مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 15900|ئىنكاس: 188

يەكەننى بىلىڭ،يەكەننى چۈشىنىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2209
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12786
تۆھپە نۇمۇرى: 512
توردا: 2138 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-21 01:29:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

غەربىي-جەنۇپتىكى نۇرلۇق مەرۋايىت ---يەكەن

2007-يىلدىكى   يىڭى شەھەر


                            ئۈچ ئۆلچەملىك لاھىيە رەسىمى

گۈزەل يەكەن دەرياسى ۋادىسى كەچلىك مەنزىرىسى


يەكەن دەريا سىنىڭ قاش قارايغان ۋاقىتتىكى مەنزىرىسى

   
قايناق مۇقام مەدەنىيەت ئارامگاھى    

  

  
        جوڭگۇ خەرتسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا قارايدىغان بولساق،جەنوپتىن شىمالغا قاراپ
يىلان باغرى سوزۇلغان،زىمىنى  ،ئىككى دەريا ھاۋزىسغا يىيلغان بىرپارچە بوستانلىق كۆزىمىزگە چېلىقدۇ،مانا
بۇ بىرملىيۇن220مىڭ نوپۇس، 33مىڭ كىۋادرات كېلومتىردىن ئاتۇق زىمننى ئۆزئىچىگە ئالغان،

ئاپتۇنۇم رايۇنمىزدىكى ئەڭ چوڭ بوستانلىق، ۋە تاۋار ئاشلىق تېرقچىلىق رايۇنى--- يەكەن بوستانلقىدۇر،بۇ بوستانلىق يېقىن ئەتراپتىكى جايلاردىن -يەكەن پوسكام قاغىلىق،مەكىت قاتارلىق جايلارنى  ئۆزئىچىگە

 ئالىدۇ، بۇ تېمىدا مەزكۇر بوستانلقىنىڭ مەكىزى،ئاپتۇنۇم رايۇنمىزدىكى ئەڭ چوڭ ناھىيە
،قەدىمىكى ئاستانە،تارىخي مەشھور ساياھەت شەھىرى،جوڭگۇ مۇنەۋۋەر پاختا بازىسى ، بادام يۇرتى-----يەكەن ناھيىسىنى تونۇشتۇرماقچىمەن

پىيادىلەر بىرنجى سودا كوچىسى



-ئالاھىدە جۇغراپيىلىك ئورنى،ۋە نوپۇس ئەھۋالى:
       يەكەن ناھىيىسى قارا قۇرۇم تېغىنىڭ شى؛مالىي ئېتىكىگە، پامىر ئېگىزلىكى باغرىغا،
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى مەكىت ناھىيىسى بىلەن، شەرقىي جەنۇب
تەرىپى پوسكام ناھىيىسى، قاغىلىق ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى يېڭىسار ناھىيىسى، ئاقتۇ ناھىيىسى بىلەن،
غەربىي جەنۇب تەرىپى تاشقۇرغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالى تەرىپى يوپۇرغا،
مارالبېشى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 190 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان
كەڭلىكى 56 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 8195.69 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا 8مەيدان، 7 بازار،
22 يېزا، 15-ئىجتىمائى رايون، 493كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. تەۋەسىدە ئاپتون رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش
ئىدارىسىنىڭ پەيلۇ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش دېھقانچىلىق مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى
بىلەن بولغان ئارىلىقى 1449 كىلومېتىر. 2008-يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى758مىڭ 178 بولۇپ،
ئۇيغۇرلار 95.02% نى، خەنزۇلار 4.10% نى، باشقا مىللەتلەر 0.88% نى، تەشكىل قىلىدۇ 
  
.-
مۇقام ئارامگاھ مەيدانى

ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخى ئەھۋالى:

 

        ئالتۇن مازار

يەكەن دىيارى ئۆزنىڭ قەدىمى، مىللىي پۇرىقىنىڭ كۈچلۇكىلىكى، يات مەدەنيەت
تەسىرىدە بۇلغانمىغانلىقى،مۇھىمى تارىختىا بىر قانچە قېىمى ئاستانە بولغانقىدەك تارىخى رىياللىقى بىلەن
باشقا ئۇيغۇر يۇرىتلىرىدىن پەرقىنىلىنىپ تۇرىدۇ، ئەزىم دەريا- يەكەن دەياسى بۇ مۇنبەت بوستانلىقنى
سۇغىرىش ۋەزىپىسىنىى ئۈسىتگە ئالغان .
2005.يىلى مۇقام خەلقئارا مەدنىيەت مىراسى تىزىىملىكگە كىرگۇزۇلدى ، مۇقامنىڭ ئەسلى يۇرتى بولغان
يەكەن تۇنجى قىتىمىلىق مۇقام بايرىمىدا مۇتەخىەسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئاماننىساخاننىڭ يەكەن قارا
سۇدىكى تۇرالغىسىنى قايتىدىن بەرپا قىلدى، ھەم پاكىتلارغا ئاساسەن ئاماننىساخاننىڭ يەركەن قارسۇ
يىزا شاپتۇل كەنىتىدە تۇغۇلغانلىقى جاركارلانىدى،
1500-يىللاردايەكەننىڭ تارىختىكى«ساكرائول» دېگەن نامى «ياركەنىت»(دەيا بويىدىكى شەھەر
دېگەن مەنىدە) دەپ ئۆزگەرتىلگەن، بۇندىن 2000يىل بۇرۇن يەركەن بىر شەھەر دۆلىتى-ساكرائولنىڭ
پايتەختى ئىدى، بۇ ۋاقىتتا يەركەن ئەتراپىدا تېخى باشقا يۇرىتلار شەكىللەنمىگنلىكى تارىخى تەزكىرلەردە
يىزىلغان،

