مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1275|ئىنكاس: 8

دوختۇر دىگەن ئۆزىڭىز~ ( رېتسىپلار ) جەمگاھى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1582
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10837
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2207 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 01:29:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى جەۋھەرلىرى



دانخورەكنى داۋالاشنىڭ رىتسىپى

قارا ھېلىلە، سېرىق ھېلىلە، ئامىلە قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 21گرام، كاسىنە ئۇرۇقى، بەدىيان، ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن توققۇز گرام، تازىلانغان تۈربۈتتىن ئالتە گرام، بىنەپشە ۋە چۆبچىنلارنىڭ ھەربىرىدىن 15گرام، سانا، خىيار شەنبەر، تىرەنجىبىنلارنىڭ ھەربىرىدىن 10گرام تەييارلىنىدۇ ھەمدە ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇنۇ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بەدەن سىرتىدىن داۋالىنىشقا بولىدۇ:

1) قايناق سۇدا نەمدەلگەن پاكىز لۆڭگىنى يەرلىك ئورۇنغا تەككۈزۈپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.

2) يۇمغاقسۇتنىڭ ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ تاسقاپ، گۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىش لازىم.

3) كاۋاۋىچىننى سوقۇپ ئۇپا ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، يەرلىك ئورۇنغا بېسىش كېرەك.

4) مەرۋايىت ۋە قۇرۇتۇلغان تۇخۇم ئېقىنى ئايرىم- ئايرىم سوقۇپ ئۇپا ھالىتىگە كەلتۈرگەندىن كىيىن ئارىلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىش لازىم.

5) مۇۋاپىق مىقداردىكى شاھتەرررە ۋە چۈچۈكبۇيا يوپۇرمىقىنى سۇدا قاينىتىپ، سۇ ئىلمان ھالەتكە كەلگەندە ئۇنىڭدا يەرلىك ئورۇننى يۇيۇش كېرەك.


2.يۈزدىكى داغنى چۈشۈرۈشنىڭ ئۈچ رىتسپى  

1) ئۈچ سەر ئۆرۈك مېغىزى، يېرىم قوشۇق تۇز ئۇپا ھالىتىگە كەلگۈچە سوقۇلىدۇ، ئاندىن ئازراق قايناق سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرۈلىدۇ. تەييارلانغان بۇ دورا ھەپتىدە ئىككى قېتىمدىن ئۈچ قېتىمغىچە يۈزدىكى داغ ئۈستىگە سۈركىلىدۇ.

2) ئۈچ قوشۇق چىش پاستىسى، بىر قوشۇق جۇخارگۈلى پاراشۇكى ۋە يېرىم قوشۇق ئاچچىقسۇنى ئارىلاشتۇرۇپ، يۈزدىكى داغ ئورنىغا ھەرئىككى كۈندە بىر قېتىم سۈركەپ بەرگەندە، يۈزدىكى داغ يوقىلىدۇ.

3) چامغۇر ئۇرۇقى يۇمشاق سوقۇلۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، تۇخۇمنىڭ ئېقىغا ئارىلاشتۇرۇلۇپ مەلھەم قىلىپ تەييارلىنىدۇ. ئاخشىمى ياتار ۋاقىتتا يۈزنى سوپۇنلاپ يۇيۇپ قۇرۇتقاندىن كېيىن بۇ مەلھەم يۈزدىكى داغقا سۈركەپ بېرىلىدۇ.


3.سۆگەلنى داۋالاشنىڭ تۆت رىتسىپى  

1) سۆگەلگە چىڭگىلىك (ئۆسۈملۈك) سۈتىنى كۈنىگە 6-7قېتىم سۈركەشنى ئۇدا بىر ھەپتىگىچە داۋاملاشتۇرغاندا، سۆگەل ساقىيىپ كېتىدۇ ياكى كىچىكلەپ چۈشۈپ كېتىدۇ.

2) ئەنجۈر دەرىخىنىڭ سۈتى (ئەنجۈرنىڭ ساپىقىدىن چىقىدىغان سۈتى) چىڭگىلىك سۈتىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا ئوخشاش بىر ھەپتىگىچە سۆگەلگە سۈركەپ بېرىلسە بولىدۇ.

3) يەتتە دانە قاغا چۈلۈكى ئۇرۇقىنىڭ شاكىلى ئېلىۋىتىلىپ، مېغىزى سوقۇلۇپ ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرلۈپ، سۆگەلنىڭ ئۇچى پاكىز بېرتىۋىدا ئازراق كېسۋىلىتىلگەندىن كېيىن، بۇ دورا سۆگەلگە سۈركەلسە ھەمدە سۆگەل پېلاستېر بىلەن چاپلاپ قويۇلسا بولىدۇ.

4) سۆگەلگە قاتتىق سىركە كىسلاتاسىنىڭ بوتقىسى سۈركەلگەندىن كېيىن سۆگەل تېڭىپ قويۇلىدۇ. بۇ ئۇسۇل بىر قېتىم قوللىنىلغاندىن كېيىن تېڭىپ قويۇلىدۇ. بۇ ئۇسۇل بىر قېتىم قوللىنىلغاندا سۆگەل چۈشۈپ كەتمىسە، ئىككىنچى قىتىم قوللىنىسا بولىدۇ. بوتقا ياساش ئۇسۇلى: 99پىرسەنتلىك قاتتىق سىركە كىسلاتاسى بۇغداي ئۇنى بىلەن ئارىلاشتۇرۇلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا كانتا نول (smz) ۋە تېررامىتىس قوشۇلىدۇ.


4.چىش ئاغرىقىنى ئاددىي داۋالاشنىڭ تۆت رىتسپى  

1) بىر چىمدىم كۇچۇلا تالقىنى بىلەن بىر چىمدىم سامساق پوستىنى ئىزىپ تاماكىغا ئوخشاش يۆگەپ، ئۇنىڭغا ئوت يېقىپ، ئۇنىڭ تۈتۈنىنى شوراپ ئېغىز بوشلىقىدا ئايلاندۇرغاندا، چىش ئاغرىقى بىر سائەت ئىچىدە پەسىيدۇ ھەمدە ئاغرىش قايتا قوزغالمايدۇ. دىققەت: تۈتۈننى ئېغىز ئىچىدىلا ئايلاندۇرۇش، ئىچىگە تارتماسلىق لازىم.

2) بىر دانە توخۇ ئۆتى بىر ئاز ئاق ھاراق بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ، پەلكۈچ بىلەن ئاغرىغان چىشقا تەگكۈزۈلسە ئۈنۈم بېرىدۇ.

3) تېتىتقۇنى چوكىنىڭ ئۇچىغا يۇقتۇرۇپ، ئاغرىغان چىشقا تەگكۈزگەندە، چىش ئاغرىقى توختايدۇ.

4) قېرى قاپاق تېركنىڭ قوۋزىقىنى بىر سائەت قاينىتىپ، ئەلگەكتە سۈزىۋەتكەندىن كېيىن ئىلىمان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭدا ئېغىز چايقاپ بېرىلسە بولىدۇ. دىققەت يۇتۇشقا بولمايدۇ.


5. باشتىكى كىپەكنى يوقىتىشنىڭ ئىككى رىتسىپى

1) پىۋىنى بوتۇلكىسى بىلەن ئىلمان سۇغا سېلىپ ئىسسىتىپ، باشنى ئىسسىتىلغان بۇ پىۋا بىلەن يۇغاندىن كېيىن ئادەتتىكى چاچ سوپۇنىدا يۇيۇپ چايقىۋىتىش كېرەك. بۇ ئۇسۇل ھەركۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قانچە كۈنگىچە قوللىنىلسا، باشتىكى كېپەك يوقىلىدۇ، باش تېرىسى ياكى چاچقا ئەكس تەسىر بەرمەيدۇ.

2) ساپ ئاچچىقسۇدىن 3-5 قوشۇق تېمىتىلغان ئىلىمان سۇ بىلەن باشنى يۇيۇپ بېرىش لازىم.


6.جاھىل خاراكتىرلىك يۆتەلنى داۋالاشنىڭ بەش رىتسىپى

1) پوستى سويۇۋىتىلگەن بىر جىڭ سامساقنى ئېزىپ، سامساقنىڭ شىرنىسىنى چىقىرىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاق شىكەر بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ھەرقىتىمدا بىر قوشۇقتىن، كۈندە ئۈچ ۋاخ ئىچىپ بەرگەندە، بۇنىڭ ئۈنۈمى ئادەتتىكى يۆتەل توختىتىش دورىلىرىنىڭكىدىن يۇقۇرى بولىدۇ.

2) ئىلى سۆرۈنجان تالقىنىدىن 25گرام، ھەسەلدىن 500گرام، زەنجىۋىلدىن 150گرام تەييارلاپ، بۇ دورىلارنى كۇرۇشكىغا تۆكۈپ، كۇرۇشكىنى سۇ قۇيۇلغان قازانغا سېلىپ، قازاننى قازاندىكى سۇ ئاز قالغۇچە قاينىتىش كېرەك. بۇ دورا كۈنىگە 1-2 قېتىم، ھەرقىتىمدا بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بىرىلسە يۆتەل توختايدۇ.

3) توخۇنىڭ بىر دانە ئۆتى بىلەن بەش دانە چىلان سۇدا قاينىتىلىپ، كۆك يۆتەل بولۇپ قالغان بالىلارغا كۈنىگە بىر قىتىمدىن ئۇدا بەش كۈن ئىچۈرۈلسە بولىدۇ.

4) توخۇنىڭ بىر دانە ئۆتىنى مۇۋاپىق مىقداردا شىكەر بىلەن قوشۇپ، بالىغا بىر قانچە كۈنگە بۆلۈپ ئىچۈرگەندە، كۆك يۆتەل توختايدۇ.

5) ئىككى كىلوگرام قارا كۈنجۈتنى قورۇپ پىشۇرۇپ، 200گرام ئاق ھەسەل، 200گرام سوقۇلغان ناۋات بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن سۈيى بىلەن تىرىپى چىقىرۋىتىلگەن 200گرام ھۆل زەنجىۋىل قاينىتىلغان سۇغا قوشۇپ قوچۇش كېرەك. بۇ دورا ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بېرىلسە، ياشانغانلاردىكى يۆتەل توختايدۇ، دەم سىقىلىش ياخشىلىنىدۇ.


7.زۇكامنى داۋالاشنىڭ بەش رىتسىپى  

1) 250گرام تۇرۇپنى پاكىز يۇيۇپ نېپىز يالپاقلاپ توغراپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاچچىقسۇغا بىرنەچچە سائەت چىلاپ قويغاندىن كېىيىن بىر كۈندىلا تۇرۇپنى يەپ، ئاچچىقسۇنى ئىچىپ بولۇش كىرەك. بۇ دورا تارقىلىشچان زۇكامغا باب كېلىدۇ.

2) 15گرام سامساقنى ئادالاپ سوقۇپ ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، 15مىللىلىتىر ئاچچىقسۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، بىر چىنە ئۈگرىگە تېتىغۇدەك سېلىپ، ئۈگرىنى قىزىقىدا ئىچىپ، يېتىپ تەرلىنىش كېرەك. بۇ دورا ئادەتتىكى زۇكامغا باب كىلىدۇ.

3) توخۇ تۇخۇمىنى سۇغا سېلىپ، سۇنى قىزدۇرۇپ، سۇ قولنى كۆيدۈرگۈدەك بولغاندا تۇخۇمنى سۈزۈپ ئېلىپ كېسەلنىڭ قورساق، دۈمبە، پۇت- قوللىرى ئۈستىدە تېزلىك بىلەن ئون مىنۇت ئايلاندۇرۇش لازىم. بۇ ئۇسۇل ھەركۈنى بىر قېتىم ئىشلەنسە بولىدۇ.

4) 30گرام ئاق قىچا ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ، توخۇ تۇخۇمىنىڭ ئېقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئىككى پۇتنىڭ ئالقىنىغا چېپىپ بېرىش كېرەك.

5) 120گرام ئامۇت، 15گرام خام زەنجىۋىل، 15گرام سۇڭپىياز ئېقى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا سېلىپ قاينىتىلىدۇ. ئاندىن سۇغا ئىككى دانە توخۇ تۇخۇمى چېقىپ سېلىنىدۇ. بۇ دورىنى قىزىق پېتى ئىستېمال قىلىپ بولۇپ تەرلىنىش لازىم.


8.كۆيۈكنى داۋالاشنىڭ ئۈچ رىتسىپى  

1) ھەرخىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان كۆيۈكنى داۋالاش ئۈچۈن، ئوبدان پىشقان، پاكىز يۇيۇلۇپ ئۇرۇقى ئېلىۋىتىلگەن تاۋۇزنى شاپىقى بىلەن قوشۇپ توغراپ شېشىگە قاچىلاپ قويغاندا، بىر خىل پۇراقلىق سۇيۇقلۇق ھاسىل بولىدۇ. كۆيۈكنى پاكىز سۇدا تازىلاپ، پاكىز داكىنى بۇ سۇيۇقلۇققا چىلاپ، كۆيۈكنىڭ ئۈستىگە چاپلاپ قويۇش كېرەك.

2) رەۋەن تالقىنىنى كۈنجۈت مېيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، كۆيۈككە چاپلاش لازىم.

3) بىر سىقىم توشقان يۇڭىنى پاكىز قاچا ئىچىدە كۆيدۈرۈپ، چۈچۈتۈلگەن كۈنجۈت مېيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۆيۈككە سۈركەپ بېرىش كېرەك.


9.قاداقنى داۋالاشنىڭ ئۈچ رىتسپى  

1) ئىككى گرام زەمچە بىلەن ئۈچ گرام كۆكتاشنى ئارىلاشتۇرۇپ، كىچىك قازاندا ئاق مونەكچە بولغۇچە قورۇپ تالقان قىلىپ، پوستى ئېلىنغان بىر يېرىم گرام يادەنزىگە قوشۇپ ئېزىپ، ئاندىن ئازراق سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر ھالىتىگە كەلتۈرۈش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن دورا تەييار بولىدۇ. قاداقنىڭ ئوتتۇرىسىنى بېرتىۋىدا ئويۇپ، ئويۇلغان جايغا تەييارلانغان دورىنى سېلىپ تېڭىپ قويۇش لازىم. بۇ ئۇسۇلنى بىر قانچە كۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدۇ.

2) ئازراق ھەسەل ھەرىسى يېلىمى (ھەرە بېقىش ئورنىدا سېتىلىدۇ)نى قاداققا چاپلاپ پلاستېردا تېڭىپ قويغاندا، قاداق بىر ھەپتىدە چۈشۈپ كىتىدۇ.

3) ئادەتتىكىدىن ھوڭراق ئاياغ سېتىۋىلىپ، ئاياغقا 0.5-0.7سانتىمېتر قېلىنلىقتىكى پېتەكنى سېلىپ، پۇتتىكى قاداققا (پېتەككە ئىز چىقىرىش ئۈچۈن) يود سۈركەپ، ئاندىن ئاياغنى كىيىپ پېتەككە ئىز چىقىرىپ، پېتەكنىڭ ئىز چۈشكەن يېرىنى ئويۇپ ئېلىۋىتىپ، پېتەكنى ئاياغقا سېلىپ، ئاياغنى بىر مەزگىل كىيگەندىن كېيىن قاداق ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ.


10.سىيگەك بالىلارنى داۋالاشنىڭ بەش رىتسىپى

1) ياۋا توشقان بېشى بىلەن داۋالاش. ياۋا توشقان بىشىنى ئۈكلىگەندىن كېيىن 25گرام قارا ماش بىلەن قوشۇپ مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىش كېرەك، سۇغا سامساق، سۇڭپىياز، زەنجىۋىل ۋە تۇز سېلىنىدۇ. يېمەكلىك تەييارلانغاندىن كىيىن سىيگەك بالىغا توشقان بېشىنىڭ گۆشىنى يېگۈزۈش، مۇھىمى شورپىسىنى ئىسسىقىدا ئىچۈرۈش لازىم. بۇ ئۇسۇلنى ئۇدا بىر ئايغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

2) ياۋا توشقان كاۋىپى بىلەن داۋالاش. ياۋا توشقان گۆشىنى ئوتتا قاقلاپ كاۋاپ قىلىش، كاۋاپقا مۇۋاپىق مىقداردا قارىمۇچ، زىرە قاتارلىق دورىلارنى سېپىپ، كاۋاپى سىيگەك بالىلارغا مۇۋاپىق مىقداردا يېگۈزۈش لازىم. بۇ ئۇسۇلنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرغاندا، ئۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.

3) ياڭاق بىلەن داۋالاش. ياڭاقنى قوقاسقا كۆمۈپ 15مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن شاكىلىدىن ئايرىپ سىيگەك بالىلارغا يېگۈزۈش لازىم. بىر ياشقا توشىمىغان بالىلارغا بىر دانە، بىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارغا ئىككى دانە، ئۈچ ياشتىن ئاشقان بالىلارغا ئۈچ دانىدىن بەش دانىغىچە ياڭاقنى ھەركۈنى كەچتە يۇقىردىكى ئۇسۇلدا يېگۈزۈش كېرەك.

4) قۇرۇق ئۈزۈم بىلەن داۋالاش. قۇرۇق قىزىل ئۈزۈمنىڭ ئۇرۇقىنى ئېلىۋىتىپ، بىر دانە قۇرۇق قىزىل ئۈزۈمگە بىر دانىدىن قارىمۇچ قوشۇپ، ئاندىن ئۇنى مۇۋاپىق مىقداردىكى ياڭاق مېغىزى بىلەن يۇمشاق سوقۇپ، سىيگەك بالىلارغا ئۇدا بىر قانچە ئايغىچە يېگۈزۈش كېرەك، ھەركۈنى كەچكە يېقىن يېگۈزۈش مۇۋاپىق.

5) 15گرام قانىسە (توخۇ تاشلىقىنىڭ ئىچكى سېرىق پەردىسى)نى قورۇپ ئۇندەك سوقۇپ، 15گرام ئاپېلسىن پوستى قاينىتىلغان سۇ بىلەن قوشۇپ سىيگەك بالىلارغا كۈندە بىر گرامدىن، ھەركۈنى 2-3ۋاخ ئىچۈرۈپ بەرگەندە ئۇ ئاجايىپ ئۈنۈم بېرىدۇ.


11.سۈيدۈك يولىدىكى تاشنى چۈشۈرۈشنىڭ رىتسىپى  

ياڭاق مېغىزى، ناۋات(ئاق شىكەر)، كۈنجۈت يېغىنىڭ ھەرقايسسىدىن تۆت سەر تەييارلاپ، ياڭاق مېغىزىنى كۈنجۈت يېغى بىلەن قورۇپ، سوقۇپ تالقان قىلىپ، ئاندىن ناۋات (شىكەر) بىلەن قوشۇپ بوتقا ھالەتكە كەلتۈرۈپ، بۇ دورىنى ھەرتۆت سائەتتە بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بەرگەندە، سۈيدۈك يولىدىكى تاش چۈشۈپ كېتىدۇ.


12.سۈت قايتۇرۇشنىڭ رىتسىپى

ئىككى مىسقال كاۋاۋىچىننى 500مىللىلىتر سۇدا قاينىتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى سەر شىكەرنى تۆكۈپ ئارىلاشتۇرۇپ، بۇ دورىنى ئۈچكە بۆلۈپ، ئۈچ كۈنگىچە ئىچكەندە، سۈت ئاستا- ئاستا تارقىلىپ كېتىدۇ.


13.ھەيز كۆپ كىلىشنى داۋالاشنىڭ رىتسىپى

بەزى ئاياللاردىن ھەيز كۆپ كېلىپ ئۇزاققىچە توختىمايدۇ، بۇنداق چاغدا شاڭشەن پەللىسىنى ئەمەن پېلىكى بىلەن 30-40مىنۇت داغلىغاندا ۋە پەللىنى يېنىك ماسساژ قىلىپ بەرگەندە، ھەيزنىڭ كۆپ كېلىشى توختايدۇ.

ئاياللار ھەيز كېلىشى باشلىغان كۈندىن تارتىپ چىڭسەينى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە ھەيز ۋاقتىدا توختاپ، ئەگەشمە كېسەللىكلەر بولمايدۇ. ھەيز ئۇزاققىچە توختىمىسا، يېرىم جىڭ دۇفۇنى تۆت سەر ئاچچىقسۇدا قاينىتىپ، تاماقتىن ئىلگىرى يەپ بەرگەندە ھەير توختايدۇ.


14.بۆرەك ۋە جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالاشنىڭ 8رىتسپى  

1) 40گرام سۆلەپ مىسرى سوقۇلۇپ، 100گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ مەلھەم قىلىنىپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا ئون گرامدىن ئىستىمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ، بەدەننى سەمرىتىدۇ.

2) 40گرام كۈدۈر، 20گرام زەنجىۋىل ئايرىم- ئايرىم سوقۇلۇپ، 200گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ مەلھەم قىلىنىپ، كۈنىگە بىر- ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئون گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق، جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ، ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىنى ئاشۇرىدۇ.

3) 100گرام تەرەنجىۋىل (يانتاق شېكىرى) مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىسسىق سۇدا ئېرىتىلگەندىن كېيىن، بۇ ئېرىتمە سۈزۈۋېتىلىپ 300گرام يېڭى كالا سۈتىگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، سۇس ئوتتا قويۇلغۇچە قاينىتىلىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 20گرامدىن ئىچىلىدۇ. بۇ دورا بۆرەك ئاجىزلىق بىلەن جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، ئۇيقۇسىزلىق، تولا چۈش كۆرۈش، ئورۇقلۇق ۋە ئومومىي بەدەن ئاجىزلىق قاتارلىقلاردىن قۇتۇلۇشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.

4) 20گرام نوقۇت، 20گرام سۆلەپ مىسرى يۇمشاق سوقۇلۇپ، 100گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا ئون گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، مەنى تۇتالماسلىققىمۇ شىپا بولىدۇ.

5) 20گرام شاقاقۇل، ئون گرام كاۋاۋىچىن، ئون گرام سەۋزە ئۇرۇقى سوقۇلۇپ، 100گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 15گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق، جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، ئەر- ئاياللاردىكى سىزلام (سۆزنەك) كېسىلىگىمۇ شىپا بولىدۇ.

6) ئالدى بىلەن 50گرام بادام مېغىزى، 50گرام پىستە مېغىزى، 30گرام پىياز ئۇرۇقى، 20گرام ئۇسۇڭ ئۇرۇقى تەييارلىنىدۇ، ئاندىن بادام مېغىزى بىلەن پىستە مېغىزى ئايرىم، قالغانلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ سوقۇلۇپ، 300گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قىتىم، ھەر قېتىمدا 15گرامدىن ئىستىمال قىلىنسا، بۆرەك ئاجىزلىق بىلەن جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، سەۋدادىن بولغان ئۇيقۇسىزلىققا شىپا بولىدۇ، ئادەمنىڭ زېھنىنى ئاچىدۇ.

7) 50گرام ياڭاق مېغىزى، 50گرام ئاقلانغان كۈنجۈت، 20گرام چامغۇر ئۇرۇقى، 20گرام زەنجىۋىل، 20گرام بىدە ئۇرۇقى تەييارلىنىدۇ. ياڭاق مېغىزى بىلەن كۈنجۈت ئايرىم، قالغانلىرى بىرلەشتۈرۈپ سوقۇلۇپ، 400گرام ھەسەلگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15گرامدىن ئېستىمال قىلىنسا، بۆرەك ئاجىزلىقى بىلەن جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ.

8) 30گرام ھۆل زەنجىۋىلنى پاكىز يۇيۇپ پوستىدىن ئاجرىتىپ، 90مىللىلىتىر سۇ بىلەن پىشۇرغاندىن كېيىن سۈزۈۋىلىنىپ، ئۇنىڭ سۈيىنى 90گرام ھەسەل بىلەن قاينىتىپ، قىيامى تەڭشەلگەندە سۈزۈۋىلىنغان زەنجىۋىلنى قىيامغا سېلىپ مۇراببا تەييارلاپ، مۇراببا كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا تاماقتىن كېيىن ئون گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئەگەر ھۆل زەنجۋىل تېپىلمىسا، نەمخۇش يەرگە ئورەك كولاپ، قۇرۇق زەنجىۋىلنى ئورەككە سېلىپ، ئورەكنىڭ ئۈستىگە ھۆل قۇم تۆكۈپ، زەنجىۋىل 20كۈنگىچە كۈندە بىر قېتىم ئارىلاشتۇرۇپ بېرىلسە، ھۆل ھالەتكە كېلىدۇ. بۇ دورا بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، ئاشقازان ئاجىزلىق، نېرۋا ئاجىزلىق، دوۋساقنى سوغۇق ئېلىپ كېتىش، قېرىلاردىكى سۈيدۈك تۇتۇلۇش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ.

يۇقۇرقى رېتسىپلارنى ئەرلەرلا ئىشلىتىپ قالماستىن، ئاياللار ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، قايسى ئۇسۇلنى قوللىنىشتىن قەتئىينەزەر، دورا ئىستېمال قىلغۇچى دورىنى ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى، ياش قۇرامى، بەدەن قۇۋۋىتىگە قاراپ بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە كۆرسىتىلگەن ئۆلچەم بويىچە ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلىتىشى لازىم.

دورىلارنى ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن ھەسەلنى قاچىغا ئېلىپ، قاچىنى قايناۋاتقان سۇغا چىلاپ ھەسەلنى ئېرىتىپ، ھەسەلنىڭى كۆپۈكىنى ئېلىۋىتىپ ھەسەل قولنى كۆيدۈرمىگىدەك دەرىجىدە سوۋۇغاندىن كېيىن، ھەسەلنىڭ ئۈستىگە دورىلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىش، مەلھەم پۈتۈنلەي سوۋۇپ بولغىچە قاچىنىڭ ئاغزىنى ياپماسلىق كېرەك.

بۇ دورىلارنى ئىستېمال قىلىۋاتقاندا سوغۇق سۇ، سوغۇق ئىچىملىك ۋە ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش، مۇۋاپىق تۈردە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.!!!!!!!


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

دىلنىڭ سىر دىشى -

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 183
يازما سانى: 3084
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13078
تۆھپە نۇمۇرى: 403
توردا: 1073 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 01:49:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋالدىم ھە .

1›مەن يىقلىپ كەتتىم ،بۇرنۇمدىن قان ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىۋاتىدۇ ،لىكىن ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم ،قان توختايدىغاندەك ئەمەس ،مەن يەنىلا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۋاتىمەن .
2›ئەمدى تىرىشمىسام نەپىرەتتىن ئۆلۈپ كىتىشىم مۇمكىن.

ياردەم مەزمۇنى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 622
يازما سانى: 3152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18450
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 10677 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 01:57:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساغلام تەندە  ساپ ئەقىل  رەخمەت  سىزگە  بىلىۋالدىم  [s:2]

ھاياتتا ئىككى يول بار: بىرى، تەن ئۈچۈن ياشاش؛ يەنە بىرى، روھ ئۈچۈن ياشاش. ئەگەر، تەن ئۈچۈن ياشىسا، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تەن شادلىقى تولىمۇ ئاجىز-زەئىپ كېلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ ئاجىزلاپ بارىدۇ، ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەكسىچە، مۇبادا، روھ-م

شۇكرى ئاللا،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10072
تۆھپە نۇمۇرى: 397
توردا: 2774 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2013-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 02:39:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت ،بىۋالدىم. [s:6]

سەن مىېنىڭ ھەققىمدە نىمە ئويلىساڭ ،ئۇلۇغ ئاللا ساڭا ئۇنىڭ ئىككى ھەسسىسىنى بەرسۇن!
سەھرا ئو بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 02:41:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 393
يازما سانى: 2617
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97711
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 2059 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 03:04:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلىنىش قىممىتى بار تېمىكەن```
ساقلىۋالدىم```
داۋاملىق يوللاپ تۇراسىز``

بىزگە نىسپەتەن ھازىر ئەڭ مۇھىمى <<نىمە قىلىش كىرەك >> دىگەن سوئال بولماستىن بەلكى <<مەن نىمە قىلالايمەن >> دىگەن سوئالدۇر

oy gan  oygo rom  ham  o

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1194
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8837
تۆھپە نۇمۇرى: 294
توردا: 179 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2011-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 03:20:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سىزگە!!!!!!!!!!!\\
  مەن تېما يۇللاي دىگەن لىېكىن ماۋزۇسى ياخشى يېزىلدى،مەزمۇنغا كەلگەندە خەتلەر ئاجىرىپ يىزىلۋادى؟ ياردەم بەرسەڭلەر؟؟؟؟؟؟؟؟؟

لا اله الا الله محمد رسول ال

گۈل جەننەت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 682
يازما سانى: 1805
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12230
تۆھپە نۇمۇرى: 435
توردا: 3977 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-27 11:56:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز بەك ياخشى تېمىكەن ، ھەممىنى بىلىۋالدىم . رەخمەت!

بۇ دۇنيادا ئەزەلدىن يول يوق ئىدى ،ئۇپەقەت كىشىلەرنىڭ مېڭىشى بىلەن پەيدا بولغان.   ئاق لالە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1713
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8959
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 352 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 11:35:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ئەھمىيەتلىك تىمىكىنا

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش