0 p* w% J- f4 N" F/ m4 Q
: G8 e e) B# K- P3 W
1. ئانا بولغۇچى نادان بولسا، ئۇلارنىڭ ئەۋلادى سۈت ئەمەس، نادانلىق ۋە زەئىپلىكنى ئېمىپ چوڭ بولىدۇ.
2.ئىرادىنى ھېچكىم يەۋېتەلمەيدۇ، لېكىن ئىرادىسىزلار ھەممىنى يەۋېتىدۇ.
3. مائارىپ ئۆزىمىزنىڭ نادانلىقىنى بايقاش دېمەكتۇر.
4. بىر ئەلدە ئانىلار يۈكسەلمىسە، پەرزەنتلەر يۈكسىلەلمەيدۇ.
5. تىنىچلىق ھەرگىزمۇ ئەمەلدارلارنىڭ ئۈستىلىدىكى ئىمزاسى ئەمەس، بەلكى ئۇ تارىخنى باشقىدىن يېزىشنىڭ بېشارىتىدۇر.
6.ھاياتنى بىر باش پىيازغا ئوخشاتساق، بىر قېتىمدا بىر قاتتىق سويىمىز، سويۇش جەريانىدا بىزىدە كۆزىمىزدىن ياش ئاققۇزىمىز.
7. مەن پەقەت بىر خىل ئەخلاقنىلا بىلىمەن، ئۇ بولسىمۇ ئەخلاق.
8. تەقدىرنى پىلانلاش مۇناسىۋىتى ھاياتنى پىلانلاشتۇر.
9. كاتەكتە سەمىرىپ ياتقان توخۇ ئۇچۇشنىڭ قەدىرىنى قانداق بىلسۇن؟
10. تۆرىدىكى ۋاقتىڭدا پەگاھتىكىلەرگە ئوبدانراق مۇئامىلە قىل، چۈنكى پەگاھقا چۈشۈپ قالغان ۋاقتىڭدا ئۇلار سېنىڭ ئۈلپىتىڭ بولىدۇ
11. ئادەمنىڭ گۈزەللىكى ھۆسىنىدە ئەمەس.
12. تەۋرىنىپ تۇرىدىغان روھتا مۇكەممەللىك بولمايدۇ.
13. تېنىچلىق، ئىناقلىق ئاساسىدا ھەمكارلىشىپ تىرىشقاندىلا، ھاياتتا مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
14. دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى كۈنسېرى ئۆزگىرىپ تۇرىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە، بىلىم بارغانسېرى ئۆز كۈچىنى كۆرسەتمەكتە. ئۆمۈر بويى ئۆگىنىش كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىغا ئايلانماقتا.
15. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مال-دۇنياسى يوق كىشىلەر كەمبەغەل ھېسابلانمايدۇ، بىلىمسىز كىشىلەر ھەقىقىي كەمبەغەلدۇر.
16. ئادەتتە مۇستەقىل ئۆگىنىش جەريانىدا، ‹‹نېمە ئۈچۈن›› دېگەن سوئالنى كۆپ قويۇپ، مەسىلىلەر ئۈستىدە كۆپرەك تەھلىل قىلىش، چوڭقۇر ئىزدىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش كېرەك.
17. مەن ھەرگىزمۇ دۈشمەندىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلمايمەن.
18.بىر ياخشى پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۆيدىن چىقماي تۈزگەن مىڭ پىلاندىن ئارتۇق.
19. دۇنيادا ئەڭ يېقىن دوستۇم بار، ئۇ بولسىمۇ ئۈمۈد. دۇنيادا ئەڭ گۈزەل سۆيگۈنۈم بار، ئۇ بولسىمۇ ئۈمۈد. دۇنيادا ئەڭ كۈچلۈك ئارقا تېرىكىم بار، ئۇ بولسىمۇ ئۈمۈد.
20. ئۆزىگە پۇختا بولغان ئادەم پۇشايماننى ئاز قىلىدۇ ياكى قىلغان ئىشىغا ھەرگىز پۇشايمان قىلمايدۇ.
0 Y7 |) t, b- F% K' j7 o F( I" ]
21. يىراقنى كۆرەلەيدىغان، غايىلىك ۋە تىرىشچان ئادەم ئاسانلىقچە باشقىلارنىڭ ئويۇنچۇقى بولۇپ قالمايدۇ.
22. بىرى تام قوشنا، يەنە بىرى يەر قوشنا بىلەن چوقۇم ئىناق ئۆتۈش كېرەك.
23. بىز باشقىلار ياساپ بەرگەن يولدا ماڭىمىز، باشقىلار قازغان قۇدۇقنىڭ سۈيىنى ئىچىمىز، شۇنداق بولغاندىكىن بىزدىمۇ بىز ئىز قالسۇن، سۇ چاغدىلا باشقىلارغا ۋە ئۆزىمىزگە يۈز كېلەلەيمىز.
24. ئاۋال ئويلا، ئاندىن سۆزلە.
25. كۆرگىنىڭدۇر كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.
26. قول قولنى يۇيسا، قول بېرىپ يۈزنى يۇيار.
27. سۈبھى-ۋاقىت رەناسىنىڭ چولپان كۆزى بولۇپ، ھەرىكەت مەردانىسىغا ھەمىشە كۈلۈپ قارايدۇ. سۈبھى-ھەرىكەت مەردانىسىنىڭ ئالتۇن كەمىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا غايە، ئىشەنچ ۋە كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ.
28. تۈلكە ئۆز ئىنىغا ئۈرسە قوتۇر بولۇر.
29. تەبەسسۇم-ھۆرمەت ۋە ئىپتىخار يالدامىسى تەرىزىدە كىشىلىك مۇناسىۋىتىدە چاقنايدىغان مەرۋايىت.
30. قىلغاننى بىلمەيدىغان ئادەمگە ھاياتىڭنى بېغىشلىساڭمۇ بىكار، ئوخشاشلا ۋاقتى كەلگەندە ئۆزىنىڭ ناچارلىقىنى ئەيمەنمەستىن ساڭا كۆرسىتىدۇ.
31. تەكەببۇر كىشى ياخشى ئاتاقتىن، بىئەدەپ كىشى ئىززەت-ھۆرمەتتىن ھەرگىزمۇ ئۈمىد كۈتمەسلىكى كېرەك.
32. بىز ھاياتلىق سەپىرىدە بەزىدە باشقىلارنى ئالدايمىز، ئەمما باشقىلارنى ئالداشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆز-ئۆزىمىزنى ئالداش بىلەن تەڭ ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ قويمايمىز.
33. چىن ۋە ئۇلۇغۋار نىشان ئۈستىدە قۇرۇلغان دوستلۇق ئۈچۈن تارتقان كۈلپەت كۈلپەت ئەمەس، بەلكى راھەتتۇر.
34.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەختسىزلىكى.
35. ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزى ۋە ھەرىكىتىدىن تەلىم-تەربىيە پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ.
36. قىيىنچىلىق-ئۈمىدسىز، ئاجىز كىشىلەرنى يېڭىلەيدۇ، قەيسەر ۋە ئۈمىدۋار كىشى ھامان قىيىنچىلىق ئىچىدە يول ئاچىدۇ.
37. ھەر كىم ئۆزىنى ئۆزى بارشقۇرغان بولسا ھېچكىم ھېچكىمنى باشقۇرۇپ يۈرمىگەن بولاتتى.
38. كىشى شىجائەت بىلەن شىر بولىدۇ.
39.ئۇرۇشنى ئۇزارتسا دۈشمەن ئەقىل تېپىۋالىدۇ،كۆپنى كۆرگەنسېرى كىشىنىڭ كۆزى ئېچىلىدۇ.
40. كىتاب-كەڭ مەنىدە ئىنسانىيەتنىڭ بىلىش تارىخى ۋە ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇر بوشلۇقىنىڭ سەھىپىلەشكەن شەكىلىدىن ئىبارەت.
41. مەيلى قوشناڭ ياكى ئاتاڭ بولسۇن، ئەزگۈچى بولسىلا، ئۇ سېنىڭ دۈشمىنىڭ.
42. تەرەقىياتنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى ھەربىر مىللەت ئاھالىسىنىڭ ئوقۇۋاتقان كىتابلىرىنىڭ سانى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.
43. دوستسىزلىقتىن قېرىنداشسىزلىق ياخشىراق.
44. ئاداۋەت بىر قاراڭغۇ زۇلمەتتۇر.
45. دوستلىرىڭنىڭ كۆپلىكىگە قاراپ بىپەرۋا بولما.
46. ھاياسىز ئادەم ئەڭ قورقۇنۇچلۇقتۇر.
47. ئەخلاق-ھەربىر كىشىنىڭ ئىنسانىي ساپاسى، ئۇ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەينەك.
48. بىر ئادەمنىڭ ئىجادىي قابىلىيەتكە ئىگە ياكى ئىگە ئەمەسلىكىنى ئايرىشتىكى مۇھىم ئاساسلارنىڭ بىرى شۇكى، ئىجادىي قابىلىيەتكە ئىگە ئادەم ئۆزىنىڭ كىچىككىنە خىيالغىمۇ ئېتبارسىز قارىمايدۇ.
