مۇھەممەدجان توختى
ئېلىمىز قەدىمدىنلا كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ،بۇ مىللەتلەر،تارىخنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملاشقان دولقۇنلۇق ئېقىنلىرىدا گاھ ئۇرۇشۇپ، گاھ يارىشىپ دىگەندەك،جۇڭخۇا مەدەنيىتىگە ئۆچمەس تـۆھپىلەرنى قوشتى.تارىخ ئېقىنى داۋاملىشىپ 13-ئەسىرگە كەلگەندە،‹‹موڭغۇللار ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچ جەھەتتىكى ئۈستۇنلۇكى بىلەن تارىخ سەھنىسىگە چىقىپ،ئاسىيا ۋە ياۋروپا تارىخىدا زور بۇرۇلۇش ياسىدى.مۇڭغۇللارنى مۇشۇنداق قۇدرەتلىك مىللەتكە ئايلاندۇرغان كۈچ، چىڭگىزخاننىڭ ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ھۆكمىرانلىقى ئاستىغا كىرگەن مىللەتلەرنىڭ ساداقىتى ۋە مەدەنيىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.››[1]ئىدى
مۇڭغۇللارنىڭ ئۆزھاكىميىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن باشقا ئازسانلىق مىللەتلەرنى خىزمەت قىلدۇرۇشى بولۇپمۇئۆزلىرىدىن مەدەنيەت جەھەتتەئالدىدا تۇرىدىغان مىللەتلەرنى خىزمەت قىلدۇرۇشى ۋە جەلىپ قىلىشى يۈەن سۇلالىسى(1279-1368)زامانىسىدا كۆرۈنەرلىك ۋە كەڭ دائىرىلىك بولغان بولۇپ، ‹‹بۇدەۋىردە مەملىكىتىمىزنىڭ غەرىبى شىمالىدىكى شىنجاڭ، گەنسۇ ئەتراپلىرىدا ياشايدىغان بىرقىسىم ئۇيغۇرلار ئۇرۇش -يېغىلىقلار ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىم بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كۆچۈپ بارغان بولسا موڭغۇللار يەنە بىر تۈركۈم مەدەنيەت جەھەتتە ئۆزلىرىدىن ئۇستۈن تۇرىدىغان ھەربى،مەمۇرى ئەمەلدارلار ۋە ئاھالىلارنى ئىجدىمائىي ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئۆز سۇلالىسىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كۆچۈرۈپ بارغان. ››[2]
يۈەن سۇلالىسى ئوترا ۋە مەركىزى جوڭگو رايۇنىنى ئاساسى بازا قىلىپ قۇرۇلغان سۇلالە بولۇپ قۇرغۇچىسى قۇبلاي(چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى)قالاق ۋە پارچىلىنىش ھالىتىدە تۇرىۋاتقان پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۇرۇپ ئەينى زامان مەدەنيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق راۋاجلىنىشى ۋە تەرەققى قىلىشىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. يۈەن دەۋرىدە موڭغۇللارغا نىسبەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرى باشقا مىللەتلەرنىڭ تەسىرىدىن كۈچلۇك بولغان،بولۇپ،بۇدەۋىردە«ئۇيغۇر زىيالىلىرى ھاكىمىيەت ئاپاراتلىرىغا كەڭ كۆلەمدە جەلپ قىلىنغان ۋە خىزمەتلەرنى دادىل،يۈرەكلىك ئىشلىگەن ھەمدە،سىياسەت بەلگىلەش،دۆلەت تۈزۈمى،مالىيە-ئىقدىساد تۈزۈمى قاتارلىق چوڭ ئىشلاردىمۇئۆزرولىنى تولۇق نامايەن قىلغان»[3]دىن سىرىت«يۈەن سۇلالىسى زامانىسىدا خەنلىن ئاكادىمىيىسىنىڭ47نەپەر ئۇيغۇر ئەزاسى بولغان.كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئالىملىرى،شائىرلىرى،تەرجىمەن،تىلشۇناسلىرى،تىۋىپلىرى شۇنداقلاسانغۇنلىرى يۈەن سۇلالىسى ئوردىسىدا مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلغان.كۆپلىگەن ئۇيغۇرلاريۈەن ئوردىسىدا ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن سىرىت،دارىغاچ ۋالى قىلىنىپ جاي-جايلارغا ئەۋەتىلگەن.ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ،تۆھپىسىنى نەزەرگە ئېلىپ،يۈەن دەۋرىدىكى موڭغۇللار تەبىقە ئايرىغاندا ئۇيغۇرلارنى موڭغۇللاردىن قالسىلا2-دەرىجىلىك ئىمتىيازلىق مىللەت قاتارىدا كۆرگەن»[4]ئۇندىن باشقا بۇدەۋىردە ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىقىمۇ «دۆلەت يېزىقى ۋە مەمۇرى تىل يېزىق تەرىقىسىدە قولۇنۇلدى.»[5]ئۇيغۇر مەدەنيىتىنىڭ تەسىرى موڭغۇللارغا شۇ قەدەر كۈچلۇك ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ ھەتتا «قۇبلاي ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ ئورنىغا باشقا يېزىق ئىشلىتىش توغرۇلۇق خانلىق سەلتەنىتى بىلەن يارلىق چىقارغان بولسمۇ ،لېكىن ئەمەلگە ئاشمىغان»[6]
مانا مۇشۇندا بىر قاتار ئوبىكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلى ئويغۇرلارنىڭ مەدەنيىتى بولۇپمۇ ئەدەبىيات-سەنئىتى بۇرۇنقى ھەرقانداق دەۋىردىكىدىن زور دەرىجىدەئېشىپ كەتتى ھەم يۈن سۇلالىسىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ گۈللىنىشگە ئىجابىي تەسىرلەرنى كۆرسەتتى.
بۇدەۋىردە ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللانغان ئۇيغۇر ئەدىبلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.
بوغۇم(1255-1300) قاڭلى قەبىلىسىنىڭ ئاقسۆڭەكلەر جەمەتىدىن.بولۇپ قەددى قامەتلىك،كېلىشكەن يىگىت بولغاچقا،قۇبلايغان ھەيران قېلىپ ئۇنى شەرىقى سارايدا قېلىشقا بۇيرىغان.بوغۇم بۇجايدا ۋەلى ئەھدى ۋە خانزادىلەرگە خىزمەت قىلىپ نەچچە مىڭ خەتلىك خاتىرە يازغان.جىيۈەننىڭ14-يىلى(1277-يىلى)مۇپەتتىشلەرنى باشقۇرۇش ئىشىغاقويۇلغان.جىيۈەننىڭ15 -يىلى(1278-يىلى)يەننەننىڭ خېبېيىدىكى زىندان-ئەدىلىيە مەھكىمىسىگە مۇئاۋىن بەگ قىلىپ ئىبەتىلگەن. جىيۈەننىڭ21-يىلى (1284-يىلى)قارادىۋان ۋازارىتىگە مەسلىھەتچى قىلىپ ئىۋەتىلگەن.
مەنسەپدارلار،سوراقچىلار،ھۈنەرۋەنلەر توغرىسىدا ئۈچ كىتاپ يېزىشنى ئۈستىگە ئالغان بولسىمۇ،سالامەتلىكى ياربەرمەي ۋەزىپىنى ئورۇندالمىغان.27-يىلى(1294-يىلى)دانىشمەن-ئۆلىمالار كامالەت خانىسىدا پۈتۈكچى دورغاپ ۋە يارلىقچى بولغان ۋەزىرلىككە تەيىنلەنمەكچى بولسىمۇ ئۆزى ماقۇل بولمىغاچقا دىۋان ۋازارەت مۇئەككىلى بولغان1298-يىلى پەۋقۇلاددە پەرمان بىلەن ياردەمچى تەپتىشلىككە،قوشۇمچە ياساۋۇللار مۇراسىم بەگلىكىگە تەيىنلەنگەن.1300-يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن 46 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.بوغۇم يۇقۇرى مەنسەپلەردە بولغان بولسىمۇ ئاددى-ساددا پاك ياشىغان.كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان بولسىمۇ پەقەت گۈسلى تۈزگەن‹‹يۇەن شېئىرلىرىدىن تاللانما››دا بىرپارچە شېئىرلا ساقلىنىپ قالغان.‹‹ئەرۋاھلار خاتىرىسى››دىگەن كىتاپتا ئۇنى گۈەن يۈنشى،سەيدۇللا قاتارلىق شائىرلار بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغان.ئوغۇللىرىدىن خۇي خۇي،ناۋ ناۋلارمۇ داڭلىق شائىرلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىققان.
خاۋتىيەنتىڭ(1247-1313) خاۋتىيەنتىڭ تەقى-تۇرقى كېلىشكەن كۆڭلى تۈز يىگىت بولغاچقا،قۇبلايغان ئۇنى شەرىقى سارايدا قورۇقچى ياساۋۇللۇققا قويغان.ئۇ،يۇەن دەۋرىدىكى داڭلىق شائىر يۈەن خاۋۋىېننى ئۇستاز تۇتۇپ،ئەتراپلىق بىلىم ئىگەللىگەن بولغاچقا مەنسەپ-تۇتۇق مەھكىمىسىدە دىۋان بېگى يۈننەن ۋاقىتلىق دىۋان ۋازارىرىدە كېڭەش بېگى،مەمۇرى ئىشلار مەسلىھەتچىسى،شەنشى تەپتىش بېگى مەھكىمىسىنىڭ ياردەمچى تەپتىشى،قارا دىۋاندا ئوڭ قول ۋەزىر قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن. بەش جىلىتلىق ‹‹يۈننەن خاتىرىلىرى››نى يازغان
گاۋ كېگۇڭ(1248-1310)ئاتا بوۋىلىرى غەرىبى يۈرتتىن.ئۆزى يۈەن بەگلىكىنىڭ فاڭشەن دىگەن يېرىدە چوڭ بولغان دادىسىنىڭ تەربىسىدە بىلىملىك چوڭ بولغاچقا،دەسلەپتە ۋازارەت مۇلازىمى بولغان،كېيىنچە جېجياڭدا مەھكىمە كاتاۋۇللۇقىغا تەيىنلەنگەن.مەنسىپى زىندان پىرقىسىنىڭ يانداش بەگلىكىگىچە كۆتۈرۈلگەن.
گاۋ كېگۇڭ ھەم شائىر ھەم مەشھۇر رەسساملارنىڭ بىرى.يۇەن دەۋرىدىكى خەتتات،رەسسام جاۋ مېڭجاۋ ئۇنىڭ رەسسىملىرى توغرىسىدا توغتىلىپ‹‹ بۇزاماندا كىمنىڭ قەلىمى بىرىنچى دىيىشكە توغراكەلسە،نەسىرنامىچىنىڭ كەيىپ بولغاندىن كېيىنكى ماھارىتىگە ھېچ كىم تەڭ كېلەلمەيدۇ››دەپ يازغان. گاۋ كېگۇڭنىڭ شېئىرلىرى ئىنتايىن سۈزۈك ۋە ئىنىچكە بولغاچقا ئۆزئالدىغا ئۇسلۇپ ياراتقان. يۇەن دەۋرىدىكى شائىر ياڭ گۈەن ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا باھا بېرىپ:‹‹گاۋ ھەزرىتىمنىڭ شېئىرلىرى ۋەزىن جەھەتتە ئۆزگىچىلىككە ئىگە،قاپىيىدىمۇ ھەممىمىزنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.ئاغىزىدىن چىققان گەپنىڭ ئۆزىلا شېئىر، ئەسەرلىرىدە ئاجايىپ بىرخىل پۇراق بار››دەپ تەرىپلىگەن.شائىرنىڭ فاڭشەن توپلىمى››ناملىق شېرلار توپلىمى بار.
ماشىدي-مازۇچاڭنىڭ تاغىسى.خانزادىلىكتىن تۆرەلىككە ئۆستۈرۈلگەن.دارىئولۇمدا كاتىپ،باش مۇپەتتىش،زىندان پىرقىسىدە دىۋان بېگى،قارادىۋاندا تەپتىش قىلغۇچى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.ئېتىز-ئېرىقنى ھۆججەتلەشتۈرۈشكە مەسئۇل بولغان.گۇسۇ قەلئەسى(بۈگۈنكى سۈجۈ شەھرى)نى ياسىغان.كېيىنچە خۇەينەنگە بېرىپ تەپتىش مەكىمىسىدە مۆھۈردار بولغان.خې فېي قەلئەسىنى ياساشقا قاتناشقان.يۈچۆ يازغان‹‹چىڭ ياڭ توپلىمى››نىڭ ‹‹خې فېي قەلئەسىنى ياساش خاتىرىلىرى››دە ئۇنىڭ تۆھپىسى تىلغا ئېلىنغان.‹‹يۇەن دەۋرىدىكى شېئىرلاردىن تاللانما›› دا ئۈچ پارچە شېرىلا ساقلىنىپ قالغان.
شىن ۋېنفاڭ- ئوردىدا ۋازارەت مۇلازىمى بولغان.‹‹قۇمغا كۆمۈلۈش توپلىمى››نى تۈزگەن بولسىمۇ،بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.‹‹يۈەن ماقالىلىرى››دە ئىككى پارچە شېئىرلا ساقلىنىپ قالغان.مازۇچاڭ تۈزگەن شىتەي توپلىمى››دا شىن ۋېنفاڭنىڭ ‹‹قۇمغا كۆمۈلۈش توپلىمى››بارلىقى تىلغا ئېلىنغان.لۇيۇرېن‹‹شىمالى قوۋمدىكى ئەبجەش خاتىرىلەر››دىگەن كىتابىدا شىن ۋېنفاڭنى شېئىرنى ياخشى يازاتتى دەپ تىلغا ئالغان.شىن ۋېنفاڭ ‹‹تاڭ دەۋرىدىكى كامىللار››ناملىق ئون جىلىتلىق ئەسىرىدە839يازغۇچىنىڭ تۇنۇشتۇرغان.لىكىن كونا ۋە يېڭى ‹‹تاڭنامە››لەردە بولسا100لايازغۇچىنى تۇنۇشتۇرغان‹‹تۆت يۈرۈش كىتابلارنىڭ ئۇمۇمى مەزمۇنى››دا شىن ۋېنفاڭنىڭ بۇكىتابى جيۇ گۇڭئەن يازغان ‹‹تاڭ شېئىرلىرى ھەققىدە خاتىرە››گە قارىغاندارەتلىك ۋە يېڭى،قەلىمىمۇ پاساھەتلىك دەپ تەرىپلىگەن.
گۇەن يۈەنشى-ئەسلى ئىسمى كىچىك يۈەنشى قىيا،(سەۋنىچ قىيا)تەخەللۇسى تاڭسۇق،لەقىمى قۇمۇشلۇقتىكى راھىب.ئاتا-ئانىسى بەشبالىق(جىمسار)دىن.دادىسى گۈەن جىگې جىياڭشىدىكى ۋاقىتلىق ۋازارەتتە ۋازارەت مۇئەككىلى بولغان،چۇ بەگلىكىدىكى ساداقەتمەن تۆرە دىگەن نام ئوتۇغات قىلىنغان.كىچىك يۈەنشى قىيا يۈز-كۆزىدىن نۇر تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان،تەقى-تۇرىقى قاملاشقان،قاۋۇل بالا بولۇپ ئۆسكەن.چوڭ بولغاندىن كېيىن قېتىرقىنىپ ئۆگۈنۈپ،دادىسىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلغان ۋە خۇەينەن بىلەن خۇەيبېيدىكى ئون مىڭ تۇتۇنلۈك مەھكىمىدە دورغاچ بولغان.ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەمەلدار لىقتىن ۋاز كېچىپ شۇچاغدىكى داڭلىق ئەدىب ياۋسۈيگە شاەىرت بولغان.ياچسۈي ئۇنىڭ قەدىمى خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئۆزگىچە قابىليەتلىك ئىكەنلىكىنى،ناخشا ۋە قەدىمى ئوردا مۇزىكىلىرىنى تولىمۇ مەردانە ئورۇنلايدىغىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان.پادىشاھ رېنزۇڭنىڭ خۇاڭچىڭ2-يىلى(1313-يىلى) دارىلئولۇمدا پۈتۈكچى دورغاپلىققا،ئىشىك ئاغىلىق مەنسىپىگە ۋە يارلىقچىلىققا تەيىنلەنگەن.شۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنىلا‹‹مەن بۇمەرتىۋىگە لايىق ئەمەس.بۇرۇنقى دانىشمەنلەردىن ئۆگەنمىسەم بولمىغۇدەك››دەپ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن.جىياڭنەنگە بېرىپ قاسساپ،مەيپۇرۇشلار بىلەن،بەزىدە ئوتۇنچى-پادىچىلار بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن.ئارىدا خاڭجۇغا بېرىپ دورىگەرلىك قىلىپ جان باققان.39يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
گۇەن يۈنشى شېئىر،نەزىم،يۈرۈشلەشكەن ئەركىن ئۇدارلىق كۈي تېكىسىتلىرى،نەسىر قاتارلىق جەھەتلەردەبەلگىلىك ئىقتىدارغا ئىگە،سەنئەتنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرىدىن خەۋىرى بار تالانىت ئىگىسى.مۇزىكا،خەتتاتلىق،رەسساملىقتا كامالەتكە يەتكەن شەخىس.شۈي خۇي مىن قاتارلىقلار تۈزگەن‹‹گۈن يۇنشى ئەسەرلىرى ۋە ئۇنىڭغا ئىزاھ››ناملىق كىتاپقا گۈەن يۇنشى يازغان88پارچە نەغمە تېكىستى،ئون پارچە يۈرۈشلەشكەن كۈي تېكىستى،38پارچە شېئىر كىرگۈزۈلگەن.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى پارچە نەزىم،ئۈچ پارچە نەسىرى ئەسىرى بار.گۈەن يۇنشى ھەققىدە ئىزدەنگەنلەر ئۇ يازغان ئەركىن ئۇدارلىق كۈي تېكىستلىرىنىڭ راۋانلىقىغا قاراپ،ئۇنى شۇچاغدىكى ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ گۈل تاجىسى،يالغۇز غەرىبى يۇتقىلا داڭلىق بولۇپ قالماي،خەنزۇلار ئىچىدىمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق دەپ تەرىپلىگەن.گۈەن يۇنشى ئاھاڭ قانۇنيەتلىرىنى پىششىق بىلگەن.ھازىرغىچە يېتىپ كەلگەن خەييەن ئاھاڭى گۈەن يۇنشىدىن باشلانغان.ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ‹‹تاڭسۇق راھىب توپلىمى››،شۈي زەيسى(تاتلىق)بىرلىشىپ تۈزگەن ‹‹تاڭسۇق بىلەن تاتلىقنىڭ نەغمە-ناۋا مەھكىمىسىدىكى ئەسەرلىرى››ناملىق كىتابلىرى باربولۇپ،گۈەن يۈەنشى(سەۋنىچ قىيا) ئەسەرلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چەتئەللەردىكى ئەدەبىيات شۇناسلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان بولۇپ‹‹ئامېرىكىنىڭ ئاتاقلىق خەنزۇشۇناسى،دوكتور بىچارد جوخولون سەۋنىچ قىيا ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئامېرىكا ئوقۇرمەنلىرىگە تۇنۇشتۇرغان بولۇپ،1980-يىلى ئۇنىڭ ‹‹سەۋنىچ قىيا ››ناملىق كىتابى نەشىر قىلىندى. بۇكىتاب جەمئىي بەش باب بولۇپ،سەۋنىچ قىيانىڭ ھاياتى،يۈەن دەۋرىدىكى شائىرنىڭ شېئىرلىرى،سەۋنىچ قىيا شېئىرلىرىنىڭ شەرھى،غەزەلچى سەۋنىچ قىيا،سەۋنىچ قىيا نەسىرى شېئىرلىرىنىڭ شەرھى››دىن ئىبارەت.بولۇپ، ‹‹سەۋنىچ قىيا››ناملىق بۇ ئەسىريەنە‹‹تېخوئىن دۇنيا يازغۇچىلار مەجمۇئەسى››گە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ،دۇنيادىكى ئالىملارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.››[7]
سارابان يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ، تارىخشۇناس ۋە داڭلىق خەتتات . 1343-يىلى توغان تۆمۈر سارابانغا «جىننامىنى » يېزىپ چىقىشنى تەۋىسسىيە قىلغان ، ئۇ شاگىرتلىرى بىلەن ماتىريال توپلاش ئارقىلىق بىريېرىم يىل يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ 135جىلدلىق «جىننامىنى » مۇۋاپىقىيەتلىك يېزىپ پۈتتۈرگەن .
تۆمۈر تۈۋرۈك تۆمۈر تۈۋرۈكنى خەنزۇلار لومىڭشەن دەپ ئاتىغان،ئۇ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر تەرجىمە شۇناس گارۇداساننىڭ ئوغلى ئىدى.ئۇ ئىلگىرى- ئاخىرى بولۇپ تىلماچ بەگ،ئۇمۇمىي ئىشلار بېگى،دىۋان ياساۋۇل بېگى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان.تۆمۈرتۈۋرۇك مانا مۇشۇنداق ئوقۇمۇشلۇق زىيالى ئائىلىسىدە دۇنياغاكەلگەنلىكى ئۈچۈن كىچىكىدىن تارتىپلاياخشى تەربىيە ئالغان ھەمدە دادىسىنىڭ ياردىمىدە بىر نەچچە تىل-يېزىقنى پۇختا ئىگەللەپ،چوڭقۇر مەلۇماتلىق بولۇپ يېتىلگەن.دەسلەپتە چەت-ياقا ۋىلايەتلەردە ئەمەلدار بولۇپ ئىشلىگەن،بۇ جەرياندا ئۇ دېھقانچىلىق،چارۋىچىلىق ساۋاتلىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن ھەمدە شۇ بىلىملىرى ئاساسىدا مىلادى1310-يىلى ئەتراپىدا‹‹دېھقانچىلىق،ئۇزۇق-تۈلۈك،كىيىم-كېچەك تەييارلاشنىڭ ئاساسى››دېگەن مەشھۇر كىتابنى يېزىپ چىققان.بۇكىتاب مىلادى1314-يىلى تۇنجى قېتىم بېسىلغان،لىكىن بۇقېتىمقى نەشىرى ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغاچقا،مىلادى1330-يىلى قايتا بېسىلغان ھەم مۇڭغۇلچە ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ يۇەن سۇلالىسى ئوردىسىدا شۆھرەت قازانغان.تارىخى خاتىرىلەرگە قارىغاندا،بۇكىتاپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت،ناھىيە ۋە ئايماقلىرىغىچە تارقىلىپ،دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.ئالىمنىڭ بۇ مەشھۇر ئەسىرى ئەينى دەۋىردىكى ئۇيغۇر دېھقان-چارۋىچىلىرىنىڭ ئەمىلى تەجىربىلىرىدىن بىۋاستە توپلانغان بىباھا گۆھەرلەرئىدى.ئەينى زاماندا يۇەن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمىرانلىق مەركىزى بېيجىڭغا يۆتكەلگەندە نەچچە يۇز ئائىلىلىك ئۇيغۇر ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن بېيجڭغا بېرىپ خىلمۇ-خىل كەسىپلەر بىلەن شوغۇللانغان.بۇلارنىڭ ئارىسىدا دېھقانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك ئىشلىرىنى پۇختا بىلىدىغان ھەم بۇ جەھەتتە مۇكەممەل كەسپىي بىلىمگە ئىگەكىشىلەرمۇ بارئىدى.ئۇلار ئالىم تۆمۈرتۈۋرۈكنىڭ ئىلمى ئەسىرىنىڭ دۇنياغا كېلىشىدە ئۇنى لازىملىق ماتىريال ۋە مول تەجىرىبە-ساۋاقلاربىلەن تەمىنلىگەن.
