ئالدىنقى قېتىملىق تېمىلىرىمدا تورداشلارغا ۋىرۇسخور تەۋسىيە قىلغان ئىدىم.
ۋىرۇسخور تەۋسىيە قىلاي(پۇشايماننىڭ دورىسى)
ئەپچىل بولغان ۋىرۇسخور(پۇشايماننىڭ دورىسىنىڭ داۋامى)
يۇقارقى تېمىلار تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن ئىدى، تورداشلارنىڭ قوللاپ بەرگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
تورداشلار يەنە تېمىغا قالدۇرغان ئىنكاستا تور كۆرگۈچ (浏览器) تەۋسىيە قىلىشىمنى ئېيتىپتىكەن، تورداشلارنىڭ بۇ تەلىپىنى يەردە قالدۇرغۇم كەلمەي بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مېنى قوللاپ بەرگەن مىسرانىم مۇنبىرى باشقۇرغۇچىلىرىغىمۇ ئالاھىدە رەسمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
تور كۆرگۈچ (浏览器) لەر كۆپ خىل بولۇپ ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى ئوخشاش بولۇپ بەزى ئۆلچەملەرگە بولغان قوللىشى ۋە قوشۇمچە ئىقتىدارلىرى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.
ئەڭ داڭلىق تور كۆرگۈچلەردىن خەلىقئارالىق Google chrome ، firefox لار بار بولۇپ ، ئايرىم ئايرىم ھالدا mozilla , google شىركەتلىرى بازارغا سالغان لېكىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن Google chrome نى دىيارىمىزدا چۈشۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ ، چۈشۈرگەن بىلەنمۇ يېڭىلاپ ئىشلىتىش مۇمكىن ئەمەس، تېخنىكىلارنىڭ پىشىپ يېتىلىشى بىلەن دۆلىتىمىز تور كۆرگۈچ (浏览器) مەھسۇلاتلىرىمىزمۇ يامان ئەمەس بولۇپ قالدى، بولۇپمۇ قوشۇمچە ئىقتىدارلىرى مۇكەممەلىلىشىپ مېڭىۋاتىدۇ. مەن بۈگۈن دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تور كۆرگۈچ (浏览器) لەرنى تەۋسىيە قىلماقچىمەن(سەۋەبىنى يۇقىردا قىسقىچە بايان قىلدىم)، دىققىتىڭىز تۆۋەندە بولسۇن.
360 تور كۆرگۈچى: بۇ تور كۆرگۈچنى قاچىلاش ئۇسۇلىمۇ ناھايىتى ئاددىي بولۇپ كۆپلىگەن قوشۇمچە ئىقتىدارلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ،مەسىلەن تېز چۈشۈرۈش، بۇلۇت ساقلاش، بۇلۇت چۈشۈرۈش، سىز كومپىيۇتېرىڭىزغا قاچىلاپ بولۇپ تور كۆرگۈچنىڭ ئەزالىق مەركىزىدىن ئەزا بولۇپلا تىزىملىتىپ ئىشلىتىشكە باشلىسىڭىز سىز ساقلىۋالغان ئادىرىس، خەتكۈچلەر بۇلۇت ساقلۇغۇچتا ماسقەدەملىنىپ ماڭىدۇ، مەيلى سىز نەگە بېرىڭ مۇشۇ تور كۆرگۈچ بولسىلا ئەزالىق نامىڭىزدا تىزىملىتىپ كىرسىڭىزلا ساقلاپ قويغان تور ئادىرىس، خەتكۈچلەرنى كۆرەلەيسىز.... قاتارلىقلار گەپنى ئاز قىلاي قالغىنىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قول سېلىپ سىناپ بېقىڭ
چۈشۈرۈش ئادىرىسى:
http://d1.51gugu.com/133649/4a7a434b0d576c2dcac1c177a214092e/280906.rar
QQ تور كۆرگۈچىسى :بۇ تور كۆرگۈچىسىمۇ ئوخشاشلا يۇقارقى تور كۆرگۈچ ئىگە بولغان ئىقتىدارلارغا ئىگە بولغان بولۇپ ، QQ، ئۈندىدارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولالايسىز. گەپنى ئاز قىلاي قالغىنىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قول سېلىپ سىناپ بېقىڭ
چۈشۈرۈش ئادىرىسى:
http://d1.51gugu.com/133649/c6b53c8572932fdd62b23dac4b038e36/280909.rar
بەيدۇ تور كۆرگۈچىسى:بۇ تور كۆرگۈچىسىمۇ ئوخشاشلا يۇقارقى تور كۆرگۈچ ئىگە بولغان ئىقتىدارلارغا ئىگە بولغان بولۇپ بەيدۇغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مۇلازىمەتلەر تولىمۇ قولايلىقلاشتۇرۇرۇلغان گەپنى ئاز قىلاي قالغىنىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قول سېلىپ سىناپ بېقىڭ
چۈشۈرۈش ئادىرىسى:
http://d1.51gugu.com/133649/4bfb838c4a3f87c8b73be50d8ae5eaac/280914.rar
UC تور كۆرگۈچىسى: بۇ تور كۆرگۈچنىڭ يانفون نۇسخىسى مەن ئەڭ ئامراق كۆرگۈچلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئەينى ۋاقىتتا بىرىنچى بولۇپ ئۇيغۇرچە قوللىغىنى ئۈچۈن يانفون ئابونتلىرىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن، يانفون تور كۆرگۈچىسى ساھاسىدە پىشقەدەم ئورنىدا بولغان بۇ تور كۆرگۈچنىڭ كومپىيۇتېر نۇسخىسى بىزنى تېخىمۇ بەك رازى قىلغۇسى، قېنى مەرھەمەت ئىشلىتىپ كۆرۈڭ
چۈشۈرۈش ئادىرىسى:
http://d1.51gugu.com/133649/dec58c6987c7a3ff4d32f0fa45496f58/280910.rar