49. ھەممە ئادەمدە مۇئەييەن غايە بولىدۇ، بۇنداق غايە ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىنى ۋە مۇقىملاشقان نىشانىنى بەلگىلەيدۇ.
50. ۋاقتىڭىزنى ۋە زېھنىنى ئايىمىسىڭىز، قوچۇم غايىڭىزگە يېتەلەيسىز.
51. خەلقنىڭ دانىشمەنلىكى، ئادەتتە، ھېكمەتلىك سۆزلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
52. ئەتىگە مەڭگۈ يەتكىلى بولمايدۇ، بۈگۈننى چىڭ تۇتۇش كېرەك.
53.ياماننىڭ يېشى قىسقا بولىدۇ، ئۇ پۇشايمان بىلەن قېرىيدۇ.
54.نادانلىقتىن ھەقىقەتكە قايتىش چۈشتىن ئويغانغانغا ئوخشايدۇ.
55. ئەقلىي كەمتەرلىك-ئالتۇنئۈزۈكتىكى ياقۇت كۆز.
56. مۇھىت ئېڭىغا ئىگە بولمىغان ئادەمنى مەدەنىيەتلىك ئادەم دېگىلى بولمايدۇ.
57. ئىنسان قەلبى ئاجايىپ سېھرىي كۈچكە تولغان، ئۇنىڭ مېھرى ئالەمنى ئىللىتىپ، كىشى ئەقلىنى لال قىلىدۇ.
58. دانىشمەن ۋە ئالىملارنىڭ خىسلەتلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىش ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ، يامان ئادەتنى يوقىتىدۇ.
59. تەكەببۇرلۇق ھېچبىر ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ۋ ئۇلۇغلۇقىنى زىيادە قىلمايدۇ.
60. كۆڭۈل خەزىسىنىڭ ئاچقۇچى تىلدۇر، ئول خەزىنىنىڭ ئاچقۇچى تىلدۇر.
5 {9 `6 p( J- e/ E2 b y
61. ياخشىلار بىلەن سۆھبەتتە بولساڭ ئىشلىرىڭ ياخشىلىقتىن روناق تاپار.
62. باشقىلارنىڭ ئەيىبىگە نەزەر سېلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭ ئىبرەت ئال.
63. ئاۋال تېپىپ، ئاندىن خەجلە.
64. راستچىللىقنىڭ شېرىن ئىكەنلىكىنى تېتىمىغان ياكى تېتىشنى خالىمىغان كىشى ئۇنى سۆيمەيدۇ.
65. بىلىمىم كۆپەيسۇن دېسەڭ كۆپ كىتاب كۆر.
66. ئىدىيە، تەشەببۇسى ئوخشاش بولمىسا، پىكىر ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ.
67. شېرىن-شىكەر سۆزلەر ئادەمنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى نابۇت قىلىدۇ. كىچىك ئىشلاردا ئۆزىنى تۇتمىسا، چوڭ ئىشلارنى بۇزۇپ قويىدۇ.
68. ياخشىلىق بىلەن سېخىيلىق ئاتا بىلەن ئانىغا ئوخشايدۇ.
69.ئادەم تەپەككۇر قىلالايدىغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۆز ھاياتىدا مەلۇم نىشانغا ئاساسەن ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقى بىلەن ھايۋاندىن پەرقلىنىدۇ. روشەنكى، ھايۋاننىڭ ياخشىسى ئۆزىگە بەلگىلەنگەن قانۇنىيەتنى ئىجرا قىلىش جەريانى. ئۇنىڭ ھاياتىدا روشەن مەقسەت بولمايدۇ. بار دېيىلسە، جان ساقلاش ئۇنىڭ ئەڭ ئالىي مەقسىتى، ئۇنىڭ قۇرسىقى تويسا، توڭلاپ قالمىسىلا ئۇنىڭ تەلىپى قانىدۇ. ئادەملەر بولسا، ئۆز ھاياتىدا مەلۇم بىر غايە ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ...ئۆزىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئېھتىياجى بىلەن تەڭشەيدۇ. بۇ ئىنسانغا قويۇلدىغان ئەقەللىي تەلەپ.
70. ئۆلۈشتىن قورقما، ئۆلەرمەن بولۇپ ياشاشتىن قورق.
71. تېنىم ساغلام بولسۇن دېسەڭ، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىشنى ھەمراھ قىل.
72. بىئەدەپكە قېتىلما، مۇلايىم بول، بارچە جاڭجال ئەدەپسىزلەردىن كېلىدۇ.
73. كۆڭلى-كۆكسۈڭنى كەڭ تۇتساڭ، ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولىدۇ.
