.
4 t) @' _) B# V9 ]* `3 ?. w6 n$ ~) e9 H Z3 o7 y
نۇرغۇن ئاتا- ئانا پەرزەنتنىڭ تىرىشىپ ئوقۇشقا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن مۇكاپاتلاش تەدبىرىنى قوللانغان بولۇشى مۇمكىن. ئىلگىرى مەن مۇشۇنداق قىلاتتىم،مەسىلەن، بىر قېتىم ئەخلەت تۆكسە بىر يۈەن، بىر قېتىم ھۇجرىسىنى رەتلىسە ئىككى يۈەن دېگەندەك، ئوغلۇم بۇ ئىشلارنى ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن قىلىپ، تاپقان پۇلىغا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ شۇنچىلىك خۇشال بولۇپ كېتەتتى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى مەن ئوغلۇمنىڭ مۇكاپاتنى ئىشلىتىشكە مېنىڭدىنمۇ بەكرەك ماھىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم، بىر كۈنى ئوغلۇم بىلەن بازار ئايلىنىپ داڭلىق ماركىلىق ئاياق دۇكىنىغا كىردۇق، ئوغلۇم بىر ئاياقنى كۆرۈپ:«مەۋسۈم ئاخىرىدىكى ئىمتىھاندا ئالدىنقى بەش ئوقۇغۇچىنىڭ قاتارىغا كىرەلىسەم ماڭا شۇ ئاياقنى ئېلىپ بېرەمسىز؟» دېدى. مەن ئاياقنىڭ باھاسىنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدىم، ئوغلۇمنىڭ تەلىپى مېنى ئەنسىرىتىپ قويدى شۇڭا شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئۇنى رەت قىلدىم، ئويلىمىغان يەردىن ئوغلۇم «ئۇنداق بولسا بۇرۇنقىدەك تىرىشمايمەن» دېدى. شۇندىلا ئۆزۈمنىڭ تەربىيە ئۇسۇلۇم ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم، مۇكاپاتلاشنىڭ ئاكتىپ تەرىپى بولغىنى بىلەن پاسسىپ تەرىپىنىڭمۇ بارلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.
- `# W3 E g) \. B7 s* w+ y( ^: u
تاساددىپىي پەيتتە، چەتئەلنىڭ بىر ھېكايىسىنى كۆرۈپ قالدىم، ھېكايىدە بىر توپ بالا ھەر كۈنى بىر بوۋاينىڭ دېرىزىسى ئالدىدا ئويناپ بوۋاينىڭ ئارامىنى بۇزىدىكەن، كېيىن بوۋاي ھەربىر بالىغا بىر ئامېرىكا دوللىرى بېرىپ ئۇلارنىڭ بۇ يەردە ۋاراڭ- چۇرۇڭ قىلىپ قىزىتىپ بېرىشنى دەپتۇ، 2-كۈنى ھەربىرىگە 50 سېنتتىن، 3-كۈنى 10 سېنت بېرىپتىكەن، نەتىجىدە بالىلار بىردەم ئويناپلا كېتىپ قاپتۇ، 4-كۈنى ياشانغان كىشى ئۇلارغا بىر سېىنتمۇ بەرمەپتۇ، بۇنىڭدىن بالىلارنىڭ ئاچچىقى كېلىپ ئۇنىڭ قورۇسى ئەتراپىدا ئەمدى ھەرگىز ئوينىمايمىز دېيىشىپ كېتىپ قاپتۇ. ئويناش ئەسلى بالىنىڭ تەبىئىيىتى، ئەمما مۇكاپاتلاشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن بىر تۈرلۈك پاسسىپ ۋەزىپىگە ئايلىنىپ قالغان، ئۆگىنىش ئەسلىدە ئوغلۇمنىڭ قىلىشىقا تېگىشلىك ئىشى، ئەمما مېنىڭ مۇكاپاتلاش مېخانىزمىنىڭ تۈرتكسىدە ئوغلۇم بىلىپ بىلمەي ئۆگۈنۈشنى ئاتا- ئانىسى ئۈچۈن قىلىپ بېرىدىغان بىر ئىش دەپ قارايدىغان بولۇپ قالغان.
( N, V6 C: J2 a F% z
مۇكاپاتلاش بىر ئارغامچىغا ئوخشايدۇ، ئۇ بالىنى تارتىپ ئالغا سىلجىتىدۇ، لېكىن مۇبادا، ئارغامچا ئۈزۈلۈپ قالىدىكەن ياكى ئارغامچا يۈتۈپ كېتىدىكەن، ئۇنداقتا بالىنى ئالغا ئىلگىرىلىتىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يوقايدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئۇسۇل شۇكى، بالىنى ئۆز قىزىقىشى بويىچە يېتەكلەپ، بالىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ بالىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆگىنىدىغان قىلىش لازىم، شۇندىلا بالا مەزمۇت ماڭالايدۇ ۋە يىراق مەنزىللەرگە يېتەلەيدۇ.
1 V, k6 i% C( M- N: g2 ?/ [) M
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى.
& \( F$ l2 h3 E, ^0 h$ u9 o7 ]