ئاماننىساخان قەبرىگاھى



   يەكەن كوناشەھەر ئالتۇنلۇق تارىخى مەدەنىيەت مەيدانى


يەكەن غەربىي يۇرتتىكى قەدىمىي دۆلەت. شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ جەنۋۇ 5 - يىلى (29 - يىلى) خېشى
بۈيۈك سانغۇنى دۇروڭ يەكەن خانلىقىنىڭ تەيىنلىنىپ خىزمەت كۆرسەتكەن، پەزىلەتلىك خان بولغان. تاڭ
سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قارىخانىيلار خاندانلىقىغا
قارىغان. كېيىن غەربىي لياۋ سۇلالىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە چاغاتاي خانلىقىغا
قارىغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇدۇن دۆلىتىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 9 - يىلى ( 1883
- يىلى) يەكەن بىۋاستىە قاراشلىق ئايمىقى تەسىس قىلىنغان. گۇاڭشۈ 28 - يىلى (1902 - يىلى) دەرىجىسىنى
كۆتۈرۈپ يەكەن مەھكىمىسى قىلىنىپ، سارىقول، مارالبېشى ئايمىقى ۋە قاغىلىق، گۇما ناھىيىلىرىنى باشقۇرغان.
مىنگو 2 - يىلى ( 1913 - يىلى) يەكەن ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. مىنگو 18 - يىلى (1929 - يىلى)
يەكەن، زەرەپشان دەپ ئىككى ناھىيىگە ئايرىلغان. مىنگو 32 - يىلى (1943 - يىلى) يەنە قوشۇۋېلىپ،
بىر ناھىيە قىلىنغان. يەكەندە 10 - مەمۇرىي رايون تەسىس قىلىنىپ، يەكەن، قاغىلىق، پوسكام، مەكىت 4
ناھىيىنى باشقۇرغان. 1949 - يىلىدىن 1956 - يىلىغىچە يەكەن ۋالىي مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي بولغان.
1956 - يىلى يەكەن ۋالىي مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندى كېيىن، يەكەن ناھىيىسى تا ھازىرغىچە
قەشقەر ۋىلايىتىگە قارىغان

- دەۋرىيلىك تارىخى، ئۇزۇنغا سوزۇلغان-ھاكمىيەت ئۆزگىرىشى:
يەكەن ئامباللىرىنىڭ يىلنامىسى
يەكەندە 1910 - يىلدىن 1949 - يىلغاچە جەمئى 21 نەپەر ئامبال ئۆتكەن . ئۇلارنىڭ يىلنامىسى
تۆۋەندىكىچە
:
ئامبال بولغان ۋاختى
1. ليۇ رىنشەن 1910 --------------- 1915 خەنزۇ مىللىتىدىن
2. لۇ چىچاڭ 1915 ------------- 1924 خەنزۇ مىللىتىدىن
3 . لى ...... 1924 ------------- 1926 خەنزۇ مىللىتىدىن
4 . دۈەن ..... 1926 ------------ 1927 خەنزۇ مىللىتىدىن
5 . چىڭ چىرىن 1927------------- 1929 خەنزۇ مىللىتىدىن
6. ليۇ شىڭۋۇ 1929--------------1931 خەنزۇ مىللىتىدىن
7.ياڭ ....... 1931--------------1933 خەنزۇ مىللىتىدىن
8.ئەلەم ئاخۇن 1933------------- 3 ئاي يەكەندىن، ئۇيغۇر
9.باي ئاخۇن ئېزىز 1933 ----------- 1934 كۇچادىن، ئۇيغۇر
10.ئابدۇكىرىمخان 1934 ------------4 ئاي قەشقەردىن، ئۇيغۇر
11.ئەھمەت رىھىم 1934 -----------1937 يېڭىساردىن،ئۇيغۇر
12.ئىمىن بەگھاجى 1937 -------- 1 ئاي يەكەندىن، ئۇيغۇر
13. سالىھ ئەلەم 1937 ----------- 4 ئاي يەكەندىن،ئۇيغۇر
14. ئىبراھىم 1937 --------- 1938 تۇرپاندىن، ئۇيغۇر
15.باقىرجان 1938 --------1940 قەشقەردىن،ئۆزبەك
16.ۋېن جىن 1940 ---------1942 شىبە مىللىتىدىن
17. چى ...... 1942-------- 1943 خەنزۇ مىللىتىدىن
18.دەي چىچىڭ 1943---------- 1947 خەنزۇ مىللىتىدىن
19. ئابلاجان 1947 ---------- 1ئاي يەكەندىن، ئۇيغۇر
20. ئابدۇرېشىت يۇسۇپ 1948 --------1949 يەكەندىن ،ئۇيغۇر
21. مۇھەممەت ھەسەن 1949 ----------1950 يەكەندىن، ئۇيغۇر
...........................................
(پايدىلانما : شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرى،39-قىسم)


مەشھۇرئاستانىدىن، ئادەتتىكى ناھىيە دەرىجىسىگىچە

تەقىلدى ئوردا قوۋۋۇقى


مىلادىي1514 - يىلى تۇغلۇق تۆمۇرنىڭ 8- ئەۋلاد نەۋرىسى سەئىدخان دوغلاد قەبىلىسىنىڭ
6- ئەۋلاد باشلىقى ئابابەكرى دوغلادنىڭ ھۆكۇمرانلىق ئورنىنى ئىگىلىدى ۋە 1514-يىلى 9-
ئاينىڭ 3-كۈنى قاش قارايغان ۋاقىتتا خاندانلىق قۇرۇلغانلقىنى جاكارلىدى، ھەمدە ئۆزىنى
موغۇلىستاننىڭ «چوڭ خانى» دەپ ئېلان قىلدى؛ پايتەختى يەكەن بولدى،تارىختا«
ياركەنىد سەئىدىيەخانلىقى» دەپ ئاتالدى. سەئىدخان تۇغلۇق تۆمۇرخاننىڭ 8 - ئەۋلادى
بولۇپ تامامەن ئۇيغۇرلىشىپ، ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسىگە تەئەللۇق بولۇپ كەتكەن ۋە ئىسلام
ئېتىقادچىسىغا ئايلانغان ئادەم ئىدى .VIV ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىغا كەلگەندە، چاغاتاي
دۆلىتىنىڭ غەربىي تەرىپىدە - ماۋرا ئۇننەھرى قىسمىدا تۇركى ئەمىرلەرنىڭ يەنى مۇسۇلمانلار
گوروھىنىڭ تۇلۇق غەلبىگە ئېرىشكەنلىكى دۆلەتنىڭ شەرقي تەرىپىدە - شىنجاڭ قىسمىدا موڭغۇل
ئەمىرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ خانلىرىنى تەخىتكە چىقىرىش ئارزۇسىنى قوزغىدى، بۇ فېئودال
پادىشاھلىق ئەنئەنىسى ئۆز رولىنى يوقاتمىغان دەۋرنىڭ تەلىپى ئىدى . ئىستىبداتلىق ۋە
تاكتىكىلىق خارەكتېرگە ئىگە بولغان بۇ دەۋر تەلىپىنى ئالدى بىلەن تارىختا 306 يىل ھۆكۇمران
ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن «ماڭلاي سۈيە» <ئەڭ ئالدىنقى ۋىلايەت> ؛ ،دوغلاد <مۇڭغۇلچە
«ئاقساق» دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ> ۋە تارىختا داڭلىق بولغان ئۇيغۇر ئەۋلادى بايدار
خاننىڭ ئوغلى پولاتچى بەگ قاتارلىقلار سىزىپ، ھەممىدىن بۇرۇن شىنجاڭدا تەڭرى تېغىنىڭ
جەنۇبىدا، يەتتەسۇ، ئېلى ۋادىلىرىدا ۋە ئىسسىق كۆلنىڭ جەنۇبىدا ئەمەلگە ئاشۇردى .پولاتچى
بەگ بەگلەرنىڭ بېگى دېگەن مەنىدە بۇلۇپ شۇچاغدا شىنجاڭدىكى ئەڭ كۇچلۇك بەگ ئىدى
. شەرقتە تېزلىكتە بىرلىككە كەلگەن بىر ھاكىمىيەت تىكلەنسە، غەرىپتىكى مۇسۇلمان خانلىرى
بۇ ئەھۋالدىن پايدىلىنىپ كىتىشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا ئۇ چاغاتاي خانلىرىدىن بىرى بولغان
تۇۋاخاننىڭ ئوغلى ئىمىل خوجىنى<شەرقي مۇسۇلمان تارىخچىلىرى ئىمام خوجا دەپ ئاتىشىدۇ>
بۇخارادىن ئېلىپ كىلىپ، چاغاتاي خانلىقى ۋە دوغلاد خانلىقىغا تەۋە چوڭ ئەمەلدار، ئاقسا
قاللارنى «ئالمالىق» قا يىغىپ، تۇركىي خەلقلەر ئەنئەنىسى بويىچە ئىمىل خوجىنى ئاق كىگىزدە
ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭغا «بەيئەت» قىلدى . نەتىجىدە ئۇ شىنجاڭ تارىخىدا ئۆتكەن ئىسەن بۇقاخان
ئىككىنچى دىگەن ئۇنۋان بىلەن مەشھۇر بولغان ھۆكۇمرانغا ئايلاندى، ئەپسۇسكى ئۇ 1340 -
يىلى دۇنيادىن ئۆتتى، شۇنىڭدىن كىيىن شىنجاڭدا خانلىق تالىشىش كۆرىشى سەككىز يىل داۋام
قىلدى .بۇنىڭغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن يەنى بولاچى بەگ 1348 - يىلى ئىمىل خوجىنىڭ ئوغلى
تۇغلۇق تۆمۇرنى مۇزداۋان ئارقىلىق مۇڭغۇليىدىن ئاقسۇغا ئېلىپ كېلىپ، دادىسىنىڭ ئورنىغا خان
قىلىپ تىكلىدى، تۇغلۇق تۆمۇر بۇچاغدا 18 ياشتا ئىدى. تۇغلۇق تۆمۇر ھاكىمىيىتىنىڭ تۆتىنچى يىلى
مەۋلانە ئەرشىدىن ئاتلىق ئىسلام ئالىملىرىنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان
بولدى يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقى مۇنقەرىز بولغاندىن كىيىنكى ئۇزاق بىر مەزگىللىك مالىمان
چىلىقتىن كىيىن ،يەكەنمۇ پۇتۇن شىنجاڭدىكى باشقا شەھەرلەرگە ئوخشاش ئاخىرى چىڭ سۇلالىسى
نىڭ ئىلكىدە بولدى.




سۇلتان سەئىدخان مەقبەرىسى
چىڭ سۇلالسىدىن بۈگۈنگىچە:
چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۇي (1880- يىللار ) يىللىرىدىن باشلاپ ئەڭ بۇرۇن يەكەننى بىيجىڭغا
(مەركەزگە ) بىۋاستە قارايدىغان ئۆلكە قىلىپ تەسىس قىلدى. 1911 - يىلى ئاخىرقى پادىشاھ
پۇيى تەرىپىدىن پەرمان چۇشۇرىلىپ شىنجاڭ ئۆلكىسى قارىمىغىدىكى ۋىلايەتكە ئۆزگەرتىلدى ( چۇشۇرۇلدى ) .يەكەندە مەمۇرى مەھكىمە قۇرۇلۇپ ، يەكەن مەمۇرى مەھكىمە پوسكام ، قاغىلىق ،

 گۇما ، يەكەن ناھىيىلىرىنىباشقۇردىغان بولدى .بۇ خىل مەمۇرى تۇزۇلۇش مىنگو دەۋرىدىمۇ داۋاملىشىپ

 1918- يىلى ھۆكۇمەت دائىرلىرى ئاخىرى قاغىلىق بىلەن گۇمىنى خوتەن تەۋەسىگە ئايرىۋىتىپ ، يەكەننى
ئۆلكىگە بىۋاستە قارايدىغان مەملىكەت بويىچە 1 - دەرىجىلىك ناھىيە قىلىپ ئۆزگەرتتى ،
پۇتۇن ناھىيە 18 بەگلىككە ئايرىلىپ ،ھەر بىر بەگلەكلەرگە بەگلەر تەيىنلەندى ، بۇ بەگ
لىكلەر ئۆز بەگلىكىنى يۈز بىشى ، ئونبېشى تەيىنلەپ باشقۇردىغان بولدى . 40 يىلغا بارمىغان
ۋاقىت ئىچىدە يەكەن ئۆلكە دەرىجىسىدىن ناھىيە دەرىجىسىگە چۇشۇرۇلدى ، شۇ ئارقىلىق بۇ قە
دىمىي ئاستانىنىڭ شانۇ - شاۋكىتى مەقسەتلىك يەرگە ئۇرۇلدى .لىكىن يەكەننىڭ زىمىنى كەڭ ،
بۇرۇن دۆلەت قۇرۇلغان ئاستانە شەھەر بولغاچقا ئىجتىمائى مەسىللىرى كۆپ بولۇپ ،ئۇنى بىر
ناھىيە سۇپىتىدە باشقۇرۇش قىيىن بولغاچقا ، 1927-يىلى يەكەننىڭ ئامبىلى لى ۋۇجۇ نىڭ
ئىلتىماسى قىلىشى، ئۆلكە باشلىقى ياڭ زېڭشىننىڭ تەستىقلىشى بىلەن يەكەن< يىڭىشەھەر
ناھىيىسى > ۋە < كوناشەھەر ناھىيىسى> دەپ ئىككى ناھىيىگە ئايرىلدى . يىڭىشەھەر ناھىيىسى
1- دەرىجىلىك ناھىيە ، كوناشەھەر ناھىيىسى 2- دەرىجىلىك ناھىيە قىلىپ بىكىتىلدى ، 18 بەگ
لىكنىڭ 9 ئى يىڭىشەھەر ناھىيىسىگە ، 9ئى كوناشەھەر ناھىيىسىگە ئايرىپ بېرىلدى ؛ شۇندىن
باشلاپ ھۆكۇمەت مەمۇرى ئاتالمىسىدا يىڭىشەھەر <ساچى>ۋە كوناشەھەر <يىئىرچاڭ> دېگەن
ناھىيە ئاتالغۇلىرى پەيدا بولدى ،بۇ ئىككى سۆزنىڭ خەنزۇچىسىنىڭ ھەر ئىككىسى يەرلىكچە
سۆز بولۇپ يەكەننىڭ قەدىمقى نامى ساكائۇل بىلەن يەكەن - دېگەننىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسىدۇر .
بۇ ئىككى ناھىيە تۇزۇمى 16 يىل داۋام قىلىپ   .ي19458-يىلىغا كەلگەندە ، يەكەن يىڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى يۈ يۇەنچىڭنىڭ ئىلتىماس قىلىشى، ئۆلكە باشلىقى شېڭ شېسەينىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئىككى ناھىيە بىرلىشتۇرلۇپيەنە بىر ناھىيە قىلىنغان ؛ يىڭىشەھەر پوسكام بىلەن قوشۇلۇپ بىر بەگلىك ھېساپلىنىپ يەكەنگە
تەۋە بولۇپ پۇتۇن ناھىيە 19 بەگلىك قىلىپ تۇزۇلگەن . 1943 - يىلى شىڭ شېسەي ھاكىمىيىتى
ئاغدۇرلۇپ گومىنداڭ شىنجاڭدا ھۆقوق تۇتقاندىن كىيىن يەكەن ناھىيىسى يەنە قايتىدىن ۋىلايەتكە ئۆزگەرتىلدى ؛ يەكەندە يەكەن، قاغىلىق، پوسكام ، مەكىت قاتارلىق تۆت ناھىيىنى باشقۇردىغان ۋالىي مەھكىمىسى قۇرۇلۇپ پۇتۇن ۋىلايەت بويىچە گومىنداڭنىڭ < باۋ - جىيا > مەمۇرى تۇزۇمى يولغا قۇيۇلدى.بۇ خىل تۇزۇم 1949-يىلغىچە داۋام قىلدى ، لىكىن يەكەننىڭ مەمۇرى دەرىجىسى ساقلاپ قىلىنىپ ، 1956 - يىلىغا كىلگەندە يەكەن ۋىلايىتى ئۇنىڭغاقاراشلىق ناھىيىلەر بىلەن بىرگە قەشقەر ۋىلايىتىگە قوشۇۋىتىلدى ، مەمۇرى دەرىجىسىمۇ ناھىيىگە چۇشۇرۇلدى ، بۇ خىل مەمۇرى دەرىجە ھازىرغىچە داۋام قىلماقتا .

ئۆزگىچەيەر تۈزۈلۈشى:  

يەكەن زىمنى غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا پەسىيىپ بارىدىغان
يەلپۈگۈچسىمان تىنما بولۇپ، تاغلىق يە
ر 39.6% نى، تۈزلەڭلىك 60.4% نى ئىگىلەيدۇ.
تەۋەسىدە يەكەن (زەرەپشان) دەرياسى، خالاستان دەرياسى،تىزناپ، دەرياسى

قاتارلىق دەريالار بار. يىللىق ئېقىن مىقدارى 7 مىليارد 226 مىليون كۇب مېتىر

(ئەمەلىيەتتە پايدىلىنلىۋاتقىنى 1 مىليارد 880 مىليون كۇب مېتىر). تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ

يەر ئاستى سۇ زاپىسى 1 مىليارد 400 مىليون كۇب مېتىر؛ 21 سۇ ئامبىرى بولۇپ، يىللىق سۇ ساقلاش مىقدارى

 175 مىليون كۇبمېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ساي تۈلكىسى، ياۋا توڭگۇز قاتارلىقلار بار.

 ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، سوغىگۈل، قانتېپەر، يۇلغۇن، يانتاق قاتارلىقلار بار. بايقالغان
قېزىلما بايلىقدىن مىس، تۆمۈر، قوغۇشۇن، سىنك، فوسفور، گۈڭگۈرت، گەژ، تاش پاختا، كۋارتس
، قاش تېشى، چىرىمتال، كۆمۈر قاتارلىقلار بار.

 يېقىشچان ئىقلىمى

يەكەن ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق
ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.5℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى
- 23.5℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2970.0 سائەت. 10℃ جۇغلانما
تېمپېراتۇرىسى 4162.5℃، قىروسىز مەزگىلى 212 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى
43.2 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2244.9 مىللىمېتىر.

 
بۇ ناھىيىدە دېھقانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك ،يىنىك سانائەت ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر 110 مىڭ  گېكتار ( 1 مىليون 650 مىڭ مو) تېرىلغۇ
يەر، 48 مىڭ 600 گېكتار (728 مىڭ 900 مو) سۇ يۈزى، 16 مىڭ 600 گېكتار (249 مىڭ 300 مو)
ئورمان، 48 مىڭ 700 گېكتار (730 مىڭ مو) ئوتلاق بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي،
كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، مايلىقدان قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە يىللىق پاختا مەھسۇلاتى 50 مىڭ
توننا ( 1 مىليون دەن) دىن ئاشىدۇ. چارۋىچىلىقتا بورداقچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ.  

