مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: nur~turk

ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئاياللار تەربىيىسى قارىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

41

يازما

45

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 129836
يازما سانى:
41
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
75
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
2 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-11-8
ئاخىرقى:
2016-1-6
ۋاقتى: 2015-12-6 23:27:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زېمىن تۇغقان ئەزىزلەر _ ئابدۇقادىر داموللام
4 ?" `; q1 n- a/ l6 Y7 z" e) K
ئاپتورى: يالقۇن روزى
8 k" B6 M( h3 [/ P  e% U

1 I. B% a- U+ q  s0 x. Bئىسلامىيەت تارىخىدا 18- 19- ئەسىرلەر مىسلىسىز پاجىئەلىك دەۋر ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ئەسىرلەردە ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى دۇنياۋى ئىككى چوڭ ئېمپىرىيە بولغان تۈرك ئوسمان ئېمپىرىيىسى بىلەن تۈرك موغۇل ئېمپىرىيىسى كۈنسېرى ئاجىزلىشىپ قەدەممۇ قەدەم ھالاكەتكە يۈزلەنگەن ھەم ئاخىرقى ھېسابتا يوقىتىلغان. ماۋەرائۇننەھر ۋادىسىدىكى، ئافغانىستان ۋە ئىران ئېگىزلىكىدىكى ئۇششاق ئىسلام خانلىقلىرىنىڭ ھالىمۇ ئوخشاش قىسمەتكە مۇپتىلا بولغان. بۇ ئەسىرلەردە يەنە ئىسلامىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۇزاقتىن بېرى يامراپ كېلىۋاتقان ھەر قايسى مەزھەپلەرنىڭ بىدئەت قاراشلىرى ۋە چاكىنا تەشەببۇسلىرى كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدە–ئېتىقادلىرىنى ئىزىدىن چىقىرىۋەتكەن. بولۇپمۇ، سوپى- ئىشانلار گۇروھى بارلىق ئىسلام ھۆكۈمرانلىرىنىڭ سەلتەنەتىگە سالجىدەك چاپلىشىۋېلىپ ئۇلارنىڭ رېئال دۇنيا ھەققىدىكى جەڭگىۋار قاراشلىرىنى چىرىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائى ھايات سەھنىسىدىن بەخت ئىزدەش غايىلىرىنى سىرلىق خىيالى تۇيغۇلىرىدىن قانائەت ئىزدەيدىغان ئەھمىيەتسىز ئۇرۇنۇشلارغا بۇرىۋەتكەن. مۇسۇلمانلار جامائىتىنى بولسا ئىزدىنىش- كۈرەش جاسارىتى كەمچىل، مەرىپەت روھى سۇس، ئەقىل كۈچى زەئىپ، ئىمانى مۈجمەل، ئەخلاق ساپاسى تۆۋەن ئاڭقاۋ جامائەتكە ئايلاندۇرۇپ، خار- زارلىق كوچىسىدا قېقىلىپ-سوقۇلۇپ ياشاشنى ھار ئالمايدىغان ھورۇن، چېچىلاڭغۇ، بوشاڭ، قاشاڭ ئىللەتلەرنىڭ پاتقىقىغا پاتۇرۇۋەتكەن. دېمەك، ئىسلامى ھاكىمىيەتلەرنىڭ زەئىپلىشىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ چۈشكۈنلىشىشى ئېغىر تارىخى يۈزلىنىش بولۇپ قالغان مۇشۇ دەۋرلەردە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ياۋروپا ئەللىرى كۈنسېرى ئويغىنىپ، كۈچىيىپ بارماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ مەرىپەت روھى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئويغىنىپ ھەر جەھەتتىن قۇدرەت تېپىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ توپ-زەمبىرەك بېكىتكەن يەلكەنلىك كېمىلىرى دېڭىز–ئوكيانلارنى تىنىمسىز كېزىپ، زامانىۋى قوشۇنلىرى سەلدەك يامراپ يېڭىدىن-يېڭى مۇستەملىكە زېمىنلارنى ئىزدىمەكتە ئىدى. بولۇپمۇ، قارا نىيىتى ئۇرغۇپ تۇرغان بىرىتانىيە ئېمپىرىيىسى بىلەن چارروسىيە ئېمپىرىيىسىنىڭ بەس-بەس بىلەن زېمىن كېڭەيتىشى نەتىجىسىدە ئىسلامىيەت دۇنياسى شىمالى ئافرىقا، ھىندىستان چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە تۇران تۈزلەڭلىكىدە كەينى- كەينىدىن پاجىئەلىك قىسمەتكە دۇچار بولۇپ، قۇللۇق كىشەنلىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ، ئۆزىنىڭ تارىخى دۈشمەنلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى چەكسىز ھەسرەت ئىچىدە قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا ئىدى. مانا مۇشۇنداق ئېغىر تارىخى كۈلپەت ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ دىنىي شان-شۆھرىتىنى، مىللىي ئەرك-ھوقۇقىنى ۋە مەرىپەتچىلىك روھىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغان شىر يۈرەك مىللىي داھىيلار بىلەن ئوت يۈرەك مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ كۈلپەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشى ۋە تەپەككۇر يۈرگۈزىشىنى تەقەززا قىلدى. زادى قانداق قىلغاندا قۇللۇق كىشەنلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئەقىدىنى ساپلاشتۇرۇپ، مىللىي ئاڭنى ئويغىتىپ، مەرىپەت روھىنى تىكلىگىلى، خارلىق، ئىتتىپاقسىزلىق، بوشاڭلىق، قاشاڭلىق، خۇراپاتلىق ئىللەتلىرىگە خاتىمە بېرىپ ئۇيۇشقىلى، كۈچەيگىلى، زورايغىلى بولىدۇ؟ مانا بۇ ئىسلامىىيەت دۇنياسىدىكى دىنى مۇتەپەككۇرلار بىلەن مىللىي داھىيلار پىداكارلىق بىلەن ئىزدىنىدىغان، ئويلىنىدىغان جىددىي تېما ئىدى. ئۇلۇغ مەنىۋى يېتەكچى، دىن ۋە مىللەتنىڭ پىداكارى، ھازىرقى زامان مەدەنىيەت تارىخىمىزنىڭ شانلىق ئىپتىخارى، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى، ئوت يۈرەك ۋەتەنپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر، ھۆرىيەتپەرۋەر دىنى ئالىم ئابدۇقادىر داموللام 20- ئەسىرنىڭ بېشىدا خەلقىمىز ئارىسىدىن چىققان ئەنە شۇنداق ئوي- ئارزۇدىكى گىگانت زات ئىدى. ئابدۇقادىر داموللام بىلەن زامانداش مەشھۇر ئالىم، ئاتاقلىق شائىر، داڭلىق تېۋىپ ھۈسەينخان ئەكبەر تەجەللى ھەزرەتلىرى (1856- 1925) نىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا ئابدۇقادىر داموللام نازۇكلۇقتا روھقا، ئىرادىسىنىڭ مۇستەھكەملىكىدە تاغقا، ئىلىمنىڭ موللۇقىدا دېڭىزغا ئوخشايتتى( «تەجەللى شېئىرلىرىدىن»- مىللەتلەر نەشىرياتى، 2000- يىلى، 104- بەت) ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تولۇق ئىسمى داموللا ئابدۇقادىر ئىبنى ئابدۇلۋارىس، تەخەللۇسى «غازى» ئىدى. «قەشقەرى» دېگەن تەخەللۇسنى قوشۇپ ئاتىغۇچىلارمۇ بار. ئابدۇقادىر داموللام 1862- يىلى قەشقەر ئاتۇشنىڭ مەشھەدكە تۇتاش باغئېرىق كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن (تەتقىقاتچى ئابدۇرېھىم سابىت ئەپەندى «ئابدۇقادىر داموللام ۋە <مىفتاھۇل ئەدەب>» ناملىق ماقالىسىدە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئوغلى ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنىڭ بەرگەن مەلۇماتى بويىچە ئابدۇقادىر داموللامنى ھىجىرىيە 1278- يىلى (مىلادىيە 1854-1855-يىللىرى) تۇغۇلغان دەپ يازغان. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ 1985- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاندا قايتا بېسىلغان «تەجۋىد تۈركىي» ناملىق كىتابىنىڭ ئاخىرىدا مىلادىيە 1881- يىلى تۇغۇلغان دەپ كۆرسىتىلگەن. مەن ئاپتونۇم رايونىمىزدا نەشىر قىلىنغان كىتاب-ژۇرناللاردا ۋە كىتاب-ماتىرىياللاردا بىردەك ئېلىنىپ ئومۇملىشىپ قالغىنى بويىچە يەنىلا 1862- يىلى تۇغۇلغان دەپ ئېلىشنى مۇۋاپىق تاپتىم. بۇ ھەقتىكى تەتقىقات چوڭقۇرلىشىپ، ئېنىق پاكىت بىلەن مۇقىملاشقۇچە 1862- يىلى تۇغۇلغان دەپ ئېلىۋېرىشنى توغرا دەپ قارايمەن. مۇشۇ بويىچە بولغاندا، ئابدۇقادىر داموللام 62- يېشىدا شېھىد بولغان بولىدۇ.) مەشھەد- قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئەڭ مەشھۇر خاقانى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بىلەن ئۇنىڭ ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانى دەپنە قىلىنغان مەشھۇر جاي. تارىختا ئۆتكەن سەلتەنەت ئىگىلىرى بىلەن مەشھۇر ئۆلىمالار سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بىلەن ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن، قەبرىگاھ يېنىغا مەسچىت، مەدرىسە، خانىقالارنى بىنا قىلغان. ئابدۇقادىر داموللام باشلانغۇچ مەلۇماتنى مانا مۇشۇ يەردىكى «ھەزرىتى سۇلتانىيە مەدرىسە» سىدىن ئالغان. يېشى 15كە يەتكەندە قەشقەر شەھىرى ئوردا ئالدىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتى «خانلىق مەدرىسە» گە ئوقۇشقا كىرىپ مۇنتىزىم تەربىيە ئالغان. ئەينى يىللاردا بۇخارادا ئوقۇش دىنى ئىلىمدە ئەللامە بولۇشنىڭ يولى ئىدى. چۈنكى، بۇخارا ئىسلام دىنى ئىلمى بويىچە نوپۇزلۇق ئالىملار ۋە مەشھۇر مەدرىسلەر توپلانغان جاي ئىدى. شۇڭا، كىشىلەر «سەمەرقەند سەيقىلى ئالەم، بۇخارا قۇۋۋىتى ئىسلام» دەپ تەرىپلىشەتتى. ئابدۇقادىر داموللام قەشقەر «خانلىق مەدرىسە» سىدە ئىگىلىگەن بىلىملىرىگە قانائەت قىلماي، دىنىي ئىلىمدە كامالەتكە يېتىش ئۈچۈن بۇخاراغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى «ئابدۇلئەزىزخان مەدرىسە» سىگە ئوقۇشقا كىرىپ، دىنى ئىلىمنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرى بويىچە كامالەتكە يېتىپلا قالماستىن، ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە، ئىلمى مەنتىق، ھېساب پەنلىرىنى ۋە ئەرەپ، پارس، ئوردۇ تىللىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن. ئۇ بۇخارادا مەۋلانە ئابدۇرازاقى، بۇخارا مۇفتىسى داموللا ئەۋىز خوجەندى، قوقەندنىڭ شەيخۇلئىسلامى داموللا ئۇلۇغجان تۆرەملەردىن دەرس ئالغان. ساۋاقداشلىرى ۋە مەسلەكداش دوستلىرى ئۇرال تاتارلىرىدىن بولغان رىزائىددىن پەخرىددىن، مۇسا جارۇللا، ئەھمەد پەرىدى ئابباس قاتارلىقلار بىلەن بەسلىشىپ ئىلىم ئۆگەنگەن، دىن ۋە مىللەت دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە ئورتاق پىكىر يۈرگۈزۈشكەن. ئابدۇقادىر داموللام ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن سەمەرقەند، ئوفالاردا مۇدەررىسلىك قىلغان. مۇدەررىسلىك قىلىش جەريانىدا دەرسلىك ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ «ئاقائىد زورۇرىيە»، «ئىبادەت ئىسلامىيە» ناملىق كىتابلارنى تۈزۈپ ئوفادا باستۇرۇپ تارتقاتقان. ئابدۇقادىر داموللام قەشقەرگە قايتىشتىن ئىلگىرى ئىستانبۇل، قازان، خوجەنت، تاشكەنت قاتارلىق جايلاردا ئىلمىي زىيارەتتە بولۇپ، ئەينى يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاتار مەرىپەتچىلىرى يولغا قويغان يېڭىچە ئوقۇتۇش شەكلى- «ئۇسۇلى جەدىد» نىڭ ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش شەكلى- «ئۇسۇلى قەدىمىي» دىن كۆپ ئىلغار ھەم ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپىدا «ئۇسۇلى جەدىد» نى بارلىققا كەلتۈرۈشتە ۋە ئومۇملاشتۇرۇشتا باشلامچى بولغان كىشى تاتار مىليونىر غەنىباي ئىدى. ئۇ كۆپنى كۆرگەن، سېخىي، مىللەتپەرۋەرلىك روھى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان كىشى بولۇپ جاي- جايلاردا سودا- سېتىق قىلىش جەريانىدا ياۋروپا مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغان ھەم بۇنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە كۆپ ئويلانغان. ئۇ بۇ سەۋەبنى تەبىئى ھالدا مائارىپقا باغلاپ چۈشەنگەن. 1893- يىلى ئىيۇندا، غەنىباي سەمەرقەند شەھىرىگە بارىدۇ. ئۇ سەمەرقەندتىكى بىر مىھماندارچىلىقتا قىرىملىق تاتار زىيالىيسى، مەشھۇر مەدەنىيەت ئەربابى ئىسمايىلبېك غاسپېرالى ئەپەندى قاتارلىق 20نەچچە بىلىملىك زات بىلەن بىللە بولۇپ قالىدۇ. بۇ سورۇندا ئۇ ئۆزىنىڭ ئويلىرىنى ئۇلارغا سۆزلەپ بېرىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى مەدرىسلەرنىڭ ئەھۋالىنى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ قالاقلىقىنى، شۇڭا يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى تېپىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئېيتىدۇ. سورۇندىكىلەر ئۇنىڭ سۆزىنى توغرا تاپىدۇ ۋە سەمەرقەند شەھىرىدە يېڭىچە مەكتەپ ئېچىپ سىناق قىلماقچى بولۇشىدۇ. غەنىباي مەكتەپ ئېچىشنىڭ بارلىق ئىقتىسادىي خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىسمايىلبېك ئەپەندى بولسا دەرسلىك ۋە ئوقۇتقۇچى تېپىش ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، باكۇلۇك ئوقۇتقۇچى سۇلتان مەجىد غەنىزاتنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىدۇ. بۇ تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن، سەمەرقەند شەھىرىدىن ئوتتۇزغا يېقىن بالىنى يىغىپ بىر سىنىپ قىلىپ «ئۇسۇلى جەدىد» چە ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇپ دەرس باشلايدۇ. دەرس ئۆتۈلۈپ قىرىق كۈنگىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادى چىقىدۇ. سىناق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. كىشىلەرمۇ ئاپىرىن ئوقۇشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا «ئۇسۇلى جەدىد» چە ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇشنىڭ يولى ئېچىلىدۇ. مەرىپەتپەرۋەر مىليونىر غەنىباي ئورىنبورگ، قارغالى شەھەرلىرىدە ئارقا- ئارقىدىن سىناق ئېلىپ بېرىپ كەڭ تاتار ئاممىسىغا جەدىتچە ئوقۇتۇشنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ئۈنۈملىكلىكىنى نامايان قىلىدۇ. غەنىباي جەدىتچە مائارىپ ئۇسۇلىنى پۈتكۈل تاتار خەلقىگە ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن 1902- يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر كۈرەش قىلىدۇ. مىللەتپەرۋەر زىيالىيلار ئۇنىڭغا بار كۈچى بىلەن ھەمدەمدە بولىدۇ. نەتىجىدە، تاتار مىللىتىنىڭ مائارىپ ئېڭى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئويغىنىپ 1900-يىللارنىڭ بېشىدا تاتار خەلقى ئارىسىدا باشلانغۇچ مائارىپ ئاساسى جەھەتتىن ئومۇملىشىدۇ. تارىخى نۇقتىدىن قارىغاندا تاتار مىللەتچىلىرىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئويغىنىش ھەرىكىتى روسىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئۇرال تاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ تاتار مىللىتىنىڭ زېمىنلىرىنى بىر- بىرلەپ ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ بىر پۈتۈنلىكىگە ۋە ماددىي مەنپەئەتىگە قوشلاپ زەربە بېرىشى نەتىجىسىدە شەكىللىنىشكە باشلىغان. بۇنداق زور مىللىي خەۋپ ئاستىدا تاتار خەلقى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت سېستىمىسىدىكى قالاقلىقلارنى ئىسلاھ قىلىپ ئىسلام دىنى بىلەن يېڭىچە مائارىپنى ماسلاشتۇرۇشقا تۇتۇش قىلغان. بۇ تارىخى ئويغىنىشنى بىر تۈركۈم تالانتلىق تاتار مۇتەپەككۇرلىرى بىلەن تاتار مىليونىرلىرى روياپقا چىقارغان. ئۇلارنىڭ ئويغىنىش ھەرىكىتى ئوتتۇرا ئاسىيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ئىدىيىۋى ئېقىمنىڭ مەركىزى بولۇپ مەدرىسە، نەشر بۇيۇملىرىنىڭ تەسىرى يىراق- يېقىندىكى قېرىنداش خەلقلەر ئارىسىدا زىلزىلە قوزغىغان. 1905- 1906- يىللىرى تۆۋەن نوۋىگورد ۋە سانكىت پېتىربۇرگدا تاتار مىللەتچىلىرى باشلامچىلىقىدا ئېچىلغان ئۈچ قېتىملىق ئىسلام قۇرۇلتىيى بۇ ھەرىكەتنى خەلقئارالىق تەسىرگە ئىگە قىلغان. دەل شۇ يىللاردا بىرىتانىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامىيەت دۇنياسىغا بولغان قارا نىيىتىنى سېستىمىلاشتۇرۇش، نۆۋەتتىكى مۇستەملىكە رايونلىرىدا ھەربىي غەلبىدىن تاشقىرى غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئالدىراشماقتا ئىدى. 1906- يىلى قاھىرەدە چاقىرىلغان گوسپېل يىغىنى خىرىستىيان دىنىنىڭ ئىسلام دىنىغا قاراتقان ئومۇميۈزلۈك خىرىسىدىن دېرەك بەردى. ئەنگىلىيە ئىشغالىيەتچى دائىرىلىرىنىڭ مىسىرغا قاراتقان سىياسى، ئىقتىسادى كونتروللىقىنىڭ تەدرىجى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، غەرب مەدەنىيىتىمۇ سىڭىپ كىرىشىنى جىددىيلەشتۈردى. مىسىردا خىرىستىيان دىنىنى تارقىتىش ئۈچۈن غەرب مىسسىئونىرلىرى مىسىرغا تۈركۈملەپ يېتىپ كەلدى. بۇ قېتىمقى يىغىن ئىسلام مەسىلىلىرىنى ۋە ئىسلامىيەتكە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرىنى، مەسىلەن دوختۇرخانا ۋە يىغىۋېلىش ئورۇنلىرىنى قۇرۇش، مەكتەپ سېلىش قاتارلىق ئىشلارنى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلدى. ئەزھەر ئۇنۋېرىستېتىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خىرىستىئان ئۇنۋېرىستېتىنى قۇردى. ئۇلار «ئەڭ مۇھىم ۋاستە شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ غەربكە تەربىيە ئېلىشقا ئەۋەتىش، ئۇلار دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن گوسپېلنى تارقىتىدىغان ئىدىيىۋى رەھبەرلەر بولۇشى كېرەك» دەپ قارار قىلىشتى. ئابدۇقادىر داموللام ئىسلامىيەت دۇنياسى جىددىي خىرىسقا دۇچ كەلگەن مۇشۇ دەۋردە «تاتار مەدەنىيەت ئويغىنىشى» ئەۋجىگە چىققان شەھەرلەردە ئىلىم تەھسىل قىلدى. ئاشۇ ئىدىيىۋى دولقۇنلاردا كۈرەش غايىسىنى مۇستەھكەملىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ناھايىتى ئېنىق چۈشەنگەنىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ سەمەرقەند، ئوفالاردا مۇددەرسلىك قىلىش جەريانىدا دەرسلىك سۈپىتىدە تۈزگەن «ئاقائىد زۆرۈرىيە»ناملىق ئەسىرىدە ئېنىق قىلىپ مۇنداق يازغان: - ئىماننىڭ خار ۋە زەبۇن بولمىقىغا بائىس (سەۋەب) نېمىدۇر؟ – ئىككى نەرسىدۇر. بىرى، جاھالەت ۋە نادانلىق؛ يەنە ئىككىنچىسى، تەپرىق ۋە ئىختىلاپتۇر. - ئىززەت، ئابروي، قۇۋۋەت نېمە بىلەن بولىدۇ؟ – ئىلىم- مەرىپەت، ئىتتىپاقلىق بىلەن بولىدۇ. ئابدۇقادىر داموللام ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۇركىيىلەرنى ئايلىنىش، كۆزىتىش جەريانىدا تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ئاخىرىقى ھېسابتا يۇرتنىڭ، مىللەتنىڭ كۈلپەتلىك تەقدىرىنى ئوڭشاش ئۈچۈن چوقۇم ئىشنى مائارىپتىن، مەدەنىيەتتىن باشلاش زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇنىڭ بۇ خىل ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيىسى، يەنى يېڭىلاش- جەدىتچىلىك ئىدىيىسى مەشھۇر ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرى جامالىددىن ئافغانى ۋە شەيخ مۇھەممەد ئابدۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق تېخىمۇ قۇۋۋەت تاپقان. ئۇ 1907- يىلى ئانا يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن. كۆپ يىللار چەت ئەللەردە يۈرگەن بۇ ئالىمنىڭ قەشقەردەك جاھالەت تۈتەكلىرى ئىچىدە بۇرۇقتۇرما بولۇپ قالغان شەھەردە ئۆز غايىلىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالىشى ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىدى. ئالدى بىلەن چوقۇم نوپۇز تىكلەش، تەسىر پەيدا قىلىش، ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولۇش كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەر مەشھۇر مەدرىسلەرمۇ كۆپ، دىنى ئالىملارمۇ كۆپ قەدىمى شەھەر بولغاچقا، ھە دېگەندىلا نوپۇز تىكلەش قىيىن ئىدى. ئابدۇقادىر داموللام قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن چاغ دەل قەشقەردە يېڭىچە ئىبتىدائى مەكتەپلەر ئاندا-ساندا يولغا قويۇلۇۋاتقان، ئەنئەنىۋى ئىسلام مائارىپىنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش مەسىلىسى ئانچە-مۇنچە تىلغا ئېلىنىۋاتقان بىر چاغ ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيە قاتارلىق جايلاردىكى يېڭى مائارىپنىڭ ۋەزىيىتى بىلەن پىششىق تونۇشۇپ، جەدىتىزىملىق ئىدىيىسى مۇكەممەل شەكىللەنگەن ئابدۇقادىر داموللام يېڭىچە پەننىي مائارىپنىڭ ھامىيلىرى ۋە باشلامچىلىرى بولان ئاكا- ئۇكا موسابايوفلارنى قىزغىن قوللىدى. ئۇلار بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ بىر سەپتە تۇردى. مەدرىسلەرنىڭ دوگما تەلىم- تەربىيە ئۇسۇلىنى، قارىغۇلارچە يادلاتقۇزۇشنى ئاساس قىلىدىغان ئوقۇتۇش شەكلىنى، دەۋر تەلىپىگە ماس كەلمەيدىغان دەرسلىكلەرنى ئىسلاھ قىلىپ جەدىتىزىملىق مائارىپ ئىدىيىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئوقۇتۇش ماتىرىيالى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر يۈرۈش ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشنى نىيەت قىلدى. ئۇ مۇشۇ مەقسەتتە «سەرپ- ەھۋى» (مورفولوگىيە ۋە سىنتاكسىس)، «تەسھىلىل ھىساب» ( ھىساب ئىلمى)، «جۇغراپىيە ئىلمى»، «ئاقائىد زورۇرىيە» ( نېگىزلىك ئەقىدىلەر)، «مۇتالىئە ھىدايەت» (باشلامچى ئوقۇشلۇق)، «بىدايەتۇس سەرپ» (لىكسىكىدىن دەسلەپكى ئاساس)، «بىدايەتۇن نەھۋى»، «تەئلىمۇس سىبيان» (گودەكلەرگە تەربىيە)، «تەجۋىد تۇركىي»، «مىفتاھۇل ئەدەپ» قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ تاش مەتبەئەدە باستۇرۇپ مەكتەپ- مەدرىسلەرنى دەرسلىك بىلەن تەمىنلىگەن. ئۆزى دەسلەپ غۇجا چوڭنىڭ قۇملۇقىدىكى ئۆزبېكلەر ئاچقان مەدرىسىگە، كېيىن بەشئېرىق مەھەللىسىدىكى لايپەشتاق مەدرىسىگە بېرىپ مۇدەررىسلىك قىلغان(ئابدۇرېھىم سابىت: «ئىلىم ئۆلمەيدۇ، ئالىم ئۆلمەيدۇ»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 1999- يىلى نەشىرى، 6- بەت). ئەينى چاغدا، قەشقەر شەھىرىدە يىراق يېقىنغا نامى مەشھۇر مەدرىسلەردىن ئون بەشى بولۇپ، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ لايپەشتاق مەدرىسى ئەنە شۇ خانلىق مەدرىسى، ھېيتكاھ مەدرىسى، ئاخۇن ھاجى مەدرىسى، قازان مەدرىسى، ۋاڭلىق مەدرىسى، باھاۋۇدۇن مۆھتەرەم مەدرىسى، دورغا بەگ مەدرىسى، ناجى ھاكىمبەگ مەدرىسى، كەنجە ھاجى مەدرىسى، ئوردا ئالدى مەدرىسى قاتارلىق مەدرىسلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ 200 دىن ئارتۇق تالىپى بار مەشھۇر مەدرىس بولغان. ئابدۇقادىر داموللام تەبىئىتى ئېسىل، ئىمانى كامىل، مەلۇماتى چوڭقۇر، پىكرى ئۆتكۈر، مۇنازىرىگە ماھىر، نۇتقى پاساھەتلىك ئالىم بولغاچقا ئۇزاق ئۆتمەي قەشقەردىلا ئەمەس پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا نامى مەشھۇر زاتقا ئايلانغان. ئابدۇقادىر داموللام شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا جەدىتىزىملىق مائارىپنىڭ بايراقدارى، مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان. «ئابدۇقادىر داموللامنىڭ دىن بىلەن پەننى بىرلەشتۈرۈش، ئوقۇتۇشقا بىر قىسىم دۇنياۋى پەنلەرنى كىرگۈزۈش، ئۇسۇلى جەدىتنى يولغا قويۇش تەشەببۇسلىرى ئابدۇمۇتائالى خەلپىتىمنىڭ ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. نادانلىق ۋە جاھالەتكە قارشى تۇرۇپ، خەلقنى ئويغىتىش پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرى ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە كۆپ باش قاتۇرغان ئۇيغۇر بالىسى-نەزەر غوجا ئابدۇسەمەتوف ئۆزىنىڭ «يورۇق ساھىللار» ناملىق ئەسىرىدە 1914- يىلى غۇلجىدىن چىقىپ مۇز ئات داۋىنى ئارقىلىق ئالتە شەھەرگە قىلغان سەپەر جەريانىدا قالدۇرغان خاتىرىسىدە ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائى، مەنىۋى پاجىئەلىرىنى كۆرۈپ: «بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىقبالى بەك قاراڭغۇ، تۇمانلىق ۋە ۋەھىمە ئىچىدە ئىكەنلىكىنى سەزدىم. ئاقسۇدا ئەھۋال مۇنداق بولسىمۇ، باشقا ياقلاردا ئۇنداق ئەمەستۇ، قەشقەر خەلقى خېلى تەرەققى قىلغان بولسا كېرەك، ئۇ يەردە تەرەققىيپەرۋەر مۇسابايوفلار، ئابدۇقادىر داموللاملار بارغۇ دەپ ئۆزىمىزگە تەسەللى بەرگەنىدۇق» دەپ يازغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەمما، 1914- يىلى يازدا باھاۋۇدۇنباينىڭ مەبلىغى ۋە غەيرىتى بىلەن ئۇستۇن ئاتۇشتا ئېچىلغان ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى پىداگوگىكا مەكتىپى– «دارىلمۇئەللىمىن ئىتتىھادى(ھەبىبزادە دارىلمۇئەللىمىن)نىڭ باش مۇئەللىمى ئەھمەد كامالنى ۋە ئۇنىڭ مائارىپ ھەرىكىتىنى قوللاش ياكى قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە قەشقەردىكى دىنى ئۆلىمالار ۋە باي- بايۋەتچىلەر ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتكەن. ئابدۇقادىر داموللام، شەمسىدىن داموللام، زېرىپ قارىھاجىم، ئابدۇقادىر ھاجىم، باۋۇدۇن باي، نورۇززادە ھاجى مۇھەممەد ئەلى، مەھمۇد ئاخۇن داموللام، ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم، باش قازى ئىسلام ھاجى قاتارلىق كىشىلەر قوللايدىغان گۇرۇھنى، ئۆمەر باي، سېلىم داموللا قاتارلىقلار قارشى تۇرىدىغان گۇرۇھنى تەشكىل قىلغان. قارشى تۇرىدىغان گۇرۇھ روس كونسۇلى ۋە ئەكسىيەتچى ئەمەلدارلار بىلەن بىرلىشىپ، بۇ كۈرەشتە ئۈستۈنلۈك قازانغان. ئەھمەد كامال شۇ چاغدىكى ئەھۋاللار توغرىسىدا «بەيساقلىق مەھمۇد ئاخۇن داموللام بىلەن ئابدۇقادىر داموللام ئەپەندىلەر قاراڭغۇ كېچىدە چاققان چاقماقتەك چىرايلىق ۋە مەنالىق سۆزلىرى بىلەن ئۇلار ئۆچۈرمەكچى بولۇۋاتقان مائارىپ مەشئىلىنى چاقنىتىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشتى» (ئەھمەد كامالتۈركىيە) «چىن يوللىرىدا ئۇنتۇلماس خاتىرىلەر» دەپ يازغان. ئەمما، ئاخىرقى ھېسابتا ئەھمەد كامال قولغا ئېلىنغان، «دارىلمۇئەللىمىن ئىتتىھادى» تاقىۋىتىلگەن. قوللايدىغان گۇرۇھتىكىلەر ئامالسىز قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ يىللاردا 1- دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان، بولشىۋىكلار روسىيە تىرىتورىيىسىدە ئۈستۈنلۈك قازانغان. بۇمۇ ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ قاراڭغۇلۇقىنى كۈچەيتىۋەتكەن. مۇشۇنداق شارائىتتا، ئابدۇقادىر داموللام 1918- يىلى ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش باھانىسى بىلەن چەت ئەلگە قاراپ يول ئالدى. ئۇ تاشكەنت، شەمەي، ئۇفا، قازان، ئورال، تۇركىيە، ھىجاز، مىسىر قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئۇ يەردىكى ئالىم- ئۆلىمالار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئازابلىق ئويلارغا غەرق بولدى. تىرەن تەپەككۇر تەلقىنلىرىنى جۇلغىدى. «ئابدۇقادىر داموللام ئۇلار بىلەن ئىلمىي سۆھبەتتە بولۇش جەريانىدا ئۆز خەلقىنىڭ ئىلىم- مەرىپەتتە ھەقىقەتەن ئارقىدا قالغانلىقىنى، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھۆكۈمران دائىرىلەرنىڭ خەلق ئاممىسىنى مەڭگۈ قۇللۇقتا، نادانلىقتا تۇتۇش سىياسىتىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ئۇلار يەنىلا ھېچ يەرنى كۆرمەي، ھېچ نەرسىنى چۈشەنمەي، دۇنيادىن بىخەۋەر ياشاۋەرسە، قۇللۇق، جاھالەت، نادانلىقتىن ئەبەدى قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇ پۈتكۈل مىللەتنىڭ پەن-مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى، مىللەتلەرنىڭ ھەقىقى باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى، ئۆز-ئارا ئىتىپاقلىق، مىللىي ئىناقلىقنى كۈچەيتىپ، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئۇيۇشۇشنى ئۆزىنىڭ بىردىنبىر شۇئارى ۋە كۈرەش نىشانى قىلدى. ئۇ 1920- يىلى قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خەلقنىڭ قان- تەرى بەدىلىگە ياشاۋاتقان تەسلىمچى ئەمەلدارلارغا، جاھالەت ھامىيلىرى بولغان مەككار سوپى- ئىشانلارغا، ئاچ كۆز بايلارغا، قەشقەردىكى خىرىستىئان دىن تارقاتقۇچىلارغا قارشى كۈرەشنى باتۇرلۇق بىلەن باشلىۋەتتى. ئۇلار ئابدۇقادىر داموللامنىڭ : «ھەر قايسىلىرى يۇرتنىڭ كۆزى، خەلقنىڭ بېشى، ھالبۇكى خەلقىمىزنى ئىلىم- مەرىپەتكە، تەرەققىياتقا باشلىماستىن، پۈتكۈل ئىجتىھاد ۋە ئىشتىياق بىلەن مۆھۈر ھەققىگە مەپتۇن بولۇپ، كۈندە چۈشكەن تەڭگىلەرنى ئەۋرەزگە كۆمۈپ خاتىرجەم ئۇخلاشسىلا، خەلقىمىزنىڭ ھالى قانداق بولا؟ بىز ئۆز بالىلىرىمىزغا مەكتەپ ئاچماي، ئۇلارنى تاشلىۋەتتۇق… تېخى ھەرخىل جازا چارىلىرىنى قوللىنىپ، خەلقنىڭ بېشىغا دەرت سېلىپ، ئۇلارنى جاراھەتلەندۇرمەكتىمىز. ئەگەر بۇ توغرىدا قايغۇرمايدىغان بولساق، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىز ئالدىدا بىز ناھايىتى ئۇياتقا قېلىشىمىز، لەنەت- نەپرەتكە كۆمۈلىشىمىز مۇقەررەر گەپ» دېگەن خىتابلىرىنى ئەسەبىيلىك دەپ بىلىشىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆھمەتلەر توقۇشتى. ئابدۇقادىر دامللام توقا- تۆھمەتلەرگە پىسەنت قىلماي، خەلقنىڭ ئەقىدە – ئېتىقادىنى چىڭىتىش، مەرىپەت روھىنى قوزغاش، ئادالەت تۇيغۇسىنى ئويغىتىش، ھۆرلۈك ئېڭىنى سەگىتىش مەقسىتىدە مەدرىسلەردە شاگىرت تەربىيىلەشنى ناھايىتى چىڭ تۇتتى. ئۇ ھەر كۈنى ناماز دىگەردىن كېيىن، ھېيتكاھ جامائەدە ئەمرىمەرۇپ، مۇنازىرە سورۇنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ۋەز- تەبلىغ قىلىپ خەلققە ئۈزلۈكسىز تەشۋىقات، تەرغىبات ئېلىپ باردى. «نەسىھەتى ئامما» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىپ باستۇرۇپ تارقاتتى. ئۇ بۇ ئېسىل ئەسىرىدە مۇنداق مۇراجىئەت قىلدى: «بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىق زامانى ئەمەس، ئويغىنىش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىدۇر! جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس، ئىلىم- مەرىپەت دەۋرىدۇر. سۇسلۇق ۋە بىكارلىق دەۋرى ئەمەس، تىرىشىش ۋە غەيرەت ۋاقتىدۇر. باشقا مىلەتلەر ئىلىم- مەرىپەت سايىسىدا ھاۋادا ئۇچۇپ پەرۋاز قىلماقتا، سۇ ئاستىدا بولسا خۇددى قۇرۇقلۇقتا يۈرگەندەك ئەركىن ئۈزۈشمەكتە. بىز تېخى غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتماقتىمىز. ئۇيقۇ ئۆلۈمنىڭ بۇرادىرى ۋە مۇقەددىمىسىدۇر. بۇ ھالەتتە دائىم ئۇخلىساق يوقىلىش ۋە ئۆلۈم يولىدۇر! ھېلىھەم ۋاقىت ۋە پۇرسەت بار. جانابىي ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە ئىنايەت خەزىنىسىنىڭ ئىشىكى دائىم ئوچۇقتۇر. دۇنيادا ئۈمىدسىزلىك بىلەن ياشاش توغرا ئەمەس. ئىنسان كىچىكلىكىدىن تارتىپ ئىلىم ئۆگىنىشنى ۋە كەسىپ (ھۈنەر-سەنئەت) بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەككى، ھەر قانداق ئىشنى ئۆزلىكىدىن مەيدانغا چىقىرىشنى ئاللاھ ئادەت قىلمىغاندۇر. بەلكى ھەربىر ئىش تىرىشچانلىق ۋە پىداكارلىق كۆرسىتىش ئاللاھنىڭ يوليورۇقىدۇر. «< ئىنساننىڭ تىرىشچانلىقىغا لايىق نەتىجە باردۇر > دېگەن ئايەت بۇنىڭغا گۇۋاھ-ئىسپاتتۇر» (ئابدۇقادىر داموللام: «نەسىھەتى ئامما»- شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى 2000- يىلى 1- سان، 71- بەت). ئابدۇقادىر داموللامنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە قەشقەر تەۋەسىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل تارىم ۋادىسىدا يېڭىچە كەيپىيات بارلىققا كەلگەن. كىشىلەر ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئويلىشىدىغان، سۆزلىشىدىغان بولغان. ئۇ ھۈسەينخان تەجەللى، شەمسىدىن داموللام، ساۋۇت ئابدۇلباقى كامالى، قۇتلۇق شەۋقى، باھاۋۇدۇنباي قاتارلىق مەشھۇر مەرىپەت ئاشىنالىرىنىڭ مەدەت بېرىشى ۋە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ھەمدەمدە بولۇشى نەتىجىسىدە يېڭى بىر ئەۋلاد پىداكار شاگىرتلارنى تەربىيىلەپ چىققان. ئەينى يىللاردا يەنى 1920- يىللارنىڭ بېشىدا چاروسىيە، بىرىتانىيە كېڭەيمىچىلىرىنىڭ شىنجاڭغا بولغان سىڭىپ كىرىش قارا نىيىتى، شىنجاڭنى ئۆزلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىگە ئېلىش ئۇرۇنۇشلىرى قەشقەر ۋەزىيىتىنى ناھايىتى مۇرەككەپلەشتۇرۇۋەتكەن. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى ئۇلارنىڭ كۈتمىگەن يېرىدىن چىققان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ رەزىل مەقسىتى كالتە پەم، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان، شەخسىيەتچى، ھەسەتخور يەرلىك مۇناپىق باي- ئولىمالارنىڭ غالچىلىق قىلىپ ماسلىشىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلى، مەنىۋى داھىيسى، پىداكار مۇتەپەككۇرى، ئوت يۈرەك جەدىتىزىمچىسى ئابدۇقادىر داموللام 1924- يىلى 8- ئاينىڭ 14- كۇنى تاڭ سەھەردە ئوز ئۆيىدە ياللانغان قاتىل تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن زور يوقىتىش ھېسابلانغان بۇ قاتىللىق ۋەقەسى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىياغا پۇر كەتكەن. ئاۋام چەكسىز قايغۇ-ھەسرەتكە چۆمگەن، شائىرلار ئازاپلىق ھېسسىياتى بىلەن مەرسىيىلەر يېزىشقان. يول باشچى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ سۇيقەستكە ئۇچرىشى ھەقىقەتەنمۇ، زىيىنى ناھايىتى زور بولغان، ئۇيغۇر خەلقىنى مەڭگۈ ھەسرەتلەندۈرىدىغان تارىخىي تېرورلۇق ئىدى.! ]' m/ l7 @! D6 Y

بۇلبۇل ناۋاسى - ئۇيغۇر موقامى

4

تېما

41

يازما

45

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 129836
يازما سانى:
41
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
75
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
2 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-11-8
ئاخىرقى:
2016-1-6
ۋاقتى: 2015-12-6 23:27:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇقادىر داموللام ئۈگۈتلىرى
& t; @9 ?- g8 T& b

6 ^0 Y0 y7 J1 v3 a& V1 . ئەيىبلىك كىشىلەرنىڭ ئەيبى بىلەن ، پەزىلەت ئىگىللىرىنىڭ پەزىلىتىنى خەلىق بىلمەمدىكىن دەپ قالما . چۈنكى خەلىق ئەڭ ئادىل نازارەت قىلغۇچى كۆزەتكۈچىدۇر . , I5 y' h0 N" @# Z4 x" u8 ^* m: V
2 . ئىنساندىكى ئەڭ يامان ئىش ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى ئۇنتۇپ قىلىش ۋە قىرىندىشىدكى يىپىلىپ قالغان ئەيىپلەرنى تىلغا ئىلىپ يۈرۈشتۈر . ئەگەر ، ئىنسان ئەقىل ئىگىسى بولغان بولسا ، ئۆزىگە قارىسا يىتەرلىك ئەيىبلىرى تۇرغان يەردە باشقىلارنى ئەيىبلىمىگەن بولاتتى .
3 . بېخېللىق ، نامەردلىك ، ھىممەتسىزلىك ، ساخاۋەتسىزلىكلەر ئاللاتائالانىڭ بېخىل بايلارغا بەرگەن ئالىي جازاسىدۇر . ئۇنداقلار ئۆمۈرۋايەت پۇل - مالغا ھېرىس بولۇپ ، شۇنىڭ كويىدا ، شۇنىڭ غىمىدە ، شۇنىڭ تەشۋىشلىرى ئىچىدە ئازاب چىكىپ ئۆتىدۇ .

: @) {- K) x$ d" D8 @' D
ئاقىل شۇكى ئۆز ئەيىبىنى كۆرەر ئالدىن ،
يوق ئۆزگۈگە ئازار يەتمەك دەل شۇنىڭدىن .
4 . دۇنيادا ئىتتىپاقلشىپ ، بىر ياقىدىن باش چىقارغان ئەل كۆزلىگەن مەقسەتكە مۇقەررەر يىتىدۇ .
5 . مۇشەققەتلەردىن كىيىن ئارزۇلارغا يىتىش مۇقەررەردۇر .
6 . تارىخ قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا ، بەدەۋىيەتتىن مەدەنىيەتكە ، قالاقلىقتىن تەرەققىياتقا ، قاباھەتتىن گۈزەللىككە قاراپ راۋاج تاپقان .
7 . داۋالاش قىيىن بولغان كېسەلگە سەۋىر داۋا بولىدۇ .
8 . ياخشىلىقنى ئادەت قىلىش ئۈچۈن ئوچۇق قول بولىشى كىرەك ، ئوچۇق قول كىشى ئىززەتتىن نىرى بولالمايدۇ .
9 . ئەقلىڭدىن مەسلەھەت سورا ، ئەقىلدىن باشقىسىنى كېرەكسىز ھىسابلا .
10 . خارلارنىڭ خار تۇرمۇشقا رازى بولىشى ئۇلارنى تىخىمۇ خارلاشتۇرىتىدۇ .

بۇلبۇل ناۋاسى - ئۇيغۇر موقامى

4

تېما

41

يازما

45

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 129836
يازما سانى:
41
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
75
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
2 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-11-8
ئاخىرقى:
2016-1-6
ۋاقتى: 2015-12-6 23:27:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئىسلام ئالىمى مەرىپەتچى ئابدۇقادىرداموللام
/ a) m: l& X0 l, @, u
نەشرگەتەييارلىغۇچى: مۇھەممەتتۇرسۇن سىدىق

$ R4 I/ o* H- m+ h4 I' w* X" M) mئابدۇقادىرداموللام ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان مەشھۇر ئىسلام ئالىمى، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى. خەلقپەرۋەر، مەرىپەتچى شائىر ئابدۇقادىر داموللا 1862-يىلى قەشقەر ئاتۇشنىڭ مەشھەت يېزىسىداتۇغۇلۇپ ،1924-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئابدۇقادىر داموللا بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك يىللىرىنى ئۆز يۇرتىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر ۋە بۇخارا مەدرىسىلىرىدە ئۇزاق مۇددەت ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئىلىم–پەن بىلەن خەلقنى ئاقارتىش، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش شۇئارى ئاستىدا بارلىق ئەقىل–پاراسىتى ۋە كۈچ–قۇدرىتىنى مىللىي مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىچە ئىلىم –پەن ۋھ مەدەنىيەتنى گۈللەندۇرۈشكە سەرپ قىلىپ، «ئاممىغا نەسىھەت»، «زۆرۈرئەقىدىلەر»، «گۆدەكلەرگە تەلىم»، «ھەقىقەت جەۋھىرى»، «ئەدەبىياتنىڭ ئاچقۇچى»، «ئىلمىي ھېساپ» قاتارلىق كۆپلىگەن ئىلمىي ئەسەرلەرنى ۋە ئىلغار دېموكراتىك خاھىش سىڭدۈرۈلگەن يۇقىرى سەۋىيىلىك شېئىرلارنى يېزىپ قالدۇرغان .
* w  T. K* ^) P; `: x6 ^4 h
1 s) e* E( m; a' E/ B/ `
يېتىملارنىڭ غەمگۈزارى
* M9 |& r  o8 U; z! J3 @2 o9 E, L
سوغۇق راسائەۋجىگە چىققان قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ، ئابدۇقادىر داموللام ھاممام كوچىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ، ھاممامنىڭ (مونچا) ئوچىقى ئەتراپىدا كۈلگە كۆمۈلۈپ ياتقان بىر توپ سەرگەردان بالىلارنى كۆرۈپ قالىدۇ . بۇ بالىلارنىڭ باش–كۆزلىرى كۈل بىلەن بۇلغىنىپ قاپقارا بولۇپ كەتكەن، ئۆسۈپ – چىگىشلىشىپ كەتكەن چاچلىرى گەدىنىگەچۈشكەن، يېلىڭ–يىرتىق كىيىملىرىدىن قورايدەك ئورۇق بەدەنلىرى كۆرۈنۈپ قالغان بولۇپ، ئۇلار كۈندۈزى ناۋايخانا ۋە ئاشپۇزۇللارنىڭ ئالدىدا تىلەمچىلىك بىلەن قورسىقىنى تويغۇزغاندىن كېيىن، ئاخشىمى سوغۇقتىن پاناھلىنىش ئۈچۈن مۇشۇ يەردەتۈنەيتتى .
4 Z$ p' B( |, N# Y
0 }9 `/ Y6 Y' W9 Cكۆزلىرى قۇمچاقتەك ئويناپ تۇرىدىغان بۇ ئىگە–چاقىسىز نارەسىدىلەرنىڭ ھالىنى كۆرۈپ ،يۈرەك–باغرى ئېزىلگەن داموللام : _ جېنىم بالىلىرىم، قەشقەردەك بىر چوڭ شەھەردەھالىڭلار مۇشۇ كۈنگە قالدىمۇ؟ يۈرۈڭلار، مەن سىلەرنىڭ قورسىقىڭلارنى تويغۇزۇپ، مۇزلىغان بەدىنىڭلارنى ئىسسىتاي!_دەپ، بالىلارنى ئەگەشتۈرۈپ ئەكىتىدۇ. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئايالى نائىلە خېنىم يېتىم بالىلارنى بۇ ھالدا كۆرۈپ، كۆز يېشىنى توختىتالماي قالىدۇ ۋە ئانىلىق مېھرى بىلەن ئۇلارنى ئىسسىندۇرۇپ يۇيۇندۇرىدۇ. ئاندىن تاماق تەييارلاپ، ئېچىرقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ قورسىقىنى تويغۇزىدۇ. داموللام بۇ باشپاناھسىز بالىلارنى ئۆزى مۇددەرسلىك قىلىدىغان مەدرىسنىڭ بىكار ھۇجرىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۆز خىراجىتى بىلەن ئۇلارنى بېقىپ، ئۆز شاگىرتلىرى قاتارىدا بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ .
# B* X8 _% T9 Y0 x, H
% p( U7 `5 P/ S' j4 \6 @9 K
ئاممىغا نەسىھەت
بىر مۇنچە تالىپبالىلار قەشقەر كوچىلىرىدا كىشىلەرگە تەشۋىق ۋەرەقى تارقىتىپ يۈرەتتى. ئۆتكۈنچىلەر يولدىن توختاپ:<ماڭا بىرنى!>، <ماڭا بىرنى!>دىيىشىپ، بالىلارنىڭ قولىدىكى قەغەز پارچىلىرىنى يۇلۇۋېلىشاتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى خەت ئوقۇيالايدىغانلىرى ھۆسنخەت شەكلىدە دانىمۇدانە يېزىلغان ۋە كىشىنىڭ دىققەت نەزىرىنى ماگىنىتتەك ئۆزىگە تارتىدىغان مۇنۇ قۇرلارنى ھاياجان بىلەن ئۈنلۈك ئوقۇشاتتى: < …………بۇ دەۋر ئىلىم مەرىپەت دەۋرىدۇر ، جاھالەت ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەستۇر. سەئى ۋە غەيرەت ۋاقتىدۇر، سۇسلۇق-بىكارچىلىق دەۋرى ئەمەستۇر. باشقا خەلقلەر ئىلىم–مەرىپەت كۆكىدە ئۇچماقتا، سۇ تەكتىدە ئۈزمەكتە. بىزلەر بولساق ھامان غەپلەت ئۇيقۇسىدادۇرمىز . ئۇيقۇ_ئۆلۈمنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر . بۇتەرزدە داۋاملىق ئۇخلىماق زاۋاللىق ۋە ھالاكەتتۇر. ئۇيقۇدىن بىدار بولايلى، ھېلىھەم ۋاقىت ۋە پۇرسەت باردۇر ……….> تەشۋىق ۋەرەقىسىگە يېزىلغىنى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ <نەسىھەتىئامما> (ئاممىغا نەسىھەت) دىگەن ئەسىرى بولۇپ، داموللامنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنى بىر نەچچە يۈز نۇسخا كۆچۈرۈپ چىققانىدى. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ <نەسىھەتى> گويا قاراڭغۇ روجەكلەردىن بۆسۈپ كىرگەن قۇياش نۇرىدەك خەلق ئاممىسىنىڭ كۆڭۈل قەسىرىنى نۇرلاندۇردى. ئۇلارنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىپ، كۈرەشچانلىق ئېڭىنى ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇقادىر داموللامنىڭ باشچىلىقىدا چەتئەل جاھانگىر كۈچلىرىنىڭ مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى خەلق كۈرىشىنىڭ يېڭى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.
6 a5 b4 M+ N& ~  [$ ]% ?% b6 W, c0 p) Z) V6 \" ?$ }* d4 ~4 @; H

) k  S3 v9 M* w7 G; A

' q" q0 f1 H4 l" R  ~, i) e  yئالىمنىڭ ئۆلۈمى
; O& }, F  M/ p( D6 ]
$ F! q* |' C6 |
1924-يىلىنىڭ يەر-جاھاننى زۈلمەت قاپلىغان بىر كېچىسى ئابدۇقادىرداموللام ئۆز كۈتۈپخانىسىدا ئولتۇرۇپ، ئىلمىي مۇتائىلە قوينىغا چۆكۈپ كەتكەنىدى. توساتتىن بىر شەپە ئاڭلانغاندەك بولدى–دە ، داموللام: <كىم؟> دېگەن سۇئال بىلەن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ئۈلگۈرمەستىنلا شام يورۇقىدا ۋال-ۋۇل قىلغان بىر زەھەرلىك پىچاق ئالىمنىڭ كۆكسىگە سانجىلدى. داموللام سۇسقىنا ئىڭراپ، ئوتقاشتەك گىلەم ئۈستىگە يىقىلدى. ۋەتەن–مىللەت ئىشقىدا ئوت بولۇپ كۆيگەن يالقۇنلۇق يۈرەك بۇ ئەجەللىك زەربىدىن قانسىراپ، ئاستا–ئاستا سوقۇشتىن توختىدى! ………
4 u* _: x( r/ U" Z2 _5 ], N+ Q% J
# x8 {1 S: |) w  y, X5 ?بۇ_چەتئەل تاجاۋۇزچى كۈچلىرى، مۇتەئەسىپ روھانىيلار ۋە ئەكسىيەتچى ھۆكۈمران دائىرىلىرى بىرلىكتە پىلانلىغان رەزىل سۇيقەستنىڭ ئۇلارغا ياللانغان ئىت يۈرەك خائىن تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئىدى. بۇ شۇم خەۋەر بىر پەستىلا شەھەر–يېزىلارغاپۇر كەتتى. قەشقەردىكى مۇددەرس–ئالىملار ، ياش تالىپلار، ھۇنەرۋەن-كاسىپلار ۋە يېقىن ئەتراپتىكى يېزىلاردىن كىرگەن دېھقانلار ۋە يېتىم–يېسىرلارنىڭ ھەممىسى چەكسىز قايغۇ–ھەسرەتكە چۆكتى. خەلقنىڭ يىغا–زارى ئاسمان–پەلەككە كۆتۈرۈلدى. ھېيتگاھ مەيدانى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى. پۈتۈن ئەل-يۇرت مەرىپەت ئاسمىنىدىن بىۋاقىت ئېقىپ كەتكەن بۇ يولچى يۇلتۇز (قۇتۇپ يۇلتۇزى) غا ماتەم بىلدۇردى!…….
# S2 z; }( V( |) @
2 V9 p6 W7 s* D7 r+ `$ D" i9 Yخەلق ئاممىسى ئۆزلىرىنىڭ بۇ دانىشمەن ئالىمىنى يادلاپ، ئۇنىڭ شەنىگە مۇنداق قوشاقلارنى توقۇپ چىقاردى:$ p: w8 A- B- t3 L9 H

, A3 B4 c9 T/ f" t6 [$ A. _2 o7 qتاغۇ تاشلار تەۋرىنىپ،7 t6 I- e/ o0 j' R
قاتتىق چاقماق چاققانمۇ ؟* m9 I1 A0 Y3 f, O
تۈمەن دەريا سۇلىرى
- w9 s$ Z  c0 u7 k' Yبۇگۈن تەتۈر ئاققانمۇ؟
: H$ K; w) w" j% @1 }; w+ cئاي تۇتۇلماس دەپتىمىز ،
2 j- |: ?2 [9 aكۈن تۇتۇلماس دەپتىمىز .) ~3 |1 L6 d& j$ t- J9 s& t, [
داموللامغا دەيۈزلەر* q( I! C4 g/ o* y
قەست قىلالماس دەپتىمىز .
# [1 u, v& c1 ?# X% P: `" O0 wداموللام شېھىت بولدى،
6 c; @1 y7 n$ g  Y7 }. z; k) b! xياتار جايى بېھىش بولدى.
0 C3 _7 A0 Z/ eداموللامغا قەشقەرلىك4 p4 }( [- N7 ?4 A6 e$ Z- K+ q
كۆپ يىغلاپ بىھۇش بولدى…..
! _' z. g$ G) h! L8 m. j
. F, e0 ]7 {4 k& l' T- vبۇ قوشاقلار مەيدانغا كېلىپ ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا قۇشتەك قانات چىقىرىپ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا كەڭ تارقىلىپ كەتتى.6 O0 B& I7 W2 H- O$ Z+ T4 \

/ L1 b" h1 d9 R3 y" ]1 k
8 y) u& P  A0 P. O+ D
ئابدۇقادىرداموللا ھېكمەتلىرىدىن تاللانما
' V  ]( X. o* O6 H: T

$ w* w% ~! K) T8 T, X) t
1. ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى مەيلى ئۇ ياخشى ئەمەلنى ئاز قىلسۇن ياكى كۆپ قىلسۇن، گۈزەل ئەمەلىيتىگە باغلىق.1 ]7 y) x9 p. }) t) Q2 o% E

5 v; S1 T% z+ Q% R9 Y2. زاماننىڭ ھاتەلىرى سانىلىدىغان ئەرلەر مۇھتاجلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغان، دەردمەنلەرنىڭ دەردىگە يەتكەن، بىناۋالارنىڭ كۆڭلىنى ئالغان، ھەق سۆزنى ئېيتقان كىشلەرنى ھىمايە قىلالىغان ئەرلەردۇر.8 G, u8 w" w: n3 t9 D# }5 M
1 d( O# ~6 D+ W/ x
3. ئالىملار ئۆز ئىلمىنى ئەتراپقا رىياسىز تارقاتسا، ئۇلارنىڭ ھەربىر لەۋزىدىن قەنت-شېكەر تامسا، ئالەم نۇرغا تولۇپ زاماننىڭ قاراڭغۇسىمۇ يورۇيتتى.! D4 M4 [5 V( S# s" H

, l" i: Y: X% N' q) F- Q. A4. ئەقىل ئىگىسى بولساڭ، قۇرۇق دېمەي بۇ سۆزگە قۇلاق سال: غەيرەت ئەھلى دائىم قانائەتچان بولسا نېمىدىگەن ياخشى؟ بىر مىسال باركى، كىشىدىن تەمە قىلماق گويا ئۆكۈزدىن سۈت، مۇزدىن ئوت تەمە قىلغان بىلەن باراۋەر.
7 C% {' o) N: t0 [  R% [& ?# f* r
4 {2 _/ P5 {  r% r* J! n* H4 ]5. ئەگەر ئادەم ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئۆزى ئاشكارىلاپ بولۇپ،ئۇنى «يېيىۋەتتى» دەپ باشقىلارنى ئەيىپلىسە، ئۇ ئەخمەقتۇر. چۈنكى، ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئۆز قەلبى سىغدۇرالمىسا باشقىلارنىڭ قەلبى قانداق سىغدۇرالىسۇن؟!% ]7 @: h3 `. y/ x8 T
' Y# V( k6 O0 c; R2 Q8 ]. N
6. توغرا سۆزگە ئىشەنمەي، خاتا سۆزگە ئىشىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان قەۋم ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىدىن ئۈمىد كۈتۈش قىيىن.1 `6 _6 Y2 F& j  v+ _( e! a+ x$ @
" h( U, b2 h8 R( D  J. v
7. گەرچە لاياقەتسىز يەر بولسىمۇ ياخشىلىق تېرىغىن، ياخشىلار قەيەرگىلا تېرىلسۇن، زايە كەتمەيدۇ. ياخشى ئىشقا گەرچە ئۇزۇن زامان بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھۇسۇلىنى پەقەت تېرىغان كىشىلا كۆرىدۇ.: |7 ~: C5 V4 {2 B+ f. F% b3 W
3 b  j( I5 `1 t$ I$ ^
8. كىتاپ ئوقۇغان كىشى تەپەككۇرنى ھەمراھ قىلماي، كىتاپنىڭ شەرھ-ئىزاھلىرىغىلائېسىلىۋالسا، گويا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.* W/ J8 u) E& r4 v, U% B
) @4 F* r  t8 W5 A9 E) N; ~
9. كىشىلەرنى ھۆرمەت قىل، سەن باشقىلارغا ھۆرمەت قىلساڭلا، ئاندىن باشقىلاردىن ھۆرمەت كۆرەلەيسەن.
1 R5 L) k: U+ z8 f/ ]1 m
, F  S; K7 z, h# d9 b2 Z# Z10. چىراينىڭ ھۆسنىگە تولمىقى بىلەن تۆمۈرنىڭ پارقىراق بولمىقى بىلەن يىگىتنىڭ پەزىلەت شەرتى تولامدۇ؟ يەمەندىن چىققانغا دەلىل بولامدۇ؟" R$ ~5 k$ w1 ?& h/ W# b" ?
" J( J; J0 M: D2 w0 j
11. كىچەيۇ-كۈندۈز مېھنەت بىلەن بولۇپ، ئۆز ئابرويىنى ساقلىسا، مۇنداق كىشى ئەلدىن ئازار كۆرمەيدۇ، ھېچ زامان خار بولمايدۇ./ S# r6 I% v; N4 `0 q' u" ]

7 C7 L: x5 o* \0 d! Y12. پەسەندىلەرگە ھەرگىزمۇ مېھرىبانلىق كۆرسەتمە، ئۇنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ قويىسەن. قوپاللىق قىل، ئىتائەت قىلىپ باش ئەگكەن ھالدائالدىڭغا كىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، تۆمۈرنى پەقەت ئوتلا يۇمشىتىدۇ، ئەمما ئۇنىڭغاپۈتۈن دېڭىز سۈيىنى قۇيساڭمۇ يۇمشىمايدۇ.
: O* C4 r, H* v5 Y
/ P9 r- {6 g: R13. ئەگەر سەن سۈيۈڭنى 《ئەخلەت چۈشكەن》 دەپ ئىچمىسەڭ، ئۇسسۇز قالىسەن. قانداق كىشىنىڭ سۈيىنىڭ ھەممىسى ساپ بولغان؟ يەنە قانداق كىشىنىڭ ھەممە ئىشى دۇرۇس دەپ قارالغان؟ كىشىنىڭ ئەيىپلىرىنىڭ سانالغانلىقى ئاشۇ كىشىنىڭ پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنىڭ يېتەرلىك ئىسپاتىدۇر:
: m0 `% T6 Z) lھەرقانداق كېسەلگە تېپىلسىمۇ ئەم،
" I. i% ?: K" Z! Q  v8 P4 d% Jيوق ھەرگىز ئەخمەقنى ساقايتار مەلھەم./ X9 Y, Y! C1 ^( K1 A% t% z, k' i

& W+ b& v2 y! M) u1 D& n+ g14. نەپس شۇنداق بالادۇركى، ئەگەر ئەقىل ئۇنىڭغا شاھلىق قىلالمىسا، ئۇ ئادەمنى ئىتتىنمۇ پەسلەشتۈرۋېتىدۇ. خۇدا، نەپس بالاسىدىن ساقلىغايسەن.!!!  l2 Q7 A+ ?$ j& B8 C' n% H

8 H8 _8 P  M$ D3 U! c: `15. بارلىق نەرسىلەرنىڭ تەمىنى قايتا-قايتا تېتىپ كۆردۈم. لېكىن، مەن تېتىغان نەرسىلەر ئىچىدە گادايلىقتىنمۇ تەمى ئاچچىق نەرسە يوقكەن. مېنى قايغۇغا سالغان نەرسىلەر ئىچىدە دۈشمەننىڭ شادلىقىدىن باشقىسنى تاپالمىدىم.
+ N' }) k" ~+ A' c* w( u5 X. \* N9 `" n, K4 [
16. ئالىم شاگىرتلىرىغا ئىلىم ئۆگەتكەندە، غەرەزدىن خالىي بولۇپ، ئۇلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل قاراتسا، زامان ئەھلى نەزىرى تار موللىلاردىن قۇتۇلىدۇ.
  Z  k* j3 L3 c" @9 Z6 l2 t
5 F  C; L: p. `17. ئىلىم-مەرىپەتنىڭ قەدىر-قىممىتى بولمىغان جايدا مەرىپەت ئەھلى شۆھرىتى يوقىلىپ، خارۇ-زارلىققا يۈزلىنىدۇ.
7 X! y/ O4 @; N1 z& x6 w
* I) X" k8 F  U0 A: Z/ r+ ?* O18. غەپلەتتە دائىم ئۇخلىماق- يوقىلىش ۋە ئۆلۈم يولىدۇر.
  b* P: g+ Q0 \/ i4 Z6 ^. _# i' s( W" i/ A7 h
19. كىشلەرنىڭ ياخشى خىسلەتلىرىنى دائىم ھەجۋىي قىلىدىغان كىشى پەزىلەت ئىگىلىرىنىڭ يۈرىكىنى ھەجۋىي بىلەن يارا قىلىدىغانلاردۇر. بۇنداقلارنىڭ ھەجۋىيسىگە تۈكۈرمەك كېرەك.3 u# p2 ~- G4 d  D  i5 [
8 w1 Z# J) M) F3 G* {- T7 \) s
20. ياخشىلىققا يات، مال-دۇنياغا مايىل بولۇپ، ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى كۆزىگە سۈرتۈپ ئۆتكەن غېنىلەر ياخشى يولدا مېڭىشتىن باش تارتقان جىنايەتكارلاردۇر. ئۆز مېلىدىن ئۆشرە-زاكات ئايرىمىغان بايلار خىيانەتكارلاردۇر. بۇنداقلارنىڭ قولىدىكى مال ئامانەتدارنىڭ قولىدىكى مالغا ئوخشاش ئۆزىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلار ئۆلىدۇ. مېلى قالىدۇ.$ ?) X- D2 n1 ]( H
- ^7 D9 N2 L) G- I
21. دۇنيادا نىيەت-ئىقبالى دۇرۇس، كۈچ-قۇۋۋىتىمۇ يېتەرلىك نۇرغۇن ئادەملەر ئۆتكەن. ئەمما ئۇلار دائىم ئارزۇلىرىغا يېتەلمىگەن. يەنەنۇرغۇن زەئىپ، ئاجىز كىشىلەرمۇ ئۆتكەن. ئۇلار ئارزۇ-ئىستەكلىرىگە قېنىپ، مۇرادى دېگۈدەك ھاسىل بولۇپ ئۆتكەن.9 b% c% x! f5 z8 e9 r

* ], S* i% O! v1 G/ n5 ^. _. ~& ~22. سۆز زىننەتتۇر، سۈكۈت بولسا خاتىرجەملىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ سۆزلىمە. مەن سۈكۈت قىلغىنىمغا بىر قېتىم مۇ پۇشايمان يېمىدىم. ئەمما، سۆزلىگىنىمگە كۆپ قېتىم پۇشايمان يېدىم.
9 v4 |  y* s0 N7 t( g0 O: T
# F" l6 ]+ w" }% D23. ھازىر ۋە كەلگۈسىنىڭ بەخت-سائادەت ۋە شاراپەتلىرى ياخشى نىيەت ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن ھاسىل بولىدۇ.
6 G, ~% C% g. J+ w, y5 P% r' Y9 T) y; x# Z3 F2 Y5 _/ a" @
24. بىلىڭلاركى، بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىقنىڭ زامانىسى ئەمەس، ئويغىنىش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىسىدۇر. جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس، ئىلىم-مەرىپەت دەۋرىدۇر؛ سۇسلۇق ۋە بىكارچىلىق ۋاقتى ئەمەس، تىرىشىش ۋە غەيرەت-ئىجتىھات ۋاقتىدۇر., V" n( V5 j% B& Q* t* j$ |8 V

) v3 K8 U# t8 d7 I5 L" V# ]25. گۈل شۇنچە باراقسان ھەم خۇش پۇراق ئېچىلغان بولسىمۇ، ئاخىرى توزۇپ چېچىلىشتىن خالىي بولالمىدى. ئادەمنىڭ ئۆمرى شۇ گۈلنىڭ ئېچىلىشىدىن توزۇغانچىلىك ۋاقىتتۇر. مۇشۇنچىلىك ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلمەي، كۆڭۈللەرنى ئورۇنسىز رەشىك-ھەسرەت زەردابلىرى بىلەن ئۇپرىتىشتىن بىزگە نېمە پايدا بار؟
$ D' g1 T+ G" h" D' y9 ?% Z; K0 v7 ~0 r1 ^5 V
26. ئىلىم بىلەن نىجات تاپ، مەڭگۈ ياشنايسەن.
, b, x5 ]5 p  {0 G; N1 c6 t5 `* U! f; r* V1 `5 C  i
27. ئىنسانلارنىڭ ياخشىسى كىشلەر ئۈستىدىكى ئېغىرچىلىقنى ئىرغىتىپ تاشلاپ، مەنپەئەت يەتكۈزگەن كىشىدۇر. ئەگەر قادىر بولالىساڭ، كىشىلەرئارىسىدا ياخشى ئىشلاردىن باشقىنى قىلما، بارلىق يىراق ئىشلاردىن يامان بول.
* O& G* p; b& m8 g+ P# B- A3 m5 a9 x2 F
28. ھەركىمنىڭ يامان ئاقىۋەتكە قېلىشىغا ئۆزىنىڭ پېئىل-ئېتىبارى سەۋەپچىدۇر.+ k- \3 p* C) c" J& r2 I' T5 z+ B2 m

6 F7 h9 n% [' ?29. ئىتتىپاق-بۆلۈنمەسلىكتۇر. ئىلگىرىلەش-چېكىنمەسلىكتۇر.
. M' C3 I4 a* E! v
- H, B5 K( L& n% O, g30. سۇئال: ئىنساننىڭ بەخت-سائادىتى ۋە ئۇلۇغلۇقى نېمە بىلەن بولىدۇ؟0 W1 V& y) k0 b9 @8 S0 E! \; h
جاۋاپ: ھەقىقەت ۋە راستچىنلىققا ئەگىشىپ ئەمەل قىلماق بىلەن بولىدۇ.
1 X1 e; n5 y8 d! O3 }5 g9 @
: v; M* e' X/ S4 b) b$ A/ w31. كىشىلەرنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرنى تەلەپ قىلغۇچى بولما. دوستلار سەن بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن قورقىدۇ. شۈبھىىسزكى، خارلىق دېگەن كىشىلەردىن بىر نەرسە سورىماقتۇر. گەرچە سېنىڭ سورىغىنىڭ 《يول نەدە؟》دېگەن سۇئال بولسىمۇ.. H+ t: I' L2 j6 I" r
3 b; k! ]4 M' \- y0 R9 ?; g
32. تەبىئەت دۇنياسىنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس بايلىقلىرى ھىممەتلىك ئىنسانلارنىڭ ئەمگەكچان قوللىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان. شۇڭا، بىزنىڭ قىلىۋاتقان ۋە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمىزمۇ دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈزەللىكى ئۈچۈن بولىشى كېرەك.  P+ A6 ]* Q/ o
- L% m1 z( K+ A/ z
33. ھەرقانداق بىر ئىش ياخشى نىيەت بىلەن بولمىسا، ئۇ قىلچە پايدابەرمەيلا قالماستىن، بەلكى يامان ئاقىۋەتكە گىرىپتار قىلىدۇ.' l* Y4 g" j! r' U" R

3 }4 M" ?5 @# ^, Z34. سۇئال: مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولمىقىغا سەۋەپ نېمىدۇر؟; x" I5 r8 b( [+ D  U4 E: Q  l
جاۋاپ: ئىككى نەرسىدۇر: بىرى، بىلىمسىزلىك ۋە نادانلىق؛ يەنە بىرى، تەپرىقىچىلىك ھەم ئىختىلاپتۇر.4 J) t3 ]) Z) N: r
- k* v- P3 C( t+ b1 A3 o
35. نىيەت قانچە ياخشى بولسىمۇ، پايدىلىق ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈلمىسە، كامالەتكە يېتەلمەيدۇ.8 K7 q3 b1 k; Z1 I
% f% G' u9 l7 m8 X0 E+ e) B
36. قانائەت ئەھلى ئەل ئىچىدە كىشىلەرنىڭ ئەلالىرىدىن سانىلىدۇ. ھەرقانچە ئىززەتلىك، ئېسىلزادە كىشى بولسىمۇ تەمەخور بولسا، ئىززىتى نابۇت بولىدۇ. ئېتى 《ئەنقا》ئاتىلىدىغانلارنى زامانداشلىرىمىزدىن كىم كۆرۈپتۇ؟!… دېمەك، قانائەت ئەھلى ئەنقا كەبى يۈكسەك ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر.$ x6 J* M$ V/ i, {

* Z8 ~# G3 y( p3 {; I6 O37. ئەقىل، بىلىم ۋە ئەخلاق خارلانغان جايدا نەپس نادانلىقنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى مۇقەررەر.
: r2 a2 t: U. b0 }( M; }
$ ^7 ?5 Z& a2 w6 p- u& e38. بىز ئۈچۈن قىممەتلىك نەق بايلىق ھېسابلىنىدىغان ئۆمرىمىز ئەتتىگەندىن كەچكىچە ئايىغى چىقمايدىغان رەشىك-خۇسۇمەتلەر ئىچىدە ئېقىن سۇدەك ئۆتۈپ كەتتى. بىز بولساق، بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرغۇچىلارغا پىسەنت قىلماي، غەپلەت ئىچىدە ياشاۋاتىمىز.
) ~5 r: D) ^: N! A7 n3 I% M2 x4 }! D% v. y9 Z0 \1 I9 I
39. دۈشمىنىڭدىن بىر قېتىم ئېھتىيات قىلساڭ، دوستۇڭدىن مىڭ قېتىم ئېھتىيات قىل. كۈنلەرنىڭ بىرىدە دوستۇڭ دۈشمەنگە ئايلىنىپ قالسا، زىيان سېلىشتا دۈشمەندىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ چۈشىدۇ.% E3 ~3 y; S; _7 {
8 m% A; _5 P% ~# Y. Z  ]
40. مېنىڭ يۇرتۇم ماڭا زۇلۇم قىلغان تەقدىردىمۇ سۆيۈملۈكتۇر. مېنىڭ خەلقىم ماڭا بېخىللىق قىلغان تەقدىردىمۇ سېخىيدۇر.
* s" L# `$ m1 z* ^& T) L3 C
9 C' b* Y, [" X5 @41. ئەگەر كۆزۈڭ باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كۆرسەتسە، سەن كۆزۈڭگە 《باشقىلارنىڭمۇ كۆزىنى بار》دېگىن. ئەگەرئەقىل ئىگىسى بولساڭ، باشقىلارنى ئەيىبلىمەيتتىڭ. ئەگەر ئۆزۈڭدىكى ئەيىپنى كۆرەلىسەڭ جىم بولاتتىڭ.- T3 R+ T7 t. ]' K$ O# J* `% ?

6 c5 e1 \. B. a% j42. مۇھەببەت ۋاپادارلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. مۇھەببەت ئەھلىگەگۈزەل، ئەخلاقلىق، ئېسىل تەبىئەتلىك كىشىلەردىن باشقىسى كېرەك ئەمەس.
9 b4 j4 W! C9 U6 [4 D* M) j& E( J1 M+ ^  H; ]; d
43. ھەربىر ئىش تىرىشچانلىق ۋە ئىجتىھات بىلەن بەرپا بولىدۇ.
* o9 m! m; U( U5 k: E* [- O7 t& b0 M: e; e5 ]: n
44. قوشنىلارغا پىشكەللىك يەتسە، ياردەم بەرمەسلىك قوشنا ھەققىنى ئادا قىلمىغانلىقتۇر:
8 k! d" j8 N8 |( iدوست دېگەندەك ساماندەك سەيلىدە، باغدا
7 g* S* k8 i7 w% Lئايرىلۇر دوست-دۈشمەن ئەڭ قىيىن چاغدا.
3 m! T5 ]7 j2 l0 j4 t
4 l$ X. G- X" u8 B45. بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان چاغدىكى يىغىىسى دۇنيانىڭ ئۇنىڭغا ئۆزىدىكى نەرسىلەرنى بىلدۈرگەنلىكىدىن بولىدۇ. ئۇنداق بولمىسا، بوۋاقنىڭ قورساقتىن كەڭرى جايغا چىقىپمۇ يىغلىغىنىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بالا دۇنيانى كۆرۈپلا دۇچ كېلىدىغان ئازاپلارنىڭ تەھدىتىنى ھېس قىلغاندەك يىغلاپ كېتىدۇ.. n  x" T# |7 ^! C* G# a, K, u

  m; m7 h7 Y* f0 q' K9 `46. دەۋر بىرخىل ھالەتتە تۇرمايدۇ، بەزىدە ئارقىسىنى قىلىدۇ. ئەگەرئۇ سېنى سەن ياقتۇرمايدىغان ئىشلارغا ئۇچراشتۇرسىمۇ سەۋر قىل. چۈنكى دەۋر سەۋر قىلمايدۇ.
& k6 `" f9 T$ v1 x# j- c. z, ]' J9 i. P8 `% x2 v- @3 w3 \6 h
47. قەلەم ئەھلىنىڭ ئاچكۆز بولغىنى ھەممىدىن يامان. ئۇنداقلار نەپىسنىڭ خاھىشى بىلەن بىرنى يىغلاتسا، بىرىنى كۈلدۈرىدۇ. بۇنداقلاردىن قايتا-قايتا ھەزەر قىلماق كېرەك.- g  d0 k: }1 w, b1 H1 J& q
7 @1 @4 F& n) \% w5 t8 J
48. قەلەم ئەھلىنىڭ ئەدل-ئىنساپلىق بولغىنى (بۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھېچكىمگە ئەلەم يەتمىسە) ھەممىدىن ئەلا." b1 b  ^/ ^1 j& V5 l# C

. m9 S$ C- M8 v% y# [" M49. بىراۋنىڭ ۋەسفىنى قىلغان شائىر شۇ كىىشنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ھەقىقىي سۈپەتلىرىنى مەدھىيلىگەن بولسا، شۇ شائىر دوستلۇققا يارايدۇ. بۇخىلدىكى شائىرلار ھەقىقىي ئەقىل ئىگىلىرىدۇركى، ئۆزىنىڭ يازغانلىرىدائەيىپ-نۇقسان بار-يوقلۇقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەيىپ-نۇقسانلىرىنى تۈگىتىشنىڭ كويىدا بولىدۇ.
9 P. I! e2 h* P* {9 f3 _. y- R9 A+ O7 S2 |
50. سۇئال: ئىززەت-ئابروي ۋە كۈچ-قۇۋۋەت نېمە بىلەن بولىدۇ؟
# _" ~# ^( v. D1 xجاۋاپ: ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىش ۋە ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىق بىلەن بولىدۇ:
  b" r& k* S' J9 D; qتەڭرىنىڭ ئىنسانغا كۆپتۇر تارتۇقى، ئىلىمدۇر بىباھا، قازسا پۈتمەس كان.' _, B& T' E! g1 ?# C2 e
ئەقىل ۋە ئەدەپتىن يوقتۇر ئارتۇقى. ئىلىمدىن باشقىسىكىمگە ئەسقاتقان.
+ w/ t! u& x/ W3 `1 zئەقىل ۋە ئەدەپ ھەر ياشنىڭ جامالى، ئىلىملار نىجادلىق بىرەرمەڭگۈلۈك،- C9 x* X0 x" N9 _$ E& E  R1 b
ئۇنىڭسىز بولماس ھاياتنىڭ كامالى. بىلىملىك ھاياتتۇر،جاھىللار ئۆلۈك.6 ~4 d( j3 ~; G, v0 Y3 R
پەزىلەت كۆپ ئىرۇر بۇ ئالەم ئارا، ئى ياش بىل، جاھىللىق نۇمۇستۇر بىشەك.2 r( Q# [& g1 k& P
ئىلىمدۇر ھەممىدىن ئەلىيۇلئەلا. نادانلىق زۇلمىغا رازىدۇرئىشەك.
( {  i2 ~* K4 C
* E' r$ H3 C+ \) F. c& U51. كىمكى ئۆزىنى خۇشال قىلىدىغان ئىشلار ئۈچۈن دۇنيانى ماختىسا، قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ ھېچقانچە ئۆتمەيلا ئۆزىنى ئەيىپلەيدۇ. ئەگەر دۇنيانىڭ قولدىن كەتكەنلىكى ئۇنىڭ ھەسرىتى بولسا، كەلگەنلىكى ئۇنىڭ غېمىنى كۆپەيتىدۇ:4 K6 W  w* Q! t2 v" Y
0 \# u2 B! _# Q3 X5 m
بەزىلەر بار 《گەرچە گۇناھ مەندە تۇرۇپ، خورجۇننىڭ ئالدىنىلا كۆرۈپ، لېكىن قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي؟》دېمەيدىغان. 《ئارقا كۆز نە بار؟》 دەپ غەميېمەيدىغان.
. H/ C7 k- \# d/ K4 b' X. N; q: A1 h, o2 b. \
52. ئەمالارنى 《دۆت》 دەپ ئەيىپلىمە. بۇ مەسىلىدە دانالارنىڭ سۈكۈت قىلىشى توغرىدۇر. سەن قارىغۇلاردىن ھايا كۈتمە. چۈنكى، ئۇنىڭدىكى ھايانىڭ ئورنى خاراپتۇر.; P: O+ V* ?: o4 z+ F1 \& U

& B9 n9 g- c3 A) q+ X- k5 u5 k+ n2 G53. خار ھاياتتىن ئۆلۈم گۈزەلرەك. چۈنكى، بەزى نومۇسسىز ئىشلارنى ھېچقانداق كىشى ئۆچۈرەلمەيدۇ:: [. x% ^7 j  e3 W% z/ q2 h
پەيتى كەلسە ياخشى مالدىن كەچسەڭ بىراق،5 X( w2 R' W4 U% }- O6 C9 i8 t2 A, l
ئابرويۇڭ مەڭگۈ سېنىڭدىن كەتمەس يىراق.
) T5 q2 \1 s8 ^8 C; K9 |* T( Y, K5 Z/ L, X0 Y5 |: a# V
54. ئەگەر مەن بىرەر نەرسىدىن ھەيران قالدىم دېسەم، ياشلارنىڭ قەدىر-قىممەتسىز ئىش ھەرىكەتلىرى مېنى ھەيران قالدۇرغان بولىدۇ.
4 F6 ^6 k8 _+ E, d, N$ m3 }" b3 d2 r! P( w, e' q4 l% r
55. بۇۋاقنىڭ تۇغۇلغاندا ئالقىنىنى يۇمۇۋالغانلىقى ھاياتلىقتىكى ھېرىسمەنلىكنىڭ بېشارىتىدۇر. ئۆلەر ۋاقتىدا ئالقىنىنى ئېچىپ قويغانلىقى بولسا، 《ئاگاھ بولۇڭلار مەن دۇنيادىن ھېچ نەرسە ئالماي كەتتىم》دېگىنىنىڭ بېشارىتىدۇر:" J3 H: z# p  r5 \- f. b" ]: Z7 }
) [/ ^; t# x1 m$ W
باق ئوغلۇم خەلقىڭگە ئىللىق كۆز بىلەن، كىچىككە رەھىم قىل، چوڭىغا ئىززەت،
- {% D7 Z0 z- q& s4 t  |ھەم كۆرسەت مېھرىڭدىن لۇتفى ئىنايەت. خەلق ئەتكەن ھەققىگە قىلما خىنايەت." q/ c* h3 m! Y# G0 O

. l$ O! q& i: L56. ئەگەر سەن ئەقلىڭنى توغرا ئىشلەتسەڭ، ياتقان ئورنۇڭ كېچىدىمۇ ئەقىل نۇرى بىلەن دائىم يورۇپ تۇرىدۇ.6 U/ X6 p0 y" @. s
* G' c8 \5 W. K. v& p
57. بىر قەۋمدا ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىققا يېتەكلىگۈچى مەنىۋى رەھبەربولمىسا، بۇ قەۋم كىشىلىرىنىڭ چېچىلغىنى چېچىلغان.
! e5 w& [2 I- X+ R/ w( J% ?
/ I* p# C$ c( S58. ئەيىبلىك كىشىلەرنىڭ ئەيىبى بىلەن پەزىلەت ئىگىلىرىنىڭ پەزىلىتىنى خەلق بىلمەمدىكىن دەپ قالما. چۈنكى، خەلق ئەڭ ئادىل نازارەتقىلغۇچى(كۆزەتكۈچى)دۇر.4 u0 [% ^" Y3 X: d+ l" ?
) X7 a$ u8 X/ `3 y3 L  i$ D
59. ئىنساننىڭ ئەڭ يامان ئىشى ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى ئۇنتۇپ قېلىش ۋە قېرىندىشىدىكى يېپىلىپ قالغان ئەيىبلەرنى تىلغا ئېلىپ يۈرۈشتۇر. ئەگەر ئىنسان ئەقىل ئىگىسى بولغان بولسا، ئۆزىگە قارىسا يېتەرلىك ئەيىبلىرى تۇرغان يەردەباشقىلارنى ئەيىبلىمىگەن بولاتتى.
; I* g' m! V6 u, |
: Y; A, b. D" ~* `, ^60. دۇنيادا ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ياقىدىن باش چىقارغان ئەل كۆزلىگەن مەقسەتكە مۇقەررەر يېتىدۇ.
, U% o& Y9 a9 e3 V7 e4 X0 ?
' m7 ]3 a6 M2 i  C' i" J- ?8 R61. مۇشەققەتلەردىن كېيىن ئارزۇغا يېتىش مۇقەررەردۇر.
# |  Q. V) U+ V8 E9 Y/ D8 i  ]% `2 Q; l& \! G' r4 I4 {
62. تارىخ قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، بەدەۋىيەتتىن مەدەنىيەتكە، قالاقلىقتىن تەرەققىياتقا، قاباھەتتىن گۈزەللىككە قاراپ راۋاج تاپقان.
& q$ \% k9 o# N  U
) Q& z7 p( w7 d& [63. داۋالاش قىىين بولغان كېسەلگە سەۋر داۋا بولىدۇ.
# h# X* H! V# K, y. r' }* g# n: p; `& A( L* D- t' x
64. ئۆمرىدە مېلىغا ئاپەت تەگمىگەن، دۆلىتى زىيادە بولغان سودىگەرلەر ئۆز مېلىدىن ۋاقتىدا ئۆشرە-زاكات ئايرىيالىغان، غېرىبلارنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرالىغان، ئاچلارنى ۋاقتىدا تويغۇزالىغان، يالىڭاچلارغا تون ياپالىغانلاردۇر./ `4 ?) O* a/ O, v0 x
: ]6 P& D, v0 w# n: L
65. زامان ئەھلى ھەرقاچان ئاگاھ بولمىقى لازىمدۇر، كىشىنىڭ تېنىدە ئەقىل بىلەن نەپس دائىم ئېلىشش ئۈستىدىدۇر. نەپس ئادەمنى ھۇزۇر-ھالاۋەتلەر، ئەيش-ئىشرەت، كەيپ-ساپالار قىززىپ تۇرغان غاپىللىق يولىغا تارتسا، ئەقىل ئادەمنى زاماننىڭ ناشايان ھالاۋەتلىرىگە بېرىلمەسلىككە، ھەرقاچان غاپىللىقتىن ھۇشيار تۇرۇشقا تارتىدۇ. كىمدە ئەقىل غالىپ بولسا، ئۆمۈر بويى پۇشايمان نادامىتىدىن خالىي ھالدا شاد-خۇراملىققا ھەمراھ بولۇپ ئۆتىدۇ. نەپسى غالىپ بولغان كىشى ئاخىرىغىچە تەمە خارلىقى بىلەن ئۆتىدۇ.
8 Y% N$ ]! {7 o+ u" `" f! }( \6 S$ G8 g4 z; ^6 X3 a; t! n& g
66. ياخشىلىقنى ئادەت قىلىش ئۈچۈن ئوچۇق قول بولۇش كېرەك. ئوچۇق قول كىشى ئىززەتتىن نېرى بولالمايدۇ.; |( W- V6 l: ]& R

' P. b1 w! [7 Q/ H67. ئەقلىڭدىن مەسلىھەت سورا. ئەقىلدىن باشقىسىنى كېرەكسىز ھېساپلا.! L; H3 p7 ^2 E# }
# Y$ e! x1 ~1 _6 L9 w9 |0 l  f8 \
68. خارلارنىڭ خار تۇرمۇشىغا رازى بولۇشى ئۇلارنى تېخىمۇخارلاشتۇرىدۇ.) T& k; H1 Y" J9 T0 V, Y" [# U
3 v* F6 b' z4 `
69. دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۇلۇغ كىشى دۇنيادا باشقىلارغا تايانمايدىغان كىشىدۇر.3 V( T7 s5 C! U& ?7 b* H

! b' h5 S* Q7 K7 O+ B70. دانىشمەنلەر شۇنداق كىشىلەركى، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بىلىدۇ. ئولتۇرۇشلارنىڭ تۆرى ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن زىننەتلەنگەن بولىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەسىلىلەرنىڭ يۈزى غۇۋالىشىپ قالسا، ھەق يولنىڭ يۈزى ئۇلار بەرگەن جاۋاپ بىلەن نۇرلىنىدۇ. ئۇلار سۈكۈتتە تۇرسا، باشقىلارنىڭ سۈكۈتتە تۇرىشىغائورۇن قالمايدۇ. گەپ قىلسىمۇ باشقا گەپ قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئورۇن قالمايدۇ.
5 O; O$ v- U, s- G% l7 o) w, |9 y7 X& J
71. مەن قەيەردە بولۇشۇمدىن قەتئىينەزەر كۆڭلۈم خۇشال ياشايمەن. قانداقلا بولسۇن ئاپەت، زىيانلاردىن قورقۇپ قالمايمەن.
9 |/ X8 d- {0 h; h4 y6 k" l9 R2 i  n( a* f: I
72. مۇھەببەت ئەھلى بولمىغان كۆپ كىشىلەر مۇھەببەت دەۋاسى قىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار مۇھەببەتتىن بەكمۇ يىراق. مۇھەببەت دېگەن قورقۇنچاق ۋەئەخمەقلەرگە نەدە تۇرۇپتۇ. سېيماسى تولۇن ئايدەك مەھبۇبقا پەم-پاراسىتى يۇقىرى، ئۆتكۈر پىكىرلىك كىشىلەر ئاشىق بولۇپ، مۇھەببەت دەردىدە ئۆرتىنىدۇ.* b+ s8 u6 _8 m, J- E- K
: h; I! w' M$ Z- K# r
73. ئاي ئۆزىنىڭ سەۋرچانلىقى بىلەنلا ئۇلۇغلۇققا، ئالىي مەنزىلگە ۋە گۈزەللىككە ئىگە تولۇن ئايغا ئايلانغان.( Y' y3 z) T( f; Z: L: \2 N. s

; g/ J$ l) v* l1 ?74. سۆزنى گرامماتىكا بىلەن گۈزەللەشتۈر. چۈنكى، سۆز قائىدىسىدىن مەھرۇم بولغان كىشى سۆزنى بۇزىدۇ.
) z* f& V# a0 B2 R1 g4 P
) X% }0 t" V# ~; V  X75. سۆزلەيدىغان ئورۇننى تاپساڭ، چوقۇم كەڭتاشا سۆزلە. ئەگەرسۆزلەيدىغان ياخشى سۆزنى تاپساڭ، ئايىماي سۆزلە. چۈنكى، كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىلىم ۋەقابىلىيتىگە يارىشا ئۇ سۆزلەردىن توغرا چۈشەنچە ئالىدۇ.
) y/ z" Z6 ^" W/ `, a9 K$ X$ T" t& s2 b; M) w
76. ناۋادا رازى بولسام، دوستلىرىمنىڭ ئەيىبىنىڭ ھەممىسىنى ۋەئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسىم ئەيىبلىرىنىمۇ كۆرمەيمەن. خۇددى نەپرەت كۆزى ئەيبتىن باشقىنى كۆرمىگەندەك. دوستلۇق كۆزى ئەيبلەرنى كۆرۈشكە ئاجىزدۇر.
* I$ [3 n/ P2 ^4 t/ B, d2 K! @3 y, V" h# I
77. ئۇ ئاشىقلارغا تەبەسسۇم قىلغان پېتى كۆرۈنىۋېدى، پۈتۈن ئىنسانلار ئۇنىڭ گۈزەل جامالىغا ھەيرانۇ-ھەس بولدى. مەن ئۇلارغا زىلەيخانىڭ ئۆزىنى ئەيبلىگۈچىلەرگە قارىتا ئېيتقان:《سىلەر مېنىڭ ئاشۇنداق گۈزەل ئالدىدا ئېزىققانلىقىمنى ئەيىبلىدىڭلار》دېگەن سۆزنى دېدىم.
( h  s" a6 E" j# g
3 z) ^0 s4 A' g% I! t78. ئېرىنىڭ پەرمانىدىن چىقماي ھەم مۇسۇلمانچىلىق، ھەم روزىغارخوتۇنلۇق بۇرچىنى ئادا قىلىش بىلەن بولغان ئاياللارنى ئىنسان ئەمەس، بېھىشنىڭ ھۆرى دەپ بىلمەك كېرەك. بۇ خىلدىكى خوتۇنلارغا ئەر بولغانلارنىڭ ئىقبالى ھەرقاچان يورۇقتۇر.
( E/ _6 c$ g# p6 T/ t  Y8 G& j2 n' @  m! T" n! r% k$ T( I
79. قاچانكى، كىشىلەرنىڭ ئەخلاقلىرى بوزۇلسا، ياخشى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا نۇقسان يېتىدۇ. ئىتتىپاقلىق يۇقىلىدۇ. ھۇرۇنلۇق، بىكارچىلىقلار، زۇلۇم ۋە خىيانەتچىلىكلەر كۆپىيىدۇ. ئىلىم-مەرىپەت كېمىيىپ، شان-شۆھرەت خارۇ-زارلىققا ئالمىشىدۇ.
% ?. _8 P2 b$ G* A; x  e; a3 k) f& D6 D9 E
80. قايغۇ-ھەسرەت يېقىنقى خۇشاللىقتىن بېشارەت بېرىدۇ.2 L* `4 ]1 u: J# U9 O

/ k$ z" @7 a$ }81. بەزىلەر مېنىڭ ئۇ مەھبۇبنى ياخشى كۆرگىنىمنى ئەيىبلەشتى. بۇ مالامەتلەر مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشىق-مۇھەببىتىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. مېنى مالامەت قىلغۇچىلار ئۇ مەھبۇبنىڭ تال-چىۋىقتەك قەددى-قامىتىنىكۆرگەندە، ماڭا ئۆزرە ئېيتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ تەبىئىتى نازۇكلۇقتا ۋە ئەخلاقى ئېسىللىكتە زاماننىڭ تەڭداشسىزىدۇر.
4 ]/ j1 {1 l6 S; Y7 y( Q; s, N% R1 v7 B+ F2 J
82. مەن شۇنداق كىشىمەنكى، سەمىمىيلىك ۋە ئەدەپ-ئەخلاق مېنىڭ تەبئىتىمدۇر. ئارتۇقچىلىق، ئەخلاق ۋە ھىممەتلەر مەندە باردۇر. سېخىيلىقىم كاتتىلىق شەرىپىمنىڭ دەلىلىدۇر. خىسلەتلىرىمنىڭ ئەڭ ئەقەللىيسى خەير-ئېھسان ۋەسېخىيلىق قىلىشتۇر. دانالىق، ئېھتىياتچانلىق، ئىشەنچ، بىلىم ۋە ئىشتىياق،ئىلىم-ئېرپان ۋە ھېكمەتلەرمۇ مېنى تونۇيدۇ.4 ~" T1 z3 I+ n/ a  s$ V

) q: p0 l) K$ }! k/ z6 v2 }2 f( ^( Q# t
مەنبە: بولاق ژورنىلى 2007-يىللىق 4- سان

بۇلبۇل ناۋاسى - ئۇيغۇر موقامى

4

تېما

41

يازما

45

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 129836
يازما سانى:
41
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
75
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
2 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-11-8
ئاخىرقى:
2016-1-6
ۋاقتى: 2015-12-6 23:30:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
20 – ئەسىردىكى ئىسلاھاتچى – ئابدۇقادىر داموللام 5 U8 S, |& Q5 |9 _8 Z
, l8 l4 ^- f  b: P4 o  y+ U# ]

0 Q$ U2 j7 P. A
8 O5 \$ D- o5 d
ئىسلاھات ئىنسانىيەت تارىخدىكى يورۇق تېما. ئىسلاھات-ياخشىلاش، تۈزىتىش، ئۆزگەرتىش دىمەكتۇر.يەنى، ۋاقتى ئۆتكەن كونا تۈزۈم، كونا مەدەنىيەت ۋە كونا ئىدىيەلەرنى زامانغا لايىقلاشتۇرۇپ، تۈزىتىپ، گاھىلىرىنى ئۆزگەرتىپ ھاياتى كۈچكە باي يىڭى تۈزۇم، يىڭى مەدەنىيەت ۋە يىڭى ئىدىيەنى يارىتىش ياكى ئومۇملاشتۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلاھات شەكىل كۆپ خىل، ئۈنۈمى پەرقىلىق بولسىمۇ بىراق ئورتاقىلىقى شۇكى، بارلىق ئىسلاھات ئىنتايىن مۈشكۈللۈك ئىچىدە يۈرگۈزۈلىدۇ. شۇڭا ئىسلاھاتچىلار ئالدى بىلەن قۇرقماس جاسارەت يىراقىنى كۆرەر پاراسەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇنداق تۈپ ساپانى ھازىرلىمغان كىشىنڭ ئىسلاھاتچى بۇلالىشى مۇمكىن ئەمەس.ئىنسانىيەت تارىخدىكى بارلىق داڭلىق ئسلاھاتچى دەل مۇشۇنداق ساپاغا ئىگە مۇنەۋەر ئەزىمەتلەردۇر.
20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخدىكى تۇنجى ئىسلاھاتچى ، مەشھۇر ئالىم ئابدۇقادىر دامۇللام دەل مۇشۇنداق تۈپ ساپاغا ئىگە زات ئىدى.' h  j3 O! C; Y+ s. ]
ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ھاياتى، ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئىسلاھاتچىلىق پائالىيەتلىرىنى تەتىقىق قىلش 20-ئەسىرىنىڭ باشلرىدىكى مىللى ھاياتىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەسىلىنى يۇرۇتۇشىمىزدا مۇھىم ئەھىمىيەتكە ئىگە. مىسالەن، ئۇيغۇر جەمئىيتىدە جەدىتلىك ھەرىكىتى قاچان، قانداق باشلانغان؟ ئۇيغۇر جەمئىيىتى تاتارمەرىپەتچىلىرى قوزغىغان جەدتىلىك ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشۇپ ئىدىيۋى ئىقىم پەيدا قىلالىغانمۇ- يوق ؟ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا جەدىتىلىك ئىدىيىسىگە ئىگە مەنىۋى يولباشچىلاربارلىققا كەلگەنمۇ -يوق ؟
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ شەكىللىنشى قانداق تەسىر ئاستىدا ئەمەلگە ئاشقان ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ئىڭى ۋە مىللىي ئىڭى قاچاندىن باشلاپ ئۇيغانغان ؟ بۇ بىر قاتار مەسىلە بىزنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، ئىدىيە، ئەدەبىيات، تارىخمىزغا مۇناسۋەتلىك مەسىللىلەردۇر. مەن بۇ ماقالەمدە ئابدۇقادىر دامۇللامىنڭ ھاياتى، ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنشى ۋە جەدىتىلىك پائالىيەتلىرىنى بىر قەدەر مەنتىقىلىق رەۋىشتە بايان قىلىش ئارقىلىق بۇ ئىنقىسز مەسىللىلەرگە جاۋاب بېرىشكە تىرشتىم.مىنڭچە، ئابدۇقادىر دامۇللام دەۋىرى بولغان 1910-يىللردىكى مەرىپەتچىلىك ھەرىكەتلەرنى يورۇتقاندا بۇ مەسىللەرگە بىر قەدەر رۇشەن جاۋاب تاپقلى بولىدۇ.
ھەممىمىزگە مەلۇم، ئىسلامىيەت تارىخىدا 18-ۋە 19ئەسىرلەر مىسلىسىز پاجىئەلىك دەۋىر ھىساپلىنىدۇ.
- f+ I) q$ O2 Iچۆنكى، بۇ ئەسىرلەردە ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى دۇنياۋى ئىككى چوڭ ئىمپىرىيە بولغان تۈرك ئوسمانلى بىلەن تۈرك موغۇل ئىمپىرىيەسى كۈنسىرى ئاجىزلىشىپ، قەدەممۇ –قەدەم زاۋاللىققا يۈزلەنگەن ھەم ئاخىرقى ھىساپتا بىرى يوقىتىلىپ، بىرى لىڭىشىپ قالغان. ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلرىدىكى، ئافغانستان ۋە ئىران ئىگىزلىكى ئۇششاق ئىسلام خانلىقلىرىنىڭ ھالىمۇ ئوخشاش قىسمەتكە مۇپتىلا بولغان بۇ ئەسىرلەردە ئىسلەمىيەتنىڭ ئىچىكى قىسمىدا ئۇزاقتىن بىرى يامراپ كىلىۋاتقان ھەرخىل دىنى مەزھەپىنڭ بىدىئەت قاراشلىرى ۋە چاكىنا تەشەببۇسىلرى كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدە –ئىتىقادلىرىنى ئىزىدن چىقىرۋەتكەن، بولۇپمۇ سۇپى –ئىشانلار گۇرۇھى ئىسلام ھۆكۈمرانلىرىنىڭ سەلتەنىتگە سالجىدەك چاپلىشۋىلىپ، ئۇلارنىڭ رېئال دۇنيا ھەققىدىكى جەڭگۋار قاراشلىرىنى چىرىتىۋەتكەن، تەركى- دۇنيالىقىنى ئەڭ ئالىي ئەخلاق دەپ داۋراڭ سىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائى ھايات سەھنسدىن بەخىت ئىزدەش غايىلرىنى سىرلىق خىيالى تۇيغۇرلىرىدىن قانائەت ئىزدەيدىغان ئەھمىيەتسىز ئۇرۇنۇىشلارغا بۇرىۋەتكەن. سۇپى-ئىشانلار گۇرۇھنىڭ قايمۇقتۇرۇش كۈچى زۇر تەشەببۇسلىرى مۇسۇلمانلار جامائىتىنى ئىزدىنىش ۋە كۈرەش جاسارىتى كەمچىل مەرىپەت روھى سۇس، ئەقىل كۈچى زەئىپ، ئىمانى مۈجىمەل، ئەخلاق ساپاسى تۆۋەن ئاڭقاۋ (نادان) جامائەتكە ئايلاندۇرۋەتكەن، تەركى-دۇنياچىلىق كەيپىياتى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۋاتقان بۇنداق شارائىتتا ياشىغان كىشلەرنىڭ كۆپىنچىسى بارا-بارا خارۇ-زارلىق كوچىسىدا قىقىلىپ-سوقىلىپ ياشاشىنى ھار ئالمايدىغان بىپەرۋا جامائەتكە ئايلانغان. قسىقىسى، سوپى –ئىشانلانىڭ تەركى –دۇنياچىلىق تەشەببۇسلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپنچسىنى ھۇرۇنلۇق، چىچىلاڭغۇلۇق، بوشاڭلىق، قاشاڭلىق، ئىللەتلىرنىڭ پاتقىقىغا پاتۇرۋەتكەن.«بۇ سوپىلار دەۋىردە ئىسلامىيەت دۇنياسى تامامەن ئۇلارنىڭ بوياقلرى بىلەن بويۇلۇپ كەتكەن، قەيەردە شەھەر ياكى يىزا بولدىكەن.ئۇ يەردە سوپىلار بار ئىدى».
دىمەك ئىسلامى ھاكىميەتلەرنىڭ زەئىپلىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ چۆشكىنلىشى، ئىسلام ئىتىقادىدىكى مىللەتلەرنىڭ مەھكۇملىققا يۈزلىنىشى ئېغىر تارىخى يۈزلىنىش بولۇپ قالغان مۇشۇ دەۋىرلەردە ھاكىم مىللەتلەر ھىساپلىندىغان ياۋرۇپا ئەللىرى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە كۈنسىرى قۇدرەت تىپىپ، كۈچىيىپ بارماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ مەرىپەت روھى مىسلى كۆرلىمىگەن دەرىجىدە ئويغىنىپ، رىقابەت ئىقتىدارى ئىشىپ، ھەر جەھەتتىن قۇدرەت تىپىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ توپ –زەمبرەكىلىك كىمە –پاراخۇتلىرى دىڭىز –ئوكيانلارنى تىنىمسىز كىزىپ، زامانىۋى قۇشۇنلىرى سەلدەك يامراپ، يىڭىدىن –يىڭى موستەمىلىكە زېمىنلارنى ئىزدىمەكتە ئۇلارغا نىسبەتەن تولىمۇ سىرلىق ھەم سىھىرىلىك ھىساپلىندىغان شەرق ئۇلارنىڭ بۇيسۇندۇرۇش، تالان –تاراج قىلش نىشانى ئىدى. ئۇلار شەرقىنى بۇي سۇندۇرۇش ۋە تالان-تاراج قىلشتىن ئىبارەت بۇ مەقسەتكە يىتىش يولىدا بىر -بىرى تىنىمسىز بەسلىشەتتى. بولۇپمۇ قارام نىيىتى تىشىپ تۇرغان بىرىتانىيە ئىمپىرىيسى بىلەن چاررۇسىيە ئىمپىرسىنىڭ بەس-بەستە زىمىن كىڭەيتىشى نەتىجىسدە ئىسلامىيەت دۇنياسى شىمالى ئافىرىقا، ھىندىستان چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا زىمىندا كەينى-كەينىدىن پاجىئەلىك قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇپ، قۇللۇق كىشەنلىرى بىلەن چەمبەرچاس زەنجىرلىنىپ ئۈمۈد چىرىقى بارغانسىرى خىرەلىشىپ ئۆزلىرنىڭ تارىخى دۆشمەنلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ھەسرەت ئىلكىدە قۇبۇل قىلشقا مەجبۇر بولماقتا ئىدى.1 B% r$ ?5 _% H& `! p
مانا مۇشۇنداق ئىغىر تارىخى كۈلپەت ئىسلامىيەت دۇنياسنىڭ تارىخى شان-شۆھىرىتى، ئىسلام ئەللىرىنىڭ مىللىي ئەرك –ھۇقۇقى ۋە مەرىپەتچىلىك رۇھىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۆچۈن پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغان شىر يۈرەك مىللى داھىلار بىلەن ئوت يۈرەك موتەپەككۇرلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ كۈلپەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنشىنى تەقەزار قىلدى.19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىرىمدا بارلىققا كەلگەن ئىسلاھات رۇھىغا ئىگە ئىسلامىيەت دۇنياسىنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئۇيغۇتىش قوڭغۇرىقىنى چالدى.
1 o9 o' z! h1 m' n9 O! K1 s
شۈبھسىزكى، ئىسلاھات روھى كۈچلۈك ئىسلامىيەت مۇتەپەككۇلىرىنىڭ ئىدىيەۋى تەلىماتى يىقىنقى زامان ئىسلام گۈللىنىش ھەرىكىتىدىكى موھىم تۈرىتكە ھىساپلىنىدۇ. خۇددى زامانىمىزدىكى خەنزۇ تەتىقىقاتچى سەي دېگۈي ئىيتقاندەك :«ئىسلام مىللەتلىرى ئاجىزلاشقان ۋە قۇل قىلشقا ئۇچىرىغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى بۇ مىللەتنىڭ جاسارىتى ۋە ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۇردى»، «ئۇلارنىڭ ئۇلۇغۋار ئىدىيەسى ۋە تىنماي كۈرەش قىلش رۇھى شەرق ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ يىقىنىقى زاماندىكى گۈللىنىشكە يىتەكچى بولىدۇ». تىخىمۇ توغرىراقى، «ئۇلارنىڭ تەلىمى تالاش – تارتىشسىز ھالدا شەرقىتىكى ئىدىيە گۈللىنشىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى.» 19-ئەسىردە ئىسلام دۇنياسغا كۆرسەتكەن تەسىردىن ئىيتقاندا،ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ دۇنياۋي موتەپەككۇر ھىساپلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇلار «بىرەر ئىسلام دۆلىتىگە بارسا، شۇ دۆلەتنىڭ زىمنىدىكى چىرىك ھۆكۈمرانلارغا قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىكىنىڭ كۈچلۈك ئىنقلاپ يالقۇننى تۇتاشتۇرۋىتەتتى.»ئۇلارنىڭ ھاياتىدا كىشلەرگە قالدۇىرىغان گەۋدىلىك ۋە چوڭقۇر تەسىرى ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ ئىتپاقلىش ۋە ئويغۇنىشىنى ئارزۇ قىلش ھەم موستەملىكچىلكىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش تەشەببۇسى ھەمدە مۇشۇ يولدا باش ئەگمەي باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلش رۇھىدىن ئىبارەت. ‹‹مۇشۇ تەشەببۇس ئاساسىدا، ئۇلار سىياسى، ئىجتىمائى ۋە دىننى ساھەسىدكى بىر قاتار چوڭ مەسلىدە پەيلاسۇپىنىڭ مەنتىقى چوڭقۇرلىقى ۋە باتۇرلىقىنى، سىياسەتچىنىڭ يىراقىنى كۆرەرلىكى ۋە قەتئىيلىكىنى، دىننى ئىسلاھاتچىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە ئوچۇق-يۇرۇق خسلىتىنى ئىپادلىدى.»
1 K0 e" \2 o! w4 p. R4 H& Tئۇلار مەسىلىنى رەت قىلغۇسىز دەرجىدە ئىنق، چۈشنىشلىك ئوتتۇرىغا قوياتتى.ئۇلار، تەبىئى پەنلەر رۇھى تامامەن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئىسلامىيەت دۇنياسىدا تەبىئى پەنلەر رۇھىنى ئۇيغىتىش ئۆچۈن «خۇدا ئىككى كىتاب ئەۋەتكەن، ئۇلارنىڭ بىرى (قۇرئان )، يەنى تەبىئەت دۇنياسىدىن ئىبارەت. بىر موئەللىپ يازغان بۇ ئىككى كىتاب بىر-بىرىگە زىت ئەمەس، شۇنىڭ ئۆچۈن تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى ئۆگىنش لازىم »دىگەن.

! z5 }8 G- C) ^/ y
ئۇلار يەنە مۇنداق قارىغان :«كىيىكى كۈنلەردە ئىسلام دىنىڭ قاتارىغا ھەرخىل تەركىبتىكى كىشلەر كىرىپ، ھەرخىل ئىدىيە فۇرماتسىيەسىنىمۇ ئىلىپ كىرىپ، ھەرخىل غەيرى ئەقىدىنى شەككلەندۇرۈپ، كىشلەرنىڭ ئىدىيەسىنى قالايمقانلاشتۇرۇپلا قالماستىن، كۈچلۈك تەسىر ۋە كۈچ ھاسىل قىلىپ، ئىسلام دىننى ئەسىلدىكى ئەقىدە ۋە پىرىنسىپلاردىن چەتلتىۋەتتى. دىندا پائال كۈرەش قىلىدىغان رۇھ تۈگىدى. كونىلقققا يىپشۋىلىش، پاسىپلىق بىلەن كۈتۈش مۇسۇلمانلارنىڭ (نىسىۋىسى) بولدى. ۋاقتىنىڭ ئۇزۇرشى بىلەن دەۋىرنىڭ ئالغا بىسۋاتقان ئىقىمىدىن ئايرىلىپ قالدى.» شۇڭا ئۇلار «ئىسلاھاتنى دىندىن باشلاپ، كىشلەرنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئىدىئولىگىيەسنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاش كىرەك، دەپ قاراپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دەۋىرنىڭ ئالغا بىسۋاتقانلىقىنى تونۇشقا، بۈگۈنكى دۇنيادا قاتار تۇرماقچى بولىدكەن، جاپالىق ئىشلەش، تىرىشىپ ئىجاد قىلش ۋە قۇرۇشقا، ئۆتكەنكى شان-شۆرەتنى مەدىھلەش بىلەن مەمنۇن بۇلۇپ يۈرمەستىن، ھازىرقى زامان پەن مەدەنىيتىنى قۇبۇل قىلشقا چاقىرىدى؛ دىن بىلەن پەنىڭ، دىن بىلەن سىياسىنىڭ مۇناسۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلشىنى كۈچەپ تەرغىپ قىلدى. ئۇلار يەنە پەن بىلەن دىن زىت ئەمەس، دىن پەننى ئىنكار قىلمايدۇ، پەننمۇ دىننى ئىنكار قىلمايدۇ، دەللىلەش پىرىنسپى ۋە قانۇم چىقىرىش پەرقلىندۇ، يەكۈنى ئوخشاش. شۇڭا مۇسۇلمانلار پەن بىلەن دىننى قارمۇ –قارشى قىلىپ قويماي، ھازىرقى زامان پەن-تىخنىكسىنى ئۆگىنىشى لازىم، دەپ قارىدى.»

. R( ]3 ]% }2 r  a: w% D+ V+ Q6 `4 v9 x
ئسلامىيەت دۇنياسىدىكى ئاڭ ئۇيغىنشىغا ماس قەدەمدە تۈركى خەلىقلەر ئارسىدىمۇ ئىسلاھات ئىدىيەسى شەككلەندى. بۇ خىل ئىدىيە جەدىتچىلىك دەپ تەرىپلەندى. جەدىتچلىك زامانىۋىلىشش، يىڭلاش ھەرىكىتى بولۇپ، ئۇ ئىسلاميەتنىڭ قىممەت قارشى ئاساسىدا، ياۋرۇپانىڭ ئىلغار پەن-مەدەنىيتىنى ئۆگىنىپ، ئۇنى مىللى مەدەنىيەتكە خىزمەت قىلدۇرۇشىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى ئىدى. جەدىتچلىك ھەرىكتىنىڭ بايراقدارلىرى رۇسىيەنىڭ قىرىم ھەم ئېدىل- ئۇرال بويلىرىدىكى تاتارلار ئارسىدىن چىققان مەشھۇر موتەپەككۇر ئىسلاھاتچىلار ئىدى. ئۇلار تۈركى دۇچ كەلگەن تارىخى كىرزىسىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ قىرىم يىرىم ئارىلى ئۇرال ئېدىل بۇيلرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكلىرىدە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىدى. ئۇلارنىڭ ئىجتىمائى پائالىيەتلىرى ئاڭ جەھەتىىكتى ھەقىقى ئۇيغۇتشىنى ئەمەلگە ئاشۇرماي تۇرۇپ كىمنىڭ دوست، كىمىنىڭ دۆشمەنلىكىنى، نىمىنىڭ زالالەت، نىمىنىڭ سائادەت ئىكەنلىكىنى پەرىق ئىيتەلمەيدىغان نادان خەلىققە كىلەچەكىنىڭ داغدام يولىنى كۆرسەتكلىلى بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەنلىكىدە ئىپادىلەندى. ئۇلار رۇسىيە مۇسۇلمانلىرنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە قايغۇرۇپ، چاررۇسىيە ھاكىميىتى تۈركى خەلىقلەرنىڭ ئىدىيە جەھەتتن تۇرغۇن ھالەتكە چۈشۈپ قىلشىغا سەۋەب بولدى، دەپ قارىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، مەۋھۇم خەلىقتە زۇلۇمىنى ھىس قىلىدىغان ئاڭ بولمىسا، ئۇلار زۇلۇمىنى كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ئادەتتكى مەزمۇنى سۈپتىدە ھىس قىلىپ كىتىۋىرەتتى.
& R. K* `% ^! w$ Y
زادى قانداق قىلغاندا كىرىزىس ئىڭىنى ئۇيغىتىپ، زاماننىڭ زۆرۈرىيەتلرىنى چوڭقۇر چۈشەنگىلى، مىللى ئاڭىنى ئۇيغىتىپ، ھۆرىيەت رۇھىنى شەكللەندۇرگىلى، خۇراپاتلىققا خاتىمە بىرىپ ئەقىدىنى ساپلاشتۇرغىلى، نادانلىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ مەرىپەت روھىنى تىكلىگىلى، خارلىق، ئىتپاقسىزلىق، بۇشاڭلىق، قاشاڭلىق ئىللەتلرىنى تۈگىتىپ گۈللىنىش يولىغا قەدەم قۇيۇپ، ئاخىرىدا قۇللۇق كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىغىلى بولىدۇ ؟ مانا بۇ ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى دىننى مۇتەپپەككۇرلار بىلەن مىللى داھىيلار پىداكارلىق بىلەن ئىزدىندىغان، ئويلىندىغان جىددى مەسىلە ئىدى.
# X& M# ?+ R# D' m20-ئەسىرنىڭ 10-يىللىرى قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا قانات يايىغان مىللى ئۇيغىنىش ھەرىكتىنىڭ بايراقدارى، مەشھۇر جەدىتچى ئالىم ئابدۇقادىر دامۇللا ئىبنى ئابدۇۋارىس كاشغەرى (ئەزىزى) خەلىقمىز ئارسىدىن چىققان ئەنە شۇنداق ئوي- ئارزۇدىكى تۇنجى ئىسلاھاتچى موتەپەككۇر ئىدى. ئابدۇقادىر دامۇللام بىلەن زامانداش مەشھۇر شائىر، ئۇيغۇر تىبابەت ئالىمى ھۆسەيىن خان قۇتبىددىنشاھ تەجەللى ھەزىرەتلىرى ( 1925-1856) نىڭ تىلى بىلەن ئىيتقاندا : ئابدۇقادىر دامۇللام نازۇكلۇقتا روھقا، ئىرادىسنىڭ، مۇستەھكەملىكىدە تاغقا، ئىلىنىڭ موللۇقىدا دىڭىزغا ئوخشايتى. ئەپسۇسنارلىقى، مىللى ھاياتىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئويىنغان ئىجتمائى ئىسلاھاتچى ھىساپلىندىغان ئابۇقادىر دامۇللام ھەقىقدە ھازىرغىچە ئىلان قىلنغان بارلىق چوڭ كىچىك ئەسەردە ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ھايات پائالىيىتى مۈجىمەنلەشتۈرۈۋىتلگەن، دەۋىر ئارقا كۆرنشى تەھىلل قىلنمىغان، ئسلاھاتچىلىق ئىدىيەسىنىڭ شەكللىنش باشقۇچلىرى رۇشەن يورۇتىلمىغان. شۇڭا سىستىملىق باغلىنش يوق بوپقالغان. بىر ئىدىيەنىڭ شەكلىنىشى مۇئەييەن ئارقا كۆرىنىش ۋە موئەييەن باشقۇچىنى بىسىپ ئۈتۈشتىن خالى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. مەن ئىزدىنش، دەللىلەش، مۇھاكىمە قىلش ئارقىلىق ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ پائالىيىتى، ئىدىيەسىنىڭ شەككلىنشىدىكى ئارقا كۆرنۈش ۋە باسقۇچىلارنى سىستىمىلىق بايان قىلشقا تىرشتىم.3 [8 W' K. l1 Z, S
ئابدۇقادىر دامۇللام 1870-يىلى قەشقەر ئاتۇشىنڭ مەشھەدكە تۇتاش باغئرىق كەنىتىدە ئابدۇلۋارىس ئىسملىك دىھقان ئائلسىدە دۇنياغا كەلگەن. مەشھەد – قارىخانىلار خانلىقىنىڭ ئۇلۇغ خاقانى ساتۇق بۇغراخان ئابدۇلكەرىم بىلەن ئۇنىڭ ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانى دەپنە قىلنغان مەشھۇر جاي. تارىختا ئۆتكەن سەلتەنەت ئىلگىرى بىلەن ساخاۋەتچى بايلار سولتان ساتۇق بۇغراخان ئابدۇلكەرىم بىلەن ئەبۇنەسىر سامانىنىڭ ھۆرمىنى ئۆچۈن قەۋرىگاھ يىنغا مەسچىد ، مەدرسە، خانقالارنى تەمىر قىلغان. ئابدۇقادىر دامۇللام دەسلەپكى مەلۇماتنى مانا مۇشۇ يەردىكى «ھەز(ھەزر ىتى) سولتان مەدىرسەسى» دە ئالغان. يىشى 20لەرگە ئۇلاشقاندا قۇقانغا چىقىپ ئوقۇغان.

$ B0 x5 k, i4 g$ X" y% J
ئەيىنى يىللاردا بۇخارادا ئوقۇش ئەللامە بولۇشىنىڭ يولى ئىدى.چۈنكى، 15-ئەسىردىن كىينىكى بۇخارا ئىسلام دىننى ئىلمى بويىچە نوپۇزلۇق ئالىملار ۋە مەشھۇر مەدرسىلەر توپلانغان جاي ئىدى.شۇڭا، «سەمەرقەند سەيقىلى ئالەم، بۇخارى قۇۋىتى ئىسلام» دەپ ئۇلۇغلانغاندى.
9 T% V# Y8 o; s1 `  ]9 T2 k  N
ئابدۇقادىر دامۇللام ئاتۇش ۋە قۇقاندا ئىگەلىگەن بىلىملىرىگە قانائەت قىلماي، ئىلىمدە قانائەتكە يىتىش ئۆچۈن بۇخاراغا بىرىپ، ئۇ يەردىكى «ئابدۇلئەزىزجان مەدرسەسى» گە ئوقۇشقا كىرىپ، دىنى ئىلىمنىڭ ھەرقايسى بۇيىچە ئەتىراپلىق مەلۇمات ھاسىل قىلپلا قالماستىن، ئەدەبىيات تارىخ، ئىلىمى مەنتىق، ھىساپ ۋە ئەرەب، پارىس تىللىرىنى پۇختا ئىگەلىگەن. ئۇ، بۇخارادا مەۋلانە ئابدۇررەززاقىي، بۇخارا مۇپتىسى ئىۋەز خوجەندىي، قۇقاننىڭ شەيخۇلىئسلامى دامۇللا ئۇلۇغخان تۆرەملەردىن دەرس ئالغان. ئابدۇقادىر دامۇللام 1907-1909 –يىللاردا بۇ ئوستازلىرىنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ يازغان مەرسىيەلىرىدە ئۇلارنى يۈكسەك ھۆرمەت ۋە قايىللىق ھىسىياتى بىلەن مەدھىيەلىگەن، بۇخارا شەھىرى ئەسىرلەردىن بىرى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەلىم –تەربىيەۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كەلگەنىدى. مەشھۇر تەسەۋۋۇپچى باھاۋدىن نەقشىبەندىي بەرپا قىلغان نەقشىبەندىيە ئېقىمىنىڭمۇ مەركىزى ئىدى.. شۇڭا ئىسلام دۇنياسىدا «بۇخارى شەرىف» دەپ ئۇلۇغلىناتتى، بۇ تارىخى ۋە ئىجتىمائى جەريانىدا بۇخارادا مەدرسە مۇدەررىسلىرى بىلەن دىنى ئۆلىمالار يىتەكچىلىكدىكى كۈچلۈك بىر قەدىميىچىلىك ئەقىدىسىنى شەكىللەندۇرگەندى. بولۇپمۇ بۇخارى ئەمىرى ئابدۇللاخان زامانىدا شەيىخۇل ئۆلىمالىققا تەكلىپ قىلنغان مىرزاجان شىرزاىي دۇنياۋى پەنلەرنى ئوقۇتۇشىنى چەكلەش جەھەتتە سەلىبى ئۈلگە تىكلىگەن. مۇتەئەسىپ خاراكتىرىگە ئىگە بۇ ناچار ئۈلگە ئۈچ ئەسىر جەريانىدا كەڭ ئومۇملاشقان. شۇڭا قىرىم ۋە ئۇرال-ئېدىل بويلرىدىكى تاتارلار ئارسىدا تېز ئۇلغىيىپ جەدتىچىلىك پىكىر ئېقىمى بۇخارادا كۈچلۈك قارشلىققا ئۇچرىغان، بۇ مەتەئەسىپ قەدىمىيچىلەر جەدىتچلىكىنى ئىسلامغا قارشى بىر ھەرىكەت شەكىلىدە كۆرەتتى. ئەمەلىيەتتە بۇخارادىكى ئىسلام مائارىپى كىينكى ھاغلاردا كۆپنچە مىڭىنى چىرتىدىغان بىلملەرنى ئۆگىتدىغان قالاق مائارىپ بوپقالغان. بۇخارا مەدرىسلىرى ئىلغارلىق ۋە تەرەققىياتىنى جان –جەھلى بىلەن چەتكە قاقىدىغان ئىديەنى تارقىتىش بىلەن تونۇلغان. ئابدۇقادىر مۇنداق قالاق مائارىپىنىڭ زىيانلىق تەسىرىدىن قانداق قۇتۇلغانلىقىنى 1916-يىلى ‹‹شۇرا» ژۇرنىلىغا يازغان «ئەدەبىي بىر مۇساھىبە» دىگەن ماقالىسىدە مۇنداق باياب قىلغان :«ساپ ۋىجدانىمىنىڭ ۋە بەزى ھەقەقەتچى زاتلارنىڭ، سۆز-سۆھبىتى ھەم يول كۆرستىشلرى بۇخارادا ئىلىم تەھسىل قىلش جەريانىدا ھاسىل بولغان خۇراپاتلىق ۋە گۇمانخۇرلۇق زۇلۇمدىن، شۇنداقلا مەنتىق، كالام، پەلسەپە كىتاپلىرىنىڭ شەرھ – ھاشىيەلىرى، قاتمۇقات ئۇزۇندىن –ئۇزۇنغا سوزۇلغان سەپسەتلىرىدىن ھاسىل بولغان خۇراپات زەنجىر- كىشەنلىرىدىن ئەقىل-پىكرىمىنى ئازاد قىلدى.»
/ ]9 h/ `- \0 Y
ئابدۇقادىر دامۇللام بىلەن سۆھبەت قۇرغان ھەم ئۇنىڭغا يول كۆرسەتكەن «ھەقىقەتچى زاتلار» كىم بولۇشى مۇمكىن ؟ بۇ ھەقىقەتچى زاتلار ھەقىقدە ئابدۇقادىر دامۇللام ئىنىق قىلىپ مۇنداق يازغان : «بۇخارادا ھاشىيە خانلىقتىن زەھەرلەنگەن ئەقىل ۋە پىكىرىمىنىڭ شىپا تاپماقلىقىغا يەنە بىر سەۋەب : بۈيۈك ئالىملاردىن ئىبىنى تەيىميە، ئىبىنى قەيىم جەۋزىي، جامالدىن ئافغانى ۋە شەيخ مۇھەممەت ئابدۇ ھەزرەتلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى موتالىئە –مولاھىزە قىلماق ۋە ھازىرقى زاماندىكى ‹تەرجىمان › ‹ۋاقىت›، ‹شۇرا› كەبى پايدىلىق گىزىت ۋە ژۇرنال مەسلەكلىرىگە ئەگشمە بولىدى» بۇ نىڭدىن كۆرۋىلشقا بولىدۇكى، ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ ئىسلاھات ئېڭى ۋە جەدىتىلىك ئىدىيەسى بۇخارادىكى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ قايىتىپ كەلگەندىن كىيىن شەكللىنشكە باشلىغان.
9 `4 K; V+ ?# ~, \' Rئابدۇقادىر دامۇللام بۇخارادىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ 20-ئەسىرنىڭ ھارپىسىدا قەشقەرگە قايىتىپ كەلگەن، تۇنجى نىكاھى كۆڭلدىكىدەك بولماي، ئىككىنجى قىتىم نائىلە ئىسىملىك قىزىنى ئەمرىگە ئالغان. 1902-يىلى ئاۋغۇستىكى قاتتىق يەر تەۋرەشتىن كىيىن بىر يىل ئۆتكەندە ، يەنى 1903-يىلى 33يىشدا تۇنجى پەرزەنتى ئابدۇلئەزىزى مەخسۇم دۇنياغا كەلگەن، ئابدۇقادىر دامۇللام ئوقۇشىنى يىڭىدىن تۈگىتىپ كەلگەن ياش دامۇللام بولۇش سۈپىتى بىلەن قەشقەردىكى ئومۇمى ئىقىم ئىچىگە سىڭىپ كەتكەن. ئۇ، بىخ ھالىتىدىكى يىڭى قاراشلرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەسىر پەيدا قىلشقا پىتىنالمىغان. چۈنكى «ياۋرۇپا ئەللىرىدە مائارىپ-مەرىپەتچلىك ئىشلىرى تازا يۈكسىلۋاتقان شارئىتتا، ئۇغۇر جەمىئىيتىدە بۇنىڭ دەل ئەكسىچە جاھالەت، يەنى ئاڭ، بىلىم، پىكىرىدە قاراڭغۇلۇق ھۆكۈم سۈرۋاتاتتى.» ئابدۇقادىر دامۇللام قەشقەردە بىر مەزگىل مۇدرسىلىك قىلغاندىن كىيىن، ھەج پەرزىنى ئادا قىلغاچ چەتئەللەردىكى ئىسلاھات ئەھۋالىنى بىلىپ كىلش مەقسىتدە 1906-يىلى مەككىگە بارغان، ھەجىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئىستانبۇلدا ئىككى ئاي تۇرۇپ مىسىرغا بارغان. ئۆزىنىڭ يېزشىچە، مىسىردا تاتار تالىبلارنىڭ ياردىمىدە داڭلىق يىڭلىقپەرۋەر مۇتەپەككۇر شەيىخ رەشىد رىزا، «ئەللىۋا» ژۇرنىلنىڭ باشلىقى مۇستاپا كامىل، تەھزىرىيە مەدرسىنىڭ مۇدىرى سەيپىدىن مۇھەممەد ئەپەندى قاتارلىق زاتلار بىلەن پىكىرلەشكەن، ئىسلاھات رۇھىغا باي ئەدىب – ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ. ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيەلىرىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ، مىسىردا ئىككى ئاي تۇرۇپ، ئاندىن ۋەتنىگە قايىتقان. ئۇ بۇقىتىم غەيرەت قىلىپ قەشقەر ئاھالىسىنى تەرەققىيات ۋە جەدىتچىلىك ئىسلاھاتىغا دالالەت قىلشقا كىرشكەن. ئۇنىڭ ياشلارغا خاس قىزغىن ھېسىيات بىلەن قىلغان بۇ دالالەتلرى خۇراپاتلىق نادانلىق، قاششاقلىق ۋە ئۇچىغا چىققان مۇتەئەسپىكلىنىڭ قاتمۇ-قات چاڭ تۇزانلرىغا كۆمۈلۈپ قالغان قەشقەر دىيارىدا ئەكسىچە ئۈنۈم بەرگەن،

' S1 e1 w3 K' M
مۇتەئەسىپ ئۆلىمالار ئۇنىڭغا بىردەك ئۆكتە قۇپقان. ئىككى ئوتتۇرىدكى تۈپ زىدىيەت مەدرسە –مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش مېتودى – ساۋاق ئۇسۇلى ۋە ئۇقۇتۇش مەزمۇننى يىڭلاش، يىڭلماسلىق مەسىلسىگە مەركەزلەشكەن. ئابدۇقادىر دامۇللام ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە مەزمۇننى يىڭلاشنىڭ ئەھىميىتنى تونۇپ يەتكەن ئىلغار زات ئىدى. ئۇ، مەشھۇر تاتار جەدىتچلىرىنىڭ ئىدىيە-تەشەببۇلرىدىن خەۋەردار ئىدى. كونىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى قاتمال بولغاچقا جەدىتچىلەر قەتئى ئىسلاھات قىلشىنى تەلەپ قىلاتتى. داڭلىق تاتار جەدىتچى ئالىم رىزائىدىن ئىبىنى فەخىردىن (1858-1937) ‹‹ساۋاق (دەرس) ئۇسۇلىغا رىئايە ) دېگەن ماقالىسىدە كەسكىن قىلىپ «ساۋاق ئۇسۇلى ۋە تەربىيە قائىدىسى بۈيۈك ۋە شۇ نىسبەتتە مۇبارەك بىر پەن. ساۋاق ئۇسۇلىغا رىئايە ئەتىمىگەن مۇئەللىم ئۆز ئىتىبارسىزلىقى سەۋەبىدىن بالىلارنىڭ زېھنىلىرىنى ئەزىمەكتىن ئۆزگە بىر پايدا كەلتۈرمەس. بالىلار مۇنداق مۇئەللملەرگە بەرگەندىن كۆرە، ئۆزلىرىنىڭ تەبىئى ھاللىرىغا قالدۇرىغان ياخشىدۇر. ھازىر تەلىم رەۋشلىرى ( ئۇسۇللىرى، شەكللىرى) نى ئۆزگەرتىپ يىڭلاشقا زامان بىزلەرنى تەقەززار قىلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇزاق ئۇقۇتۇش مەزمۇننى يىڭلاشنىڭ زۆزۈرلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دىگەن : «رۇس ۋە پەرەڭلەر ( ياۋروپالىقلار) دە بولغان ئاجايىپ ئىختىرالارنىڭ بارچىسى پايىدلىق ئىلملەر تەلىم ئىتىلمەك سەۋەبىدن مەيدانغا كەلگەندۇر. ئۈستمىزدىكى كۆڭلەكلىرىمىز ، ئاستىمىزدىكى كۆرپىلىرىمىز، چانايۇ –ھارۋىلىرىمىز ھەتتاكى ساياھۇ- قەغەزلىرىمىز، قىسقىسى، يالىڭاچ تىنىمىزىدىن باشقا نېمىمزى بار بولسا، بارچىسى شۇلار قولىدىن ئىشلىنىپ چىققانلىقى، ئۇلاردا تەربىيە دۇرۇس بۇلۇپ، بىزلەردە دۇرۇس بولمىغىنى ئۆچۈندۇر. لىكىن بىزلەر قاچانغىچە ئەل- ۋەتەنىڭ رۇناق تىپىشى ئۆچۈن زەرىچە پايدا كەلتۈرمىگەن كىتاپلاردىن ساۋاق بەرمەك بىلەن بالىلارنىڭ زىھنىلرىنى زەھەرلەپ، ئىستقباللىرىنى بەربات ئىيتۇرىمىز ؟! »
! H- m0 E  R% u% S) x/ R
ئەمما قەشقەر ئۆلىمالىرى ئىسلاھات دىگەن ئاتالغۇغا بۇخارا مەدرسىلرىگە ئوخشاشلا سۇغۇق قارىغاچقا ئابدۇقادىر دامۇللامىنى قاتتىق چەتكە قىقىپ يىتىم قالدۇرغان نەتىجىدە ئابدۇقادىر دامۇللام قەشقەردە تۇرالماي، 1909-يىلى يەنە قۇقان، تاشكەنت، بۇخارا تەرەپلەرگە يول ئالغان.

' [% |4 u$ x9 H9 X) \
ئابدۇقادىر دامۇللام ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىگە بارغاندىن كىيىن بۇ جايلاردىكى يىپيىڭى جاللىنىش مەنزىرسىنى كۆرگەن قىرىملىق مۇتەپەككۇر ئىسمائىل غاسپرالى قۇزغىغان جەدىتلىك ھەركىتى بۇ يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلرىدە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلنۋاتاتتى جەدىتچە مەكتەپلەرنىڭ سانى تېز سۆرئەتكە كۆپىيۋاتاتتى «تەرەققى›،، «خۇرشىد» دىگەن گېزىتلەر نەشىر قىلنۋاتاتتى. مۇنەۋەر قارى ئابدۇ رەشىدخان ، ئابدۇللا ئەۋلانى، مەھمۇد خۇجا بەھبۇدى قاتارلىق جەدىچىلەر سەپىنىڭ ئالدىدا رۇل ئويناۋاتاتتى. ئابدۇرەئوف فتىرەت باشچىلىقدىكى جەدتچىلەر بۇخارى ئەمىرلىكى تەۋەسىدە بۇخارى ئەمىرىنىڭ تۇسقۇنلىقى ۋە بىسملىرىغا قارىماي ئوقۇتۇش ساھەسىگە ئوخشاش، سىياسى ساھەلىرىدىمۇ ئىسلاھات ۋە ئۇيغىنىش ۋەزىيىتىنى يارتىشقا تىرشماقتا ئىدى. قازان، ئورىنىۇرگ، ئوفا قاتارلىق شەھەرلەردىكى تاتار مەرىپەتچىلىرى بۇ مەزگىلىدە ئاللىبۇرۇن دەۋىرىنى يىتەكلەيدىغان ئالاھىدە تەسىرىگە ئىگە زىياللار قۇشۇنى بۇلۇو شەكللىنىپ بولغان ئىدى. ئۇلار ئالى مەكتەپلەرنى قۇرۇپ، گىزىت- ژۇرناللارنى چىقىرىپ، كىتاپلارنى نەشىر قىلىپ جەدىتىلىك يۇقىرى دۇلقۇنغا كۆتۈرۈپ بولغان ئىدى. ئەھمەد ھادى مەقسۇدى، رىزائىدىن ئىبىنى فەخردىن، يۈسۈف ئاقچۇرا، موسا جارۇللا، ھەسەن سەبىرى، قاتارلىقلار داھى سۈپەت جەدىتچىلەرگە ئايلانغان ئىدى. بەختىكە يارىشا، ئابدۇقادىر دامۇللام بۇخاراغا بارغان مەزگىلىدە بۇخارى ئۆلىماللىرى ئىدىيەدە مۇئەييەن دەرىجىدە ئۆزگىرىش ياسىغان بولۇپ، ئىلگىرى «ئۇسۇلى جەدىت ھارام، ئۇنى ئۇقۇغۇچى دەھرى» دىگەن پەتىۋا ئورنىغا «ئۇسۇلى جەدىت ۋاجىب، ئۇنى ئوقۇش زۆزۈر» دېگەن پەتىۋانى مەيدانغا چىقارغان ئىدى. بۇخارا تاجىكلىرى ئارىسىدن چىققان جەدىتچى ئەدىب سەدردىن ئەينىنىڭ يېزىشچە، ئىسمائىل غاسپىرالى 1908-يىلى بۇخارا ئەمىرلىكىگە زىيارەتكەن كەلگەندە جەدىتچە مەكتەپ ئىچىش مەسلىسنى موزاكىرە قىلش ئۆچۈن ئۆلىمالارنى چاقىرىغان. مۇزاكىرىدە مۇللا نىزامى دىگەن كىشى بۇخارا ئەمرى ئابدۇلئەھەتتىن مەكتەپ ئىچشقا مەخسۇس ئورۇن كۆرسىتىپ بىرشىنى ئىلتىماس قىلغان. مۇزاكىرىگە قاتناشقانلار مەكتەپنىڭ ئىسمىنى «ئىسمائىلىيە» قۇيۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما ئىسمائىل غاسپىرالى بۇنى مۇۋاپىق كۆرمەي، بۇخارا ئەمىرنىڭ دادسى مۇزەففەرىددىننىڭ ئىسمى بۇيىچە «مۇزەففەرىيە» قۇيۇش تەكلىپىنى بەرگەن مانا بۇنڭدىن جەدىتچە مەكتەپ ئىچىش بۇخارا ئەمىرلىكى تەۋەسىدە ئۆلىمالار ۋە ئەمىزنىڭمۇ ئىدىيەسىدىن ئۆتۈپ، ئومۇمى قىزغىنلققىا ئايلانغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ.
) E, X0 V3 E+ \) ?
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چوڭ شەھەرلەردە جەدىتلىك ھەرىكتنىڭ بۇنداق تېز جانلىنشىغا 1905-يىلىدىن 1908-يىلغىچە بولغان قىسقىغىنە تۆت يىل ئىچىدە چاررۇسىيە، ئىران ھىندىستان ۋە ئوسمانلى ئىمپىرىيەسىدە يۈز بەرگەن ئىنقلابلار سەۋەب بولغان ئىدى.
. R( P6 g0 y3 J0 D
1904-يىلى پارتىلغان چاررۇسىيە بىلەن پاپۇنىيە ئوتتۇرسدىكى ئۇرۇشتا رۇسىيە مەغلۇپ بۇلۇپ، خەلىقئارادا ئىغىر ئاھانەتكە قالغان. شۇ سەۋەبتىن چار پادىشاھىنىڭ مۇستەبىتلكىدىن نارازى بۇلۇپ كىلۋاتقان پىتىربۇرىگە ۋە موسكۋا شەھەرلىرىدىكى زىياللىلار ۋە ئىشچىلار 1905-يىلى ئىنقلاب قۇزغىغان. بۇ قىتمىقى ئىنقىلاب ئارقىلىق چار پاھىشاھ نىكۇلاي (2) شۇ يىلى ئۆكتەبىردە ‹‹ئۆكتەبىر باياناتى» نى ئېلان قىلىپ دۇما تۈزۈمى، سۆز ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى، ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىنى يولغا قۇيۇشقا مەجبۇر بولغان. ئۈچ يىلچە داۋام قىلغان بۇ خىل دىمۇكىراتىك سىياسى مۇھىت رۇسىيەنىڭ زۇلىمىنى چىكىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلىقلەرنىڭ مىللى ۋە سىياسى ئىڭنىڭ شەكلللىنشىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. نەتىجىدە، ھەرخىل ئىجتىمائى، سىياسى تەشكىلات بارلىققا كەلگەن. رۇسىيە ئىنقىلابىنىڭ تەسىردە شۇ يىلى پىرىسيە، يەنى بۈگۈنكى ئىراندا بۇرژۇئا ئىنقىلابى قۇزغالغان. تېھىران خەلىقى كەڭ كۆلەملىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ ساتقىن باش ۋەزىرنى ۋەزىپسدىن قالدۇرۇشىنى، ،ئسلاھات ئىلىپ بىرشىنى تەلەپ قىلغان. خەلىقىنىڭ بىسىمى ئاستىدا پىرىسىيە پادىشاھى 1906-يىلى ئىيۇلدا خەلىقىنىڭ ئىشەنچسىدىن قالغان باش ۋەزىرنى ۋەزىپسىدىن قالدۇرىغان ھەم مىللى پارلامېنىت تەسس قىلشقا قۇشۇلغان. 1906-يىل 7-ئۆكتەبىردە پىرىسيەنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك بۇرژۇئازىيە قانۇننى ماقۇللانغان. ئۇنىڭدا پىرسىيە پادىشاھلىق ئاساسى قانۇنلۇق دۆلەت، پارلامېنىت ئەڭ ئالى ھۇقۇقلۇق ئورگان، پۇقرالارنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، مەتبۇئات، سۆز ئەركىنلىكتىن ۋە مائارىپتىن بەھىرىمان بولۇش ھۇقۇقىغا ئىگە، خۇسۇسى مۈلۈك دەخلىسىز ؛ ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى، دەپ بەلگىلەنگەن. ئىسلامىيەت دۇنياسىنى زىلزىلىگە سالغان بۇ ئىسلاھاتتىن بۇرژۇئازىيە سىنىپى شەكللىنىپ بولغان مىللەت ۋە رايۇنلار كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇزاقتىن بىرى بىرىتانىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ دەردىنى تارتىپ كىلۋاتقان ھىندىستاندا گەندىنىڭ رەھبەرلىكىدە 1905-يىلى مىللەتچى سىياسى تەشكىلات ‹‹ھىندىستان ئاپتۇنۇمىيە ئىتپاقى»قۇرۇلغان . 1906 –يىلى دىنى سىياسى تەشكىلات ‹‹ھىندىستان مۇسۇلمانلار ئىتپاقى قۇرۇلغان»، ئاغاخان رەئىسلىككە سايلانغان، ھىندىستاندىكى بۇ ئىنقىلابى تەشكىلاتلار تۈرلۈك يول بىلەن بىرىتانىيە مۇستەنلىكچىلىرىگە قارشى ھەىكەتلەرنى قانات يايدۇرغان. بۇ، تەبىئى ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىجتىمائى ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرىشغا قىزغىن ئىلھام بەرگەن. 1908-يىلى لىڭىشىپ قالغان ئوسمانلى ئىمپىريىسىنىڭ مەركىزى ئىستانبۇلدا «بىرلىك ۋە تەرەققىيات جەمئىيتىنى» قۇزغىغان. ‹‹مۇستەبىت سولتان» دەپ نام ئالغان ئابدۇلھەمىد پارلامېىت تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇشقا مەجبۇر بولغان. بۇ ئىنقىلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى خەلىقلەر ئىچىدىكى ئىلغار كۈچلەرنىڭ قەلبىنى زەرەتلىگەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىى غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنشكە كىرشكەن. ئابدۇقادىر دامۇللام ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلرىدە 1905-يىلدىن 1910-يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ئىسلاھات ئۆزگىرشلىرىدىن چوڭقۇر ئىلھام ئالغان.

! |+ Y& H6 Y) |+ i) p3 s% T5 K
ئابدۇقادىر دامۇللام قوقان، تاشكەنت، ۋە بۇخارادا بىر مەزگىل تۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلاھاتچىلرىنىڭ جەدىتچلىرىنىڭ ئىسلاھات تەجىربىلرى، جەدىتلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن يىقىندا تونۇشقاچ ‹‹جاۋاھىرۇل –ئىيقان»، «مىفتاھۇل- ئەدەب» («ئەدەبىيات ئاچقۇچى») نامىلىق كىتابلرىنى پۈتكۈزگەن، «مىفتاھۇل – ئەدەب» 1910-يىلى سىراجىدىن مەخدۇمىنىڭ كۆچۈرگەن قوليازمىسىغا ئاساسەن تاشكەنتىكى «غۇلامىيە» مەتبەسىدە بىسىلغان. شۇ جەريانىدا ئابدۇقادىر دامۇللام يەنە تاشكەنتىلىك موراد خوجا پارىسچىدىن تەرجىمە قىلغان «تۈركى گۈلىستان» ناملىق كىتابقا تەكلىپ بىلەن شېئىرىي تەقرىز يازغان. ئابدۇقادىر دامۇللام پىكىرى ئۆتكۈر، بىلىمى مول، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئۈستۈن، ئارزۇسى كۈچلۈك كىشى بولۇش سۈپىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا جەدىتچىلرى بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋەت شەكىللەندۇرگەن. ئۆزىنىڭ ئىسلاھات نىيىتى، جەدىتچە مەكتەپلەرنى ئىچىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۆچۈن «بىدايەتۇس-سەرپ»، «بىدايەتۇن –نەھۋى»، «تەسھىلۇل –ھېساب» قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ قەشقەرلىك تەرەققىپەرۋەر سودىگەرلەر نوززرادە ھاجى مۇھەممەد ئەلى، ئابدۇرېمئاخۇن، مەھمۇد ئاخۇنلارنىڭ ئىقسادى ياردىمى بىلەن قازان شەھىرىدىكى «مىللەت» مەتبەسىگە بېسىپ بىرىش ھەم قەشقەرگە ئەۋەتىپ بېرشىكە تاپشۇرۇپ بىرشىكە تاپشۇرۇپ بەرگەن، ئۇ تاشكەنىتىكى مەزگىلىدە تۈزگەن «مىفتاھۇل- ئەدەب» نامىلق كىتابىنىڭ مۇقەددىمسىدە سەمىمىيلىك بىلەن پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلرىدىكى تۈركى خەلىقلەرنىڭ ئىقتىدارلىق كىشلىرىگە «ئىلگىرى ياخشى ئالىملارنىڭ يولىدا مېڭىپ، مەنپەئەتلىك ئالىم ۋە ئالى مائارىپىنى قولغا كەلتۇرۇشكە ترىشقايلا» دەپ مۇراجىئەت قىلغان. بۇ پاكىتلاردىن بىز ئابدۇقادىر دامۇللانىڭ نوپۇزىنىڭ كۈچىيىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىرىدىكى ئابرۇيلۇق ئۆلىمالار ۋە جەدىتچىلەردىن بىرى بولۇپ قالغانلىقىدىن ھىس قىلالايمىز. دېمەك ئۇ ئانا ۋەتنىدە تاپالمىغان ئابرۇي ئىناۋەتنى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلرىدە تاپقان. ئەمما، ئۇنىڭ تۈپ غايسى ئانا ۋەتىندىكى جاھالىيەت تۈتۈكلىرى ئىچدە تىمسىقلاپ يۈرگەن مەزلۇم قىرىنداشلىرىنى ئادەمدەك ئاڭ ۋە ئارزۇ بىلەن ياشاش يولىغا باشلاش ئىدى. ئابرۇي –ئىناۋىتى ئېشىپ، ئىشەنچىسى كۈچىيىپ، غايسى پىشىپ يىتىلگەن ئابدۇقادىر دامۇللام تەرەققىيات ۋە يىڭىچە مائارىپىنى يولغا قۇيۇش جەھەتتە شىنجاڭ بۇيىچە ئالدىدا كىتىۋاتقان شەھەر – غۇلجىغا 1911-يىلى ئالما-ئاتا ئارقىلىق كەلگەن. بۇ يىللاردا غۇلجىدا ئاكا –ئۇكا مۇسابايېفلار ۋە غۇلجا تەۋەسىگە يىڭىدىن كەلگەن تاتار مەرىپەتچىلىرى ئاچقان يىڭچە مەكتەپلەر دەسلەپكى قەدەمدە شەكللەنگەنىدى. ئابدۇقادىر دامۇللام غۇلجىغا ئىلغارلىققا داڭلىق ئۆلىما ئابدۇمۇ تائالى خەلىپەم بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇنىڭغا جەدىتچىلىكىنى تەشۋىق قىلغان. «ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ دىن بىلەن پەننى بىرلەشتۈرۈش، ئوقۇتۇشقا بىرقىسىم دۇنياۋى پەننى كىرگۈزۈش، ئۇسۇلى جەدىتنى يولغا قويۇش تەشەببۇسلرىنى ئابدۇمۇ تائالى خەلىپەمىنىڭ ئىشەنچىسنى تىخمۇ ئاشۇرغان. نادانلىق ۋە جاھالەتكە قارشى تۇرۇپ، خەلىقىنى ئۇيغۇتىش پائالىيەتلرىنى تىخمۇ كۈچەيىتكەن.»
1 k4 n+ M$ A6 I" l
ئابدۇقادىر دامۇللام بۇ قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇھىم شەھەرلەردە ئىلىم زىيارىتىدە بولۇپ، ئەينى يىللاردىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاتار مەرىپەتچىلىرى يولغا قويغان يىڭىچە ئوقۇتۇش مېتۇدى -‹‹ئۇسۇلى جەدىتى» (ئۇسۇلى سەۋتىيە )نىڭ ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى -«ئۇسۇلى قەدىمىي ) دىن كۆپ ئىلغار ھەم ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن. بۇ قىتىم ئۇنىڭ جەدىتچىلىك ئىدىيەسى ھەقىقى مەنىدە شەكىللىنىپ، بۇ خىل يىڭى ئىسلاھاتنى قەشقەردە ئىككىلەنمەسىتىن يولغا قويۇگش ئىرادىسىگە كەلگەن ھەم 1912-يىلى قەشقەردە ئۆزى باش بولۇپ جەدىتچە مەكتەپ ئاچقان.
, V$ k8 A7 c- O- \* |  S  o
قەشقەر گەرچە تارىختا ئىلىم –مەرىپەت سۈپىتىدە دۇنياغا شۆھرەتلەنگەن مەشھۇر شەھەر بولسىمۇ، كىيىكى كۈنلەرگە كەلگەندە گويا كۆز تەگكەندە، جاھالەتتە قالغان شەھەرلەر قاتارىدا سانىلىدىغان بولۇپ قالغان، تاتار زىيالى نۇشېرۋان يائوشىفنىڭ سۆزى بويىچە ئىيتقاندا، «تارىختا ئىلىم –مەرىپەت نۇرى بىلەن يەر-كۆك ئارىسىنى نۇرغا چۆمۈلدۇرگەن» بۇ شەھەر شۇ يىللاردا «مەدەنىيەت قۇياشىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم ھالەتتە جانسىز ۋە ھەرىكەتسىز» ئۆلۈك شەھەرگە ئايلىنىپ قالغانىدى، قەشقەر مەدرسە مائارىپى خېلىلا ئومۇملاشقان بولسىمۇ، لېكىن تەلىم –تەربىيە ئۈنۈمى تۆۋەن ئىدى. سەۋەبى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى قاتمال، ئوقۇتۇش مەزمۇنى چولتا ئىدى. بۇنداق مەدرسە مائارىپنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشۋاتقان رىئال ئىجتىمائي كىرىزىسىنى ھەل قىلشقا نۆۋەتتىكى مىللى ئىچتىاجىنى قاندۇرۇشقا ماجالى يەتمەيىتى. ئوقۇتۇشقا سەرىپ قىلدىغان ۋاقىت زىيادە كۆپ ئىدى. نۇرىدىن ئابدۇراھمان جامىينىڭ ئەرەب تىلى نەۋھىگە ئائىت «كافىيە» نىڭ ئىزاھى بولغان «شەرھى موللا» كىتابىنى ئوقۇش ئۆچۈنلا بەش يىل ۋاقىت كىتەتتى. «مۇقەددىماتى مەنتەقىيە»، «مەۋھۇمە يۇنانىيە» دەرسىلرى كۈچەپ ئوقۇتۇلاتتى. ‹‹سەرب»، «مۆئزىي» «زەنجانىي»، «ئاۋامىل» قاتارلىق گىرامماتىكا كىتابلرىنى بەش-ئالتە يىللاپ ئوقۇتاتتى. دەرسىلەرنىڭ ئىچىدە ساپ ئەقىدىگە ياتىدىغان بىلىملەرگە سەل قارىلىپ، تەسەۋۋۇپ نامايەندىلىرنىڭ كىتابلىرى كۈچەپ ئوقۇتۇلاتتى.

7 R/ h4 C9 ~# H  [! ?
شۇڭا قەشقەردە «گەپنى ھە دېسىلا ھاپىز بىلەن مەۋلىۋى جامىينىڭ ئەسەرلىرىدىن باشلايدىغان، ھەرخىل لەتىپە ۋە ئەبۇ مۇسلىم قاتارلىقلارنىڭ جەڭ قىسىسەلىرىنى بىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى مەلۇماتى مول بىلىملىك ئادەم» سانىلاتتى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئابدۇقادىر دامۇللام ئوتتۇرا ئاسىيا جەدىتچىلىرىگە ئوخشاش ئىشنى ئالدى بىلەن جەدىتچە مەكتەپ ئېچىپ، مەدرسە مائارىپىنى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ۋە مەزمۇنى جەھەتتن تەڭ ئىسلاھ قىلشىنى باشلىغان. كەلگۈسىدە ئۆزىگە قول –قانات بولۇشقا يارايدۇ دەپ قارىغان زېھىنى ئوچۇق ياش تالىبلارنى ۋە بىر قىسىم شاگىرتىنى تۈرلۈك ئامال بىلەن چەت ئەللەردىكى ئىسلاھات ئىدىيەسى بۇيىچە ئوقۇتۇلىدىغان جايلارغا ئوقۇشقا چىقارغان. ئوقۇشقا چىقىرىلغان بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىراجىتىنى 1911-يىلى ئىستانبۇلدا ئابدۇرەئوف فىتىرەت، ئوسمان خۇجا، ئابدۇلئەزىزى غۇلجائىي، مۇقىمىدىن بەگجانىي ۋە سادىق ئاشۇر ئوغىلى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان ھەيئەت تەرىپدىن قۇرۇلغان «بۇخارا مەرىپەت جەمىئىيتى» ئۈستىگە ئالغان.' g: l# g1 q( I+ B5 @% \
ياپونيىلىك تەتقىقاتچى ئويىشى شىنيىچىرو «قەشقەردىكى يىڭلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى» نامىلق ماقالىسىدە «دانا ئىسلاھاتچى، ئۆلىما ئابدۇقادىر دامۇللام 1912-يىلى قەشقەر شەھىرىدە يىڭچە مەكتەپ ئاچقان، ئابدۇقادىر دامۇللام قەشقەر قاتارلىق تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ۋادىسى ئەتىراپىدىكى جايلاردا مۇسۇلمانلارنى يېڭىچە مائارىپتا تەربىيلەش ئۆچۈن ئوقۇتقۇچى تەكىلىب قىلش بىلەن بىرگە، ھەر يىلى ئىستانبۇل، قازان، ئوفا، ئورىنبۇرگ قاتارلىق ئىلغار مۇسۇلمان يۇرتلىرىغا 10-15تىن ئوقۇغۇچى چىقىرىپ تۇرغان» دەپ يازغان.
' f4 u, K+ M$ }4 ^ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيەسىنىڭ روشەن ھالدا كۈچىيىپ، پائالىيەتلىرىنىڭ جانلىنىپ، مۇنەۋەر بىر جەدىتچىگە ئايلىنشىدا قىرىم، قازان، ئوفا، ئورىنبۇرگدىكى تاتار زىيالىلارنىڭ جەدىتلىك پائالىيەتلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا، بولۇپمۇ تاشكەنت، سەمەرقەنتكى ئۆزىگە ئوخشاش ئاڭ ۋە ئارزۇدىكى ياش-ئۆلىمالارنىڭ مەرىپەتچلىك ھەرىكەتلىرى كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن.
* }+ Q- W- E& J# W
ئىسمائىل غاسپرالىنىڭ «تىلىدا، دىلىدا، ئىشتا بىرىلىك» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش شۇئارى ئوتتۇرا ئاسىيا مىللى ئۇيغۇنىش ھەرىكەتلرىنىڭ بارلىققا كىلشى، جەدىتچە مەكتەپلەرنىڭ تەسس قىلنشغا تۈرتكە بولغان، ھەرقايسى تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئويغانغان زىياليلىرى ئۆزىنىڭ مىللى غايلرىنى تۇرغۇزۇپ، زامانۋىلىشش، ئىلغارلىق، تەرەققىيات، گۈللىنش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنشكە كىرشكەن. موتەئەسىپىلىك بىلەن ئىلغارلىق خراپاتچىلىك بىلەن مەرىپەتچىلىك، تەركىدۇنياچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتچىلىك ئوتتۇرسىدىكى بۇ كۈرەش ناھايىتى كەسكىن ھەم مۈشكۈل بولغان. بۇ جەرياندا مىللى غايىلرى پىشىپ يىتىلگەن تاتار مەرىپەتچىلىرى ناھايتى مۇھىم رول ئويىنغان.

بۇلبۇل ناۋاسى - ئۇيغۇر موقامى

0

تېما

11

يازما

11

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 129278
يازما سانى:
11
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
13
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
0 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-10-31
ئاخىرقى:
2015-10-31
ۋاقتى: 2015-12-7 00:06:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ نىيەتلىرىگە لايىق ئ‍ەجىر بەرسۇن ،

0

تېما

1

يازما

1

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 131755
يازما سانى:
1
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
11
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
3 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-12-7
ئاخىرقى:
2016-1-12
ۋاقتى: 2015-12-7 01:49:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Yahxi

2

تېما

203

يازما

205

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 131281
يازما سانى:
203
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
433
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
219 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-11-30
ئاخىرقى:
2016-1-18
ۋاقتى: 2015-12-7 04:33:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك دۇردانىلەر بىلەن ئۇچراشتۇرغانلىقىڭىزغا رەھمەت .

32

تېما

292

يازما

324

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 119911
يازما سانى:
292
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
948
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
254 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-5-25
ئاخىرقى:
2016-3-30
ۋاقتى: 2015-12-7 04:33:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسلام بىلەن ئىلىم-پەننىڭ بىر-بىرىگە زىت ئەمەسلىكىنى تەكىتلەشكە جۈرئەت قىلغان ئۇلۇغ ئالىم...

بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ناھايىتىمۇ قاتتىت يامغۇر ياغدى!كەيپىيات نۆل!

1

تېما

701

يازما

702

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 72586
يازما سانى:
701
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
5683
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
618 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-1-5
ئاخىرقى:
2016-3-27
ۋاقتى: 2015-12-7 09:45:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئەكەپسىز. ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

5

تېما

2971

يازما

2976

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 82336
يازما سانى:
2971
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
8485
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
2376 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-7-1
ئاخىرقى:
2016-3-30
ۋاقتى: 2015-12-7 10:47:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجدادلار ئۈگۈتلىرى ھەققەتەنمۇ ياخشى ..  ئەپسۇس  ھازىر  مائارىپ  ئارلاش ،ئەبجەش  مائارىپ بولۇپ قالدى...   ئاتا-ئانا مىھرى  ، ئۈگۈتلرى  بارغانسىرى  باللاردىن يىراقلىشۋاتىدۇ...        
- o7 {( V: r, @  V& g0 k; y$ b
. |  t$ l7 Y' V1 W- Y   كۆزلەر تىكىلمەكتە، سۈكۈت ئىچىدە كۈتمەكتە.....

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-2 03:55 AM, Processed in 0.190437 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش