ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 8-دېكابىر خەۋىرى؛ 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچ، 2015-2016 پەسىللىك جۇڭگۇ ئاياللار ۋاسكېتبول كەسپىي بىرلەشمىسى ( WCBA ) مۇسابىقىسى ئىككىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقىسىنىڭ يەتتىنچى ئايلانمىسىدا، شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئىلاھىي بۇغا ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى مىھمان كوماندا سۈپىتىدە گۇاڭدۇڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ باردى. شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئىلاھىي بۇغا ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئاخىرى 92-93 نەتىجە بىلەن گۇاڭدۇڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قۇيدى، شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئىلاھىي بۇغا ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئىككىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقىدە ئۇدا ئىككى مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئالتە ئەزا قوش خانىلىق نۇمۇر ئالدى؛ چەتئەللىك ياردەمچى ماھىرى تىنا چارلېس 24 نۇمۇر، 16 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 7 قىتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ پېڭ شىچىڭ 20 نۇمۇر ئالدى؛ ۋاڭ لى لى13 نۇمۇرئالدى؛ خۇۋالىن 13 نۇمۇرئالدى؛ مازىڭيۈ 10 نۇمۇرئالدى؛ چىيۇسىيۇ 10 نۇمۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
WCBA بىرلەشمىسى مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىۋى بۇيىچە شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئىلاھىي بۇغا ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچ، ساھىپخان مەيدانى شىنجاڭ تەنتەربىيە مەرگىزىدە شەنشى ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛
http://waskitbol.com/forum.php