بىراۋغا ياخشىلىق - ئۆزىگە ناشتىلىق
ئەمەت دەرۋىش
" p9 n/ T4 U2 G9 d8 O x4 c" @- E
ئادەم بىلەن تەن روھنىڭ بىرىكمىسىدۇر، روھ تەننى ماكان قىلىپ تۇرۇپ قۇدرىتىنى نامايان قىلىپ، تەننى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. جىسمانىيەت – تەن روھنىڭ ماكانى، روھ تەننىڭ ھۈجەيرىلىرىگە سىڭىپ كەتكەن «مەن». روھمۇ ئۈزلۈكسىز بېيىدۇ، تاۋلىنىدۇ، زورىيىدۇ ۋە پىشىپ يېتىلىدۇ. لېكىن ئۇ جىسمانىيەتكە ئوخشاش چەكلىك ئەمەس، بەلكى ئەبەدىيلىككە ئىگە. بىر جىسمانىيەتنىڭ ــــ ئادەم ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشى تەننىڭ ھاياتلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى روھنىڭ ئەبەدىيلىكى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. جىسىم ئۆلگەن بىلەن روھنى ئۆلدى، دېگىلى بولمايدۇ. ئۇ جىسىمنىڭ ھايات مەزگىلىدە ياخشىلىق ياكى يامانلىق بىلەن مەشغۇل بولۇشى ئاساسىدا شۇ جىسىمنى ــــ ھاياتنى ئۇزۇن ياكى قىسقىلىققا، ياخشى نام ياكى يامان ئاتاققا ئېگە قىلىدۇ. مەيلى ياخشى نام ياكى يامان ئاتاققا ئىگە قىلسۇن، روھ شۇ باھا بىلەن ھاياتنى ئەبەدىيلىككە ئىگە قىلىدۇ، شۇڭا ئېيتىمز، ئادەم جىسمانىيىتىدىن ئۇزۇن ياشايدۇ. بىزنىڭ «روھ بېيىدۇ، تاۋلىنىدۇ، زورىيىدۇ، پىشىپ يېتىلىدۇ» دېگىنىمىزدە، ئۇنىڭ تەربىيەگە موھتاجلىقى نەزەردە تۇتۇلغان.
3 @$ z: S" Y7 i# e1 ~/ P9 P1 S( j0 [شۇنى بىلىش لازىمكى، ئادەم مەۋھۇم، ئالەمدىن تاشقىرى ياشايدىغان مەۋجۇدات ئەمەس. ياشاۋاتقان ھەربىر مىنۇتىمىز ئىنسانىيەت ئالىمى ۋە جەمئىيىتى ئىچىدە بولغانلىقى ئۈچۈن تۈرلۈك شەيئى، ھادىسىلەر، ئادەملەر بىلەن مۇقەررەر مۇناسىۋەتتە بولىمىز. شۇنداق ئىكەن، ھايات كەچۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك بولغان مەنپەئەت ھەمىشە بىزنىڭ ئالدىمىزدا يۈگۈرۈپ يۈرىدۇ، مەنپەئەتنىڭ تاتلىقلىقى ھەمىشە بىزنى مەنپەئەتپەرەسلىك يولىغا يېتەكلەيدۇ. ئادەم ئۆزىنىڭ يەككە ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىغان ئىكەن، دېمەك، مەنپەئەت ئالدىدا نەپسىنى تىزگىنلەشنىمۇ ئۆز ئادىتىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشى لازىم.
0 z7 y' O! X e. p$ t6 b
بىر ئۆمۈر بايلىققا ھېرىسمەنلىك ئادەمنى نابۇت قىلىدىغان ناچار ئادەتتۇر، ئىلگىرىكىلەرنىڭ ھاياتىدىن ئۈلگە ئېلىش، ئاچچىق ساۋاقنى قوبۇل قىلىش، قانداق ياشاشنى ئۆگىنىۋېلىش زۆرۈر. قىسقىسى، تۇرمۇش بىر دەرس، بۇ دەرس ھەممىمىزگە روھىمىزنى قانداق تەربىيەلەشنى ئۆگىتىپ تۇرىدۇ. ئادەم ياشاشنى ئۆگەنمىسە، ھايات كەچۈرۈشىمۇ بەسى مۈشكۈل بولىدۇ. ھاياتتا ئىككى يول بار: بىرى، ھايات كەچۈرۈش؛ يەنە بىرى، ياشاش. ھايات كەچۈرۈش تەن ئۈچۈن بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ھايۋاندىن قىلچە پەرقى بولمايدۇ، چۈنكى ھايۋانمۇ يەيدۇ، ئىچىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتى قازايى قەدەرگىچە بولغانلىقى ئۈچۈن، تەننىڭ يوقىلىشى بىلەن تەڭ ھېچنېمىسى قالماي تۈگەيدۇ. شۇڭا ئېيتىمىز، تەن شادلىقى تولىمۇ قىسقا ۋە زەئىپتۇر. ئەمما ياشاش دېگىنىمىز جىسمانىيەت ئەمەس، بەلكى جىسمانىيەتنى ئەبەدىيلىككە ئىگە قىلغۇچى روھقا قارىتىلغان. ئەگەر روھ مەنىۋىيەت ئۈچۈن ياشىسا، تۇرمۇشنىڭ شادلىقى ئۇزاق ۋە كۈچلۈك بولىدۇ، ھەتتا ئۆلۈممۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشاللىق تۇيۇلىدۇ.
$ y. d D2 \9 I, P' |- ]
ياخشى ئادەم بىلەن يامان ئادەمنىڭ پەرقى ياخشى ئادەمنىڭ خاتالىقى ئاز، يامان ئادەمنىڭ خاتالىقىنىڭ كۆپلۈكىدە بولمايدۇ، بەلكى مۇھىم پەرق خاتالىقنى تونۇش بىلەن تونۇماسلىقتا. ياخشى ئادەم خاتالىقىنى تونۇيدۇ ۋە خاتالىقىنى تۈزىتىشكە، ھېچبولمىغاندا خاتالىقنى تەكرار سادىر قىلماسلىققا تىرىشىدۇ؛ يامان ئادەم خاتالىقىنى تونۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق سادىر قىلىشتىن قورقمايدۇ. ھەر كۈنلۈك پائالىيەتتە ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈش، بىر كۈنلۈك مەسئۇلىيىتىدىن خۇلاسە چىقىرىپ كەم قالغان، ئارتۇق كەتكەن تەرەپلەرنى ھېس قىلىش، چۈشىنىش، مۇئامىلىلەردە خاتا كەتكەن تەرەپلەرگە تۈرلۈك ئۇسۇل ۋە يوللار ئارقىلىق تۈزىتىش ئېلىپ بېرىش، كەچقۇرۇن ئۇيقىغا بېرىشتىن بۇرۇن بەش - ئون مىنۇت سەرپ قىلىپ كۈندىلىك ئىشتىن خۇلاسە چىقىرىپ قەلب ئۆيىنى گۇناھتىن تازىلاش ياخشى ئەمەللەر جۈملىسىدىندۇر. قەلىبنى گۇناھتىن تازىلاش خۇددى ئۆينى كۈندە بىر قېتىم تازىلاپ تۇرغانغا ئوخشايدۇ، پاكىز ئۆيگە مېھمان باشلىسا ھەم ئۆي ئىگىسى، ھەم مېھمان كۆڭلى شاد بولغانغا ئوخشاش، پاكىز قەلبمۇ روھ ھەم تەننى شاد قىلىدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتتە باشقىلار بىلەن ئورتاقلىقنى ھېس قىلىش ۋە مۇناسىۋەت يوللىرىنى كېڭەيتىش روھنى قۇۋۋەت تاپقۇزۇشنىڭ بىر يولى. باشقىلار بىلەن ئارازلىشىپ قالغاندا، ئۇنىڭ روھى ھالىتىنى تېز پۇرسەتتە بىلىۋېلىش ئاقىلانىلىك. ئەگەر ئۆزىگىلا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىش بولسا، شەخسىيەتچىلىك روناق تاپىدۇكى، ئومۇمىيەتچىلىكتىن، ئۆمۈرنىڭ ھاياتىيلىقىدىن گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ. ئەگەر مەلۇم بىر ئادەم ئۆز ھاياتىنىلا ئويلىسا، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى باشقىلارنىڭكىدىن ئۈستۈن بىلسە، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ھاياتىيلىقتىن مەھرۇم قىلغانغا باراۋەر.
" D; `8 D( r0 S' T! U0 a, J
ئادەم ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق تونۇپ يېتىشى زۆرۈردۇر. كۈچ - قۇدرەت جىسمانىيەتتە ئەمەس، بەلكى روھتا. جىسمانىيەتنى ئەبەدىيلىككە ئىگە قىلىدىغان نەرسە جىسمانىي كۈچ - قۇدرەت ئەمەس، بەلكى مەنىۋىيەت دېيىشىمىزدىكى سەۋەب مانا مۇشۇ. ئادەم ئارتۇقچىلىقىنى سەزگەندە ئۇنى پەش قىلىپ مەغرۇرلانسا ئۆزىنى ئاسماندىن ئېتىپ يەرگە ئۇرغانغا باراۋەر. ئادەم ئارتۇقچىلىقىنى تونۇپ يەتكەنگە ئوخشاش، يېتەرسىزلىكىنىمۇ تونۇپ يېتىشى زۆرۈر. شۇنداق قىلغاندا سەۋرچان، ئەپۇچان بولۇپ، باشقا بىر قەلبنىڭ مېھرىبانلىقىغا ئېرىشەلەيدۇ، شۇڭا ئېيتىمىز: بىراۋغا ياخشىلىق ئۆزۈڭگە ناشتىلىق!
b! Q" F) {* ~6 L9 N& uمەنبە:
http://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MjM5NDg2MDk4NA==&mid=400420846&idx=4&sn=dac7c9ff1876a8487ab260a58b3252d7&scene=23&srcid=1112SedzQhUvVCdr4nYtK830#rd U% h6 _7 k7 x D& G7 O, _
7 ~4 I& k S! _1 F# P