بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ozturk001 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-25 10:48 AM * k' J; a$ {9 _* _
5 V7 x9 M, n3 M6 L: G% bقالتىس خىزمەتچىلەر ئەزەلدىن باھانەئىزدىمەيدۇ
# I" Q( c7 ?# ]/ q* lباھانەتېپىش بولسا ئادەمنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى، خىزمەتتە بىز ھەل قىلالمىغان بىرەرمەسىلىگە يولۇقساقلا، باھانە تېپىپ، مەسئۇلىيەتتىن قاچىمىز. بىراق شۇنداق بىرخىزمەتچىلەر باركى ئۇلار قانداقلا مەسىلىگە يولۇقمىسۇن، باھانە ئىزدىمەستىن ھەرخىل ئاماللارنى تېپىپ ھەل قىلىدۇ. گەرچە ئوخشاش خىزمەت مۇھىتىدا، ئوخشاش بىرخىل خىزمەتنى ئىشلىسىمۇ بەزىلەر ئۇنى پۇرسەت دەپ بىلىدۇ، بەزىلەر يۈك دەپ چۈشىنىدۇ. بىز تۆۋەندە خىزمەتچىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆلتۈرىدىغان 10خىل كۆز-قاراشنى چۈشەندۈرىمىز.
1. مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش، كۆپ ئويلاش، ئاز ئىش قىلىش
ئادەم خاتالىق سادىر قىلىشتىن ساقلىنالمايدۇ. ئەگەرسىز مۇكەممەللىكنى قوغلاشسىڭىز، ئۇنداقتا مەڭگۈ مەغلۇبىيەتنىڭ سايىسىدا يۈرىسىز. سىزنىڭ ھەممە ئىشلارنى تولۇق قىلالىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئاۋال بىجىرىڭ ئاندىن مۇكەممەللەشتۈرۈڭ.
2. ئويىڭىزنى ئەمىلىيەت دەپ قالماڭ
كىشىلەرگە تەسىرقىلىدىغىنى ھەرگىزمۇ ئەمىلىي ئىشلار بولماستىن بەلكى كىشىلەرنىڭ شۇ ئىشلارغابولغان چۈشىنىشى. كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى، كۆڭلىدىكىگە ئاساسەن ئىشلارغا يەكۈن چىقىرىشتىن ساقلىنىپ ئەمىلىيەتنى ئاساس قىلىشى زۆرۈر.
3. «بۇ ئىشنى تۇنجى قېتىم قىلىشىم»، ئەمىلىيەتتە ھېچكىم مۇتەخەسىس ئەمەس
سىز « بۇ ئىشنى مىنىڭ تۇنجى قىلىشىم» دىگەن سۆزئارقىلىق ئۆزىڭىزگە باھانە ئىزدەمسىز؟ ئەمىلىيەتتە ھېچكىم تۇغۇلىشىدىنلا مۇتەخەسىس بولمايدۇ، ھەممىسى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ توپلانغان تەجىربىلەر. شۇڭا بىر ئىشنى قىلىشتا ئالدى بىلەن مەن قىلالمايمەن ئەمەس، مەن قىزىقامدىم دىگەننى ئويلىشىڭ، ئەگەر قىزىقسىڭىز باش چۆكۈرۈپ شۇ ئىشنى قىلىڭ.
4. مىنىڭ تونۇشۇم يوق
ئىشلىرىڭىز دائىم يۈرۈشمىگەندە سىز مىنىڭ تونۇشۇم ئاز بولغانلىقتىن شۇنداق بولدى دەپ ئويلايسىز. ئەڭ ياخشىسى ھازىرقى تونۇشلىرىڭىزدىن ياخشى پايدىلىنىڭ، ئۇلارنىڭ تونۇشلىرىنى ئىشقا سالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
5. بۇئىشنى ئاللىبۇرۇن باشقىلار قىلىپ بولغان
بەزىدە سىز بىرەر ئىشقا قىزىقىپ ئەمدى باشلاي دىگەندە بۇ ئىشنى باشقىلارنىڭ ئاللىبۇرۇن باشقىلارنىڭ قىلىپ بولغانلىقىنى بايقايسىز، سىزنىڭ پىلانلىرىڭىز تېخى پۈتمىگەن ۋاقىتتدا باشقىلار خېلى بىر يەرگەبېرىپ بولغان بولىدۇ، سىز بۇنداق ۋاقىتتا ۋاز كېچىشنى ئويلىماي قانداق قىلسام بۇئىشنى ئۇلاردىن ياخشى قىلالايمەن دىگەننى ئويلىشىڭ.
6. پۇل بولمىسا قانداق ئىش باشلىغىلى بولىدۇ
بىز نۇرغۇن ھالدا پۇلۇم يوق دىگەننى باھانەقىلىۋالىمىز، ئەمىلىيەتتە چەكلىك بولغان بايلىقتىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنالىساق، ئۆزىمىز ئويلىغاندىنمۇ كۆپ ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز.
7. بىز بۇرۇنمۇ شۇنداق قىلغان
سىزنىڭ خارەكتىرىڭىزسىزنىڭ خىزمەت مەيدانىدىكى ۋە كوللىكتىپتىكى ئىپادىڭىزگە زور تەسىر قىلىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بەك تىز، سىزنىڭ يېرىم يىل بۇرۇن تۈزگەن پىلانىڭىز ھازىرئىشلەنمەسلىكى مۇمكىن. سىز چوقۇم توختىماي ئۆگىنىپ شۇ پىلانلىرىڭىزنى يېڭىلاپ تۇرىشىڭىز كېرەك.
8. باشقىلارنىڭ نىمە دىيىشگە بەكرەك دىققەت قىلىش
باشقىلارنىڭ سىزنى نىمەدىيىشىدىن قەتئىنەزەر شۇنى ئىسىڭىزدە تۇتۇڭكى سىز ئىشلارنى مەڭگۈ ئۇلارنىڭ دىگىنىدەك ياخشى ياكى ناچار قىلمايسىز، شۇڭا سىز ئۇلارنىڭ نىمە دىيىشىگە كۆڭۈل بۆلمەي، شۇ دىگەنلىرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئويلىشىڭ. كىملىكىڭىزنى ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ گىپى بىلەن ئەمەس.
9. مەنزادى مۇشۇنداق ئادەم
سىز بۇ گېپىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلمايدىغان ئادەملىكىڭىزنى ئىپادىلەپ قويىسىز. بىراق خىزمەت مەيدانىدا سىز توختىماي ئۆزگىرىشلەرنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىڭىزنى يېڭىلاپ تۇرمىسىڭىز، شاللىنىپ كىتىسىز.
10.تەقدىر
نۇرغۇن كىشىلەر ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولمىسا، تەقدىر شۇنداق دەپ چۈشىنىدۇ، بىراق تىرىشسىڭىز تەقدىرىڭىزنى ھامان ئۆزگەرتەلەيسىز.
" n4 P- J8 ~" v9 \4 ]5 E. S ئۆزتۈرك كارخانا مەسلىھەتچىلىكى