باشلىقىڭىز كۆرمەكچى بولغان مالىيە دوكلاتى مۇنداق بولىدۇ
شېركەت مالىيە دوكلاتىنى رەھبەرلىك كوللىكتىپى بىلەن ئورتاقلاشقاندا ، پىكىردە بىردەكلىككە كىلىش تەسكە توختايدۇ، ئەمەلىيەتتە مالىيە دوكلاتبەرگەندە مالىيە خادىمى بوغالتىرلىق كەسپى تىل بويىچە چۈشەندۈرۈسە، رەھبەرلىك كوللىكتىپنىڭ بوغالتىرلىق چۈشەنچىسى مۇكەممەل بولمىغانلىق سەۋەبىدىن پىكىردە بىردەكلىككە كىلەلمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ، نەتىجىدە مالىيە دوكلاتىنىڭ ئۈنۈمىمۇ دىگەندەك ياخشى بولمايدۇ.ئۇنداقتا شېركەت رەھبەرلىكىگە مالىيە دوكلاتى بەرگەندە قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟
1. شىركەت تىجارەت ئەندىزىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى بىلەن مالىيە دوكلاتىنى بىرلەشتۈرۈشكەدىققەت قىلىش .
باشلىقىڭىزنىڭ كۆرمەكچىبولغىنى سىزنىڭ بوغالتىرلىق كەسپى تىلى بىلەن چۈشەندۈرۈرىشىڭىز بولماستىن بەلكى شېركەتنىڭ ئىستىراتىگىيەلىكنىشانى ئاساسىدىكى تىجارەت ئەندىزىسنىىڭ ئىجرا قىلىنىغاندىكى ئۈنۈمىنىڭ شېركەتمالىيە دوكلاتىدا ئەكىس ئەتكەن-ئەتمىگەنلىكى.
2. مالىيە جەدىۋىلى ئارقىلىق مالىيە خەتىرىنى مۆلچەرلەش .
ھەرقانداقئىشنىڭ خەتىرى بولىدۇ، شېركەتكە نىسپەتەن ئېيتقاندا تېخىمۇ شۇنداق. ئادەتتە شېركەتتە تىجارەت خەتىرى بىلەن مالىيەخەتىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ساقلانغان بولىدۇ. شېركەت خاراكتىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەنخەتەرنى مۆلچەرلەش ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايدۇ.ئاز پايدا ئېلىپ كۆپ سېتىپ چىقىرىدىغانشېركەتنىڭ مال ئوبوروتى تېز بولىدۇ، ئەگەرئىسكىلاتتىكى ساقلانغان مالنىڭدەۋرىيلىكى ئاستىلاپ كەتسە خەتەر چوڭىيىشقا باشلايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا شېركەتنىڭتىجارەت ئەندىزىسىنى ئىنچىكلىك بىلەن ئانالىز قىلىش كېرەك.
3.مالىيەخادىملىرىنىڭ كەسىپچان ، مەسئولىيەتچان بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
6 `0 r. C( p0 t0 P; k: Y
شېركەتمالىيەسى شېركەتنىڭ جان تومۇرى بولغاچقا مالىيە خادىملارغا بولغان كەسپى تەلىپى يۇقىرى بولىدۇ. بولۇپمۇ شېركەتنىڭ مالىيەباشقۇرۇش سېستىمىسنى تولۇق ئىگەللەش،ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت جەريانىدىكى باجتۈرلىرى باج نىسپتى تولۇق چۈشۈنۈش، ئىشلەپچىقىرىشتەننەرخىنى كونتىرول قىلىش، نەق پۇل ئوبوروت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، مالىيە خام چوتتۈزەش ، مالىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىقخىزمەت ھالقىلىرىدا كۈچلۈك مەسئولىيەتچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئۆزتۈرك كارخانا مەسلىھەتچىلىكى
5 p! Q; k9 Q! j* K