74. بەخت كېلىدۇ، تۇتىشنى بىلمىسەڭ كېتىدۇ، ساڭا مال بېرىدۇ، يېيىشنى بىلمىسەڭ، ئۇنى ئالىدۇ، شۇڭا تۇراقسىز بەختكە ئېرىشسەڭ، ئۇنى ناھايىتى مەھكەم تۇت.
75. كىشىگە ياخشىلىق قىل، يامانلىق قىلما.
76. ئەگرى ئىش كىشىگە غەم-ئەلەم كەلتۈرەر.
77. كىمكى ئۆزىنى ماختىسا، بۇ ئەخمەقلىقتۇر.
78. بىخىل ھاياتىدا خۇشالللىق ۋە شادلىقنىڭ يۈزىنى كۆرەلمەيدۇ.
79. بىلىملىك ئۆز شۆھرىتى بىلەن تېخىمۇ يۈكسەكرەك بول.
80. تەمكىنلىكنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرىدىغىنى شامالدۇر.
81. ئاتا-ئاناڭنىڭ كۆڭلىگە ھەرگىز ئازار بەرمە.1 s( j9 e( F" E0 `, t! }
82. مەن ھاياتلىقىمدا ئىزنا قالدۇرماق بولۇپ، مۇنار تىكلەۋاتاتتىم، قىلمىشلىرىم تەرەپ-تەرەپتىن كېلىپ ئۇنى ئۆرۈۋەتتى.
83. تۇرمۇش لەززىتىنى ھالال ئەمگەكتىن ئىزدىمىگەن ئادەم ئاچ كۆز چاشقانغا ئوخشايدۇ.
84. ئاينى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولماس.
85. دوست يىغلىتىپ ئېيتار، ئاغزىدا كۈلكە-چاقچاق بار ئادەمنىڭ قوينىدا پالتا-پىچاق بولۇشى مۇمكىن. ھەر ۋاقىت رەقىبىڭىزدىن ھوشيار بولۇڭ.
86. پاسسىپ، ئۈمۈدسىز ئادەملەر پۇرسەتنى كۈتمەيدۇ.
87. مۇئەللىم ئىنساننىڭ ئەڭ ئالىيجاناب ھېسسىياتى بولغان مېھىر-مۇھەببەت ئارقىلىق باھارنى، غايىنى، كۈچ-قۇۋۋەتنى تېرىيدۇ.
88. سۆرۈن چىراي، ئاچچىق سۆز كىشىنى سوۋۇتىدۇ.
89. ئەگەر سەن ئادەم بولساڭ، خەلقنىڭ غېمىنى يېمىگەن كىشىلەرنى ئادەم دەپ ھېسابلىما.
2 j2 u7 R; \$ Z1 \. I- X2 }
90. تاغدىن يىقىلساڭ يىقىل، ئەل نەزىرىدىن يىقىلما.
8 C! |1 s7 v% C0 V% V
91. پادىشاھ بولغۇچى سەلتەنەت دەرىخىنى سىياسەت سۈيى بىلەن سۇغىرىپ تۇرمىسا، ھېچقانداق مېۋىگە ئىگە بولالمايدۇ.
92. خەلق قويغا ئوخشايدۇ، بەگ ئۇنىڭ قويچىسى، قوي باققۇچى قويغا مېھرىبان بولۇشى كېرەك.
93. ئەر كىشىنىڭ زىننىتى بىلىم بىلەن، خۇتۇن كىشىنىڭ زىننىتى كىيىم بىلەن.
94. كىمىكى دېھقان بولىدىكەن، باشقىلارغا نان بېرىش ئۇنىڭ ئىشىدۇر.
95. ئىنسان بىلىمى بىلەن يۈكسىلىدۇ.
96. دائىم كىشىلەرنىڭ ماختىشىنى خالىساڭ، ياخشى قىلىقلارنى قىل.
97. ياخشىلىق بىلەن نام قالدۇرۇشنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مۇكاپاتتۇر.
98. ئادەم گويا تۈندەك قاراڭغۇ ئۆي بولسا، ئىدىراك ئۇنى يورۇتقۇچى مەشئەلدۇر، قارا ئوغلۇم، ئىدىراك قارىغۇغا كۆز، ئۆلۈك تەنگە جان، كېكەچكە تىلدۇر.
99. بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭنى بولسىمۇ ئايىما.
100. مېھىر-مۇھەببەت قىيىنچىلىق مەزگىلىدە بېرىلگەن ياردەم، ئازاب-ئوقۇبەتلىك چاغدىكى تەسەلللىي.
* ]6 A; C5 F, L8 o