مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 30295|ئىنكاس: 40

تاشپولات: ئۇيغۇرلاردىن چىققان يەنە بىر ئاكادېمىك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

121

تېما

215

يازما

336

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 99627
يازما سانى:
215
نادىر تېما :
16
مۇنبەر پۇلى :
6148
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
91 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-11-15
ئاخىرقى:
2016-3-26
ۋاقتى: 2015-12-16 12:40:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئۇيغۇرلاردىن چىققان يەنە بىر ئاكادېمىك

تاشپولات روزى


دېكابىر ئايلىرى كىرىشى بىلەنلا ئۇيغۇر خەلقىنى خۇشال قىلىدىغان خەۋەرلەر يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى تارقىلىپ، يۈرەكلىرىمىزنى ياشناتماقتا. ئالايلۇق، تېخى يېقىندىلا ئامېرىكىدىكى ئىككى قېرىندىشىمىزنىڭ قىزلىرى ئايرىم–ئايرىم ھالدا دۇنياغا داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىن بولغان ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇشىغا ھازىرغىچە بىرە ئۇيغۇر قوبۇل قىلىنىپ باقمىغانىدى. ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغىنى بىزنىڭ دۇنياغا داڭلىق بىئولوگىيە ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ قىزى نەرگىز مۇتەللىپ. مانا مۇشۇنداق كۈنلەردە، خۇشاللىق ئۈستىگە خۇشاللىق دېگەندەك يەنە بىر سۆيۈندۈرىدىغان خەۋەر قەلبىمىزنى ھاياجانغا سالدى، يەنى شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتلاقچىلىق-مۇھىت ئىلمى ئىنستىتۇتى تۇپراق ۋە ئاگروخىمىيە كافېدراسىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى، رۇسىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە مائارىپى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان «تۆھپىكار ئالىم» نامىغا ئېرىشكۈچى ئەكبەر ئېلاخۇن 11-ئاينىڭ 24–كۈنى رۇسىيەدە ئېچىلغان رۇسىيە پەن-تېخنىكا ئالىملىرى سايلىمىدا «چەت ئەللىك ئاكادېمىك» دېگەن كاتتا شان–شەرەپكە نائىل بولدى. رۇسىيە تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى 12–ئاينىڭ 14–كۈنى ئەكبەر ئېلاخۇنغا داغدۇغىلىق ھالدا ئاكادېمىكلىق شاھادەتنامىسى تارقىتىپ بەردى. مەن يېقىن بۇرادىرىم ئەكبەر ئېلاخۇننىڭ موسكۋادىن ماڭا يوللىغان ئۇندىدار ئۇچۇرى ئارقىلىق يۇقىرىقى خۇشخەۋەرنى ئاڭلاپ ئالەمچە سۆيۈندۈم. ئەكبەر ئېلاخۇن بىلەن مەن توققۇزتارا ناھىيەسىدە بىر ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغانىدۇق، شۇنداقلا ئوتتۇرا مەكتەپنىمۇ بىر مەكتەپتە تاماملىغانىدۇق.


بۇ قېتىم بېرىلگەن ئاكادېمىك ئىسپاتى

ئاكادېمىك ئەكبەر ئېلاخۇن 1963-يىل 6-ئاينىڭ 3-كۈنى توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ ئالماگاسخۇز يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1982-يىلى 9-ئايدىن 1987-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ 1- ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى ئاگرونومىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئاگرونومىيە  كەسپىدە ئوقۇپ، باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1995-يىلى 9-ئايدىن 1998-يىلى 12-ئايغىچە، غەربىي شىمال يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئاگروخىمىيە فاكۇلتېتى، ئۆسۈملۈك ئوزۇقلۇقشۇناسلىقى ۋە ئوغۇتلاش كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى تاماملىغان. 2001-يىلى 3-ئايدىن 2001-يىلى 7-ئايغىچە، بېيجىڭ تىل-مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا رۇس تىلى بويىچە تەربىيىلەنگەن. 2001-يىلى 11-ئايدىن 2002-يىلى 11-ئايغىچە، رۇسىيە دۆلەتلىك تىمىريازىۋا يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى تۇپراق ئېكولوگىيە ۋە ئاگروخىمىيە فاكۇلتېتى ئاگروخىمىيە كافېدراسىدا بىر يىللىق ئوقۇش ۋە تۇپراق چىرىندى ماددىسى ئۈستىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان ( (I.P.Deryogin  بۇ بىر يىل ئىچىدە رۇسىيەدە 3 پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئىككى قېتىم خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ماقالە ئوقۇپ، بىرىدە مۇنەۋەر ماقالە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى 12-ئايدىن 2006-يىلى 12-ئايغىچە، رۇسىيە دۆلەتلىك تىمىريازىۋا يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى تۇپراق ئېكولوگىيە ۋە ئاگروخىمىيە فاكۇلتېتى تۇپراقچىلىق كافېدراسىدا بىر يىللىق ئوقۇش ۋە تۇپراق چىرىندى ماددىسى ئۈستىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. A.I.Karpuhin> دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ غەربىي يۇرت ئىختىساسلىق خادىملارنى ئالاھىدە تەربىيىلەش فوندى ياردىمىگە ئېرىشكەن). 2006-يىلى 12-ئايدىن 2009-يىلى 12-ئايغىچە، رۇسىيە دۆلەتلىك تىمىريازىۋا يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى تۇپراق ئېكولوگىيە ۋە ئاگروخىمىيە فاكۇلتېتى تۇپراقچىلىق كافېدراسىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇغان. A.I.Karpuhin (ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇغان) .ئۇ ھازىر پروفېسسور، دوكتور، دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى،  رۇسىيە تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتلاقچىلىق ۋە مۇھىت ئىلمى ئىنستىتۇتى تۇپراق خىمىيەسى تەتقىقات ئىشخانىسى ۋە تەجرىبىخانىسىنىڭ مەسئۇلى. ئۇ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا تۇپراقچىلىق، ئۆسۈملۈك ئوزۇقلۇقشۇناسلىقى، تۇپراق ئانالىزى، تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىزلارنى ياخشىلاش، ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى  ۋە ماگىستىر ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلارغا تۇپراق خىمىيەسى دەرسىنى ئۆتىدۇ.


ئەكبەر ئېلاخۇن يەنە شىنجاڭ تۇپراق ئوغۇتچىلىقى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزاسى، ياۋروپا-ئاسىيا تۇپراقچىلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ياۋروپا-ئاسىيا تۇپراقچىلىق ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ جۇڭگودىكى بىردىنبىر ھەيئەت ئەزاسى (http://fesss.org/eurasian_journal_of_soil_science.asp)، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى قوش تىلدا لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇنۋان باھالاش كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو ئاگرورادىلوگىيە ئىلمىي ژۇرنىلى توردا باھا بېرىش مۇتەخەسسىسى، رۇسىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە مائارىپ، چارۋىچىلىق ئىشلىرىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ئالىم قاتارلىق ئىككى خىل تۆھپە مېدالىنىڭ ساھىبىدۇر.


ئاكادېمىك ئەكبەر ئېلاخۇن ھازىرغىچە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا 70 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ئېلان قىلغان (بۇنىڭ ئىچىدە چەتئەلدە ئېلان قىلىنغان ماقالە 10 پارچىدىن ئارتۇق)، رۇسچە مونوگىرافىيە نەشر قىلدۇرغان. ئۇ يەنە ئۇيغۇر تىلىدىكى پەن-تېخنىكا قوللانمىسىدىن تۆتنى، ئۇيغۇر تىلدىكى دەرسلىك كىتابتىن 3 نى نەشر قىلدۇرغان. ئۇنىڭ تەتقىقات يۆلىنىشى تۇپراق خىمىيەسى (چىرىندى ماددا خىمىيەسى ۋە ئېغىر مېتاللاردىن بۇلغىنىش ۋە ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش)، تۇپراق ئېكولوگىيىسى (شىنجاڭدىكى تىپىك ئوتلاق تۇپرىقىنىڭ ئېكولوگىيىلىك چېكىنىشى)، ئۆسۈملۈك ئوزۇقلۇق فىزىئولوگىيىسى (يېڭىدىن ئۆزلەشتۈرگەن يەرلەر ئوخشاش بولمىغان توپا دانچىلىرى ئىچىدىكى ئورگانىك فوسفورنى گۇرۇپلارغا ئايرىش) ۋە لاتقا تەركىبىدىكى ئېغىر مېتال ئېلېمېنتلارنى بىر تەرەپ قىلىش چىقىرىش ھەمدە ئۇلارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.


