مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5136|ئىنكاس: 0

ئاباي كىم؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

10

يازما

16

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 29949
يازما سانى:
10
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
6217
تۆھپە :
441
باھا :
321
توردا:
91 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-2-11
ئاخىرقى:
2016-1-5
ۋاقتى: 2015-11-27 11:49:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
阿拜微信封面.JPG

ئاباي كىم؟
قازاق يازما ئەدەبىياتنىڭ ئاساسىنى سالغۇچى شائىر، يازغۇچى، پەيلاسۇپ-ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ئاباي قۇنانباي 1845-يىل 8-ئاينىڭ 10-كۈنى قازاقىستاننىڭ سەمەي ئوبلاستىغا قاراشلىق چىڭغىس تېغى ۋادىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئىبراھىم بولۇپ، «ئاباي» ئۇنىڭ ئاپىسى تەرىپىدىن قويۇلغان ئەركىلەتمە ئىسمى. ئاباي 1904-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.
    ئاباينىڭ1890-يىلىدىن 1898-يىلىغىچە يازغان ھېكمەتلىك سۆزلىرى قازاق يازما ئەدەبىياتىداتۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققان قىممەتلىك ئەسەرلەر بولۇپ، بۇ ھېكمەتلىك سۆزلەرئاپتورنىڭ چوڭقۇر پەلسەپىۋىي ئوي-پىكىرىنى، ئۇلۇغ ئارزۇ-ئارمىنىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، قازاق ئەدەبىيات تارىخىدا ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا ئوخشاشلا يۈكسەك ئورۇننى ئىگەللەيدۇ.گەرچە بۇ ھېكمەتلىك سۆزلەر بۇنىڭدىن بىر ئەسىر ئىلگىرى يېزىلغان بولسىمۇ،ھازىرغىچە ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلىپ، يورۇق يۇلتۇزدەك چاقناپ كەلمەكتە.
    ئاباي ئۆزىنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى ئارقىلىق تۇرمۇش چىنلىقىنى روشەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن رېئالىست يازغۇچى بولۇپلا قالماي، بەلكى خەلقنىڭ غەم-قايغۇسىنى،ئارزۇ-ئارمانلىرىنىمۇ كۈيلىگەن تالانت ئىگىسىدۇر. ئۇ ھېكمەتلىك سۆزلىرىدە قازاق خەلقى ئارىسىدىكى نادانلىقنى، يالغانچىلىقنى، پىتنىخورلۇقنى، ماختانچاقلىقنى،ئوغرىلىقنى، گۇرۇھۋازلىقنى، مەنسەپخورلۇقنى؛ مال-دۇنيا يىغىشنىڭ كويىغا كىرىپ كېتىپ، ئىلىم-پەن ئۆگەنمەي، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئارقىسىدا قېلىپ تېخىمۇ قاششاقلىشىپ كەتكەنلىىكنى؛ ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇققا، خىيانەتچىلىككەئەيىش-ئىشرەتكە پېىتىپ كەتكەنلىكىنى ھەمدە بۇ ئىللەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ.شۇنداقلار يەنە ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي،بۇ خىل ناچار ئىللەتلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ، ئۆز مىللىتى بولغان قازاقخەلقىنى «قىرىقىنى مىنسىمۇ قىر ئاشقىلى بولمايدىغان ماختانچاقلىق»نى، ھاكاۋۇرۇلۇقنى تۈگىتىپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگىنىپ، مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈپ،ئىلىم-پەن ئۆگىنىشكە؛ قالاقلىققا، ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشقا؛گۇرۇھۋازلىقنى، بىر-بىرىنىڭ پېيىنى قىرقىيدىغان ناچار پىسخىكىلارنى تۈگىتىپ،ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىرىدۇ.
    ئاباينىڭ بۇ ھېكمەتلىك سۆزلىرنى ئوقۇغان ھەر قانداق مىللەت كىشىلىرى بولسۇن، ئاباينىڭ ئاللىقاچان قازاق خەلقىنىڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىرى ۋە يازغۇچىسى بولۇش چېگرىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپلا قالماي، بۇ ھېكمەتلىك سۆلەرئارقىلىق يازغۇچى ئاباينىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ سۈپىتىگە نۇقسان يەتكۈزىدىغان ناچار ئىللەتلەرنى قامچىلاۋاتقاندەك، ئۇلارنى ياخشىلىققا چاقىرىۋاتقاندەك تۇيغۇغاكەلمەي قالمايدۇ ئەلۋەتتە.
    دىمەكمۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئاباينىڭ بۇ ھېكمەتلىك سۆزلىرىنى ھازىرمۇ يالغۇز قازاق خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى باشقا مىللەت خەلقلىرى ئۈچۈنمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتماي كېلىۋاتقان بىر ئەينەك دېيىشكە بولىدۇ.

ئاۋازلىق ئەسەرلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارغا ئىرىشمەكچى ياكى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز ئىككىلىك كود ئارقىلىق ئىرپان سالونىنى قوشۇۋىلىڭ.

qrcod.jpg



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bizirpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-27 11:52 AM  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
13031235730 + 10

باھا خاتىرىسى

كىشى قۇت تاپۇر ئېلمۇ ئىرپان بىلەن. ئاڭ ۋاسىتە دەستۇر بۇ ئىرپان بەلەن.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-1-31 12:13 PM, Processed in 0.029504 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش