|
|
|
|
چەرچەن ناھىيەسى كوئىنلۇن تېغى، ئالتۇنتاغنىڭ شىمالىي چېتىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى چاقىلىق ناھىيەسى بىلەن، غەربىي تەرىپى نىيە ناھىيەسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن، شىمالىي تەرىپى لوپنۇر ناھىيەسى، شايار ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 320 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 460 كىلومېتىر. ئومۇمىي كۆلىمى 138 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر. چەرچەن ناھىيىسىگە 1 رايون، 1 بازار، 11 يېزا، 51 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە يېزا ئىگىلىك 2 - شىسىنىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تارماق ئەترىتى بار. ناھىيە بازىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 1264 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 48 مىڭ 300، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 80.75% نى، خەنزۇلار 19.1% نى، باشقا مىللەتلەر 0.15% نى تەشكىل قىلىدۇ. چەرچەن ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە چەرچەن ئەندىرە بەگلىكىنىڭ زېمىنى بولۇپ، <يىپەك يولى> نىڭ غەربىي بۆلىكى مۇھىم ئۆتەڭ ئىدى. سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە چەرچەن بەگىلىكى تەسىس قىلىنغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بوشەن قورغىنى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 10 - يىلى (1884 - يىلى) شىنجاڭدا ئۆلكە قۇۇرلغاندىن كېيىن كاچۇڭ تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەسىس قىلىپ، كىرىيە ناھىيەسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 3 - يىلى ( 1914 - يىلى) ناھىيىگە كۆتۈرۈلۈپ چەرچەن دەپ ئاتىلىپ، ئاقۇس دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغا. كېيىن ئۆزگەرتىلىپ قاراشەھەر مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قاراشەھەر ۋالىي مەھكىمىسى، كورلا ۋالىي مەھكىمسىگە قارىغان. 1960 - يىلى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئايرىپ بېرىلگەن. يىېرىنىڭ جەنۇب تەرىپى ئېگىز، شىمال تەرىپى پەس، جەنۇب قىسمى تاغلىق، غەربىي شىمال قىسمى چۆللۈك، قۇملۇق. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق يەر 44.5% نى، تۈزلەڭلىك 15.9% نى، قۇملۇق، چۆللۈك 39.6% نى تەشكىل قىلىدۇ. چەرچەن دەرياسى، جاڭگالساي دەرياسى، تاشساي دەرياسى، مولچى دەرياسى قاتارلىق دەريا، ئېقىنلار بار. يەر ئۈستى سۈيى بايلىقى 176 مىڭ كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلاردىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 63 مىڭ كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋاناتلاردىن ياۋا ئېشەك، ياۋا قوتاز، ياۋا تۆگە، ئارقار، قارا ئېيىق، ئۇلار، بۆكەن، بۇغا، تورۇق تىكە، ئاق بوغۇز بۆكەن، سۈلەيسۈن قاتارلىقلار بار. ياۋايى دورا ئۆسۈملۈكلەردىن توشقان زەدىكى، چۈچۈكبۇيا، تۆگە قۇلاق، چاكاندا، ئاكچېيە دەرىخى، پەربۇت قاتارلىقلار بار. قېزىلما بايلىقلىرىنىڭ نېفىت، كۆمۈر، ئالتۇن، مىس، تۆمۈر، قاشتېشى، چىرىمتال، تاشپاختا، خرۇستال، تازىلانغان شور، چۆيۈن، سىنك، نىكېل، گەج قاتارلىقلار بار. چەرچەن ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى ئىسسىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ ئەڭ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 10.1℃، ئەڭ ئىسسىق بولغاندا 41.3℃ قا چىقىدۇ. يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 85.4 كۈن 30℃ دىن يۇقىرى ئىسسىق بولىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە قۇياشنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 907.3 سائەت. 10℃ يىغىلما تېمپېراتۇرىسى 3853.1℃ . قىروسىز مەزگىلى 207 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 18.6 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2506.9 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق ناھىيىسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر 8400 گېكتار ( 126 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 578 مىڭ 300 گېكتار (8 مىليون 674 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر. 83 مىڭ 300 گېكتار (1 مىليون 250 مىڭ مو) ئورمانلىق، 2 مىليون 266 مىڭ 700 گېكتار (34 مىليون مو) ئوتلاق بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، شال، كېۋەز، كۆممىقوناق، ئاق قوناق، ئۈزۈم، قوغۇن - تاۋۇز، يەل - يېمىش، كۆكتات قاتارلىقلار بار. سانائەت جەھەتتە ئېلېكتر قۇۋۋىتى، كۆمۈر، سېمونت، كەشتىچىلىك، قاشتېشى قېزىش، پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسپلەر بار. چەرچەن ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. 315 - دۆلەت تاشيولى ناھىيە تەۋەسىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1360 كىلومېتىر. كورلا ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان بار. 10000 پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تېلېفون تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى. ئاساسلىق مەدەنىي يادىكارلىق ئىزلىرىدىن قۇرۇق تاغ قىيا تاش رەسىملىرى، زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبىلىلەر قەبرىستانلىقى، چالمىدان قەدىمكى شەھىرى قاتارلىقلار بار. ئالتۇنتاغ تەبىئىي قوغداش رايونىدا چەرچەن ئوۋچىلىق مەيدانى تەسىس قىلىندى، ئۇ ئىكسپېدىتسىيە، ساياھەت قىلىدىغان ياخشى جاي.
چەرچەن ناھىيەسى ئولتۇراق رايۇنلار قاشتېشى بازىرى چەرچەن دەرياسى باش ئېقىنى
چەرچەن چوڭ بازار
قۇم تىزگىنلەش ئەمگىگى
يايلاق مەنزىرىسى
ئولتۇراق رايۇنلار
بىپايان تەكىلىماكان قۇملۇقى
يېشىللاشقان قۇملۇق
چەرچەن قاشتېشى
قۇملۇق تاشيۇلى
چەرچەن دەرياسى كۆۋرۈكى
چەرچەننىڭ چاڭ- تۇزانلىق ھاۋا رايى
كوئىنلۇن تېغى
خەلق مەيدانى مەنبە: بەيدۇ تورى
|
|
|
|
|
|