n4 I1 Q$ e; I9 C' H' @7 i! O
- Y$ y- J" l6 yقەشقەر «قۇتبىلىك كۇتۇپخانىسى» دېھقانلار كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى& j; r M: t" r
كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش
ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى، دەۋرانجان ئابلىمىت خەۋىرى، فوتوسى: قەشقەر شەھىرىدىكى «قۇتبىلىك كۇتۇپخانىسى» 25-نويابىر دېھقان ئوقۇرمەنلەر كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. شەھەرگە قاراشلىق 11 يېزا-بازاردىن كەلگەن 80 دىن ئارتۇق دېھقان ئوقۇرمەن پائالىيەتكە قاتناشتى.
پائالىيەتتە ئابلىز ئۆمەر ئەنجانىي، تۇرسۇن نىياز، ئۆمەر ئوسمان شىپايى، ئابلاجان بوۋاقى قاتارلىق شائىرلار كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى، ھەمدە يازغان شېئىرلىرىنى ئوقۇدى. ئەبەيدۇللا ئوسمان، تۇرسۇنجان مەخەت قاتارلىق دېھقان ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتى، ئۇسۇلى ۋە كىتاب ئوقۇشتىن ئالغان تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى. «قۇتبىلىك كۇتۇپخانىسى» پائالىيەت ئاخىرىدا پائالىيەتكە قاتناشقان ھەر كىشىگە بىر يۈرۈشتىن كىتاب سوۋغا قىلدى.
كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش
مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
! a% L5 n- X& z' b0 n0 y