% [/ ~; o$ Q0 A, r2 B! r8 Y9 ?- c
# G% t* G: R8 ~/ K9 Qئالىم ياسىن ئارمانى
/ W+ V$ D0 Z5 j2 P0 H
-زەھەردىن شىپا ئىزدىمە، ئەسكىدىن ۋاپا ئىزدىمە. (ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى)
* r4 I3 ]9 z: J$ g% p# o$ _- Qئەپۇچانلىق بىر خىل گۈزەل ئەخلاق بولۇپ، كەچۈرۈش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەپۇچان كىشى-كەمتەر،مۇلايىم،سىلىق- سىپايە،ئاداۋەت تۇتمايدىغان ياخشى نىيەتلىك كېلىدۇ.ئەپۇچان كىشى يەنە غەزەپنى ھەر چاغدا خوشاللىققا ئايلاندۈرالايدۇ،ئۇنىڭ سۆزلىرى ئۆنۈملۈك ۋە قوبۇل قىلارلىق كېلىدۇ.
* n8 s$ U! I d9 S$ g6 C
ھېكايەت:بىر قىز كوچىدا كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز تۈكۈرۈپتۇ، تۈكۈرۈك شامالدا ئۇچۇپ بېرىپ بىر يىگىتنىڭ ئىشتىنىغا چاپلىشىپ قاپتۇ.قىز بۇنى كۆرۈپ دەرھال ئۇ يىگىتتىن كەچۈرۈم سوراپتۇ ھەم سومكىسىدىن قەغەز ئېلىپ يىگىتنىڭ ئىشتىنىدىكى تۈكۈرۈكنى سۈرتۈپتۇ.بىراق يىگىت ئۇ قىزنى تۈكۈرۈكنى سۈرتكىلى قويماي:«تۈكۈرۈكنى يالا!»دەپ تۇرىۋاپتۇ.
قىز قايتا-قايتا كەچۈرۈم سورىغان بولسىمۇ يىگىت يەنىلا ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرىۋاپتۇ.كوچىدا ئولارنىڭ ئەتراپىىغا كىشىلەر توپلىشىپتۇ.باشقىلار؛«كەچۈرۈم سورىغاندىكىن بولدى قىلىڭ»دىسىمۇ قوشۇلماپتۇ.
قاتتىق خىجالەتچىلىكتە قالغان قىز،سومكىسىدىن بىرمۇنچە پۇلنى چىقىرىپ،نەق مەيداندا ۋارقىراپتۇ:«كۆپچىلىك ئاڭلاڭلار،ئەگەر كىمىكى نەق مەيداندا بۇ يىگىتنىڭ ئەدىپىنى بېرەلىسە بۇ پۇلنى شۇنىڭغا بىرىمەن»دەپتىكەن،ئىككى نەپەر كۈچتۈڭگەر يىگىت چىقىپ ھېلىقى يىگىتنى تويغۇزۇپتۇ.ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ھېلىقى قىزنى ئىزدەي دەپ قارىسا،ئەتراپىدا بىرمۇ ئادەم قالمىغان ئىكەن.
كونىلاردا:«ھودۇققان ئىت تامغا سەكرەيدۇ،غەزەپلەنگەن ئادەم قارشىلىشىدۇ»دەيدىغان گەپ بار.بۇ بىر ئاددى مىسال.ئەگەر بىز كىشىلىك تۇرمۇشتا يۇقۇرقىدەك بىر قىسىم ئىشلار ئۈچۈن ئەپۇ قىلىشنى بىلمىسەك،ئوخشىمىغان ئوڭىشسىزلىقلارغا دۇچار بولىشىمىز مۇمكېن.ئويلاپ بېقىڭ؟بىر ئادەمنى تار يەردە قىستاپ ماڭغىلى قويماۋەرسىڭىز ئۇنىڭدا قارشىلىششتىن باشقا ئېستەك بولمايدۇ.بۇنداق چاغدا ئۇ ھېچقانداق ۋاستە تاللىمايدۇ ھەم ئاقىۋەتنى ئويلاشماستىنلا سىز بىلەن قارشىلىشىدۇ.ئاقىۋەتتە زىيان تارتىدىغىنى ئۇ ئەمەس، بەلكى سىز بولىسىز.بىزدە يەنە:«نەسىھەت ئاڭلىمىغان كىشى نەپرەت ئاڭلار»دەيدىغان ھېكمەتمۇ بار.ئادەم بەزىدە بىلىپ-بىلمەي خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قالىدۇ.خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئادەم ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونىغان ئىكەن ئۇنىڭدەك ساپ كىشى بولمايدۇ.
ھېكمەت:ئەپۇچانلىق-بىر خىل گۈزەل ئەخلاق بولۇپ،بىزنىڭ ئەپۇچان بولىشىمىز باشقىلارنىڭ سەۋى-نوقسانلىرىنى تۈزىتىشىگە ،قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا،ئارتۇقچىلىقىنى تېخىمۇ جارى قىلدۈرىشىغا پايدىلىقتۇر.بىز ئەپۇ قىلىشنى بىلگىنىمىزدىلا دوسلۇققا،مېھىر-مۇھەببەتكە،ھۆرمەتكە ئېرىشەلەيمىز.ئەپۇچانلىق يەنە بىر خىل ئالى جاناپلىق بولۇپ،ئەپۇچان بولۇش ئۇنچە ئاسانمۇ ئەمەس.بىز تۇرمۇشتا دائىم بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ يۇقۇرقىدەك،ئەپۇ قىلىۋەتسىلا تۇگەيدىغان ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار ئۈچۈن دائىم باشقىلار بىلەن جېدەللىشىپ،ئۇرۇشۇپ يۈرگەنلىكىنى،باشقىلارنىڭ كىچىككىنە سەۋەنلىكىنى ھەمىشە ئۇنىتماي،ئاداۋەت ساقلاپ،نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى كەلتۈرۈپ يۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز ۋە ئاڭلاپ تۇرىمىز،بۇ تولىمۇ قاملاشمىغان ئىش.
ئەپۇچانلىق بىر خىل يۈكسەكلىك.بىر ئادەم باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىنى سەمىمىيلىك بىلەن كەچۈرۋەتكەندە،ئەپۇ قىلىۋەتكەندىلا،ئۇنىڭ كۆڭلىمۇ ۋىللىدە يورۈپ،يۈكسەكلىكى يەنە بىر ھەسسە ئاشىدۇ.پەقەت بىز ئەپۇ قىلىشنى ئۆگىنىۋالغاندىلا ئۆزىمىزنى يەنىمۇ تاكامموللاشتۈرۈشنىڭ يېڭى يولىنى تاپقان بولىمىز.شۇڭا سىزمۇ ھەر ۋاقىت،ھەر جايدا،ھەر ئىشتا بولۇڭ،ئەپۇ قىلىشنىمۇ ئۆگىنىۋېلىڭ.شۈندىلا سىز غەلىبە قىلىشنىڭ ئاساسىنى يارىتالايسىز
$ x! P( k% c) {0 V# v. O