مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4655|ئىنكاس: 3

ئىككى ھىكايە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

51

تېما

604

يازما

655

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 96454
يازما سانى:
604
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2506
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
470 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-7-27
ئاخىرقى:
2016-1-30
                                                 ‹‹قاناتلىق›› گەپ' r  s( E' O: @( \& `$ q
: H: @# S4 ], Q, q, s3 i2 s- C
                                           (ھىكايە)
خەنجىرى                           
كىچىك ۋاقىتلىرىمدا بوۋام دائىم شۇنداق دەيتتى: نەۋرەم، سىز باشقىلارغا ھەر قانداق گەپ قىلغاندا قاتتىق دىققەت قىلىڭ. بىرەر ئېغىز گەپ ۋاقتى كەلگەندە سىزنى ھەر نىمە قىلسا قىلالايدۇ. شۇنى ئىسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭكى، مەيلى ياخشى گەپ ياكى يامان گەپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، شۇ گەپلەرنىڭ قانىتى بولىدۇ. مەن شۇ چاغلاردا كىچىك بولغاچقا بوۋامنىڭ دىگەن گەپلىرىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەي: بوۋا، گەپنىڭ قانداق قانىتى بولىدۇ، ئۇ ياكى قاناتلىق ئۇچار جانىۋار بولمىسا، دەپ سورىسام، ئۇ ماڭا قاراپ – نەۋرەم سىز ھازىر كىچىك چۈشىنەلمەيسىز. كىيىنچە سىز چوڭ بولۇپ ئەقىل تاپقاندا بۇ گەپلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنسىز دەپ جاۋاب بىرەتتى. كىيىن قانچە ئويلانغان بولساممۇ بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمىدىم. ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتكەندە بوۋام تۈگەپ كەتتى. كاللامدا يەنە ھېلىقى گەپ ببار ئىدى. مەنمۇ شۇ چاغدا چوڭ بولۇپ مەكتەپكە كىردىم ، ئەقىل تاپتىم. بىر كۈنى سىنىپتا تۇيۇقسىز قاملاشمىغان بىر ئېغىز قىلىپ سالدىم. كىم بىلسۇن، بۇ گەپ ئىنتايىن تىزلىكتە پۈتۈن سىنىپقا تارقاپ بولدى. چۈشتىن كىيىن بۇ گەپنىڭ مەكتەپتىكى باشقا  بالىلارنىڭ ئاغزىدىنمۇ چىقىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلىپ قالدىم. شۇ ھامان كاللامغا بوۋام ھايات ۋاقتىدا ئېيتقان ھېىلىقى -‹‹ ئىسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭكى، مەيلى ياخشى گەپ ياكى يامان گەپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، شۇ گەپلەرنىڭ قانىتى بولىدۇ›› دىگەن گېپى كەلدى- دە، نۇرغۇن ئىشلارنى چۈشىنىۋالدىم. توغرا، بوۋام ھەقىقەتەن توغرا دەپتىكەن. مەيلى ياخشى ياكى يامان بولسۇن، ئۇلارنىڭ قانىتى بار ئىكەن( يەنى ئېغىزدىن چىققان ھەر قانداق بىر گەپ شۇ ھامان ئىنتايىن تىز سۈرئەتتە تارقىلىدىكەن). ياخشى گەپ چىقسا ئەھۋالى ياخشى بولىدىكەن، يامان گەپ چىقسا يىنىك بولسا ئادەم يەرگە قارايدىكەن، ئېغىر بولسا ئادەم تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئىشلارغا يولۇقىدىكەن.   
2 b0 y: I8 P. N, y5 y; g                                                     سەن ئۈچۈن) \1 H1 v9 F7 F) j% b, g! A' A; u
(مىكرو ھىكايە)
خەنجىرى                                                                           
دىلمۇرات بۇ يىل توققۇز ياشقا كىرگەن بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3- يىللىقىغا يېڭىدىن كۆچكەن ئىدى. ئائىلىسى باشقىلارغا قارىغاندا باياشات بولۇپ، ئۆيىدىكىلەر دىلمۇراتنى سەل يامان ئۆگىتىپ قويغانىدى. ئەمما دىلمۇرات نىمىلا دىگەن بىلەن تىرىشچان ئىدى. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر مەزگىل دەرسكە تولۇق قاتنىشالمىغاچقا دەرستە ئاجىز ئىدى. شۇڭا دەسلەپكى مەزگىللەردە دەرستە قىينىلىپ قالدى. بىر جۈمە كۈنى ماتىماتىكا دەرسىدە بىر مەسلىنى يىشەلمەي ساۋاقداشلىرىدىن سورىدى، ئەمما ساۋاقداشلىرى ئىچى تارلىق قىلىپمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ ئىشقىلىپ، مەسلىنى يىشىپ بىرىشكە ئۇنىمىدى. شۇنىڭ ئۇ ئوقۇتقۇچىسىدىن سورىماقچى بولدى، بىراق كەچ چۈشۈپ كەتكەچكە سورىيالمىدى. دۈشەنبە كۈنى ئەتتىگەندە كىلىپ سورىماقچى بولدى. ئوقۇتقۇچىسى شۇ  يەكشەنبە كۈنى قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلىقتىن مەسىلىنى سورىيالمىدى. باشقا ئوقۇتقۇچىلاردىن سوراشقا تېخى خىجىل بولدى. ئەتىسى بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئالگىبرا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ھەدىسى دىلنىگارغا تېلىفۇن قىلىپ ، مەسىلىنى يىشىپ بىرىشىنى ئېيتىۋىدى، دىلنىگار قەتئىي ئەمما سىلىق تەلەپپۇزدا – ئۆزۈڭ يەش» دەپلا تېلىفۇننى قويۇۋەتتى. دىلمۇرات: ھەدەم ئالدىراش بولسا كىرەك، دەپ ئويلاپ ئەتىسى سورىماقچى بولدى. بىراق ئەتىسى يەنە ئوخشاش جاۋابقا ئىرىشىپ كۆڭلى يېرىم بولدى-دە، بۇ ئىشنى ئاتا- ئانىسىغا دىدى. ئاتا- ئانىسى دىلنىگارنىڭ نىمىشقا شۇنداق قىلدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئۇقالماي ئۇ ئۆيگە كەلگەندە سوراپ باقماقچى بولدى. چارشەنبە كۈنى بىرىنچى سائەتلىك دەرس ۋاقتىدا دىلمۇراتنىڭ ساۋاقدىشى بىر پارچە خەتنى بەردى. دىلمۇرات يوشۇرۇنچە خەتنىڭ ئادىرىسىغا قاراپ ھەيران قالغان بولسىمۇ، لىكىن دەرسكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن خەتنى ئوقۇماي ئارام ئېلىش ۋاقتىدا كاللىسىنى ئارام ئالدۇرغاچ خەتنى ئوقۇدى. خەت ئەسلى ئۇنىڭ ھەدىسىدىن كەلگەن بولۇپ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى: ئۇكام قانداق ئەھۋالىڭ، ياخشىمۇ سەن؟ ئۆيدىكىلەر نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ. ھەممىڭلار تىنچ- ئامانمۇ؟ ئۇكام گەپنى ئۇزۇن قىلماي قىسقىلا قىلىپ ئېيتاي. سەنمۇ ئەقىل ئىگىسى بولغاندىكىن قالغىنىنى ئۆزۈڭ ئويلاپ ئىش قىلارسەن. سەن قايسى كۈنى ھېىلىقى مەسىلىنى يىشىپ بەر دەپ تېلىفۇن قىپتىكەنسەن. مەن سىنىڭ ھەدەڭ بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇ مەسىلىنى يىشىپ بەرسەم ئەلۋەتتە بولاتتى. ئويلىنىپ باقسام، ساڭا ياردەملىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بەرسەم قارىماققىلا ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك قىلىپ ، ئەمەلىيەتتە ساڭا زىيانكەشلىك قىلغان بولىدىكەنمەن. چۈنكى سەنمۇ بۇنىڭدىن كىيىن چوقۇم مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشۈڭنى ئۆگىنىشىڭ كىرەك. ھازىردىن باشلاپ باشقىلارغا تايىنىپ ياشاشنى ئۆگىنىپ قالساڭ كىيىن قانداق قىلىسەن؟ مەنغۇ ھازىر ساڭا ياردەملىشىپ مەسىلىنى يىشىپ بىرەرمەن. بۇنىڭدىن كىيىن داۋاملىق شۇنداق قىلالىشىم مۇمكىنمۇ؟ ياق، مەن ھەرگىز بۇنىڭدىن كىيىن داۋاملىق ئۇنداق قىلالمايمەن. ئاتا- ئاناممۇ بىر ئۆمۈر ساڭا يار- يۆلەك بولالمايدۇ.                                                                                                                                   خەير- خوش ئامان بول، ئۆيدىكىلەرگە سالام ئېيت
                                        خەتنى ئوقۇپ دىلمۇرات بىر ھازا ئويغا چۆكۈپ قالدى. كاللىسىغا بۇ خەتتە دىيىلگەن گەپلەر كىرىۋېلىپ  بىر سائەت دەرس ۋاقتىنىڭ قانداق توشۇپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمىدى. چۈشتە دىلمۇرات بۇ گەپلەرنىڭ مەنىسىنى ئاخىرى چۈشىنىپ ھەدىسىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن  ھەدىسىنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.
ئاپتور: مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا يېڭى بازار ئىجتىمائى رايونى(3- ئاھالە كومىتىت)دىن
2015- يىل 11- ئاي 6- كۈنى مارالبېشى سېرىقبۇيا   
  z5 P+ z" \  V. c  ^بۇ ئەسەرلەر بۇندىن 13يىل بۇرۇنقى يېزىلغان ئەسەرلەر بولغاچقا ، ئەنە شۇ ۋاقىتلارنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە ھېچقانداق تۈزىتىش كىرگەۈزمەيلا يوللاندى
. ^& y" R. J( ^! z; M( ^

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

1

تېما

695

يازما

696

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 72586
يازما سانى:
695
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
5653
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
608 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-1-5
ئاخىرقى:
2016-1-27
ۋاقتى: 2015-12-6 04:17:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغا تەشەككۈر، گەرچە مەزمۇنى قىسقا بولسىمۇ ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ....

0

تېما

4

يازما

4

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 129414
يازما سانى:
4
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
39
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
9 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-11-2
ئاخىرقى:
2016-1-11
ۋاقتى: 2015-12-6 17:54:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممىتى بار ئىكەن .

ئابدۇرەھىم تۇرغۇن(قەشقەر ئوغلى

16

تېما

709

يازما

725

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 125431
يازما سانى:
709
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2446
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
336 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-8-28
ئاخىرقى:
2016-1-30
ۋاقتى: 2015-12-6 21:33:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز تەشەككۇر

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-1-31 06:15 AM, Processed in 0.035417 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش