ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، يېقىندا تور بەتلەردە «3D كىيىم لايىھەلەش دېتالى دەرسلىكى» دەپ بىر تېما يوللىنىپتىكەن. قارىسام ئوبدانلا دەرسلىك ئىكەن. لازىمتى دېگەن بىر قانچەيلەنگە يوللاپ بەرگەن، لېكىن ئۇ تېمىدا ئىشلەتكەن دېتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى يوقكەنتۇق. شۇڭا مەن بۇ دېتالنى چۈشۈرۈپ، سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ، ئاددىي بىر دەسلىك ئىشلەپ دېتال بىلەن بىللە يوللاپ قويدۇم. لازىملىق تورداشلار پايدىلىنارسىلەر.
دېتال ئىسمى: MarvelousDesigner كىيىم لايىھەلەش دېتالى.
چۈشەندۈرۈش: MarvelousDesigner بولسا كورېيەدە ئىشلەنگەن بىر ئۈچ ئۆلچەملىك كىيىم لايىھەلەش دېتالى. بۇ دېتال كىيىم-كېچەك كېسىم، تىكىش ئەمەلىيەت مەشغۇلاتىغا يۇقىرى دەرىجىدە تەتبىقلانغان كىيىم لايىھەلەش دېتالى. بۇ دېتال ئارقىلىق رەختلەرنى كېسىش ئەمەلىيىتىگە تەتبىقلاپ كېسىپ، ئانىدىن ئۇنى مودېل بەدىنىگە توغرىلاپ، تىكىش سىزىقچىلىرىنى بېكىتىپ، تەقلىدلەش بۇيرۇقى بەرگەندە كىيىمنى رەسمىي ئۈچ ئۆلچەملىك مودېل ئۈستىگە كىيدۈرۈپ، بىز لايىھەلىگەن كىيىمنى خۇددى ئەمەلى، ھەقىقىي كىيىم ئۈنۈمىگە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ.
بۇ دېتالنى ھازىرقى كىيىم ئەندىزە ئېلىش دېتالى دېتاللىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە ئۈنۈمى تېخىمۇ سەرخىل بولىدۇ، بىۋاسىتە maya دە ئېلىنغان ئەندىز ھۆججەتلىرىنى ئەكىرىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا 3d max قاتارلىق دېتاللار ئارقىلىق ھەرخىل مودېللارنى ياساپ، بۇ دېتالغا ئەكىرىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. يۇقىرىقى دېتاللارنىڭ ياردىمى بىلەن ئادەمسىز ھالدا ئۆزىڭىزنىڭ كىيىم كېچەك كۆرگەزمە فىلىمىڭىزنى ئىشلىيەلەيسىز.
بۇ دېتال كىيىم لايىھەلەش ساھەسىدىكى ئەڭ ياخشى دېتاللارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنە نۇرغۇن ساھەلەردە ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مىسال ئالايلى، ئويۇن ياسىغۇچى شىركەتلەر ئۆزلىرى ياسىغان ئويۇن پىرسۇناژ ئوبرازلارنىڭ مودېللىرىغا تۈرلۈك كىيىم لايىھەلىرىنى ئىشلەپ ئاندىن ئۇنى 3d max ۋە ياكى maya دېتاللىرىغا ئەكىرىپ ئۆز دېتالىدىكى ئوبرازلارغا تېخىمۇ سەرخىل تۈسلەرنى بېرىۋاتىدۇ. بۇ دېتال ئارقىلىق يەنە پەردە لايىھە، كارىۋات قاتارلىق ئائىلە بۇيۇملىرىنىڭ تاشقى بولاق لاھىيىلەرنى چىقىرىشقا بولىدۇ.
تىلى: كۆپ تىللىق
نەشرى: 1.1.7.0 (كونا نەشرى، يېشىۋىتىلگەن)
ئىجرا مۇھىتى: WinXP, Win2003, Win7, Win8,Win10
ئىجرا ھالىتى: 32 ۋە 64 بىت
ئىقتىدارى: چۈشەندۈرۈشتە تەپسىلىي دېيىلگەن.
ئىگە تەرەپ بېتى:
http://www.marvelousdesigner.com/
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
ئون قىسىم ھەقسىز سىن دەرستە سۆزلەنگەن. ئادرېسى:
http://alpbeg.cn/?p=1408
بۇ تېمىدىكىسى دېتالنى قاچىلاش ۋە خەنزۇچىغا تەڭشەش دەرسى.
كەسمە يۈزى:
سىغىمى: 32 بىت ۋە 64 بىتلىقىغا قاچىلاش ۋە تەڭشەش دەرسلىكى قوشۇلۇپ 332 مىگابايت
قوشۇمچە: مەن ئىشلىگەن قاچىلاش دەرسلىكى ئاۋازسىز.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://yun.baidu.com/pcloud/album/info?query_uk=157127447&album_id=8167678659235049415
زاپاس ئادرېس:
http://vdisk.weibo.com/s/t7S2hBsZRG5_O
ئەسكەرتىش: مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھەقلىق تارقىتىدىغان، مۇنبەر تەڭگىسىگە ساتىدىغان، ئىنكاسقا ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.