ئەكبەر ئېلاخۇن ھازىرغىچە دۆلەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سەككىز تەتقىقات تۇرىنى تاماملىغان بولۇپ، تەتقىقات سوممىسى 2 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. ئۇنىڭ نۆۋەتتە دۆلەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تەتقىقات تۈرىدىن ئىككىنى ئىشلەۋاتقان بولۇپ، تەتقىقات سوممىسى 860 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. ئۇ ھازىرغىچە ئىشلىگەن يەتتە تۈر دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.


رۇسىيە چارۋىچىلىق ئىشلىرىگە (لىكسىن مېدالى) ئالاھىدە تۆھپە قوشقان تۆھپىكار ئالىم مېدالى



رۇسىيە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە مائارىپى ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ئالىم مېدالى


ئاكادىمىك ئەكبەر ئېلاخۇن بۇنىڭدىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى:

1. دۆلەتلىك تەبىئىي پەنلەر فوندى «شىنجاڭنىڭ تىپىك ئوتلاق تۇپراقلىرىدىكى تۇپراق قېلىنلىقىنىڭ ئۆزگىرىش، چېكىنىش دەرىجىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبى» تۈرىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىدۇ.


2. كورلا شەھەرلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە چوڭ تۈرى بولغان «كورلا نەشپۈتىگە ئوزۇقلۇق دىئاگنوز تېكىستى ۋە رېتسېپلىق ئوغۇتلاش تېخنىكا تەتقىقاتى» تۈرىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىدۇ.


3. گۈزەل كۆك دالا يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ تارىم چارۋا مەھسۇلاتلىرى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ۋە شىنجاڭ قۇدرەت قوناق تائام مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش چەكلىك شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئورگانىك يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىپ، 2016-يىلى يىلى ئاخىرىدا رايونىمىزدىكى ئىشەنچلىك بولغان ئورگانىك بۇغداي قوناق ئۇنلىرىنى ۋە بىر قىسىم چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىدۇ.


4. 2016–يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆسۈملۈك ئوزۇقلۇق دىئاگنوستىكىسى ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغات ئالامەتلەر، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئاسان كۆرۈلىدىغان تۇپراقلار ۋە ئۇنى جىددىي قۇتقۇزۇش ھەققىدە رەڭلىك رەسىملىك كىتاب ھەمدە تۈرلۈك ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈملۈكلەر ئۈچۈن بىردىن ئۇيغۇر تىلىدىكى DVD پلاستىنكىسىنى نەشىر قىلدۇرىدۇ.


مەن يۇقىرىدا ئاكادېمىك ئەكبەر ئېلاخۇننى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ چىقتىم. ئۇنىڭ يۇقىرىقى نەتىجىلىرىدىن ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى پەخىرلەنمەي تۇرالمايدۇ، ئەلۋەتتە! ئۇ بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك تۆھپىكار ئوغلانلىرىنىڭ بىرىدۇر! ئۇ ئىلىم يولىدا ئۇچرىغان مەغلۇبىيەتلەرگە قىلچە باش ئەگمەي، كۆڭلىگە پۈككەن گۈزەل غايىلىرىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن توختاۋسىز تىرىشقان ئۇيغۇر ئالىمىدۇر! ئۇ 1981-يىلى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا تۆۋەن نومۇر ئېلىپ قېلىپ، ئۆزى ئارزۇ قىلغان كەسىپكە قوبۇل قىلىنالمىغانىدى. بىراق ئۇ شۇ قېتىمقى مەغلۇبىيىيىتىدىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويماي، ئوتتۇرا مەكتەپتە قايتا ئوقۇدى ھەمدە 1982 -يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتىغا قوبۇل قىلىندى. ئاكادېمىك ئەكبەر ئېلاخۇننىڭ سەمەرلىك ھاياتىدىن شۇنى خۇلاسىلىيەلەيمىزكى، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، نىشانلىق ئىلگىرلىسەكلا، ئالدىمىزدىكى ئېگىز داۋانلاردىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈپ، غايىمىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز! كىچىككىنە يېزىدىكى دېھقان ئائىلىسىدە چوڭ بولغان ئەكبەر ئېلاخۇننىڭ ئىلىم داۋىنىدا بىر قەدەم – بىر قەدەمدىن ئىلگىرىلەپ، ئاۋۋال دوكتور، ئاندىن پروفېسسور، ئاخىرىدا ئاكادېمىك بولالىشى ھەقىقەتنىمۇ ئادەمنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ. مەن ئاخىرىدا ئاكادېمىك ئەكبەر ئېلاخۇننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقات، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىدا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن، شۇنداقلا ئۇنى بېقىپ قاتارغا قوشقان مېھرىبان ئاتا-ئانىسىغا، قوللاپ بەرگەن بارچە ئەزىز قوللىغۇچىلىرىغا تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.

