) k$ T3 t' a4 O' ?9 S
5 o D& ?0 ]1 T# H# {تاجىكىستان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا تاجىكچە ئىسىم قويۇشنى تەلەپ قىلدى
0 j$ W2 a: u; E, ?6 T# R
. j! y+ {- R& ?( ^
' \- }. j0 g: W! ]ئوتتۇرا ئاسىيا خەۋەرلىرى تور بېتى خەۋىرى (ئوكيان تورى تەرجىمىسى):
i8 T* U0 @8 E& E( Mتاجىكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تىل ۋە ئاتالغۇ كومىتېتى تاجىكىستان ئاكادېمىيەسى بىلەن تاجىكلارنىڭ ئىسىم تىزىملىكىنى تۈزمەكتە. دۆلەت ئىچىدىكى تاجىكلار ئۆزىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بالىلىرىغا ئىسىم قويغاندا پەقەت بۇ ئىسىملارنى قويۇشى كېرەك.
4 e# E' G! Y% s
ئوتتۇرا ئاسىيا خەۋەرلىرى تور بېتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، تاجىكىستان پارلامېنتى نۆۋەتتە قاراپ چىقىۋاتقان ھەق تەلەپ ئىشلىرى ئەھۋالى ئىسپاتنامىسى دۆلەتلىك رويخەتكە ئالدۇرۇش قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتكە تاجىكلار ئىسىم قوللانمىسىنى تەستىقلايدۇ. ئۆزگەرتىلگەن قانۇن لايىھەسىنىڭ بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ماقۇللىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
4 {7 f$ _ E+ rئوتتۇرا ئاسىيا خەۋەرلىرىدە:«تاجىكىستان پۇقرالىرى ئۆزىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بالىسىغا ئىسىم قويغاندا مەزكۇر ئىسىم قويۇش قوللانمىسى دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتسە بولمايدۇ. ئادەم ئىسىملىرى قوللانمىسىغا كىرگۈزۈلگەن ئىسىملار سانى ۋاقتىنچە بېكىتىلمىدى، ئەمما 3000 دىن ئاشىدىغانلىقى پەرەز قىلىندى» دېيىلگەن.
8 }. L! D5 _% c9 j) ^/ u# ~
تاجىكىستان ئەدلىيە مىنىستىرلىكى:«بىزگە ئادەم ئىسىملىرى قوللانمىسىنىڭ تەييارلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى، پەقەت قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ماقۇللانغاندىن كېيىن بىز ئاندىن ئۇنى كۆرەلەيمىز» دېدى.
# ^2 B: L7 n8 |& l; n( M" dتاجىكىستاندا ياشاۋاتقان باشقا مىللەتلەر يۇقىرىدا دېيىلگەن قانۇن لايىھەسى دائىرىسىدە ئەمەس، ئۇلار ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىگە ئاساسەن ئىسىم قويسا بولىدۇ. ھەق تەلەپ ئىشلىرى گۇۋاھنامىسى رويخەتكە ئېلىش تارماقلىرى بۇرۇنلا تاجىكچە ئىسىم قوللانمىسىنى تاپشۇرۇۋالغان، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى تىزىمغا ئالدۇرغاندا خىزمەتچى خادىملار ئالدى بىلەن بۇ ئىسىملاردىن بىرنى تاللاش تەكلىپى بېرىدۇ.
- X* p" j6 y$ P6 B& R
ئوتتۇرا ئاسىيا خەۋەرلىرى تور بېتىنىڭ خەۋىرىدە:«بۇ تەرتىپ ئەسلىدە تەكلىپ خاراكتېرىدە ئىدى. ھازىر تاجىكىستان پۇقرالىرى چوقۇم بۇ تىزىملىكتىكى ئىسىملاردىن ئۆزىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بالىسىغا ئىسىم تاللايدۇ» دېيىلگەن.
6 @, \8 O7 i# V' N0 a$ g9 I
ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ كۆرسىتىشىچە، دانىيە، ئېستونىيە ۋە شۋېتسىيەلەر بۇرۇنلا بۇ خىل قانۇننى ماقۇللاپ بولغان. رۇسىيەمۇ بۇ خىل قانۇننى تۈزمەكتە ئىكەن.
" J( w8 J5 l7 C# S# A4 F# |$ F! L! Q0 ~
( g4 R/ p6 B7 a! N