مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 16109|ئىنكاس: 12

كارخانىچى ياسىنجان توختى(قايدۇ)بىلەن سۆھبەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

131

تېما

1401

يازما

1532

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 53836
يازما سانى:
1401
نادىر تېما :
17
مۇنبەر پۇلى :
53424
تۆھپە :
1889
باھا :
1506
توردا:
10654 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-8-30
ئاخىرقى:
2016-3-29
ۋاقتى: 2015-12-15 12:03:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
كارخانىچى ياسىنجان توختى (قايدۇ) بىلەن سۆھبەت
سۆھبەت ئۇيۇشتۇرغۇچى: مارشال
psbCAEDF5FO.jpg
تۇرسۇنجان مۇھەممەت: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ياسىنجان توختى ئاكا،بۈگۈن مەن ئوبلاستىمىزدىن چىققان سىزدەك بىر ئۇيغۇر كارخانىچى بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولسام دەيمەن،قانداق قارايسىزكىن؟

ياسىنجان توختى: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئىنىم، ئەلۋەتتە بولىدۇ. ئۆز بېشىمدىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرىمنى ھەمدە بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۈچە بولغان ئىش-ئىزلىرىمنى كۆپرەك كىشى بىلەن ئورتاقلاشسام دەپ ئويلايمەن. قانداقلا سوئال بولسا سوراۋىرىڭ.

تۇرسۇنجان مۇھەممەت: سىز قەيەردە، قانداق ئائىلىدە تەۋەللۇت قىلغان؟ ئۆز ئائىلىڭىز ۋە بالىلىق ۋاقىتلاردىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

ياسىنجان توختى: مەن 1970-يىلى خېجىڭ ناھىيسىنىڭ بارۇن قارمۇدۇن يېزىسىدا دېھقان تىجارەتچى ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتا-ئانامنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىنى سۈرۈشتۈرۈش توغرا كەلسە ئاتام توختى سېيت قەشقەر يېڭئۆستەڭدىن بولۇپ، 20ياش ۋاقىتلىرىدا قەشقەردىن چىقىپ كېتىپ قاراشەھەردە تۇرۇپ قالغان ئىكەن. ئانام قۇۋانخاننىڭ ئانىسى ئاتۇشتىن بولۇپ قاراشەھەردە تۇغۇلغان ئىكەن. كېيىن ئۇلار توي قىلىپ خېجىڭ ناھىيسىنىڭ قارمۇدۇن يېزىسىغا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىكەن.
بىز ئالتە پەرزەنت بولۇپ مەن بالىنىڭ تۆتىنجىسى، بىر ئاكام، ئىككى ھەدەم، ئىككى ئىنىم بار. ئانام ئەينى چاغدا قىز بالا تالانىڭ ئادىمى، ئاجىز يارالغان دەپ ئىككى ھەدەمنى پىداگوكىكا مەكتىپىدە ئوقۇتقان ئىكەن. ئىككى ئىنىم تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگىچە ئوقۇغان. ئاكام بىلەن مەن قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇيالماي ساۋاتسىز قالغان ئىكەنمىز.
ئېسىمنى بىلسەم بەش ياشقا كىرگەن چاغلىرىمدا ئەڭ كىچىك ئىنىم دۇنياغا كۆز ئېچىپتىكەن. شۇ ۋاقىتتا مەن يالاڭ ئاياق يۈگرەپ چوڭلارنى قىچقارغىلى بارغان ئىدىم. يەتتە يېشىمدا مەكتەپكە كىرىپ 1-سىنىپتا بىر مەۋسۈم ئوقۇپلا مەكتەپتىن چېكىنىپ چىقىپ كەتتىم. مەكتەپتىكى بالىلارنىڭ مېنى بوزەك قىلىۋىلىشى ھەم ئائىلىمىزدە ئېغىر قىيىنچىلىق بولغاچقا ئوقۇماسلىقتىكى تۈپكى سەۋەپ بولۇپ قالغان. مەكتەپتىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۆيدىكىلەر مېنى ئاكامغا قۇشۇپ ياغاچچىلىق ھۈنىرىگە بەردى. ھۈنەرنى بىرەر يىل چامىسىدا ئۆگەنگەندىن كېيىن ئاكام بىلەن بىللە كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ئىشىك، ئورۇندۇق، ئۈستەل، ئۆي-جاھازلىرى ياساش ئۈچۈن شال تارتىشقا توغرا كېلەتتى. تەييارلاپ قويغان ياغاچلارنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىككى چەتتىن شال ھەرىسىدە تارتاتتۇق. شۇ ۋاقىتتا شال ھەرىسىگە كۈچۈم يەتمەي ئاغزىمدا ئىتتىرىپ چىشلىرىم قاناپ كەتكەن چاغلارمۇ بولغان ئىدى. بىر يىلدىن كېيىن ئۆيدىكىلەر مېنى تامچى ئۇستامغا ھۈنەرۋەنلىككە بەردى. مەن تۇغۇلغان يېزىنىڭ يېرى زەي بولغاچقا ھۇلنى چوڭقۇر كولاشقا توغرا كېلەتتى. ئۇ چاغلاردا يەرلەرنى ھۆددىگە بەرمىگەن ،خەلق كوپراتىپى بولغاچقا جاپالىق ئىشلىمىسە جان باققىلى بولمايتى. ئون يېشىمغا كىرمەي تۇرۇپلا ئۆي سېلىش، ياغاچچىلىق ئىشلىرى بىلەن كۆپ ھەپىلىشىپ بۇ ھۈنەرلەرگە خېلىلا ئۇستا بولۇپ قالغان ئىدىم.


تۇرسۇنجان مۇھەممەت: سىز قايسى سەۋەبلەر بىلەن قارا شەھەر ناھىيسىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىدىڭىز؟ قاراشەھەر ناھىيسىگە كەلگەندىن كېيىنكى ھاياتىڭىز قانداق ئۆتتى؟

ياسىنجان توختى: مەن ئون بىر ياشقا كىرگەن يىلى چوڭ ھەدەم بۈگۈر ناھىيلىك پىداگوكىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ قاراشەھەر ناھىيسىگە ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەتكە چۈشتى. شۇ چاغلاردا ئائىلىمىزدە قىيىنچىلىق ئېغىر، ئاچارچىلىق دەۋرى بولغاچقا ئانام ‹‹كېتىمىز››دەپ مەجبۇرىي ھالدا ئۆيدىكى ھەممە يۈك –تاقلارنى تېرەكتۇرغا بېسىپ بىزنى قاراشەھەر ناھىيسىگە ئەكەلدى.
ئانام شۇ ۋاقىتتا دادامنىڭ قارشى تۇرىشىغا پەرۋا قىلماي ھەدەمنىڭ خىزمەت ئورنىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇۋالغان ئىدى. دادام ئۆي-ماكاننى، يۇرتنى تاشلاپ كەتمەيمەن دەپ تۇرۇۋالغان ئىدى. بىز قاراشەھەر ناھىيسىنىڭ بازار ئىچىگە ئورۇنلىشىپ ئون نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن دادام يېنىمىزغا قايتىپ كەلگەن ئىدى.
ئانام شۇ ۋاقىتتا يىراقنى كۆزلەپ پەرزەنتلىرىم شەھەر ئىچىدە چوڭ بولسۇن، تىجارەت قىلىپ يول تاپسۇن، ئۆگەنگەن ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ پۇل تاپسۇن، چوڭ قىزىم ئوقۇتقۇچى بولغاندىكىن ئۆزىدىن كىچىك قېرىنداشلىرىنى يېتەكلەپ ماڭسۇن دېگەنلەرنى ئويلاپتىكەن.
بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەر قاراشەھەر ناھىيسىنىڭ بازار ئىچىگە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن دادام مېنى تىجارەت يولىغا باشلاپ سودا قىلىشنى ئۆگەتتى. دادام ماڭا مۇچ، سامساقلارنى توپ ئەپ بېرەتتى. مەن يازنىڭ كۈنلىرى ناھىيە بازىرىدا كۆكتات ساتاتتىم. قىشنىڭ كۈنلىرى ئاكام بىلەن بىللە ياغاچچىلىق ھۈنىرى قىلاتتىم.
ئانام جاپاكەش، پەرىشتە سۈپەت ئايال ئىدى. كۈندۈزلىرى بىكار تۇرماي بورا توقۇيتى. كېچىلەردە جىنچىراقنى يېقىپ قويۇپ دوپپا،چىپەر قۇت چاپان تىكەتتى.مەن ئانام تىككەن نەرسىلەرنى كەچلىك بازارلاردا ساتاتتىم. شۇ ۋاقىتتا مەھەللىمىزدە كىنۇ قويدىغان چاغلار كەلگەندە ئانام ماڭا ئىككى سائەتلا رۇخسەت بېرەتتى. مەنمۇ دېگەن ۋاقىتتا كېلىپ بولاتتىم. قاراشەھەرگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىنكى ھاياتىم شۇ تەرىقىدە ئۆتتى.


تۇرسۇنجان مۇھەممەت: دوستلاردىن ئاڭلىشىمچە سىز كىچىك چاغلىرىڭىزدا كورلىدىن قاراشەھەرگە ئاچ قورساق، پىيادە چىقىپ كېتىپتىكەنسىز، بۇ ئىشلار ھاياتىڭىزدا راس يۈز بەرگەن ئىشمۇ؟

ياسىنجان توختى: ھايات كەچمىشلىرىمنى ئەسلەپ ئۆتسەم بۇ ئىشلارنى ھازىرغا كەلگۈچە ئۇنۇتمايەن. بىر يىلى 5-ئايلاردا ئاكام بىلەن بىللە كورلىنىڭ سايدۆڭ باغۋەنچىلىك مەيدانىغا  ياغاچچىلىق ھۈنىرى قىلغىلى باردۇق. بىر كۈنى ئەتىگەنلىكى ئىش ئۈستىدە ئاكام بىلەن گەپ تالىشىپ قالدىم. ئاكام مېنى بەكلا ئۇرۇپ كەتكەچكە ئەلەمگە چىدىماي كورلا شەھەر ئىچىگە پىيادە چىقىپ كەتتىم. ساي بېكەتكە چىقىپ تۇنۇش كىشىلەر ئۇچراپ قالارمۇ دەپ ساقلاپ باقتىم. كەچ بولغاندا بازار لاغايلاپ تېرە بازىرى(ھازىرقى ئىتىپاق سودا بازىرى)غا كېلىپ قاپتىمەن. يانچۇقتا پۇل بولمىغاچقا كەچلىك بازارلاردىكى ئۆپكە-ھېسىپ،كاۋاپنىڭ ھىدلىرى بۇرنۇمغا پۇراپ ئېچىرقاپ كەتكەن ئىدىم.
ئۇچامدا ئاسما كۆڭلەڭ، پۇتۇمدا ئاياق يوق، ئاچ قورساق ھالەتتە دەريا بويىدىكى تېرەكلىك ئارىسىدىن پاناھلىق تىلىدىم. ھارغىنلىقتا قانداق ئۇيقۇغا كەتكىنىمنىمۇ بىلمەيمەن. بىر ۋاقىتلاردا پۇتۇمنى شالاپ-شالاپ قىلىپ بىر جانۋار يالاۋاتىدۇ. ئويغىنىپ قارىسام يوغان بىر قار ئىت ئىكەن. سەگەك ياتمىغان بولسام پۇتۇمنىڭ پاقالچىكىنى گۆشكەن دەپ يەر ئىكەنتۇق. چۆچۈپ ۋارقىراپ ئورنۇمدىن تۇرۇشۇم بىلەن تەڭ ئىتمۇ كۆزدىن غايىپ بولدى. بەكلا قورقۇپ كەتكەچكە تاڭ ئاتقۇچە كۆۋرۈكنىڭ يېنىدا ئۇيان-بۇيانغا چۆگىلەپ يۈردۈم. كۆۋرۈك يېنىدا مەسجىت بولغاچقا بامدات نامىزىدىن كېيىن جامائەت بىلەن بىللە توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراققا بېرىپ قورساق توقلارمەن دەپ تاتلىق ئويلاردا مەسجىتكە كىردىم. مەسجىتتىن چىققاندىن كېيىن بىر كىشىمۇ يىغىنچىلىق بار دېمىدى. جامائەتمۇ تېزلا تارقاپ كەتتى. شۇ ۋاقىتتا تەلىيم يوق ئىكەن. يەنە ئۈمىد بىلەن ساي بېكەتكە قاراپ يول ئېلىپ بېكەتنى نەچچە رەت ئايلانساممۇ تۇنۇش كىشىلەر ئۇچرىمىدى. ئۇچراپ قالسا قەرز ئېلىپ بولسىمۇ كېتەرمەن دەپ شېرىن خىياللاردا بوپتىمەن. پېشىن ۋاقتى بولغان چاغدا يالاڭ ئاياق قاراشەھەرگە قاراپ يول ئالدىم. يوللاردا ماشىنا، تېرەكتۇر كۆپ بولغاچقا كونا يول بىلەن ماڭدىم. يېرىم كېچە بولغاندا قاراشەھەرگە قايتىپ كەپتىمەن. كالپۇكلىرىم قۇرۇپ، پۇتلىرىم ئىشىىپ قاپىرىپ كەتكەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتا ئانام سۇلغۇن چىرايىمنى كۆرۈپ كۆز يېشى قىلدى ھەم مېنى باغرىغا قاتتىق باسقان ئىدى.


تۇرسۇنجان مۇھەممەت: سىز قايسى ۋاقىتتا ئۆز رايۇنىڭىزدىن ھالقىپ تىجارەت قىلىش يولىنى باشلىغان ئىدىڭىز؟

ياسىنجان توختى: مەن 1986-يىلى ئۆيدىكىلەرنىڭ رۇخسىتىنى ئالمايلا تۆت كىشى بىلەن شىرىك بولۇپ قاراشەھەردىن ئۈرۈمچىگە مۇچ ئېلىپ باردىم. شۇ ۋاقىتتا سودىمىز ياخشى بولۇپ بارلىق چىقىمنى چىقىرۋەتكەندە ھەربىرىمىزگە 200سومدىن ساپ پايدا قالغان ئىدى. مۇچ سودىسى تىجارەتنىڭ ياخشى تۈرىكەن دەپ ئويلاپ يۇرتىمىزغا بارساق بۇرۇنقى بىز ئالغان باھادىن بەكلا ئۆسۈپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاقسۇنىڭ ئايكۆلگە بېرىپ ئەرزان باھادىلا قاپاق مۇچ ئېلىپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتۇق.ئىشلار ئەپلەشمەي ئالغان قاپاق مۇچلارنىڭ ھەممىسى بارغۇچە سېسىپ كەتتى. كۆپ ئالغانكىن زىيانمۇ كۆپ بولۇپ 3500سومنى يوق قىلىپ ئۆيگە قايتىپ كېلىۋالدىم. تارتقان زىيانلارنى تولدۇرۋالىمەن دەپ ياغاچچىلىق ھۈنىرى ئېغىر قىلىش ئېغىر كەلدى. ئۆيدىكىلەرنىڭ قارشى تۇرىشىغا پەرۋا قىلماي سىرتقا چىقىپ تىجارەت قىلىمەن دەپ تۇرىۋالدىم. لوپنور ناھىيسىگە بېرىپ قەلەي بوتكىدا ئۈچ يىل مۇچ، سامساق سېتىپ تىجارەت قىلىپ يۈردۈم.
1989-يىلىغا كەلگەندە دادام مېنى ئۆيدە تۇرمىدىڭ، يەل تاپان بولۇپ قالدىڭ دەپ يۈزۈمگە ئىككى كاچات سالدى. ئۇرماي-ئۇرماي تۇيۇقسىز ئۇرسا ئادەمگە ھار كېلىدىكەن. ئەلەمگە چىدىيالماي ئاكامنىڭ ‹‹ۋېنجۇ››ماركىلىق ۋەلسىپىتىنى سېتىۋىتىپ بەش يۈز سومدەك پۇل بىلەن چاپاننى قېقىپ غۇلجىغا مۇساپىر بولۇپ چىقىپ كەتتىم.


تۇسۇنجان مۇھەممەت: غۇلجىدىكى مۇساپىرچىلىق ھاياتىڭىز قانداق ئۆتتى؟ شۇ ۋاقىتتا قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولدىڭىز؟

ياسىنجان توختى: مېنىڭ بىر يىلغا يېقىن ھاياتىم غۇلجىدا ئۆتتى. دەسلەپكى بارغان چېغىمدا ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ئۆيىدە تۇردۇم. بىر مەزگىلدىن كېيىن ئايرىم ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇردۇم. غۇلجىغا ئېلىپ كەلگەن ياغاچچىلىقتا ئىشلىتىدىغان سايمانلارنى ئىشقا سېلىپ ئۈستەل-ئورۇندۇق ياساپ شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى بازارغا ئاچىقىپ ساتتىم. كۆپرەك پۇل تاپاي دەپ كىشىلەرنىڭ ئۆگزىسىدىكى قارلارنى سۈپۈرۈپ تازلىدىم. شۇنچىلىك جاپالىق ئىشلىگەن بولساممۇ تاپقان پۇللىرىم 500-600سومدىن ئاشمىدى. غۇلجا ماڭا ناتۇنۇش شەھەر بولغاچقا سودا-تىجارىتىم راۋاج تاپمىدى، ياغاچچىلىق ھۈنىرى ئەپلەشمىدى، ئىجتىماھىي ئالاقە ئىشلىرىدا  قىينالدىم، ھەمراھ بولمىغانكىن كۆپ ۋاقىتلاردا ئاچ قورساق يۈردۈم...
بىر چاغلاردا ئانامدىن بىر پارچە خەت كېپتۇ. ئۆزۈم ساۋاتسىز بولغاچقا قوشنامنىڭ ئايالى خەتنى ئوقۇپ بەردى ھەم يىغلاپ تۇرۇپ:
-جېنىم بالام، يۇرتىڭىزغا قايتىپ كېتىڭ. سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز، ئائىلىڭىز بار تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن مۇساپىر بولۇپ ياشايسىز؟ ئارتۇق جاپالارنى تارتىسىز؟-دېدى،
ئانام يازغان خەتتىن مېنى سېغىنغانلىقى، ھىجران ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. خەتنى ئاڭلاپ ئۆزۈممۇ يىغلاپ كەتتىم. شۇنداق قىلىپ قولۇمدىكى 2000سومغا يارايدىغان ياغاچ ماتىرياللارنى ۋە ئۈسكۈنىلەرنى بىدىكچىلەرگە ئەرزان باھادا سېتىۋىتىپ ئۈرۈمچىگە كېلىۋالدىم. ئەينەككە قارىسام كىيىملىرىم مەينەت ئىدى. ئۆز-ئۆزۈمدىن نۇمۇس قىلىپ بىر يىل مۇساپىر يۈرگەندىن يۇرتقا ئاقسا كىيىنىپ باراي دەپ قىممەت كىيىملەرنى ئېلىپ ئۆيگە ئەسىر ۋاقتى بولغاندا قايتىپ كەلدىم. ئۇرۇق-تۇققانلار، قېرىنداشلار ئارىسىدا قاتتىق يىغا-زار بولۇپ كەتتى ھەمدە مېنىڭ بىر يەرگە كەتمەسلىكىمىنى ئۆتۈندى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆز يۇرتۇمدا ياغاچچىلىق ھۈنىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئۆتتۈم
.

تۇرسۇنجان مۇھەممەت: كېيىن يەنە قانداق ئىشلارغا يولۇقتىڭىز؟

ياسىنجان توختى: غۇلجىدىن قايتىپ كېلىپ تۆت ئايدەك ياغاچچىلىق ھۈنىرى قىلىپ يۈردۈم. كېيىن دادام شوپۇرلۇقنى ئۆگىنىسەن دەپ ئۇزۇن يىللىق كونا بۇرادىرىگە شاگىرتلىققا قوشۇپ قويدى. مەن بىر مەزگىل شوپۇر ئۇستام بىلەن تۇرپاندا تاۋۇز ئېلىپ ئالتايغا ئاپىرىپ ساتتۇق. مەن ھەر كۈنلىكى كەچتە ماشىننىڭ يۈك باسىدىغان يېرىدە يېتىپ ئارام ئالاتتىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە شوپۇر ئۇستام ماڭا يەتتە سوم بېرىپ ئوغلى بىلەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ كېلدىغانلىقىنى ئېيتىپ مەن بىلەن خوشلاشتى. شۇپۇر ئۇستام ئەتە كېلىدۇ دېگەن ئىشەنچ بىلەن كۆينەك ئېلىپ، تاماق يەپ پۇللارنىڭ ھەممىنى تۈگىتىپتىمەن. نەچچە كۈن ئۆتۈپمۇ شوپۇر ئۇستام قايتىپ كەلمىدى. قورساق ئېچىپ نەچچە رەت ناۋايخانا ئالدىغا بېرىپ يالۋۇرۇش ئېغىر كېلىپ يېنىپ كەتتىم.
ئاچ قورساق يۈرۈپ يەتتە كۈن بولغاندا ماڭا ئوخشاش ئاچ قالغان قىيىم دېگەن بىر بالا ئۇچراپ قالدى. ئۇ ماڭا تۆت كېلۇمېتىر يىراقلىقتا بىر دېھقاننىڭ قوغۇن-تاۋۇزلۇق يېرى بار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى .ھۆل-يېغىن ئاز ياغىدىغان ئوت ماكانى تۇرپاندا شۇ كۈنى كەچتە يامغۇر قاتتىق شارقىراپ يېغىپ كەتتى. قورساق توقلاپ جېنىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كىيىملىرىمىز پاتقاق بولۇپ كەتسىمۇ ئۇزۇن كاماردىن ئۆمىلەپ چىقىپ توڭ –تاۋۇز قوغۇنلارنى جىگدىلىكنىڭ تۈۋىدە ھۇزۇرلىنىپ يەپ كەتتۇق.يەپ بولغان تاۋۇز-قوغۇننىڭ شاپاقلىرىنى قۇمغا كۆمۈۋەتتۇق.
ئون كۈن بولغاندا يۇرتۇمدىكى بىر تۇنۇش بالا ئۇچراپ قېلىپ ماشىنسىغا بېسىۋالدى. توقسۇنغا كەلگەندە بىللە تاماق يەيلى دەپ تاماق بۇيرۇتتى. ئالدىمغا كەلتۈرۈلگەن بىر قاچا لەغمەننى كۆرۈپ كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتكەن ئىدى. شۇ كۈنلەرنى ئەسلىسەم بىرسىگە يالۋۇرۇشقا، تىلەشكە، زارلىنىشقا ،ياردەم سوراشقا تىلىم بارمايدىكەنتۇق
.

تۇرسۇنجان مۇھەممەت: سىز قاچان تۇرمۇش يولىغا قەدەم قويدىڭىز؟ تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىنكى ھاياتىڭىز قانداق ئۆتتى؟

ياسىنجان توختى: 1992-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئانام قۇۋانخان يۇقۇرى قان بېسىم كېسىلى بىلەن قازا قىلدى. رەھمەتلىك ئانام ئالتە پەرزەنتنى قاتارغا قوشىمەن دەپ تارتمىغان جاپاسى قالمىغان ئىدى. ئانامنىڭ قىرقى نەزىرىدە تاغام(ئانامنىڭ ئۇكىسى)قىزىنى ماڭا ئېپ بېردىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنداق قىلىپ 1993-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى توي قىلدىم. گەرچە مەن تۇرمۇش قۇرغان بولساممۇ بەتخەج ئىدىم. تىجارەت قىلىپ تاپقان پۇللارنى ئۇيۇنغا خەجلەپ يىغالمايتىم. توي قىلىپ يەتتە ئاي بولغاندا دادام ئۆز جېنىڭنى ئۆزۈڭ باق دەپ ئايرىم چىقىرۋەتتى.
شۇنداق قىلىپ يۇمۇلاق بازاردا قۇمۇش بىلەن بىر ئېغىز ئۆي سالدىم. يېڭى ئۆينى مۇبارەكلەپ دوست-بۇرادەرلەر كەلگەن ۋاقىتتا ئۆيدە يېگۈدەك نەرسە يوق قۇرۇق قول ئۇزىتىپ بەكلا بىئارام بولدۇم. شۇ خىجالەتتە كىشىلەرنىڭ ھويلا-ئاراملىرىغا قۇمۇش تام سېلىپ پۇل تاپتىم. تاپقان پۇللار يېتىشمەي بىر خۇيزۇنىڭ قول ئاستىدا 400سوم مائاش ئېلىپ ئىشلىدىم. ئىككى ئاي توپا-چاڭ ئارىسىدا ئىشلىگەن بولساممۇ تارتقان جاپاغا چۇشلۇق قولۇمغا 500سوم ئېشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بازارلاردىن سامساق، سۇڭپىيازلارنى توپ سېتىۋىلىپ، كەچلەردە ئايالىم بىلەن ئادالاپ پارچە سېتىپ تىجارىتىمنى باشلىۋالدىم.
ئۇچراشقان تىجارەتچىلەرگە قىلغان قىزغىن مۇئامىلەم، سودىدىكى سەمىمىيلىكىم كىشىلەر ئارىسىدا گەپ بولۇنۇپ ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەتراپىمدا چۆپقەتلەر ئاينىپ كەلسىلا مېنى ئىزدەيدىغان بولدى. قەشقەردىن كەلگەن قىزىلمۇچ سودىگەرلىرىگە قىزىلمۇچ تېپىپ بېرىپ ھەر كىلۇگىرامدا ئىككى مودىن تاپان ھەققى ئېلىپ پۇل تاپتىم. بىكار قالغان چاغلاردا ۋەلسىپىت مىنىپ تېرىچىلىك قىلدىم. باغراش ناھىيسىنىڭ يوۋجىڭ يېزىسىغا بېرىپ ئۆگزىلەردە ئىككى-ئۈچ يىل تۇرۇپ قالغان قىزىلمۇچلارنى، ئىشىك ئالدىغا تاشلىۋەتكەن قىزىلمۇچلارنى ئەرزان باھادا ئېلىپ ئىلغاپ ساتتىم.
شۇ مەزگىلدە تاپقان پۇلمۇ كۆپ بولغاچقا 1600سومغا ئۆي تېلىفۇن ئورنىتىپ كۆپ ئۈنۈملەرگە ئېرىشكەن ئىدىم. جەنۇپتىكى چوڭ سودىگەرلەر پەمىدۇر قېقى، قۇرۇق قىزىلمۇچلارنىڭ بازار ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ ماڭا تېلىفۇن قىلاتتى. نۇرغۇن خېرىدارلار ئالدىمغا كېلەتتى.
1998-يىلى قەشقەرلىك سودىگەر مەرھۇم شۈكۈر ھاجى بىلەن يۈز توننا قۇرۇق قىزىلمۇچ دېيىشتىم. شۇكۈر ھاجى ئۆزى سېتىۋالغان قىزىلمۇچلارنى سېلىپ بەردىم. 9-ماشىنىغا كەلگەن چاغدا نۇپۇس تاختىسىغا قارىسام ئىچكىرنىڭ ماشىنسى ئىكەن. گۇمان تۇيغۇسىدا ئون بىر توننا قۇرۇق قىزىلمۇچنى باسقۇزۇپ يولغا سالدىم. ماشىنا ئېگىسى ماشىنسىنىڭ بۇزۇلۇپ قالغانلىقىنى،رېمىنۇت قىلىش ئۈچۈن 2000سوم پۇل ئەۋەتىپ بەرگىن دەپ چاقىرغۇدا ئۇچۇر قىپتۇ. كەينىدىن ماڭغان شوپۇرغا پۇلنى بېرىپ قۇيۇشنى تاپىلاپ يولغا سالدىم. دەرۋەقە،مەن گۇمان قىلغان ماشىنا ئېگىسى ئەۋەتىپ بەرگەن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ كۇچاردىن كەينىگە يېنىپ ئۈرۈمچى بىلەن ئىچكىرگە چىقىپ كەتكەن ئىكەن. بەش مىڭ سوم چىقىرىپ ئىزدەپ باقتىم. قېچىپ كەتكەن ماشىنغا قارشى تەرەپ ئىگە بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن بارلىق تاپقان ئاتمىش مىڭ سوم پۇل شۇ ماشىنا بىلەنلا تۈگىدى. يانچۇقۇمدا تىيىننىڭ سۇنۇقىمۇ قالمىدى
.

تۇرسۇنجان مۇھەممەت: كونا زاۋۇتنىڭ ئورنى بۇرۇن قانداق جاي ئىدى؟ زاۋۇت قۇرۇشتىن ئىلگىرى قايسى ئىشلار بىلەن شۇغۇللاندىڭىز؟

ياسىنجان توختى:1998 -يىلى كونا زاۋۇت ئورنىدىكى بەش كىشىلىك ئۆيلۈك يەرنىڭ بىر كىشىلىكىنى ئالتە مىڭ سومغا ئېلىپ قويغان ئىدىم. ئىككى يىل گازىر، تاۋۇز، زىرە تىجارىتى قىلىپ 300مىڭ سوم پۇل تاپتىم. دەل شۇ مەزگىللەردە يەنە ئىككى كىشىلىك ئورۇننى يىگىرمە مىڭ سومغا ئېلىپ قىزىلمۇچ، پەمىدۇر قېقى يىغىپ ساتىدىغان دەن ئاچتىم. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇچ، پەمىدۇر قېقى سودىگەرلىرى قاراشەھەرگە كەلگەندە مېنى ئىزدەيتى. دەننىڭ تۆت ئەتراپىنىڭ ھەممىسى ياتاق ئىدى.
2001-يىلىغا كەلگەندەك يىگىرمە ئادەم شىرىك بولۇپ بىر مىليۇن پۇل قىلىپ گازىر، پەمىدۇر قېقى، زىرە، قىزىلمۇچلارنى توپ ئۆتكۈزۈپ تىجارەت قىلدۇق. مەن شۇ ۋاقىتتا تاپقان پۇلۇمنىڭ 250مىڭ سومنى يەرگە مەبلەغ سېلىۋاتقان ئىدىم. 2002-يىلى ئادەملەر شاللىنىپ ئاخىرىدا قالغان ئون ئادەم بەش ئاي ئىچىدە سودا قىلىپ 800مىڭ سوم پايدا ئالدۇق. مەن شۇ ۋاقىتتا ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئاق سانتانادىن بىرنى ئالدىم. يىل ئاخىرى ھەمكارلاشقان دوستلارنىڭ ھەممىسى چېكىنىپ چىقىپ كەتتى. مەن زىرە تاسقاش ئۈسكۈنىسى ئېلىپ 2004-يىلغا كەلگۈچە 400مىڭ سومدەك پۇل يىغدىم. ئەمما، كۈتۈلمىگەن قىسمەتكە ئۇچراپ گۆرنىڭ ئاغزىغا بېرىپ يېنىپ كەلدىم.تىجارىتىم يۈكسىلىپ روناق تېپىۋاتقان چاغلاردا ئىش ئۈستىدە يىقىلدىم. قاراشەھەر ناھىيلىك دوختۇرخانىدا كېسىلىمنى تاپالمىدى. دېلىۋىزىيەنىڭ دوختۇرخانىسىدا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتىم. كېيىن ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ تەكشۈرەتسەم ئېغىر دەرىجىدىكى ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بوپتىمەن. ئۈچەينىڭ ئىچىگە ئۆسمە ئۆسۈپ قېلىپ تاماق يېيەلمەي 50كۈن بالنىستتا ياتتىم. ھەر كۈنلۈكى 1500سوملۇق ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش ئۇكۇلى ئۇردى. ئەللىك كۈن بولغان چاغدا ئورنۇمدىن تۇرالمايمەن. كېچىلىرى ئۇخلىيالمايمەن. قورساق ئاغرىپلا تۇرغان. يەتمىش كىلۇگىرام كېلىدىغان ئادەم قىرىق سەككىز كىلۇگىرامغا چۈشۈپ قاپتىمەن. مېنى كۆرگەن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ دەپ كېتەتتى. ئۇرۇق-تۇققانلىرىم، قېرىنداشلىرىم، ئايالىم بىر تېرە، بىر ئۇستىخان ھالىتىمنى كۆرۈپ سىرتقا چىقىپ يىغلايتى. دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئون بەش كۈن بولغاندا يەنە ئۆزگىرەپ قالدىم.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 2-خەلق دوختۇرخانىسىغا بارسام دوختۇرلار دىئاگۇنۇز قۇيۇپ ئۈچەي پۈتۈنلەي توسۇلۇپ قاپتۇ، ئوپراتسىيە قىلىمىز دەپ ئىككى مېتىردەك ئۈچىيىمنى كېسىپ ئىلىۋەتتى. قاراشەھەرگە بېرىپ بىر ئاي بولمايلا يەنە ئۆزگىرەپ كەينى-كەينىدىن ئۈچ قېتىم ئوپراتسىيە قىلىپ تۆت مېتىردەك ئۈچىيىمنى كېسىپ ئېلىۋەتتى. ئاخىرىدا دوختۇرنىڭ پەرز تۇتۇش توغۇرسىدىكى ئەسكەرتىشىگە پەرۋا قىلمىدىم. بەرىبىر ئۆلۈپ كېتىدىكەنمەن دەپ كۆڭلۈم تاتقان تاماقنى يېدىم. شۇ توختاپ قالغان پېتى ھازىرغا كەلگۈچە دوختۇرخانىغا بېرىپ باقمىدىم. پەرز تۇتۇپ دوختۇرخانىغا يۈگەردىم. پەرز تۇتماي ساقىيىپ قالدىم.


تۇرسۇنجان مۇھەممەت: ساقايغاندىن كېيىن قايسى ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئۆتتىڭىز؟

ياسىنجان توختى: ساقايغاندىن كېيىن ئۇرۇق-تۇققانلار، قېرىنداشلىرىم:‹‹-ئەمدى تىجارەت قىلماي ئارام ئالغىن››دەپ تۇرۇۋالدى. مەن ‹‹چوقۇم قىلىمەن!››دەپ دوختۇرخانىدىن چىقىپ بىر ئاي بولمايلا ئىش باشلىدىم. ئالغا ئىنتىلىش روھىمنى كۆرگەن دېھقانلار ئۆيلىرىدە ساقلاپ قويغان قىزىلمۇچ، پەمىدۇر قېقىنى پۇل تاپقاندا بېرىشكە قۇشۇلۇپ بەردى.
ئەينى چاغدا ئۈرۈمچىدە چىقىدىغان ‹‹پاتەمخان››ماركىلىق قىزىلمۇچ قىيامى بار ئىدى. قىزىلمۇچنىڭ ماكانى قاراشەھەردىمۇ قىزىلمۇچ قىيامى پىشىقلاپ ئىشلەيمەن دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە ۋەدە بەردىم. ناھىيە ئىچىدىكى 140مىڭ سومغا پۈتكەن 5-قەۋەت ئۆيۈمنى 85مىڭ سومغا سېتىۋىتىپ زاۋۇتنىڭ يېنىدىن 125مىڭ سومغا بىر قورۇ ئېلىپ شۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىۋالدىم.
2005-يىلدىن باشلاپ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا قىزىلمۇچنى قازاندا قاينىتىپ 30كىۋادىرات مېتىرلىق ئۆيدە ئىش باشلىدىم. بىر-ئىككى ئادەمنى ئىشقا سېلىپ ھەر كۈنى بەش-ئون يەشىك ياغمۇچ قىيامى تەييارلىدىم. سودىگەرلەرگە تېپىپ بەرگەن قىزىلمۇچ، پەمىدۇر قېقىنىڭ تاپان ھەققىنى پىشىقلاپ ئىشلەشكە مەبلەغ سالدىم.
ئۈچ يىل جەرياندا ئاپارغان ماللارنىڭ %90تى يېنىپ كېلەتتى. سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسەم ماركىنى تۇنۇمىغاننىڭ ئىشى ئىكەن. ئەتراپىمدىكى كىشىلەر زىيان تارتىپ كەتتىڭ، ئەمدى قىلمىغىن دەيتى. ئەمما مەن چوقۇم قىلىمەن دەپ داۋاملىق قىلاتتىم.


تۇرسۇنجان مۇھەممەت: سىز نېمە ئۈچۈن ‹‹قايدۇ››نامىنى ماركا قىلىپ ئېلىشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟

yasin.qaydu.jpg
ياسىنجان توختى: مېنىڭ ئون نەچچە يىللىق ھاياتىم پەمىدۇر، مۇچلارنىڭ ئارىسىدا ئۆتتى. يۇرتىمىز قاراشەھەردە چىقىدىغان مۇچ، پەمىدۇر قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى قايدۇ دەرياسىنىڭ سۈيىدە سوغۇرۇلۇپ چىققان. يۇرتىمىزنى كۆكلەتكەن، ھاياتلىق مەنبەسى بىلەن تەمىن ئېتىۋاتقان باغراش كۆلىنىڭ سۈيىمۇ قايدۇ دەرياسىدىن ئېقىپ كەلگەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە مۇچ، پەمىدۇر ماكانى دەپ تەرىپلىنىۋاتقان قاراشەھەر ناھىيسىدە كۆلەملەشكەن پىشىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ بولماسلىقى چوڭ بوشلۇق بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇچ، پەمىدۇر قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلار ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە توشۇلۇپ پىشىقلاپ ئىشلىنەتتى. پىشىقلاپ ئىشلىنىپ بولۇپ يۇرتىمىزغا قايتىپ كەلگۈچە بولغان جەريانلاردا بازار باھاسى بەكلا ئېشىپ كەتكەن ئىدى. مەن شۇلارنى ئويلاپ كەلگۈسىدە بىر زاۋۇت قۇرۇلسا، ئۆز يۇرتىمىزدىكى دېھقانلارغا نەپ يەتسە، ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ تەننەرخى ئېشىپ كەتمىسە، ئەلگە بىر قولايلىق شارائىت يارىتىلسا دېگەنلەرنى ئويلاپ ماركا ئېلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن 2000-يىللاردا ‹‹قايدۇ››نامىنى ماركا قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇپ قويغان ئىدىم.