(تۈگىدى)

2015–يىلى 12–ئاينىڭ 15 – كۈنى. ئامېرىكا لوس ئانجېلېس







باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +99 يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 99 رەھمەت ، سۆيۈندۇق

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

430

يازما

444

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 101831
يازما سانى:
430
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1348
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
516 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-1-5
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2015-12-16 16:49:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mezxepsiz يوللىغان ۋاقتى  2015-12-16 04:35 PM
توغرادەيسىز، ئەگەر شۇ ناخشىچىلارغا ئايىماي پۇل خەجلە ...

  سىز توغرا ھىس قىپسىز ،قىرىندىشىم. كارخانچىلار مۇشۇنداق پالىيەتلەرگە كۆپلەپ پۇل ئاجىرتىش بىلەن بىرگە ئىلاننى ساماندەك قىستۇرۇپ ئۈزىنى تەشۋىق قىلدى ، دۆۋلەتكە ،خەلىققە ،مىللەتكە شان - شەرەپ ئىلىپ كەلگەن ھەر كەسىپ ھەر ساھىدىكى مۇشۇنداق ئۇتۇق قازانغۇچىلارنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش  پائالىيەتكە تەشكىللەپ مۇشۇ مۇكاپاتنىڭ يىرىمىنى بەرگەن بولسىمۇ ئىلىم يولىدا يىتىلىۋاتقان زىيالىلىرىمىزغا كاتتا ئىلھام بولۇش بىلەن بىرگە ، بۇكارخانچىلارنىڭ شان- شۆھرىتى ھەسىلەپ ئاشقان بولاتتى.

14

تېما

430

يازما

444

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 101831
يازما سانى:
430
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1348
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
516 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-1-5
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2015-12-16 18:26:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aqturk يوللىغان ۋاقتى  2015-12-16 05:54 PM
ئاكادىمىك ئەكبەر ئېلاخۇننى ( ئەلى ئاخۇن ؟) ئۆزى ھەمكار ...

  كارخانچىلا نىڭ ئىلان تەشۋىقاتنى ئىلىپ بىرىشىنى مەن خاتا دىمىدىم، سىزدىمەكچى بولغان مۇددا مەخسەتتىن تىيىپ كىتىپسىز. ئۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئىلان تەشۋىقاتىنى بەرمىسىمۇ ھىلى ھەم تىلۋۇزۇرنىڭ نەنى ئاچساق ‹‹ھۆ ›› بولغىدەك ئىلانلاربىلەن توشتۇرۋىتىپ بارمامدۇ؟

20

تېما

706

يازما

726

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 109839
يازما سانى:
706
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1329
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
252 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-9-10
ئاخىرقى:
2016-3-2
ۋاقتى: 2015-12-16 13:59:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىملىرىمىز كۈپىيىپ بىزنى سۈيۈندۈرسۇن، پەخىرلىنىمىز، بارىكاللا ئالىملا، بىز سىلەر بىلەن ئۆزىمىزنى تاپالايمىز،بىلەلەيمىز، تۇنۇيالايمىزۋە تۇنۇتالايمىز

20

تېما

706

يازما

726

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 109839
يازما سانى:
706
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1329
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
252 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-9-10
ئاخىرقى:
2016-3-2
ۋاقتى: 2015-12-16 14:00:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت تاشپۇلات ئاكا بىزنى بەكمۇ سۈيۈندۈردىڭىز

14

تېما

430

يازما

444

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 101831
يازما سانى:
430
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1348
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
516 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-1-5
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2015-12-16 15:12:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىپەك يولى ساداسىدىكى غەزەلچىلەرنى بىر ناخشا ئوقۇپ قويسا 200مىڭ يۈئەن ،150مىڭ يۈئەن ،100مىڭ يۈئەن ،50مىڭ يۈئەنلىك ماشىنا بىلەن مۇكاپاتلىدى ، مانا مۇشۇنغا ئوخشاش تىرىشپ ئوقۇپ ئالىم بولغان قولىدىن ئىش كىلىدىغان دۆلەتكە ، خەلىققە زور مەنپەئەت يەتكۈزدىغان مائارىپ ،سەھيە ، پەن تەتقىقات ئۈچۈن يۈرەك قىنىنى سەرىپ قىلىۋاتقان نۇرغۇن قابىلىيەتلىك كىشىللىرىمىزنى ھىچكىممۇ مۇكاپاتلاشنى ئويلىشىپ باقمىدى، بىز مەڭگۈ سىگانلاردەك شامالغا ئۇسۇل ئويناپ ،ناخشا ئۇسۇلغا بەنىت بولۇپ ئۈتەمدۇق؟

0

تېما

24

يازما

24

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84030
يازما سانى:
24
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3061
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
14 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-8-17
ئاخىرقى:
2016-1-26
ۋاقتى: 2015-12-16 15:44:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن خوشاللىنارلىق ئىش بوپتۇ، مەكتەبدىشىم ،يۇرددىشىم ،سىزنى چىن دىلىمدىن  تەبرىكلەيمەن! تېخىمۇ چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

6

تېما

579

يازما

585

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 80942
يازما سانى:
579
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
5050
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
281 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-6-1
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2015-12-16 16:18:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى خۇشاللىنارلىق ئىش بوپتۇ، ئۇيغۇرلارنى يەنە بىر قىتىم دۇنياغا تونۇتۇپتۇ. تەبرىكلەيمەن

6

تېما

579

يازما

585

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 80942
يازما سانى:
579
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
5050
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
281 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-6-1
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2015-12-16 16:18:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى خۇشاللىنارلىق ئىش بوپتۇ، ئۇيغۇرلارنى يەنە بىر قىتىم دۇنياغا تونۇتۇپتۇ. تەبرىكلەيمەن

8

تېما

263

يازما

271

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 10854
يازما سانى:
263
نادىر تېما :
1
مۇنبەر پۇلى :
9021
تۆھپە :
421
باھا :
343
توردا:
3588 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-9-20
ئاخىرقى:
2016-3-22
ۋاقتى: 2015-12-16 16:30:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاشپولات روزى ئاكا،بىزنى بۇ خوشاللىقتىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ،بىزدىنمۇ ئالىملار كۆپلەپ چىقسا،مىللىتىمىزدىن پەخىرلىنىش ھىسىياتى قەلبىمىزدە كۇۋەجەپ تۇرسا نىمىدىگەن ياخشى ھە!ئاللاھ بىزنىڭ پەرزەنىتلىرىمىزنىمۇ شۇنداق ئىلىملىك ئىنسانلاردىن قىلغاي!

بەخىتلىك نىكاھ،كۇڭۇللۇك تۇرمۇشنىڭ ئاساسى!!!

ئونۋېرستىتتا ئو

12

تېما

148

يازما

160

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2765
يازما سانى:
148
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
9679
تۆھپە :
508
باھا :
371
توردا:
158 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-6-15
ئاخىرقى:
2016-2-5
ۋاقتى: 2015-12-16 16:35:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Eliyop يوللىغان ۋاقتى  2015-12-16 03:12 PM
يىپەك يولى ساداسىدىكى غەزەلچىلەرنى بىر ناخشا ئوقۇپ قو ...

توغرادەيسىز، ئەگەر شۇ ناخشىچىلارغا ئايىماي پۇل خەجلەۋاتقان بايلىرىمىز، ئاشۇنداق ئالىم لىرىمىزغىمۇ شۇنىڭ يېرىمىدەرەكمۇ بولسا مۇكاپات بەرسە ئۇلارغىمۇ زور ئىلھام بولاتتى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-1 04:22 PM, Processed in 0.124028 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش