[ئاتاقلىق ئەدىپ ھاجى مىرزاھىد كېرىمى بىلەن سۆھبەت
ئەسسالامۇئەلەيكوم ھۆرمەتلىك تورداشلار، ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرىڭلارغا ئاسايىشلىق، تېنىڭلارغا سالامەتلىك، تۇرمۇشىڭلارغا بەخت ۋە ئامەت تىلەيمىز!
يېقىندا بىز 50 نەچچە يىللىق يېزىقچىلىق ھاياتىدا كۆپلىگەن نادىر شېئىر، داستان، ھېكايە، پوۋېست، رومان يېزىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ئاتاقلىق يازغۇچى، شائىر ھاجى مىرزاھىد كىرىمى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. بۇ زىيارەتنىڭ سىلەرگە ئىستىتىك زوق ئاتا قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
ھاجى مىرزاھىد كېرىمى 1937 – يىلى قەشقەر شەھىرىدە ئوقۇمۇشلۇق تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى قەشقەر شەھىرىدە ئوقۇغاندىن كېيىن، 1955 – يىلىدىن 1958 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئۇ شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ‹‹شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى››ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ‹‹ئانا ۋەسىيىتى››، ‹‹ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق›› ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات قەسىرىگە قەدەم قويغان. 1959 – يىلى ‹‹سول›› چىل سىياسەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كۆپ رىيازەت چەككەن. نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، 1993 – يىلى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن پېنسىيەگە چىققان.
1982 – يىلىدىن باشلاپ ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ ‹‹ئالتۇن ئاچقۇچ››، ‹‹قاناتلانغان تىلەك››، ‹‹سۈزۈك تاراملار›› قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى، ‹‹ھېيتگاھدا ھېيت كۈنى›› ناملىق داستانلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. ئۇ 1984 – يىلىدىن باشلاپ نەسرىي ئەسەر يېزىشقا كىرىشىپ ‹‹نازىنىننىڭ قىلتىقى››، ‹‹ھەسەن – ھۈسەن پارلىغاندا››، ‹‹شېرىن چۈشتىكى قارا كۆلەڭگە›› قاتارلىق ھېكايىلەرنى، ‹‹پەرىزات››، ‹‹يىگىت بولۇۋالغان قىز››، ‹‹بۇغدا قىزى›› قاتارلىق پوۋېستلارنى ئېلان قىلغان. 1990 – يىلىدىن بۇيان ئۇنىڭ ‹‹جۇدالىق›› (ئۈچ توم)، ‹‹سەئىدخان››، ‹‹سۇلتان ئابدۇرېشىتخان›› (ئىككى توم)، ‹‹يۈسۈپ خاس ھاجىپ›› (ئىككى توم)، ‹‹سۇلتان مىرزا ئابابەكرى››قاتارلىق تارىخىي رومانلىرى نەشر قىلىنغان.
بۇ يىللاردا ئۇ يەنە ‹‹قەلەمنىڭ ساداسى››، ‹‹يىلان ئۇسسۇلىدىن تۇغۇلغان ئويلار››، ‹‹<ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق> پاجىئەسى ۋە تەتۈر قىسمەتلەر›› قاتارلىق يىرىك ماقالىلەرنى ۋە ئەسلىمىلەرنى ئېلان قىلدى، ‹‹بۇغدا قىزى›› ناملىق ھېكايە – پوۋېستلار توپلىمى، ‹‹قاناتلانغان تىلەكلەر›› ناملىق داستانلار توپلىمىنى نەشىر قىلدۇردى.
ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ يېزىقچىلىق ھاياتدا رومان ئىجادىيىتى، بولۇپمۇ تارىخىي رومان ئىجادىيىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ ئانا يۇرتىنىڭ ئۇزاق يىللىق تارىخىنى پىششىق ئۆزلەشتۈرگەچكە، ئۇ يازغان تارىخىي رومانلاردا تەسۋىرلەنگەن ۋەقە، ھادىسە، يورۇتۇلغان پېرسوناژلار تارىخىي چىنلىققا ئۇيغۇن بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى قايىل قىلىدۇ ھەم ئىختىيارسىز ھالدا ئاشۇ تارىخ ئىچىگە باشلاپ كىرىدۇ.
ھاجى مىرزاھىد كېرىمى يازغان بىر ئەسەر 1991 – يىلى 2 – نۆۋەتلىك ‹‹تەڭرىتاغ›› مۇكاپاتىغا، يەنە بىر ئەسىرى 2010 – يىلى16 – نۆۋەتلىك ‹‹تەڭرىتاغ›› مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇلتۇر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ‹‹21 – ئەسىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى تۆھپىكار شائىر›› دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى. ھازىر ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئارقا – ئارقىدىن بېسىلىپ چىقىۋاتقان توم – توم كىتابلىرىمنىڭ تۈرتكىسى ھەم ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۆرمەت – ئېھتىرامىنىڭ ئىلھامى بىلەن ‹‹قەلبىمدىكى ئۇنتۇلماس ئادەملەر›› ناملىق ئەسلىمىسىنىڭ 1 – تومىنى، ‹‹مېنى نېمىشقا تەنقىد قىلمايسىلەر›› ناملىق ماقالىلەر توپلىمىنى ۋە بىر شېئىرلار توپلىمىنى پۈتكۈزۈپ نەشرگە تاپشۇردى.
پىلانلىغۇچى:
سۈرەتكە ئالغۇچى:
كىرىشتۈرگۈچى: قەيسەر ئابدۇرۇسۇل(قەشقەر تىلىۋىزىيە ئىستانسىدىن)
ئاپتۇرى: ئابلاجان بوۋاقى، تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماق
رىياسەتچى: تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماق
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا koxmak7 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-7 01:00 PM