3-شەخىسكە تاقابىل تۇرالامسىز؟
رىزىۋانگۈل ئوبۇل
ئايالى،بالىسى بار بىر ئەر بانكىدا ئىشلەيدىغان ،يولدىشىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن بىر ئايالنى ياقتۇرۇپ قاپتۇ،بۇ ئەر بۇ ئايالنى قايتا-قايتا ئىزدەپ كۆڭلىنى ئىزھار قىپتۇ،ھەتتا ئۈزىنىڭ ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش ھەققىدە ۋەدە قەسەملەرنى بىرىپتۇ،لىكىن بۇ ئايال ئۇ ئەرنىڭ ئايالى،بالىسى بارلىقىنى بىلىپ ئۇنى ئىزچىل رەت قىپتۇ،ئۇنىڭغا ئايالى،بالىسىنى قەدىرلەش توغرىلىق كۆپ نەسىھەتلەرنى قىپتۇ،ھەم ئۈزىگە ئوخشاش يەنە بىر ئايالنىڭ بەخىتسىز بۇلۇپ قېلىشىغا سەۋەپچى بۇلۇپ قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىيتىپتۇ.دەل شۇ كۈنلەردە ھېلىقى ئەرنىڭ ئايالى ئىرىنىڭ تېلىغۇنىدىكى ھېلىقى ئايالغا يازغان ئۇچۇرلارنى كۈرۈپ قاپتۇ،ئۇزۇندىن بېرى يولدىشىدىن گۇمانلىنىپ يۈرگەن بۇ ئايال تېلىغۇن نۇمۇرى ئارقىلىق ھېلىقى ئايالنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلىپتۇ ۋە شۇ ھامان ھېلىقى ئايال ئىشلەيدىغان بانكىغا قاراپ يول ئاپتۇ،بۇ ئايال ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمىگەچكە،ئۇدۇل ھېلىقى ئايال ئىش بىجىرىدىغان كۆزنەككە بېرىپ،ئەتراپىدىكى ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىگە قارىماي ئاغزىنى قۇيىۋىتىپلا ھېلىقى ئايالنى تىللاشقا باشلاپتۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈزىنىڭ ئۆيىنى بۇزغانلىقى توغرىلىق ئەتراپىدىكىلەرگە توختىماي بىلجىرلاپتۇ،ھېلىقى ئايال بۇ ئىشلاردىن ھەيران بۇلۇپ جايىدا قېقىپ قويغان قۇزۇقتەكلا تۇرۇپ قاپتۇ،كىيىن بانكىنىڭ ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرى ھېلىقى ئايالنى ئىتتىرىپ بانكىدىن چىقىرىۋىتىپتۇ.كىيىن بانكا باشلىقى ھېلىقى بانكىدا ئىشلەيدىغان ئايالنى قاتتىق تەنقىد قىپتۇ.ئاخرىداقانداق بوپتۇ دىمەمسىز؟بانكىدا ئىشلەيدىغان ئايال ھېلىقى ئەرنى ئىزدەپ بېرىپ بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپتۇ ۋە ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئەر ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىپتۇ.
بۇ ھىكايىنى ئاڭلىغان كۆپ قىسىم ئادەملەر گۇناھنى بەلكىم ھېلىقى ئەرنىڭ ئايالىدا قۇيىشى مۇمكىن،يەنە بەزىلەر بەلكىم ئاچچىقى كەلگەندە كۈزىگە ھېچنىمە كۈرۈنمەي قالغاندۇ دەپ ئويلىغان بولىشى مۇمكىن.نىكاھتىكى 3-شەخىس مەسلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى چارە دەل ئاشۇ ئاچچىقى كەلگەن شۇ ھالقىلىق ۋاقىتتنى كونتىرول قىلىشنى ئۈگىنىۋېلىشتۇر .
يولدىشىنىڭ سىرىتقا قاراپ قېلىشى ئاياللار ئۈچۈن ھەقىقەتەن بىر ئېغىر زەربە،ئاياللار يولدىشىنىڭ باشقا ھەر قانداق سەۋەنلىكىنى كەچۈرەلىسىمۇ لىكىن سىرىتقا قاراپ قالغانلىقىنى ئالدىراپ كەچۈرەلمەيدۇ،يولدىشىنىڭ بۇ قىلمىشى ئاياللارنىڭ قەلبىدە بىر ئۆمۈر ساقلىنىپ قالىدۇ،سىرىتقا قاراپ قالغان ئەرلەر پوققا چۈشۈپ كەتكەن پۇلغا ئوخشايدۇ،ئالاي دىسىڭىز كۆڭلىڭىز كۆتۈرمەيدۇ،ئالماي دىسىڭىز پۇلنىڭ مىھرى ئىسسىق،تېخى چىدىمايسىز،مانا مۇشۇنداق قايتا-قايتا ئىككىلىنىش ئاياللارنىڭ قەلبىنى تېخىمۇ چۈشىنىكسىز ئازابلارغا مۇپتىلا قىلىدۇ.
نۇرغۇنلىغان ئاياللار مۇشۇنداق ئىشقا دۇچ كەلگەندە ئىرىدىن ئاجرىشىپلا بۇ ئازابلاردىن قۇتۇلىشنى ئويلايدۇ،لىكىن بۇنداق چاغدا نىكاھتىن ئاجرىشىش ھەرگىزمۇ مەسلىنى ھەل قىلىدىغان ئاقىلانە چارە ئەمەس،سىز تېزلا ئىرىڭىزدىن ۋاز كەچسىڭىز ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن بولمامسىز؟سىز بۇ ئۆينى تۇتۇپ مۇشۇنچىلىك ھالەتكە ئەكەلگۈچە ئاز ھەرەج تارىتتىڭىزمۇ؟چېچىڭىزنى سۈپۈرگە،قۇلىڭىزنى كۈسەي قىلىپ تۇتقان ئۆيلىرىڭىزنى ئاسانلا باشقىلارغا ئۈتۈنۈپ بىرىشكە قانداقمۇ كۆڭلىڭىز ئۇنايدۇ؟شۇڭا كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىز يولدىشىڭىزدا مۇشۇنداق ئەھۋاللارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ قالسىڭىز ئالدى بىلەن ئۈزىڭىز توغرىلىق ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئويلىنىڭ،سىز ئۇنىڭغا ئۇ سىزدىن تەلەپ قىلغان مۇھەببەتنى بىرەلىدىڭىزمۇ؟ئۇنىڭغا ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھىس قىلدۇرالىدىڭىزمۇ؟ئۇنىڭغا ئاياللارغا خاس مۇلايىملىق،كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلالىدىڭىزمۇ؟ئۇنىڭغا ئۈزىنىڭ سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى مۇھىم ئورنىنى ھىس قىلدۇرالىدىڭىزمۇ؟ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھېرىپ-ئېچىپ كەلگەندە پاكىزغىنە ئۆي،ئىسسىققىنە تاماق تەييارلاپ بىرەلىدىڭىزمۇ؟ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بۇلۇپ قالغاندا ئۇنىڭغا ئۇنىڭ دوستى كەبى تەسەللى بىرىپ،ئۇنىڭ ئازابىنى يىنىكلىتەلىدىڭىزمۇ؟تۇرمۇشىڭىزدىكى قىيىنچىلىقتا ئۆتكەن ۋاقىتلارنى ئۇنىڭدىن قاقشىماي،ئۇنىڭ بۇلۇمسىزلىقىدىن زارلانماي،بارىغا شۈكۈر-قانائەت قىلىپ،ئۇنىڭ بىلەن قول تۇتۇشۇپ،بۇ قىيىنچىلىقلارنى بىرلىكتە يڭەلىدىڭىزمۇ؟ئەگەر بۇ سۇئاللارغا بەرگەن جاۋابىڭىز ‹‹ياق››بولسا ئۇنىڭدىن ئاغرىنىشتىن بۇرۇن ئۈزىڭىزنى ياخشىراق ئوپراتسىيە قىلىپ چىقىپ ئاۋۋال ئۈزىڭىزدىكى ئىللەتلەرنى تۈگىتىڭ،ئۈزىڭىزنىڭ ئاياللىق بۇرچىڭىزنى ئادا قىلماي تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يەنە نىمىلەرنى كۈتەتتىڭىز؟ئەگەر بۇ سۇئاللارغا بەرگەن جاۋابىڭىز ‹‹ھەئە››بولسا ئۈزىڭىزنى توختىتىۋېلىپ ئىرىڭىز بىلەن ئەستايىدىل پاراڭلىشىپ بېقىڭ،ھەرگىزمۇ ئۇنى سەت تىللار بىلەن ھاقارەتلەپ،ياقىسىغا ئېسىلىپ،ۋارقىراپ جارقىرىماڭ،چۈنكى مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئەرلەرنىڭ كەيپىياتى ئەڭ تۇراقسىز بولىدۇ.ئۇ تاللاشنى بىلمەي تەمتىرەۋاتقان مۇشۇنداق پەيىتتە سىزنىڭ ئەڭ بەتبەشىرە قىياپىتىڭىزنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئاشكارىلىسىڭىز ئۇ سىزدىن تېخىمۇ سەسكىنىپ ،ئۈزىنىڭ يەنە بىر تاللىشىنىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ قېلىشى مۇمكىن،چۈنكى 3-شەخىس يولدىشىڭىزنى ئۈزىنىڭ ئەڭ تاتلىق شېرىن-شىكەر سۆزلىرى،نازۇ-كەرەشمىللىرى بىلەن مەدىھلەيدۇ،ئۇنىڭغا ھاياتىدىكى سىز ھىس قىلدۇرۇپ باقمىغان گۈزەل مىنۇتلارنى ئاتا قىلىدۇ،مۇشۇنداق شارائىتتا سىز ئۇنىڭغا قوپال مۇئامىلە قىلىپ،ئۇنى ھاقارەتلىسىڭىز ئۇ كىمنى تاللىشى كېرەك؟مۇشۇنداق ۋاقىتتا سىز مۇلايىملىق بىلەن ئۈزىڭىزنىڭ،پەرزەنىتلىرىڭلارنىڭ ئۇنىڭغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى،بۇ ئائىلىنىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى ئېيىتسىڭىز،ئۇ بەلكىم ئۈزىنىڭ قىلغانلىرىدىن سەل-پەل خىجىل بولۇپ،سىزدەك بىر ئىسىل ئايالىنىڭ بولغانلىقىدىن تەسىرلىنىپ سىزنى قايتىدىن باغرىغا بېسىشى مۇمكىن.
بەزى ئاياللار يولدىشىنىڭ سىرىتقا قاراپ قالغانلىقىنى بايقىغان ھامان قارشى تەرەپنى ئىزدەپ ئۇنىڭ ئەدىپىنى بىرىشنى ئويلايدۇ،بۇ ئىنتايىن خاتا ئۇسۇل،بۇ دۇنيادا ياخشى ئاياللار تۇلىمۇ كۆپ،ئاياللار تۇغما مىھرىبان كىلىدۇ،ئەگەر يۇقارقى ھېكايىدەك ئىش يۈز بىرىپ قالسا ئۈزىڭىزنىڭ تەنتەكلىكىڭىز تۈپەيلىدىن ئاخىرىدا ھەممىدىن قۇرۇق قالسىڭىز قانداق قىلىسىز؟يولدىشىڭىز بەك چىڭ تۇرىۋالغان شارائىتتا،باشقىلار ئارقىلىق قارشى تەرەپ بىلەن پاراڭلىشىپ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى سۈرۈشتۈرۈپ باقسىڭىز ياكى ئۇلارنىڭ بۇيندىن كىيىنكى پىلانىنى بىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ،لىكىن ھەر قانداق شارائىتتا ئۈزىڭىز يىنىكلىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقماڭ،ھەتتا سىز يولدىشىڭىز بىلەن ئاشنىسىنى نەق مەيداندا تۇتىۋالغان تەقدىردىمۇ،ئۈزىڭىزنى قاتتىق تۇتىۋېلىپ،تېزلىك بىلەن جىمجىت ھالدا بۇ يەردىن ئايرىلىڭ،بۇ سىز ئۈچۈنمۇ،مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئەھۋال.
يەنە بىر مۇھىم مەسىلە شۇكى،نۇرغۇن ئاياللار يولدىشىنىڭ سىرىتقا قاراپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن ئۈزىنى دۇنيا بۇيىچە ئەڭ بەخىتسىز ئايال ھىس قىلىپ داۋاملىق غەمكىن يۈرىيدۇ،ھەممە ئىشىنى مۇشۇ ئىش بىلەن باغلىۋالىدۇ،نەگىلا بارسا،كىمگىلا بولسا بۇ ھەقتە شىكايەت قىلىپ،يولدىشىنى تىللاپ،ئۈزىنىڭ بىچارىلىكىنى باشقىلارغا سۆزلەپ بىرىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ھىسداشلىقىغا ئېرىشىپ،ئۈزىنىڭ ئازابىنى يىنىكلەتمەكچى بولىدۇ،بۇمۇ ھەرگىز ئاقىلانە ئۇسۇل ئەمەس،ئەتراپىڭىزدىكى ھەممە ئادەمنىڭ سىزنىڭ دوستىڭىز بۇلىشى ناتايىن،باشقىلارغا سۆزلەپ يۈرسىڭىز باشقىلار سىزگە نىمە قىلىپ بىرەلەيدۇ؟بەلكىم شۇ ئاغزىدىلا سىزگە ھىسداشلىق قىلىپ،ئىرىڭىزنى بىر نەچچە ئېغىز تىللاپ قويىشى مۇمكىن،لىكىن كەينىڭىزدىن سىزنى مەسخىرە قىلىشى مۇمكىن،ھەتتا سىز باشقىلارنىڭ سۆز-چۆچىكىگە ئايلىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن،شۇڭا باشقىلارغا ئىرىڭىزنى تىللاپ بەرمەڭ،ھەم قارشى تەرەپنىمۇ ھاقارەتلەپ،تىللاپ بەرمەڭ،بۇنداق سۆزلىرىڭىزنى ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا يەتمەيدۇ دىيەلمەيسىز،بەلكىم سىز مۇشۇنداق بىلجىرلاپ يۈرۈپ مەسلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋىتىشىڭىز مۇمكىن،شۇڭا مۇشۇنداق كۈنگە دۇچار بۇلۇپ قالسىڭىز چۇقۇم ئۈزىڭىزنى قاتتىق تۇتىۋېلىپ،ئائىلىڭىزنى ساقلاپ قېلىش تەرەپدارى بۇلۇڭ،ئاقىلانە چارە-تەدبىرىڭىز ۋە ساپ مۇھەببىتىڭىز ئارقىلىق ئىرىڭىزنى قايتۇرۇپ كىلىڭ،ئاخىرىدا ھەممە ئاياللارنىڭ ئائىلىسىگە بەخىت ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا خانقورا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-12 10:12 PM * h) ~9 l; x* K6 W
% y, n: h, L/ O* F- _5 S