* ?, {8 P4 }( \
0 w7 U4 j$ P0 d$ ?0 L; `9 ^+ Y/ Hشىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
كۆپلەرنىڭ نەزىرىدە پەقەت پۇلى بولسىلا باي ھېسابلىنىدۇ. راستتىنلا پۇلى بولسىلا باي ھېسابلىنامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە پۇلدارلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانى باي ئەمەس، پەقەت ماددىي، مەنىۋى جەھەتتىن بېيىش شەرتىنى ھازىرلىغانلار ھەقىقىي باي ھېسابلىنىدۇ، ئەمما كۆپلىگەن بايلىرىمىز بۇ شەرتلەرنى ھازىرلىيالمىدى. نۆۋەتتە كۆپلىگەن كىشىلەر پۇل تېپىشقىلا ئەھمىيەت بېرىپ، بىلىم ۋە مەدەنىيەتتىن جەھەتتىن تاكامۇللىشىشقا، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، بىزدە پۇلدار كۆپ باي ئاز.
قەشقەردە تۇرسۇنجان دەيدىغان بىرەيلەن بولۇپ، ئۇ ماروژنا ساتاتتى، گەرچە ئۇنىڭ تاپقان پۇلى كۆپ بولمىسىمۇ، قىلغان خەير-ساخاۋەتلىرىنى پۇلدارلاردىن بىرەرسىمۇ قىلىپ باقمىدى. نەزىرىمدە ئۇ ھەقىقىي باي ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ مەنىۋىيىتى باي، ئۇ بىكار بولسىلا كىتاب ئوقۇيتتى، چەتئەل تىلى ئۆگىنەتتى، بىلىمدارلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇراتتى، خۇددى بېل گايتىس پۇللىرىنىڭ كۆپلىرىنى دۇنيانىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىئانە قىلىۋەتكەندەك، تۇرسۇنجان ماروژنى سېتىپ تاپقان پۇللىرىنىڭ كۆپلىرىنى خەير-ساخاۋەت ۋە مەدەنىيەت،تەنتەربىيە ۋە مائارىپ ئىشلىرىغا ئىئانە قىلىپ خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. ئەمما تۇرسۇنجانغا ئوخشاش ھەقىقىي بايدىن يەنە قانچىسى بار؟ ئۇنىڭ مەنىۋىيىتى ھەرقانداق پۇلدارلاردىن باي! ھەقىقىي باي بولۇش ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك؟
" w3 h( \* u, m: s
3 _9 y p: R/ l3 `* t$ d1 J1. روھىي جەھەتتىن ساغلام، مەنىۋىيىتى باي بولغان بولۇشى لازىم. ئىنسان ئۈچۈن روھىي ساغلاملىق مۇھىم بولۇپ، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە كىشىلەرنىڭ مىجەز خاراكتېرىنى بەلگىلەيدۇ، بىر ئادەمنىڭ مىجەز خاراكتېرى ئىش ھەرىكىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ياكى ئوڭۇشسىز بولۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، نورمال خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، پۇل تاپالايدىغانلارنىڭ روھىي جەھەتتىن ساغلام بولۇشى ناتايىن. ئادەتتە تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى ئوڭۇشسىزلىقلار روھىي جەھەتتىن ساغلام بولماستىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا پۇلدارلار روھىي جەھەتتىن ساغلام بولۇش بىلەن مەنىۋىيىتىنى بېيىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
2. خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش لازىم. خەير-ساخاۋەت يۈكسەك دەرىجىدىكى مېھىر- مۇھەببەت بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنى يېقىنلاشتۇرۇپ، بىر بىرىگە بولغان رىشتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. كۆپلىگەن كىشلەر خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا قىزىقمايدۇ، ئاۋام خەير-ساخاۋەت قىلغۇچىلارنى ئىززەتلەيدۇ، بېخىل ۋە رەھىمسىز كىشلەردىن يىرگىنىدۇ.
3. ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يۇقىرىدا قەيت قىلغىنىمىزدەك، ئىنسان ئۈچۈن ماددىي بايلىقتىن مەنىۋى بايلىق مۇھىم، شۇڭا پۇلدارلار مەنىۋى بايلىق توپلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
4. كىبىر، تەمەننادىن يىراق تۇرۇش لازىم. قىسمەن كىشىلەر ئاز تولا پۇل تاپسىلا خۇددى «مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ دېگەندەك» ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ،ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمايدۇ، بۇ ئىنتايىن ناچار قىلمىش. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، باي بىلەن پۇلدارلارنىڭ روشەن پەرقى بولۇپ، ھەقىقىي بايلار ئىنسانلارغا ۋە جەمئىيەتكە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، ئەمما پۇلدىن باشقىنى تونۇمايدىغان پۇلدارلارنىڭ خەلققە ھېچقانداق پايدىسى يوق.
- f2 a) Z# X( n% d