باتۇر تۇرسۇن ھۆكۈمران ۋاپات بولدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار :
! F" k0 J& O Oمۇشۇ مىنۇتتا چەكسىز قايغۇ ئىچىدە سىلەرگە مىسرانىم تورىنىڭ ئۇزۇن يىللىق باشقۇرغۇچىسى ۋە ئاكتىپ ئاپتورى باتۇر تۇرسۇن ھۆكۈمراننىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى ھەققىدىكى ماتەم خەۋىرىنى يەتكۈزۈپ ئولتۇرۇپتىمەن. تېخى بىر سائەت ئىلگىرى گۇچىڭدىكى بىر تورداشنىڭ تېلېفوندا يەتكۈزگەن بۇ ھەقتىكى قايغۇلۇق خەۋىرىني ئاڭلاپ دەسلەپ ئىشەنمىگەنىدىم . كېيىن تۇغقانلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق مەرھۇم باتۇر تۇرسۇن ھۆكۈمراننىڭ مېيىت نامىزىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن ئاقسۇ شەھرىنىڭ رەستە مەسچىتىدە چۈشۈرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم .
0 v- G4 f' T- a" I+ Cمەرھۇم باتۇر تۇرسۇن ھۆكۈمران تىرىشچان ، ئاقكۆڭۈل ، سەمىمىي ئىنسان ئىدى. جۈملىدىن ئۇ يېقىنقى 10 يىلغا يېقىن ۋاقتىنى ئۇيغۇر تور مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا خالىس بېغىشلاپ ، بۇ ساھەدە ئۈن-تىنسىز تەر تۆككەنىدى. مەرھۇم يەنە بۇ يىل يازدا ئۆزىنىڭ 40 يىللىقىغا ئاتاپ ئۆتكۈزگەن خاتىرە كۈنىدە ئۆزىنى بېقىپ قاتارغا قوشقان ئاتا-ئانىسىغا تون كىيدۈرۈش ئارقىلىق مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ ، جامائەتنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەنىدى.
) f' i5 M; v2 v/ N- }
ئىككى ھەپتە ئىلگىرى مەن مەرھۇم باتۇر تۇرسۇن ھۆكۈمران بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇپ ، ئۇنىڭ بىر تەرەپتىن ئىنگلىزچە ئۆگۈنىۋاتقانلىقىنى ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاقسۇدىكى پىشقەدەم ئەدىبلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ ، ئۇلارنى تور دۇنياسىدا بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرماقچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانىدىم .
1 V3 I$ y7 q* Z( z, s P" t) Q' C. ]% b/ U" t$ ]3 p
مەرھۇم باتۇر تۇرسۇن ھۆكۈمراننىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ،يىراق-يېقىندىكى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ۋە يېقىن يورۇقلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن ھەمدە مەرھۇمنىڭ ئۇ دۇنيالىقىغا ئاسانلىق تىلەيمەن.
$ u+ s7 f/ V' F; H( R% p3 e, l4 d+ r. K1 `" b5 Y2 @5 v