مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 38607|ئىنكاس: 173

مۇھەببەت ۋە مەسئۇلىيەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

263

يازما

271

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 10854
يازما سانى:
263
نادىر تېما :
1
مۇنبەر پۇلى :
9021
تۆھپە :
421
باھا :
343
توردا:
3588 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-9-20
ئاخىرقى:
2016-3-22
ۋاقتى: 2015-11-23 16:10:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                                    1.ئاچا يول
-دادام ھەل بوپ قالدى دەيدىغۇ ئاداش،سىنىڭچۇ؟
-قايتىپ بىرىپ قوش تاللاشقا قاتنىشاي دەيمەن.زۆھرە سەنچۇ؟
-بىلمىدىم ئاداش قىنى كىنىشكىلىرىمنى كۆتۇرۇپ بىرىپ باقاي،تەلىيىم بولسا ياخشىراق يەرگە  ئورونلىشىپ قالارمەن.
-ئادى،نىمە خىيال سۇرۇپ كەتتىڭ ؟سەن قانداق قىلىشنى ئويلاشتىڭىمۇ؟
ياتاقتىكى قىزلارنىڭ مۇشۇ بىر نەچچە كۇندىكى پاراڭ تىمىسى خىزمەت توغورلۇقلا بولىۋاتاتتى. ھەش-پەش دىگۇچە بەش يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىز ئاخىرلىشىپ جەمىيەتتىكى جەڭگاھقا تەييارلىق ھالەتتە تۇرۋاتاتتۇق.بۇ ھالەت بىزنى تەبىيلا خىزمەت توغورلۇق مۇنازىرلەرگە ئىلىپ  بارماقتا ئىدى.بۇ ئوماقلارنىڭ سۇئالى ماڭا كىلىپ توختىدى.
-ھە ،ئازات بىلەن دىيىشتۇق،ئۇنىڭ يۇرتىدىكى چەت رايونلارغا بىرىپ ئوقوتقۇچى بولۇشقا     تىزىملاتماقچى بولۇشتۇق.
-قىزىپ قالمىغانسەن ئادى؟
-شۇنى دەيمەن؟؟؟
قىزلارنىڭ چۇقىراشلىرى ئىچىدە نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.
-ساراڭ بولدۇڭما؟ئۇ چەت جايلاردا نىمە بار ساڭا؟
-توۋا ئادى،جىڭ توختاپتۇ كاللاڭ!سەن ئۇ يەرلەرگە كۆنەلەمسەن؟5يىل ئوقاپ ئۇ يەرلەرگە كەتسەڭ ئۆيۇڭدىكىلەر نىمە دەيدۇ؟
-بۇچۇ قاراڭلار ئۆزىنى مۇھەببەت كىنولىرىنىڭ باش قەھىرمانى دەپ ئويلاۋاتقان ئوخشايدۇ.
ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ھىچ توختار ئەمەس ئىدى.گەپنى بۆلدۇم.
-ئىككىمىزنىڭ بىللە بولۇشىغا مۇشۇنىڭدىن باشقا يول يوق قىزلار!ئۇ ئوغول بالا تۇرسا ،ئۇنى مىنىڭ يۇرتۇمغا بىرىڭ دىسەم بولماس،ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۆزەمگە خىزمەت تىپىشمۇ تەس ،ئۇمىنىڭ  يۇرتۇمغا بارسا نىمىش قىلىدۇ؟
-نىمىشكە باشقا يول يوق ؟ئۇرۇمچىدە قالساڭلار بولىدىغۇ؟سەنمۇ بارما ،ئۇمۇ بارمىسۇن ،مەمۇرى ئىمتاھانلارغا قاتنىشىپ مۇشۇ يەردە قىلىشنى تاللىساڭلارمۇ بولىدىغۇ؟ئىككىلىڭلار دەرىستە بەك ياخشى ،چوقوم مەمۇرى ئىمتھانلاردىن ئۆتۇپ كىتىسىلەر!
-ئاي راست دەيدۇ،نىمىشكە ئۇرۇمچىدە قىلىشنى ئويلاشمايسىلەر،ھەر ئىككىڭلار دەرىستە شۇنچە ياخشى ،ئۇرۇمچىدە چوقوم خىزمەت تاپالايسىلەر ئاداش.
بۇلارنىڭ سۆزلىرى نەچچە ۋاقىتتىن ئىككىلىنىپ تۇرۋاتقان كۆڭلۇمنىڭ پىلىكىگە ئوت يىقىۋاتاتتى ،دىمىسىمۇ چەت ياقىلاردا ئوقوتقوچى بولۇشقا كۆڭلۇمدە دىلىغۇللۇق بار ئىدى.ئەمما ئازات ئىزچىل بو توغورلۇق ماڭا سۆزلەپ مىنى قايىل قىلۋاتاتتى.كۆڭلۇمنىڭ بىر يەرلىرىدە قايىللىق بولسىمۇ ،بىر يەرلىرىدە يەنىلا دىلىغۇللۇق ھۆكۇم سۇرەتتى.
-سىلەرنىڭ دىگىنىڭلارمۇ توغرا قىزلار ،ئەمما ئازات...
-يائاللا ئازات ئازات دەپلام يۇر سەن ،سىنىڭ ئۆزەڭنىڭ مەيدانىڭ يوقما ،سەن ئۇ يەرلەرگە بارساڭ كۆنەلەمسەن،زايە كىتىسەن ئاداش ،ساراڭلىق قىلما ،سەن قانداق ياخشى ئوقودۇڭ ،ئەمدىلىكتە ؟توۋا- ئاي  يەنە گىپىمنى بۆلدى،ئۇنىڭ چىرايىدىن ئاچچىقلىنىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
5يىل بىر ياتاقتا يىتىپ ئۇرۇق-تۇققاندەك بولۇپ كەتكەن بۇ سۆيۇملۇك ياتاقداشلىرىم ماڭا ئاچا-سىڭىل كەبى چىن كۆڭلىدىن مەسلىھەت بىرىۋاتاتتى،ماڭا قىيمايۋاتاتتى ،مىنى جاپا تارتىپ قالىدۇ دەپ ئويلاۋاتاتتى.
-ئادى،سەن بىر ئىشلارنى ئۇنداق ئاددى ئويلىما ،بۇ كۇنلەر ئۇزۇن قارا،ئەمدى جەمىيەتكە چىقىمىز ،جەمىيەت مەكتىپىمىزدەك ئۇنداق گۇزەل بولماسلىقى مۇمكىن،ھەممە ئادەم ھازىر ياخشى شارائىتلارنى ئىزدەۋاتسا ،سەن نىمىنى ئويلاۋاتىسەن؟توغرا ئازاتقا چىدىمايسەن ،ئۇ ياخشى بالا،ئۇنىڭ ئۇستىگە 3 يىلنىڭ ياغى شۇنداق ياخشى يۇردىڭلار ،كۆڭلۇڭنى چۇشىنىمىز،ئەمما نىمىشكە سەنلا قۇربانلىق بەرگۇدەكسەن؟ئۇمۇ سەن ئۇچۇن قۇربانلىق بەرسە نىمە بوپتۇ؟دىدى زۆھرە دولامنى تۇتۇپ تۇرۇپ.
-شۇنى دىمەمسەن،ئۇمۇ سىنىڭ يۇرتۇڭغا بارمىسۇن ،سەنمۇ ئۇنىڭ يۇرتىغا بارماي مۇشۇ يەردە قالساڭلار بولىدىغۇ؟مانا بىزمۇ شىرئەلى بىلەن قالىمىز دىيىشىۋاتىمىزغۇ،-دىدى مىيەسسەر ئويغا چۆمگەن ھالدا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ –بىر يەرلىك ئەمەسلىكىمىزنى مۇشۇنداق باش قىتىنچىلىقلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ كۆڭۇل دەپ يۇرۋالغاندىكىن ئەمدى بۇ يولنى باسماي ئامالىمىز يوق ،ئەمما ئويلىنىپ ئىش قىل ئاداش .مۇشۇ يەردە قىلىشنى دەپ باق ،بىللە خىزمەت ئىزدەپ مەمۇرى ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلايلى.
بۇلارنىڭ سۆزلىرى ئورونلۇق ئىدى ،بىللە بولۇش ئۇچۇن ئۇرۇمچىدە قىلىشنى تاللىساقمۇ بولاتتى.ئەمما ئازاتنىڭ باشقىچە ئويلىرى غايىلىرى بار ئىدى،مەنمۇ ئۇنىڭ غايىلىرى بىلەن ئورتاقلاشماقچى ئىدىم.ئەمما كۆڭلۇمگە ئايان ئىدىكى ئۇ يوللار جاپالىق ئىدى،ھىچكىمنى بىلمەيدىغان چەت يەرگە بىرىپ ئىشلەش ،ئۇ يەرنىڭ شارائىتلىرى بۇمۇ مەسىلە ئىدى.ئازاتنىڭ سۆزلىرىدىن  ئۇ يەرنىڭ شارائىتلىرىنى قىياس قىلالايتىم،ئىككىلىنەتتىم.بىر تۇرۇپ ئىككىمىزنىڭ شۇ تاغلىق رايوندىكى سەبى بالىلارغا بىلىم بەرگەن ھالەتلىرىمىز كۆز ئالدىمغا كىلىپ سۆيۇنۇش ھىس قىلسام بىر تۇرۇپ شۇ شارائىتلارغا ،مۇھىتلارغا كۆنەلمەسلىكىمدىن ،ياتاقداشلىرىم دىگەندەك ھەممە ياخشى شارائىت ئىزدەۋاتسا ئۆزەمنى قىيناش ئۇچۇن مىڭىۋاتقىنىمدىن تەشۋىشلەرگە چۇشۇپ قالاتتىم.يەنە بىر تەرەپتىن ئۆيدىكىلىرىمنى ئويلايتتىم،ئۇلارمۇ مىنى ئاسان ئوقوتمىدى،ئاپام-دادام ھەر ۋاقىت مىنىڭ پىكىرىمگە ھۆرمەت قىلىپ كەلدى،ئاچىلىرىممۇ مىنى قوللايدۇ،ئەمما كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدىن مىنىڭمۇ ياخشى تۇرمۇشلارغا ،شارائىىتلارغا ئىرىشىشىمنى خالايدۇ،ئوقوغۇنۇمنىڭ ھادىقىنى كۆرۇشنى خالايدۇ ئەلۋەتتە.قانداق قىلىشىم كىرەك؟مىنىڭ ئىككىلىنىۋاتقان كۆڭلۇم ياتاقداشلىرىمنىڭ پىكىرلىرى بىلەن قالايمىقانلىشىپ كەتتى.
-بولدى قىلىڭلار قىزلار ،ئادىنىڭمۇ ئويلىغىنى باردۇ،ئازات ئىككىسى بىر قارارغا كىلىپ بولغان بولسا ئادىنىڭ رايىنى ياندۇرمايلى بولدى،ئازاتنى بىلىمىز بىر قارارنى قىلدىمۇ يانمايدۇ،ئادىمۇ شۇڭا  ئۇنىڭغا ئەگىشىۋاتىدۇ،-دىدى چىرايىدىن تىتىكلىك چىقىپ تۇرىدىغان زۇلفى(ئۇنىڭ ئىسىمى زۇلفىيە بولۇپ بىز ئۇنى زۇلفى دەپ چاقىراتتۇق) .-ئۆز ۋاقتىدا بىر يەرلىك بالىلارنى تىپىشساڭ مۇشۇ ئىش يوق ،يا مەندەك ھىچكىم بىلەن يۇرمەي ئۆزەڭلار بەگ ئۆزەڭلار خان يۇرمۇدۇڭلار،بىكاردىن خەقنىڭ غىمىنىمۇ تەڭ ئارتىۋىلىپ ،قاراڭلار ماڭا ،مەندە ئۇنداق باش ئاغىرىقلار يوق،5يىلنىڭ ياغى مىنى قوغلاشقان ،مىنى ياخشى كۆرگەن شۇ سۆيۇملۇك يىگىتلەر بىلەن چىرايلىق خوش دەيمەن،تارتىشىدىغان ئىشمۇ يوق .ئاندىن يۇرتۇمغا قايتىپ چىكىپ تۇرۇپ بىر يىگىتنىڭ پىشىنى تۇتىمەن.ھى ھى ھى .
زۇلفىغا ھەممىمىزنىڭ مەستلىكى كىلەتتى ،ئۇ شۇنچىلىك غەمسىز ئىدى ،ئەخمەقلەر دەپ قوياتتى بىزنى ،قاراڭلار مانا ،سىلەر سۆيگۇنۇڭلار ئۇچۇن ۋاقتىڭلارنى قانداق ئورونلاشتۇرۇش ئۇچۇن ئاۋارە،مىنىڭ ۋاقتىمنىڭ ھەممىسى ئۆزەمنىڭ دەيتتى .ئۇنىڭغا ياسىن بىلەن يۇرۇش توغۇرلۇق خىلى نەسىھەت قىلغان بولساقمۇ ئۇ پەقەت ئۇنىمايتى ،ئۇنىڭ قاراشلىرى ئۆزگىچە ئىدى.كۆڭلۇمنى خەققە بالدۇر بىرىۋەتكۇم يوق ،مەن سەل ئۇجمە كۆڭۇل ئەگەر ياسىن بىلەن يۇرۇپ قىلىپ يەنە بىرسىگە كۆڭلۇم چۇشۇپ قالسا قانداق قىلىمەن ؟ئۇنىڭدىن مۇشۇنداق دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە ئۆتكۇنۇم ياخشى ،سىلەردەك بىر كۇن خوشال ئىككى كۇن غەم بىلەن ئەخمەقلەرچە ئۆتكۇم يوق دەيتتى.«سەن مۇھەببەتنى چۇشىنەمتىڭ ،مۇھەببەتنىڭ شىرىنلىكىنى بىلگەن بولساڭ ›دەيتتى مىيەسسەر ھاياجان بىلەن.‹ئاللا ئاللا مىيەس سەنلا چۇشىنىپ ئۆتەپ كەت ئۇ شىرىنلىكلەرنى،مىنىڭ ھازىرقى ھالىتىم بەك شىرىن ›دەپ كۇلەتتى ئۇ.شۇنداق غەمسىزلىك بىلەن ئۇ 5يىلنى تامام قىلدى.بىز بولساق مۇھەببەت دەپ مانا غەملەر ئارىسىدا قىلىۋاتقان ئىدۇق.
-سەن مۇھەببەتنى چۇشەنمىگەندىكىن ئوتتۇرە زۇلفى دىدى مىيەسسەر ئاچچىق بىلەن.سەندە ھىسىيات بارما زادى.سەن ئۆزەڭدىن باشقىنى ياخشى كۆرمەيدىغان بىر شەخسىيەتچى ،يە ياق دىمەي يا ھەئە دىمەي ئارقىڭدىن يۇگۇرتۇپ ياسىننىڭمۇ نەچچە يىلىنى ئىسراپ قىلدىڭ .
-مىيەس خاتالاشما ھە ،مەن ياق دىدىم ئۆزى يانمىدى ،قانداق قىلاتتىم.
-ياق دىگەن ئادەم پاراڭلاشمىساڭلا بولمىدىما،سىنىڭمۇ ئۇنى ئارقىڭغا سالغۇڭ بار شۇ .
-توۋا توۋا مىيەس ،بىر سىنىپتا تۇرساق ،پاراڭلاشسام نىم بوپتۇ ئەمدى ،ياق دەپ بولاپ بىراقلا گەپ قىلمىسام توغرىمىتى؟ھا ھا ھا ،قىزىق جۇمۇ سەن مىيەس.
-گەپ قىلساڭ شۇ ئۇمۇتلەندۇرۇپ قويىسەن ،ئارقىڭدىن ماڭىدۇ،شۇ ،كەسكىن رەت قىلماي سەنمۇ.
-ۋاي ئۇماق ئادىشىم شۇ نەچچە يىلنىڭ ياقى كۆڭلىگە ياققۇدەك بىرسى چىققان بولسا ئۇمۇ مىنىڭ ئارقىمدا يۇرمەس ئىدى .مەنمۇ كەسكىن گەپ قىلدىم ،ئۆزى سىز بىرسى بىلەن يۇرمىگىچە ئارقىڭىزدا يۇرىۋىرىمەن دەۋاتسا ،مەنمۇ ساۋاقداشلىقتىن تاشقىرى مۇئامىلە قىلمىدىم ئۇنىڭغا،ئۇ ئۆزىمۇ بىلىدۇ ،يائاللا ،ياسىن مۇشۇ ياتاقتىكىلەرنىڭ ئاكاڭلار ھە ،ھەجەپ قىلىپ كىتىسلەر ئۇنىڭغا .
-ھە سىنىڭ توغرا !شۇ ئۇنىڭ ساڭا قىلغان ئەقىدىسىگە ،ۋاقتىغا بىرخىل بولىمىز شۇ .
-مەن ئۇنىڭ ئەقىدىسى ۋاقتى دەپ يۇرسەم ۋاقتى سائىتى كىلىپ مانا بۇگۇن سىلەر بىلەن تەڭ مەن كىتەيمۇ ئۇ قالسۇنمۇ دەپ ئۇف تارتىپ ئولتۇراتتىم ئاداشلار !رىشتىمىز تىخىمۇ باغلىنىپ كىتەر بولغىيتى ،مىنىڭ ئىشىمنى دىيىشمەي پاراڭ تىمىسىنى قايتۇرۋىلىڭلار بولدى.ئادى ھازىر چوڭ مەسلە بولدى ،بۇ ئازاتنى دەپ يىراق قىشلاقلارغا كەتمەكچى ،نىمىدىگەن رومانتىك سۆيگۇ بۇ ،ئادى ،سىنى كىتاپ قىلىپ يازىمەن.ھا ھا ھا
-بولدى قىلە زۇلفى ھەممە ئىشنى چاقچاققا ئايلاندۇرماي،ئادىنىڭ شۇ يەرلەرگە كىتىشىگە قاراپ تۇرامدۇق دىدى ئاي جىلە بۇلۇپ.
-ئۆزى رازى بولىۋاتسا ،ئۇ ئازات بىلەن كەپە بولسىمۇ ئۆي تۇتىۋىرىدۇ شۇنداقمۇ ئادى؟
-بولدى قىلىڭلار ،كاللام قالايمىقان ئاداشلار ،بەلكىم شۇ يەردە بىرە يىل تۇرۇپ كۆنەلمىسەك يىنىپ كىلەرمىز دىدىم مەن .
-ساراڭدەك گەپ قىلما ،مىنىڭ نەۋرە ئاچاممۇ شۇنداق دەپ كىتىپ مانا ھازىر شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ بالىلىق بولۇپ كەتتى ،5يىلغىچە يۆتكۇلىشىڭگە بولمايدىكەن ،5يىلغىچە ئازات بىلەن بالىلىقمۇ بولۇپ كىتەرسەن .دىدى زۆھرە نارازىلىق بىلەن.-ئەڭ ياخشىسى ھازىرلا بۇ ئىشتىن ئۇمۇدىڭنى ئۇز،ھەر قىتىم ئازاتنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ كەلدىڭ .ئۇ سىنى ياخشى كۆرسە بۇ قىتىم سىنىڭ گىپىڭنى ئاڭلىسۇن.قىنى ساڭا بولغان مۇھەببىتى قانچىلىك ؟شىرئەلىمۇ مانا مىيەسسەر بىلەن ئۇرۇمچىدە قالىمەن دەۋاتىدىغۇ،مۇھەببەت سەندىلا بارما؟ئازاتمۇ سەن ئۇچۇن بىرەر ئىش قىلىپ باقمامدۇ!سىنى جاپا تارتقۇزۇشنى ئويلىماي ،ياخشى تۇرمۇشقا ئىرىشتۇرۇشنى ئويلىمامدۇ،قىنى ئۆيدىكىلىرىڭگە مەسلىھەت سىلىپ باق ،ئۇلار قوشىلامدىكىن.مۇشۇ ئاۋاق قوللىرىڭ بىلەن شۇ يەرلەردە ئوچاق سىلىپ ،ھويلا ئىشلىرىنى قىلالامسەن؟ئۆزەڭنى نەگە بارىمەن دەپ ئويلاۋاتىسەن؟نەۋرە ئاچاممۇ بارغىنىغا تويدى،ھەر قىتىم كەلگەندە ئۇنىڭ توپا ئۆرلەپ تۇرغان چىرايىغا قاراپ بىر خىل بولاپ كىتىمەن.
زۆھرە ئاچچىقى بىلەن خىلى سۆزلىدى،ئۇ ئارىمىزدىكى ئەڭ كەسكىن ،گەپ سۆزى بەك ئوچوق قىز ئىدى.بۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قايمۇقۇپلا كەتتىم ،تىشىغا چىقىپ چوڭ ئاچامغا تىلفون قىلدىم.
-ئاچا ،تىچىلىقمۇ ؟ئۆيدىكىلەر ياخشى تۇرۋاتامدۇ؟
-ئادىلە ،ياخشى تۇردۇڭمۇ ئۇكام،بىز ھەممىمىز ياخشى ،قانداق؟ئوقوش پۇتتۇرۇش دىسىرتاتسىيەلىرىڭ تۇگەپ قالدىمۇ؟
-ھەئە ئاچا بۇگۇن تۇگىدى،شۇ ئوقوش پۇتتۇرۇش كىنىشكىمىزنى ساقلاپ قالدۇق،ساڭا دىگەن گەپنى ئاپاملارغا دەپ باقتىڭىمۇ؟
-ھە ،دىگەنتىم ئۇكام ،شۇ ئاپاملارنىڭ دىمى ئىچىگە چۇشۇپ كەتتى،دىمىسىمۇ ئۇنداق چەت يەرلەرگە بارساڭ قانداق بولا ئۇكام؟سەن ئۆينىڭ كىچىكى قارا ،ئاپاملارمۇ نىمىشكە جاپاغا يۇگىرەيدىغاندۇ دەيدۇ سىنى ،ئۇكام ياخشىراق ئويلىنىپ باقامسەن يا؟
-شۇ ئاچا مەنمۇ بەك ئىككىلىنىپ كىتىۋاتىمەن،سەن ئويلىغىنىڭنى دەپ باقە ئاچا،ئازاتنى سەنمۇ كۆردۇڭ ،ئۇ بەك ياخشى ،ئەگەر مەن ئۇ يەرگە بىرىشتىن ۋاز كەچسەم ئىككىمىزنىڭ ئىشى ئاخىرلىشىشى مۇمكىن.
-ئۇكام ،ئۇ بالىغۇ ياخشى بالىكەن،ياخشى ئوقىدى دەيسەن،بۇ يەرگىغۇ كەلمىسۇن ،ئۇرۇمچىدە بولسىمۇ قىلىشنى ئويلاشمىدىڭلارمۇ؟ئاپاملارنىڭ خىيالىمۇ ئۇرۇمچىدە قالسىكەن دەيدۇ شۇ ،بىرەرسىمىز بولسىمۇ ئۇرۇمچىدە بولساق چوڭلارنىڭ داۋالىنىش ئىشلىرىدىمۇ ياخشىكەن قارا.ئۇ بالا بىلەن شۇنى دىيىشىپ باققىن.ئەگەر بەك پىكىرىدە چىڭ تۇرۋالسا ئۆزەڭ ئويلىنىپ ئىش قىلاسەن،بىر ئىش دىگەنگە ھەر ئىككى تەرەپ تەڭ كۇچ چىقارغان ياخشى.بىزمۇ سىنىڭ جاپا تارتىپ قىلىشىڭنى خالىمايمىز...
چوڭ ئاچام بىر مۇنچە سۆزلىدى.ئۇنىڭ سۆزلىرىدىنمۇ بۇ ئىشقا نارازىلىقى باردەك ھىس قىلدىم.تىلفوننى قويۇپ ئازاتنىڭ ياتىقىغا تىلفون قىلدىم.
-ئازات،پەسكە چۇشەمسىز ئايلىنىپ كەلسەك ؟
-بولىدۇ ،سەل توختاپ تۇرۇڭ ،قولۇمدىكى ئىش ھازىرلا تۇگەيدۇ،مەيداندا تۇرۇپ تۇرامسىز؟
-ماقول.
ئىككىمىز ھەر قىتىم بىللە ئولتۇرىدىغان ئوروندوققا كىلىپ ئولتۇرۇپ ئۇنى ساقلىغاچ ئۇنىڭغا دىمەكچى بولغان گەپلىرىمنى كۆڭلۇمدىن ئۆتكۇزۋاتاتتىم.دىمىسىمۇ ئۆيدىكىلىرىمنىڭ ،ياتاقداشلىرىمنىڭ پىكىرلىرى توغرا ئىدى.ئۇرۇمچىدە قالساق ھەممىمىزگە ياخشى ئىدى.ئەمما بۇنىڭغا ئۇنىڭ قوشولمايدىغانلىقىمۇ كۆڭلۇمگە ئايان ئىدى،نىمىلا بولسۇن دەپ باقاي قىنى ،ھەي بۇندا بولارنى بىلسەم زۇلفىدەك ھىچكىم بىلەن يۇرمەي پۇتتۇرەركەنمەن مەكتەپنى ،ئۇنىڭ راست كاللسى ئىشلەيدىكەن ،مانا ئۇ ھەممىدىن غەمسىز ھالدا ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ يۇرىدۇ،زۆھرەمۇ بىر يۇرتلىقى بىلەن يۇرگەچكە ئۇمۇ بۇنداق خىياللاردىن مۇستەسنا ،مىيەس بىلەن شىرئەلى بۇ يەردە قىلىشنى دىيىشىپ بوپتۇ ،ئۇمۇ خاتىرجەم،ئەمما مەنچۇ؟بىر ئايدىن ئاشتى تۇزۇك ئۇيقۇممۇ كەلمەيدۇ،يا ۋاز كىچەلمەي ،يا ئالدىمغا ماڭالماي ھەجەپمۇ ئارسالدى بولدوم دىسە؟ھازىرقى بۇ ھىسىياتىمنى بەلكىم ئىككى يۇرتلۇق مۇھەببەتلەشكەنلەرلام چۇشىنەر!
-بەك خىيالغا چۆكۇپ كىتىپسىزغۇ ؟نىمىنى ئويلاۋاتىسىز؟
تۇيۇقسىز يىنىمدىن چىققان ئاۋازدىن چۆچۆپ قارىدىم.ئازاتنىڭ تىنىق كۆك كۆزلىرى ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى.
-ھە،قاچان كەلگەنتىڭىز سەزمەپتىمەن.
-10مىنوتتەك بولدى يىنىڭزغا كەلگىلى ھىچنىمىنى سەزمەي تىكىلىپ ئولتۇرۇپ نىمىلەرنى ئويلاۋاتقانتىڭىز؟دىدى ئۇ قوللىرىمنى تۇتۇپ تۇرۇپ.
-شۇ مەكتەپ پۇتتۇرگەندىن كىيىنكى ئىشلارنى ئازات،مەن...
-بۇگۇن سىزگە نىمە بولدى؟ئۇ ئىشلارنى بىز ئويلىشىپ بولغانغۇ؟مىجەزىڭىز يوقمۇ ،چىرايىڭىز بىر قىسىملا تۇرىدىغۇ؟دىدى ئۇ پىشانەمگە قولىنى قويۇپ ،راست سەل مىجەزىڭىز يوقتەك تۇرىدۇ ،ئاخشام ياخشى ئۇخلىمىدىڭىزمۇ نىمە؟كۆزلىرىڭىزمۇ قىزىرىپ كىتىپتۇ.
-ھەئە ئازات مەن خىلى كۇنلەر بولدى ئارسالدى بولۇپ پەقەت ياخشى ئۇخلىيالمايۋاتىمەن.دىمەكچى بولغىنىم بىز ئۇرۇمچىدە قالساق بولماسمۇ ئازات ،ئۇ ياقلارغا مەن كۆنەلەرمەنمۇ؟ئۇنىڭ ئۇستىگە بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرمۇ بۇ ئىشقا تازا رازى ئەمەس ،چەت جايلارغا بارغۇچە ھەر ئىككىلىمىز كەسىپنى خىلى ياخشى ئىگەللىدۇق ،بۇ يەردە قالساق...
-سىزگە نىمە بولدى ئادىلە؟بىز دىيشىپ بولغان گەپنى يەنە تەكرارلىغىلى تۇردىڭىزغۇ؟ھەممە ئەھۋالىنى سىز بىلىسىز ،بىرىنجىدىن ،ئانام بىلەن سىڭلىم ئۇ يەردە ماڭا قاراپ تۇرماقتا،ئۆيدە مەن دادا ئورنىدىكى ئەرمەن،ئىككىنچىدىن ئۇ يەردىكى سەھرا بالىلىرى بىزدەك ئوقوغان كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە بىلىم بىرىشىگە مۇھتاج،ھەممىمىز ياخشى ئەۋزەل شارائىتلارنى دەپ ئۇرۇمچىدە قالساق ئۇ يەرلەر مەڭگۇ شۇنداق قالاق ھالەتتە تۇرۇشى كىرەكمۇ؟
-ئەمما ئازات ئىككىمىزنىڭ بىرىپ ئۇ يەرلەردە ئوقوتقوچى بولغىنىمىزغىلا ئۇ يەرلەر تەرەققى قىلىپ كىتەرمۇ؟ئانىڭىز بىلەن سىڭلىڭىزنى ئۇرۇمچىگە ئەچىقىۋالساقمۇ بولىدىغۇ؟% n6 a9 N$ T. |* Q+ U( l  ]' p
-مەن سىزگە چۇشەندۇرۇپ بولغان ،ئۆزىڭىزمۇ قايىل بولغان ،ئەمدى يەنە بۇ گەپلەرنى تەكرارلاپ مىنى خىجىل قىلماڭ ئادىلە،مەن سىزگە پۇتۇن سۆزلەرنى ئىنىق ئىيتقان ئىدىم.سىز مىنى يەنە نىمىلەرنى دىسۇن دەيسىز؟
-ئازات سىزمۇ مىنىڭ ھىسىياتىمىنى چۇشىنىپ باقسىڭىز بولمامدۇ؟
-سىزنىڭ ھىسىياتىڭىزنىمۇ چۇشىنىمەن جىىنىم ئادىلە،ئەمما سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ يىنىدا ئاچا-ئاكىلىرىڭىز بار ،مەن بولسام بىزنىڭ ئائىلىدىكى بىردىن –بىر ئەر،ئۇنىڭ ئۇستىگە بىزنىڭ يىزىغا ئۆزەمنىڭ بىر كىشلىك ھەسسەمنى قوشقوم بار جىنىم ،مىنى قوللايدىغانلىقىڭىزنى ئىيتقان ئىدىڭىز،ئەمدى نەچچە كۇن قالغاندا نىمىشقا تۇرۇپلا بۇنداق ئارسالدى بولىسىز؟
-ئاتا-ئانام ئاچىلىرىم مىنىڭ جاپا تارتىشىمنى ،يىراقلارغا كىتىشىمنى خالىمايدۇ ئازات ،ئۇنىڭ ئۇستىگە ...
-بىز يۇرگەندە مەن سىزگە گەپنى ئوچوق دىگەن ،نىمىشكە شۇ ۋاقىتتا بۇلارنى ئويلىمىغان ئىدىڭىز ئادىلە،مەن سىزگە چوقوم ياخشى ئويلىنىشىڭىز كىرەكلىكىنى ئىيتقان ئىدىمغۇ؟ئۇنىڭ كۆك تىنىق كۆزلىرى يوغىناپ ،قاڭشارلىق بۇرۇنلىرى ئۇستىدە تەر تەپچىلىدى.بۇ ھالەت ئۇنىڭ ئاچچىقلانغان ھالىتى ئىدى.نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم.بىشىمنى تۆۋەن سىلىپ ئىككى قولۇمدا چاچلىرىمنى مىجىدىم.
-ئادىلە ،بۇنداق ئارسالدى بولغان ھالىتىڭىزنى كۆرگۇم يوق ،ئەگەر ئۇ يەرگە چىن كۆڭلىڭىزدىن بارماي مەن ئۇچۇن مەجبۇرلانغان ئاساستا بارسىڭىز مەنمۇ بىر خىل بولۇپ قالىمەن،مەن سىزنىڭ ھەر قىتىمقىدەك كۇلۇپ تۇرۇپ ،ئۆز رازىلىقىڭىز بىلەن بىرىشىڭىزنى خالايمەن.مەيلى نە بولسۇن ئىككىمىز بەخىتلىك بولالايمىز جىنىم ماڭا ئىشىنىڭ ،سىزنى شۇ چەت جايلاردىمۇ بەختلىك قىلالايمەن،بىز خوشال ياشايمىز ،ساپ ھاۋادا ،شۇ سەبى ساددا كىشىلەر ئارىسىدا تولىمۇ بەخىتلىك ياشايمىز!
-ئازات،-دىدىم بىشىمنى كۆتۇرۇپ ،سىزگە ئىشىنىمەن ،بەلكىم بەخىتلىك بولارمەن ،ئەمما مىنىڭمۇ ئاتا-ئانامنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىپ يىراقلارغا كىتىپ بەخىتلىك بولغوم يوق،بۇ قىتىم ئەگەر مىنى ھەقىقى ياخشى كۆرسىڭىز ،نەچچە يىللىق مۇھەببىتىمىزنىڭ يۇز خاتىرسىنى قىلىپ ئۇرۇمچىدە قىلىشىمىزغا قوشولسىڭىز بولامدۇ؟ئۇنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ ،كۆزلىرىگە قاراپ يىلىنگەن ئاھاڭدا بۇ سۆزلەرنى دىدىم.
ئەمما مىنى كۆيدۇرگەن شۇ كۆك كۆزلەر يىنىپ كەتتى .قوللىرىمنى قويۇپ يىراقلارغا تىكىلدى-دە:
-ئەمسە،ئىشىمىز مۇشۇ يەردە قالسۇن ئادىلە،مەن ئۇرۇمچىدە قالالمايمەن،سىزنىمۇ مەجبۇرى ئاساستا يۇرتقا ئەكەتكۇم يوق ،قىنى بىر كۇنلەردە ئىدىيىڭىزدىن ئۆتۇپ قالسا ماڭا دەرسىز ،ئەمما مىنىڭ ئەھۋالىمنى بىلىپ تۇرۇپ ماڭا بۇنداق دىسىڭىز مەنمۇ ئالدىڭىزدا خىجىلمەن،سىزنى ياخشى كۆرىمەن ،ھەقىقى ياخشى كۆرمىسەم سىز بىلەن يۇرمىگەن بولاتتىم ،ئەمما سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىشىمنى ئىسپاتلاش ئۇچۇن ئانامنى سىڭىلىمنى قايرىپ قويۇپ ،ئۆز غايىلىرىمىنى ،يۇرتۇمغا بەرگەن ۋەدىلىرىمنى قايرىپ قويوپ ئۇرۇمچىدە قالالمايمەن.شۇڭا ئۆزۋاقتىدا سىزگە ھەمما ئەھۋالنى تولوق ئىيتقانمەن،سىزنىمۇ توغرا چۇشىنىمەن،ئاللاھ رىسقىمىزنى قوشوپ قالسا بىللە بولارمىز ،قالغىنىنى بىشىمىزغا كەلگەندە كۆرەرمىز...
ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ يۇرەكلىرىم موجولۇپ كەتتى ،كۆزلىرىمدىن ياشلار تۆكۇلۇشكە باشلىدى ،ياشلىرىمنى چاچلىرىم بىلەن توسىدۇمدە:
-دىگىنىڭزدەك بولسۇن .-دەپلا كەينىمگە بۇرۇلۇپ يۇگۇرگىنىمچە ياتاققا كىرىپ ئۆزەمنى كارۋاتقا ئاتتىم.
-نىمە بولدى ئادى؟زۇلفى چاققانلىق بىلەن كارۋاتتىن چۇشتىدە يىنىمغا كەلدى.
ئۇنىڭغا ئىسىلىپ قانغۇچە يىغلىدىم ،ياتاقتا زۇلفى بىلەن زۆھرەلام باركەن.ئۇ ئىككىسى مىنى يىغلىۋالسۇن دەپ باشقا گەپ قىلمىدى.2 Y+ f0 |9 h+ }; u+ j' o
مەن يىغىدىن ئۆزەمنى ئاران توختىتىپ ئۇلارغا ئازات بىلەن ئايرىلىپ كەتكىنىمىنى ،ئارىمىزدا بولغان سۆزلەرنى بىر-بىرلەپ دەپ بەردىم،ئىچىمدىكىنى تۆكىۋىتىپ خىلىلا يىنىكلەپ قالغان ئىدىم.
-ھەجەپ جۇمۇ بۇ ئازات ،بىر نەرسىنى قارار قىلدىمۇ پەقەت يانمايدۇ!شەخسىيەتچى!دىدى زۇلفى ئاچچىقى بىلەن.
-ئازاتقۇ بەك كەسكىن بالا،لىكىن ئۇنىڭ بەزى سۆزلىرىمۇ ئورونلۇق،ئادى ،ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ساڭا ئەمەلى ئەھۋالنىڭ ھەممىنى دەپتىكەن ،سەنمۇ قوشولۇپتىكەنسەن ،بۇ يەردە مەسىلە شۇ سەندىكەن ئاداش،ئۆز ۋاقتىدا نىمىشكە ھەممە ئەھۋالنى بىلىپ تۇرۇپ يۇرگەنتىڭ؟دىدى زۆھرە ئاچچىق بىلەن.
-ئۇغۇ شۇ ئاداش ،ئۆز ۋاقتىدا ئازات خىتىدە ھەممىنى ئوچوق يىزىپتىكەن ،بىراق ئۇۋاقىتتا بۇنداق چوڭقور ئويلىنىپ كەتمەپتىكەنمەن،ئازاتنىڭ ئوغولبالچىلىقى ماڭا بەك يارىغاچقا ،ئۇنى مەنمۇ ياخشى كۆرگەچكە ،قايىل بولغاچقا ئۇنىڭ بىلەن يۇرگەن ئىدىم.ئۇنى بۇنچە چىڭ تۇرۋالىدۇ دەپ ئويلىماپتىمەن.دىدىم ئىسەدەپ تۇرۇپ.
-ئەمدى قانداق قىلاي دەيسەن؟
-بىلمىدىم زۇلفى ،سەن نىمىدىگەن ئەقىللىق ،سەندەك ھىچكىم بىلەن يۇرمىسەملا بوپتىكەن .
-بولدى ،ئۇندا قىلمىسام بوپتىكەن ،بۇندا قىلمىسام بوپتىكەن دەپ يۇرمەي قارار چىقار ئەمدى،قولىمىزغا كىنىشكىنى ئالساقلا مەكتەپ ھاياتىمىزمۇ ئاخىرلىشىدۇ،ئەمدى كەسكىن قارار چىقىرىدىغان ۋاقتىڭ ئاداش.دىدى زۆھرە كەسكىنلىك بىلەن.
-مەن دىسەم قارا ئادى،يەنە 3كۇن بار دىگىنە ،سەن ئازاتنى ئىزدىمە،ئۇمۇ ئويلىنىپ باقسۇن ،قىنى ئەمدى قارارنى ئۇ چىقارسۇن ،سەندىن ئايرىلىشقا چىدىمىسا ئۇ چوقوم ئۆزى سىنى ئىزدەپ كىلىدۇ.دىدى زۇلفى بۇرنۇمنى چىمداپ .
-ئاداش ،ئۇ بەكلا كەسكىن گەپ قىلدى ،ئۇنىڭ مىنى ئىزدەپ كىلىشى مۇمكىن ئەمەس!
-ئەمىسە سەن ئۇنى ئىزدەپ بىرىپ ،بولدى ئازات مەن سىزنىڭ يۇرتىڭىزغا باراي دىگىن ،ئاشىق بولغاندىكىن سەن ئۇنڭغا،
-مەن ئۇنى ئىزدىسەم شۇ بارسام بولىدۇ ئۇنىڭ يۇرتىغا!
-قارىسام ئادى ،سەن ئۇنىڭغا ئۇنىڭدىن بەكىرەك ئاشىقكەنسەن ،ئەمىسە بارغىن.كەپىلەردە گۇزەل مۇھەببەت ھىكايىلىرى يىزىڭلار جانىم ،ھا ھا ھا
-بولدى قىلە زۇلفى ،سەندەك ھىسىياتسىز مەخلۇق بولسا قارشى تەرەپلا سەن ئۇچۇن قۇربانلىق بەرسە ھە !دىدى زۆھرە گەپنى بۆلۇپ .
-بۇنىڭ نەرى خاتا زۆھرە،ئەلمىساقتىن تارتىپ ئوغوللار قىزلار ئۇچۇن قۇربانلىق بىرىپ كىلۋاتمامدۇ ،جاندىن كەچمىگۇچە جاناننىڭ ۋەسلىگە يەتكىلى بولمايدۇ شۇ !بۇ ئازات ھەممە مەسئۇلىيەتنى ئادىغا ئارتىپ قويۇپ ،سىزگە دىگەنغۇ ،ماندا دىگەنغۇ ئاندا دىگەنغۇ دەپ !ۋاقتى سائىتى كەلگەندە ئادى ئۇ يەرگە بىرىپ كۆنەلمەي ،يا جاپا تارتىپ قالسىچۇ ،يانا دەيدۇ شۇ ،مەن شۇ ۋاقىتتا سىزگە ئۆز ئىختىيارىڭىز بىلەن بىرىڭ دىگەن مەن مەجبۇرلىمىغان دەپ !نىمدىگەن قۇۋ بۇ ئازات!
-ئۇف،بولدى قىلىڭلارچۇ !دىدىم ئىچىم سىقىلىپ ،بولدى قىلايلا بولدى ،ئازات دىگەندەك رىسقىم قوشولسا بىر بولامىز بولمىسا بولدىلا!
-ۋاي خىنىم ،رسقىم قوشولسا دەپ ئۇ يۇرتىغا كەتسە ،سەن يۇرتۇڭغا كەتسەڭ ئۆزلىكىدىن رىسقىڭلار قوشولوپ قالارما سىلەرنىڭ ؟
-قىنى ما 3كۇن ئۆتۇپ باقسۇن ،زۇلفى دىگەندەك ئازات ئىزدەپ كەلسە ئۇنىڭ يولى باشقا ،ئەگەر ئىزدىمىسە ،مەنمۇ ئۇرۇمچىدە قىلىپ ئۇنىڭسىز ياشىيالايدىغانلىقىمنى بىلدۇرۇپ قوياي.
-ۋوي ئادى ،تۇيۇقسىز كەسكىن بولاپ كەتتىڭغۇ؟
-كەسكىن بولمىسام بولمىدى ئاداش ،سەن دىگەندەك ئۇ يەنە مەسئۇلىيەتنى ماڭا ئارتىپ قويىدۇ ۋاقتى سائىتى كەلگەندە.ئىچىمدە ئۇنىڭغا ئاچچىق قىلىۋاتاتتىم.
-ھە ئەمدى ئەقلىڭنى تاپتىڭ ،ئەگەر ئۇنىڭ راست سەن بىلەن بىللە بولغىسى بولسا يالۋۇرۇپ جىنىم مەن بىلەن كىتىڭ بولامدۇ ،دىگەندەك سۆزلەرنى دىمەمدۇ دەيمەن ،ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى دىمەي!
-شۇ!بولدىلا مەن ئۇخلىدىم ،باشقىلار تىخى كىرمەيدىغۇ؟
-بۇلا پاتىگۇل ئاچامنىڭ ياتاقنى تاقايمىز ۋۇ ئەر ساراڭلىرى دىگەن گىپىنى ئاڭلىماي تۇرۇپ كىرمەيدۇ ھا ھاھا ھا ...
دىمىسىمۇ چىراقلار ئۆچۇرلىشىگە دۇپۇرلىشىپ كۇلۇشۇپ «ئەر ساراڭلىرى «قايتىپ كىرىشتى دە ھاياجان بىلەن ،مۇھەببەت پاراڭلىرىنى تۆكۇشكە باشلىدى.مەن بولسام يالغان ئۇخلىغان بولىۋىلىپ پەردەمنى چۇشۇرۋىتىپ كارۋىتىمدا تىگى يوق خىياللارغا چۆكۇشكە باشلىدىم.خىيالىمدا شۇلا سۇئال «قانداق قىلسام بولار؟«...
: \' g$ p* I/ q  H7 w' @
كۇن ئالدىراشچىلىق ئىچىدە مەكتەپنىڭ قايتۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىش بىلەن شۇنداق تىز ئۆتۇپ كەتتى ،قولىمىزغا ئوقوش پۇتتۇرۇش گۇۋانامىسى ،باكلاۋۇرلۇق كىنىشكىلىرىمىزنى قولىمىزغا ئالغاندا ھاياجانلاندۇق ،ئوقوش پۇتتۇرۇش كىيىملىرىنى كىيىشىپ رەسىملەرگە چۇشۇشتۇق.بۇ جەرياندا ئازات بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالساقمۇ كۆزىمىزنىڭ ئۇچىرشىپ قىلىشىدىن ئىھتىيات قىلىشپ يىراق كىتىشەتتۇق ،ئىچىمنى بىر نەرسە تاتىلايتتى ،ئۇنىڭ يىنىمغا كىلىپ :«جىنىم مەن ئۇچۇن يۇرتۇمغا بىرىڭ بولامدۇ؟›دىيىشىنى كۇتەتتىم .ئەمما ئۇنىڭدىن سادا يوق ئىدى.
شۇنداق قىلىپ ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ياتاقلارنى رەتلەپ ،قايتۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى بىجرىۋاتقان ۋاقىتتا يان ياتاقتىكى مىھرىگۇل مىنى چاقىرىپ قالدى.
-نىم بولدى ئاداش ؟قايتامسەن؟
-ياق مەن ئەتە ماڭىمەن ،ئازات ماۋۇنى ساڭا بىرىپ قويىشىمنى ئىيتقانتى،دىدى ئۇ بىر كانۋىرىتنى ماڭا سۇنۇپ.
-ئۆزىچۇ؟
-كەتتى!
-نىمە؟خوشمۇ دىمەي ؟قاچان؟كۆزۇمدىن ئاققان ياشلار مەڭزىمنى بويلاپ ئاقماقتا ئىدى.ئازاتتىن راستىنلا ئايرلىغانلىقىمنى ھىس قىلىپ ئۇلگۇردۇم.
-ماڭا بۇ خەتنى ئاخشام بەرگەنتى ،ئاخشام كىرسەم يوقكەنسەن،قىزلار بىلەن چىقىپ كەتتى دىيىشتى ،خىلى كەچكىچە ساقلىدىم كەلمدىڭ ،شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ تەييارلىقلىرىم بىلەن بولۇپ كىتىپتىمەن ،ئۇ بۇگۇن ئەتتىگەننىڭ پويىزىدا ماڭدى...
ئۇنىڭ كىيىنكى سۆزلىرى قۇلۇقۇمغا كىرمىدى ،خەتنى ئالدىمدە مەكتىۋىمىز ئىچىدىكى خۇڭخۇ باغچىسىغا قاراپ يۇرۇپ كەتتى ،بۇ بىزنىڭ كونا جايىمىز ئىدى .بۇ ئوروندۇقتا ئىككىمىز بىر بىرمىزگە يۆلىنىپ تۇرۇپ كىلەچىكىمىز توغورلۇق پاراڭلارنى سىلىشاتتۇق ،ئىنگىلىزتىلىدا دىئالوگ قىلىمىز دەپ تۇرۋالاتتى ،شۇ سەھرا بالىلىرىغا ئىنگىلىزتىلى مۇئەللىم بولىسز دەيىتتى ئاھ يانا نىمىلەرنى دىيىشەتتۇق؟؟؟؟ئەجىبا ئۇ خوشمۇ دىمەي مۇشۇنداقلا كىتەمدا؟؟؟شۇنچە يىللىق مۇھەببىتىمىز نىمىگە ھىساپ؟؟؟
ئىتتىك خەت ئىسىمگە كىلىپ ئالدىراپ خەتنى ئاچتىمدە ئوقوشقا باشلىدىم.
«قەدىرلىك ئادىلە،بۇ خەتنى قانچىلىك تەسلىكتە يىزىۋاتقانلىقىمنى بەلكىم سىز ھىس قىلالمايسىز،سىز بىلەن پاراڭلاشمىغان بۇ ئۇچ كۇننىڭ مەن ئۇچۇن قانچىلىك تەس ئۆتكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ئەمما ھازىرقى پەيىتتە بىر-بىرىمىزنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلماي بولمايدۇ.سىزنىمۇ تەڭقىسلىقتا قالدۇرغۇم كەلمىدى.بەلكىم سىزمۇ ئىچىڭىزدە ماڭا ئاچچىق قىلىپ ئولتۇرغانسىز ،چۇنكى سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئىسپاتلاپ بىرەلمىدىم.نەچچە يىللىق مۇھەببىتىمىزنىڭ يۇزىنى قىلالمىدىم.سىزنىڭ مەن بىلەن كىتىشىڭىزنى بەكمۇ خالايتىم ،ئەمما سىزنى مەجبۇرلىغىم كەلمىدى.ئۇ يەردە ھەقىقەتەن ياخشى بولمىغان شارائىتلار بىزنى كۇتۇپ تۇرىدۇ،سىزنى شاد كۇلدىرەلىشىمگە ،مەنىۋىيىتىڭىزغا شاتلىق ئەكىلەلىشىمگە ئىشىنەلىسەممۇ ،ئەمما ماددى ئىھتىياجىڭىزنى قاندۇرالىشىمغا كاپالەتلىك قىلالمايمەن.سىزگە دەپ بولغان سۆزلەرنى قايتلاشنى خالىمىدىم ،سىزنى ھەقىقى سۆيىدىغانلىقىمنى دىسەممۇ بەلكىم ئەمەليىتىم ئارقىلىق سىزنى گۇمانغا سىلىپ قويدۇم.مىنى كەچۇرۇڭ ،ئەگەر مەن بىلەن كىتىشنى خالىسڭىز خىتىمنى ئوقوپ بولوپ خۇڭخۇ كۆلىگە چىقىڭ ،ھىلىقى ئوروندۇقتا سىزنى ساقلايمەن ،ئەگەر چىقمىسىڭىز ،بۇنى سىزنىڭ جاۋابىڭىزكەن دەپ بىلىمەن.ئەتتىگەن 6نىڭ پويىزىدا ماڭىمەن.خەير ئامان بولۇڭ ›
خەت مۇشۇنداق ئاددىيلا يىزىلغان بولۇپ ،بۇنىڭدا نە مۇھەببىتىدىن ئايرىلغان ئازاپلىق ھىسىياتلار،نە مۇھەببىتىمىزكۇيلەنگەن دەبىدەبىلىك سۆزلەر يوق ئىدى.بۇ خەتنى ئاخشام كۆرگەن بولسام قانداق قىلار بولغۇيتۇم ؟چىقارمىدىم؟ئەجىبا ئۇ مىنى ئاخشام راستىنلا ساقلاپ تۇرغانمىدۇ؟ياتاققا تىلفون ئۇرغان بولغىيمىتى ؟ياتاققا يۇگۇردۇم ،كۆزياشلىرىم توختىماي چۇشمەكتە ئىدى ،ئۆزەمنى كونتىرول قىلالمايۋاتاتتىم.
‹زۇلفى ئاخشام سەن ياتاقتا قالغان ،ماڭا تىلفون كەلگەنمىتى؟ئاۋازىم باشقىچىرەك چىقىپ كەتكەن بولسا كىرەك ،زۇلفى ھەيرانلىق بىلەن ماڭا قارىۋىتىپ :
-ياق ئاداش نىمە بولدى ؟دىدى .باشقا قىزلارمۇ ھالىتىمگە قاراپ بىر نەرسىنى چۇشەنگەندەك بولۇشتىدە يىنىمغا ئولاشتى .
-نىم بولدى ئادى؟يىغلاپسەنغۇ؟دىدى زۆھرە.
-ئاداش ئازات كىتىپتۇ!مەن خەتنى زۆھرەگە بەردىمدە يىغلاپ كەتتىم .
قىزلار بىرسى ئوقوپ بولۇپ بىرسى ئوقوپ خەتنى قولدىن قولغا ئۆتكۇزۇشكە باشلىدى ،بۇگۇن ياتاق ئۆتكۇزىدىغان ئەڭ ئاخىرقى كۇن بولغاچقا ياتاق ئىچى قۇرۇقدىلىنىپ قالغان بولۇپ ،كىرگەن كىشىنىڭ كۆڭلى يىرىم بولاتتى ،بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئازاتنىڭ شۇ ئىككىلىك خەت ئارقىلىقلا خوشلاشقىنى ماڭا تىخىمۇ ئىغىر كەلگەن ئىدى.
-قانداق قىلاي دەيسەن ئادى؟ئەگەر بۇ خەتنى ئاخشام كۆرگەن بولساڭ چىقامتىڭ ؟دىدى زۆھرە.
-بىلمەيمەن،ئەمما خوشلىشۋالارئىدىم ئاداش دىدىم ئىسەدەپ.
-ئازاتمۇ قىززىقكەن ،نىمىلا دىگەن بىلەن 3يىل يۇردۇڭلار ،بۇ ئاز ۋاقىتمۇ ؟خەت يازماي تىلفون قىلىپ كۆرۇشۇپ دىسىمۇ بولاتتىغۇ؟
-قىزلار ئازات مۇشۇنداق قىلسا ئادىنىڭ ئۆزى بىلەن ماڭىدىغانلىقىنى بىلىدۇ ،بەش قولدەك چۇشىنىپ بولغان بولماي ئۇ بۇنى ،ئۇنىڭ مەقسىتى شۇ يەنە ئادىنى ئەكىتىش ،باشقا ئىش يوق ،ئويلىمىغان يەردىن خەتنىڭ بۇگۇن تەككىنى .
-شۇ بەلكىم خۇدايىم ئادىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى قايرىپ قويۇپ ئازات بىلەن كىتىشىگە يول قويمىغان گەپ!
-شۇ ئەمەسمۇ ،ئۇنىڭ ئائىلىسى بولسا ئادىنىڭ يوقمىكەن ،ھەجەپمۇ ئاددىلا ئويلاپ يىزىپتۇ ماۋۇ خەتنى .
-ئازاتمۇ شۇ ئادىنى تەڭلىكتە قويماي دەپتۇ قىزلار.
-ۋاي جىم تۇرە قايسى يىگىت ئۆزى سۆيگەن قىز بىلەن بىللە بولۇشنى ئويلىمايدۇ .ئادىغا ئازىراق يالۋۇرسا بۇ ئۇنىمامتى؟ئۆزىچە پىتىدىن چۇشمەي كەتكىنى ئۇنىڭ !
-شۇ،ئادى ئەمدى ئىزىپ پويىزنىڭ ئارقىسىدىن يۇگىرەپ يۇرمە يانا !ئۇمۇ سەندىن ئايرىلغاننىڭ تەمىنى ئازىراق تىتىپ باقسۇن ،ئىگىلمەيمەن دىگىنى بولماي نىمە دىگىنى ئۇنىڭ !
-ۋاي قىزلار خەتنى خاتا تەرجىمە قىلماڭلار بولدى !
-ئاپلا سائەت 10 بوپتۇ ،مەن ماڭاي قىزلار ئەمسە ،ئەكبەر ساقلاپ قالدى ،كۆرۇشۇپ تۇرايلى .ئالاقىلىشىپ تۇرايلى .دىدى زۆھرە –ئادى بولدى جىق ئويلىما ،ئۆزەڭ ياخشى قارار چىقار ساڭا ئىشىنىمەن ،ئۇمىنى قۇچاقلىدى ،ھەممىمىز زۆھرەنى يىغلاپ ئۇزىتىپ قويدۇق.
ياتاقداشلىرىم بىر-بىرلەپ خوشلىشىپ مىڭىشقا باشلىدى.بۇگۇن ياتاقنى تاپشۇرىمىز ھەممە ئۆز غىمى بىلەن ماڭماقتا ،تۇنۇگۇن ‹ئايرىلىش مىنوتلىرى›نى ئىيتىپ بولىشىغا يىغلىغىنىمىزغا قارىماي بۇگۇن يەنە ھەممىمىزنىڭ كۆزلىرىدە ياش!5يىللىق مەكتەپ ھاياتى ،ياتاق ھاياتى بىر-بىرىمىزگە مىھرىمىزنى شۇنچىلىك باغلىغان ئىدىكى قىيالمايۋاتاتتۇق!كۇنلەر ھەجەپمۇ تىز ئۆتىدىكەن دىسە...
شۇنداق قىلىپ ياتاقتا ئۆزۇم يالغۇز قالدىم ،ئالدىنقى ھەپتە ئاچام كىلىپ يۇق تاقامنى ئەكەتكەن بولغاچقا بىر چامدىنىملا بار ئىدى.چامدىنىمنى سۆرەپ ،گۇزەل ئەسلىمىلىرىم قالغان بۇ سۆيۇملۇك بىلىم يۇرتىغا قىيالماسلىق نەزىرىمدە قاراپ دەرۋازا ئالدىدا قانچىلىك تۇرغانلىقىمنى بىلمەيمەن ،قاياققا مىڭىشىمنى بىلمەي تىڭىرقاپ قالدىم.9 N: a1 Y2 c& d# A! h# i* o' R0 r
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ.4 n. G) C! d2 S. @! x. k7 Y

بەخىتلىك نىكاھ،كۇڭۇللۇك تۇرمۇشنىڭ ئاساسى!!!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

8

تېما

263

يازما

271

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 10854
يازما سانى:
263
نادىر تېما :
1
مۇنبەر پۇلى :
9021
تۆھپە :
421
باھا :
343
توردا:
3588 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-9-20
ئاخىرقى:
2016-3-22
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-23 16:19:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

$ R( c( V: J9 e  @4 n1 O2.رىئاللىقتىكى سىتودىنىت
$ \9 t6 \* `* r( Z; \8 X1 k$ eبەختىمنى ئىزلىگەن ماڭغان يولۇڭدىن،  + ^* L7 U/ H) [$ n( u8 U
سەنمۇ ھەم تۇتقانتىڭ مىنىڭ قولۇمدىن.  
* i/ o/ m' z, C/ e* Oمەندىكى مەغرۇرلۇق سەندىكى كېبىر،  
8 `* W) T+ J' e% ~, tسۆيۇشلەر ئىلىكىدە قالغان كۇچىدىن.  
7 r- F- w; I. w7 r3 x3 i5 ^
* Y1 ^0 Z! `8 R6 B) Hتوختىماي تىپچەكلەپ كەپسىز يۈرۈگۈم،  . C2 c8 }! e& w0 E; V0 J/ R% `
شۇ بەخىت ئىچىدە يۈرگەندە ئۈزۈپ.  . Y  M! e7 F- E. N0 U2 a: C
يولۇمغا قويولدى سانسىز توساقلار ،  
% e) ]- D! n# p2 v9 C$ tبىلەلمەي ئۆتۇشنى قالدىم مەن تۇرۇپ.  6 E1 ~8 ]9 Y" A: l4 s- m& r

9 X5 v, Q, l  Z9 F4 a) M& y"كۆيۈمچان"كۆڭۈللەر نەسھەت قىلىپ،  ' \( w; |3 Z1 ]+ b( D
ئارامىم بۇزۇلدى كۆڭۈل غەش بولدى.  
$ W; M5 e& X* g2 lبىلىمەن سەنمۇ ھەم قىينالدىڭ جىنىم،  
, M1 ?" @4 s. b4 A* A) hبۇلارنى ئويلاپ ھەم كۆڭلۈم بۇزۇلدى.  ' X5 h. [' S8 \  w7 c

5 A- H1 m; y% y( k/ {ۋاز كىچىش ۋە ياكى كەچمەسلىك ئىچىرە،  
+ ^7 `) f; R3 t+ g0 uبىلمىدىم مىڭىشنى ياكى قايتىشنى.  - }6 w0 g9 J" c  j
ئاچا يول دوقمۇشتا كەتتىم قىينىلىپ،  
) _5 N2 X# D; ~5 C, _( Q) b. ^كەل تۇتقىن قولۇمنى باشلىغىن مىنى.! W2 M0 h9 W! I# `/ o- q

: _( X- T4 }. A8 jمەكتىپىمنىڭ ئالدىدا ئۇزاق تۇرغاندىن كىيىن ئۆزەمگە كەلگەندەك بولدۇمدە بىكەتكە قاراپ ماڭدىم.ئاۋال يۇرتۇمغا قايتاي ،نىمىلا بولسۇن بۇ بەش يىللىق ھاياتىمنىڭ نەتىجىسىنى قولۇمدىكى گۇۋانامىلەرنى ئاتا-ئانامغا تاپشۇراي ،قالغان ئىشلار كىيىنچە بىر گەپ بولسۇن!
8 b" e: t" |" vبىكەتكە بارغىنىمدا ئاپتۇبۇس قوزغىلاي دەپتۇ ،ئاران يىتىشىپ چىقىۋالدىم.كىتىۋاتىمەن،يوللارغا قاراپ خىياللار سۇرىۋاتىمەن.قانداق قىلىشىم كىرەك؟ئازات نىمىلەرنى ئويلىغاندۇ؟دىمىسىمۇ بىز شۇ يەرلەردە ياشاش توغورلۇق پىلانلار تۇزۇشكەن ئىدۇق،ئازات مىنىڭ ئۇنىڭ غايىلىرىگە ئورتاقلاشقىنىمدىن خوشال ئىدى.بەلكىم ئۇنىڭمۇ كۆڭلى يىرىم بولدى ،مىنى ۋەدىسىدە تۇرمىدى دەپ ئويلىدى.بىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشايمۇ يا ؟بىراق قانداق ئالاقىلىشىمەن؟ئۇنىڭ ئۆيىدە تىلىفون يوق .ئۇ ماڭا تىلفون ئۇرۇپ قالارمۇ؟ھەي ماۋۇ خەتنى ھەجەپمۇ ۋاقتىدا كۆرمەپتىمەن دىسە!ئۇ يەردە مىنى خىلى ساقلىدى بەلكىم ،چىقمىغاندىكىن مىنى ئۆزى بىلەن كەتكۇسى يوقكەن دەپ ئويلىدى.بىراق ،ئەتتىگەن بولسىمۇ تىلفون قىلىپ خوشلىشىپ قويىشى كىرەك ئىدىغۇ ؟بىز يا تەتىللىك ئۆيگە كىتىۋاتمىساق !ھەجەپ مىجەزى بار جۇمۇ بۇ ئازاتنىڭ !قىزلارمۇ ئويلاپ قالغاندۇ ئازات ھەقىقى ياخشى كۆرسە ئادىلە بىلەن ئۇرۇمچىدە قالاتتى دەپ!ئىككى ئىغىز خىتى بىلەن ئۇچ يىللىق مۇھابىتىمىزنى يوققا چىقاردى!شىرئەلىمۇ مىيەسنى دەپ قالدىغان بولدى.ئازاتمۇ نىمانچە جاھىللىق قىلىدۇ دەيمەن.بەلكىم ئۇمۇ قايتىپ بىرىپ پۇشايمان قىلىدۇ.چوقوم ماڭا تىلفون قىلىدۇ.تىلفوندا ئۇنىڭغا قيداپ تازا خاپۇلىۋالىمەن.ئاندىن ئۇنىڭ يۇرتىغا باراي.ھازىردىن باشلاپ ئۇنىڭ شۇ كۆك كۆزلىرىنى سىغىنىشقا باشلىدىم.ئۇنىڭسىز يۇرتۇمدا يۇرسەممۇ چوقوم مەنىسىز بىلىنىشى مۇمكىن.شارائىتلىرىنى بىشىمغا كەلگەندە كۆرەي...ئۆزەمنىڭ خىيالىدىن ئۆزەم ھوزورلىنىپ چاققانىراق ئۆيگە بىرىشنى ئويلايتتىم ،توۋا بۇ قىتىمقى چاققانىراق ئۆيگە بىرىش خىيالىم پۇتۇنلەي ئازاتنىڭ تىلفونى ئۇچۇن ئىدى.مەن بارغۇچە ئۇ تىلفون قىلىپ قالسا يەنە ئالاقىلىمىز ئۇزۇلۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم.ئاتا-ئانامنىڭ مىنىڭ مەكتەپ پۇتتۇرۇپ كىلىۋاتقانلىقىمنى ئاڭلاپ خوشاللىقىدا قىلىۋاتقان تەييارلىقلىرى خىيالىمغا كىرىپمۇ چىقمايتتى.بالا دىگەن نىمىدىگەن شەخسىيەتچى بولىدۇ ھە!مۇھەببەت كىشىنى مۇشۇنداق قىلىپ قويامدىغاندۇ؟( G, n: G. c* @# [6 e- q) e/ R  I! s
شۇ خىياللار بىلەن بىكەتكە كىلىپ قالغانلىقىمنىمۇ سەزمەپتىمەن ،ئاپتۇبۇس توختىشى بىلەن دىرىزىدىن توختىماي قول پۇلاڭلىتىۋاتقان چوڭ ئاچام بىلەن يىزنەمنى كۆردۇمدە ئىتتىك ئىشىك تەرەپكە قاراپ يۇگۇردۇم.ئۇ ئىككىسى مىنىڭ ئالدىمغا چىققان بولۇپ ،ئاچامنىڭ مىنى كۆرگەندىكى خوشاللىقى چىرايىغا تەپكەن ئىدى.بىز قۇچاقلىشىپ كۆرۇشتۇق ،يىزنەم چامادانىمنى ئالدىدە بىر تاكسىنى توسىدى.% j( E& e8 d, g" f# G- `* J# m
-ئاۋارە بۇلۇپ ئالدىمغا چىقپسىلەر ئاكا ،ئۆزەم باراتتىم ئەمەسمۇ؟دىدىم خىجىل بولۇپ.  Q; x- j3 I- V6 J6 l8 ^
-ئارىمىزدىكى داشۆسىڭ مەكتەپ پۇتتۇرۇپ كىلىۋاتسا چىقماي بوممايدا!دىدى يىزنەم چاقچاق قىلغان تەلەپپۇزدا.
+ d: u; u6 R0 _تىنىچلىق سورىشىشلار بىلەن بىردەمدە قورونىڭ ئالدىغا كىلىپ قالدۇق ،ئاپام-داداملار ئاچا-ئاكىلىرىم ،بالىلىرى ھەممىسى ئىشىك تۇۋىگە چىقىشىپ تۇرغان ئىكەن.ھەممىسى بىلەن ئىسىلىشىپ كۆرۇشتۇم.ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن مىنىڭ غەلبىلىك ئوقوش پۇتتۇرۇپ قايتىپ كەلگەنلىكىمنى تەبىرىكلەۋاتقان خوشاللىقى بىلىنىپ تۇراتتى.توۋا مەن يول بويى ئازاتنىڭ غىمىدە،بۇلار بولسا مەن ئۇچۇن سەكپارە بولۇشماقتا ئىدى.ئۆي ئىچىدىن شۇنداق ئىدىتلىق قىلىنغان تەييارلىقلار بىلىنىپ تۇراتتى.
1 ?  v& z) }" M+ _: k5 a-ئاپا ،نىمانچە ئاۋارە بولۇپ كەتتىڭلار ئەمدى؟5 U7 s, C" O+ ^: `5 g
-ۋاي خىنىم بالام ،سىز داشۆنى پۇتتۇرۇپ كەلدىڭىز مانا ،سىزنى تەبىرىكلىمىسەك بولامدا!بىزنىڭ يۇزىمىزنى يوروق قىلدىڭىز ،ياخشى ئوقودىڭىز بالام!
  z9 |3 k/ Y4 l  {0 T3 s, i-شۇ ئەمەسمۇ ،قىزىم سىزدىن پەخىرلىنىمىز،دىدى داداممۇ قوشولۇپ.& X- r# R( f3 w' W3 l( W/ R/ Y
-ئادىلە ئاچا ،مەنمۇ بۇ يىل داشۆگە ئىمتىھان بەردىم ،ئۇرۇمچىگە ئۆتۇپ قالسام سىنىڭ يىنىڭدا ئوقويمەن .دىدى چوڭ ئاچامنىڭ قىزى ماڭا ئىسىلىپ.
" {" d" b7 Z4 ~4 ^% S-ۋاي كىم مىنى ئۇرۇمچىدە دەيدۇ ؟+ a! h# F0 j6 C# j) P& {1 F/ H; ]3 v
-موماملار شۇنداق دىدىغۇ،ئۇرۇمچىدە قالىدۇ ئادىلە دەپ.
0 r$ r" \, P/ v& B( X-ھە؟ئىتتىك ئاپامغا قارىدىم.
# {3 m( c0 E+ h5 N-شۇ قىزىم قايسى كۇنى ئادىلە ئۇرۇمچىدە قالسا ياخشى بولاتتى دىيىشكەن ،بۇ جىن نەلەردىن ئاڭلىۋالدىكىن ،بۇ گەپلەرنى؟دىدى ئاپام ئوڭايسىزلىنىپ .تۇرىقىدىن مىنىڭ ئۇرۇمچىدە قىلىشىمنى ئۇمۇت قىلۋاتقاندەك تۇراتتى.  G7 L6 F% }9 \1 e8 e, L
-ھە ئاپا دۇئايىڭىز ئىجابەت بولۇپ قالسا قالارمەن دىدىم مەنمۇ جاۋابەن.
8 B4 A: C& `; [# J" F-شۇنداق بولسا بەك ياخشى بولاتتى بالام ،دادىڭىزمۇ ئىككى ئايدا بىر قىتىم شۇ يەردىكى دوختۇرلارنى يوقلىمىسا بولمايۋاتىدۇ دەڭە.دىدى ئاپام خوشال ئىچىلىپ .! L+ y2 O; j% y& T" E2 z  {
بىزنىڭ بۇ يۇرتتا پۇتتۇرۇپ كەلگەنلەر شىتات ساقلايتۇق .شىتات كەلمىسە ،نەچچە يىل بىكار يۇرۇپ كىتىشىمىزمۇ مۇمكىن ئىدى.ئاپاملار مىنى ياخشى ئوقىدى،چوڭ شەھەرلەردە ئىشلىيەلەيدۇ،بۇ يەردە بىكار زايە بولغاندىن ئۇرۇمچىدە ئىشلىگىنى ياخشى دەپ ئويلايتتى.. A% z5 Z  M  r. n! `1 P6 \
قىزغىن كەيپىياتلار خىلى ئۇزۇن سوزولدى.ئاچا ئاكىلىرىم كەچ بولغاندا تارقاشتى ،ئۆيدە ئاپام دادام ،چوڭ ئاچامنىڭ قىزى تۆتىمىز قالدۇق ،چوڭ ئاچامنىڭ قىزى مۇشۇ ئۆينىڭ ئادىمىدەكلا ئىدى.ئاپاملارمۇ ئۇنى كىچىكىدىن ھازىرغىچە مۇشۇ ئۆيدىن مىدىراتماي بىقىۋاتاتتى.مانا ئەمدى ئۇ ئالى مەكتەپكە ئۆتۇپ كەتسە بۇ بوۋاي مومايلار يالغۇز قالارمۇ؟ئاپام دادامغا قارىدىم ،ئۇلار خىلىلا ياشىنىپ قاپتۇ.يىللار ئۇلارنىڭ يۇزلىرىگە يەنە نەچچە قوروقنى كۆپەيتىپتۇ.+ P- j6 Y3 T) S4 J$ X" k; f! ?
-قىزىم ھىرىپ كەتتىڭىز ھەقىچان كىرىپ ئۇخلاڭ،ئاپامنىڭ سۆزىدىن خىياللار قاينىمىدىن قايتىپ چىقتىم.
3 q7 \6 U% b' D; e. U-ئاچا ھەجەپ خىيالچان بولۇپ كىتىپسەن؟بىرەرسىدىن تىلفون ساقلاۋاتامسەن نىمە؟بۇگۇن تىلفون تۇرۇپكىسىنى نەچچە ئىلىپ نەچچە قويدوڭ ،دىدى ئاچامنىڭ قىزى خەدىچە.
( j+ I& m: X/ F) u* d-ھە ياقەي ،شۇندا قىلدىمما؟ھە راست مەن ئۆيگە تىخى كەلمىگەندە ماڭا تىلفون كەلدىمۇ؟
4 N6 t. z- o7 ?- z-ياق ئاچا كەلمىدى،كىمدىن تىلفون كەلمەكچىتى؟
, x' @4 V4 a, ?( }4 d* R' v-شۇ ياتاقداشلىرىم ئۇرۇپ قالدىمىكىن دەيمىنا..., Z+ p7 E$ ^( V6 U
چىراقنى ئۆچۇرۇپ ياتتىم ،كۆزلىرىمگە نە ئۇيقۇ كىلەر ئەمەس،ئەجىبا ئازات راستىنلا مەن بىلەن ئالاقىلاشماسمۇ؟تىلفون ئۇرۇپ قويسا نىمە بولىدۇ؟ئۇ نىمىشكە بۇنداق قىلىدۇ؟تىگى يوق خىياللار ئىچىدە قانداق ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمىدىم.  V( r) H. g! t+ H, ^3 }* G! ~
ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇرۇق-تۇققانلار كىلىپ كىتىپ بۇ ئۆينى ئاۋات قىلدى ،يۇرتۇمدىكى دوستلىرىم بىلەن كۆرۇشۇپ ھال مۇڭ بولۇشتۇم .ئەمما كۆڭلۇمنىڭ بىر يەرلىرى قۇرۇق ئىدى.ئۇنىڭدىن تىلفون كەلمىدى.ياتاقداشلىرىمدىن زۆھرە ،زۇلفى ،مىيەسسەرلەر دائىم تىلفون قىلىشپ تۇردۇق.ئۇلارمۇ گەپ ئارلىقلىرىدا ئازاتنى سورايتتى .ئۇنىڭ ئالاقىلاشمىغىنىنى دىسەم ئاچچىقلىناتتى.ئۇنى ھاكاۋۇرلۇق قىلۋاتىدۇ دىيىشەتتى .ئەمما كۆڭلۇمنىڭ بىر يەرلىرىدىن ئۇنىڭ نىمىگە بۇنداق قىلۋاتقانلىقىنى سىزىپ تۇراتتىم .بىر بولسا ئۇ مەندىن رەنجىدى ،چۇنكى مەن ۋەدەمدە تۇرالمىدىم ،بىر بولسا ئۇ مىنى تەڭلىكتە قويۇشنى خالىمىدى.ئۇنىڭ كۆڭلى ماڭا ئايان ئىدى.شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭدىن رەنجىيتىم ،نىمىلا بولسۇن بىز ئۇچ يىل شۇنداق ياخشى مۇھەببەتلەشتۇق.ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى توغرا ئەمەستە!ئەڭ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ ساق-سالامەت يىتىپ بىرىۋالغانلىقىنى ،مىنىڭ قانداقلىقىمنى سوراپ بولسىمۇ تىلىفون قىلسا بولمامدۇ؟تەتىللەردە چىدىماي تىلفون قىلاتتى ،مانا ئەمدى؟تىلفونغا تولا قاراپ ئۇمۇدۇمنى ئۇزدۇم.كۇنلەرمۇ ئۆتىۋەردى ،پۇتتۇرۇپ كەلگىنىمگىمۇ بىر ئاي بولدى ،يۇرتۇمدىكى ئەمگەك كۇچلىرى ئىدارىسىگىمۇ تىزىملىتىپ قويدۇم ،ئەمما ھىچبىر چاقىرا ئەمەس ،ئىچىمدىكى تىتىلداش ھىچ يوقىمايتتى.ئاخىرى بىر كۇنى ئاپامغا ئىغىز ئاچتىم.
) L3 S& c$ B6 f6 t, M  R-ئاپا،مىيەسسەر تىلفون قىپتۇ ،ئۇلارنىڭ شىركىتى ئادەم ئالىدىكەن،بۇ يەردە بىكار يۇرگىنىمدىن شۇ يەرگە بىرىپ ئىشلەي ،بولمىسا ئۇگەنگەن كەسىپىمنى ئۇنتۇپ قالىمەن.
9 L% I9 S9 G  o+ m, d& y  i-بوپتۇ بالام ،قارىسام شۇكلەپلا كەتتىڭىز ،مەيلى كەسىپىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،لىكىن قەيەردە تۇرارسىز؟
4 v1 l8 G: r3 S% A1 m-شىركەتنىڭ ياتاق بىرىدىكەن.مىيەسسەر بىلەن بىللە تۇرىمەن.1 J& z0 _* F" [. I3 W" ]
-مەيلى ئەمىسە،بىراق دىگەن سۆزلىرىم ئىسىڭىزدە بولسۇن بالام .قىزۋالىغا بىر داغ يۇقۇپ قالسا ھەرگىز چىقمايدۇ،ئۆزىڭىزگە دىققەت قىلىڭ .3 n* D. H6 @/ N! m" u1 L
-خاتىرجەم بولۇڭ ئاپا.
. ~8 z5 o% [4 L1 |0 sسۆھبىتىمىز قىسقىلا تۇگىدى.چۇنكى پەرزەنتنىڭ قەلبىنى ئانىدەك چۇشىنىدىغان يەنە بىر ئىنسان بولمىسا كىرەك!ئاپام مىنىڭ ھىسىياتىمنى ھىس قىلىپ ئۇلگۇرگەن ئىدى.مۇشۇ كۇنلەردە ئىچىم تىتىلداپ پۇچۇلنىپ كىتىۋاتاتتى.
  u% _* z9 s+ o+ M2 F$ T- cئۆيدىكىلەرنىڭ رازىلىقى بىلەن ئۇرۇمچىگە قاراپ يولغا چىقتىم.مىيەسسەر بىلەن شىرئەلى ئالدىمغا چىقىپ تۇرۇپتۇ.ئۇلار بىلەن ئۇلار ئىشلەۋاتقان شىركەتكە باردىم.ئوقوش پۇتتۇرگەن خىلى كۆپ  بالىلار شىركەتنىڭ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئۇچۇن ساقلاپ تۇرۇشماقتا ئىدى.ئىمتىھانغا كىردۇق ،خىلى كۆڭلۇمدىكىدەك بەردىم دەپ ئويلىدىم ،مىيەسسەرنىڭ ياتىقىدا 1كۇن ئىمتىھاننىڭ نەتىجىسىنى ساقلىدىم .ئەتىسى چاپلانغان قەغەزدىن ئىسمىمىنى تاپالمىدىم.ئەپسۇس!بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن ئىدىم.ئۇرۇمچىگە كىلىپ تۇنجى ئىشىم ئوڭوشلۇق بولمىدى.مىيەسسسەر بىلەن شىرئەلى ماڭا تەسەللى بىرىشتى.ئەمما ئۆزەمگە ئىشەنچىم بار ئىدى.مەن ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگەن سىتودىنت ئىدىم.چوقوم مىنى قۇبۇل قىلىدىغان شىركەتلەر نۇرغۇن ئىدى.مۇشۇ سۆزلىرىم بىلەن مىيەسسەرلەرنى خاتىرجەم قىلىپ،تۇققىنىمنىڭ ئۆيىگە بارىمەن دەپ قويۇپ ئۇلار بىلەن خوشلاشتىم.چۇنكى ئۇلارنىڭ يىنىدا تۇرىۋەرسەم بولمايتتى،ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتكۇزۇپ قوياتتىم ،مىنى دەپ ئۇ ئىككىسى ئاران تاپقان پۇللىرىغا مىھمان قىلىشاتتى.ئاۋارە قىلاتتىم .ھىلىمۇ بۇ 3كۇن ئۇلار ئاز ئاۋارە بولمىدى.يۇرتۇمغا كەتكۇم كەلمىدى.ئۇلارنى چوڭ ئۇمىدلەر بىلەن قالدۇرۇپ قويۇپ ئۇمىدسىزلىك ئىچىدە قايتىشنى راۋا كۆرمىدىم.ئەمدى بۇ يولومنى ئۆزەم بىسىشىمكىرەك.ئەڭ ئاۋال ماڭا بىر تۇرالغۇ لازىم ،بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىۋىلىپ ئەتىدىن باشلاپ خىزمەت ئىزدىمەكچى بولدۇم.ئۇچۇر مۇلازىمەت ئورونلىرىغا قاتىراپ يۇرۇپ 55كۇۋادىرات مىتىرلىق بىر ئۆينى 500كويغا ئىجارىگە ئالدىم.ئۆينىڭ ئورنى شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ يىنىدا ئىدى.بۇ ئەتىراپنى ياخشى كۆرەتتىم.ئەگەر خىزمەت تىپىپ قالسام ھەر قانداق ئىشقا قولايلىق ئىدى.ئۆي ئىگىسى ئۆزىنى توختاتقان بانكىدىن پىنسىيىگە چىققان ئايال ئىدى.ئۇماڭا ئۆزىنىڭ يىڭى ئۆيگە كۆچكەنلىكى سەۋەبىدىن ئىجارە بەرگەنلىكىنى ،قالايمىقان ئادەملەرگە ئىجارىگە بەرمىگەنلىكىنى ،مىنىڭ ئالى مەكتەپ كىنىشكامنى كۆرۇپ ئىجارە بەرگەنلىكىنى ،بۇ ئۆينى چوقوم پاكىزە تۇتۇتۇشۇم كىرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.مەن يىرىم يىللىق ئىجارە ھەققىنى بىرىپ توختاملاشتىم.ئۇماڭا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى يەنە  بىرەرقۇر دەپ بولۇپ چىقىپ كەتتى. بۇ ئەپچىلگىنە 2ياتاق ،بىر كىچىك كارىدورلۇق ئۆي بولۇپ ،ئۆي كىچىك گەرچە كىچىك بولسىمۇ نەرسىلەر شۇنداق ئازادە ئورونلاشتۇرۇلغان كىشىگە  بەك ئىللىق تەسىر بىرەتتى.ئۆينىڭ توك سايمانلىرى ،ئاشخانا بويوملىرى تولوق ئىدى.نەرسىلىرىمنى بىر ئۆيگە ئورونلاشتۇردۇم-دە،ئۆيلەرنى سۇپۇرۇپ تازلاشقا كىرىشىپ كەتتىم.سائەت 10لار بىلەن ھەممە ئىشلىرىم ئاخىرلاشتى.قورسۇقۇمنىڭ ئاچقانلىقىنى سەزدىم.ئەتتىگەن تاللا بازىرىدىن ئىلىۋالغان تەييار چۆپنى تەييارلاپ ئىچتىم.شۇ ۋاقىتتا ياتاقتا قىزلار بىلەن تەييار چوپ ئىچكەن ھالەتلىرىمىز خىيالىمدىن ئۆتتى.كىم دىگەن بولغىيتتى.مەكتەپ ھاياتى ئەڭ غەمسىز ھايات دەپ،مانا تۇرمۇشنىڭ مىڭ بىر غىمىنى يەلكەمگە بىسىپ ئولتۇرۇپتىمەن،‹ھەي ئازات ،ھەي ئازات ماڭا بىر ئىغىز بولسىمۇ مەن بىلەن كىتىڭ دەپ قويغان بولسىڭىز مەنمۇ كىتەر بولغۇيتۇم،نىمىلەرنى ئويلىغان بولغىيتىڭىز؟ۋاز كىچىش سىزگە شۇنداق ئاسان كەلدىمۇ؟ئەتتىگەندە ياتاقنىڭ ئالدىدا سىزنى كۆرەتتىم،بىللە ناشتا قىلىپ سىنىپقا كىرەتتۇق.4-سائەت دەرىستىن چۇشەي دىگەندە نىمە تاماق يىيىش توغورلۇق باغاقچە يىزىشاتتۇق،كەچلىك تەكرارلاردا بىللە مۇنازىرلىشەتتۇق،دەم ئىلىش كۇنلىرى ئۇخلىۋالاي دىگىنىمگە ئۇنىماي سىز ئىنگىلىزتىلى ئوقوتقوچىسى بولىسىز دەپ مەجبۇرى ھالدا سۆزلۇكلەرنى يادلىتاتتىڭىز ...ئەجىبا شۇ كۇنلىرىمىزنى ئۇنتۇپ كەتتىڭىزمۇ؟2ئاي ئۆتۇپ كەتتى ،سىزدىن خەۋەرمۇ يوق ،نىمە ئىشلارنى قىلۋاتقانسىز!›بۇ خىياللار ئىچىدە يۇرلىرىمنى ياشلىرىم بىلەن يۇيۇپ ئۇخلاپ قالدىم .ئەتىسى سائەتنىڭ جىرىڭلىشى بىلەن ئورنومدىن قوپتۇم .كۇنۇم ھەر قايسى ئۇچۇر مەركەزلىرىگە بىرىپ ئۆزەمگە مۇۋاپىق  خىزمەت ئىزدەش بىلەن ئۆتتى.خىزمەت تىپىشنىڭ بۇ دەرىجىدە تەسلىكىنى ئەمدى چۇشۇنىۋاتاتتىم.بەزى خىزمەتلەرنى ياراتمىدىم،ماڭا ماس كەلمەيدىغاندەك ھىس قىلدىم.بەزى شىركەتلەر مىنى قۇبۇل قىلمىدى.بىر ھەپتە ۋاقتىم شۇنداق توختىماي قاتىراشلار ئىچىدە ئۆتۇپ كەتتى.ئۆيدىكىلىرىمگە ئىككى كۇندە بىر تىلفون قىلىپ خاتىرجەم بولىشىنى شىركەتتە ياخشى ئىشلەۋاتقانلىقىمنى ئىيتىپ ئۇلارنى ئالداۋاتاتتىم.خىزمەت تاپالمىغانلىقىمنى دەپ ئۇلارنى ئەنسىرتىپ قويغۇم يوق ئىدى.ئارلىقتا ماڭا تىلفون كەلگەن كەلمىگەنلىكىنى ،كىملەرنىڭ مىنى ئىزدىگەنلىكىنى سورايتىم .ئەمما ئازاتتىن تىلفون كەلمىگەن ئىدى.دىمەك ئۇ مىنى ئۇنتۇپ ئۆزىنىڭ غايىسى ئۇچۇن كىرىشىپ كەتكەن ئىدى.ئۇنىڭغا ئاچچىقىم كىلەتتى.بىر تۇرۇپ ئۆزۇمگە ئاچچىقىم كىلەتتى.نىمىشكە ئۆزەمنى بۇنچە قىينايدىغانلىقىمنى بىلمەيتتىم.يىنىمدىكى پۇلۇممۇ ئاز قىلىشقا باشلىدى.قانداق قىلىشىم كىرەك؟ئۆيدە ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز خىيالىمغا بىر ئىش كىلىپ قالدى ،بۇ ئۆيدە يالغۇز تۇرغاندىن يەنە بىر ھۇجىرىنى بىرەرسىگە ئىجارە بىرىپ شۇ پۇل بىلەن قولومدىكى پۇللارنى غەملەپ كومپىيوتىر سىتىۋالاي ،سىرىتتا قاتىراپ يۇرگەندىن كومپىيوتىردىن خىزمەت ئىزدەپ باقاي ،بۇنداق ھىچقانداق نىشان يوق خىزمەت ئىزدەشمۇ بىر ئاۋارچىلىقكەن.ئۆزەمنىڭ خىيالىدىن ئۆزەم خوش بولۇپ بىنارىمىز ئاستىغا ،مەھەللە ئەتىراپىغا ئۆي ئىجارە بىرىش ئىلانى چاپلىدىم.نىمكەش ماللار بازىرىغا بىرىپ ئىككى كارۋات سىتىۋالدىم.چىرايلىق گۇللەرنىڭ رەسىمى بىلەن يەنە بىر ياتاق ئۆينى چىرايلىق بىزىدىم .بۇ ئىشلارنى قىلىپ بولۇپ ،ئىلانغا ئالاقىلىشىش نومۇرۇمنى يازمىغانلىقىم ئىسىمگە كەلدى!ۋاي ئاللا ،قايسى ئالاقىلىشىش نومورۇمنى يازىمەن؟تۇيۇقسىز مىيەسسەرنىڭ كىچىك زىرەكچىقى ئىسىمگە كەلدى.(بۇ ۋاقىتلار تىخى يانفونلار ئوموملاشمىغان بولۇپ ،يانفونى بار ئادەملەرگە باشقىچە قارايتۇق.)مىيەسسەردىن كىچىك زىرەكچاقنىڭ قىممەت ئەمەسلىكىنى ،تىلفون قۇبۇل قىلسا پۇل ئالمايدىغانلىقىنى بىلگەن ئىدىم.تىلفون بازىرىغا باردىمدە كىچىك زىرەكچاقتىن بىرنى سىتىۋالدىم.نومورۇمنى ئۆيدىكىلەرگە ئىيتىپ بەردىم،چىقارغان ئېلانىمغىمۇ نومورۇمنى كىرگۇزدۇم.مىيەسسەرنىڭ نومورىنى باساي دەپ توختاپ قالدىم،ئۇ نىمە قىلۋاتقانلىقىمنى سورىسا نىمە دەيمەن؟توختا ،مۇقىم بىرەر ئورونغا كىرىپ بولۇپ ئاندىن بىر گەپ بولسۇن .ئۆيدىكىلەرگىمۇ تىلفون نومۇرۇمنى ھىچكىمگە دەپ بەرمەسلىكىنى تاپىلىدىم.بۇ كۇنلەردە يالغۇز تارتقان جاپالىرىمغا ئازاتقا ئاچچىقىم كىلىۋاتاتتى،ئۇنىڭدىن ئۇزۇل-كىسىل ۋاز كىچىشنى ئويلىغان ئىدىم.يەنە شۇ قاتىراشلار ئىچىدە نەچچە كۇن ئۆتۇپ كەتتى ،كەچلىرى كىتاپلار ماڭا ھەمرا ئىدى.ئىنگىلىزتىلى سۆزلۇكلەرنى يادىلايتتىم.ئازاتنىڭ ئوقوش مۇكاپات پۇلىغا ئىلىپ بەرگەن تۇنجى سوۋغىسى بولغان ئىلىكتورونلۇق لوغەتتىن جۇمللەرنى ئاڭلايتتىم.تىكىستلەرنى يادىلايتىم ،نىمىشقىدۇر بۇ ئىشنى ئۇزۇلدۇرۇپ قويغۇم كەلمەيتتى.بۇگۇنمۇ لوغەتتىن سۆزلۇكلەرنى كۆرۇپ ئولتۇرغىنىمدا زىرەكچاق سايراپ قالدى.
" g$ i; X, s8 A0 n- C-ئەسسالام ئەلەيكۇم/ ?. `2 K. d8 r% v2 G* ]
قارشى تەرەپتىن شۇنداق زىل قوڭغۇراقتەك ئاۋاز كەلدى.7 b0 w0 f" R. Q2 z1 c2 L" `" |
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،سىز؟
' Y& a" q( M7 ?4 f-ئۆي ئىجارە بىرىش ئېلانىنى كۆرۇپ تىلفون قىلىۋاتقانتىم ،ئۆينى كۆرۇپ باقاي دىگەن.0 d% c( V: P+ @- u, o4 x. Q9 z9 R
-بولىدۇ ،كىلىڭ مەن ئۆيدە.
$ a' B( O% o) Q/ K7 @! l-ماقۇل.
8 d! n& X, `* M* O/ @/ ~5 f+ \' gتىلفوننى قويۇپلا ئۆيلەرنى يەنە بىر قىتىم رەتلەپ چىقتىم.ئۆي ئىجارىگە ئالماقچى بولغان قىز قانداق قىز بولغىيتى؟ئەگەر قالايمىقان بىرسىگە بىرىپ قويسام قانداق قىلارمەن؟قىنى ئەھۋالغا قاراپ ئىش قىلاي ...شۇ خىياللار بىلەن تۇرۇشۇمغا ئىشىك چىكىلىپ ئۆيگە تۆت قىز كىرىپ كەلدى ،كىيىنىشلىرى ئاددى ساددا ،رەتلىك ،تۇرۇقىدىن ئوقوغوچىلىقى چىقىپ تۇرغان بۇ قىزلار نىمىشقىدۇر كۆزۇمگە شۇنداق ئىسسىق كۆرۇندى.
. f) V; T- n1 L  T- [; j3 T; _-ئەسسالام ئەلەيكۇم،چوڭىراق بىرسىمىكىن دەپ ئويلىساق بىز بىلەن تەڭلا تۇرامسىز نىمە؟دىدى ئارىسىدىكى ئوماق دۇگىلەك يۇزلۇك بىر قىز.1 U& g  `; Y6 c0 F2 Z- }7 N
-ھە،مەن بۇ يىل ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگەن،مۇشۇ يەردە ئىشلەۋاتىمەن،يالغانلا ئىيتتىم.
, h, x0 i( t" u  k-بىزمۇ بۇ يىل پۇتتۇرگەن ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بەرمەكچى بولغان ،ئىمتىھانغا يۇرتىمىزدا تەييارلىق قىلغىنىمىزدىن مۇشۇ يەردە بىر ياقتىن ئىشلەپ بىر ياقتىن شۇنىڭ بىلەن بۇ تۆتىمىز بىرەر ئۆي ئىجارە ئالايلى دەپ ئويلاپ سىزنىڭ ئىلانىڭىزغا ئۇچىراپ قالدۇق.
- T& \8 }! G* T# s4 \-ئۆزىڭىز يالغۇز تۇرامسىز؟( p8 D0 j/ a5 l6 S
-ھەئە يالغۇز تۇرىمەن.7 N6 O5 e2 u) N8 t4 ~; a$ }4 W5 {. N
-قەيەرنى پۇتتۇرگەن؟
8 k( B  M, U1 g1 _6 S* ^: |-شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتىنى.
* p( d* t" \/ A! s' ~7 C-ئوغول دوسىتىڭىز بارمۇ؟دىمەكچى بولغىنىم ،بۇ ئۆيگە كىلىپ كىتەمدۇ؟7 }$ t6 X. X0 B+ Y/ r: y1 P
-ياق ،ئوغول دوستۇم يوق،ئۇنداق ئىشلار يوق .
) @- V* x/ B( i4 t, C1 p/ x! z  x4 {خۇددى مەن ئۇلاردىن ئۆي ئىجارە ئالىدىغاندەك ئۇلار مىنى سۇئاللارغا كۆمىۋەتتى.2 S. U- ]0 C6 \( V5 F
-بۇ ئۆي ھەجەپ ئۇماقكەن قىزلار ،دىدى بۇغداي ئۆڭ كەلگەن بەدەن شەكلىدىن مودىللارغا ئوخشايدىغان قىز.
/ e0 M9 [7 T/ O& ?& B, H; u- D2 b! X-مەن ماۋۇ ئۆيدە تۇرىمەن،ئىجارە بەرمەكچى بولغان ئۆي ماۋۇ دىدىم ئۇلارغا ئىككى كارۋاتلىق ئۆينى كۆرسىتىپ .1 v% X' D( L& x$ c( W! e8 K
- بۇ ئۆيدە ئىككىمىز تۇرساق ،سىلەر ئىككىڭلار يەنە ئۆي ئىزدەپ يۇرەرسىلەرمۇ؟
8 [! t; k# F6 Y/ V-بۇ ئۆيگە ھەجەپ مەرىم چۇشتى ،ھەممىمىز قىزۋالا بولغاندىكىن بىللىلا تۇرامدۇق يا؟, m) n8 g4 K3 ]$ T
-ۋاي شۇنداق قىلايلى بولمىسا،بىراق سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
9 F6 W  ?4 Z% tئۇلار ماڭا تىكىلدى.
" [- I0 X$ ~$ v- E-ئۇ ئۆيدە ئىككى كارۋات بار ،مىنىڭ ياتاق ئۆيۇمدە بىرلا كارۋات بار.بۇ ئەھۋالدا قانداق بولار؟& R( I. T; Q8 m) i" G. F3 Y# n
-سىز بۇ ياتاق ئۆيىنى قانچىگە ئىجارە بىرەي دىگەنتىڭىز؟5 E7 s; J( L2 n% ~# g! a
-ئايلىقىنى 200 كويغا
+ E# |3 `! N3 H4 i# K  T-ئەمىسە بىز ھەر بىرىمىز بىر ئايغا 100كويدىن چىقىرىپ 400كويدىن ئىجارە ئالساق قانداق،ياتىدىغان كارۋاتلارنى ئۆزىمىز ھەل قىلايلى!
2 _* M6 y  r- j6 E0 y5 iتۇنجى سودام ئويلىغىنىمدىن ياخشى بولدى.ئۇلار بىر يىللىق پۇلنى بىراق بىرىۋىتىدىغان بولۇپ كىلىشىپ ،چۇشتىن كىيىن نەرسىلىرنى ئەكىرىدىغان بولۇپ كىتىشتى،چۇشلۇك تامىقىمنى يەپ بولۇشۇمغا ئۇلار كەلدى ،ئۇلارنىڭ كىيىم كىچىكىدىن ،كىتاپلىرى كۆپ ئىدى.نىمكەش بازىرىدىن ئۆزلىرى ئىلىپ كەلگەن كىچىك كىتاپ جازىسىغىمۇ پاتماي قىلپ يەرگە رەتلىك قىلىپ قويوشتى،ئۆيگە ئىشىكتىن كىرگەندە بىر كىچىك زال بار ئىدى،ئۇلار شۇ يەرنى پەردە بىلەن توسوپ بىر كارۋات قويدى.مىنىڭ ئۇلار ئۇچۇن زىننەتلىگەن ئۆيۇمدىكى كىچىك جوزىنى ئەچىقىۋىتىپ ئورنىغا يەنە بىر كارۋات قويدى.شۇنداق قىلىپ ئۆينىڭ پايدىلانغىدەك يىرىدىن پايدىلىنىپ بۇ ئازادە ئۆينى توشقۇزدى.7 \0 A3 g6 w. V$ _: ~/ L
-ئاشخانىسدا تاماق ئەتكىلى بولامدۇ؟دەپ سورىدى كۆزەينەك تاقىۋالغان كۆزلىرى يوغان قىز.) X9 X  E4 K3 B9 }/ N
-ھەئە ئەتكىلى بولىدۇ.ئەمما گاز پۇلىنى تۆلىسەك بولىدۇ.دىدىم./ n) _* c" y3 I" b$ m
-ھە ياخشى،قازاندىن تارتىپ باركەن،گۇزەل سەن خاسىيەت بىلەن  چىقىپ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق چىنە قاچا سىتىۋىلىپ كىرىڭلار ،تاماق ئالغاچ كىرىڭلار.
& t8 j7 z. e! O" X2 m  d4 N# A- ماۋۇ ئۇستەلدە تاماق يەيلى ،ماۋۇ ئۇستەلدە ئۆگىنىش قىلايلى ،ئۇستەللەر خىلى چوڭكەن.
% y5 Y+ e* l: T+ i3 n4 k+ bئۇلار تۇشمۇ تۇشتىن ئىش قىلغاچ پىلانلارنى تۇزۇشۋاتاتتى.ئۇلارنىڭ كىتاپلىرىدىن ئۇلارنىڭ تىرىشچان قىزلار ئىكەنلىكىنى بىلۋالماق تەس ئەمەس ئىدى.بىر بىرگە گەپ قىلغاندا ئازاتقا ئوخشاش ئىنگىلىزتىلى ئارلاشتۇراتتى.تەلەپپۇزلىرىمۇ راۋان ئىدى.ئىشلار تۇگەي دىگەندە ھىلىقى ئىككى قىز توخو قورىمىسى ،بىر نەچچە خىل سەي ۋە گۇرۇچ دۇملىمىسى ،چىنە قاچا دىگەندەك نەرسىلەرنى ئىلىپ كىردى.قىزلار ئىشلىرىنى تۇگىتىپ قوللىرىنى يۇيۇشۇپ جوزىغا كەلدى.مەن بۇ ئۆيگە ئارتوق بىر ئادەمدەك نىمە قىلىشىمنى نەدە ئولتۇرشۇمنى بىلمەي ياتاق ئۆيۇمگە قاراپ ماڭدىم." J  n+ M+ ^' g* f0 T# P
-ئىسمىڭىز نىمىتى؟ئۇماق دۇگىلەك خاسىيەت ئىسىملىك قىز ئارقىمدىن كىردى.) V8 w: G' |+ E
-ئادىلە.
* ~. Q) A) o, D' r# u) S: X-جۇرۇڭە ،ئادىلە ،ئەمدى بىر ئائىلە كىشلىرىدىن بولدوق بىللە تاماق يەيمىز.' H: g9 w: Q2 u, r) u8 p7 Z; w
-بولدى ئۆزەڭلار يەۋىرىڭلار مىنىڭ ئازىراق...
9 ?( z( g2 b3 `-ۋۇي سىز قىزغانچۇقمۇ نىمە؟
% @$ A4 h& d: O( t5 f( O-شۇنى دەيمەن،جۇرۇڭە قىزغانچۇقلۇق قىلماي...% K/ X9 B' t3 m# n+ q7 A9 x
ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن خىجىل بولۇپ چىقىپ ئولتۇردۇم.
; _: Q3 }4 u4 d1 R& W) `تاماقلار ئۇسۇلدى.ھىلىقى مودىللاردەك ئۇسىخانلىرى چىرايلىق كەلگەن ،چىرايىدىن بىر خىل قىتئىيلىك چىقىپ تۇرىدىغان قىز گەپ باشلىدى.
0 ~5 v9 h! ?) i' h; b! a-قىزلار بۇگۇن بىر ماكانغا ئىگە بولغانلىقىمىزنى تەبىرىكلەپ گۇزەل بىلەن خاسىيەت بۇ تاماقلارنى ئەكىرىپتۇ ،ئەتىدىن باشلاپ ھىچكىمنىڭ ئىسىراپچىلىق قىلىشىغا رۇخسەت يوق ،دىيىشكىنىمىز بويىچە ھەر ئايدا پۇل چىقىرىمىز ،شۇنىڭغا سەي ئۇن گۆش،گۇرۇچ ئالىمىز ،كۇندە بىرسىمىز نۆۋەت بىلەن تاماق ئىتىمىز.ئاندىن ھازىرچە ھىچقايسىمىزنىڭ مۇھەببەتلەشكەن ئادىمى يوق ئەگەر تۇيۇقسىز بىرەسىمىز مۇھەببەتلىشىپ قالساقمۇ ،ھىچقايسىمىزنىڭ بۇ ئۆيگە يىگىتىنى ئەكىلىشىگە ،ياكى يىگىتى بىلەن سىرىتتا قونوپ قىلىشىغا رۇخسەت يوق !سىزمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئادىلە!بۇ ئۆينى پاكلىق بىلەن پاكىز تۇتىشىمىز كىرەك .بولمىسا ئىشلىرىمىز ئىلگىرى باسمايدۇ،گىپىمنى چۇشەندىڭلار ھەقىچان.
+ `" B3 S2 ~+ N- F-سەندەك ئاچىمىزنىڭ گىپىنى ئاڭلايمىز دە ھى ھى ! E* F! u$ }! ^& F; S
-ئادىلە ئىسمىم قەلبىنۇر،مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتىنى پۇتتۇرگەن،بۇ قىزلار ھەممىمىز دوسىت ،ئاسپىرانتلىققا تەييارلىق قىلغاچ مۇشۇ يەردە تۇرماقچى بولىۋاتىمىز.سىزمۇ شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتىنى پۇتتۇرۇپسىز ھەممىمىز ئىدىيىمىز ئىلغار كىشىلەر دەپ ئويلايمەن،ئەمما ئىلغارلىق باشقا تەرەپلەردىن بولسا بولمايدۇ.بۇگۇندىن باشلاپ ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشلىرى،ئەگەر سىزمۇ بىز بىلەن تاماق يەيمەن دىسىڭىز تۇرمۇش پۇلى تاپشۇرىشىڭىز كىرەك.: f& D  h; i) }: ?, [
بۇ قىزنىڭ سۆزلىرىدىن بىر خىل سۆيۇنۇش ھىس قىلدىم ،نىمىدىگەن ئوچوق كۆڭۇل قىزلار ھە!
: Z: Q+ e! B' \ئۇلار تۇشمۇ تۇشتىن ئۆزلىرىنى تونوشتۇردى،بىز خىلى ۋاقىتقىچە پاراڭلاشتۇق ،ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە دۇنيا قاراشلىرىغا ،غايىلىرىگە تىرىشچانلىقلىرىغا قايىل بولدوم ،ئۇلارنىڭ سەمىمىلىكلىرىگە قاراپ ئۇلارغا بۇ ئۆينى ئىجارە بىرىۋاتقىنىمدىن خىجىل بولۇپ راست گىپىمنى قىلىۋەتتىم.
; G* Y7 z6 G6 |6 r/ G% C-قىزلار ،سىلەر بەك سەمىمى قىزلاركەنسىلەر ،سىلەرگە قايىل بولدوم ،دىگىنىڭلاردەك بىر ئائىلە كىشلىرى بولدوق ،مەنمۇ ئەمسىە سىلەرگە راست سۆزىمنى دەۋىتەي ،مەنمۇ خىزمەت ئىزدەپ بۇ يەردە يۇرۋاتىمەن ،تىخى كۆڭۇلدىكىدەك خىزمەت تاپالمىدىم.بۇ ئۆينى 500 كويغا ئىجارىگە ئالغان.مەنمۇ قوشولۇپ بۇ ئۆينى ھەممىمىز 100 كويدىن چىقىرىپ ئىجارە ئالغان بولايلى ،شۇ مەنمۇ ئىجارە چىقىمىنى تەڭ تۆلەش ئۇچۇن ئادەم ئىزدىگەنتىم ،جەمىيەتنىڭ بىز ئويلىغاندەك ئۇنچە تۇز ئەمەسلىكىنى ،ئالى مەكتەپ ئوقوغوچىلىرىنىڭ پۇتتۇرسىلا بىر يەرلەردىن خىزمەت تىپىشىنىڭ ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم.
5 {, O) v  e( k" M4 G' S' B-سىز نىمىشكە يۇرتىڭىزغا بىرىپ ئىشلەشنى ئويلاشمىدىڭىز؟بۇ يەردە مۇھەببىتىڭىز بارمىدى يا؟
0 A  N% E" U* X' T-مۇھەببىتىم يوق ،ئۆزەمنىڭ قىممىتىنى ياراتقۇم كىلىپ قالغان چىغى،يۇرتۇمدا تىخىمۇ تەس.
% o0 X! a! m. X; |7 `0 C2 C-ھە ،ئەتىدىن باشلاپ كومپىيوتۇردا خىزمەت ئىزدەيلى.سىرىتتا قاتىراپ يۇرمەڭ.2 {' P, T1 c) C* ~, G
-بولىدۇ! Z7 X/ @: ]/ d# u4 n4 s
-بىزگە قىلغان سەمىمىيىتىڭىزگە رەھمەت ،سىز يىرىم يىللىق پۇلنى تۆلەپ بوپسىز ،ھىساۋىتىمىزنى قىلىپ 5مىز 100 دىن چىقارساق 1200 دىن چىقىرىدىكەنمىز ،سىزگە بىرەيلى ،سىز ئەتىگىچە بىرىپ بىر يىللىقنى بىراق تاپشۇرۋىتىڭ ،ئاندىن ھەر بىرىمىز 200 دىن تۇرمۇش پۇلى چىقىرايلى ،بىللە تىرىشايلى !
! V/ ?' j- f, |6 M4 W- Z+ i7 oسۆھبىتىمىز ئاخىرلىشىپ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ قول كومپىيوتۇرلىرىنى ئىچىپ كىتاپلىرنى يىيىپ خىلىغىچە دەرىسكە قارىدى.ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا قاراپ ئۆزەمنىڭ ئالى مەكتەپتە ئانچىمۇ بەك تىرىشمىغانلىقىمنى ھىس قىلىپ قالدىم.ئۆزەمنىڭ مۇشۇنداق قىزلار بىلەن ئۇچىرشىپ قالغىنىمدىن بەكمۇ خوش بولدۇم .
7 w. Q  z: E& K* Oئەتتىگەندە ئۇلارنىڭ ھاجەتخانىدا ئۆچىرەت تۇرۇشۇپ تاھارەت ئىلىشقىنىنى ،بامدات ئوقوشقىنىنى ھىس قىلىپ ياتتىم.
1 J0 ]* g9 D& `3 S' u1 yبۇگۇنكى ئۆچىرەت گۇزەلنىڭ بولۇپ ئۇ ئەتتىگەنلىك ناشتا تەييارلىغان ئىدى.ھەممىمىز ئۇستەل ئەتىراپىغا يىغىلغاندا قەلبىنۇر ماڭا قاراپ:! Z' f- _# _9 ?) ~7 Y3 l4 i
-ئادىلە،ئەتتىگەندە بامداتقا تۇرمايدىكەنسىز ھە ،ئۇنداق قىلماڭ ،ئەتىدىن باشلاپ قوپوڭ ئىشلىرىڭىز ئىلگىرى ماڭىدۇ دىدى .
8 o5 |) b, V4 z) u! Sشۇنداق قىزىرىپ كەتتىم.ئۇلارمۇ ئارتوق گەپ قىلمىدى.ناشتىدىن كىيىن ھەممىمىز ئىككى ئۇچتىن بولۇپ ئۇلارنىڭ قول كومپىيوتۇرلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇچۇر تورلىرىنى ئاقتۇرۇشقا باشلىدۇق.ھەممىمىز ئۆزىمىزگە ماس كىلىدىغان كەسىپلەرنى كۆرۇپ ئاۋارە ئىدۇق ،شىركەتلەرنىڭ تىلفون نومورلىرىنى يىزىپ،ئادىرىسلىرىنى خاتىرلەيتتۇق.تىلفون ئۇرۇپ ئالاقىلشەتتۇق .ئادىرىسلىرى بويىچە باراتتۇق.كەچلىرى ساڭگىلاپ كىلىشەتتۇق.ئەمما ئۇلاردا شۇنداق بىر روھ بار ئىدىكى كەچلىك تاماقتىن كىيىن بىر كۇنلۇك ھارغىنلىقلىرىنى پۇتۇنلەي ئۇنتۇپ كىتاپقا باشچىلاپ كىرىپ كىتەتتى،بۇ ئۆيدە 5ئادەم بارلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى،شۇنچىلىك جىمجىت .كەچلىكى ئۇلارنىڭ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىنى بىگىلى بولمايتتى.شۇنداق بولىشىغا قارىماي بامداتقا قوپوپ ،بامداتتىن كىيىن تىكىستلەرنى يادىلايتتى.ئۇلاردىكى بۇ ياخشى ئادەتلەر ماڭا يۇقۇشقا باشلىدى.مەنمۇ تۇرمۇش ئادىتىمنى ئۆزگەرتىپ ئۇلارغا ماسلىشىشقا باشلىدىم.بارا-بارا ئۆزەمنى شۇنداق روھلۇق سىزىشكە باشلىدىم،باشتىكى ئىچىم تىتىلداش ھالەتلىرىم يوقاشقا باشلىدى.ئازاتنى پات-پات ئەسلەپ قالاتتىم.ئۇمۇ ماڭا مۇشۇنداق روھلارنى ئاتا قىلاتتى.ئۇنى يوقۇتۇپ روھى ھالىتىم چۇشكۇنلىشىشكە باشلىغان پەيىتتە بۇ ئۇماقلارنى ئاللاھ ماڭا ئۇچىراشتۇرغان ئىدى.
0 p* k5 N4 _! R! _5 ]' ^

بەخىتلىك نىكاھ،كۇڭۇللۇك تۇرمۇشنىڭ ئاساسى!!!

مۇھاببەتنى چۈشەنگۈدەك ئادەم با

19

تېما

206

يازما

225

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 129106
يازما سانى:
206
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
154
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
15 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-10-28
ئاخىرقى:
2016-1-6
ۋاقتى: 2015-11-23 19:25:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز، داۋامىنى ساقلايمەن .

ئادەم گۈزەل بولغانلىقى ئۈچۈن سۆيۈملۈك ئەمەس ، سۆيۈملۈك بولغانلىقى ئۈچۈن گۈزەلدۇر.

نېمىلەرنى ئويلا

14

تېما

2162

يازما

2176

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 33034
يازما سانى:
2162
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
11980
تۆھپە :
343
باھا :
339
توردا:
1713 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-3-7
ئاخىرقى:
2016-3-25
ۋاقتى: 2015-11-23 19:43:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرنىڭ داۋامىنى ساقلىغاچ  ،ئازراق رىياللىقنى ئازراق ئويدۇرمىغا يۇغۇرۇپ بۇ ئەسەرنى پۇشۇردىڭىزمۇ ياكى پۈتۈنلەي توقۇلما ۋەقەلىكمۇ بىلگىم كەلدى .
* p& s) i  F' Y2 h) Z* i$ eياخشى يېزىپسىز راسلا ،بەزى يەرلىرنى ئۇقۇپ سىتودىنىتلارغا بولغان كۆزقارشىم يەنە سەل ئۆزەگەردى ،ئادىلە دەك ئورۇنلۇق گەپ قىلدىغان سىتودىنىتلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كىلىپ باللىرمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تۆھپە قۇششىنى شەخسى نامىمىمدىن ئۈمىت قىلىمە ،قولىڭزغا بەركەتلەر يېغىپ كەتسۇن  شارقىراپ ياغقان يامغۇردەك بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yurkimzida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-23 07:43 PM  
$ M% P5 b# G( l1 {" Z9 f, _# c- d, v( p, {$ S. I4 B: i

جاھان

14

تېما

430

يازما

444

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 101831
يازما سانى:
430
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1348
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
516 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-1-5
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2015-11-23 20:35:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تىچلىق

تىچلىق

0

تېما

6

يازما

6

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 130925
يازما سانى:
6
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
8
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
0 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-11-23
ئاخىرقى:
2015-11-23
ۋاقتى: 2015-11-23 23:32:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قىرىندىشىم بىر ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەسەرگە كىرىپ كىتىپتىمەن ، ئىنساني ئەخلاق ئاساسىدىكى تاللاشقا بولغان ھۆرمەت سەۋەپلىك ئەسەر قەھرىمانلىرىنڭ تاللىشىنى توغرا ياكى خاتا دىيەلمەيمەن . سوراپ باقسام : ئەسەر ئاخىرلاشتىمۇ ياكى داۋامى بارمۇ ! رەھمەت .

5

تېما

428

يازما

433

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 128983
يازما سانى:
428
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
148
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
280 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-10-26
ئاخىرقى:
2016-3-31
ۋاقتى: 2015-11-23 23:38:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ + u8 q1 s9 C8 T, ^
# ]& [, T4 d1 G) M. o+ S

' q2 k' c, y. L; |' ^1 }7 l6 `  y
0 _4 b% H0 a. Z! a
دوسلا ھۇزۇرىغا ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ۋىدو تەسىرلەنمەي تۇرالمايسىز
  E' j0 n' n* K) Rئاتا ئانىلانى قەدىرقىممىتى بىلەن. ئىتىبار بىلەن كۇتەيلى.  
/ H/ S' a# b4 u, F7 X: {) g& _$ j! [% T; ~# o1 u0 [
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   007Utunqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-23 11:53 PM  
$ l) [5 ]9 G8 z  b; v: p! O  m8 k
. t3 s4 |8 ~# s$ k7 k3 [! S

http://www.alhuxi.cn/bbs/forum.php

6

تېما

670

يازما

676

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 97199
يازما سانى:
670
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1752
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
373 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-8-23
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2015-11-23 23:46:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ئ‍ېسىل ھېكايە ئ‍ىكەن  يارايسىز

ئۈزەڭنى ئەڭ قەدىرلە،بولمىسا باشقىلاردىن ئىززەت كۈتۈپ ئاۋارە بولما https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/comcom/2.gif

0

تېما

56

يازما

56

جۇغلانما

تەستىقلانمىغان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 123025
يازما سانى:
56
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
70
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
3 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-8-18
ئاخىرقى:
2016-3-5
ۋاقتى: 2015-11-24 10:01:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىكايىنى ئوقۇپ  كۆز قارشىم سەل ياخشى بوپقالدى  ئايرىم ياتاق  ئەپ تۇردىغان قىزلارغا

8

تېما

263

يازما

271

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 10854
يازما سانى:
263
نادىر تېما :
1
مۇنبەر پۇلى :
9021
تۆھپە :
421
باھا :
343
توردا:
3588 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-9-20
ئاخىرقى:
2016-3-22
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-24 10:47:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ قەلبىنۇر بىر شىركەتتىن بوغالتىرلىق خىزمىتى تاپتى.گۇزەل كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىدىن خىزمەت تاپتى.خاسىيەت بولسا ئائىلە ئوقوتقوچىسى بولىۋاتاتتى.ھازىر پاتىگۇل ئىككىمىزلا خىزمەت تاپالمايۋاتاتتۇق.كۇنلەر ئۆتكەنسىرى بۇنداق كىتىۋەرسە بولمايتتى.بىر كۇنى پاتىگۇل ئىشىكتىن كىرىپلا :. X) [. C+ G2 L$ o# q  l( t
-ئادىلە،ئارمان شىركىتى ئادەم ئالىدكەن بىرىپ باقامدۇق دىدى.
* p, A3 J) H6 \0 g# {: T* M8 ?-ئارمان شىركىتى؟قايسى ئورونغا ئالىدىكەن؟" c1 |* O" e% s1 }+ Z8 ^5 R
-بىلمىدىم ،بىرىپ باقايلى ،ئارمانمۇ چوڭ شىركەت ئاداش ،قىنى بىرىپ ئۆزىمىزنى سىناپ باقمامدۇق.
3 R: j+ P& s# J4 e' C: k$ Qئىككىمىز تىزلا جابدۇنۇپ ئارمان شىركىتىگە باردۇق.ئادەم ئىشلىرىغا مەسئۇل كىشى بىز بىلەن كۆرۇشتى .
# p8 N" F% N9 v" y) F: c" e. D+ v-قىنى ئولتۇرۇڭلار.قايسى مەكتەپنى پۇتتۇرگەن،كىنىشكەڭلارنى كۆرەي.
% B$ i% t5 v0 k5 U( z, \& V  Tبىز كىنىشكىلىرىنىمىزنى ،ئۆزىمىزنى تونوشتۇرۇش ماتىرياللىرىمىزنى تاپشۇردۇق.ئۇ كىشى تەپسىلى كۆرگەندىن كىيىن :
2 B' c1 e8 [! Z8 M; R-قارىسام شۇنداق ياخشى ئوقوپسىلەر ،ئەمما شىركىتىمىزدە ھەممە ئىشنى تۆۋەندىن باشلايدۇ.باشتا بىزنىڭ تاللا بازىرىمىزدا ئىشلەڭلار ،ئاندىن قالغان ئىشلار پەيدىن پەي كەلسۇن.
/ [( d4 X7 j& z8 P4 _$ T# s-تاللا بازىرىدا؟ھەيران قالدىم،ئالى مەكتەپ پۇتتۇرۇپ تاللا بازىرىدا ئىشلەش مىنىڭ ئۇخلاپ چۇشۇمگىمۇ كىرمىگەن بىر ئىش ئىدى.+ ]$ j1 P6 `" ?% m, d  a8 ~
-بولىدۇ.دىدى پاتىگۇل دەرھال ،-ئاداش شۇندا قىلايلى .
+ Q; [4 H  A* k( o$ l% T2 o7 @-بىراق!" P, T* U6 P  F& f7 }
-بولدى ئاداش بىراق پىراقنى قويوڭ ،ئەمىسە بىز قاچاندىن باشلاپ ئىشلەيمىز؟مۇئاش تەمىناتىمىز قانداق بولىدۇ؟...
# v7 N, o1 Q- W, z) Q7 e1 tپاتىگۇل ئۇ كىشى بىلەن تەمىنات ئىش تۇزۇمى قاتارلىقلار توغورلۇق سۆزلەشتى.ئەمما مىنىڭ قۇلۇقۇمغا ئۇ سۆزلەر كىرمەيتتى.ئۆزەمنىڭ ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ تاللا بازىرىدا ئىشلىشىمنى قۇبۇل قىلىمىقىم تەس ئىدى.خىياللىرىم ھەر يان ئۇچاتتى.پاتىگۇل سۆزلىشىپ بولغان بولسا كىرەك.% w: Z5 x# Q+ B  L0 a% l! A
-ئاداش قايتايلى.ئەمىسە ئەتە رەسمىيەت ئۆتىگىلى كىلەيلى دىدى .ھەم مىنىڭ سۆزىمنىمۇ كۇتمەي مىنى قولتۇقلاپ ئىلىپ ماڭدى.
: q) f0 j- ^) s) ?6 ?( i( y: X2 mچىققاندىن كىيىن دىدىم:
* P9 m8 ^' p9 p- Y6 P" ^! W+ X-پاتىگۇل،بىز تاللا بازىرىدا ئىشلەمدۇق؟
% |. i9 E2 Y* M/ D! R' `-ئەمىسە قانداق قىلىمىز ئاداش،مۇشۇنداق بىكار يۇرەمدۇق؟7 |! e2 O# T, s+ L( |
-باشقا ئىشلارمۇ چىقىپ قالار ئىدى ئاداش!9 X# Q: f! _5 y# g' Z* j* v5 u
-ھىلىمۇ بەك كۆپ زىھنىمىزنى ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلۋەتتۇق ئاداش،يىنىمىزمۇ بوشاپ كىتىۋاتىدۇ.قىنى بىر ياقتىن ئىشلەپ ئۆزىمىزنى قامداپ بىر ياقتىن ئىزدەرمىز،بۇمۇ بىزگە بىر تۇرمۇش دەرىسلىكى بولۇپ قالار...1 I$ Y2 |5 g+ h. X* i' G
ئۆيگە قايتىپ كىلىپ بۇ ئەھۋاللارنى قىزلارغا ئىيتتۇق ،قەلبىنۇر:, G) B6 u+ O& B4 E% R" e
-بوپتۇ ،ھىلىمۇ كۆپ ۋاقتىڭلار كەتتى ،ئارمان شىركىتىمۇ ئۆزىمىزنىڭ شىركىتى ،بىر كىشلىك ھەسسىمىزنى قوشتۇق دەپ ئويلاڭلار،ئۇ ئادەممۇ دەپتىغۇ ئاۋال تۆۋەندىن باشلايسىلەر دەپ ،بۇ جەرياندا يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالسىلەر،بۇمۇ بىلىم شۇنداق ئەمەسمۇ،مەنمۇ شىركەتكە كىرگەننىڭ ياقى مەكتەپتە ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ تىخى يىتەرلىك ئەمەسلىكىمنى ھىس قىلدىم.دىدى.
0 X6 o8 d- [6 y" h; B( Sباشقا قىزلارمۇ بىزگە مەدەت بىرىشتى ،شۇنىڭ بىلەن مەن ئارمان تاللا بازىرىنىڭ بىر مال ساتقۇچىسى بولدۇم.كۇندە ئىشقا چىقىمەن،نۇرغۇن ،ھەر خىل ھەر ياڭزا كىشىلەر بىلەن ئۇچىرشىمەن.ماللارنى رەتلەيمەن،خىرىدارلارنىڭ سورىغان ماللىرىنى تىپىشىپ بىرىمەن.ئىشقىلىپ توختىماي ئۇياق بۇياققا قاتىراپ يۇرۇپ كەچ بولغاندا ئىككى پۇتۇمنىڭ تالغانلىقىنى ھىس قىلىمەن.ئەتە كەلمەيمەن دەيمەنيۇ،يەنە ئەتتىگەندە پاتىگۇل بىلەن بىرىنجى بولۇپ خىزمەتكە كىلىمەن. خىيالىمدىكى سىتودىنت تۇرمۇشى بىلەن رىئاللىقتىكى سىتودىنت تۇرمۇشى پەقەتلا ئوخشىمىغان ئىدى!ئەمما نىمىشقىدۇر پاتىگۇلنىڭ ۋۇجۇدىدىن پەقەت چارچاشنى ھىس قىلمايمەن،بۇ جۇغى كىچىك قىزغا قاراپ ھەيران قالىمەن.بىر كۇنى سورىدىم:
: f7 r8 ?" f8 B# J. u-پاتىگۇل بۇ يەر قارىماققا ئىش يوقتەك تۇرغان بىلەن ئادەمنى بەك چارچىتىدىكەن ،ھىس قىلمىدىڭىزما ،قارىسام سىز ھىچ بىر چارچىغاندەك ئەمەس.8 y$ G3 `9 R) N$ }! W- K
-ئادىلە ،قارىسام سىز مەكتەپ ئوقوش جەريانىدا بىرەر ئوروندا ئىشلەپ باقماپسىز ،مەن ئوقوش جەريانىمدا نۇرغۇن يەرلەردە ئىشلەپ ئىزچىل ئۆزەمنىڭ تۇرمۇش پۇلىنى قامداپ كەلگەنمەن.بىر ئۆيدە تۇرۋاتقان بۇ ئۇماق دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى شۇ ،بىز بىر-بىرىمىزگە مەدەت بىرىپ يۇرۇپ خىلى جاپالارنى يەڭدۇق.بۇ خىزمەت مەن ئۇچۇن جاپالىق بىلىنمىدى.
  h9 Q& V- A" z) y( T-شۇنداقمۇ؟مەن مەكتەپتە ئوقوغاندا خىزمەت قىلىشنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.+ O  R, |# a" l5 R. j
-سىزدە شارائىت باردە جىنىم ،شۇڭا ئويلىمايسىز ،ئەمما بىزنىڭ شارائىتىمىز بىزنى ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قامداشنى ئۆگەتتى ،تۇرمۇش كىشىگە شۇنداق دەرىسلىككى ،بىشىڭىزغا كەلگەندە ئۆگەنمەيمۇ ئامالىڭىز يوق.
1 l8 }8 x! E  N-ئىشقىلىپ مەن سىلەرگە بەك قايىل ،سىلەر بىلەن دوسىتلاشقىنىمدىن بەك خوشالمەن.
3 T4 J1 w" f/ V, b$ X- ئادىلە ،سىزمۇ بەك ياخشى ،سەمىمى قىزكەنسىز،شۇڭا بىز سىز بىلەن چىقىشىپ كىتەلىدۇق ،مىجەزلىرىمىز ئوخشىغاچقا بىر يەرگە كىلىپ قالدۇق.سىزگە دىسەم ،سىز بۇنى بىر خىزمەت دەپلا قىلسىڭىز ،مەن بىر ئالى مەكتەپ پۇتتۇرگەن سىتودىنت تۇرۇپ ھەجەپ تاللا بازىرىدا ئىشلەپ يۇرۇمەن دەپ ئويلىۋالسىڭىز چوقوم چارچايسىز،بىلەمسىز مەن كۇندە ئۆزەمگە مەن ئارمان شىركىتىنىڭ بىر ئەزاسى ،بۇ شىركەت مىللىتىمىزنىڭ پەخىرلىك شىركىتى،مەن بۇ شىركەتكە ھەسسە قوشوش ئۇچۇن ماڭدىم دەيمەن.قانچە كۆپ ئادەم مال سىتىۋالسا شۇنچە خوش بولىمەن،مىللى كارخانىمىزنىڭ روناق تىپىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىمەن.ئەتىراپىمدىن نىمىلەرنى ئۆگىنىشىم كىرەكلىكىنى ئىزدىنىمەن،شۇڭا چارچاش ئەمەس ئەكىسچە ھوزۇر ھىس قىلىمەن .بولمسا سىزمۇ سىناپ بىقىڭ ،ئادەمنىڭ پىسخىكىسى شۇنداق نەرسىكىن سىزنىڭ ئويلىرىڭىز سىزگە ھوزور ياكى چارچاش ئىلىپ كىلەلەيدۇ.بۇنى ئۆزىڭىز بەلگىلىسىڭىز بولىدۇ.بىز ھالال ئەمگىكىمىز بىلەن پۇل تىپىۋاتىمىز ،ئۆز كارخانىمىزغا ھەسسە قوشىۋاتىمىز،مۇشۇنداق ئويلاڭ!6 c% [7 I( P! s- Q, b2 o
-سىلەردىن مەن ھەقىقەتەن كۆپ نەرسىلەرنى يۇقتۇردۇم.ئۆزەمنى سىلەر بىلەن تونوشقاننىڭ ياقى باشقىچە يىنىك ھىس قىلۋاتىمەن پاتىگۇل.
0 q) {8 I. I6 [: f! a! W-شۇنداقمۇ ،خوش بولدۇم!بىزمۇ شۇ سىز بىلەن تونوشۇپ خوشالمىز جىنىم ،سىزنىڭ ۋۇجۇدىڭىزدىمۇ كۆرۇنمەس بىر قەيسەرلىك بار .
$ A% R2 q2 x0 ]( X; a9 p" F& b% Fبىز شۇ پاراڭلار بىلەن ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق ،بۇگۇن مىنىڭ تاماق ئىتىش نۆۋىتىم ئىدى.ئۇلارغا ئوخشىتىپ لەغمەن ئىتىپ بەردىم .مەززە بىلەن يىيىشتىدە ماختىشىپ كەتتى.ئاندىن دۇئا قىلپ قوپوپ ھەممىسى ئۆز ئورونلىرىنى تىپىپ ئۆگىنىشلىرىنى قىلىشقا باشلىدى.
/ D8 s, W1 s3 J: i" mپاتىگۇلنىڭ سۆزى ماڭا راستىنلا بىر روھى ئوزوق بولدى.ئۆزەمدىكى سىتودىنت بىسىمىنى ئىلپ تاشلاپ ئۆز شىركىتىمگە ماڭغاندەك روھلۇق قەدەم بىلەن ئىشقا چىقتىم .بۇرۇن ئادەم كۆپ كىرسە ھەجەپ جىق كىرىۋەردا دەپ ھارغىنلىق ھىس قىلغان بولسام ،بۇگۇن پاتىگۇل دىگەندەك كىشىلەر قانچە كۆپ كىرسە شۇنچە خوشاللىق ھىس قىلىشقا باشلىدىم.بۇ ھىسىيات ھەقىقەتەن ئوخشىمايتتى.بۇ ھىسىياتلار بىلەن تەبىئىلا خىزمىتىمىنى ياقتۇرۇشقا باشلىدىم.بۇرۇن دىققەت قىلمىغان بولسام ھازىر ھەر بىر ھالقىلىرغىچە دىققەت قىلىشقا باشلىدىم.پىشۇرۇقلارنى ئۆز قولوم بىلەن قىلىپ بىقىش ئويلىرى بىخ سۇرۇشكە باشلىدى.تەلەپ قىلپ يۇرۇپ پشۇرۇق گۇرۇپپىسىغا كىردىم.ھەرخىل تورت پىشۇرۇقلارنى پىشۇرۇشنى ئۆگەندىم.كۇنلىرىم بەكمۇ مەنىلىك ئۆتۇشكە باشلىدى.ئەتتىگەندە تىكىست يادلايمەن.بۇ ئۇماقلار بىلەن ئىنگىلىزچە دىئالوگلار قىلىشىمىز،كۇندۇزى پىشۇرۇقلارنى تۇجۇپلەپ پىشۇرىمەن.كەچلىكى بۇ ئۇماقلارنىڭ ئۆگىنىش روھىدىن ئۇگۇنۇپ ئىنگىلىزتىلىنى پۇختىلايمەن.بەزىدە ئەسۋاپلىرىم بىلەن بۇلارغا تورتلارنى پۇشۇرۇپ بىرىپ خوش قىلىۋىتىمەن.مانا مۇشۇنداق يۇرۇپ بىر يىلنىڭ قانداق ئۆتۇپ كەتكىنىنىمۇ سەزمەيلا قالدىم.بۇ ئارلىقتا مىنى تاللا بازىرىنىڭ باشقۇرغۇچىسى قىلىپ ئۆستۇردى ،مائاش تەمىناتىممۇ ياخشى بولدى.مەن شىركەتتىكىلەرنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشكەن ئىدىم. ‹ئاھ ئازات مىنىڭ ھازىرقى ھالىتىمنى كۆرگەن بولسىڭىز بەلكىم مەندىن پەخىرلىنىشىڭىز مۇمكىن ئىدى!›ئازات مەن بىلەن ئالاقىلاشمىدى.ئۆيدىكىلەردىنمۇ ئاستىرىتتىن سورىغان تىلفونلارنىڭ ئىچىدە ئازاتنىڭ تىلفونى كەلمىگەنلىكىنى بىلەتتىم.ئۇنىڭغا ئاچچىق قىلاتتىم.ئەگەر ھازىر بولسا ئىدى.مەن ئىككىلەنمەي كەتكەن بولار ئىدىم.چۇنكى ئۇنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى ئۇ مەندىن ئايرىلغاندىن باشلاپ كۆرۇلۇشكە باشلىغان ئىدى.يىنىمدا ۋاقىتتا ھىس قىلىپ بولالمىغان كۆيۇنۇشلىرى،شەكىللەندۇرگەن ئادەتلىرى ھەممىسى مانا ئەمدى ئۆز كۇچىنى كۆرسىتىپ ،ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئۇنى تىخىمۇ  سېغىنىۋاتاتتىم.شۇنداق كۇنلەرنىڭ بىرىدە تۇرمۇشۇمدا يەنە بىر قىتىملىق بۇرۇلۇش بولدى.
* a  A, K) I4 {& l9 G* ]0 T

بەخىتلىك نىكاھ،كۇڭۇللۇك تۇرمۇشنىڭ ئاساسى!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-1 04:54 PM, Processed in 0.208016 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش