ئەسەر ئوغرىسىغا
مۇھەممەد ئابدۇللا زاكىر قۇملۇق
بولىۋاپسەن تىلى ئۆتكۈر يازغۇچى،
قەلەم تۇتماي ئەسىرىمنى كۆچۆرۈپ.
ئەكىرۋاپسەن خاتىرەڭگە ئۆز پىتى،
نۇمۇس قىلماي ئىسممنىلا ئۆچۆرۈپ.
يىزىۋاپسەن ئەپلەشتۈرۈپ ئورنىغا،
ئاپتۇرى غا ئۆز نامىڭنى توغۇرلاپ،
سۈرۈشتۈرسەم ئەمەسكەنسەن يا ئاكام،
نىمە ھەققىڭ يازغىنىمنى ئوغۇرلاپ؟.
ئاچچقىمدا تەييارلاندىم كۆرۈپلا،
شالاققىدەك تۈكۈرمەككە يۈزۈڭگە.
پۇت قولۇڭنى باغلاپ قويۇپ قامچىلاپ،
ئەخلەت چاۋا تىققۇم كەلدى كۆزۈڭگە،
بىلىپ قويغىن ئۆزگەرمىسە قىلىقىڭ،
جالاقشىتىپ تۇمشۇقىڭغا سالىمەن.
تىزلاندۇرۇپ جېنىم ئاكا دېگۈزۈپ،
جەسىتىڭنى دۇمباق قىلىپ چالىمەن.
2015-12-22