بىنەم
دانىيار توختاخۇن
تاغلارنىڭ باغرىدا بالا تاغلاردەك،
باش قويوپ ياتىدۇ بىپايان تۇپراق.
ھەر چىمدىمتوپىسى بۇغدايدۇر بۇغداي،
ئەجداتنىڭ ھىدى بارئۇنى پۇرىساق.
كۆرۈنەر يىراقتىن يېشىل يۇپۇقتەك،
باغ،ئورمان،شىۋاقلار،بەرقۇتمايسىلار،
ئوخشايدۇ ئوتلاققا يەلپۈنگەن دالا،
سۇغىرار ئۇلارنى قان-تەر،تامچىلار.
شۇ تامچەتەبىئەتنىڭ كۆز ياشلىرىدۇر،
شۇ تامچەكۈچ-مادار ھەر بىر گىياھقا.
شۇ تامچە ياراتقان يېشىل ھاياتنى،
شۇ تامچە سۆيگۈدۇر ئالتۇن باشاققا.
ئۈستىدۇربۇغدايلىق،ئاستى زەر گۆھەر،
جاۋاھىر نۇرلىرى چاقنايدۇ ئۇندا.
يارداڭدا ياشارغان گۈل باغلار ئارا،
بىر ئەزگۈ ھاياتتىن ئاقار خۇشناۋا.
ئۈزۈلمەس چاقچاقلار،ئورما ناخشىسى.
يۈرەككە ئاقناندەك ئەم بولوپ كەلگەن.
مېھىر ھەم ۋاپادا ئۆتكەن ئەھلى يۇرت،
قېرىنداش،تۇققاندەكجەم بولوپ كەلگەن.
چـۇلۇقاي،سۇپۇتاي،قاينۇق،ئـالتۇنلۇق...
قـەدىمىي تـارانچى ئىزى بـار جاي ئۇ.
بىر شانلىق تـارىخنى ئـۇلاپ بۈگۈنگە،
ئۆڭمىگەن ساپ ئۇيغۇرتىلى بار جاي بۇ.
شۇ جاينى گۈللىگەن روھى بۈيۈكلەر،
تاغلارنىڭ باغرىدا تاش قەلئە ياساپ.
بـولسىمۇ بـاياۋان تـۇغۇلغان يېرى،
كەتمىگەن يىراققا يۇرتىنى تاشلاپ.
«تاشقاچاچ،بەختىڭدىن كۆر» دىمەس ئەسلا،
ئـاقىدۇ ئېگىزگـە چـاپقان ئـۆستىڭى.
دۆڭلەردىن دۆڭلەرگەمىنگەن چىغىر يول،
ئـۇ يىپەك يـولىنىڭ قـەدىم ئــۆتىڭى.
شۇ يولدا سادىرنىڭئىزلىرى قالغان،
باتۇرلار چاپتۇرۇپ ئۆتكەن ئېتىنى.
ھەزرىتى سەككاكى،موللا بىلالمۇ،
ئانا يۇرت شەنىگە يازغان خېتىنى.
كىم دەيدۇبىنەمنى«تاشلاندۇق جاي» دەپ،
مـەن ئـۈچۈنبىنەملەر بىر تىرىك جاندۇر.
ئەجدادىن قـان-تەرى سىڭگەن ئۇنىڭغا،
شـۇ تـەردە خـەلقىمنىڭ روھى ئاياندۇر.
تۇرالماس بۇ يۇرتتا يەرنى سۆيمىگەن،
ئـۇ مېھنەت ئەھلىگە مەڭگۈلىك ئۇۋا.
بەرگىنى خەلقىگە بەركەتتۇر بەركەت،
ئـۇ گـويا تىۋىنىپ ئـولتۇرغان ئانـا...
«ئىلىدەرياسى»ژورنىلىنىڭ 2015-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىند