ئېكراندىكى دېھقان«چولپان»لار ھەر شەھەردە
/ P( ~6 Q/ }4 \5 ?2 b0 O0 J
1 K8 l S9 l! E* s+ E8 m/ v9 N
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سەھنىلەردە ۋە ھەر دەرىجىلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسلىرىدا ھەر خىل سەنئەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ ھەم سەنئەت پىروگراممىللىرى ئىشلىنىپ،جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى سەنئەت ئىقتىدارى بار كىشىلەرنىڭ ئېقتىدارىنى جارىي قىلدۇرىشىغا كەڭ سەھنە ھازىرلىنىش بىلەن بىرگە،مۇشۇ ئارقىلىق زامانىۋىي مەدەنىيەت ئەۋىج ئالدۇرۇلۇپ،ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشكە ئاساس سېلىنماقتا.شۇنىڭ بىلەن بىرگە،مۇشۇ سەھنىلەر ئارقىلىق،ئىلگىرى نامى چىقمىغان سەنئەتكارلار «چولپان»غا ئايلىنىپ تونۇلماقتا.تۆۋەندە مەن ئىلگىرى تېلېۋىزىيە ئېكرانىدا كۆرگەن،كېيىن چوڭ-كىچىك ئىككى شەھەردە ئۇچىراتقان ئىككى دېھقان«چولپان»ئۈستىدە توختالماقچىمەن.(«چولپان»ئاتالغۇسى ئاسان ئېرىشكىلى بولىدىغان كىچىك«قالپاق»ئەمەس،لېكىن مەن بۇ يازمامدا دېھقانلار تىلى بۇيىچە«چولپان»دەپ ئېلىپ تۇردۇم)
1 P, Q7 _4 A# w& j0 R8 c. lئىسكىرىپكىچى بوۋاي
v, G; F# L' O0 t1 G' z% i3 a) i
4 S! s/ L1 D, P9 l11-ئاينىڭ باشلىرىدا مەن ئاقسۇ شەھىرىنىڭ كوچىسىدا كېتىۋېتىپ،ۋىلايەتلىك«شىنخۇا كىتابخانىسى»نىڭ قېشىغا كەلگىنىمدە،ئەتىراپتىن بىر مۇڭلۇق ئىسكىرىپكا مۇزىكىسى ئاڭلاندى.ئەتىراپقا قارىسام پىيادىلەر يولىنىڭ قىرىدا بىر ئۇزۇن ئاپپاق ساقاللىق بوۋاي ئالدىغا داستىرخان سېلىپ ئولتۇرۇپ،ئىسكىرىپكا چېلىپ مۇزىكا ئورۇنلىغىلى تۇرۇپتۇ.ئىسكىرىپكا كىچىك بىر ئاۋاز ياڭراتقۇغا چېتىلغان بولغاچقا،مۇزىكا شۇنداق ياڭراق چىقىۋاتاتتى.بوۋاينىڭ قېشىدا بىر قانچە ئادەم مۇزىكا تىڭشاپ تۇراتتى.مەنمۇ مۇزىكا خۇمار بولغاچقا ئىتىيارسىز دىققىتىم شۇ ياققا بۇرۇلۇپ،بوۋاينىڭ قېشىغا باردىم.ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر مۇزىكىنى ئاڭلاپ،داستىرخان ئۈستىگە قويۇلغان سومكىغا ئازدىن-كۆپتىن پۇل تاشلاپ كۆڭلىنى ئىزھار قىلىۋاتاتتى.سومكىغا خېلى كۆپ پۇل چۈشكەن ئىدى.مەنمۇ ئەل قاتارى كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلىقپ،مۇزىكا تىڭشىغاچ بۇ بوۋاينى بىر يەردە كۆرگەندەكلا ھېس قىلدىم.«ھە راست،‹تالانت سەھنىسى›دە ئىسكىرىپكا بىلەن مۇزىكا ئورۇنلىغان بوۋاي شۇ ئەمەسمۇ؟»دېدىم بوۋاينى ئېسىمگە ئېلىپ.ئەتىراپىمدىكى بەزى ئادەملەرمۇ بوۋاينى تونۇغان بولۇپ،«‹تالانت سەھنىسى›گە چىققان بوۋاي شۇ ئىكەن»دېيىشىۋاتاتتى.ئېسىمدە قېلىشىچە،كۇچا ناھىيەسىنىڭ چىمەن بازىرىدىن بېرىپ قاتناشقان بۇ دېھقان ئىسكىرىپكىچى بوۋاي شۇ پىروگراممىدا 2-ئۆتكەلگىچە تاللانغانىدى.ئۆزۈمچە«‹تالانت سەھنىسى›دىكى بىر تالانت ئىگىسىنىڭ ئەمدىلىكتە بۇ ھالەتتە ماھارەت كۆرسىتىۋاتقىنىنى...»دېگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم.بوۋاي بىلەن بىر نەچچە ئېغىز سۆھبەتلىشىشنى ئويلىغان بولساممۇ،سۆھبەتلىشىشكە مۇمكىن بولمىدى ھەم پېتىنالمىدىم.بىراق بۇ بوۋاينىڭ قىلىۋاتقىنىنى قوللاشنى ياكى ئەيىپلەشنى بىلەلمىدىم.
8 u2 P" S3 H, q! \) I- Y! P; h
دېھقان داپچى
4 Q, ]. Z; x, v3 x' h6 n( e& S H- D8 D* b! h
11-ئاينىڭ ئاخىردا ئۈرۈمچىگە خىزمەتكە بېرىپ،كەچكى دوستلار يىغىلىشىدا، بۇ يەرگە تەكلىپ قىلىنغان بىر ئوتتۇرا ياش دېھقان ئەلنەغمىچى بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ قالدىم.ئۇنىڭ ئاساسلىق كەسپى داپ-دۇمباق بولۇپ،مىللىيچە داپ،ناغرا ھەم تېمبىلىۋاس(ئەرەپ دۇمبىقى)چالىدىكەن،ناخشىمۇ ئوقۇيدىكەن.سورۇندا بىز بىرلىكتە مۇزىكا چېلىپ،ناخشىمۇ ئوقۇدۇق.ئەھۋاللىشىش ئارقىلىق،ئۇنىڭ گۇما ناھىيەسىنىڭ بىر يېزىسىدا دېھقان،قوشۇمچە ئەلنەغمىچى ئىكەنلىكىنى بىلدىم.ئۇ ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «يېڭى ناۋا»پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ نەتىجىگە ئېرىشىپتۇ.مۇشۇ جەرياندا ھەر قايسى ۋىلايەت(ئوبلاست)،ناھىيەلەردىن كەلگەن خەلق ئارتىسلىرى بىلەن تونۇشۇپتۇ.بىر قانچە دېھقان ئەلنەغمىچىلەر بىلەن بىرلىشىپ،«ئەلنەغمە ئەتىرىتى»قۇرۇپ،مەركىزىي شەھەردە مۇلازىمەت قىلىپ بېقىشنى مۇزاكىرلىشىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ يىل يازدا ئۈرۈمچىگە كېلىپ،ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇپ،ھەر خىل چالغۇلارنى چېلىپ،ناخشا ئوقۇيالايدىغان ئاقسۇلۇق،غۇلجىلىق،تۇرپانلىق ۋە گۇمۇلۇق تۆت دېھقان ئەلنەغمىچى بىر«ئەلنەغمە ئەتىرىتى»بولۇپ تەشكىللىنىپ،توي-تۆكۈن،ھەر خىل يىغىلىشلارغا ھەقلىق ئەلنەغمە مۇلازىمىتى قىلىشنى باشلاپتۇ.مەركىزىي شەھەردە بۇنداق مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى كۆپ ھەم نەغمە-ناۋا بىلەن ئۆتكۈزىلىدىغان بولغاچقا،ئۇلارنىڭ تىجارىتى ناھايىتى ياخشى كېتىۋېتىپتۇ.
- D9 R) @4 u+ k# @
بۇ دېھقان ئەلنەغمىچىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ،ئاقسۇ شەھىرىدە كۆرگەن ئىسكىرىپكىچى بوۋاينى ئېسىمگە ئالدىم.ھازىر دۆلەت خەلق ئارتىسلىرىغا دەرىجىسى بۇيىچە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش تۈرىنى يولغا قويۇپ،بارغانچە كېڭەيتىۋاتىدۇ.تېخى كۇچا ناھىيەسى ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىغا،خەلق ئارتىسلىرىنى ئېنىقلاش،تەربىيەلەش،كۆڭۈل بۆلۈشكە بەكىراق ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان ئالدىنقى قاتاردىكى ناھىيە.لېكىن ئاشۇ ئىسكىرىپكىچى بوۋاي تۇرمۇش پۇلى بېرىلىدىغان خەلق سەنئەتكارى قاتارىدا بارمىدۇ؟ئاقسۇ ۋىلايىتى،جۈملىدىن كۇچا ناھىيەسى تەۋەسىدىمۇ توي-تۆكۈن قاتارلىق ھەر خىل مەدەنىي پائالىيەتلەرمۇ،خەلق ئارتىسلىرىمۇ خېلى كۆپ،ئىسكىرىپكىچى بوۋايمۇ ئەتىراپىدىكى باشقا خەلق ئارتىسلىرى بىلەن بىرلىشىپ،«مۇزىكا-ئەلنەغمە»ئەتىرىتى قۇرۇپ،ھەقلىق مۇلازىمەتنى يولغا قويسا،يول بويىدا ئۆزى يالغۇز «تىجارەت»قىلغاندىن ياخشىراق بولارمىكىن ؟
) K9 Y! m* j. E9 oمەن تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن خەلق ئارتىسلىرىنىڭ ۋە باشقا بارلىق خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا،سەنئەت تالانتىنى ياخشى جارىي قىلدۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىشتىن سىرىتقى مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىشىغا تىلەكداشمەن!
) O$ t2 E- g3 T- |: fمەنبە:ئۆزۈم
! i/ x- V/ W p. z2 D
g7 R, y# I2 ]' O5 K9 U" Z: A