 |
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sintax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-3 05:50 AM
! T4 Y; P2 }3 K' g
0 F/ w- n6 p/ @ بىزنىڭ كارۋان ( V8 d) W( @$ O6 Q; G% B
. F; [- N0 D/ _! N/ G ( مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ 2015-يىللىق سەپىرىگە بىغىشلايمەن )# S+ i/ ?) T% |1 B7 _/ G1 A$ w
* s6 W; N2 T' u: p+ N7 Jبىز نىمىدېگەن تەلەيلىك-ھە ؟ چۈنكى ، 2015-يىللىق قۇتلۇق سەپەر جەريانىدا ، ئاشۇ بىر جۈپ تەلەيلىك كۆزىمىز بىلەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنلىغان تېما-ئىنكاسلىرىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بوپتىمىز .
3 m$ l, C. f& ?<< ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىۋىتىدۇ >> دېگەن گەپ ھەقىقەتەن راستكەن . چۈنكى ، << مىسرانىم مۇنبىرى كۈندۈلىك خاتىرىسى>> گە قارايدىغان بولساق ، مىسرانىمدىكى دوستلار كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ ، ھازىر ھەيۋەتلىك بىر كارۋانغا ئايلىنىپتۇ . مانا ، بىز << ناتونۇش قىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى >> نى ئوقۇغىنىمىزچە سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق . سەپەر ئۈستىدە بىر-بىرىمىزگە << گۈزەل سۆزلەر >> نى قىلىشقاچ ، << ئوتلۇق نەپەسلەر >> نى ئىلىشىپ ، << قىسقا يۇمۇرلار >> نى ئېيتىشقان ھالدا ، بىر سەھراغا كىلىپ قاپتىمىز . شۇنىڭ بىلەن ھەممىمىز << پۇراق چاچقىن ئەي گۈزەل سەھرا >> دېگىنىمىزچە ، << قۇنىكامنىڭ كېۋىزى >> نىڭ يىنىدىن ئۆتۈپ ، خۇشال-خورام ھالدا << قاراقاش خەلق قوشاقلىرى >> نى ئېيتىشىپ ، بىر-بىرىمىز بىلەن << ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىن نەمۇنىلەر >> دىن ئارىيە ئىلىپ يانداشقاچ سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق .
# O* v8 @. {. fبىز بىر-بىرىمىزگە << مۇھاببەت كەچمىشلىرى >> مىزنى ئېيتىشقاچ ، دوستلىقىمىزغا << داغ چۈشمىسۇن >> دېيىشىپ ، << ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە تۈشلۇق دەردى بار >> دېگىنىمىزچە كېتىۋاتساق ، بىر ئاۋات شەھەرگە كىلىپ قاپتىمىز . قارىساق بىر يەردىن ناغرا-سۇناينىڭ شەپىسى كەلدى . قارىساق ، << ئابابەكرى مىسرانىمنىڭ تويى >> ئىكەن . بىز ئابابەكرى مىسرانىمنىڭ تويىنى مۇبارەكلەپ ، ئۇنىڭ تويىغا قاتناشقاندىن كىيىن ، بىز بۇ << ئۇنتۇلماس بىر كۈن >> نى ئەسلىگىنىمىزچە سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق . بىز يول بويى << قىزىقارلىق يۇمۇرلار >> نى ئېيتىشقاچ ، << ئۆچمەس ئىز >> لارنى قالدۇرۇپ ، << روسلان ماركىسى >> ھەققىدە ئۆز-ئارا مۇنازىرلەشكەچ كېتىۋاتساق ، بىر يەردىن خولۇم-خوشنىلارنىڭ مۇڭلۇق يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى . بىز ھەيران بولغىنىمىزچە قارىساق بۇ << قىزى ئۈچۈن ئۆلۈۋالغان ئايال >> نىڭ ئۆلۈم نەزىرىسى ئىكەن . بىز ئەھۋالنى بىلگەندىن كىيىن ، ياقىمىزنى چىشلەپ ، << ئەقىللىق ئانىنىڭ قىزىغا قىلغان نەسىھىتى >> نى ئەسلىگىنىمىزچە << باققان گۇناھمۇ ، تاپقان گۇناھمۇ ؟ >> دېيىشىپ ، كۆڭلىمىزدە بارلىق ئانىلارغا << ئانا بىز مەڭگۈ ئەپسۇسلىنىمىز >> دېيىشكەنچە ، << ئىپار پۇراقلىق قەبرە >> يىنىدىن دۇئا قىلىپ ئۆتۈپ ، ھەي ، << قەبرىگە كەتكەن گۈل >> دەپ ئۇھسىنغىنىمىزچە سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق . # K! L) D% \, h! k3 k4 f0 G
سەپەر ئۈستىدە تۇيۇقسىز بىر دوستىمىز << مەسلىھەت چىيى >> غا توۋلاپ قالدى . بىز مەسلىھەت چىيى يىغىلىشىدا كۆپرەك << كىتاب >> توغرىسىدا ۋە << كىتاب ۋە مەدەنىيىتى >> ، << ئۇيغۇرلاردا ئانا تەربىيىسى ۋە ئانىلارنىڭ ساپاسى >> ھەققىدە مۇنازىرلىشىپ قالدۇق . مۇنازىرە جەريانىدا << قوسىغىڭنى كەڭ تۇت >> دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بويىچە ، بىر-بىرىمىزگە << نىمە ئۈچۈن ؟ >> ، << بىلسىڭىز ئېيتىپ بىرىڭ >> دېيىشتۇق . چايدىن كىيىن ھەممىمىز بىر-بىرىمىزگە << سۆيگۈ قەسىدىسى >> ئېيتىشقاچ ، << گۈلچى قىز >> نىڭ گۈلخانىسىدىن << ئاق ئەتىرگۈلنىڭ پۇرىقى >> نى پۇرىغانچە ، << گۈل يەنىلا قىزىل >> بولغىنى ياخشى دېيىشىپ ، << چىرايلىق گۈل >> لەرنى تاللىدۇق . ئاخىرىدا ھەر بىرىمىز << 18 تال ئەتىر گۈل >> سېتىۋىلىپ ، << دىلدارىمغا تۇتاي گۈل دەستە >> ، << سېنى ئۇنتالمىدىم >> دەپ ئۆز-ئارا چاقچاق قىلىشىپ ، << سۈرەتچى قىز >> نىڭ سۈرەتخانىسىغا كىرىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۇق . كىيىن سۈرىتىمىزگە قارىساق قولىمىزدىكى گۈللەر خۇددى << يۈرەككە قويۇلغان گۈل >> گىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى .! H: J+ q" |, |3 w* B
بىز سەپىرىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇردۇق . سەپەر ئۈستىدە قىزلارنىڭ شوخلىغى تۇتۇپ كەتكەن چىغى ، شىئېر-قوشاق ئېيتىشىپ << يىگىتلەرگە قايتارما جەڭ >> ئېلان قىلدى . يىگىتلەرمۇ بوش كەلمەي ، تىتىملىق شىئېر-قوشاقلىرى بىلەن مۇشائىرىگە چۈشۈپ كەتتى . ئاخىرىدا قىزلار << ھەممە گۇناھ ئۆزەمدە >> دەپ ، يىگىتلەرگە قايىل بولىشتى . بىز يول بويى << قېرىنداشقا قېرىنداش يۆلەك >> دېيىشىپ ، << مەرىپەت ئوغلى رەسىم ئەلبۇمىدىن تاللانما >> نى كۆرگەچ ، قېرىنداشلارچە سەپىرىمىزنى داۋام ئەتتۇق . سەپەر ئۈستىدە << قاھىرەدىكى ئەخلەت مەھەللىسى >> گە كىلىپ ، سېسىقچىلىقتىن بۇرۇنلىرىمىزنى تۇتۇشىپ كېتىۋاتساق ، ئالدىمىزغا << سۈرىيەدىكى ئۇرۇشقا قاتناشقان ئېشەكلەر >> ئۇچراپ قىلىپ ، بولىشىغا كۈلۈشتۇق .
; c" q* E" t. n4 Rبىز يول ئۈستىدە << سېھرىگەرلىكنىڭ رىياللىغى ھەققىدە >> پاراڭلىشىپ ، ئىنتايىن ۋاڭ-چۇڭغا ۋە قالايمىقانچىلىققا تولغان بىر جايغا كىلىپ قاپتىمىز . قارىساق بىر نەچچە ئايال << رېستۇراندىن نىمە تاپتۇق ؟ >> دېيىشكىنىچە پۇشايمان ئىلكىدە كېتىۋىتىپتۇ . بىز يەنە بىردەم ماڭساق ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر بىر جايغا كىلىپ قالدۇق . قارىساق ، زال ئىچىدە ياشلار خۇددى تۈكىنى تارتقان ئەچكۈدەك ئالا-تاغىل ۋاقىراپ ، سەكرىشىپ يۈرەتتى . سىرتتا بولسا << تالاغا قاراش >> قا ئادەتلىنىپ قىلىپ ، << ئاشنا ئىزدەش >> ئۈچۈن تىمىسقىلاپ يۈرگەن بىر نەچچە ياشلارنى كۆرۈپ قالدۇق . ھەتتا بەزى قىزلارنى << چ چ رىمدىكى ناتونۇش قىز >> غىمۇ ئوخشىتىپ قالدۇق . ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئالى مەكتەپ يىشىدىكى قىزلارمۇ بار ئىدى . بىز بۇلارغا قاراپ غەزەپلەنگەن ھالدا لەنەت ساڭا ئەي << پەسكەش سىتودېنت قىز >> لار دېيىشكىنىمىزچە ، بۇ سورۇننى ئاچقانلارغا غايىبانە ھالدا << دىبا دېگەن شۇنداق جايمۇ ؟ >> دەپ مىڭلارچە لەنەت ئوقۇپ سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق .. D% n5 V( k& v! |$ `9 n
بىز سەپەر ئۈستىدە يەنە << ئابلەت ئىنتىلنىڭ بېيجىڭدىكى لىكسىيەسى >> گە داخىل بولغاندىن كىيىن ، سەپىرىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇردۇق . يول ئۈستىدە << يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەزىمەت ۋە كىر يۇيۇۋاتقان ئەر >> لەرنى كۆرۈپ ، ھازىرقى يوقۇلىۋاتقان ئەرلىك جاسارەت توغرىسىدا پاراڭلىشىپ كېتىۋاتساق ، بىر بۇرادىرىمىز << لۈكچۈندىكى قەدىمى ئىزلار >> توغرىسىدا سۆزلەپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن بىز << موللا زەيدىننىڭ ئەۋلادلىرى ھەققىدە ئىككى كەلىمە >> سۆزلىگەچ ، << موللا زەيدىنگە مەكتۇپ >> يىزىۋىتىپ ، << ئەسسالام ئەي قەشقىرىم >> دېگەنچە قەشقەرگە كېلىپ قالغانلىقىمىزنى تۇيمايلا قاپتىمىز . ئاخىرىدا بىز خۇشال-خورام ھالدا مىسرانىمغا قايتىپ كەلدۇق . قارىساق ، << مىسرانىم مۇنبىرى نەشىرى يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈپ ئەلالاشتۇرۇلدى >> دېگەن خەتنى كۆرۈپ ، تېخىمۇ خۇشال بولدۇق . * `0 w1 M/ j& e/ i7 v1 j
بىز بىر يىللىق سەپەر -مۇساپىمىزغا نەزەر تاشلىۋىدۇق ، كۆڭلىمىز بەكمۇ سۆيۈندى . مۇشۇ بىر يىلدا يەنى 2015-يىلى بىز باسقان يول نىمىدېگەن نەتىجىلىك ، نىمىدېگەن مەنىلىك ئۆتكەن-ھە . P5 `7 E' e% G& m3 e6 s& ^7 @; O
2 z6 M& v0 q& N2 B1 \) K5 Nمەنبە : ئۆزەم ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ يازدىم
0 Q3 m7 W$ V5 n$ g. ]9 h1 s( @! l
) ^' R& c% Z4 ~3 A, Pئەسكەرتىش : قاراپ بىقىڭ ، تېمىدا ئەسىرىڭىز بارمىكىن ؟ . بىراق ، تېما سەھىپىسىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمنىڭ تېمىسىنى قىستۇرالمىدىم . بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن ئەپۇ سورايمەن .
6 |- c/ R" g5 ]3 C0 I4 J5 Oيىڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ! يىڭى يىلدا ھەممە ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولغاي !!!!!!!!!!!!!!!
/ K$ O- t: F2 x7 U# \0 _( i) t% Z- }3 b; S, g0 i s7 }
' O, u/ W- u$ i i9 H0 O
S! E I" p& W+ Y
|
 |