.ئۇزاق تارىخي مائارىپ

يەكەن قەدىمدىنلا ئۇيغۇر مائارىپنىڭ بۆشۇكى ئىدى بۇگۈنكى يەكەننىڭ مائارىپ ئاساسىي

خېللا مۇستەھكەم

ھازىر تەۋەلكىدە: يەكەن كەسپى تېخنكا تەربىيلەش مەكتىپى(ئوتتۇرا تېخنىكومى)

، يەكەن تىببى مەكىتىپى، ئىسلام دىننى مەكتىپى،ئۇقۇتقۇچىلاربىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى قاتارلىق ئوتتۇرا

ئالىي تېخنىكوم بىلىم ئېلىش سورۇنلىرى بار.

،شەھەر رايۇنىدا 4يەسلى7باشلانغۇچ،8ئوتتۇرا مەكتەپ بولغاندىن سىرىت قالغان 29يىزا-بازارلار مۇكەممەل بولغان مائارىپ تەربىيە ئورۇنلىرى بىلەن قاپلانغان.

قەدىمىي شەھەر،مۇكەممەللەشكەن ئۇل ئەسىلھە:


يەكەننىڭ ھازىرقى شەھەر نوپۇسى174921نەپەر ،شەھەر رايۇنى

 يىڭشەھەر رايۇنى،كوناشەھەر رايۇنى،تەرەققيات رايۇنى، ۋە يىڭدىن قۇرۇلغان جەنۇبىي شەھەر
رايۇنى،قۇرلۇش ئالدىدىكى غەربىي شەھەر رايۇنىدىن ئىبارەت 5بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان،
كوناشەھەر رايۇنى --- بۇ دىيار نىڭ جېنى ئالتۇنلۇق تارىخى مەدىنىيەت مەيدانى شەھەرنىڭ ئوتتۇرسىغا توغراكېلدۇ،كوناشەھەر رايۇنى ئاساسەن ئاھاللىەر رايۇنى بولۇپ يەكەن جەلىپكارلقىنىڭ نامايەندىسىدۇر،مەدەنىيەت باغچىسى بۇ دائىرە ئىچىدە.

 
يىڭشەھەر رايۇنى ---يېقنىقى 15يىلدا تەدرىجى پەيدا
بولغان بولۇپ« مۇقام يۇرتى مەدىنىيەت ئارامگاھى(مەيدانى)ۋە ناھيىنىڭ ئاساسلىق
ئورگانلرىدىن تەركىپ تاپقان 

 
تەرەققىيات رايۇنى--- ئاققۇن نوپۇس،مەبلەغ
سالغۇچىلارنىڭ قولىدا گۈللەنگەن.يىڭى سودا مەركىزىدۇر.


جەنۇبىي شەھەر رايۇنى ---چىنباغ بۆلكىدىن لەنگەر ئاچالغىچە بولغان بۆلەكنى ئۆزئىچىگە

 ئېلىپ قۇرلماقتا بۇ جايدا، يىڭى قۇرلىۋاتقانناھيىلىك 2-دوختۇرخانا،جەنۇبى شەھەر ئوقۇتۇش باغچا رايۇنى ،تۆۋەن كىرىملكلەر ئاھالە رايۇنى،يىزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلار بازارلىرى، ۋە ئۇن زاۋۇتلىرىدىن تەدىرىجى
گۈللەنمەكتە.
غەربىي شەھەر رايۇنى---خانئېرىق بېھشباغ بۆلكىگەپىلانلنىپ
ئۇل مۇئەسسەسە قۇرلىشى جىددىي

 ئېلىپ بىرلىۋاتىدۇ، بۇيەردە يەكەن مەكىزى پويىز ئىستانسىسى، ئالىي دەرىجىلىك تاشيولنىڭ

يەكەنگە كىرىش ئېغىزى ، شاڭخەي سانائەت باغچا رايۇنى،ناھينىڭ كەلگۈسى سىياسىي

ئورگانلىرى ،مەركىزى يولۇچى توشۇش بېكىتى،2-دەرىجىلىك ماشنا بازىرى قاتارلقىلار جايلاشقان ياكى جايلشىدۇ،

يەكەن ئايرىدىرومنىڭ تۇتىشىش يولىمۇ ھەم بۇجايدىن باشلىنىدۇ.بۇ رايۇن يەكەنگە نىسبەتەن ئۈمىد، ھەم كېلەچەك ئاتاقىلدۇ،
ئاسلانباغ سانائەت رايۇنى، قۇرۇلىۋاتقان يەكەن ئايرىدورومى،پىلانلىنىپ قۇرلۇش باشلاش ئالدىدىكى

 يەكەن-تاشقۇرغان دۆلەت چگىرا مەخسۇس تاشيولىنى تۈگۈن قىلىپ قۇرۇلغان، بۇجايدا بىرقىسىم ئېغىر
سانائەت كارخانلىرى ئورۇنلشىپ بولدى.

 چارەك سانائەت رايۇنى-دۆلەتنىڭ مۇھىم تۇرقۇرۇلىشى بولغان،12-بەش يىللىق پىلاندا نۇقتىلىق قۇرۇلىدىغان -جوڭگۇ ئوتتۇرا ئاسيا تۆمۇر يولىنىڭ شىنجاڭ  بېكىتىنى مەركەز قىلغان،يەكەن ئايرىدىرومىغا بىرقەدەر يېقىن، كونا
دۆلەت يولى 314-لېنىيسىنىڭ ئۇستىگە جايلاشقان، بۇ رايۇننىڭ كىيىنلىك ئىستىقبالى زور. 

ئومومەن  يەكەننىڭ شەھەر ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى
315 - لىنىيىسى ۋە ئۆلكە تاشيولى 215 - لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. ناھىيە،
يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىدۇ. 

شەھەر ئىچىدە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ئوتتۇرا دولقۇن ئۇلاپ تارقىتىش ئىستانسىسى ،خەلقئارا
قارشىلىق ئىستانسىسى قۇرۇلغان ،ناھيىلىك تېلىۋىزىيە ئىستانىسىسى ئاپتۇنۇم رايۇنمىز
دىكى ناھيە دەرىجىلىك ئەڭ چوڭ قۇۋەتتىكى ئىستانسا بولۇپ،سىمىسز تارقىتىش قۇۋىتى
يىڭسار، مەكىت ،ئاقتۇ،پوسكام قاغىلىق ،نېفىت ،مارالبېشىنىڭ مەكتىكە يېقىن قىسمى
قاتارلىق جايلارغا تارقالغان،كۇندۇزدە سىمسز تۆت قانالدا 13سائەتتىن ئارتۇق پىروگ
ىرامما تارقىتىدۇ،مۇھىمى بۇ ئىستانسىدا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى بىردىنبىر ناھيە
دەرىجىلىك تېلىۋېزىيە تەرجىمە مەكىزى تەسىس قىلنغان.
رادىئو ئىستانىسسى قسقا دولقۇندىكى ئاڭلىتىشى ۋاقىت ئۇزۇن قاپلىنىش دائىرسى ئۇزاق
بولۇشتەك ئارتۇقچىلقلارغا ئېگە،ئاپپاراتى ئىشلىتىلىشكە باشلىدىغان.
شەھەر رايۇنىدا ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ «يەكەن دەريا ئېقىن باشقۇرۇش ئىدارىسى»،ۋىلايەتنىڭ
ماشنا باشقۇرۇش 2-پونىكتى...شۇنداقلا ۋىلايەت دەرىجىلىك ھەربىي قىسىم  جايلاشقان، بولۇپ
شەھەرنىڭ مۇقىملقى، تەەققىياتىنى كاپالەتكە ئېگە قىلغان.

.تارىخي مەشھۇر شەھەر،قىممەتلىك يادىكارلىق

:
يەكەن قەدىمكى مەشھۇر ئاستانە، يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى
بولۇش سۇپتى بىلەن تارىخى مەشھۇر جايلار، مەدەنىي يادىكارلىق، نۇقتىلىق قوغىدى
لىدىغان جايلار بىرقەدەر كۆپ ،زىمنى جانپ تەرەپتە تەكلماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي
چېتىدە ،شىمالدا كەڭ كەتكەن تاغلىق،شەرىق، غەرىپ تەرىپى ئىككى دەريا ۋادسىدا
بولغاچ يشللىقنى،تاغلىق قۇملۇقىنى مەنبە قىلغان، كۆپ قاتلام ساياھەت ئورۇنلرى بىرقەدەر كۆپ.

 
يەكەندە ھازىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن دۆلەت دەرىجلىك
قوغدىلىدغان ئالتۇن جامەسى، ئالتۇن مازا، ئامننساخان مەقبەرىسى، ئاماننىساخان
تۇرالغۇسى شۇنداقلاياقا ئېرىق كۆرەسى ،توياق ئىزى، بايدۆۋە ،يۇنۇس ۋاڭ مازىرى،
ئازنا جامەسى،ئابدۇراھمان ۋاڭ مازىرى قاتارلىقلار بار
. 

ساياھەت مەنزىلگاھلىرىدىن:

يەكەن ماشبۇلاق ئىككى ئا دەرىجىلك سۇ ئۇستى ئىستىراھەتگاھى، قاراسۇ قۇملۇق باغچىسى،

ئېلىشىقۇ سۇ ئامبىرى مەنزىرە رايۇنى،ئىگەرچى سۇئۇستى ئىستراھەتگاھى،ئايبۇلۇڭ
تاغىلىق مەنىزىرە رايۇنى، ئونغا يېقىن دېقھانلار شاتلقى مەنزىرىگاھى قاتارلىقلار بار .


ئومومەن يىراق قەدىمدەساكرائۇل، ئابباس، سەئىدىيلەرنىڭ پايتەختى بولغان شىاھانە دىيار .

بۈگۈندە ناھيە تەۋەسى يەكەن،تىزناپ،قارسۇ،ئوپا، يېرىم دەريا ئېقىنلرنىڭ گىرەلەشمىسىدىن ھاسىل

 بولغان ئېلىمىزدىكى 2-چوڭ بوستانلىقنىڭ مەركىزى بولۇش سۇپىتى بىلەن، مۇقام يۇتى، بادام يۇرتى.

ئەتلەس ماكانى، دېگەندەك ناملارغا ئېرىشكەن،2007-2008-يىللىرى يەنە رايۇنىمزدىكى مۇنەۋۋەر

ساياھەت شەھىرى، ئەڭ چوڭ پاختا بازىسى، يەكەن بادىمنىڭ ئەسىلىي يۇرتى قاتارلىق پەخرى ناملارغا
ئېرىشتى
.
 



پارلاق كەلگۈسى ۋە ئۇلۇغۋار غايە

. يەكەننىڭ شەھەر قۇرۇلشىدا 2002-يىلدىن بۇيان زور ئۆزگىرىشلەر
بولماقتا ھازىر شەھەر كۆلىمى 22كۋادىرات كىلۇمېتىر، شەھەر نوپۇسى 223مىڭ 921نەپەر
گە يەتتى، شەھەر ئوق يولى، يىزا تۇتاشما تاشيولى ناھيە تەۋەسىدە تورلاشتى،ناھينىڭ ھەر
يىللق پىلان كۆرسەتكۈچىدە شەھەر قۇرۇلىشى ئاساسى سالاقنى ئېگەللىدى، ھەريىلى يېڭدىن
ياسالغان شەھەر مەركىزى يولى 10كېلومېتردىن كەم بولماسلىق، ئىككى يىلدا بىر ئۆزگىرىش
بەش يىلدا چوڭ ئۆزگىرىش بولۇش نىشان قىلندى،شەھەر خەلقىنىڭ مەنۋى تۇرمۇشى ئاساسى
خىزمەتلەر سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇلدى، 12مۇقامنى شەھەر ماركىسى قىلغان ئاساستا مۇقام
نامدىكى بىر يۇرۇش قۇرلۇشلار ئېلىپ بىرلىدى،مۇقام ماركىسىدىكى مەھسۇلات، پائاليەتلەر
كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلدى،2009-يىلى يىزا ئېشىنچا ئەمگەك كۇچىلرى سىرىتقا
يۆتكلىپ، دېھقانلار كىرىمى يەنىمۇ ئاشۇرۇلدى. 2009-يىلدىكى يەكەن ناھيىسىنىڭ
ئىچكى ئىشىلەپچىقىرش ئومومىي قىممىتى 3مىليارىت 513مىليۇن يۇەنگە ، دىخانلارنىڭ
كىشى بېشى ساپ كىرىمى 3786يۈەنگە يەتتى.
 

