەن نېمە دېسەڭ شۇنى قىلسام بولىدىغۇ، سەن يىغلىساڭ ،مېنىڭ يۈرۈكۈم پەقەت چىدىمايدىكەن .-رەيھان ئانىسىنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ،ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، ئۇنى قۇچاقلىۋالدى،دېمىسىمۇ ،ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ دېگەنلىرى ئورۇنلۇق ئېدى، بېچارە ئايال، رەيھاننى بېقىش ئۈچۈن ،تارتمىغان رىيازىتى، ئوغلىنىڭ دەردىدە ،تۆكمىگەن يېشى قالمىغان ئېدى
: [8 [: q4 V/ |- Q7 n, {0 Z5 {
-ئۇنداق بولسا، ماڭا بىر ئايغىچە تويۇڭنى قىلىشقا ۋەدە بەر،ئۆزۈڭ تاپساڭ، تاپتىڭ، بولمىسا، مەن تاپقان بېلەن تويڭنى قىلىسەن -رەيھاننىڭ ئانىسى يىغىدىن توختاپ ،رەيھاننىڭ بېشىى سىلىدى.
# `& \- U2 g4 }% Q3 \0 q o( J-ئانا، بىر ئاي بەك تېز بولۇپ كېتىدۇ، ماڭا بىر يىل ۋاقىت بەرگىن ،چوقۇم سېنىمۇ ،ئۆزۈمنىمۇ رازى قىلىدىغان بىر يىگىتنى تېپىپ، ئالدىڭغا ئەكىلىمەن، ئەگەر شۇنداق قىلالمىسام،سەن كىمنى تاپساڭ شۇنىڭ بېەن توي قىلىمەن، ئانا ،سەنمۇ مېنى ئويلىغاندىكىن ئاخىرغىچە ئويلاپ قوي، ئۆزۈم ياخشى كۆرمەيدىغان ئەر بېلەن ئۆي تۇتسام بىر ئۆمۈر ئازابلىنىپ ئۆتۈشۈم مۇمكىن، ئۆزۈڭنىڭ ئۆتمۈشۈڭنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ ،مېنىڭ سەن كۆرگەن كۈنلەرنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈمنى خالىمايدىغانسەن جېنىم ئانا . رەيھاننىڭ سۆزلىرى ئانىسىنى قايىل قىلدى، ئۇ بېشىنى لىڭشىتقاندىن كېيىن، رەيھان ھۇجىرىسىغا كىرىپ كەتتى .زادى قانداق قىلسام بولار، ئانامغىغۇ، ۋەدىنى چوڭ بېرىۋەتتىم ،كۆڭلۈمدە تېخىچە ئېمىراننىڭ ئوتلىرى ئۆچكىنى يوق،ھەي، ئېمىران ،ھازىر توي قىلىپ بولدىمىكىنە -رەيھان ئۆز-ئۆزىگە شۇنداق دەپ پىچىرلىغاندىن كېيىن،ئېلىيارنى ئېسىگە ئالدى .
]& Z O- L/ [" [ئېلىيارنىڭغۇ خۇي -پەيلى، مېجەزى ئېمىرانغا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن ،ئۇنىڭ لايىقى بارمىدۇ؟مەن نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم -ھە!ئۇنىڭدەك يىگىتلەرنىڭ لايىقى بولماي قالارمىدى.
' J6 y) b& H8 {7 O
* * * *
6 g1 e' \- C6 L* I
-نېمىش قىلىۋاتىسەن فەرۇق ،يەنە ھېلىقى كونا ئاشىقىڭنى ئويلاۋاتماسەن ،ئېمىران بېلەن ئىككىسى يوقالغىنىغا ئىككى يىل بولدى ،ئامىرانمۇ بىرەر قېتىم، ئاتا-ئانىسىنى يوقلاپ كېلىپمۇ قويمىدۇ، ئۇ مېكىجىن ،ئۇنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغان ئوخشايدۇ، بەزىلەر بۇزۇق بولسىمۇ ،نەچچە ئەركەك تەڭ كەينىدىن يۈگۈرىدىكەن ،بىزدەك ئىپپەتلىك قىزلار، سەندەكلەرنىڭ قولىدا خار-زار بولۇپ ياشايدىكەنمىز .
+ I5 W+ D3 m2 S k: p-نېمە بېشىمنى ئاغرىتىسەن ،يالغۇز ئولتۇرساممۇ گۇناھمۇ ئەمدى،ساڭا زادى قانداق قىلىپ بەرسەم بولىدۇ، ئۆلسەم ئاندىن توختامسەن ۋاتىلداشتىن -فەرۇق مۇيەسسەرگە قاراپ ۋارقىرىدى .
; P: |9 s+ b$ a7 R& c-مەن ساڭا نېمە دەپتىمەن، ئاشناڭنى ئەكىلىپ، ئېنىڭگە ئەپ بېرىشتىنمۇ نۇمۇش قىلمىدىڭ، يەنە ھېچنىمە دېمىدىم، خەلقىئالەم ئالدىدا رەسۋا بولمىسۇن دېدىم ،مەن يامان قىلدىممۇ، ماۋۇ بالاڭنىمۇ كۆزۈڭ كۆرۈپ قويسۇن-مۇيەسسەر بۆشۈكتۈ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بالىنى يېشىپ ئەكىلىپ، فەرۇقنىڭ قۇچىقىغا تاشلىدى -ئېمىران ھېلىقى ھاراملىقنى ئۆلدى دەپ خەۋەر بەرگەندىن باشلاپ مۇشۇنداق ساراڭ بولىۋالدىڭ، ئۇنىڭغا ماتەم تۇتقۇنىڭمۇ بۇ تېخى ،ئىككى يىلنىڭ ياقى تۈگىمىگەن قانداق ماتەمكەن ئۇۋۇ ،نېمىقا ماۋۇۇ بالاڭنى كۆزۈڭ كۆرمەيدۇ سېنىڭ، ھالا ئايالىڭدىن بولغان ،پۇشتۇڭغۇ بۇ سېنىڭ .
( M4 X9 e: ^' V6 x2 H0 H, Z$ T1 [* d
-سەن نېمە دېمەكچى ،بۇ جاندىن تويغۇزدۇڭغۇ مېنى ،نېمىشقا ۋاتىلداۋېرىسەن ،مەن كىمگە ماتەم تۇتۇپتىمەن، زادى قانداق قىلغىنىمغا مەن بېلەن ئەتىگەندىن كەچكىچە قېرىشىۋېرىسەن .
1 C+ O" r* {8 q-نېمە قىلغىنىڭغا بولاتتى، ھېلىقى بۇزۇقنى ئويلاپ، ئەتىگەندىن -كەچكىچە خېيال سۈرۈپ ئولتۇرغىنىڭغا ،يا بالاڭغا، يا خوتۇنۇڭغا ،كۆيۈمۈڭ يوقلىقىغا مۇشۇنداق قىلىمەن،مېنى تويمىدى دەمسەن بۇ جاندىن-مۇيەسسەر ھۆڭۈرەپ يىغلىدى -ۋاي دات، سازايى، سەندەك ھايۋان بېلەن ئكتۈپ كەتكەن ئۆمۈرمگە ئېسىت.
/ |0 v4 D# e4 F0 n! o) O
-تالاق،يۈزمىڭ تالاق، سەندەك ساراڭ خوتۇننى ئالغانغا دات، تالاق يۈز تالاق، يۈزمىڭ تالاق -فەرۇق ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇيەسسەرگە تىكىلىپ قاتتىق ۋارقىرىدى .
d; d% P* c: p; ^-نېمە ،سەن مېنى تالاق قىلىۋاتامسەن ،بوپتۇ ،مېنىڭمۇ بۇ ئۆيدە تۇرغۇچىلىكىم قالمىدى ،بالىنى بىر يىل مەن باققاندەك باقتىم، ئەمدى سەنمۇ بىر بېقىپ باق ،ھېلىقى پاسكىناڭنى ئەكىلىپ باقتۇرامسەن، ياكى ئكزۈڭ باقامسەن ئېخىتيارىڭ، مەن كەتتىم-مۇيەسسەر فەرۇق ئورنىدىن تۇرغان ۋاقىتتا قۇچىقىدىن چۈشۈپ قېلىپ، ئويغۇنۇپ كېتىپ، تېلىقىپ يىغلاۋاتقان بوۋىقىغا قاراپ قويغاندىن كېيىن ،ھۆڭۈرەپ يىغلىغىنىچە سىرىتقا چىقىپ كەتتى .
Q: Z( K* b( ]فەرۇقمۇ، توختىماي يىغلاۋاتقان بالىنى قۇچقىغا ئالغىنىچە -ئېي خۇدايىم، ماڭا نېمە كۈنلەر بۇ، قايسى قىلغان گۇناھىمغا ماڭا بۇ كۈنلەرنى سېلىۋاتقانسەن -دەپ ھۆڭۈرەپ يىغلاپ كەتتى.
& ?, C# T* @ a6 U9 E5 C; V+ e8 aداۋامى،داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ...............
7 |3 x t! w& W3 j3 Z& \( x; H2 c% \. n% j, S; L5 [' z