مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5256|ئىنكاس: 18
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بىلىمخۇمار: ھاياتنىڭ مەقسىتى ۋە قىممىتى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 615
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 40011
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2336 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-11-3
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-25 03:04:29 AM |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش

ھاياتنىڭ مەقسىتى ۋە قىممىتى ھەققىدە

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى




ھەممە قېرىنداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!

يېقىنقى بىر-ئىككى يىلنىڭ مابەينىدە ماڭا خېلى كۆپ ساندىكى ئۇكىلار خەت ياكى ئۇچۇر يېزىپ، ماڭا ھازىر ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىدا زور دەرىجىدە چېكىنىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. ھەمدە مەندىن مۇمكىن بولسا بىرەر يازما تەييارلاپ، ئاشۇنداق ياش-ئۆسمۈرلەرنى ياخشى ئوقۇشقا ئۈندەپ قويۇشۇمنى ئىلتىماس قىلدى. مەن بۇ ھەقتە تاكى بۈگۈنگىچە قەلەم تەۋرىتەلمىدىم. ئۇنىڭ سەۋەبى، بىرىنچىدىن مەن ھازىرغىچە ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى يازمىلىرىدا ئۆگىنىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقى ھەققىدە ئۆزۈم ئويلاپ تاپالىغان ۋە ئىزدىنىپ ئېرىشەلىگەن ياخشى گەپلەرنىڭ خېلى كۆپلىرىنى قىلىپ بولدۇم. ئىككىنچىدىن، ئۆزۈمنىڭ بىلىم ۋە ئوقۇتقۇچى قەدىرلەنمەيدىغان، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلار قاتتىق كۈرەشكە تارتىلغان بىر دەۋردە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا بىلىمنى ۋە ئوقۇشنى قەدىرلىگەنلىكىمنى، يالغۇز ئۆزۈملا شۇنداق قىلىپ قالماي، سىنىپىمدىكى باشقا ساۋاقداشلارنىمۇ ياخشى ئوقۇشقا چاقىرغانلىقىم ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلغانلىقىمنى، ئاشۇنداق قىلغىنىم ئۆزۈمنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا، شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ ھازىرقىدەك بىر ئىلىم-پەن، تېخنولوگىيە ۋە ئىنژېنېرلىقتا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان ئورۇندا ئىشلىيەلىشىمدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بۇرۇنقى يازمىلىرىمدا كۆپ قېتىم بايان قىلدىم. مېنىڭ يازمىلىرىمنى ئوقۇپ، ئىدىيىسىدە بۇرۇلۇش ياساپ، يېڭىچە تىرىشىشقا ئاتلىنىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن ئۇكىلاردىنمۇ خېلى كۆپلىرى بار بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرى نىشان قىلغان چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشتەك بىرەر چوڭ غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن، ماڭا مەخسۇس خەت يېزىپ، ماڭا رەھمىتىنى ئېيتتى. ئۇنداق ئەھۋال ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ رەھمىتى ماڭا ئەمەس، بەلكى ياراتقۇچىمىزغا تەۋە. سەۋەبى، ئەگەر ياراتقۇچىمىز مەلۇم بىر ئۆزگىرىشكە يېشىل چىراغ يېقىپ بەرمەيدىكەن، يەنى مەلۇم بىر ئۆزگىرىشنى نېسىپ قىلمايدىكەن، يەنە بىر ئىنساندا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش ھېچ قانداق بىر ئىنساننىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. كىمدە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقى ۋە كىمدە بولمايدىغانلىقىنىمۇ ياراتقۇچىمىز ئۆزى بەلگىلەيدۇ. شۇڭلاشقا ئوخشاش نەرسىنى ئوقۇغان ئىنسانلاردا پەيدا بولىدىغان ئۆزگىرىشنىڭ دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەردە بولسا زادىلا ئۆزگىرىش بولمايدۇ.

ئەمدى يۇقىرىدىكى ماڭا كەلگەن ئىلتىماسقا قايتىپ كەلسەك، گەرچە مەن ھازىرغىچە بىرەر ئايرىم تېما تەييارلاپ، ھېلىقى ئۇكىلارنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلىمىغان بولساممۇ، ئۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىشنى توختاتمىدىم. يەنى، «قانداق قىلغاندا تېخىمۇ كۆپ ئۇكىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىدا بىر ئاز يۈكسىلىش پەيدا قىلغىلى بولار؟» دېگەن سوئال ئۈستىدە ئىزچىل تۈردە ئويلىنىپ كەلدىم. مېنىڭ نەزىرىمدە ھازىر باشقىلارغا ئۆگىنىش قىزغىنلىقى سۇس بولۇپ كۆرۈنۈۋاتقان ئاشۇ ئۇكىلارنىڭ كەم دېگەندە 95 پىرسەنتى ئەسلىدە ئۇنداق ئەمەس بولۇپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى ھازىر ياشاۋاتقان مۇھىت ۋە ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان كېلەچەك ئۇلاردا ھازىرقىدەك بىر ياشاش ئۇسۇلىنى پەيدا قىلغان. يەنى، ئەگەر ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى خىزمەت تېپىش پۇرسىتى ۋە تاپىدىغان خىزمەتنىڭ ياخشىلىق دەرىجىسى ھەر بىر ئادەمنىڭ مەكتەپتىكى تىرىشچانلىقى ۋە ئوقۇش نەتىجىسى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولغان بولسا، ياكى ھېچ بولمىغاندا شۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بولسا، ئاشۇ ئۇكىلار ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويمايتتى. ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يوقىتىپ قويمايتتى. گەرچە مەن بۇ يەردە ئوچۇق يازالمىساممۇ، ئاشۇ ئۇكىلىرىمىز ھازىر تارتىۋاتقان روھىي ئازابنى ئۆزۈممۇ بۇرۇن تارتىپ باققان. شۇڭلاشقا مېنىڭ ئۇلارغا چوڭقۇر ھېسداشلىقىم بار.

قاتتىق تىرىشىپ ئوقۇش ئارقىلىق ياخشى كۈنگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ئانچە ئىشەنچ قىلالماي، گاڭگىراش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئاشۇ ئۇكىلار ھازىر ئاتا-ئانىسىغا يۈز كېلەلمەسلىك، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلىرىگە يۈز كېلەلمەسلىك، ئانا مەكتەپلىرى ۋە بۇرۇنقى ئوقۇتقۇچىلىرىغا يۈز كېلەلمەسلىك، ۋە جەمئىيەتكە، ئۆز يۇرتىغا ۋە ئۆز خەلقىگە يۈز كېلەلمەسلىك تۇيغۇسىنىڭ روھىي ئازابىنى يەتكۈچە تارتىۋاتقانلىقىدا گەپ يوق. مەن ئۇلارنىڭ ئاشۇ ئازابلىرىنىمۇ ئوبدان چۈشىنىمەن. ئۇ ئۇكىلار ھەقىقەتەنمۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئادەملەر ۋە جەمئىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ، ھازىر ئۇلار ئۆز بۇرچلىرىنى ئادا قىلىشقا ئامالسىز قېلىۋاتىدۇ. ئەمما، ھەر بىر ئىنسان جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغان ساھەلەر يالغۇز يۇقىرىقىلارلا ئەمەس. ئەگەر سىز ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ مەقسىتى ۋە قىممىتىنى تولۇق ۋە توغرا چۈشەنسىڭىز، ئەگەر سىز ئەڭ ئاخىرىدا كىمنىڭ ئالدىدا جاۋابكار ئىكەنلىكىڭىزنى، نېمە ئۈچۈن جاۋابكار ئىكەنلىكىڭىزنى، ھەمدە قانداق جاۋابكار ئىكەنلىكىڭىزنى تولۇق چۈشەنسىڭىز، سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ھايات يولىدىكى تاللىشىڭىزنى باشقا بىرسىگە ئۆزگەرتىسىز. مەن ئۆزۈمنىڭ «NASA دىكىلەرنىڭ بىر ئۇيغۇرغا بەرگەن باھالىرى» دېگەن يازمامدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكىنىمدەك، سىزدە ئاشۇنداق قىلىش، يەنى قانداق ياشاشنى ئۆزىڭىز تاللاش ھوقۇقى ۋە ئىقتىدارى بار. مەن ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى بىر يازمىسىدا يەنە بىر مۇھىم ئىشنى سۆزلەپ ئۆتتۈم. ئۇ بولسىمۇ، ئىنسانلار بىر-بىرىنى ئىنتىلىشىغا ۋە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا قاراپ ئەمەس، پەقەت قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ئاساسەن باھالايدۇ. پەقەت ياراتقۇچىمىزلا ھەر بىر ئىنساننى ئۇنىڭ ئىنتىلىشى، كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى، ۋە ئۆزىگە سوۋغا قىلىنغان يوشۇرۇن قابىلىيەتلەرنىڭ ئىشقا سېلىنىش ئەھۋالىغا قاراپ باھالايدۇ. ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان بىر ئەھۋال شۇكى، ياراتقۇچىمىزنىڭ ئىنسانلاردىن نېمىنى كۈتىدىغانلىقى ۋە ھەر بىر ئادەمنى قانداق باھالايدىغانلىقى ھەققىدە مۇقەددەس كىتابنىڭ كۆپ يەرلىرىدە ناھايىتى ئېنىق بايانلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئۇ كىتاب باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغاندا ھېلىقىدەك ئىنتايىن مۇھىم سۆزلەر توغرا ياكى تولۇق تەرجىمە قىلىنمىغان. مەن بۇ ئەھۋالنى ئامېرىكىدىكى بىر قانچە داڭلىق ياش دىنىي زىيالىيلارنىڭ لېكسىيەلىرىدىن بىلدىم.

مەن مەزكۇر يازمىنى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن تەييارلىدىم. گەرچە مەن ئۇنى ماڭا ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولمايۋاتقان ئۇكىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن بىر يازما تەييارلاش ئىلتىماسىنى سۇنغان ئۇكىلارنىڭ تەلىپىگە جاۋابەن يازغان بولساممۇ، تۆۋەندىكى مەزمۇندىن بارلىق ياش-ئۆسمۈرلەر پايدا ئالالايدۇ، دەپ ئويلايمەن.

مەن ئۆزۈمنىڭ ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا تورلارغا چىقارغان «نام-ئاتاق، كىشىلىك تۇرمۇش ۋە مەجبۇرىيەت» دېگەن ماقالىسىدە «ئويغان» ئىسىملىك بىر داڭلىق دىنىي زاتنى، ۋە ئۇنىڭ بىر لېكسىيەسىنىڭ مەزمۇنىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغان ئىدىم. بۇ يىل 21-ئاۋغۇست كۈنى يۇتيۇب (YouTube) قا ئۇنىڭ يەنە بىر يېڭى لېكسىيەسى چىققان بولۇپ، مەن ئۇنى كەم دېگەندە 10 قېتىم ئاڭلاپ چىقتىم، ھەمدە ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆردۈم. بۇ لېكسىيە تېخى توي قىلمىغان، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ياشلارنى ئاساسىي نىشان قىلغان ئاساستا كانادادا ئۆتكۈزۈلگەن، نەچچە مىڭ كىشى قاتناشقان بىر دىنىي قۇرۇلتايدا دوكلات شەكلىدە سۆزلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 40 مىنۇتتىن سەل ئاشىدىكەن. مەن مەزكۇر يازمىدا ئاشۇ لېكسىيەنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى بايان قىلىمەن. مەن تورداشلاردىن بۇ مەزمۇننى خۇددى ئۆزۈم ياخشى كۆرگەندەك دەرىجىدە ياقتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تۆۋەندىكىسى «ئويغان» نىڭ لېكسىيەسىنىڭ مەزمۇنى بولۇپ، ئەگەر ئۇنىڭغا مەن ئۆز كۆز-قارىشىمنى قوشۇپ قويماقچى بولسام، ئۇنى بىر «ئىلاۋە» شەكلىدە قىستۇرۇپ قويىمەن.

ھەممە ئادەم خۇشال بولۇشنى، ياكى بەختلىك بولۇش (be happy) نى ئىستەيدۇ. ئەمما مۇقەددەس كىتابتا «خۇشاللىق» ھەققىدە ھېچ قانداق مەزمۇن يوق بولۇپ، مەن ئاشۇنىڭغا ماس كېلىدىغان مەزمۇننى ئىزدەۋاتقىلى ھازىر 15 يىل بولدى. مەن «خۇشاللىق ياكى بەخت ھازىرقى زامان ئىنسانلىرى ئۈچۈن ئەڭ ئاساسىي ئىستەكلەرنىڭ بىرى تۇرسا، ياراتقۇچىمىز بۇ نەرسىنى نېمە ئۈچۈن تىلغا ئالمايدۇ؟» دەپ ئەجەبلىنىپ كەلدىم. مۇقەددەس كىتاب «خۇشاللىق» ھەققىدە زادىلا سۆزلىمەي، پەقەت «رازىمەنلىك، قانائەتچانلىق» (contentment) ھەققىدە سۆزلەيدۇ. دېمەك دىنىمىزدىكى ئەڭ يۇقىرى نىشان رازىمەنلىك، ياكى تىنچلىق بولۇپ، خۇشاللىق ياكى بەخت ئەمەس. يۇقىرىقى ئىككى نەرسە بىر-بىرىگە زادىلا ئوخشىمايدۇ.

ئىلاۋە: مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، ئۇيغۇرچىدە كىچىك خۇشاللىقنى «خۇشاللىق» دەپ، چوڭ ياكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان خۇشاللىقنى «بەخت» دەپ ئاتايمىز. ئەمما، ئويغان ئۆز لېكسىيەسىدە ئىشلەتكەن ئىنگلىزچە «happy, happiness» دېگەن سۆزنىڭ «خۇشاللىق» ۋە «بەخت» دېگەن ھەر ئىككى خىل مەنىسى بار بولۇپ، بۇ يەردە ئويغان ئاساسەن قىسقا مۇددەتلىك بەخت ياكى خۇشاللىقنى كۆزدە تۇتقان.

پىسخولوگىيە ئىلمى مۇقەددەس كىتابتىكى بىر باياننى چۈشىنىشكە زور دەرىجىدە ياردەم قىلىدىغان بولۇپ، مەن بۈگۈن ئاساسەن ئاشۇ مەزمۇن ھەققىدە سۆزلەيمەن.

مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئىنسانلار ئۆزلىرى ئىنتىلىپ قاتتىق تىرىشقان نەرسىلەردىن باشقا ئۆزلىرىگە پايدىلىق نەرسىلەرگە ئېرىشەلمەيدۇ.» (بۇ سۆز مۇقەددەس كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە «ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ (53:39)» دەپ ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ «ئويغان» نىڭ ئەرەبچىدىن بىۋاسىتە ئالغان مەنىسىگە زادىلا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بۇ ھەقتە مەن تۆۋەندە يەنە ئازراق چۈشەنچە بېرىمەن--ئاپتوردىن.)


1. خۇشاللىق (Happiness)

كىشىلەر ئۆز ھاياتىدا ئىنتىلىدىغان ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك نەرسە خۇشاللىقتىن ئىبارەت. مەسىلەن،
--سىز شەنبە كۈنى تاڭ سەھەردە تۇرۇپ، تاپشۇرۇق ئىشلەشنى ياخشى كۆرمەيسىز. شۇنىڭ بىلەن چۈشكىچە ئۇخلاپ، ئاندىن ئۇنىڭغا خۇشال بولىسىز. بۇ خۇشاللىققا ئېرىشىش ئۇنچىۋالا ئەجىر تەلەپ قىلمايدۇ.
--بەزى بالىلار ئاخشىمى كېچىچە كومپيۇتېر ئويۇنى ئويناپ، بىر قانچە قېتىم ئۇتۇپ، ئۇنىڭدىن خۇشال بولىدۇ.
--بەزىلەرگە باشلىقىدىن تېلېفون كېلىپ، «بۈگۈن قار بەك كۆپ يېغىپ كەتتى، شۇڭا ئىشقا كەلمىسەڭمۇ بولىدۇ» دېسە، ئۇلار خۇشال بولىدۇ.

دېمەك، خۇشاللىققا ئېرىشىش ناھايىتى ئاسان. كىچىك ئىشلاردا خۇشاللىققا ئېرىشىش ناھايىتى ئاسان. كىشىلىك مۇناسىۋەتتە خۇشاللىققا ئېرىشىش ئاسان ئەمەس. ئاتا-ئانىڭىزنى خوش قىلىش، ياكى ئاتا-ئانىڭىزدىن رازى بولۇپ خوش بولۇش ناھايىتى تەس. ئايالىڭىزنى خوش قىلىشنىڭ تەسلىكىنى تىلغا ئالمايلا قويايلى. ئۆزىڭىزنى خوش قىلىش ناھايىتى ئاسان. مەسىلەن، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان كىنودىن بىرنى كۆرسىڭىز خوش بولىسىز. دوستلىرىڭىز بىلەن كۆرۈشسىڭىز، خوش بولىسىز. بىر رېستورانغا بېرىپ تاماق يېسىڭىز، خوش بولىسىز. بۇنداق خۇشاللىقلارغا ئېرىشىش ئانچە ئەجىر تەلەپ قىلمايدۇ.

ئەمما، بۇنداق خۇشاللىقلار تېز كېلىپ، تېز كېتىدۇ. بىر ئىشقا ھازىر خۇشال بولسىڭىز، بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن زېرىكىپ، ئۇنىڭغا خۇشال بولالمايدىغان بولۇپ قالىسىز. سىزنىڭ يەنە ئىچىڭىز پۇشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەنە يېڭى خۇشاللىق ئىزدەيسىز. بەزىلەر زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن ئۆزىنى خوش قىلىدۇ. ئەمما ئۇنداق خۇشاللىق ئۇ ئادەملەردە ساقلىنىپ تۇرۇۋەرمەي، بىر دەمدىن كېيىنلا يوقاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە زەھەرلىك چېكىملىك ئىستەيدۇ. دېمەك، خۇشاللىق بارلىق ئىنتىلىشلەر (pursuit) نىڭ ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىكىدۇر.

بەزىلەر «مېنىڭ پەقەتلا خۇشال يۈرگۈم بار»، دەيدۇ. ئەمما سىز داۋاملىق ئۇنداق قىلالمايسىز. ياراتقۇچىمىز ئىنسانلارغا ناھايىتى كۆپ خىلدىكى روھىي ھالەتلەرنى ئاتا قىلغان بولۇپ، خۇشاللىق پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. ساغلام ھاياتنىڭ مەزمۇنلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، خۇشاللىق پەقەت ئۇلارنىڭ بىرى. ئەگەر سىز داۋاملىق خۇشال يۈرمەكچى بولىدىكەنسىز، سىز نۇرغۇن ئۈمىدسىزلىنىشلەرگە دۇچ كېلىسىز. ئۇنداق ئىش ھەرگىزمۇ مۇمكىن بولمايدۇ. ھايات ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس. بۇ دېگەنلىك سىز چوقۇم چۈشكۈنلۈككە ئۇچرايسىز، دېگەنلىك ئەمەس. تۇرمۇشنىڭ مەنىسى «ئېلىشىش» تىن ئىبارەت. سىز ئىمتىھان بەرگەندە خۇشال بولمايسىز. بەدەن چېنىقتۇرۇپ، ناھايىتى چارچاپ كەتكەندە خۇشال بولالمايسىز، ئەمما ئۇنىڭ نەتىجىسىگە خۇشال بولىسىز.


2. سىغىش ياكى سىڭىپ كېتىش (Cool)

ئىنتىلىشنىڭ ئىككىنچى بالدىقى «سىغىش» ياكى «قوبۇل قىلىنىش» تىن ئىبارەت. ئىنتىلىشنىڭ يەنە بىر يۇقىرى بالدىقىغا ئېرىشىش ئالدىنقى بالدىقىغا قارىغاندا كۆپرەك ئەجىر تەلەپ قىلىدۇ. بۇ يەردىكى «سىغىش» دېگىنىمىز «ھېچ كىم سىزدىن قۇسۇر تاپالمايدۇ» دېگەنلىكتىن ئىبارەت. باشقىلار سىزگە تىكىلىپ قاراپ، «نېمىشقا ئانداق كىيىم كىيىسەن؟ نېمىشقا ئانداق گەپ قىلىسەن؟ نېمىشقا ئانداق گىرىم قىلىسەن؟ نېمىشقا ئانداق ماڭىسەن؟ نېمىشقا ئاشۇنداق كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىسەن؟» دەپ سورىمايدۇ، سىز باشقىلارنىڭ ئىچىگە پۈتۈنلەي سىڭىپ كېتىسىز، دېگەنلىكتىن ئىبارەت. بۇ خىل ئەھۋالدا ھېچ كىم سىزنى تەنقىد قىلمايدۇ. سىز باشقا ھەممە كىشىلەر بىلەن ئوخشاش بولۇپ، باشقىلارغا سىز ئاساسەن كۆرۈنمەس بولۇپ تۇيۇلىسىز. مۇشۇنداق بىر ھالەتكە ئېرىشىش ئەجىر تەلەپ قىلىدۇ. مەسىلەن، سىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، مەكتەپكە قانداق كىيىم كىيىپ بېرىشنىڭ ئۆزى بىر چوڭ مەسىلە ئىدى. سىز ئەتىگىنى كىيىدىغان كىيىمنى تاللىغاندا، «بۇ كىيىمنى كىيسەم، بىرەرى مېنى زاڭلىق قىلارمۇ؟» دەپ ئويلايتتىڭىز. سىز تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن تاللاشلىرىڭىزنى «بۇنى قىلسام باشقىلار مېنى نېمە دەپ ئويلاپ قالار؟» دېگەن نەرسە ئۈستىدە ئويلىنىپ تۇرۇپ بەلگىلەيسىز. مانا بۇ سىزنىڭ «سىغىش» قا ئىنتىلىشىڭىز بولۇپ، ئۇنىڭغا ئېرىشىش سىزدىن بەلگىلىك دەرىجىدە ئەجىر تەلەپ قىلىدۇ. بىر قىسىم ياش-ئۆسمۈرلەر پەقەت «سىغىش» ئۈچۈنلا ئۆزىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى، ياكى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ساقلاپ ياشىيالماي، باشقا بىر ئادەمنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ.


3. نام-ئاتاق (Popularity)

ئىنسانلار ئىنتىلىشىنىڭ يەنە بىر بالدىقى نام-ئاتاقتىن ئىبارەت. سىز ئارىلىشىۋاتقان ئادەملىرىڭىز ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى كىيىنگەن بىرى بولۇشنى ئىستەيسىز، باشقىلار ئەڭ دورايدىغان بىرى بولۇشنى ئىستەيسىز، ۋە تاماق ئۈستىلىدە باشقا ھەممە ئادەملەردىن ئۈنلۈكرەك گەپ قىلىدىغان بىرى بولۇشنى ئىستەيسىز. سىزنى باشقا بىرى زاڭلىق قىلىشتىن بۇرۇن، سىز ئۇلارنى زاڭلىق قىلىۋالىدىغان بىرى بولۇشنى ئويلايسىز. مەكتەپتە نام-ئاتىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ خېلى كۆپى باشقىلارنى زاڭلىق قىلىش بىلەن نام-ئاتاققا ئېرىشىدۇ. باشقىلار بۇنداق بالىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ئۇلارنىڭ قانىتى ئاستىغا كىرىۋېلىشقا تىرىشىدۇ. يۇقىرىدىكى گەپلەرنى ياش-ئۆسمۈرلەرگە قارىتىپ دېگەن بولساقمۇ، بۇنداق ئىشلار چوڭلار ئارىسىدىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت. چوڭلارمۇ ئۆزى توغرىسىدا ياخشى پاراڭلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى، ۋە ئۆزىنىڭ ھەر خىل پاراڭلارنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى بولۇشىنى ئىستەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بەزى ئالاھىدە تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۆزى توغرىسىدىكى پاراڭلار سەل پەسىيىپ قالسا، ئۇلار يېڭى ئىشتىن يەنە بىرەرنى قىلىپ، پاراڭنى يېڭىۋاشتىن ئۇلغايتىشقا تىرىشىدۇ.

نام-ئاتاق قوغلىشىش بىر خىل غەلىتە ئىش بولۇپ، بەزى كىشىلەر نام-ئابرۇي قوغلىشىپ، ئۆزىنىڭ يۈزىنى تۆكۈۋالىدۇ. يەنى، بەزى ئادەملەرنىڭ نام-ئاتىقىنىڭ تەسىرى سەل تۆۋەنلەپ قالسا، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بەزى غەلىتە ياكى نومۇسسىز ئىشلارنى قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ يۈزىنى تۆكۈۋالىدۇ.

نام-ئاتاققا ئېرىشىشمۇ بەلگىلىك ئەجىر تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن سىز مەخسۇس ۋاقىت، مەخسۇس پۇل ۋە باشقا مەخسۇس تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمىسىڭىز بولمايدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ ئوبرازىغا پەرۋىش قىلمىسىڭىز، ھەمدە بىر خىل ياخشى ئوبرازنى ساقلىمىسىڭىز بولمايدۇ. قىسقىسى، نام-ئاتاقمۇ كىشىلەرنىڭ ئىنتىلىشىنىڭ بىر بالدىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.


4. ئابرۇي (Prestige)

ئىنسانلار ئىنتىلىشىنىڭ يەنە بىر يۇقىرى بالدىقى «ئابرۇي» دىن ئىبارەت. باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ بالداق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن بەكرەك مۇھىم تۇيۇلىدۇ. «ئابرۇي» دېگىنىمىز ئۆزى بىلەن مەلۇم بىر ناھايىتى قىممەتلىك نەرسە ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، سىز خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشىنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان بولسىڭىز، سىز تېخى ھېچ قانداق بىر نەتىجە ياراتمىغان بولىسىز. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، سىز ئۆزىڭىزنى «مەن خارۋاردتا ئوقۇيمەن»، دەپ، باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىسىز. پۇرسەت بولسا سىز بەزى داڭلىق كىشىلەر بىلەن بىللە رەسىمگە چۈشۈۋېلىشنى ئىستەيسىز. سىزنىڭ ئۇنداق قىلىشىڭىزدىكى مەقسەت ئۇ كىشىنى ئەستە ياخشىراق قالدۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئاشۇ رەسىمنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۆزىڭىزنىڭ بىر ئالاھىدە ئادەم ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭغا ئاشۇنداق بىر مۇھىم ئادەم بىلەن بىللە رەسىمگە چۈشەلىگەنلىكىڭىزنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت. ئەگەر بۇنداق ئىشلار پەقەت ئۆزىڭىز توغرىسىدا بولغان بولسا، ئۇ بىر ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس ئىدى. ئەمما، سىزنىڭ ئۇنداق قىلىشىڭىزدىكى مەقسىتىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ بىر ئالاھىدە ئادەم ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش بولۇپ، ئۇ ئابرۇي قوغلىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بالىلارلا ئەمەس، بەزى ئاتا-ئانىلارمۇ باشقىلارغا «بالام خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتتى»، دېگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى قىلىش ئارقىلىق، ئابرۇي قوغلىشىدۇ. بۇنداق ئابرۇي بىر قىممەتلىك نەرسە بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدا بىر خىل باغلىنىش مۇناسىۋىتىنى قۇرۇش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىققان بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ بىر ئادەمنىڭ ياراتقان نەتىجىسى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن ئەمەس.

ئىلاۋە: مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ئاشۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ قېلىپ قالغان مەزگىلدە، بىر قاراردا مەكتەپتە قالغان بەزى ئوقۇتقۇچىلار ھەر قانداق يەرگە بارسا ئۆزىنىڭ ئاشۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» دېگەن ئىزنەكنى مەيدىسىگە تاقىۋالاتتى. مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىشلارغا ئائىت سىن ھۆججەتلىرىنى كۆرگەندە، ھەربىي كىيىمىنى كىيىپ ئولتۇرۇشلارغا بارغان، ۋە ساقچى كىيىملىرىنى كىيىپ ئولتۇرۇشقا بارغان ئۇيغۇرلارنى كۆپ ئۇچراتتىم. ئامېرىكىدا ئاكتىپ خىزمەت ئۆتەۋاتقان ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلاردا ئىدارىسىدىن تارقاتقان خىزمەت كىيىمىنى كىيىپ يۈرۈشنى چەكلەيدۇ.


5. پۇل (Money)

شۇنداق بىر خىل كىشىلەر باركى، ئۇلار خۇشاللىق، سىغىش، نام-ئاتاق ۋە ئابرۇيلارنىڭ ھېچ قايسىسىغا قىزىقماي، پەقەت پۇلغىلا قىزىقىدۇ. ھەمدە ئۇلار قانداق قىلىپ پۇل تېپىشنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى كىر كىيىملەرنى كىيىپ يۈرىدۇ، يىرتىق كىيىملەرنى كىيىپ يۈرىدۇ، بىر جەپپىر ماشىنىنى ھەيدەيدۇ، چاچلىرى قالايمىقان يۈرىدۇ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى نېمە دەپ ئويلاپ قېلىشىغا قىلىچىلىكمۇ پەرۋا قىلمايدۇ. ئۇلار ھەر يىلى نەچچە مىليون سوم پۇل تاپىدۇ. بۇ خىل كىشىلەر زادىلا دەم ئالمايدۇ. بۇ بالداققا چىقىش ئالدىنقى بالداققا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئەجىر تەلەپ قىلىدۇ. تېخىمۇ كۆپ جاپا چېكىشنى تەلەپ قىلىدۇ.


6. مۇنەۋۋەرلىك ياكى مەشھۇرلۇق (Excellence)

بۇنداق ئىنتىلىشى بار كىشىلەر شىركىتىدە بىر ئادەتتىكى خىزمەتچى بولۇشنى خالىماي، بارلىق خىزمەتچىلەردىن يۇقىرى تۇرىدىغان ئادەم، ياكى خىزمەتچىلەرنىڭ بېشى بولۇشنى ئىستەيدۇ. سىنىپتا ئوتتۇراھال ئوقۇغۇچى ئەمەس، 1-ئورۇندا تۇرىدىغان ئوقۇغۇچى بولۇشنى ئىستەيدۇ. ئىمتىھانلاردا يۇقىرى نومۇر ئېلىشنى ئىستىمەيدۇ، بەلكى تولۇق نومۇر ئېلىشنى ئىستەيدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئۆزلىرىگە زادىلا رازى بولماي، ئۆزلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق ئىشلەشكە، تېخىمۇ كۆپرەك ئىش قىلىشقا، ۋە تېخىمۇ يۇقىرىراق بالداققا چىقىشقا قىستايدۇ. بۇنداق كىشىلەر مەيلى ئوقۇشتا بولسۇن، چېنىقىشتا بولسۇن، تەنھەرىكەتتە بولسۇن، خىزمىتىدە بولسۇن، تەتقىقاتىدا بولسۇن، نېمىلا ئىش قىلسا قىلسۇن، ئەتراپىدىكى باشقا ھەممە ئادەملەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر ئورۇنغا چىقىۋېلىشنى ئىستەيدۇ. داۋاملىق بىرىنچى بولۇشقا ئىنتىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى ھالىتى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ باشقىلار بىلەن قىلچە كارى بولمايدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ ئەھۋالىغا قىلچە پەرۋا قىلمايدۇ. داۋاملىق «ئىشىمنى بۇنىڭدىن ياخشىراق قىلالايتتىم»، دەپ ئويلايدۇ. ئۆز-ئۆزىگە مەڭگۈ رازى بولمايدۇ. مەڭگۈ بېلىنى قويۇۋەتمەيدۇ، ۋە مەڭگۈ ئۆزىنى سەل قويۇۋېتىپ، راھەتلەنمەيدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ ماختىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغىمۇ پەرۋا قىلمايدۇ. ئۆزىنى «ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق قىلالايتتىم»، دەپ ئويلاپ، ئۆزىنى توختاۋسىز ھالدا تېخىمۇ قاتتىق ئىشلەشكە قىستايدۇ. خەلقئارالىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە سۇ ئۈزۈش تۈرى بويىچە 18 ئالتۇن مېدال ئېلىپ، دۇنيا رېكورتى ياراتقان ئامېرىكىلىق مايكۇل فېلپس (Michael Phelps) ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ بىر مىسالىدۇر. دۇنيادا بۇنداق ئادەملەرنىڭ سانى ناھايىتى ئاز. نۇرغۇن كىشىلەر، بولۇپمۇ كۆپلىگەن ياشلار كىچىككىنە نەتىجە يارىتىپ قويۇپلا قىلىۋاتقان ئىشىنى توختىتىپ قويۇپ، «خۇشاللىق» قوغلىشىپ كېتىپ قالىدۇ. ئەمما، مۇنەۋۋەرلىكنى قوغلىشىدىغان كىشىلەر ئىمتىھانىدا 99 نومۇر ئالسىمۇ ئۆز-ئۆزىدىن نارازى بولىدۇ.

q06_michael-phelps-10.jpg.thumb[1].jpg



1-رەسىم: خەلقئارالىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە سۇ ئۈزۈش تۈرى بويىچە 18 ئالتۇن مېدال ئېلىپ، دۇنيا رېكورتى ياراتقان ئامېرىكىلىق مايكۇل فېلپس (Michael Phelps).


7. چوڭ تەسىر كۆرسىتىش (Impact)

باشقىلارغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىشنى قوغلىشىدىغان كىشىلەر نام-ئاتاق، ئابرۇي، پۇل ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ ھېچ قايسىسىغا ئانچە قىزىقمايدۇ. ئۇلار پەقەتلا باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئويلايدۇ. ئۆز ئۆمرىدىن بىر ئابىدە قالدۇرۇشنى ئىستەيدۇ. ئۆلگەندە يەر شارى يۈزىدە بىر ئىز قالدۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا «مەن باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشتىم» دېيەلەيدىغان بولۇشنى كۆزلەيدۇ. ئۇنداق كىشىلەرنىڭ ھاياتىنىڭ تۈپ مەقسىتى باشقىلارغا ۋە ئەتراپىدىكى ھەر خىل ئىشلارغا زور ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشتىن ئىبارەت.

ئىلاۋە: مەن بۇ يىل 5-ئىيۇندا تورلارغا چىقارغان «NASA خادىملىرىغا ئۆتۈلگەن لىدېرلىق دەرسلىرى» دېگەن ماقالىدە «تەسىرچى» ياكى «تەسىرلەمچى» دېگەن بىر دەرسنى تونۇشتۇرغان ئىدىم. ئۇ دەرسكە ئىشلىتىلگەن ئىنگلىزچە سۆز «influence» بولۇپ، ئۇمۇ ئۇيغۇرچىدە «تەسىر كۆرسىتىش» دەپ ئېلىنىدۇ. ئەمما بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئىنگلىزچە «impact» دېگەن سۆز ناھايىتى كۈچلۈك ۋە ناھايىتى چوڭ دائىرىلىك تەسىرلەرگە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، مەن ئۇنى «چوڭ تەسىر كۆرسىتىش» دەپلا ئالدىم. بۇنىڭدىن ياخشىراق سۆز بولسا، ئۇنى ماڭا دەپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئالىي مەكتەپتە يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئېرىشىپ، خىزمەتكە ئورۇنلاشسا يىلىغا يۈزمىڭ دوللاردىن ئارتۇق مائاش ئالالايدىغان بەزى ياشلار ئۇنداق خىزمەتلەردىن ۋاز كېچىپ، مائارىپ سىستېمىسىنى ئىسلاھات قىلىشقا ئوخشاش خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىرىمسىز تەشكىلاتلارغا بېرىپ ئىشلەيدۇ. بەزىلەر دوختۇرلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپ، ناھايىتى يۇقىرى مائاش بېرىدىغان رەسمىي خىزمەت پۇرسەتلىرىدىن ۋاز كېچىپ، «چېگراسىز دوختۇرلار» دېگەنگە ئوخشاش پىدائىيلار تەشكىلاتلىرىغا ئەزا بولۇپ ئىشلەيدۇ. «چېگراسىز دوختۇرلار» دېگەنگە ئوخشاش تەشكىلاتتا ئىشلىگەنلەرگە ھېچ قانداق مائاش بېرىلمەيدۇ. ئۇلار پەقەت باشقىلار ئۈچۈن ھەقسىز ئىشلەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئازراقمۇ ئويلاپ قويمايدۇ. دۇنيادا بۇنداق ئادەملەرنىڭ سانى بەك كۆپ ئەمەس، ئەمما ئۇلار كۆرسىتىدىغان ئىجابىي تەسىر ناھايىتىمۇ چوڭ ۋە كۈچلۈك. ئاشۇنداق كىشىلەرنىڭ بىر مىسالى ئافرىقىلىقلارنىڭ داھىيسى نېلسون ماندېلادۇر. ئۇ ئۆز ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ، ئادالەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۈرمىدە يېتىشقىمۇ رازى بولدى. بۇنداق ئادەملەر مەلۇم بىر داۋانىڭ خىزمەتچىسى بولىدۇ. ئۇلار «مۇنەۋۋەرلىك» دەرىجىسىدىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئادەملەر ئۈچۈن «مۇنەۋۋەرلىك» بىر نىشان بولماستىن، ئۇ بىر «قوشۇمچە مەھسۇلات» بولىدۇ.

بىر قىسىم كىشىلەر «چوڭ تەسىر كۆرسىتىش» نى ئىنسانلار قوغلىشىدىغان ئەڭ يۇقىرى بالداق، دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇنداق ئەمەس. ئۇنىڭدىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر بالداق بار.


8. ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەقىقەت (Ultimate Truth)

بەزى ئادەملەر ئادالەتكە ئىنتىلىدۇ. بەزى ئادەملەر بىر ئىدېئالغا ئىنتىلىدۇ. بەزى ئادەملەر بولسا ھەقىقەتكە ئىنتىلىدۇ. بەزى ئادەملەر ئادالەتكە ئىشىنىدۇ. ئەمما سىز دۇنيادا تولۇق ھەقىقەتنى كۆرەلمەيسىز. سىزگە تولۇق كۆرۈنمەيدىغان بىر نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىش بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن ئىشلارنىڭ بىرى. ئەگەر سىز زور تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ، كىچىككىنە تەسىر پەيدا قىلالىسىڭىزمۇ، ناھايىتى ئىلھاملىنىپ كېتىسىز. شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ قاتتىق تىرىشىسىز. بىر خىل ئىدىيە ياكى ئادالەت داۋاسى يولىدا تىرىشسىڭىز، سىز ئىستىگەن ئاشۇ ئادالەتنى مەڭگۈ كۆرەلمەيسىز. ئەمما بىر قىسىم ئادەملەر ئاشۇ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان نەرسە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ قاتتىق تىرىشىدۇ. ئۇ كىشىلەر بىر نەرسىگە ئىشەنگەندىن كېيىن، باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنى نېمە دەپ ئويلىشىغا ئازراقمۇ پەرۋا قىلماي، ئۆز غايىسى ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئەنە شۇنداق كىشىلەر ئادالەت ئۈچۈن، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەقىقەت ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان كىشىلەردۇر. بۇ بالداقنىڭ ئەڭ يۇقىرىسىدا تۇرىدىغان كىشىلەر ياراتقۇچىمىز ئىنسانلارغا ئەۋەتكەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاملاردۇر (ئەسلىدىكى لېكسىيەنىڭ مۇشۇ يەردىكى دىنىمىزغا ئائىت بىر قىسىم مەزمۇنى قىسقارتىلدى).


9. ئويغان لېكسىيەسىنىڭ خۇلاسە قىسمى

مۇنەۋۋەرلىككە ئىنتىلىدىغان كىشىلەر ئۆز-ئۆزىگە مەڭگۈ رازى بولمايدۇ. ياراتقۇچىمىز ھەر قانداق بىر ئادەمگە ئاشۇ ئادەمنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيىتى دائىرىسىنىڭ سىرتىدىكى ئىشلارنى يۈكلىگەن ئەمەس (بۇ ئويغاننىڭ ئەرەبچە ئايەتنى چۈشەندۈرۈشى بولۇپ، بۇ ئايەت قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە «ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ، (2:286)» دەپ ئېلىنىپتۇ. بۇ 2 مەزمۇندا ناھايىتى چوڭ پەرق بار بولۇپ، ئويغان بۇ ئايەتنىڭ باشقا تىللاردىكى تەرجىمىسىدە ئېغىر مەسىلە بارلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى). شۇڭلاشقا سىزدە ئىشلارنى ھازىرقىدىن ياخشىراق قىلالايدىغان قابىلىيەتلەر بار. ئىشلارنى ھازىرقىدىن كۆپرەك قىلالايدىغان قابىلىيەتلەر بار. ياراتقۇچىمىز سىزدىن پەقەت ئۆزىڭىزدىكى يوشۇرۇن قابىلىيەتلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىگە چۇشلۇق ئىشلارنىلا قىلىشنى كۈتمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىگە چۇشلۇق ئىشلارنى قىلىشنى كۈتىدۇ. ئۇ سىزنى قانداق خۇرۇچلار بىلەن ياراتقان بولسا، سىزدىن ئاشۇ خۇرۇچلارنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئىشقا سېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

بىز خۇشاللىق قوغلاشمايمىز، چۈنكى ياراتقۇچىمىز خۇشاللىقنى بىر قوشۇمچە پايدا سۈپىتىدە بىزگە بېرىپ بولغان.

بىز «سىڭىپ كېتىش» كە ئىنتىلمەيمىز، چۈنكى ئۇ بىر خىل ئاقساقلىقنىڭ ئىپادىسى. سىڭىپ كېتىش يولىنى تاللىغانلارنىڭ ھەممىسى مەغلۇبىيەتچىلەر بولۇپ، بىز شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولۇپ قېلىشنى خالىمايمىز.

بىز نام-ئاتاققىمۇ ئىنتىلمەيمىز. نام-ئاتاققا ئىنتىلگۈچىلەر ھاياتىنىڭ مەقسىتى يوق كالۋالاردىن باشقا نەرسە ئەمەس بولۇپ، ئەگەر بىزمۇ نام-ئاتاق قوغلىشىدىكەنمىز، ئاشۇ كالۋالارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كالۋا بولۇپ قالىمىز.

بىز ئابرۇيغىمۇ ئىنتىلمەيمىز، چۈنكى ئابرۇي ياراتقۇچىمىزدىن كېلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئابرۇينى خاتا نەرسىلەرگە باغلىۋالىدۇ.

بىز (يەنى ئىمان ئىگىلىرى) ئادەتتىكى سەۋىيەدىكى ھايات بىلەن ئۆز-ئۆزىمىزگە قانائەت ھاسىل قىلالمايمىز. بىز چوقۇم ئۇنىڭدىن ياخشىراق ھايات يولىنى تاللىشىمىز، ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ تىرىشىشىمىز كېرەك. سىز قايسى ئىش بىلەن شۇغۇللانسىڭىز شۇغۇللىنىڭ، ئۇنى ياخشىراق قىلىڭ. ئەگەر سىز ئوقۇۋاتقان بولسىڭىز، چوقۇم ھازىرقىدىن ياخشىراق ئوقۇيالايسىز. ئەگەر ئىشلەۋاتقان بولسىڭىز، خىزمىتىڭىزنى ھازىرقىدىن ياخشىراق قىلالايسىز. ئەگەر سىز پىدائىيلىق قىلىۋاتقان بولسىڭىز، ئۇ ئىشنىمۇ ياخشىراق قىلالايسىز. ئۆزىڭىزنى بۇرۇنقىدىن ياخشىراق بولۇشقا قىستاڭ. ھازىرقىدەك ياش ۋاقتىڭىزدا تېخىمۇ شۇنداق قىلىڭ. سىزنىڭ ھازىر ئوقۇشتىكى تاپشۇرۇقلىرىڭىز بار، ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ ناھايىتى ئېغىر مەسئۇلىيەت ئەمەس. سىز توي قىلغاندىن كېيىن، ۋە بالىڭىز بار بولغاندىن كېيىن، ئاندىن سىزگە ھەقىقىي مەنىدىكى ئېغىر مەسئۇلىيەت يۈكلىنىدۇ. ھازىر سىز ناھايىتىمۇ ئەركىن. ھازىر سىز ئۆز ئۆمرىڭىزنىڭ باشقا باسقۇچلىرىدا ھەرگىزمۇ ئېرىشەلمەيدىغان دەرىجىدىكى ئەركىنلىككە ئىگە بولۇپ، ھازىرقى ۋاقىت سىز پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن قاتتىق تىرىشىدىغان، ئۆزىڭىزدىكى يوشۇرۇن قابىلىيەتلەرنى ئۇلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىگىچە جارى قىلدۇرىدىغان ۋاقىت. ھازىر سىزنىڭ كومپيۇتېر ئويۇنى ئوينايدىغان ۋاقتىڭىز ئەمەس. كۈن بويى تېلېۋىزور كۆرىدىغان ۋاقتىڭىزمۇ ئەمەس. سىز قىلىشقا تېگىشلىك ئۇلاردىن باشقا نۇرغۇن چوڭ-چوڭ ئىشلار بار. خەلقىڭىز سىز كۆرسىتىدىغان زور تەسىرلەر (impact) نى ساقلاپ تۇرۇۋاتىدۇ. باشقىلار قانداق قىلسا قىلىۋەرسۇن. بەزىلەردە ھېچ قانداق ئىنتىلىش مەۋجۇت ئەمەس. ئەمما سىز ئۇلارغا ئوخشىمايسىز. سىز مۇنەۋۋەرلىككە ئىنتىلىشىڭىز كېرەك. ھەر بىر ياش ئۆز-ئۆزىدىن مۇنداق دەپ سوراپ بېقىشى كېرەك: «ياراتقۇچىمىز ماڭا نېمىلەرنى ئاتا قىلغان؟ ماڭا بېرىلگەن ئاشۇنداق يوشۇرۇن قابىلىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، مەن باشقىلارغا زور تەسىر كۆرسىتىش ساھەسىدە قانداق ئىشلارنى قىلالايمەن؟ مەن ئاشۇ قابىلىيەتلەرنى نېمىگە ئىشلىتىمەن؟» سىز ئاشۇنداق ئويلاش بىلەن بىللە، بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، ياراتقۇچىمىزغا ئۆزىڭىزنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىڭىز ھەققىدە جاۋاب قايتۇرۇشىڭىز كېرەك.

سىزدە ئەڭ ياخشى ئۇخلاش ئادىتى بار بولسۇن. سىزدە ئەڭ ياخشى يېيىش ئادىتى بار بولسۇن. سىزدە ئەڭ ياخشى چېنىقىش تۈزۈمى بار بولسۇن. ئوقۇشنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ياخشى ئېلىپ مېڭىڭ. ئۆز ھاياتىڭىزدا قىلغان ھەر بىر ئىشتا چوقۇم بىر مۇنەۋۋەرلىك ئورنىغا، ياكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا ئېرىشىڭ. ئەتراپىڭىزدىكى ياشلار سىزنى ئۈلگە قىلىدىغان بولسۇن. بىزنىڭ خەلقىمىز ئەنە شۇنداق مۇنەۋۋەر ياشلارغا موھتاج.

ھازىرغىچە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىگە ھاياتنىڭ مەقسىتى ۋە قىممىتىدىكى يۇقىرىدەك بالداقلارنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ قويمىدى. ئۇلارنىڭ بالا تەربىيىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندىمۇ «ئابرۇي» ۋە «پۇل» دېگەن بالداقلاردىن ھالقىپ ئۆتەلمىدى. ئۇلار ئەڭ كۆپ سورىغان سوئاللارمۇ «قاچانلىققا خىزمەت تېپىپ ئىشلەيسىز؟ قاچانلىققا پۇل تاپىسىز؟ قاچانلىققا ئۆي ئالىسىز؟» دېگەنلەردىن ئىبارەت بولدى. ئەمما ھاياتتىكى ئىشلار ئۇلاردىن جىق كۆپ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار يالغۇز ئابرۇي ۋە پۇلنىلا ئويلىسا، يالغۇز ئابرۇي ۋە پۇل ھەققىدىلا سۆزلىسە، بالىلارنى مۇنەۋۋەر كىشىلەردىن بولۇشقا، ۋە چوڭ تەسىر كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇشقا كىم يېتەكلەيدۇ؟

مۇقەددەس كىتابىمىزدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئىنسانلار ئۆزلىرى ئىنتىلىپ قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن نەرسىلەردىن باشقا پايدىلىق نەرسىلەرگە ئېرىشەلمەيدۇ.» بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە «ئىنتىلىش» ۋە «تىرىشچانلىق» تىن ئىبارەت. يەنى ياراتقۇچىمىز ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە «ئىنتىلىش» ۋە «تىرىشچانلىق» تىن ئىبارەت. نام-ئاتاق، ئابرۇي ۋە پۇل قاتارلىق نەرسىلەر ئۆزلۈكىدىن كېلىدىغان نەرسىلەر بولۇپ، ياراتقۇچىمىز ئەڭ قەدىرلەيدىغان نەرسە «ئىنتىلىش» ۋە «تىرىشچانلىق» تىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا ياشلار ئىنتىلگۈچىلەر ۋە تىرىشقۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك. ئويلاپ بېقىڭ: سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ مەنىسى نېمە؟ ئەگەر سىز ۋاقىتنى پەقەت كومپيۇتېر ئويۇنلىرىنى ئويناپلا ئۆتكۈزۈۋاتقان بولسىڭىز، ئەگەر سىز ۋاقتىڭىزنى پەقەت تېلېۋىزور كۆرۈپلا ئۆتكۈزۈۋاتقان بولسىڭىز، سىزدىكى ئىنتىلىش زادى نېمە؟ سىزنىڭ كومپيۇتېر ئويۇنلىرىدا ئۇتۇۋاتقانلىقىڭىزغا كىم پەرۋا قىلىدۇ؟ سىز قانداق كىنولارنى كۆرۈۋاتقانلىقىڭىزغا كىم پەرۋا قىلىدۇ؟ سىز ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئويلىشىڭىز كېرەك. سىز ئۇنىڭدىن ئېگىزرەك ئويلىشىڭىز كېرەك. سىز شۇنداق قىلىشقا باشلىغاندا، ياراتقۇچىمىز سىز تىلىگەن نەرسىنى بېرىدۇ. ئۇ سىزگە خۇشاللىق بېرىدۇ. سىزدە بىر خىل ھەقىقىي ئىنتىلىش بار بولغاندا، ئاندىن ھاياتىڭىز بىر خىل مەنىگە ئىگە بولىدۇ. ھاياتىڭىز بىر خىل مەنىگە ئىگە بولغاندا، سىزدىمۇ خۇشاللىق پەيدا بولىدۇ.

مۇقەددەس كىتابىمىزدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىق كەلگۈسىدە كۆرۈلىدۇ.» (ئۇيغۇرچە قۇرئاندا «ئۇنىڭ قىلغان ئىشى كەلگۈسىدە كۆرۈلىدۇ (53:40)» دەپ ئېلىنىپتۇ.)

ئىلاۋە: مەزكۇر ئايەتنىڭ ئىنگلىزچىسى ۋە ئويغاننىڭ لېكسىيەسىدە «تىرىشچانلىق» دېگەن سۆز بار بولۇپ، ئۇيغۇرچە قۇرئاندا ئەسلىدىكى «ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى» دېگەن سۆز «ئۇنىڭ قىلغان ئىشى» دەپ يېزىلىپتۇ. بۇ ئىككى سۆزنىڭ مەنىسىدە زور پەرق بار. ئالدىنقىسى تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىدۇ، كېيىنكىسى بولسا تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسىنى كۆرسىتىدۇ.

سىز بىرەر ئورۇنغا ئىش ئىزدەپ بارغاندا، قەغەزگە ئۆزىڭىزنىڭ مەكتەپ ئوقۇشىدىكى نەتىجىلىرىڭىز ۋە ھەر خىل پروجېكت (ھەر خىل تۈر) لەردە ئېرىشكەن نەتىجىلەرنى يېزىپ ئاپىرىسىز. ھەرگىزمۇ ئاشۇ نەتىجىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىڭىزنى يازمايسىز. بەزىدە سىز بىر ئىمتىھان ئۈچۈن نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرۈپ تەييارلىق قىلىسىز، ئەمما شۇنداق قىلىشىڭىزغا قارىماي سىز ئۇ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەيسىز. ياكى بولمىسا ئۆزىڭىز ئۈمىد قىلغان نومۇرغا ئېرىشەلمەيسىز. ئىنسانلار بىر-بىرىنى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ئاساسەن باھالايدۇ. ئۇلار ھەرگىزمۇ بىر ئادەم قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتكىنىگە، قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈرگىنىگە قارىمايدۇ. تىرىشچانلىق بىلەن ئەجىرگە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ. پەقەت نەتىجىسىگىلا قارايدۇ. سىز قانچىلىك تىرىشسىڭىز تىرىشىڭ، ئەگەر ئىمتىھانىدىن ئۆتمىسىڭىز، سىز ئوقۇش پۈتتۈرەلمەيسىز. ئەمما، قىيامەت كۈنى ياراتقۇچىمىز ھەر بىر ئادەمنى ئۇلارنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ ئەمەس، ئۇلار كۆرسەتكەن تىرىشچانلىققا قاراپ باھالايدۇ. يەنى، «ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى كەلگۈسىدە كۆرۈلىدۇ.» بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇنى قانچىلىك تەكىتلىسەكمۇ ئازلىق قىلىدۇ. يەنى، يەر يۈزىدىكى ھېچ قانداق بىر ئىنسان يەنە بىر ئىنساننىڭ تىرىشچانلىقىنى كۆرەلمەيدۇ. پەقەت ياراتقۇچىمىزلا ھەر بىر ئادەم كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقنى كۆرەلەيدۇ. بىز بولساق پەقەت ئاشۇنداق تىرىشچانلىق پەيدا قىلغان تەسىرنى كۆرەلەيمىز، پەقەت ئۇنىڭ نەتىجىسىنىلا كۆرەلەيمىز. بىز ئىنسانلار «نەتىجە ئادەملىرى» بولۇپ، ياراتقۇچىمىز بولسا «تىرىشچانلىق ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغۇچى» دۇر. پەقەت ياراتقۇچىمىزلا بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىزنى قەدىرلەيدۇ. شۇڭلاشقا تىرىشچانلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى ھەرگىزمۇ تۆۋەن چاغلىماڭ. سىز كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقنى باشقىلار ئانچە كۆزگە ئىلىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ياراتقۇچىمىز كۆزگە ئىلىدۇ، ياراتقۇچىمىز قەدىرلەيدۇ.

ئىلاۋە: مەن يېقىندا تورلارغا چىقارغان «بالىڭىزنىڭ غايىسىگە يول قويۇڭ» دېگەن ماقالىنىڭ «ئاخىرقى سۆز» قىسمىدا يۇقىرىدىكى مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان ئۆزۈم ھەققىدىكى بايانلار بار بولۇپ، تېخى ئوقۇپ باقمىغان قېرىنداشلارغا ئاشۇ بايانلارنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئويغاننىڭ لېكسىيەسىدىكى مەزمۇنلار مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.


ئاخىرقى سۆز

مەن 1983-يىلى 1-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشىنى تاماملىدىم. مەكتەپ بىزنىڭ خىزمەت تەقسىماتىمىزنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ رەھبەرلىرى ماڭا ئۆزۈمنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىققا تاللانغانلىقىمنى ئۇقتۇرۇپ، مېنى شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىغا بىر يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشقا ماڭدۇردى (شاڭخەيدىكى دەرس باشلىنىپ كېتىدىغان بولغاچقا، مەن تەقسىمات نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش ۋاقتىنى ساقلىمايلا شاڭخەيگە كېتىپ قالدىم). بۇ ئىشلاردىن بۇرۇن، ماڭا يەنە بىر ئىش يۈز بەردى. ئۇ بولسىمۇ، شۇ ۋاقىتتىكى مەكتەپ پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1-قول باشلىقى جاڭ ياڭ ئەپەندى مېنى ئۆز ئىشخانىسىغا چاقىرىپ، ماڭا مۇنداق دېدى: «بىز سىزنى ‹كادىرلىققا مەخسۇس تەربىيىلەش ئوبيېكتى› قىلىپ بېكىتكىنىمىزگە بىر قانچە يىل بولدى. ھازىر سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئىككى يول بار. ئۇنىڭ بىرى مەمۇرىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىش. ئۇنداق قىلسىڭىز سىز ماڭا ئوخشاش باشلىق بولىسىز. ئۆز ئالدىڭىزغا شوپۇرىڭىز، ئۆز ئالدىڭىزغا ئاشپىزىڭىز بار بولىدۇ. كۆپىنچە ۋاقىتلارنى ھەر خىل زىياپەتلەرگە قاتنىشىپ، ۋاقتىڭىزنى راھەت بىلەن ئۆتكۈزىسىز. بۇنداق خىزمەتنىڭ جاپاسىمۇ بار، ئەمما ئۇنىڭ جاپاسى ئۇنچىۋالا ئېغىر ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار ئىچىدە باشلىقلار كەم ئەمەس. سىزنىڭ ئالدىڭدىكى 2-يول ئۆز كەسپىڭىز بىلەن شۇغۇللىنىش. باشلىق بولۇش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ يول تولىمۇ جاپالىق، ھەمدە ئۇنىڭدا باشلىق بولۇش بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە باي بولغىلىمۇ بولمايدۇ. ئەمما شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرى ئىچىدىن ھازىرغىچە سىزدەك ئوقۇيالىغان ئادەم چىقىپ باقمىغان. ئەگەر بۇ يولنى ماڭسىڭىز، سىز ئۆز مىللىتىڭىز ئۈچۈن بىر بوشلۇقنى تولدۇرىسىز. شۇڭلاشقا بىر قانچە كۈن ئويلىنىپ، قايسى يولنى تاللايدىغانلىقىڭىز ھەققىدە بىزگە جاۋاب بېرىڭ.»

مەن بىر قانچە كۈن ئويلاندىم، ھەمدە مەكتەپ رەھبەرلىرىگە ئۆزۈمنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش يولىنى تاللىغانلىقىمنى ئېيتتىم. مەن ئۇ چاغدا ھاياتنىڭ مەقسىتى ۋە قىممىتى ھەققىدىكى يۇقىرىدىكى 8 بالداقنى بىلمەيتتىم. ماڭا ئۇلارنى ھېچ كىم ئۆگەتمىگەن. ئۇ چاغدا ئاشۇنداق مەسىلىلەرنى تېما قىلغان ماقالە-كىتابلارمۇ تېپىلمايتتى. ئەمما يۇقىرىقىدەك قارارنى ئېلىشتا، مەن مۇنداق 3 ئامىلنى كۆزدە تۇتقان ئىدىم: (1) مەن ئۆز كەسپىمنى سۆيەتتىم، ھەمدە چەت ئەلگە چىقىپ، ئەڭ يۇقىرى پەللىگىچە ئوقۇش غايەم بار ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، مەن شۇ چاغدا ئۆز كەسپىم بىلەن شۇغۇللانسام، مىللەت ئۈچۈن چوڭراق تۆھپە قوشالايدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم. (2) مەمۇرى خىزمەتنى ياخشى كۆرمەيتتىم. مەن ھەر دەرىجىلىك ئوقۇغۇچىلار خىزمەتلىرىنى ئىشلەش جەريانىدا يۇقىرىدىكىلەرنى رازى قىلسام ئوقۇغۇچىلارنى رازى قىلالمايدىغان، ئوقۇغۇچىلارنى رازى قىلسام يۇقىرىدىكىلەرنى رازى قىلالمايدىغان، ئۆز-ئۆزۈمگە ئىگە بولالماي، بىر قورچاققا ئوخشاش رول ئېلىشقا مەجبۇرى بولىدىغان ئەھۋاللارغا كۆپ قېتىم يولۇقتۇم. ھەمدە ھەر قېتىم قاتتىق ۋىجدان ئازابى تارتىپ، نۇرغۇنلىغان كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدۈم. (3) مەن كۆڭلۈم راۋا كۆرمىگەن ئىشلارنى قىلالمايمەن، يالغانچىلىق قىلالمايمەن، ھەمدە كۆڭلۈمدىكى ھېسسىياتلىرىمنى ئىچىمدە ساقلىيالماي، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا چىرايىمدا ئىپادىلەپ قويىمەن. ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر دىيارىدا باشلىق بولۇپ ياشاش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىر قىسىم «ماھارەتلەر» مەندە بولمىغاچقا، مەن ئۆزۈمنىڭ «بەختىيار زامان» غا مەنسۇپ مۇددىتىنىڭ ئانچە ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنگەن ئىدىم.

q07_1979.jpg.thumb[1].jpg


2-رەسىم: بېيجىڭدا 1979-يىلى 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى 19-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ خاتىرە رەسىمىدىن بىر كۆرۈنۈش. شۇ قېتىم مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىرى شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك جۇڭگو دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بىر قاتاردا، يەنى 1-قۇردا ئولتۇرغان بولۇپ، شۇلارنىڭ قاتارىدا مەنمۇ 1-قۇردا ئولتۇرغان ئىدىم (سولدىن 3-كىشى). بىرىنچى قۇر ئوڭدىن بىرىنچى كىشى شۇ ۋاقىتتىكى مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋۇ شاۋزۇ ئەپەندى بولۇپ، ئۇ كېيىنچە مەملىكەتلىك تەنتەربىيە كومىتېتى (مىنىستىر دەرىجىلىك ئورۇن) گە 1-قول باشلىق بولدى. بۇ رەسىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى 80 سانتىمېتىر كېلىدىغان بولۇپ، بۇ يەردىكىسى ئاشۇ رەسىمنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمى. ئۇنىڭ يەنە 2 قىسمىنى تۆۋەندە 3- ۋە 4-رەسىم قىلىپ بەردىم. بۇ رەسىملەر بۇ يەردە پەقەت ئۆز ھاياتىمغا ئائىت بىر قىسىم تارىخىي خاتىرىلەر سۈپىتىدىلا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنى ئۇنىڭدىن باشقىچە چۈشىنىۋېلىش مۇۋاپىق ئەمەس.

q08_1979.jpg.thumb[1].jpg



3-رەسىم: بېيجىڭدا 1979-يىلى 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى 19-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ خاتىرە رەسىمىدىن 2-كۆرۈنۈش. بىرىنچى قۇر سولدىن 4-كىشى سەيپىدىن ئەزىزى ئەپەندى بولىدۇ. شۇ قېتىم 1-قۇردا ئولتۇرغان ئۇيغۇرلاردىن سەيپىدىن ئەزىزى ئەپەندى بىلەن مەن ئىككىمىزلا بار ئىدۇق.

q09_1979.jpg.thumb[1].jpg



4-رەسىم: بېيجىڭدا 1979-يىلى 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى 19-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ خاتىرە رەسىمىدىن 3-كۆرۈنۈش. بۇ رەسىمنىڭ بىرىنچى قۇرىدا ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەت رەھبەرلىرىدىن خۇا گوفېڭ، دېڭ شياۋپىڭ، يې جيەنيىڭ ۋە خۇ ياۋباڭلار بار.

q10_IMG_4158a.JPG.thumb[1].jpg



5-رەسىم: NASA مەركىزى JPL نىڭ ئىشىكى يېنىدا. بۇ رەسىم 2015-يىلى 9-ئايدا تارتىلغان.


مەن ئۆزۈمنىڭ 1983-يىلىدىكى ئاشۇ قارارىمغا ھازىر ئازراقمۇ پۇشايمان قىلمايمەن. ئۇنىڭ ئەكسىچە، مەن ئۇنىڭدىن تولىمۇ رازى ۋە ئۇنىڭغا تولىمۇ خۇشال. مەن ھازىر يۇرتىمىز ۋە خەلقىمىز ئۈچۈن ئىش قىلىپ بېرىش جەھەتتىكى بىر قىسىم ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالدىم. يەنى، نۇتۇق سۆزلەپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش، شۇ ئارقىلىق «چوڭ تەسىر كۆرسەتكۈچى» بولۇش مېنىڭ بىر قىزىقىشىم، تالانتىم ۋە ئارزۇيۇم ئىدى. مەن ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان يىللاردا «مەن قانداق ئۆگەندىم؟» دېگەن تېمىدا بىر قانچە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە لېكسىيە سۆزلەپ، ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن ئىدىم. ئۇ لېكسىيە كېيىنچە رادىئودا كۆپ قېتىم بېرىلىپ، ھەمدە ئۇنىڭ مەزمۇنى گېزىت-ژۇرناللارغا بېسىلىپ، ناھايىتى ياخشى ئىجابىي تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن ئىدى. مەن ئۇنداق ئىشلارنى ھازىر پەقەت چەت ئەلدىلا قىلالايمەن، ھەمدە ئازراقتىن قىلىۋاتىمەن. ئۆزۈم بىلەن ئوخشاش ھالەتتە تۇرۇۋاتقان باشقا بىر قىسىم كىشىلەر ئېرىشىۋاتقان ئىمتىيازلارغا مەن ئېرىشەلمىدىم. ئەمما مەن ھازىر ئۆزۈمنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ئەمەس، ئۆزۈمدە يوق نەرسىلەر ئۈچۈن ئاھ ئۇرماي، ئۆزۈمدە بار نەرسىلەرنى ئېسىمدىن چىقارماي، ۋە ئۇلارغا چوڭقۇر رازىلىقىمنى ۋە رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ، ئۆزۈم قىلالايدىغان ئىشلاردا قاتتىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بىر ھالەتتە ياشاۋاتىمەن. مەن ھازىرمۇ يەنىلا ئىزدىنىش ۋە ئۆگىنىش باسقۇچىدا. يېڭىدىن ئۆگىنىۋاتقان بىلىملەرنى ئۆز ئەمەلىيىتىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر قىسىم يېڭى ھەقىقەتلەرنى چۈشىنىۋاتىمەن. ئادەم ئۆز-ئۆزىدىن داۋاملىق «مەن نېمە ئۈچۈن يارالغان؟ مەندە قانداق خۇرۇچلار بار؟ مەن ئۆزۈمگە ئارتىلغان مەجبۇرىيەتلەرنى تولۇق ئادا قىلالىدىممۇ؟ مەن ئۆزۈمدىكى يوشۇرۇن قابىلىيەتلەرنى تولۇق ئىشقا سالالىدىممۇ؟ مەن ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى ھالىتى بىلەن ياراتقۇچىمىزغا يۈز كېلەلەيمەنمۇ؟» دەپ سوراپ تۇرسا، ھەمدە ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىشقا ئىنتىلسە، ئۆزى كۆرسىتەلەيدىغان تىرىشچانلىقلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرسەتسە، ئاندىن ئۇ تىرىشچانلىقلاردىن قانداق نەتىجە چىقىشىنى ياراتقۇچىمىزغا قويۇپ قويسا، ھەر بىر ئادەم ئاجايىپ ئىشلارنى قىلالايدىكەن. ئۆز ھاياتىدىن ئاجايىپ ھۇزۇرلىنالايدىكەن. مەن ھازىر مۇشۇنداق بىر ھەقىقەتنى ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزگە بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن. مەزكۇر يازمىمۇ ئاشۇنداق تىرىشچانلىقنىڭ بىر قىسمى. ئەگەر ھازىر ئوقۇش قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقان ئۇكىلار بۇ يازمىدىن بىر ئاز نەپ ئالالىسا، مەن ئۆز ئەمگىكىمدىن رازى بولىمەن، ھەمدە مەن ئۇنى ياراتقۇچىمىزنىڭ ماڭا بەرگەن تارتۇقى، دەپ چۈشىنىمەن.

مەن ئۆزۈمنىڭ «غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى» دېگەن ماقالىسىدە بىر ئادەم ياكى بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ئۆز ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى بىر قىسىم ئىلمىي نەزەرىيىلىرىنى بايان قىلدىم.  ئۆزۈمنىڭ «بۇيرۇلغان ياردەم ۋە تىرىشچانلىق-بەدرى ئۇرۇشىدىن ئويلىغانلىرىم» دېگەن ماقالىسىدە بىر قوۋم كۆزلىگەن نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنىڭ بىر قىسىم دىنىي پاكىتلىرى ۋە ئۆزۈمنىڭ ئانالىزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.  مەزكۇر ماقالە يۇقىرىدىكى 2 پارچە ماقالىنىڭ داۋامى بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر بىر ئادەم ئۆز ھاياتىنى مەنىلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشتە قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنىڭ دىنىي ئىسپاتلىرى ۋە پىسخولوگىيە ئىلمىدىكى بىر قىسىم نەزەرىيىلەرنى تەسۋىرلىدىم.  مەن ئۆز ھاياتىنى ئىسراپ قىلىۋەتمەي، ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىستەيدىغان بارلىق قېرىنداشلارغا بۇ 3 پارچە ماقالىنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇپ، ئۇلاردا بايان قىلىنغان مەزمۇنلارنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.


قېرىنداشلارنىڭ دىققىتىگە:

مەن كېيىنكى ئىككى جۈمە كۈنى سەپەر ئۈستىدە بولىدىغان بولغاچقا، كېيىنكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە تورلارغا يېڭى تېما يوللىيالمايمەن. ئاللاھ بۇيرۇسا يېڭى تېما چىقىرىشنى سەپەردىن قايتىپ كېلىپلا يەنە داۋاملاشتۇرىمەن. تورداشلارنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولۇپ قېلىشىنى سورايمەن.


بۇ ماقالىنى ئىنىمىز «پىداكار» تەھرىرلىدى.

بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
muhtar1214 + 50

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر2 ساقلاشساقلاش4 قوللايمەنقوللايمەن4 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن0

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110500
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 269
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2014-10-10
ئاخىرقى: 2015-10-28
2#
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-25 01:40:11 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ئۇلۇغ قۇربان ھېيتلىق بەك مۇھىم تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز، بىلىمخۇمار ئەپەندىم. ئەجرىڭىزنى ئاللاھ ئىگەم ھەسسىلەپ بەرگەري. ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 126718
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 228
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2015-9-17
ئاخىرقى: 2015-11-3
3#
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-25 01:40:40 PM |ئايرىم كۆرۈش |
بىرگە بولسۇن !!!!
كۆپ رەھمەت ، ماقالىڭىزدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلۋالدىم ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3192
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3618 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-11-4
4#
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-25 04:46:06 PM |ئايرىم كۆرۈش |
  زامان-ماكان تەسىرىمۇ ۋە ئائىلىنى سېغىنىش ھىسياتىمۇ بارمىكىن ئەركىن ئاكا.
مەن ئۇ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى سۇسلىشىپ كىتىشىنى ئۇنچىلا مۇرەككەپ ئويلىمايمەن، ئادەتتە شۇ بالىلار ھەممىسى بۇرۇنقى سىنىپلېرىدا ئۇقۇۋاتقاندا ساۋاغداشلېرى ۋە ئۇقۇتقۇچىلېرىنىڭ شۇنچە كۆپ بالىلار ئارسىدا ئالاھىدە ماختىشى ۋە ياخشى مۇئامىلىسىگە ئېرىشىپ تۇرىدۇ، ئەمما شۇنچە كۆپ تىرىشچان بالىلارنى بىر يەرگە يىغىپ قويغاندا ئۇلاردىكى ‹‹بىرىنجىلىك تۇۇيغۇسى››ئۆزىنى ئەڭ ياخشى دەپ قارايدىغان ئىشەنچى سۇنىدۇ، ئاساسلىق سەۋەپ مۇشۇ...
  مەن ھازىر 40قا يىقىنلىشىپ قالغان بولساممۇ بەزىدە ماختىسا قۇيۇلۇپ كىتىمەن، ئۇلار دىگەن خېلىلا كىچىك بالىلار ئەمەسمۇ؟!...
ھارۋا چاقىنى قايتىدىن كەشىپ قىلما...

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11168
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 393 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-11-3
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-25 06:55:54 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ھەر  بىر   كىشى   ياشاشىنىڭ قىممىتىنى  بىلپ  ياشاش  كىرەك
شاھزاد

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3165
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 4183
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2730 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-11-3
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-25 07:38:49 PM |ئايرىم كۆرۈش |
بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.

ئۇيغۇرلارغا خاس ئالىيجاناپلىق
باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92542
يازما سانى: 791
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13525
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 690 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-11-3
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-27 04:40:00 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ھازىر ھەممە ئادەم بارلىق زېھنى-قۇۋىتىنى سەرپ قىلىپ پۇل ۋە ئابروي قوغلىشىدىغان بولۇپ كەتتى،دىمەك پۇل بىلەن ئابروينى قولغا كەلتۈرۈش كىشىلەرنىڭ ياشاشتىكى تۈپ مەخسىدىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.ئەپسۇسكى،ئەمىلىيەتتە بولسا  ھەممە ئادەم پۇل تېپىش تەسلىشىپ كەتتى،كىشىلەردە ئۆزئارا ھۆرمەت تۇيغۇلىرى يوقاپ كېتىۋاتىدۇ(پۇل تاپالمايۋاتىمەن،كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمەيۋاتىمەن دېگەنلىك) دەپ قاخشايدىغان ھالەت كېلىپ چىقتى.مەن سۆيۈملۈك ئوغلانىمىز ئەركىن سىدىقنىڭ بۇ يازمىسىدىن بۇنىڭغا جاۋاب تاپقاندەك بولدۇم،ئەسلىدە پۇل ۋە ئابروي ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغانئىشلار بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۈچۈن قوشۇمچە قىممەت ئورنىدا ئۆزلىگىدىن كېلىدىغان نىممەتلەر ئىكەن.سۇمرۇغ تېلىزىيىسىدە بىر سۆھبەت ئاڭلىغان ئىدىم،مەزمۇنى  مۇنداق: ئۇششاق بايلار پۇل تېپىش ئۈچۈنلا پۇل تاپىدۇ،لېكىن مەڭگۈ مىليادېرلارغا ئايلىنالمايدۇ،ھەقىقى پۇل تاپقان مىليادېرلار بولسا پۇل تېپىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلار ئەمەس،بەلكى مەلۇم كەسىپ ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغانلار،ئۇلارنىڭ ئۆزىنى بېغىشلىغان ئىشلىرى جەمئىيەت ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئىستىقباللىق كەسىپلەر بولغانلىقى ئۈچۈن تەرەققى قىلىپ مىليادېرلارغا ئايلىنىپ قالغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107234
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 213
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2014-5-29
ئاخىرقى: 2015-10-25
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-27 09:44:50 PM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم   بۇ تىمىنى   مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا .   بىلىم  ئال  QQ توپىغا خەت شەكىلدە تارقاتتىم  . ھەم ئاندىرويىد ئەپ كىتاب شەكىلدە  ياساپ تارقاتتۇق...
چۈشۈرۈش ئادىرسى   بىلىم ئال توپىدىن چۈشۈرۈڭ  ...
توپ نۇمۇرى  :  284573060
QQ:2399934140

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 615
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 40011
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2336 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-11-3
9#
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-27 11:51:32 PM |ئايرىم كۆرۈش |
abdisalam520 يوللىغان ۋاقتى  2015-9-27 09:44 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم   بۇ تىمىنى   مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھ ...

ياردىمىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم! مۇمكىن بولسا بۇ ئۇچۇرنى باغداش، بوزقىر ۋە ئىزدىنىش مۇنبەرلىرىدىكى تېمىنىڭ ئاستىغىمۇ كۆچۈرۈپ قويغان بولسىڭىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91260
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1124
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 237 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2015-9-29
10#
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-29 04:40:53 PM |ئايرىم كۆرۈش |
يازمىڭىزنى ئوقۇغاندىن كېيىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھىس قىلدىم، بىزگە مۇشۇنداق نادىر تېمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 黔ICP备15011399号 )
چوققىغا قايتىش