.ئىستقباللىق سانائەت ۋە ئۈمىد
يەكەن ئەسلدىنلا مىللى سانائەتىڭ بۆشۇكى ئىدى، سودىگەر چاقىرش
خىزمتى، ئېتىبار سىياسەتلەرنىڭ تۈرىتىكسىدە يەكەندە يىنىك سانائەتتىنلا بىرمۇنچىلغان
سانائەت كارخانلىرى، ۋە «يەكەن باھارى»،«زەرەپشان»،«مۇقام»نامىدىكى بىريۇرۇش
مەھسۇلاتلار بارلققا كەلدى،مېتال تاۋلاش، قۇيمىچىلىق، ماشنا ئۈسكىنە قوراشتۇرۇش كەسپلىرى
تېزلىكتە تەرەققىي قىلدى.مىۋە-ئاشلىق پشىقلاپ ئىشلەش تىپدىكى مەخسۇس كارخانا ئۇن
زاۋۇتلىرىلا پۈتۇن شىنجاڭ رايۇنغا ئۆز مەھسۇلاتلىرنى تارقىتالايدىغان بولدى.
پاختىچىلىق، يىزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلرى قوشۇمچە ئەشيالار پىشقىلاپ ئىشلەپ كارخانىلرى
يەكەن سانائەتچىلكىنىڭ ئاساسى ئۇلىنى ھاسىل قىلغان

.
يەكەننىڭ نۆۋەتتىكى سانائىتىدىن ئاساسلقى:ئاشلىق، پاختا
پىششىقلاپ ئىشلەش، كۆمۈر، تۆرمۈر ،رودا پىشقلاپ ئىشلەش،كىچىك تىپتىكى ماشنا مىخانىزىملارنى
قوراشتۇش، لاھيىلەش ئېلېكتر قۇۋۋىتى،مېنىرال سۇ ... قاتارلىقلار بار.


.خۇلاسە:
كەلگۇسى بىزگە قۇچاق ئاچماقتا، يەكەننىڭ كىيىكى بەش يىلى تولىمۇ
پارلاق،بىريۇرۇش قۇرلۇشلار ئىچىدە ئاپتۇنۇم رايۇن 2008.يىلى يەكەندە لېنتا كەسكەن
قەشقەر -خوتەن ئالىي تاشيولىنىڭ قەشقەر -قاغىلىق قىسمغا ئىش باشلانغاندى، 2010-يىلى
8-ئايدا يەكەنگىچە بولغان ئاساسىي قىسمىنىڭ يول يۇزى قۇرۇلىشى ئاخىرلاشتى.قەشقەر- خوتەن
تۆمۇريولنىڭ رېلىس قۇرۇلشى پۈتۇنلەي ئاخىرلشىپ ۋۇگىزال، داۋبەن قۇرۇلۇشى ئېلىپ
بىرلماقتا، بۇيىل ئىچىدە قاتناش باشلنىشى مۇمكىن.

2012-يىلى ئىش باشلايدىغان جوڭگۇ - ئوتتۇرائاسىيا تۆمۇريولى يەكەن
غەربىي پويىز بېكىتىدىن تاشقۇغان ئارقىلىق ئوتۇرا ئاسيا دۆلەتلىرىگە تۇتىشىدۇ.


2011-يىلدىكى شىنجاڭنىڭ زور قۇرۇلۇشى پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن
يەكەن-تاشقۇرغان چقىگىرا مۇداپىئە2-دەرىجىلىك تاشيولى - يەكەندىن ئوتتۇرا ئاسياغا
تۇتشىدىغان يەنە بىر مۇھىم لېنيەدۇر.

 
2011-يىلى ئومۇميۇزلۇك ئىش باشلنىدىغان يەكەن ئايرىدىرومى
ئاللقاچان ئورۇن تاللاش ،دەسلەپكى تەييارلىق باشقۇچىدىن ئۆتۇپ بولدى،زەرەپشات-
ئاسلانباغ چىگىرسىدىكى ئېغىر سانائەت رايۇنى ئەتىراپىدا پات يېقىندا قەد كۆتۇرگۈسى .


مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىتلار ئاساسىدا يەكەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت يەكەننى
ئوتتۇرا ئاسياغا يۇزلەندۈرۈش ئىستىراتىگىيىسنى تۇزۇپ چقىتى، شۇنداقلا شاڭخەينىڭ ياردىمىدە
يەكەن مەركىزى سانائەت رايۇننى تېزلىكتە قۇرۇپ شەھەرنى يىتەكلەش ئاساسى كۈچى قىلىش
(نۆۋەتتە ئاساسى ئەسلىھەلەر قۇرلۇشى قىلنۋاتىدۇ) ، جەنۇبىي شەھەر ئوقۇتۇش-كەسپى تەربىيلەش
رايۇنى ، دەريانىڭ شەرقىدىكى ئوقۇتۇش باغچا رايۇنىنى قۇرۇش قۇرۇش قاتارلىق يىرىك
پىلانلارنى ئوتتۇرغا قويدى.

ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ كۆرسەتىمىسى ،ۋە ناھيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ 12-بەش يىلدىكى ئۇلۇغۋار پىلانى
بولغان «شەھەر نوپۇسى 350مىڭ، شەھەر كۆلىمى 40كۋادرات كېلۇمىترغا يەتكەن ،ئوتتۇرا
ئاسىيا ،جۇملدىن قەشقەرنىڭ جەنۇبىدىكى سانائەت، مەدەنىيەت،مال ئوبرۇت،قوشۇمچە
كەسىپلەر گەۋدىلەنگەن ،قاتنىشى تۈگۈنگەئايلانغان ئىسمى -جىسمىغا لايىق غەربىي
جەنۇپتىكى مەركىزى «شەھەر» قىلىپ، قۇرۇپ چقىشنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى.بىرقانچە يىل
ئچىدىكى زور ئۆزگىرىشلەر بۇ قەدىمكى تارىخى مەشھۇر شەھەرنى-ئۇنۋىرسال شەھەر
قىلىپ قۇرۇپ چقىش قەدىمنى تىزلىتىشتە مۇھىم رول ئوينىدى. 

قىسقىسى ھازىرقى يەكەن- ئادديىلا بىر ناھىيە بولسا ، يېقىن كەلگۇسىدىكى يەكەن-
ئۇنۋىرسال كۈچى كۈچلۇك، جەلپكار ،غەربىي-جەنۇپتىكى«نۇرلۇق مەۋايىت شەھەر»
بولۇپ قالغۇسى!


كېلىڭلار دوسلار، ئەزىم دەريا-يەكەن دەرياسنىڭ ئەركەك
سۈيىدىن قانغۇچە ئىچىپ، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئەللىيدە شاتىلنىپ-قەدىمكى
تارىخنىڭ جاھاننامىسىدە ئەجدادلدر بىلەن دىدارلىشىپ ئاددىي خەلىق بىلەن
ئىچ قۇيۇن بولۇپ ئۆتۇش پۇرستى سىلەرنى كۈتمەكتە
   

  


بۇ تېمنىڭ مەڭگۈلۈك ئاپتۇرى-----پېقىر (ئابلەتجان)،بىراۋلارنىڭ
روخسەتسىز ئشلتىشىنى قوبۇل كۆرمەيمەن.


  
 
.


ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
خۇش + 20
zulayha + 50 تولۇق ھەم خاسلىقنى بەكلا ياخشى چۈشەندۈرۈ
سەھرا ئوغلى + 200 نادىر تىما ،
marvayit + 200
anamihri + 30 نادىر تىما .ئەسەرنىڭ مەنبەسى ئاپتورىنى ئ
hokumran + 100 نادىر تېما بۇلۇشقا تېگىشلىك  .

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 600   باھا خاتىرىسى

كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك  يا بولمىسائۆلگۈلۈك

كۆك بۆرە

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10610
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8208
تۆھپە نۇمۇرى: 426
توردا: 300 سائەت
تىزىم: 2010-9-17
ئاخىرقى: 2012-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-21 03:44:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەكەنگە بېرېپ كەلگەندەك ھىسياتقا كەپقالدىم  

    ئەزىزانە قەشقىرىمىز ئۈچۈن كىچىككىنە ئىش قىلىپ بىرەيلى مۇنبەرداش ...
     بۇ ئادرىسقا كىرىپ قەشقەرنىڭ ئېلىمىز بۇيىچە 10 كۈچلۈك ساياھەت شەھرى بۇلۇپ سايلىنىشى ئۈچۈن  كۈندە 5-6 تال بىلەت تاشلاپ قويغايسىز :  تۆۋەندىكى ئادرىسقا كىرىپ ،خەنزۇچە تور بەت چىقىدۇ . شۇ بەتنىڭ ئاستىدىراق 喀什  دىگەن خەت بار .شۇنى بىر چەكسىڭىزلا بىر بىلەت تاشلىغان بولىسىز. ئاسان ھە؟ ئەمىسە  باشلاڭ .  
 
 : http://chinesecity.cri.cn/  

ئۇغۇز رۇھىنى سېغىنماس بولدۇق، ئۇيۇنغا سىزىك- ئاشىنا بولدۇق. ئۆملۆكتىن نىشان قالمىدى بىزدە، ئۇيۇشقاق ئىدۇق ئۇرۇشقاق بولدۇق.

يىگىت قەسەم ئىچم

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9548
يازما سانى: 886
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13697
تۆھپە نۇمۇرى: 434
توردا: 522 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-21 03:57:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا...ئاللا...
ئەجەپ بىر ئسىل تىمغا بىرىنجى بولۇپ داخىل قىلدىڭا قىرىندىشىم....
مەن يەكەننىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى يۈكسەل دۈرىۋاتقان شۇ ئىسىللارغا ئاللاھدىن
خەيىر ساخاۋەت تىلەيمەن...
يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈرۈمچىدىكى بارلىق كەسپى مەكتەپلەر،ۋەئالى مەكتەپلەردە يەكەنلىك ئوقۇغۇچىلار نىڭ ھەيران قالارلىق كۆپىيىپ قالغىنى
مىنىڭ بەكلا دىققىتىمنى تارتتى...قارىسام كۆپ قىسىملىرى دىھقان باللىرى ئىكەن..
بۇ بەك ياخشى ئىش...
مەن بەكلا ھاياجانلاندىم...
ياخشى ئوقۇڭلار يەكەنلىكلەر...
كەلگۈسىدىكى يەكەن ئۈچۈن...

مەن  گاھىدا ئاق بولدۇم،گاھىدا قارا بولدۇم.لىكىىن كۈلرەڭ بوپ قالمىدىم...

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2550
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21650
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9883 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-21 05:36:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ ياخشى يوللاپسىز ، يەكەندىكى ئۆزگىرىش نىمە دىگەن زور . مەن 1997 -يىلى كۆرگەن يەكەن ئاللىقاچان كەلمەسكە كېتىپتۇ .
باشقۇرغۇچىلار بولسا مۇشۇ تېمىنى نادىرلاپ قويساڭلار . مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇپ يۇرتىمىزنى بۇنىڭدەك ئېنىق چۈشەندۈرگەن تېمىلارنى ھازىرغىچە ئۇچراتمىدىم .

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ئۆمۈد بىلەن ياشاش كېرەك

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3299
يازما سانى: 1248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12246
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 7693 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2014-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-21 08:34:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىقىنقى يىللاردا يەكەننىڭ تەراقىياتى ھەقىقەتەن تىز بولۋاتىدۇ.

مۇۋاپىقىيەت قازىنېش ئېرادەملا بولىدىكەن ،مەغلۇبىيەت مىنى ئۆرىۋىتەلمەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8696
يازما سانى: 485
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44799
تۆھپە نۇمۇرى: 197
توردا: 7228 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-21 08:46:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ، مەن يەكەن ناھىيەسىنى تور يۈزدە بولسىمۇ چۈشەندىم، كىيىنچە ئاللا خالىسا بېرىشقىمۇ نىسىپ بۇلۇپ قالار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1322
يازما سانى: 788
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11193
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 2598 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-21 09:31:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەكەنگە تور ساياھىتى.....

ھايات ئادەمگە پە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2175
يازما سانى: 2897
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15485
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 6766 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-21 09:45:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈزەل قەدىمى يۇرتقا بېرىپ كۈرۈپ كەلسەك بولغىدەك، رەخمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10918
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10141
تۆھپە نۇمۇرى: 731
توردا: 4404 سائەت
تىزىم: 2010-9-20
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-21 09:47:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەكەن بۇلىدىغان شەھەركەن .

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-21 09:49:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىدىگەن تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان، ھەقىقەتەن ئىسمى -جىسمىغا لايىق قەدىمى ئاستانىكەن.

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش