مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1000|ئىنكاس: 1

تەنقىد ئېلىپ كەلگەن دوستلۇق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

778

يازما

796

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 109295
يازما سانى:
778
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
9166
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
1018 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-8-19
ئاخىرقى:
2016-4-5
ۋاقتى: 2015-12-11 20:49:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

تەنقىد ئېلىپ كەلگەن دوستلۇق

ئەكبەر قادىر

شائىر تېيىپجان ئېلىيوف ھەققىدىكى تەتقىقاتلاردا شائىر يازغان، «شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى» (بۈگۈنكى «تارىم») ژۇرنىلىنىڭ 1952- يىللىق 9- سانىدا ئېلان قىلىنغان «يولداش نەجمىدىنگە خەت» ناملىق تەنقىد ماقالىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. گەرچە بۇ خەت شەكلىدە يېزىلغان ئەدەبىي تەنقىد ماقالىسى بولسىمۇ، لېكىن يالغۇز تېيىپجان ئېلىيوف ئىجادىيىتىدىلا ئەمەس، بەلكى ئەينى يىللاردا ئەمدىلا باشلىنىۋاتقان يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىمىزدىكى مۇھىم ئۆلچەم ۋە پىرىنسىپلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە كۆرسىتىپ بېرىلگەنلىكى بىلەن ئەدەبىي تەنقىدچىلىك تارىخىمىزدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ماقالە.

ماقالىدە شائىر نەجمىدىن سىدىقنىڭ «شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى» ژۇرنىلىنىڭ 1952- يىللىق 5- سانىغا بېسىلغان 661 مىسرالىق داستانى - «ئەرزىيەت» ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، ماقالىدە ئالدى بىلەن «ئەرزىيەت» ناملىق بۇ داستاننىڭ شۇ چاغدا تۇنجى بولۇپ مەيدانغا كەلگەن چوڭ ھەجىملىك داستان ئىكەنلىكىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، ئاندىن داستاندا سادىر بولغان يېتەرسىزلىكلەر ئۈچ نۇقتا بويىچە كۆرسىتىپ بېرىلگەنىدى. بۇ ماقالىنى مۇھاكىمە پىرىنسىپلىرىنىڭ ئىلمىيلىكى، كۆرسىتىپ ئۆتكەن يېتەرسىزلىكلەرنىڭ توغرىلىقى، پوزىتسىيەنىڭ سەمىمىيلىكى بىلەن ئۆزىدە ھەقىقىي بىر تەنقىد ئەسىرىگە خاس ئۆلچەمنى ھازىرلىغان ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ماقالىسى، دېيىشكە بولىدۇ.

«ئەرزىيەت» ناملىق بۇ داستان ئاپتورنىڭ ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا خوتەن يېزىلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان «زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇپ، ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش» ھەرىكىتىگە قاتنىشىش جەريانىدا ئۆتمۈش جەمئىيەتتە فېئودال پومىشچىكلارغا ياللىنىپ ئىشلەپ ئېزىلگەن، خورلانغان دېھقان روزى شەيخنىڭ رېئال كەچۈرمىشلىرىنى بىۋاسىتە ئاڭلىغاندىن كېيىن يازغان ئەسىرى بولۇپ، چىنلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئەينى چاغدا خەلق ئاممىسى ئارىسىدا ناھايىتى زور تەسىر قوزغىغان، ئاپتور نەجمىدىن سىدىقمۇ شۇ يىللاردا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن قىزغىن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر ياش سۈپىتىدە تونۇلغانىدى. شائىر نەجمىدىن سىدىق ئازادلىقتىن بۇرۇنلا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان بولغاچقا، قەلىمى پىشقان ۋە بەدىئىي قابىلىيىتى يۇقىرى ئىدى. ئۇ شائىر جاپپار ئەمەت بىلەن بىللە «يىمىرىلگەن قۇللۇق» ناملىق دىرامىنى يېزىپ سەھنىلەشتۈرگەن، دىراما جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كۆرىكىدە سەھنە ئەسەرلىرى تۈرىدە 1- بولغان، ئۇ شائىر تېيىپجان ئېلىيوف بىلەن شۇ يىللاردا تونۇشقان. تېيىپجان ئېلىيوف شۇ قېتىم نەجمىدىن سىدىقنىڭ ئازادلىقتىن بۇرۇنلا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، بەدىئىي قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى بىلىپ ئۇنىڭغا زور ئىلھام بەرگەن، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە ئۈمىد بىلەن قارىغان. تېيىپجان ئېلىيوفنىڭ بۇ ماقالىسىدە ئاساسلىقى مەزكۇر داستاننىڭ يېتەرسىزلىكلىرى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن ھەم تەنقىدلەنگەن، چۈنكى ئەينى يىللاردا بىزنىڭ يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىمىز يېڭى قىياپەت، يېڭى مەزمۇن بىلەن تېخى ئەمدىلا باشلانغانىدى. ئەدەبىي ئىجادىيەتلەرگىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا يېڭى تەلەپ يېڭى ئۆلچەملەر قويۇلۇۋاتاتتى. ئىجادىيەتچىلىرىمىزنىڭ يېڭى دەۋرنىڭ روھىنى ئىگىلىشى يېتەرلىك بولسىمۇ، ئۇنى ئۆز ئىجادىيەتلىرىدە ئىلغار پىكىر، ئىلغار غايە بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشى يەنىلا يېتەرسىز، ھەتتا شائىرلاردا رېئاللىقتا كۆرگەن رېئال كۆرۈنۈشلىرىنى ئەينەن كۆچۈرۈپلا ئىپادىلەپ قويۇشتەك سەۋەنلىكلەرمۇ سادىر بولۇۋاتاتتى، ۋەقەلىكنى تىپىكلەشتۈرۈش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش كەم، بەدىئىي تەسەۋۋۇرنى قانات يايدۇرۇش ئاجىز ئىدى. شائىر تېيىپجان ئېلىيوفنىڭ نەزىرىدە «ئەرزىيەت» ناملىق داستاننىڭ يېزىلىشىمۇ ئالدى بىلەن شۇ خىل سەۋەنلىكتىن خالىي بولالمىغان. گەرچە داستاندا مەزمۇن ئىنتايىن ئاكتىۋال بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئىپادىلەپ بېرىشتىكى بەدىئىي ماھارەت تۆۋەن بولۇپ قالغان، بۇنداق يېتەرسىزلىكلەرنى تۈزىتىش جىددىي مەسىلىگە ئايلىنىپ بولغانىدى.

خەتتە بۇ داستاننىڭ يېتەرسىزلىكى ئۇنىڭ ۋەقەلىك قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەل بولمىغانلىقى، يەنى ئېزىلگەن دېھقان روزى شەيخنىڭ ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى زۇلۇم چەككەن رېئاللىقىنى يېزىش بىلەنلا چەكلىنىپ، ئازادلىقتىن كېيىن ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا بارلىققا كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى قىياپەتنى كۆرسىتىپ بېرىشكە كۈچىمەسلىك، داستاندا ھېسسىياتنىڭ ئاجىز بولۇپ قالغانلىقى، داستان تىلىنىڭ ئاددىي، چۈشىنىشلىك، خەلق تىلىغا يېقىن بولماسلىقى قاتارلىق تەرەپلەردىن كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەنىدى. تېيىپجان ئېلىيوف خېتىدە داستاندا كۆرۈلگەن يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىللە، بۇ يېتەرسىزلىكلەردىن قانداق ساقلىنىش ھەققىدىكى نەزەرىيەۋى قاراشلىرىنىمۇ بايان قىلىپ ئۆتكەن، شائىرلارنىڭ ئەدەبىيات بىلەن تۇرمۇشنىڭ مۇناسىۋىتىگە دائىر نەزەرىيەۋى مەسىلىلەرنى كونكرېت ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدە قانداق ھەل قىلىش كېرەكلىكى مۇلاھىزە قىلىنغان، شائىرلاردىن ئەمەلىيەتكە چۆكۈش بىلەن بىللە، نەزەرىيەۋى بىلىملەرنىمۇ ياخشى ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلغانىدى.

تېيىپجان ئېلىيوف شېئىرىي ئەسەرلەردە ھېسسىياتنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: «پەقەت ۋەقەنى ئاددىي تىل بىلەن سۆزلەپ بېرىش شېئىر بولمايدۇ، ئۇنى چوڭقۇر ھېسسىيات قوزغايدىغان لىرىك تەسۋىرلەر بىلەن كۆرسەتكەندە ئوقۇغۇچىنىڭ يۈرىكىنى تىترىتىپ تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىرات ئىچىگە چۆمدۈرۈشى مۇمكىن» دەپ؛ داستاننىڭ تىلىدىكى چۈشىنىكسىزلىك، ئېغىرلىق، مۇرەككەپلىكلەر ھەققىدە سەمىمىي تەكلىپ بېرىپ: «ئەگەر سىز مويسىپىتلارنىڭ چۈشىنىش دەرىجىسىگە ئېتىبار بەرمىسىڭىز، ئەسىرىڭىزنىڭ بۈگۈنكى كەڭ خەلق ئاممىسى ئىچىدىكى مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن ئۆزىڭىز توسقۇن بولۇپ قالىسىز، ئوقۇغۇچىنى قىيناپ قويىسىز» دەپ يازغانىدى.

تېيىپجان ئېلىيوفنىڭ بۇ تەنقىد ماقالىسى مانا مۇشۇنداق سەمىمىي پوزىتسىيە بىلەن يېزىلغان، ئۇ ئەسەرنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تۇتۇۋېلىپ ئاپتورغا ھۇجۇم قىلىدىغان ياكى ئەسەرنى بىراقلا ئىنكار قىلىۋېتىدىغان خاھىشلاردىن پۈتۈنلەي خالىي. ماقالىدە ئاپتورلارنىڭ ئەسەردە كۆرۈلگەن يېتەرسىزلىكلىرىنى بايقىۋېلىشىغا، تۈزىتىۋېلىشىغا سەمىمىي ياردەمدە بولىدىغان تەنقىد ئەخلاقى نامايان قىلىنغان، شۇڭا بۇ خەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئەدىب نەجمىدىن سىدىق بىلەن تېيىپجان ئېلىيوفنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادەتتىن تاشقىرى دوستلۇق شەكىللەنگەنىدى. ئىلگىرى ئەدىب نەجمىدىن سىدىق ئەپەندى بىلەن بىللە خىزمەت قىلغان سىنارىست دوستۇم ئۆمەر قادىرنىڭ ئېيتىشىچە، تېيىپجان ئېلىيوف بىلەن نەجمىدىن سىدىق دائىم شېئىرىيەت توغرىسىدا مۇڭدىشىپ ئۆتكەنىكەن، بەزىدە تېيىپجان ئېلىيوف يېڭى يازغان شېئىرلىرىنى نەجمىدىن سىدىققا كۆرسىتىپ پىكىر ئالىدىغان ئىشلارمۇ بولغانىكەن. دېمەك، بىر پارچە تەنقىد ماقالىسى بۇ ئىككى ئەدىب ئارىسىغا مانا مۇشۇنداق دوستلۇق ئۇرۇقىنى چاچقان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ بۇ دوستلۇقى ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئاخىرلاشقىچە داۋاملاشقان مەڭگۈلۈك دوستلۇققا ئايلانغان.


& _2 `& W3 G6 v4 x
ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

1 r/ A# {  n" u  @( N( C& e2 O$ v( H

ەگەر سىز قېرىنداش بولۇپ باشقىلارغا خۇشاللىق
يېزىپ بېرەلمىسىڭىز،ئۇنداقتاياخشى ئۆچۈرگۈچ بولۇپ باشقىلارنىڭ خاپىلىقلىرىنى
ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنۇڭ .
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-5 11:46 PM, Processed in 0.108402 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش