0 M z/ q( w# \1 a* Z c6 c' gكىبىر قىلماڭ ، ئاددى ئىنسان سىز
! D: [6 b" N% [
-كىبىرلىك دوستۇڭدىن مېھىرلىك دۈشمىنىڭ ئەۋزەل.
ئىلشات تۇرغۇن
جان ئامانەت ، ھايات قونالغۇ ،
كىلىپ كىتەر ئاددى مېھمان سىز .
غوجاملارنىڭ غوجىسى بارغۇ،
كىبىر قىلماڭ ، ئاددى ئىنسان سىز .
ئۇچسىڭىزمۇ يەرنى ياراتماي ،
چارىڭىز يوق باغرىدا ياتماي.
ياشىماق بار قۇرۇق گەپ ساتماي،
كىبىر قىلماڭ ، ئاددى ئىنسان سىز .
بالدۇر تېخى كىم باي،كىم گاداي،
ئايرىماق تەس كۆڭۈل بولسا لاي.
بولسىڭىزمۇ ئاسماندىكى ئاي،
كىبىر قىلماڭ ،ئاددى ئىنسان سىز.
ئايرىيدىكەن زامان ھەممىنى،
چاپتۇرغاندا ئارمان ھەممىنى.
تولا قىلار نادان غەلۋىنى،
كىبىر قىلماڭ ،ئاددى ئىنسان سىز.
# g) w( P- V$ v بۇ يازمىنى ئاخىرىدا maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-7 08:05 AM - r: }# R: I6 Q* G, h9 M7 I
: y/ ^' [5 z! I D! x( Z