مازۇچاڭ(1278-1339)كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىبلەردىن بىرى. تەخەللۇسى بۇيۇڭ.ئۇ بۈگۈنكى توقسۇن ناھىيىسىدىن بولۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئاق سۆڭەك قەبىلىسى بولغان يۇڭگۇ قەبىلىسىگە مەنسۇپ. ئۇنىڭ ئاتا-بوۋسى يۈەن سۇلالىسى ئوردىسىدا ئەمەل تۇتقان. مازۇچاڭنىڭ دادىسى شائىر بولۇپ مەشھۇر شېئىرلار توپلىمى‹‹چىياۋىن توپلىمى››نىڭ ئاپتۇرى.ئاتىسىنىڭ تەسىرىدە مازۇچاڭ كىچىكىدىن باشلاپلا شېئىر يېزىشقا باشلىغان.كېيىن ئۇ، سىچۇەنلىك ئۆلىما جاڭ گۇڭشىنى ئۇستاز تۇتۇپ كۇڭزى تەلىماتلىرىنىمۇ ئۆگەنگەن. مىلادى1315-يىلى مازۇچاڭ كېجۇ ئىنتىھانىغا قاتنىشىپ يۈرتىدىكى دۆلەت ئىمتىھانىدا بىرىنچى،ئوردا ئىمتىھانىدا ئىككىنچى (بىرىنچىسى چوقۇم مۇڭغۇل بولۇشى شەرىت ئىدى)بولۇپ خەنلىن ئاكادىمىيىسىدە پۈتۈكچى،تەپتىش بېگى بولغان مازۇچاڭنىڭ كۆڭلى تۈز،گېپى ئوچۇق بولۇپ.ئۇ،ئوردىدا ناھەقچىلىقنى پاش قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن چەتكە قېقىلغان،ھەتتا بىر مەزگىل مەنسەپسىز قالغان.مازۇچاڭ ئۆزتارىخىدا خەنلىن مەھكىمىسى خىزمەتكارى،رەسىم-يوسۇن ۋەزىرى،مەركىزى دىۋان ۋازارىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى،شەنشى مەمۇرى رايونلۇق باش مۇپەتتىش ياردەمچىسى…قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. كېيىن كېسەللىك مۇناسىۋىتى بىلەن خىزمىتىدىن ئىستىپابېرىپ گۇڭجۇغاكەتكەن.
مازۇچاڭنىڭ ئاساسلىق تۆھپىسى ئەدەبىي-ئىجادىيەت ساھەسىدە كۆرۈلىدۇ. مازۇچاڭنىڭ شېئىرلىرى ئەينى ۋاقىتتا ناھايىتى زور ئالقىشلارغا ئېرىشكەن.ئۇ،گەرچەيۇقۇرى تەبىقىدىكى ئەمەلدار بولسىمۇ ئەمما،يەنىلا خەلىقنىڭ ئاھۇ-زارىنى تۇنۇپ يېتىپ،شېئىرلىرىدا ئېكىسپىلاتاسسىيە ۋە ئېزىلىشكە دۇچار بولغان خەلىقكە نىسبەتەن ئۆزىنىڭ ھىسداشلىقىنى ئىپپادىلەپ،سىنىپى زىددىيەتلەرنى ئېچىپ تاشلاپ،ئوردىنىڭ بەزى تۇزۇملىرىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى ئىپپادىلىگەن.مازۇچاڭ كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ،ئاساسلىقلىرى‹.لې خۇجىن ئۆرنەكلىرى››،‹‹قارىغايلىق ھۇجرىدىكى ئىشلار خاتىرىسى››،‹‹شېتىيەن مەجمۇئەسى››قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇ يەنە ‹‹يىڭزۇ توغرىسىدا ھەقىقى خاتىرىلەر››دېگەن كىتاپنى تۈزۈشكە قاتناشقان.‹‹پادىشاھ رەسىمىنىڭ بۈيۈك نۇسخىسى››،‹‹چېڭ خۇا توغرىسىدىكى قىسقىچە تەپسىرات››قاتارلىق كىتاپلارنى تەھرىرلەش ۋە تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان. يۇەن دەۋرىدىكى ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىچىدە مازۇچاڭنىڭ ئەسەرلىرى ئەڭ كۆپ ۋەكەڭ تارقالغان بولۇپ‹‹يۇەن دەۋرى ئەدەبىياتى››غا ئۇنىڭ 21پارچە ئەسىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن بۇ ئەسەرلەرنى پۈتۈن توپلامنىڭ تاجىسى دىيىشكە بولىدۇ. مازۇچاڭنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدە‹‹شىتيەن مەجمۇئەسى››داڭلىق بولۇپ،بۇئەسەرنىڭ مەزمۇنى مول،تېمىسى كەڭ،ئىدىيىۋى مەزمۇنى ساغلام ۋە ئىلغار. ئۇنىڭ يەنە‹‹چىغىرىقنى دەسسەپ سۇچىقىرىش››،‹‹ئاياللارزارى››،‹‹يىپەك سۇزانە››،‹‹ئات باقار ››دېگەنگە ئوخشاش ۋەكىللىك ئەسەرلىرى بار.
سەيدۇللا(1272-1355)،تەخەللۇسى جىجەي،مەشھۇر شائىرلاردىن بىرى.تاۋزۇڭيى‹‹تارىخى كىتابلارجەۋھىرى››ناملىق كىتابىدا‹‹سادۇلا(سەيدۇللا)نىڭ ئىسمى تىيەنشى بولۇپ،ئۇيغۇر ئىدى››دەپ يازغان.سەيدۇللانىڭ‹‹ يەنمىن توپلىمى››دېگەن داڭلىق كىتابى بار.
سەيدۇللا خەلىقچىللق روھىغاباي،رىئالىزىمچى شائىر.ئۇ،بىر قاتار شېئىرلىرىدا رىئاللىقنى چىنلىق بىلەن تەسۋىرلەپ،ئۆزىنىڭ ھەقىقى ھىسىياتىنى ئىپادىلىگەن.
سەيدۇللانىڭ شېئىرلىرىدا ئۇرۇشلارغا چېتىلىدىغان شېئىرلارمۇ بارشائىر ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىغا قارىشى تۇرىدۇ.ئۇنىڭ بەزى شېئىرلىرىدا مۇقىم،خاتىرجەم تۇرمۇش مۇھىتىنى ئۈمۈد قىلىش ئىدىيىسى ناھايىتى روشەن ئەكس ئەتكەن.
سەيدۇللا يۈەن سۇلالىسىدىكى ئاتاقلىق شائىر.ئۇنىڭ ئىجادىيىتى شۇزامانلاردىلا باشقىلارنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولغان.گەن چېنچۈەن‹‹يەن مىن توپلىمىغا كىرىش سۆزدە ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى‹‹گۈركىرەپ سوققان بوراندەك،خۇددى لەھەڭ ئەجدىرھالار ئېتىلىپ چىقىدىغان دېڭىز دولقۇنلىرىدەك ھەيۋەتلىك،تەيشەن خۇاشەن تاغلىرىدىن بۇلۇتلارنى يېرىپ كۆرۈنىدىغان ياپيېشىل قارىغايلاردەك دەبدەبىلىك،خەيييىندىن ئاتلىنىپ چىقسا غەلىبە قىلماي قويمايدىغان لەشكىرى قوشۇندەك مەردانە ۋە جانلىق…››دەپ تەرىپلىگەن.
سەيدۇللانىڭ شېئىرلىرى تارىختىن بېرى ئەدىبلەر ۋە خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن سۆيۈپ ئوقۇلۇپ كەلگەن.‹‹رەئىس ماۋزېدۇڭ تۆتىنچى توم ئەسەرلىرىدىكى‹‹پارە-پارەبولۇۋاتقان ئەكسىيەتچىلەر نېمەئۈچۈن يەنە ئۇمۇميۈزلۇك تىنىچلىق دەپ جارسالىدۇ››دېگەن ماقالىسىدە سەيدۇللانىڭ‹‹تاش قەلئە››ناملىق شېئىردىكى ‹‹ۋۇبىلەن چۇنىڭ ئۇپۇقتىن پەس بېشى ،ھېچنېمە ئالدىمدا يوق سالسام نەزەر.››دېگەن مىسرالىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، نەنجىڭدىكى گومىندڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئازادلىق ھارپىسىدىكى پارە-پارە بولۇپ كېتىپ بارغان ئەھۋالىنى سۈرەتلىگەن››[8]
كى كى قۇرسائېچقۇ- كى كى قۇرسائېچقۇ قەدىمكى جانبالىقلىق ئەدىب بولۇپقۇچۇ ئۇيغۇر ئېلىگە تەۋە ئىدى.(جانبالىق ھازىرقى سانجى ئەتراپىغا توغرا كېلىدۇ.)ئۇ ئەينى چاغدا ئاق سۆڭەكلەر تەبىقىسىگە تەۋە مەمۇرى ئەمەلدار بولغان.ئۇنىڭ‹‹ئىدىقۇت قۇچۇخانلىقى تۆھپە مەڭگۈ تېشى››ناملىق بىرداستانى بىز گىچە يېتىپ كەلگەن.ئۇنۇڭدا قۇچۇ ئۇيغۇر خانكىقىنىڭ پادىشاھلىرىدىن بارچۇق ئارىتتېكىن خاندىن تارتىپ تايپىنۇ((taypinuخانخىچە بولغان بىرقانچە ئەۋلاد خانلارنىڭ شەجەرىسى خاتىرلەنگەن.بۇ مەڭگۇتاش ئۆزدەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بولۇپمۇ شېئىرنى،تىلنى تارىخنى ئۆگىنىشتە ياخشى ماتېرىيال بولالايدۇ.
كى كى 2(1295-1345)ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى قاڭلى قەبىلىسىدىن،يۇرتى قۇچۇ ئېلى.ئۇ يۈەن دەۋرىدە بېيجىڭدا تەخمىنەن 1328-يىلدىن1344يىلغىچە مەمۇرى ئەمەلدار بولۇپ تۇرغان.ئۇ ئىلىم تەھسىل قىلىشقا،كىتاب ئوقۇشقا خۇشتار،بىلىمى مول،نەزەر دائىرىسى كەڭ ئادەم ئىدى.
كى كى 2‹‹ئامىتا يۇردياناسۇترا››دېگەن بۇددىزىم مەزمۇنىدىكى ئەسەرنى خەنزۇتىلىدىن ئىجادىي يۇسۇنداشېئىر شەكىلگە سېلىپ،يەنى باش قاپىيىلىك،ھەربىر كۇبلىتى تۆت مىسرالىق شېئىرى ئەسەرگە ئايلاندۇرپ ئىشلەپ چىققان.
كارۇداناس-كارۇداناس يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەشھۇرئالىم بولۇپ،تۇغۇلغان ۋاختى ئېنىق ئەمەس1311-يىلى ۋاپات بولغان.ئۇ سانسىكىرىت،خەنزۇ،موڭغۇل،ئۇيغۇر ۋەتۇبۇت تىللىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن ھەم بۇددا نوم سۇترىلىرىنى مۇكەممەل بىلىپ قۇبلايغاننىڭ مەشھۇر تەرجىمانى سۇپىتىدە يۈن سۇلالىسىنىڭ چەتئەللەر بىلەن بولغان ئالاقىسىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان.ئۇ سىياسى جەھەتتىمۇ پىشقان ئادەم بولۇپ پادىشاھلارنىڭ ئەلنى ياخشى باشقۇرۇشى ئۈچۈن،ئەقىل كۆرسۈتۈپ،خەلق ئارىسىدىكى بىر قېتىملىق مالىمانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالغان.كارۇناداس‹‹ھىندىستان تۇبۇت نوملىرى ھەققىدە››دېگەن كىتابنى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى موڭغۇل تىلىغا تەرجىمە قىلىپ،پادىشاھقا تەقدىم قىلغان.
كارۇناداس يەنە شېئىرمۇيازغان.ئۇنىڭ ‹‹ئۆتۈنۈچ دۇئاسى››ناملىق 17مىسرالىق بىر شېئىرى خانبالىقتا يېزىلغان.قەدىمى ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇشېئىر1302-يىلى يېزىلغان بولۇپ،گېرمانىيىلىك ئېكىسپىدىچىيىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن.1975-يىلىگېرمانىيىلىك پېتىرزېمىې‹‹ۋېنگىرىيە شەرق شۇناسلىق ژورىنىلى››نىڭ ئالدىنقى سانىدا ئېلان قىلغان. [9]
يول تۆمۈر يۇچىڭ- يول تۆمۈر يۇچىڭ 1330-يىلى يۈەن سۇلالىسىنىڭ يۈننەنگە يۈرۈش قىلغان(1330-يىلى) قوشۇننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولۇپ،ئۇ يۈننەندە تۇرىۋاتقان چېغىداقۇنشېئىم بۇتساتۋاغا چوقۇنىدىغان ئايالغائاتاپ بىرپارچە شېئىرى سالام خەت يازغان.
مەزكۇر سالام خەت قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىريىتىدىكى باش قاپىيە ئۇسلۇبىدا يېزىلغان.قىسمەن جايلاردا باش قاپىيە بىلەن تەل ئاياق قاپىيەمۇ مەلۇم دەرىجىدە قوللۇنىلغان بولۇپ80قۇر،ئۇنىڭغا‹‹ئۆڭدى يۈكۈنىچ شىلوك ئەرۇر››(مەدھىيە ۋەيۈكۈنۈش شىلوكى)دەپ ماۋزۇ قويۇلغان.
‹‹مەزكۇر سالام خەت ھەجىم جەھەتتىن قىسقىراق بولسىمۇ،ئەمما ئۇيغۇر شېئىريىتى،يۈەن دەۋرىدىكى ھاكىميەت مۇستەھكەملەش ئۇرۇشلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ رولى،ئۇيغۇرسالام خەتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشتا زور قىممەتكە ئىگە بولۇپ،نۇقۇل ھالدىكى سالام خەتلەردىن كەسكىن پەرىقلىنىدۇ.››[10]
شىلەنلەن باخشى(1276-1331)شىلەنلەن باقشى يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان مەشھۇر راھىبە. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى قۇجۇلۇق بولۇپ، يۈەن دەۋرى مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشتە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان.شىلەنلەن ئۇنىڭ ئىسمى،‹‹باخشى››ئۇستازدېگەن مەنىدە بولۇپ،يۈەن ئوردىسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئۇنى ھۆرمەتلەپ قويغان نامىدىن ئىبارەت.
شىلەنلەن باخشى خەنزۇتىلىدا يېزىلغان‹‹بۇدداۋاتانساكا ماخاۋاي پۇليا سۇترا››،‹‹لىڭتىيەن سۇترىسى››،‹‹ئالتۇن يارۇق››،شۇنداقلا تۇبۇت تىلىدا يېزىلغان‹‹پىراجىناغائوقۇلغان سەككىزمىڭ مەدھىيە››،‹‹بەش مۇھاپىزەتلىك تارانى›› قاتارلىق ئون پارچىدىن ئارتۇق بۇددا نوم سۇترىلىرىنى يېزىپ ئالتۇن ھەل بىلەن بېزەپ چىققان.ئۇيەنە دادۇ(بېيجىڭ)دامىياۋشەن ئىبادەتخانىسىنى سالدۇرغاندىن سىرىت يەنە بىرنەچچە ئىبادەت خانىلارنى رىمىنۇت قىلدۇرغان ۋە نۇرغۇن ئىسرىقدان ئىئانە قىلغان.شىلەنلەن باخشىنىڭ ئېلىمىز بۇددا مەدەنيىتىنىراۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.
سىلىغ تېكىن- سىلىغ تېكىن ئۆزدەۋرىنىڭ راھىبەسى ۋە شائىرەسى.ئۇ قوچۇ ئۇيغۇر رايۇنىدا ياشىغان.ئەينى زاماندىن قالغان‹‹يىتكەن سۇترا››(يىتكەن-يەتتە تىكەن دېگەن مەنىدە)ناملىق بىر نومنىڭ ئاخىرىدا‹‹يەنەگۇي بۇرۇچلۇق››دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتىلىۋاتقان ئالتە كۇبلىتلىق بىر خاتىمە دۇئاسى بار بولۇپ،بۇئەسەردە سىلىغ تېكىننىڭ نامى ئۈچ يەردە كۆرىلىدۇ.1313-يىلى يېزىلغان بۇشېئىردا شۇدەۋىرنىڭ ئادىتى بويىچە ئۆزىنىڭ ساۋابلىق ئىشلىرىنى زاماننىڭ خانلىرىغا،بارلىق جانلىقلارغا بېغىشلاش بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ ئاغرىق-سىلاقتىن قۇتۇلۇش ۋە ‹‹قايتا تۇغۇلۇش››ۋاقتىدا يەنە قىز بولۇپ تۇغۇلۇپ قالماسلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىنى بايان قىلىدۇ.
سىلىغ تېكىننىڭ تۆتلىك،بەشلىك،ئالتەلىك مىسرالار بويىچە ئەركىن يېزىلغان بۇكۇبلىتلىرى قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىريىتنىڭ قائىدىسى بويىچە تولىراق باش قاپىيە ئۇسۇلىدا يېزىلغان.
ۋاپسى باخشى- ۋاپسى باخشى13-ئەسىردە قوچۇ تەۋەسىدە ياشىغان بۇددا مۇتەپەككۇرى.ئۇنىڭ‹‹كۆڭۈل تۇزۇن ئوقۇتتاچى نوم بىتىگ ياكى ئاڭنىڭ ماھىيىتىنى بىلدۇرگۈچى نوم بىتىگ››(ئاڭنىڭ ماھىيىتىنى بىلدۇرگۈچى نوم)ناملىق بىرپارچە ئەسىرى باربولۇپ،ئۇنۇڭدا بۇددا دىنىنىڭ ئەقىدىلىرى شەرھىلەنگەن.
‹‹شىناسى تېكىن نېمىس تىلىدا ئېلان قىلغان‹‹يۈەن دەۋرىدىكى ئۇيغۇرچە بۇددىزىم ئەسەرلىرى››(بۇداپىشىت 1980-يىلى نەشىرى)ناملىق ئەسىرىدە بۇ ئەسەرنى تۇنۇشتۇرغان ۋە ئۇنىڭ ئەينى تېكىستىنى جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇنغان.››[11]
شىيې ۋېنجى قىيا - شىيې ۋېنجى قىيا ئۇيغۇر شەرىقى جېجىياڭدا تەپتىش بېگىنىڭ ياردەمچىسى بولغان.چىن يەن تۈزگەن ‹‹يۈەن سۇلالىسىدىكى شېئىرلاردىن خاتىرە››ناملىق كىتابقا بىرپارچە شېئىركىرگۈزۈلگەن.‹‹ۋۇبەگلىكى ئىشقاۋۇل پىرقىسىدىكى شېئىرىي سۆزلەر››دېگەن كىتابقا ئۇنىڭ مەيگە ئامراقلىقى،راھىبلارنى كۆزگەئىلمايدىغانلىقى خاتىرلەنگەن.
لىيەن پۇكەي-لىيەن پۇكەي ئۇيغۇر ئاتا-بوۋىلىرى ئەتۋارلىق ئەمەلدارلاردىن بولۇپ،ئۆزى ھۈدەيچى،دىۋان ۋازارەت مۇئەككىلى،شىيەنشى مەھكىمىسىدە مۇپەتتىش بېگى بولغان.بىرپارچە شېئىرلا ساقلىنىپ قالغان.
دەرۋىش-دەرۋىش،ئۇيغۇر،قارائون قەبىلىسىدىن،دارىلئولۇمدا تامغاچ مۇدەررىس،لىياۋياڭ مەھكىمىسىدە مەسلىھەتچى بولغان.‹‹باۋدىڭ يامۇل تەزكىرىسى››دە بىرپارچە شېئىرلا ساقلىنىپ قالغان.
شىيې يۈلى- ئۇ تەرىقەتچىلىك يولىنى تۇتۇپ،رېنزۇڭ خاننىڭ يەنيۈ 5-يىلى(1318-يىلى)ئۆلىما بولغان كېيىنچە خۇگۇاڭ مەھكىمىسىدە مۆھۈردار بولغان،خەيبېي،خەينەن مۇپەتتىش مەھكىمىسىدە مۇپەتتىش بېگى بولغان.‹‹شىيۈ توپلىمى››نى قالدۇرغان بولسىمۇ ،بىزگىچە ئون نەچچە پارچە شېئىرلا يېتىپ كەلگەن.
شىېي جىدۇ- رېنزۇڭ خاننىڭ يەنيۈ2-يىلى(1315-يىلى)تەشرىپدار،گاۋيۈ(بۈگۈنكى جىياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ گاۋيۈ ناھىيىسى)دە ھاكىم بولغان.ئىتائەتمەن ئۆلىما سۈپىتى بىلەن گۇڭدۇڭدىكى تەپتىش مەھكىمىسىدە ئىش بېجىرگۈچى بولغان.ئەيىپلىنىپ ئەمىلىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن لىياڭ (جىياڭسۇ ئۆلكىسى)دا ئوتۇراقلاشقان،يەر-زېمىن سېتىۋېلىپ،مۇئەللىم بولغان.ئاخىرىدا ھۈنەر كەسىپ مەھكىمىسىدە دىۋان بېگى،مەسلىھەتچى بولغان.ئۇنىڭ ئۈچ پارچە شېئىرلا بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.
خۇي-خۇي-(1283-؟)ئۇيغۇر،قاڭلى قەبىلىسىدىن،داڭلىق شائىر بوخۇمنىڭ ئوغلى.ئۇ ئازگەپ قىلىدىغان،تمكىن،بىلىملىك،يېزىق ئىشلىرىدا ئىقدىدارلىق بولغاچقا چېڭزۇڭ،ۋۇزۇڭ،رېنزۇڭ،يىزۇڭ،تەيدىڭ ۋە ۋېنزۇڭ خان زامانىسىدا ئەتۋارلىنىپ ئىشلىتىلگەن.ئىلگىرى –كېيىن بولۇپ مۇراسىم بېگى مەھكىمىسىدە ئەمەلدار بولغان.كېيىن يەنە ئەمىلى ئۈزلۇكسىز ئۆستۈرلۈپ جىياڭجې ۋاقىتلىق ۋازارىتىدە ئوڭ قول ۋەزىر قاتارلىق مەنسەپلەرگە تەيىنلەنگەن.ۋېنزۇڭ تەخىتكە ئولتۇرغاندا پەرمان مەھكىمىسىدە پەرمان بەگ،قارا دىۋاندا ئوڭ قول ۋەزىرلىككە قويۇلغان بولسىمۇ ئۆزۈرىخالىق ئېيتىپ قىلغىلى ئۇنىمىغان.خۇي-خۇي شۇچاغدىكى ئاتاقلىق شائىرلاردىن ھېسابلانسىمۇ ،لىكىن ئۇنىڭ ئىككى پارچىلا شېئىرى.‹‹يۈەن دەۋرىدىكى شېئىرلاردىن تاللانما››ئارقىلىق بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.
ناۋناۋ(1295-1345) ناۋ-ناۋ ئۆسمۈر چېغىدىلا خانزادىلەر مەكتىۋىدە ئوقىغان.كېيىنچە ئاق سۆڭەك بەگزادە مەرتىۋىسى بىلەن ئوردا مۇھاپىزەتچىسى بولغان.دانىشمەنلەر مەھكىمىسىدە مىرزا بەگلىككە قويۇلغان.كېيىنچە يەنە،جىياڭنەن ۋاقىتلىق ۋازارىتىدە تەپتىش بەگ،ئۆلۈمالار مەھكىمىسىدە باش مۇشاۋۇربولغان.شۈندى خاننىڭ جىجىڭ 4-يىلى(1334-يىلى)جېجىياڭدا داۋان ۋازارەت مۇئەككىلى بولغان.ئىككىنچى يىلى يەنە دانىشمەن –ئۆلۈمالار كامالەتخانىسىغا چاقىرتىلغان.لىكىن ئاستانىگە كېلىپلا ئالەمدىن ئۆتكەن.شۇچاغدا 51ياشتا ئىدى.
ناۋ ناۋ خۇشچاقچاق مۇلايىم ئادەم بولۇپ تارىخى بىلىملەرنى مۇكەممەل ئىگىلىگەن.دائىم خەت بىلەن ھەپىلىشىپ ئۇستا خەتتاتلاردىن بولۇپ يېتىشكەن.شۇدەۋىردە جاۋمىڭجاۋدىن قالسىلا ئۇنۇڭغا يېتىشكۈدەك خەتتات بولمىغان.ھەتتا،شىمالدا ناۋ-ناۋ،جەنۇبتا جاۋ مىڭجاۋ دەيدىغان گەپلەر تارقالغان.
ئۇ،ئاكىسى خۇي-خۇي بىلەن شۇچاغدىكى ئاتاقلىق شائىرلاردىن ھېسابلانسىمۇ،ئۇنىڭ بىزگىچە‹‹گاۋتەپتىشنى نەنتەيدىن ئۇزىتىش››قاتارلىق بىر-نەچچە پارچە شېئىرلا يېتىپ كەلگەن.
ياخۇ- ئېركېئون قەبىلىسىدىن،دەسلەپكى ئىسمى ياقۇپ تەشرىپدار بولغان ۋېنزۇخان ئۇنۇڭغا ياخۇ دېگەن ئىسىمنى بېرىپ،دانىشمەنلەر مەھكىمىسىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.
ياخۇ شېئىر ئىجادىيىتىدە ناھايىتى داڭلىق بولۇپ،مىڭ سۇلالىسىدىكى ئەدىب چۈي يو،خۇ يىڭلىن ئۇنۇڭغا ناھايىتى يۈقۇرى باھالارنى بەرگەن.ئۇ شېئىرنى ھەقىقەتەن ،راۋان ۋە جۇشقۇن كەيپىياتتا يازغان.مىڭ سۇلالىسىدىكى جاڭ شى،چىڭ سۇلالىسىدىكى گۇسىلى قاتارلىقلار ئۇنى‹‹ئۆز زامانىسىنىڭ قالتىس شائىرى ئىدى››دەپ تەرىپلىگەن.
كەيلىباش-كەيلىباش ،ئون يىل پۈتۈكچى دورغاپ،سالنامىچى بولغان.ياخۇ بىلەن بىرلىكتە ئىشلىگەن.باشقا ئەھۋاللىرى ئېنىق ئەمەس.‹‹يۈەن دەۋرىدىكى شېئىرلاردىن تاللانما››دا ‹‹يۈنفۇ تېغىدىكى تالىپلار ھوجرىسى››قاتارلىق بەش پارچە شېئىرى ساقلىنىپ قالغان.
شۆئاڭفۇ(1275-1345)،ئەسلى ئىسمى چاۋۋۇ،تەخەللۇسى جىيۇگاۋ،ئۇنىڭ خەنزۇچە فامىلىسى ما بولغاچقا،مائاڭفۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ.ئۇلۇغ بوۋىلىرى بۇرۇنلا ئىچكى ئۆلكىلەرگە كۆچۈپ ئولتۇراقلاشقان.بوۋىسى تەپتىش بېگى،دادىسى تەپتىش ياردەمچىسى بولغان.ھەرئىككىيلەنگە تىيەنگو تۆرە دېگەن مەرتىۋە ئوتۇغات قىلىنغان.شۆئاڭفۇ ياش چاغلىرىدا جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسىدىن كۆچمەن بولۇپ كەلگەن داڭلىق شائىر ليۇ جىنۋېڭنى ئۇستازتۇتقان. دەسلەپكى مەزگىللەردە جىياڭشىدىكى قارادىۋاندا پەرمان مۇئەررىغ بېگى،كېيىنچە مىرزا نازارىتىدە مۇلازىم بولغان.
شۆئاڭفۇ 31يېشىدا‹‹جىيۈگاۋ توپلىمى››نى تۈزگەن.شۇچاغدىكى داڭلىق شائىرلاردىن يۈجى،ياڭ زەي،سەيدۇللا قاتارلىقلار شۆئاڭفۇغا ئاتاپ مۇشائىرە يازغان.جاۋمىڭجاۋ ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ‹‹جۇشقۇن ۋە مەردانە،راۋان ۋە يەڭگىل، ھازىرغىچە ئۆتكەن تەرىقەتچىلەرنىڭ چېچقايسىسى ئۇنىڭدەك يازمىغان››دەپ ماختىغان.ۋاڭ دېيۈەن ئۇنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدە سۆزلەپ‹‹ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ مەزمۇنى يېڭى،قۇرۇلمىسى نۇكەممەل،لەرزان ۋە يېقىملىق،مىسرالىرى خۇددى دۇلدۇلدەك چاپچىپ تۈرىدۇ.ئوقىغان كىشىگە خۇددى سەككىز ئات قوشۇلغان ھارىۋا بىركۈندە مىڭ چاقىرىم يىراققا كەتكەندەك تەسەۋۋۇر ئاتا قىلىدۇ››دېگەن.ئەپسۇسكى،ئۇنىڭ ‹‹جىيۇگاۋ توپلىمى››بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.ئۇنىڭ ‹‹يۈەن دەۋرىدىكى شېئىرلاردىن تاللانما››غا ‹‹راھىبنى ئۇزىتىش›› ناملىق بىرپارچە شېئىر كىرگۈزۈلگەن.مىڭ سۇلالىسىدىكى تىيەن رۇچىڭ ‹‹شىخۇ كۆلىدىكى سەيلە –ساياھەتتە ئۇچراتقانلىرىم››ناملىق كىتابقا ئۇنىڭ‹‹جىيۇگاۋ توپلىمى››دىكى ناخشىچى لوشىڭغا ئاتاپ يازغان بىر شېئىرنى ئالغان.شۆئاڭفۇ نەغمە ئاھاڭلىرىغا تېكىسىت يېزىشتا داڭلىق بولۇپ ئۇ نەغمە تېكىستى يېزىشتا گۈەن يۈنشى قاتارلىقلار بىلەن بىرقاتاردا تۇرىدۇ.ئۇنىڭ ‹‹يۈەن دەۋرىنىڭ ئۇمۇمىي نەسر نەزمىلىرى››دېگەن كىتابتا نەغمە ئاھاڭلىرىغا يازغان65 پارچە كىچىك تېكىستى،پۇتۇن يۈرۈشلۈك نەزمىلەردىن ئۈچى بار.
نەيشەن(1310-1368)قارلۇق قەبىلىسىدىن ئاتا-بوۋىلىرى ئالتاي تاغلىرىنىڭ غەرىبىدە ياشىغان.ئۆزى چۆچەكتە چوڭ بولغان.يۈەن سۇلالىسى جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن نەنياڭغا كۆچۈپ بارغان.كېيىنچە دۇڭخۇدىكى خەتتاتلار مەھكىمىسىدە قورۇقچى بولغان،دانىشمەن-ئۆلۈمالار كامالەت خانىسىدا پۈتۈكچىلىككە تەكلىپ قىلىنغان.
نەيشەن شېئىرلىرى بىلەن داڭلىق بولۇپ بىر پارچە شېئىر يازغان ھامان شۇچاغدىكى ئەدىبلەر تالىشىپ تۇرۇپ كۆرۈشكەن.شۇچاغدىكى خەتتات خەن يۈيۈ،قەدىمكى خەنزۇتىلى ئالىمى ۋاڭ زىچۇڭ بىلەن بىرلىكتە ‹‹جخياڭنەندىكى ئۈچ ئۆلۈما›› دەپ ئاتالغان. نەيشەن يۈەن سۇلالىسى شېئىريەت مۇنبىرىدىكى ئاتاقلىق ئەدىب ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ‹‹جىنتەي توپلىمى›› كەڭ-كۆلەمدە تارقالغان گۈسلى تۈزگەن ‹‹يۈەن دەۋرىدىكى شېئىرلاردىن تاللانما››غا ئۇنىڭ 158پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن.
نەيشەن‹‹خېشۈدىكى قەدىمى جايلارغا زىيارەت››ناملىق ئالتە جىلد ئەسەريازغان بولسىمۇ ئەسلى ئەسەر يوقىلىپ كەتكەن.‹‹يۇڭلې قامۇسى››غا ۋېيجۇن ئايمىقى،خېنەن ئايمىقى،چاڭشەن ئايمىقىغا ئائىت ئۈچ جىلد ئەسەر كىرگۈزۈلگەن.
يۇقىرىقى ئەدىبلەردىن باشقا يەنە يۈەن دەۋرىدە ئارغۇن سالىدەك مائارىپچىلار،لىيەنشىشەندەك سەركەردە،ھەربىي ئالىم،سىياسىيونلار،ئەلئۇقمىش دەك داڭلىق دېڭىز چىلار،جامالىدىندەك ئاستىرنوملار،ئىسمائىلدەك كەشپىياتچىلار(يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئىسمائىل غايەت زور زەمبىرەك ياساپ چىققان بولۇپ،بۇزەمبىرەكنى شۇۋاقىتتىكىلەر‹‹ئۇيغۇر زەمبىرىكى›› دەپ ئاتىغان.‹‹يۈەن سۇلالىسى تارىخى ئىسمائىلنىڭ تەرجىمھالى››دا،بۇزەمبىرەك ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ،ئۇنىڭدا:‹‹ئوق ئۈزسە يەر-جاھاننى تىترەپ،نىشاننى كۈكۈم تالقان قىلىپ يەرنى يەتتە چى چوڭقۇرلۇقتا ئويۇپ تاشلايتتتى دېيىلگەن››[12]يېتىشىپ چىققان بولۇپ،يۈەن سۇلالىسىنىڭ گۈللۈنۈپ روناق تېپىشىدا ئۆزلىرىنىڭ بىركىشلىك ھەسسىسىنى قوشقان.
قىسقىسى ئۇيغۇرلار يۈەن دەۋرى مەدەنيىتىگە يالغۇز ئەدەبىيى-ئىجادىيەت جەھەتتىلا كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ قالماستىن بەلكى يەنەمائارىپ، ئاستىرنومىيە،رەسساملىق،مېدىدسىنا،تارىخ،پەلسەپە ،ماتېماتىكا،جۇغراپىيە جەھەتلەردىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە ئىچكى ئۆلكە ئالىملىرىغا زور يېڭىلىقلارنى ۋە تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن.
ئىزاھلار
[1]يۇسۇپجان ياسىن؛«موڭغۇل ئېمپىريىسىدىكى ئۇيغۇر سەركەردىلەر››شىنجاڭ ياشلىرى ژورىنىلى2008-يىلى11-سان33-بەت
[2]ئابلاجان ئۈمۈديار:‹‹يۈەن دەۋرىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كۆچكەن ئۇيغۇرلار››شىنجاڭ ئىجدىمائىي پەنلىرى ژورىنىلى 2005-يىللىق5-سان 47-بەت
[4]،[5]نەبىجان تۇرسۇن؛‹‹مۇسكىۋا خىياللىرى››شىنجاڭ مەدەنيىتى ژورىنىلى1998-يىلى5-6-قوشما سان 20-بەت
[3]،[6] [11،10،9] غەيرەتجان ئوسمان؛‹‹ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى››شىنجاڭ خەلق نەشىريەتى2001-يىلى6-ئاي نەشىرى155-171بەتلەر
[7]شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى 1989-يىللىق6-سان41-بەت
[8] لىيۇ جېڭمىن،شىڭ خەنشۈي:‹‹غەرىبي يۈرت ئازسانلىق مىللەت شائىرلىرىنىڭ تاللانما شېئىرلىرى››مىللەتلەر نەشىرياتى2007-يىل10-ئاي1-نەشىرى.179-بەت ،ئىمىن ئەھمىدى تەرجىمىسى.
[12] ئابلاجان ئۈمۈديار:‹‹يۈەن دەۋرىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كۆچكەن ئۇيغۇرلار››ناملىق ماقالىسىدە كەلتۈرگەن نەقىل شىنجاڭ ئىجدىمائىي پەنلىرى ژورىنىلى 2005-يىللىق5-سان48-بەت
پايدىلانغان ماتىرياللار
1. لىيۇ جېڭمىن،شىڭ خەنشۈي:‹‹غەرىبي يۈرت ئازسانلىق مىللەت شائىرلىرىنىڭ تاللانما شېئىرلىرى››مىللەتلەر نەشىرياتى2007-يىل10-ئاي1-نەشىرى.ئىمىن ئەھمىدى تەرجىمىسى.
2. غەيرەتجان ئوسمان؛‹‹ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى››شىنجاڭ خەلق نەشىريەتى2001-يىلى6-ئاي نەشىرى
3.شىنجاڭ ياشلىرى ژورىنىلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سانلىرى
4.مۇھەممەتجان توختى يۈەن دەۋرىدىكى ئەدىبلەر ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››2009-يىل6-ئاي 17-كۈندىكى سانى
5.لىيۇزىشاۋ :‹‹ ئۇيغۇ تارىخى ›› مىللەتلەر نەشىرياتى