( _* U& X8 f* ?" U , D8 h; {6 e1 X5 [4 E4 d+ [$ l
1 l, \4 ~7 b- J1 I2 c5 b' Q% y# ?2 C3 f# S4 h4 }; a4 N, t- b
ئاياللار نەزىرىدىكى جەلىپكار ئەرلەر
! ? w$ o8 r9 J- w5 t8 u
1. ئۆينى ئويلايدىغان ئەرلەر ئەڭ جەلىپكار .
تۆۋەندىكىسى بىر تۇغۇت بۆلۈم دوختۇرىنىڭ سۆزى:«تۇغۇت بۆلۈم دوختۇرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن ئايالىنى، بالىسىنى سۆيىدىغان ئەرلەر جەلىپكار دەپ قارايمەن. مېنىڭ بىر بىمارىم كۈنلۈكى 400 يۈەنلىك تاق كىشىلىك كېسەلخانىنى كۆتۈرە ئېلىپ، ئۇزۇن مۇددەت دوختۇرخانىدا ھامىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ياتاتتى، ئەمما ئېرى ئۇنى كۆرگىلى كەمدىن-كەم كېلەتتى، پەقەت بىر كىچىك بالا باققۇچى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولاتتى، تاكى ئۇنىڭ قورسىقىنى يېرىپ بالىسىنى ئالغاندىمۇ ئېرى ئۇنىڭ يېنىدا يوق ئىدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا،بۇ ئەر چوڭ-چوڭ ئىشلارغا تۇتۇش قىلغاچقا، ئايالىغا قاراشقا چولىسى تەگمەيدىكەن، شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ خانىمى تۇغۇتتىن كېيىن خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قاپتۇ. مېنىڭ قارىشىمچە، ئادەتتىكى كېسەلخانىدا ياتقان تۇغۇتلۇق ئاياللار بۇ ئايالدىن كۆپ بەختلىك، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ھەيدەپمۇ كەتكۈزۈۋەتكىلى بولمايدىغان ئەرلىرى بۇ باي غوجامدىن كۆپ جەلىپكار».
2. كۈرەش قىلىۋاتقان ئەرلەر ئەڭ جەلىپكار .
مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدىغان ئەرلەر ئائىلىنى بېقىپ كېتەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئەتىدىن كەچكىچە قولىدىن ئىش كەلمەيدۇ، باشقىلارنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش قىلىدۇ؛ بەك مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەرلەر ئاسانلا جېدەل چىقىرىدۇ، ئاسانلا باشقىچە ئازاب پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، ھاياجىنىنى ئىزدەپ زەھەر چېكىدۇ، ئايالى كۆزىگە سىغمىسا ئاشنا تۇتىدۇ.... قاتارلىقلار. شۇڭا مۇۋەپپەقىيەت قازانماسلىق بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئوتتۇرىسىدا كۈرەش قىلىۋاتقان ئەرلەر ئەڭ جەلىپكاردۇر.
3. ئەرلەرنىڭ جەلىپكارلىقى «تۇرمۇش بېسىمىنى ئۆزى يەڭگىللىتىش» ئىقتىدارىدا .
بۇ يۇمۇرلۇق سۆز قابىلىيىتى ۋە سالاپەتلىكنىڭ مەنبەسى. چۈنكى تۇرمۇش بېسىمى شۇنچىلىك ئېغىر بولغان بۈگۈنكى كۈندە، ئەگەر بىر ئەر كىشىدە بۇنچىلىك بېسىمنى يەڭگىللەتكۈدەك قابىلىيەتمۇ بولمىسا، ئاچچىقىغا تايىنىپ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭ قايىل قىلىش كۈچى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى نۆل دېيىشكە بولىدۇ.
4. جاھىل، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش روھىغا ئىگە ئەرلەر ئەڭ جەلىپكار .
ئېكىسپىدىتسىيە ساياھىتى مەركىزىي شەھەرنىڭ قائىدە يوسۇنىغا ئايلاندى. بىر قېتىملىق ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتىنىڭ ھەققىي تۆۋەن ئەمەس، ئەمما قاتنىشىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. لېكىن ئېكىسپىدىتسىيەگە قاتناشقان كۆپ ساندىكى ئەرلەر ئىچىدە بەزىلىرى ناھايىتى تېجەشلىك بولۇشى مۇمكىن، ئەمما لوپنۇر كۆلىنى پىيادە كېسىپ ئۆتۈشكە پۇل خەجلەشكە كۆزى قىيىدۇ، بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش روھىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، مەيلى ئىش قىلىش ياكى ساياھەت قىلىش بولسۇن، جاھىل ئېتىقاد ۋە تەۋەككۈلچىلىك روھىغا ئىگە ئادەملەر كۆپىنچە باشقا ئادەملەردىن ئاسان مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدۇ.
5. جەلپكار ئەرلەرنى ئاياللار زوقلىنىش نەزىرى بىلەن سۇغارغان بولىدۇ .
ھازىر بىر خىل غەلىتە قاراش بار. يەنى ئەرلەر توي قىلىشتىن ئىلگىرى قىز دوستىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا «جەلىپكار ئەر» ھېسابلانسا، توي قىلغاندىن كېيىن خوتۇنىنىڭ نەزىرىدە «جەلپكار ئەر» بولماي قالىدۇ دەپ قاراش. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، جەلپكارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ئارىلىقىنىڭ يىراق-يېقىنلىقىغا باغلىق بولىدۇ. ئادەتتە ئەرلەر ئىشخانىدا ناھايىتى جەلپكار، ئۆيىگە قايتىپ كەلسە جەلپكارلىقى بولمايدۇ. سىز مىكروسكوپ بىلەن ئەرگە سەپ سالسىڭىز، كاستۇمىدىكى بىر تال چاچ كېپىكىمۇ ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېلىشتۇرىدۇ. شۇڭا توي قىلمىغان قىزلار «ياخشى باشاقلار تېرىلىپ بوپتۇ» دەپ ھېس قىلىدۇ، ئەمما باشاققا ئىگە بولۇپ بولغان ئادەم دىمىغىنى قېقىپ: «مۇشۇمۇ زوقى كەلگۈدەك باشاق بولدىمۇ؟» دەيدۇ.
# [. l$ V' a6 Lئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nur~turk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-12 02:34 PM 2 ^+ ]0 ]) g8 S% P9 Q, E9 ~' R8 Y
' V% [, \6 j3 z, [2 }; G