تىلتۇمار، تۇمار، تىلسىم ۋە بېشارەت
بىلىمخۇمار
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى
(بۇ مەن تورلارغا ھەر جۈمە كۈنى چىقىرىدىغان ماقالىلەرنىڭ بىرى ئەمەس)
مەن يېقىندا «سېھىرگەرلىكنىڭ رېئاللىقى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە» دېگەن يازمىنى تورلارغا چىقارغاندىن كېيىن، بەزى ئوقۇرمەنلەر مەندىن «تۇمار ئېسىش ۋە ساقلاش» ھەققىدىمۇ ئىزدىنىپ، بىر پارچە ماقالە تەييارلىشىمنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ياسىر قازى بىلەن «ئويغان» نىڭ مۇناسىۋەتلىك لېكسىيە-دوكلات سىن ھۆججەتلىرىنى ئاڭلاپ چىقىپ، ئاشۇ تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر سىن ھۆججىتىنى تاپتىم. بۇ سىن ھۆججىتى ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن «دىنىي ئېتىقادنىڭ ئاساسىي بىلىملىرى» دېگەن بىر تېلېۋىزور پروگراممىسىنىڭ 3-قىسمىنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 24 مىنۇت ئىكەن. ئۇنىڭدا ياسىر قازى تىلتۇمار، تۇمار، تىلسىم ۋە بېشارەتلەرنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى، ئىسلام ئۇلارغا قانداق قارايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن. مەن مەزكۇر يازمىدا ياسىر قازى ئاشۇ پروگراممىدا بەرگەن چۈشەنچىلەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى تونۇشتۇرىمەن.
بۈگۈن بىز دۇنيادىكى ھەممە مەدەنىيەتلەر ۋە بارلىق جەمئىيەتلەر ئۈچۈن ئورتاق بولغان بىر ئىش ئۈستىدە توختىلىمىز. ئۇ بولسىمۇ تىلتۇمار، تۇمار ۋە تىلسىم تاقاش ۋە بېشارەت ئىستەشتىن ئىبارەت. «تىلتۇمار، تۇمار، تىلسىم» دېگىنىمىز قولىغا سېلىۋالىدىغان ياكى بوينىغا ئېسىۋالىدىغان مەلۇم بىر خىل «ياخشى تەلەي» بۇيۇمىدىن ئىبارەت. ئۇنداق قىلىشتىن مەقسەت مەلۇم بىر ياخشى نەرسىگە ئېرىشىش، ياكى مەلۇم بىر يامانلىقتىن ساقلىنىش. «بېشارەت» بولسا يارىتىلغان نەرسىلەر ئىچىدىكى بىر تەبىئىي بەلگە بولۇپ، سىز ئاشۇ بەلگىگە بىرەر ياخشى ياكى يامان تەلەينى باغلاپ قويىسىز. شۇڭلاشقا تۇمار كىشىلەر ياسىغان نەرسە بولۇپ، بېشارەت بولسا تەبىئىي ھادىسىدىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. كىشىلەر تىلتۇمار، تۇمار ۋە تىلسىملارنى قولىغا ئۆتكۈزۈۋالىدۇ، ياكى بولمىسا بوينىغا ئېسىۋالىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۆزىگە بىر ياخشى تەلەي ئىستەيدۇ، ياكى بولمىسا ئۆزىنى بىر يامانلىقتىن قوغدىماقچى بولىدۇ. «بېشارەت» دېگىنىمىز سىز كۆرگەن بىر نەرسىگە قارىتىلغان. مەسىلەن، بىر قارا مۈشۈك ئالدىڭىزدىن يولنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز ئۆزىڭىزنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولمىغان بىر ئىش تۈپەيلىدىن مەلۇم بىر يامان تەلەيگە ئۇچرايمەن، دەپ ئويلايسىز.
1-رەسىم: «دىنىي ئېتىقادنىڭ ئاساسىي بىلىملىرى» دېگەن تېلېۋىزور پروگراممىسى باشلىنىش قىسمىنىڭ بىر كۆرۈنۈشى.
بۇ ئىككى خىل نەرسىنىڭ ھەممىسى شېرىكلىكنىڭ ئىپادىسىدىن ئىبارەت. چۈنكى بۇ ئىككى ئىش بىزنىڭ ئۆزىمىزنى ئاللاھقا تولۇق تاپشۇرۇشىمىزغا خىلاپلىق كېلىدۇ. بىزنىڭ «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېگەن سۆزىمىزنىڭ مەنىسى «بىز ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان خۇدا يوق» دېگەندىن ئىبارەت. دېمەك ئاللاھ ھەممىگە قادىر كېلىدۇ. ئاللاھ بۇيرۇمىسا ماڭا ھېچ قانداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ. مېنىڭ بوينۇمغا ئېسىۋالغان بىر نەرسە مېنى ھېچ قانداق نەرسىدىن قوغدىيالمايدۇ. پەقەت ئاللاھلا ئۆز بەندىلىرىنى قوغدايدۇ. شۇڭا بىزنىڭ يۈرىكىمىزنى ئاشۇنداق بۇيۇملارغا باغلاپ قويۇشىمىز، ياكى تەبىئىي نەرسىلەردىن ياخشى ياكى يامان بېشارەتلەرگە ئىگە بولماقچى بولۇشىمىز، بىزنىڭ يۈرىكىمىزنىڭ ئاللاھ بىلەن باغلانمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يۈرىكىمىزنىڭ ئاللاھتىن باشقا نەرسىگە باغلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئۇ بىر خىل شېرىكلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
1. ئادەتتىكى تىلتۇمار، تۇمار ۋە تىلسىم
سۈرە زۇمەر (39-سۈرە) 38-ئايەتتە مۇنداق دېيىلگەن:
ئەگەر ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتقان» دەپ سورىساڭ، شۈبھىسىزكى، ئۇلار: «ئاللاھ ياراتقان» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ ماڭا بىرەر زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى دەپئى قىلىشقا، يا ئاللاھ ماڭا رەھمەت قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى توسۇۋېلىشقا، ئاللاھتىن باشقا سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان مەبۇدلار قادىر بولالامدۇ؟ ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ؟» ئېيتقىنكى، «ماڭا ئاللاھ كۇپايىدۇر، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلسۇن (يەنى ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن).»
ئىلاۋە: ئويغاننىڭ دېيىشىچە، ئەرەبچىدە «كائىنات» دېگەن سۆز «ئاسمانلار ۋە زېمىن» دەپ ئېلىنىدىكەن. يەنى، قۇرئاندىكى «ئاسمانلار ۋە زېمىن» دېگەن سۆز «كائىنات» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن.
بۇ ئايەتتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: سەن ئاللاھتىن باشقا سەن ياردەم سورىغان تىلتۇمار، تۇمار ۋە تىلسىم قاتارلىق نەرسىلەر سېنى بىرەر يامانلىقتىن قوغدايدۇ، دەپ ئويلامسەن؟ سېنىڭچە ئۇلار ئاللاھتىنمۇ قۇدرەتلىكمۇ؟ ئۇلار ساڭا ياخشى تەلەي ئېلىپ كېلەلەمدۇ؟ نېمىگە ئاساسەن شۇنداق قىلالايدۇ؟ ئۇلارنىڭ قۇدرىتى بارمۇ؟ ئۇلار يىپ، مېتال ۋە ياغاچ دېگەنلەردىن باشقا نەرسە ئەمەسقۇ؟ ئۇلاردا بىرەر ياخشىلىق بار بولۇشى مۇمكىنمۇ؟
شۇڭلاشقا، «ماڭا ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدۇ»، دەپ ئويلاپ، ياكى «مېنى يامانلىقتىن ساقلايدۇ» دەپ ئويلاپ، ئاشۇنداق نەرسىلەرنى بوينىغا ئېسىۋېلىش ياكى قولىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش بىر خىل شېرىكلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئايەت ۋە ھەدىسلەردە مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە ھېچ قانداق مەزمۇن يوق بولغان ئەھۋالدىمۇ يۇقىرىدا دېگەنلىرىمىز توغرا ئىدى. چۈنكى، بىزدىكى ئومۇمىي پاكىت شۇكى، بىز پەقەت ئاللاھقىلا ئىشىنىمىز. بىز پەقەت ئاللاھتىنلا ياردەم سورايمىز. ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشنى باشقا ھېچ قانداق ئادەم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا بىز پەقەت ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلىمىز.
شۇنداق بولسىمۇ، بۇ ئىشنىڭ تېخىمۇ ئېنىق بولۇپ كېتىشى ئۈچۈن بىز مۇنداق بىر ئەمەلىيەتنى كۆرسىتىپ ئۆتەيلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى كۈچلۈك ھەدىسلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىدا پەيغەمبىرىمىز تىلتۇمار، تۇمار ۋە تىلسىملارنى بىۋاسىتە چەكلىگەن. ئۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، ئىسلام باشلىنىشتىن بۇرۇنقى ئەرەبلەر جەمئىيىتىدە كىشىلەر تىلتۇمار، تۇمار ۋە تىلسىملارنى ئىشلەتكەن، ۋە بېشارەتلەرگە ئىشەنگەن. تۇمارنى بالىلىرىغا ئېسىپ قويۇپ، ئۇلارنى يامان كۆزدىن ساقلىماقچى بولغان. تۇمارنى ئاتلىرىغا ۋە تۆگىلىرىگە ئېسىپ قويۇپ، ئۇلارنى يامان تەلەيدىن ساقلىماقچى بولغان. تۇمارنى ئۆزلىرى ئېسىۋېلىپ، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى رىشتىنى چىڭىتماقچى بولغان. ئاياللار مەخسۇس تۇمار ياساپ ساتىدىغان كىشىلەردىن تۇمارلارنى ئېلىپ، ئۇلارنى بويۇنلىرىغا ئېسىۋېلىپ، شۇ ئارقىلىق ئەرلىرىنى ئۆزلىرىگە تېخىمۇ جەلپ قىلماقچى بولغان. تۇمارنى يۇقىرىقى بىلەن قارىمۇ-قارشى مەقسەت ئۈچۈنمۇ ئىشلەتكەن. يەنى، بەزىلەر باشقا بىر ئادەمگە بىرەر نەرسىنى بېرىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇ ئادەمگە يامان تەلەي ئاتا قىلماقچى بولغان. ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتنى بۇزۇش ئۈچۈنمۇ ئاشۇنداق ئىشلارنى قىلغان.
ئىسلامدىن بۇرۇن يۇقىرىقىدەك ئىشلار مەۋجۇت بولغاچقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنداق ئىشلارنى ئوچۇق چەكلىگەن.
بىر ھەدىستە رىۋايەت قىلىنىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئەرنىڭ قولىغا مىستىن ياسالغان بىر بىلەزۈكنى سېلىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن نېمىشقا بۇنداق قىلغىنىنى سورايدۇ. ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ ئادەمنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدىغان بىر خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولسا ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: ئۇنى ئۈزۈپ ئېلىۋەت. ئۇنداق قىلمىساڭ ئۇ سېنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشىڭنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. سەۋەبى، بۇ قىلغىنىڭ سېنىڭ ئىمان (Tawhid, Tawheed, Towheed) ىڭغا خىلاپ. دېمەك، ئاشۇنداق تىلتۇمار، تۇمار ۋە تىلسىملارنى ئېسىۋېلىش ياكى تاقىۋېلىش ئىمانغا خىلاپ كېلىدۇ.
بىر ھەدىستە چۈشەندۈرۈلۈشىچە، «ئۇلارنىڭ تولىسى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئىشىنىدۇ (يەنى ئاللاھنى ياراتقۇچى، رىزىق بەرگۈچى دەپ ئىقرار قىلىش بىلەن بىللە، بۇتلارغىمۇ چوقۇنىدۇ) 12:106» دېگەن ئايەتتە كۆزدە تۇتۇلغان ئىشلارنىڭ ئىچىدە تىلتۇمار، تۇمار ۋە تىلسىملارنى ئېسىۋېلىش بار ئىكەن. يەنە بىر ھەدىستە چۈشەندۈرۈلۈشىچە، ئاللاھ تىلتۇمار، تۇمار ۋە تىلسىملارغا ئوخشاش ئۆزى ياراتقان نەرسىلەرنى بوينىغا ئېسىۋالغان ياكى قولىغا سېلىۋالغان كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى پۈتۈنلەي ئۈزىدىكەن. ئاللاھ ئۇنداق ئادەملەرنى قوغدىماي، ئۇلارنى ئاشۇ بوينىغا ئېسىۋالغان ياكى قولىغا سېلىۋالغان نەرسىگە تاشلاپ بېرىدىكەن.
يەنە بىر ھەدىستە رىۋايەت قىلىنىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ بىر مېلىغا ياخشى تەلەي ئاتا قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىرەر نەرسىنى ئېسىپ قويىدىكەن، مەن ئۇ ئادەمدىن پۈتۈنلەي قول ئۈزىمەن.» دېمەك، بىر ئادەم بىرەر تىلتۇمار، تۇمار ۋە تىلسىمنى ئۆزىگە، ئايالىغا ياكى بالىسىغا ئېسىپ قويىدىكەن، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى تېخىمۇ يامان بولىدۇ. ئۇنداق قىلساق، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىدىلا شېرىكلىككە كىرگەن بولىمىز. ئاللاھ «بۇنداق ئادەمگە لەنەت ئوقۇلىدۇ»، دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولسا «مەن ئۇنداق ئادەملەردىن قول ئۈزىمەن. ئاللاھ ئۇنداق ئادەمنى ئاشۇ نەرسىگە تاشلاپ بېرىدۇ» دەيدۇ. دېمەك، ھەر خىل تىلتۇمار، تۇمار ۋە تىلسىمنىڭ ھەممىسى بىر خىل شېرىكلىكتىن ئىبارەت.
2. قۇرئاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىلتۇمار، تۇمار ۋە تىلسىم
ئەگەر قۇرئاندىكى بىر ئايەتنى بىر نەرسىگە يېزىپ، ئاندىن ئۇ نەرسىنى بوينىمىزغا ئېسىۋالساق قانداق بولىدۇ؟ بۇنداق ئىشقا نىسبەتەن ئۆلىمالارنىڭ پىكىرلىرى ھەر خىل بولدى. ئەمما، كۆپ سانلىق ئۆلىمالارنىڭ قارىشىچە، بۇنداق ئىشقىمۇ يول قويۇشقا بولمايدۇ. مەسىلەن، بۇخارى بىلەن مۇسلىمنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بىرى تۈزگەن «ئەلمۇسەننەف» دېگەن كىتابتا رىۋايەت قىلىنىشىچە، ساھابىلەرنىڭ ھەممىسى ھەر قانداق شەكىلدىكى تىلتۇمار، تۇمار ۋە تىلسىملارغا ئۆچ ئىكەندۇق. يەنى ئۇلار قۇرئانىي ۋە قۇرئانىي ئەمەس تۇمارلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆچ كۆرگەن ئىكەن.
ئۇنداق بولۇشىدا تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلەر بار: (1) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنداق ئىشلارنى قىلىپ باققانلىقى توغرىسىدا ھېچ قانداق دەلىل يوق. يەنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرەر قۇرئانىي تۇمارنى ئۆزىگە ياكى ئائىلىسىدىكى بىرەر كىشىگە ئېسىپ قويۇپ باققان ئەمەس. ئەگەر بۇ بىر ياخشى ئىش بولغان بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چوقۇم بىرەر قۇرئانىي تۇمارنى ئىشلىتىپ باققان بولاتتى. (2) باشقا بىر ئادەم سىزنىڭ بىرەر تۇمارنى ئېسىۋالغانلىقىڭىزنى كۆرسە، ئۇ ئادەم سىزدىكى تۇمارنىڭ قۇرئانىي ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ «پالانى شەيخ ياكى پوكۇنى ئىمام بىر تۇمارنى ئېسىۋاپتۇ. شۇڭا مەن شۇنداق قىلساممۇ بولۇۋېرىدىكەن» دەپ ئويلاپ، قۇرئانىي ئەمەس تۇماردىن بىرەرنى ئېسىۋېلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا قۇرئانىي تۇمارنىمۇ ئاسماسلىق توغرا ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (3) قۇرئانىي تۇمارنى ئېسىۋالغان كىشى ئۇنى نامۇۋاپىق مۇھىت ئىچىگە ئېلىپ كىرىدۇ. مەسىلەن، ئۇ كىشى ئوبورنىغا كىرگەندە، بوينىغا بىر ئايەتنى ئېسىپ كىرىدۇ. ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدىمۇ بوينىغا ئاشۇنداق تۇماردىن بىرنى ئېسىۋېلىشمۇ مۇۋاپىق ئىش ئەمەس. ئەگەر ئۇنى بىر كىچىك بالىنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويسا، تۇمارغا بىرەر مەينەت نەرسە يۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن.
شۇڭلاشقا قۇرئاندىكى ئاللاھنىڭ سۆزىنى بىر نەرسىگە يېزىپ، ئۇنى بوينىمىزغا چىرايلىق كۆرۈنۈش ياكى ياخشى تەلەيگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئېسىۋالساق بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالدى بىلەن قۇرئاننى قىرائەت قىلىپ، ئاندىن قولىغا پۈۋلەپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇ قولى بىلەن ئۆز بەدىنىنى سىلىغان.
3. بېشارەت
«بېشارەت» دېگىنىمىز تەبىئىي ھادىسىدىن ئىبارەت. بىر ھەدىستە (يەنى، ئەبۇ داۋۇتتىكى 3906-ھەدىس) رىۋايەت قىلىنىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەر قانداق خىلدىكى بېشارەتلەرنىڭ ھەممىسى شېرىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزنى ئارقا-ئارقىدىن 3 قېتىم قىلغان. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، بۇرۇنقى ئەرەبلەر بەزى قۇشلارنى كۆرسە ئۇنى «يامان تەلەينىڭ بېشارىتى» دەپ ھېسابلىغان. يەنە بىر خىل قۇشنى كۆرسە ئۇنى «ياخشى تەلەينىڭ بېشارىتى» دەپ ھېسابلىغان. بۇنداق ئىشلار بىزنىڭ دەۋرىمىزدىمۇ بار. بەزى كىشىلەر بىر قارا مۈشۈكنى كۆرسە، «ئۇ يامان تەلەينىڭ بېشارىتى» دەپ ئويلايدۇ. يەنە بەزىلەر ئاققان يۇلتۇزنى كۆرسە، «ئۇ ياخشى تەلەي» دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇنداق ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەممە خىلدىكى بېشارەتلەرنىڭ ھەممىسى شېرىك، دېگەن.
قىسقىسى، ھەر قانداق شەكىلدىكى تۇمار ۋە بېشارەتلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئىمانىمىزغا خىلاپلىق كېلىدۇ. تىلتۇمار، تۇمار ۋە تىلسىم ۋە بېشارەتلەرنىڭ ھەممىسى شېرىكلىكنىڭ ئىپادىسى. دىنىمىزدا تۇمار ئېسىش چەكلەنگەن بولۇپ، ئاللاھ تۇمار ئېسىۋالغان كىشىلەرگە لەنەت ئوقۇيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇمار ئاسقان كىشىلەردىن قول ئۈزگەن.
دوكتور ياسىر قازىنىڭ «دىنىي ئېتىقادنىڭ ئاساسىي بىلىملىرى» دېگەن تېلېۋىزور پروگراممىسى 3-قىسمىدا سۆزلىگەن دەرسىنىڭ مەزمۇنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
Talismans, amulets, & omens wearing them for seeking good luck & blessings
https://www.youtube.com/watch?v=2he1IV-jzPU
بۇ ماقالىنى ئىنىمىز «پىداكار» تەھرىرلىدى.
بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.