چىلان پىشتى يۇرتۇمدا
ئىچىڭدىكى ئاچچىقىنى ئايلاندۇرۇپ تاتلىققا ،
چىلان پىشتى يۇرتۇمدا ئېلىپ – ساتار ئەر بارمۇ ؟
تۇرمۇشىڭنى كۈنۈڭنى تۇيۇندۇرۇپ شاتلىققا ،
چىلان پىشتى يۇرتۇمدا ئېلىپ – ساتار ئەر بارمۇ ؟
تەڭرى بەرگەن جېنىڭغا يەنە قايتا جان بەرگەن ،
ۋۇجۇدۇڭغا كۈچ – قۇۋەت ، تۇمۇرىڭىغا قان بەرگەن .
ساقلاپ سېنى ئاچلىقتىن ، بىزگە شەرەپ – شان بەرگەن ،
چىلان پىشتى يۇرتۇمدا ئېلىپ- ساتار ئەر بارمۇ ؟
ئېلان بەرسەم چىلاننى ساتالماپتۇ دەپ قالماڭ ،
كېچىللىرى خاتىرجەم ياتالماپتۇ دەپ قالماڭ .
ئىش ئۇقمىغاچ ئىچكىرگە تارتالماپتۇ دەپ قالماڭ ،
چىلان پىشتى يۇرتۇمدا ئېلىپ – ساتار ئەر بارمۇ ؟
ئۈرۈمچىدە چىلاننى سەكسەن سومدىن ئاپتۇدەك ،
ئىچكىردىكى لاۋبەنلەر يۈز ئەللكتىن ساتقۇدەك .
چەتئەللەرگە تارتقانلار پۇلغا تېيلىپ ياتقۇدەك ،
چىلان پىشتى يۇرتۇمدا ئېلىپ – ساتار ئەر بارمۇ ؟
ئۆيگە زادى رايىم يوق چىلانلىقتا ياتقۇم بار ،
چىلانلىقتا چىلاننى ناخشلارغا قاتقۇم بار .
كېلەر يىلى چىلاننى نىيۇرۇكتا ساتقۇم بار ،
چىلان پىشتى يۇرتۇمدا ئېلىپ – ساتار ئەر بارمۇ ؟
مەرھۇم بۇۋام كېچىدىن كىرىپ قاپتۇ چۈشۈمگە ،
بىر تال چىلان بەرگىن دەپ تەلمۈرەرمىش كۆزۈمگە ،
قەبىرسىگە بىر كۈچەت پىلانلىدىم بۈگۈنگە .
چىلان پىشتى يۇرتۇمدا ئېلىپ – ساتار ئەر بارمۇ ؟
چىلان بىلەن يۇرتىمىز تولدى بۈگۈن شاتلىققا ،
چىلان بىلەن ئايلاندى ئاياقسىزلار ئاتلىققا .
چىلانسىزنىڭ قىزلىرى ئەرزىمەيدۇ ياتلىققا ،
چىلان پىشتى يۇرتۇمدا ئېلىپ – ساتار ئەر بارمۇ ؟
2 ~6 K1 p% b( g) m& e/ ~ |
مەزكۈر شئېر ئۇندىداردا تارقالغان بولۇپ ئاپتۇرى ماڭا نامەلۇم ، مەنمۇ جوڭگۇغا داڭلىق چىلان يۇرتىنىڭ بىر پەخىرلىك پۇقراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەسلى مەزمۇنىغا ئاساسەن ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ مەزكۈر مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم ، ئاپتۇرنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .