ۋاپا
(مىكرو ھېكايە)
كەچكۈزنىڭ ئاچچىق شامىلى خۇددى ھەرە چاققاندەك بەدەنگە قاتتىق سانجىلىپ تۇرغان بىر ئەتىگىنى سادىق مۇئەللىم كېچىدىن ۋايساپ چىققان ئايالىنى ئاستا يېتىلەپ يېزا تاشيولىغا چىقتى.ئۇ شۇ تاپتا ئېغىر ئەندىشە ئىچىدە بىرەر قاتناش كېلىپ قېلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى.
يىراقتىن بىر ماشىنىنىڭ چىراق يۇرۇقىنى كۆرۇپ ئۇنىڭ كۆزىمۇ بىللە يېنىپ كەتتى.ئۇ تۇيۇقسىزلا يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقىپلا ماشىنىنى توستى.شوپۇر ناھايىتى تېزلىكتە تورموزلاش بىلەن بىرگە ياندا ئولتۇرغان بىر ئادەم ئاچچىقلاپ ئۇنىڭغا ئەلەم قىلدى.شۇندىمۇ ئۇ تىرىكمەي تۇرۇپ:
ـــ ئايالىم ئاغرىپ قالغان خاپا بولماي مېنى دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈپ قويغان بولساڭلار؟
ــ مۇئەللىم ئەجەپ گەپ قىلدىڭىز؟! مېنىڭ جىددى يىغىنىم بار.باشقا بىرنىمە كېلىپ قالار.
ماشىنا تېزلا يۇرۇپ كەتتى.ئارقىسىدىن قاراپ قالغان سادىق مۇئەللىم ئۇ يېزا باشلىقىنىڭ 14 يىل بۇرۇنقى ئوقۇغۇچىسى ئەكبەر ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ كۆڭلى تولىمۇ ئازاپلانغان ھالدا ئېغىر خۇرسىندى.ئايالىنىڭ ئاغرىپ ئازاپىغا چىدىمىغان سادىق مۇئەللىم يەنە بىرسىنىڭ كېلىشىنى كۈتمەي ئايالىنى يۇدۇپ ئېغىر قەدەملەر بىلەن دوختۇرخانا تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.خېلى ماڭغاندىن كېيىن يېنىدىن بىر تېرەكتۇر ئۆتكەن بولسىمۇ ئۇنىڭمۇ بىر نىمە دېيىشىدىن ئۆزىنى تارتىپ مېڭىۋەردى.ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ئادەم تېرەكتۇرنى توختىتىپ ئالدىغا يۇگۈرۈپ كېلىپ:
ــ مۇئەللىم بۇ ئەتىگەندە نىمە بولدىلا؟
ــ ئايالىمنى دوختۇرخانىغا.......
ــ ھە ! بىلدىم مۇئەللىم دەرھال تېرەكتۇرغا چىقسىلا مەن ئېلىپ بارىمەن.
تېرەكتۇرچى بالا دوختۇرخانا ئىچىدە ئالدىراش چېپىپ يۈرۈپ بىمارنى بالىنىسقا ئالدۇردى.مۇئەللىمنىڭ يۇرىكى خېلى جايىغا چۈشۈپ چىرايىغا قان يۈگۈردى..
بىركەمدىن كېيىن ھېلىقى تېرەكتۇرچى بالا مۇئەللىمنىڭ قولىنى سىقىپ تۇرۇپ كۆزىگە تىكىلىپ ھەسرەتلىك ھالدا :
ــ مۇئەللىم جاپايىڭىز تېخى تۈگىمەپتۇ ؟! مەن سىزنى ئەڭ قىينىغان ئوقۇغۇچىڭىز خېلىل بولىمەن. خاپا بولماڭ ! مەن بىرسى بىلەن سودىغا پۈتۈشۈپ قويغان.ئۈلگۈرۈپ بارمىسام بولمايدۇ.مەن يەنە يوقلاپ كېلىمەن ـ دەپلا ئالدىراش چىقىپ كەتتى.
تېرەكتۇرچى بالىنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالغان مۇئەللىمنىڭ تەنلىرى قايتىدىن بوشىشىپ كارىدۇردىكى ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ قالدى.ئۇ ئەينى ۋاقىتتا بۇ كەپسىز،قىلقسىز ئوقۇغۇچىسىنى ئەدەپلىگەندە دائىم :‹‹سەندەك ناچار بالىنىڭ قولىدىن ھىچكىمگە ۋاپا كەلمەيدۇ››دەيدىغان سۆزلىرىنى يادىدىن ئۆتكۈزۈپ قاتتىق ئۆكۈنۈش ئىچىدە كۆزىگە لىققىدە ياش ئالدى.