تۇرسۇنجان مۇھەممەت: زاۋۇت قۇرۇلۇپ تۇنجى قەدەمدە كۆپ زىيانلارنى تارتىپسىز، كېيىن قانداق پىلانلارنى تۈزەپ ‹‹قايدۇ››نامىدىكى مەھسۇلاتلارنى بۈگۈنكى ھالەتكە ئەكىلىپ بازارغا يۈزلەندۈرەلىدىڭىز؟

ياسىنجان توختى: 2010-يىلىدىن باشلاپ سىرتقا چىقماي جاپالىق ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتىم. زاۋۇت يېڭى قۇرۇلغان چاغدا ئوتتۇزدەك ئادەملەر بار ئىدى. ھازىر ئىشلەۋاتقان ئادەملەر 300دىن ئاشىدۇ. ئادەتتە مەن ئىشچى-خىزمەتچىلىرىم بىلەن بىللە ئايدا بىر قېتىم بولسىمۇ بىرەر ۋاق تاماق يەپ پاراڭلىشىمەن، ئۇچرىغان قىيىنچىلىق ھەققىدە يول كۆرسىتىمەن. ياردەم قىلغۇدەك ئىشلار بولسا باش تارتمايمەن. شۇنداق قىلىپ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىپ كەلدىم.
شۇ سەۋەبتىن زاۋۇتتا كەينىمدىن ئون بەش يىل ئەگەشكەن بالىلار بار. سۈپەت، تېخنىكا ئىشلىرىدا ئەتراپىمغا توپلاشقانلار كۆپ بولۇپ ئۇلارغا مائاش بەرمىسەممۇ داۋاملىق مەن بىلەن بىللە ئىشلەپ كەلدى. شۇلارنىڭ قوللىشى، كۈچ چىقىرىشى بىلەن مۇشۇ كۈنگە ئۇلاشتىم.
‹‹قايدۇ››نىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى داڭلىق تاۋار ماركىسى بولۇشىدا مەن ئېلان تەشۋىقاتىغا ئالاھىدە كۈچەپ كەلدىم. دىيارىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلەرگە زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىنى ئايلاندۇرۇپ تەپسىلىي چۈشەندۈرگەن چاغلىرىم بار. يەنە شىركەتتىكى ئادىلجان ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى زەنجىرسىمان كۆپەيتەيلى دېگەن تەسەۋۇرنى ئوتتۇرغا قويدى.
شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا ‹‹قايدۇ››ماركىسى بىلەن ۋىۋىسكا ئاسقان دۇكاننى 600گە يەتكۈزدۇق. دۇكاندا كۆكتات، ماي، چۆپ بولغاندىكىن كىرگەن كىشىلەر بىزنىڭ مەھسۇلاتلارنىمۇ قوشۇپ سېتىۋالدىكەن. شۇ تەرەپنى ئويلاپ كۆكتات، چۆپ دۇكانلىرىنىڭ ھەممىسىگە جازا قۇيۇپ بېرىپ‹‹قايدۇ››نامىدىكى ۋىۋىسكىنى بەردۇق. زەنجىرسىمان تىجارەت شەكلىنىڭ پايدىلىق تەرىپى ھەقىقەتەن ياخشى بولدى.
ئەڭ مۇھىمى خەلقىمىز ئۆزى كۆرۈپ زىيارەت قىلغاندىكى ئىشەنچ ھادىسىسى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەن يۈز كۆرۈشكەن تىجارەتچىلەرگە قىلغان قىزغىن مۇئامىلەم بۈگۈنكى ‹‹قايدۇ››نى بارلىققا كەلتۈرگەن دەپ ئويلايمەن
.

تۇرسۇنجان مۇھەممەت: ئاڭلىسام يېڭى زاۋۇتنى قۇرۇشتىن بۇرۇن كىشىلەر بىلەن پاي قۇشۇپ ھەمكارلىشىپسىز، بۇنىڭغا قايسى ئىشلار سەۋەبچى بولدى؟ يېڭى قۇرۇلغان زاۋۇتنىڭ كەلگۈسى تەرەقىيات ئەھۋالى توغۇرسىدا سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

ياسىنجان توختى: 2012-يىلىدىن بۇرۇن نۇرغۇن كىشىلەر كېلىپ ھەمكارلىشىشنى ئېيتقان ئىدى. ئەمما ئۇرۇق-تۇققانلار، دوست-بۇرادەرلەر، ئايالىم :‹‹سەن قۇرغان كارخانا ئائىلىۋى كارخانا تۇرسا، مىڭ بىر جاپادا قۇرغان شىركەتنى ئۆزۈڭ تەرەقىي قىلدۇرغىن، ھەمكارلاشساڭ بولمايدۇ››دەپ قارشى چىققان ئىدى. كېيىن مەن ئۈرۈمچىدىكى شانئال، ئەرقال، مەرىپەت قاتارلىق ئورۇنلاردا ئوقۇپ كارخانا باشقۇرۇشقا دائىر نۇرغۇن ئەمەلىي بىلىملەرنى ئۆگەندىم. ھەمكارلاشقان چاغدا ئىشلارنىڭ مۇۋەپىقىيەتلىك بولدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم.
كۈتۈلمىگەن ھادىسە بىلەن كارخانا قۇرغان ئادەم ئاغرىپ قالسا ياكى قازا كېلىپ تۈگەپ كەتسە زاۋەت ئىشتىن توختاپ كارخانا ۋەيران بولىدىغان ئىش ئىكەن. ھەمكارلاشقان چاغدا كارخانا نەچچە يۈز يىلغا بارالايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن 13ئادەم كونا زاۋۇتتا 300مىڭ سومنى بىر پاي قىلىپ ئۆز ئارا ھەمكارلاشتۇق ھەم ھازىرغا قەدەر يېڭى زاۋۇتقا 30مىليۇنغا يېقىن مەبلەغ سېلىپ بولدۇق.
كەلگۈسىدىكى پىلاندا يېڭى زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىنى تورغا ئۇلاپ ھەر قانداق ئىستىمالچى ئۆيىدە ئولتۇرۇپ مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلىنىش ئەھۋالىنى جاھاننامە ئەينىكىدە كۆرەلەيدىغان ھالەتكە ئەكىلىش ئۈچۈن تىرىشىمەن. يېقىندا ئوتتۇرا ئاسىيە دۆلەتلىرى، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن سودا توختامى ئىمزالاشتۇق. كونا زاۋۇتتا كۈنىگە ئوتتۇز توننا مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان بولساق يېڭى زاۋۇتتا كۈنىگە سەكسەن توننا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرالايمىز.
يېڭى زاۋۇتقا ئۆلچەملەشكەن ياتاق، زامانىۋى ئاشخانا،500 كىشىلىك يىغىن زالى، مۇزىيخانا، كۇتۇپخانا، ۋاسكىتىبۇل مەيدانى سالدۇق. يېڭى زاۋۇت ئورنىنى ساياھەت ئورنىدەك قىلىپ قاراۋۇلخانا بار يەرگە مۇچ ، پەمىدۇر قىيامىنىڭ مودىلىنى تىكلەپ جەنۇپ-شىمال ئارا ماڭغان خەلقىمىزنىڭ قاراشەھەردە ‹‹قايدۇ››زاۋۇتىغا ئەمەس، ساياھەت  ئورنىغا بىر كىرىپ كۆرۈپ ئۆتۈپ كېتەي دېگەن ھالەتكە ئەكىلىش ئۈچۈن تىرىشىمەن.


تۇرسۇنجان مۇھەممەت: يېڭى قۇرۇلغان زاۋۇتتىكى مۇزىيخانا، كۇتۇپخانا، 500كىشىلىك يىغىن زالى بەرپا قىلىشتا قايسى ئىشلار مۇھىم سەۋەب بولۇپ قالدى؟

ياسىنجان توختى: بىر كارخانىنىڭ مەدەنىيىتى، مائارىپى بولمىسا تەرەقىي قىلالمايدۇ. شۇڭا مەن يېڭى زاۋۇتنى قۇرغاندا ئەڭ ئاۋال مۇزىيخانا قۇرۇشنى ئويلاشتىم ھەم قۇم قاتما رەسىمىگە بىر مىليۇن پۇل خەجلەپ قايدۇ دەرياسىنىڭ مەدەنىيىتىنى تۇنۇتۇش ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلدىم.

muziy1.jpg
muziy2.jpg
مۇزىيخانىنىڭ كۆلىمى 680كۇۋادىرات مېتىر بولۇپ مۇزىيخانا ئىچىگە قاراشەھەر ناھىيسىنىڭ 3000يىللىق تارىخىنى يېزىپ مۇچ جوڭگۇغا قانداق كىرگەن؟ ئاتا-بوۋىلىرىمىز مۇچنى قانداق ئىشلەتكەن؟ قانداق تائاملارنى ئېتىپ يېگەن؟...دېگەن مەزمۇننى يۇرۇتماقچى بولدۇق. قۇم قاتما رەسىمدە دېھقانلارنىڭ كالا بىلەن قوش سۆرەم سېلىپ يەر ھەيدەۋاتقان، مومىلىرىمىزنىڭ مۇچنى چاناپ قورۇما قۇرۇۋاتقان كۆرۈنىشىنى چىقاردۇق. مۇچنىڭ پايدىلىق-زىيانلىق تەرەپلىرىنى تېپىپ چىقىپ شۇ مەزمۇنلارنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە كۈچىدۇق. دىيارىمىزدىكى كارخانىلار ئىچىدە بىردىنبىر مۇزىيخانا قۇرۇلۇشىغا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان كىشى بولۇپ قالدىم.
كۇتۇپخانا قۇرۇشتىكى مەقسىتىم، كارخانا مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كارخانا مائارىپى مۇھىم ئورۇندا تۇردىكەن. كارخانا مائارىپىنى تەرەقىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كىتاب بولمىسا بولمايدىكەن. شۇڭا مەنمۇ ساۋادىم چىققان بىر يىلدىن بۇيان ھەر كۈنى بىر سائەت چىقىرىپ كىتاب ئوقۇۋاتىمەن. بۇنىڭ كۆپ پايدىسىنى كۆردۈم. گەپ قىلىشنى ئۆگەندىم، نۇتۇق قابىلىيىتىم ئۆستى، باشقۇرۇش سەنئىتىنى يېتىلدۈردۈم، نەزەر-دائىرەم كېڭەيدى. بۇرۇن مەن ئوقۇيالماي قالغان بولساممۇ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىم كىتابتىن پايدىلانسۇن، ماڭا ئوخشاش بىلىمسىز قالمىسۇن دېگەنلەرنى ئويلىدىم.
500كىشىلىك يىغىن زالىغا كەلسەك دىيارىمىزدىن چىققان ئالىم-ئۇستازلارنى، كارخانىچىلارنى تەكلىپ قىلىپ زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى، سېتىش بۆلۈمىدىكى بالىلارنى تەربىيلەپ دىيارىمىزدا چېتىلىش دائىرسى كەڭرى بولغان زەنجىرسىمان سېتىش نۇقتىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتىمەن.


تۇرسۇنجان مۇھەممەت: بىزنىڭ كۆپ ياشلىرىمىز رىقابەت، خىرىسقا تولغان جەمىئيەتنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرىدە تېڭىرقاپ يۈرمەكتە. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ھەسرەت چېكىشمەكتە. سىزچە ياشلار قانداق قىلسا جەمىئيەتتە بىر كىشىلىك قىممەت يارىتالايدۇ؟

ياسىنجان توختى: مەن 30نەچچە يىللىق ھايات تەجرىبەمدىن شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىمكى، ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى بار. ھەر قانداق ئادەمنىڭ ۋىجدانى، غورۇرى، ئېنىق نىشانى بولسا، ئۇچۇرغان رىيازەتلەردىن باش ئەگمەي تىرىشسىلا ئۇ چوقۇم ئىگىلىك تىكلىيەلەيدۇ. جەمىيتىمىزدىكى بىر قىسىم ياشلىرىمىز ھەر كۈنى قەرت-بېليارت ئوينايدۇ، ئەيش-ئىشرەت سوۇنلىرىدىن بېرى كەلمەيدۇ. قورسىقىم تويسىلا بولدى دەپ ئويلايدۇ. بۇلار ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ خۇش قىلالمايدۇ. قىلچىلىك مەنپەئەت يەتمەيدۇ. مەنچە ياشلار ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئەتراپلىق ئويلىشى، جاپادىن قوقماي ئىزدىنىشى، ئۆز كۈچىنى خار قىلىپ ئىشلىشى، ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ ئۆزىگە يول تېپىشى كېرەك.
بىر ئادەمگە زىيادە كۆپ ياردەملەرنى قىلىۋاتساق شۇ كىشىنى قەستلەپ زىيانكەشلىك قىلىپ قويدىكەنمىز. مەنچە ياشلىرىمىز ئۆزى تىرىشىپ تاپقان مەبلىغىنى توغرا يولدا ئېپ ماڭالىسا، تىجارەت ئۈچۈن ئىشلىتەلىسە تەۋەككۈلچىلىك روھىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ. ئۆزى ئىشلەپ تاپقان پۇل بولغاندىكىن ئىش قىلغاندا ئېھتىياتچان، تۇرمۇشتا ئىقتسادچىل بولالايدۇ.
شۇڭا بۇ جەھەتتە ئاتا-ئانىلا پەرزەنتلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلەپ قويماسلىقى، ئەركىن قۇيۇۋىتىش كېرەك. ئەڭ مۇھىمى پەرزەنتلىرىمىز يورۇق يولدا ماڭسا قوللىشىمىز، تۇيۇق يولدا ماڭسا چەكلىشىمىز كېرەك. پەرزەنتلەرنى ئامال بار سىرتتىكى مۇھىتقا ئىتتىرىپ بەرسەك ئاتا-ئانىلارغا بېقىنۋالمىسا ئۇ چوقۇم بىر ئىشنى باشقا ئېپ چىقالايدۇ ھەم قىممەت يارىتالايدۇ
.

تۇرسۇنجان مۇھەممەت: بۈگۈن قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ مەن بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ئاكا. ئاخىرىدا ‹‹قايدۇ››مەھسۇلاتلىرىنى ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىۋاتقان كەڭ خەلق ئاممىسىغا دەيدىغان يۈرەك سۆزىڭىزنى ئاڭلاپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ؟

ياسىنجان توختى: چەكلىك ھاياتنى قەدىرلىمەي، ئەۋلادلارغا بىرەر پايدىلىق ئىش قىلىپ بېرەلمەي ياشىغاننىڭ ئەھمىيتى يوق. ئاتا-ئانىمىز بىزنى ئوغۇل دەپ تۇغقان. بىز ئوغۇللار ئاتا-ئانىنى، ئاچا-سىڭىللارنى باقىمىز. جەمىئيتىمىزدە ياردەمگە مۇھتاج بولۇۋاتقان نۇرغۇن ئاجىزە ئاياللار، ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئىنسانىي مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى يەتكۈزۈش قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىمىزدۇر.
پۇل تاپمىساق كارخانا تەرەقىي قىلالمايدۇ. مېنىڭ مەقسىتىم پۇل تېپىش ئەمەس، كارخانىنى تەرەقىي قىلدۇرۇپ داۋاملىق تىرىشىپ ئىشلەيمەن. قولۇمدىن كېلدىغان ئىش بولسىلا ياخشىلىق قىلدىغان يەرگە ياخشىلىق، ياردەم قىلدىغان يەرگە ياردەم قىلىمەن. ھازىرقى زاۋۇتتا چىقىدىغان 80خىل مەھسۇلاتنى 200خىلغا يەتكۈزۈپ، ئىشەنچ نىسبىتىنى %100قىلىپ كېيىنكى ئەۋلادلارنى خاتىرجەن ئىستىمال قىلالايدىغان ھالەتكە ئەكىلىپ خەلقىمگە نەپ يەتكۈزسەم دەيمەن.
كىشىلەرنىڭ ماڭا خەت يېزىپ ‹‹قايدۇ››مەھسۇلاتلىرىنى ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىسام سۆيۈنۈپ كېتىمەن. مەندە زور ئىشەنچ پەيدا بولۇپ خەلقىمگە تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىپ بەرسەمكەن دەپ ئۈمىد پەيدا بولدىكەن. بۈگۈنكى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشۈمدە يۇرتۇمدىكى كەڭ دېھقان ئاممىسىنىڭ يار-يۆلەك بولۇپ ياردەم قىلىشىدىن ئايرىپ قايرىغىلى بولمايدۇ.شۇڭا مەنمۇ ئۆز يۇرتۇمنىڭ گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن كەڭ دېھقان ئاممىسىىنى خوشال قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن. بۇندىن كېيىنكى پىلاندا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئىستۇدىنتلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ،جەمىيتىمىزدە كۆرۈلۋاتقان  ئىشسىزلىق نىسبىتىنى ئازايتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن.مېنى كۆكلەتكەن قاراشەھەرنىڭ ناھىيسىنىڭ ئەتىكى كەلگۈسى ئۈچۈن مەبلەغ ئاجرىتىپ يۇرتۇمنىڭ تىنچ،باياشات تۇرمۇش كەچۈرىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمەن.
ئەڭ ئاخىرىدا دەيدىغان سۆزۈم، قاراشەھەر-ئۆتەڭ يول. قانداقلا ئادەم كەلسە مەن ئۇلارنى تۇنۇمىساممۇ زاۋۇت دەرۋازىسى 365كۈن ئوچۇق. ھەر قانداق ئادەمنى زىيارەت قىلغۇزۇپ تۇنۇشتۇرۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىمەن
.

ئاپتۇر:كورلا شەھىرى شاڭخۇ بازىرىدا
‹‹كرۇران ››ژۇرنىلى 2015-يىلى 4-سان



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

7

تېما

21

يازما

28

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 116482
يازما سانى:
21
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
223
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
85 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-3-28
ئاخىرقى:
2016-3-10
ۋاقتى: 2015-12-15 14:25:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇش ئادەمنى تاۋلايدۇ دىگەن توغرىدە   مانا  ياسىنجان ئاكىمىز ئىلگىرى كۆپ مۇشاققەت -جاپالارنى يىڭىپ ھەممىمىزگە قايدۇنى تۇنۇتتى  

32

تېما

292

يازما

324

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 119911
يازما سانى:
292
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
948
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
254 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-5-25
ئاخىرقى:
2016-3-30
ۋاقتى: 2015-12-15 15:37:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارخانىچىلىرىمىز دىيارىمىز تەرەقىياتىنىڭ ئۈمىد نىشانى...

بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ناھايىتىمۇ قاتتىت يامغۇر ياغدى!كەيپىيات نۆل!

11

تېما

722

يازما

733

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 21530
يازما سانى:
722
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
9058
تۆھپە :
450
باھا :
341
توردا:
956 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-12-9
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2015-12-15 16:15:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن ياسىنجان ئەپەندىم. نۇرغۇن ياشلارغا ئۈلگە بولدىڭىز.

ئويۇنچۇقلار توپ ۋە پارچە سېتىلىدۇ. توپ ئالغان ماللارنى سېتىپ بولالمىسا قايتۇرۇۋېتىشكە بولىدۇ. ئۈندىدار ۋە كيۇكيۇ نومۇرى: 343549643 . يېڭى مال ۋە باھا ئۇچۇرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۈندىدار سالونى uzbolنى قوشۇۋېلىڭ.

26

تېما

37

يازما

63

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 90567
يازما سانى:
37
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
849
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
135 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-1-25
ئاخىرقى:
2016-3-23
ۋاقتى: 2015-12-15 16:46:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارىانىچىلىرىمىزنىڭ كارخانا مەدەنىيىتى يارىتىپ،تېخنىكىلىك تۈرلەرگە يۈرۈش قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

0

تېما

331

يازما

331

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 94841
يازما سانى:
331
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1466
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
836 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-4-14
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2015-12-15 17:10:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەييارلا كىنو سىنارىيەسىكەن بۇ ، تەسىرلەندىم .

12

تېما

1492

يازما

1504

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 94037
يازما سانى:
1492
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3133
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
511 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-3-29
ئاخىرقى:
2016-3-31
ۋاقتى: 2015-12-18 23:55:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىق جاپالارنى تارتىپتىكەن بۇ ئاكىمىز.

ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن پەخىرلەنگەن ئۇيغۇردىن پەخىرلىنىمەن.

www.axpaz.cn

53

تېما

412

يازما

465

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1448
يازما سانى:
412
نادىر تېما :
2
مۇنبەر پۇلى :
15979
تۆھپە :
1335
باھا :
982
توردا:
592 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-5-29
ئاخىرقى:
2016-2-26
ۋاقتى: 2015-12-19 02:34:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزدىن پەخىرلىنىمىز ياسىنجان ئاكا

ئۇيغۇرتائاملىرىنى دۇنياغا تۇنۇتايلى

كورلا ئايشەم سادىر

33

تېما

714

يازما

747

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 109491
يازما سانى:
714
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3642
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
604 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-8-26
ئاخىرقى:
2016-3-29
ۋاقتى: 2015-12-20 20:06:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مارشالنىڭ ئەجىرىگە بارىكاللا! بۇ تېمىنى " كروران 'ژورنىلىنىڭ 4-سانىدا ئىككى قېتم ئوقۇغان ئىدىم.ياسىنجان ئەپەندىنىڭ لازا  قىياملىرىنى كۈندە تاماققا ئىشلەتكىنىمدە ،مەن  ئۇنىڭغا  كۈندە بىر رەھمەت ئېيتىپ تۇرىۋاتىمەن،ياسىنجاننىڭ تېنى مەڭگۈ ساغلام تۇرسۇن!

مەن دۇنيادىكى  ھەممە ئادەمنىڭ خوشال _ خورام ئۈتۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.چۈنكى ئادەم دۇنياغا بىرلا قېتىم كىلىدۇ.بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ۋاقتىمىزنى ئىسىراپ قىلماي،ئۇرۇنسىز ئىشلارغا ئارلاشماي،ئازغانلارنى ئېيىپلىمەي ئۇلارنى يىتەكلەپ،بىلىم ئېىلىش،پەلىسەپە ئۆگۈنۈش، كۈندە بى

كۆيۈمچان رەببىم

25

تېما

2524

يازما

2549

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2267
يازما سانى:
2524
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
21834
تۆھپە :
360
باھا :
336
توردا:
5695 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-6-3
ئاخىرقى:
2016-3-31
ۋاقتى: 2016-1-7 17:23:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم  . ئانا كېلەچەكنى باللىرىنى ئويلاپ دەل مۇشۇنداق قايدۇ  دىگەن كارخانچىلاردىن بولسۇن دەپ تىرىشقان ئىكەن . ئانا قىلالىدى   بەكلا سۆيۈندۈم .
ماڭا تەسىر قىلغىنى كارخاننىڭ بۇندىن كىينكى تەرەققىياتى ئۈچۈن كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ خاتىرجەم ئىستىمال قىلشى ئۈچۈن ئويلىغىنى ۋە ئۆز دىيارىنى تونۇتۇش ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرى .....بۇندىن كىينكى ئىشلىرى تېخىمۇ  بەركەتلىك بولسۇن ۋە گۈللەپ ياشنىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز .

كۆز،سۆز ۋە ھەركىتىڭ ئارقىلىق بىر ئىنساننى راھەتسىز قىلساڭ سەن گۇناھكارسەن ؛
ھەقسىزلىك دىگەن سەن ئۇچراشنى خالىمىغان مۇئامىلىنى باشقىلارغا قىلىشتۇر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-1 09:50 PM, Processed in 0.174812 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش